جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 3021|ئىنكاس: 24

iPhone 4 نىڭ ئېكران ئالماشتۇرۇش قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 01:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 01:47  

iPhone 4 نىڭ ئېكران ئالماشتۇرۇش قوللانمىسى


  نەچچە ئاي بۇرۇن مۇنبەرگە iPhone 4 نىڭ باتارىيە ئالماشتۇرۇش قوللانمىسىنى يوللاپ قويغان ئىدىم ، بىلمىدىم دوستلىرىمىزغا پايدىسى تەگدىمۇ يوق ، بۇ قېتىم يەنە ئوخشاشلا iPhone 4 نىڭ ئېكران ئالماشتۇرۇش قوللانمىسىنى يوللىدىم . (يېقىندا قولۇمدا پەقەت بىر دانە iPhone 4 بار ، شۇڭا باشقا iDevice نى سىناق قىلىشقا زۆرۈر بولمىدى) . ئەگەر iPhone يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ئېكران چېقىلىپ كەتكەن ياكى iPhone غا سۇ كىرىپ كېتىپ ئېكران ئالماشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان دوستلىرىمىز بولسا بازاردىن يېڭى ئېكران ئېلىپ مۇشۇ يازما بويىچە ئېكران ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ . دوستلىرىڭىزنىڭ ئايفونىنىڭ ئېكرانى بۇزۇلۇپ قالسا يېڭى ئېكران نەرخىدىن سىرت ئارتۇقچە پۇل خەجلىمەستىن  سىزمۇ مۇشۇ قوللانمىدىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇپ ئوڭشاپ بەرسىڭىز بولىدۇ . قېنى ئەمسە ھەقىقىي پاراڭغا كېلىلى .....


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
1. ئەڭ ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قوياي ، ئېكران ئالماشتۇرۇش بولسا قاتتىق دېتال ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئىش ، ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ ئوڭشاش مۇددىتى (保修期) تېخى توشمىغان بولسا ، ھەرگىز بۇ ئۇسۇلنى سىنىماڭ ، ھېچنىمىدىن ھىچنېمە ئالماشتۇرماڭ . چۈنكى سىز ئۆزىڭىز ئېكران ئالماشتۇرىمەن دەپ يانفوننى چۇۋۇدىڭىزما ، كېيىن بىرەر مەسىلە چىقىپ قېلىپ ئالما ئورگان تەرەپكە ئاپارسىڭىز ، ئورگان تەرەپ چۇۋۇپ بېقىپسە دەپ يانفونىڭىزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . شۇڭا ، ئېكران ئالماشتۇرۇشنى ئەڭ ياخشىسى iPhone نىڭ ئوڭشاش مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن ، ياكى سۇمېلى سېتىۋالغان دوستلار سىنىسا بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ سەۋەبىڭىز ئەمەس بەلكى يانفون ئېكرانى ئۆزى بۇزۇلۇپ قالسا ئوڭشاش مۇددىتى توشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىكارغا ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

2.تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن ئېكران ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىشەنچىلىك ، ئۆزەممۇ نەچچە نۆۋەت سىناق قىلىپ باققان ، ئېكران ئالماشتۇرۇپ بولۇپ ھېچقانداق مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەت بېرەلەيمەن ، بىخەتەر ، باشتىش ئاخىرغىچە خاتىرجەم بولىسىڭىز بولىدۇ.  لېكىن ، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلماي ، ئىختىيارىڭىزچە چىقىلماسلىققا تېگىشلىك قىسىملارغا چېقىلىپ قويۇپ ، يانفونىڭىزدا كاشىلا كۆرۈنسە ئۇنىڭغا مەن ئىگە ئەمەس . شۇڭا قىزىقىشنىڭ كەينىگە كىرىپ پۇشايمان يەيدىغان ئىش بولمىسۇن .


ئىشلىتىدىغان قوراللار:

1. ھازىر بازاردا iPhone 4 نىڭ ھەرخىل تىپتىكى نۇسخىلىرى بار . ياسالغان دۆلەتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ، iPhone ئاستىدىكى ۋېنتىنىڭمۇ شەكلى ئوخشىمايدۇ. ( ۋېنتا دېگىنىمىز بۇرما مىخنى كۆرسىتىدۇ ) . چوڭ تۈردىن 2 خىلغا ئايرىلىدۇ ، يەنى تۆۋەندىكىدەك بەشۋار شەكىللىك بىلەن كىرىس شەكىللىك .






  شۇڭا ۋېنتىنى يېشىشكە ئىشلىتىدىغان ئەتۋىركە شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ iPhone 4 رىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن شۇنىڭغا چۈشىدىغان ئەتۋىركە سېتىۋېلىڭ ، ياكى دوستلىرىڭىزدا بار بولسا شۇنى ئىشلىتىڭ .

2. ئېكران ۋە بەزى قىسىم زاپچاسلارنى يېشىش ئۈچۈن يەنە بىر پىلاستما پىچاق ئىشلىتىمىز ، شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ،  بۇ كۆپ ئىشلىنىدۇ ، شۇڭا چوقۇم ھازىرلىشىڭىز زۆرۈردۇر . ئادەتتە بۇنداق پىلاستما پىچاق بازاردا كۆپ ، باشقا خىل شەكىلدىكى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقانداق يانفونغا چۈشۈۋېرىدۇ .




ئالماشتۇرۇش جەريانى :
1. ھەممە مەشغۇلاتتىن بۇرۇن يانفونىڭىزنى ئۆچۈرۈڭ . يانفونىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ۋېنتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن شۇنىڭغا چۈشىدىغان ئەتۋېركە ئارقىلىق iPhone 4 ئاستىدىكى ئىككى ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرۈڭ .




2. ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ئارقا قاپنى ئىككى قولىڭىز بىلەن تۇتۇۋېلىپ ، ئىككى تەرەپتىن ئاستا ئۈستىگە ئىتتىرىڭ .  ئاندىن ئارقا قاپنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر سۈرۈلگەنلىكىنى بايقايسىز .



3. ئارقا قاپنى ئاستا ئېلىپ چۈشۈرۈڭ .



4. قاپنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، باتارىيە سول تەرەپ ئاستىغا قارىسىڭىز بىر كىچىك 2.5 مىللىمېتىرلىق ۋېنتىنى كۆرىسىز ، بۇ باتارىيە بىلەن ئاساسىي توك يولىنى ئۇلايدىغان قىسىم ، شۇ ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرۈڭ . ( رەسىمدىكى قىزىل يۇمىلاق ئىچىگە ئېلىپ قويغان قىسىم )


5. ۋېنتىنى ئېلىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ، رەسىمدىكى ئورۇنغا قاراڭ ، يەنى ۋېنتىنى چۈشۈرگەن مېتال قىسىم ، ئەمدى ھېلىقى پىلاستما پىچاق ئارقىلىق ئاۋايلاپ بىر چېتىدىن يېشىڭ ، بۇ قىسىم باتارىيە بىلەن ئۇلاقلىق بولىدۇ ، شۇڭا بەك كۈچىمەي ، ئاستا ئاستا بوشاتسىڭىز ئۆزلىكىدىن چۈشىدۇ ، ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدىلا چىڭ كۈچەپ تارتىپ چىقىرىۋەتمەڭ .



6. مېتال قىسىمنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئەمدى باتارىيە يېشىمىز . دىققەت قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئوتتۇرىدا بىر ئەسكەرتىش خېتى يېزىلغان پىلاستما بار ، بىز مۇشۇ پىلاستما ئارقىلىق باتارىيىنى تارتىپ يېشىپ چىقىرىمىز . تارتقاندا بەك دىققەت قىلىڭ ، ئاۋايلاپ تارتىڭ ، بەك كۈچىۋەتمەڭ ، بەلكىم باتارىيە بىلەن ئارقا ئاساسىي تاختا ئوتتۇرىسىدا شىلىم بىلەن چاپلانغان بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا ، ئاۋايلاپ كۆپ قېتىم تارتسىڭىز ئالدىرماي بوشايدۇ . ( ئەگەر يەنە چىقمىسا ھېلىقى پىلاستما پىچاقنىڭ ياردىمى بىلەن تەڭ تارتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ )



7. خوش ، باتارىيەنى يېشىپ چۈشۈردۇق ، ھەممە ئىشلار تۈگەپ باتارىيەنى قايتا سالغاندىمۇ بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك ، ئالدى بىلەن چوقۇم باتارىيە سالىدىغان مېتال رايوننىڭ پاكىز ھەم ھېچقانداق توپا-چاڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، بۇ رايون بەك مۇھىم ، ھەمدە ئېكران ئالماشتۇرۇش پۈتۈش جەريانىدا قولىڭىز چوقۇم پاكىز بولسۇن ، ئەڭ ياخشىسى پەلەي كىيىۋېلىڭ ، چۈنكى ، قولدىكى بىر قىسىملار مايلار مېتال رايونلارغا يۇقۇپ قالسا كېيىن سىمسىز تور ئىشلىتىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا  بولۇپمۇ تۆۋەندىكى رەسىم كۆرسىتىلگەن قىزىل رايونغا بەك دىققەت قىلىڭ ،  بۇ رايون چوقۇم پاكىز بولسۇن ، ھەمدە باتارىيەنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندا ھەرقايسى تېگىشىش نۇقتىلىرى چوقۇم تولۇق جايىدا تېگىشسۇن .


8. ئەمدى SIM كارتا ۋە كارتا قويغۇچنى iPhone يىڭنىسى بىلەن ئېلىپ چىقىرىمىز (ئىشىنېمەن بۇ باسقۇچ دوستلار ئۈچۈن تەس ئەمەس) .



9. ئەمدى ئاساسىي تاختىغا دىققەت قىلسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك يەنى مەن يۇمىلاق ئىچىگە ئېلىپ قويغان ئىككى دانە ۋېنتىنى كۆرىسىز ، بىرسىنى قىزىل ،يەنە بىرسىنى سېرىق قىلىپ كۆرسىتىپ قويدۇم ، قىزىلى بولسا 1.2 مىللىمېتىرلىق ۋېنتا ، سېرىقى بولسا 1.6 مىللىمېتىرلىق ۋېنتا . بۇ ئىككى ۋېنتىنى بوشىتىپ چۈشۈرسىڭىز، مۇشۇ ۋېنتىلار بىلەن مۇقىملاشتۇرغان بىردانە تۆمۈر پارچىسىنى كۆرىسىز، ئاستا ئېلىپ چۈشۈرۈڭ . خۇددى رەسىمدىكىدەك ، بۇ تۆمۈر پارچىسىنىڭ رولى بولسا ئاستىدىكى توك يولى ئۇلانما تاختىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش بولىدۇ . ئوخشاشلا ، مەزكۇر قىسىمنى قايتا قۇراشتۇرغاندا چوقۇم مېتال رايوننىڭ پاكىز ھەم ھېچقانداق توپا-چاڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، بولسا پەلەي كىيىۋېلىڭ ، بولمىسا سىمسىز تور ئىشلىتىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن .



10. پىلاستما پىچاقتىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردىن ئاستا بوش كۈچ بىلەن توك يولى ئۇلانما تاختىسىنى ئاساسىي تاختىدىن بوشىتىپ چىقىرىڭ . دىققەت : بوشىتىش جەريانىدا بەك كۈچىۋەتمەڭ .




11. بوشىتىپ چىقارغاندىن كېيىن دىققەت قىلساق ، بۇ رايون بىر تاسما شەكىللىك توك يولى بولۇپ ، بىر كۆپ دوكلۇق تېگىشىش نۇقتىسى بار ، شۇ تېگىشىش نۇقتىسىدىن چىقارغاندا ھەم سالغاندا  تاسما شەكىللىك توك يولىنى بەك كۈچەپ تارتماڭ ، بەك ئاسان زەخمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ، كۆپ دىققەت قىلىڭ، ئېھتىيات قىلىڭ .




12. پىلاستما پىچاقتىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن رايوندىكى ئانتېنا ئۇلانمىسىنى ئۆزىنىڭ ئوقىدىن كۆك رەڭلىك ئىندۇكتورغا زەخمە ئېلىپ كەلمىگەن ئاساستا ئالدىرماي بوشىتىپ چىقىرىڭ . بۇ ئىندۇكتور بەك مۇھىم ، ئەگەر زەخمە يەتكۈزۈپ قويسىڭىز كېين يانفونىڭىزنىڭ سېگنالىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇڭا بەك دىققەت قىلىڭ .


13. تاسما شەكىللىك توك يولى ئاستى تەرەپ بۇلۇڭدا بىر دانە 1.9 مىللىمېتىرلىق ۋېنتا بار ، ئەتۋىركە بىلەن ئاساسىي تاختىدىن  بوشىتىپ ئېلىۋېتىڭ (رەسىمدىكى قىزىل رەڭلىك رايون).


14. ئەمدى ئاساسىي تاختىنىڭ ئۈستى تەرىپى يەنى كامېرا ئەتراپىدىكى 5 دانە ۋېنتىنى بوشىتىمىز ، تۆۋەندىكى رەسىمدە مەن 4 رەڭ بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ قويدۇم ، ھەربىرخىل رەڭلىك ۋېنتىنىڭ چوڭ كىچىكىلىكى ئوخشىمايدۇ . مۇشۇ بەش دانە ۋېنتىنى ئەڭ ئاخىرىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندا ھەرقايسىنىڭ ئورنى ئالمېشىپ كەتمىسۇن ، چوقۇم رەڭ تەرتىپى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇڭ ، بولمىسا WiFi مۇقىمسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، سول تەرەپتىكى سېرىق رەڭ بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ قويغان ۋېنتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىمۇ چوقۇم دىققەت قىلىڭ ، چاقماق لامپىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمىسۇن .


15. يۇقارىدا دەپ ئۆتۈلگەن بەش دانە ۋېنتىنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئەمدى بىز پىلاستما پىچاقتىن پايدىلىنىپ مۇشۇ بەش دانە ۋېنتا بىلەن مۇقىملانغان WiFi ئانتېناسىنى ئېلىپ چۈشۈرىمىز . WiFi ئانتېناسى بىر پارچە تۆمۈردەك بولۇپ ، ئېلىپ چۈشۈرگەندىمۇ چوقۇم ئېھتىيات قىلىشمىز كېرەك ، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۈستى تەرەپ ئوڭدىن چەتنى بويلاپ ئاستا بوشىتىڭ ،  ئاندىن ئاستى تەرەپنى بوشىتىڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، WiFi ئانتېناسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ۋېنتىلارنى چوقۇم يۈتتۈرۈپ قويماڭ ھەمدە ئەسلى ئورنى ئالمىشىپ كەتمىسۇن ،  ئانتېنانىڭ ئۆزىنىمۇ قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندا چوقۇم مېتال رايونىنىڭ پاكىز بولىشىغا كاپالەت قىلىڭ ، بولمىسا سېگنال ۋە WiFi نىڭ مۇقىمسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .






16. خوش ،  WiFi ئانتېناسىنى ئېلىپ چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئەمدى يەنە بىر مۇھىم قىسىم - ئارقا كامېرانى ئېلىپ چۈشۈرىمىز .  پىلاستما پىچاقتىن پايدىلىنىپ كامېرا ئاستىدىكى ئۇلانما قىننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئاستا ئاچىمىز ، ئاندىن ئاستا ئېھتىياتچانلىق بىلەن كامېرا بىلەن تەڭ ئېلىپ چۈشۈرىمىز . تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ .





17. كامېرانى ئېلىپ چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئاساسىي تاختىنىڭ ئوتتۇرىدا يەنى باتارىيە قويىدىغان رايوننىڭ سول تەرىپىدە ئۈستى  ئاق يۇمىلاق قەغەز بىلەن چاپلانغان بىر ۋېنتىنى كۆرىسىز ، ئاق قەغەزنى ئېلىۋېتىپ شۇ 2.4 مىللىمېتىرلىق ۋېنتىنى چۈشۈرىمىز.




18. ئەمدىكى قەدەمدە بىز ئاساسىي تاختا ئۈستى تەرەپتىكى مەن 5 خىل رەڭ بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ قويغان 5 كابېلنى بوشىتىپ ئاساسىي تاختىدىكى قىنىدىن چىقىرىمىز ، بۇ 5 كابېلنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي ، ئەڭ سول تەرەپتىكى قىزىلى بولسا رەقەم ئالماشتۇرغۇچ كابېلى ، سېرىقى بولسا نائۇشنىك كونتىروللىغۇچىنىڭ كابېلى ، قىزغۇچ سېرىقى بولسا سۇيۇق كرىستاللىق كۆرسەتكۈچنىڭ كابېلى ، سۇس كۆكى بولسا مىكروفون ھەم Power كۇنۇپكىسىنىڭ كابېلى ، كۆكى بولسا ئالدى كامېرانىڭ كابېلى بولىدۇ . بۇ بەش كابېلنى بوشاتساق ئېكران ئاچقاندا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ .


19. كابېللارنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن ، نائۇشنىك تۆشۈكى قېشىدا رەسىمدىكىدەك كۆرسىتىلگەن ئورۇندا بىر 4.8 مىللىمېتىرلىق ۋېنتا ئورنىتىلغان ، مۇشۇ ۋېنتىنى تۈز باشلىق ئەتۋىركە بىلەن بوشىتىپ چىقىرىمىز . ئېكران ئالماشتۇرۇپ بولۇپ زاپچاسلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندا ئېسىڭىزدە بولسۇن ، مۇشۇ ۋېنتا چوقۇم نائۇشنىك تۆشۈكى بىلەن تۈز بىر تەكشىلىكتە بولسۇن ، بەك ئىچىگە چوڭقۇر ئورنىتىۋەتمەڭ ياكى بەك سىرتىغا چىقىرىۋالماڭ .


20. ئەمدى ئېھتىياتچانلىق بىلەن لوگىكا ھەل قىلغۇچ تاختىسىنى ئاساسىي تاختىدىن ئېلىپ چۈشۈرىمىز ، بۇ قەدەمدىكى مەشغۇلاتقا دىققەت قىلىڭ ، بەك ئىتتىك بولۇپ كەتمىسۇن ، چۈنكى لوگىكا تاختىسىغا بۇلۇڭدىكى ۋېنتا تۆشۈكچىلىرى تاقىشىۋېلىشى مۇمكىن.


21. ئاستى ئوڭ تەرەپ ئانتېنا (قارا سىزىق) غا يېقىن جايدا بىر 2.4 مىللىمېتىرلىق بىر ۋېنتا بار بولۇپ شۇنى بوشىتىمىز ، بۇ ۋېنتا ئاستى تەرەپتىكى مېكروفون قوشۇمچىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .


22. مېكروفون قوشۇمچىسىنى ئاستا ئېلىپ چۈشۈرىمىز . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئېكران ئالماشتۇرۇپ بولۇپ زاپچاسلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندا بۇ قوشۇمچىنى چوقۇم ياخشى ئورنىتىڭ ، تۆت تەرەپ تولۇق تېگىشسۇن , قولىڭىز بىلەن ئۈسىتىنى تەكشى بىر بېسىۋېتىڭ . يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم ، چوقۇم بۇ قوشۇمچە ئۈستىنىڭ پاكىز ھەم ھېچقانداق توپا-چاڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، بولسا پەلەي كىيىۋېلىڭ ، بولمىسا سىمسىز تور ئىشلىتىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن ، ھەتتاكى ماي يۇقى ۋە قول ئىزى يۇقۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ .




23. ئاساسىي جەھەتتىن بوشىشىشقا تېگىشلىك زاپچاسلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بوشىتىپ بولدۇق ، ئەمدى بىز ھەقىقىي ھالدا ئېكراننى بوشىتىپ چىقىرىش باسقۇچىغا كەلدۇق . ئۈستى ئوڭ تەرەپ رامكا قېشىغا قارىساق ، ئىككى ۋېنتا بىلەن ئورنىتىلغان بىر تىترىگۈچنى كۆرىمىز ، بۇ دەل يانفوننى تىترىتىش رولىنى ئوينايدۇ ، ئىككى ۋېنتىنى ئىككى خىل رەڭ بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ قويدۇم ، قىزىلى بولسا 6 مىللىمېتىرلىق ۋېنتا ، سېرىقى بولسا 1.4 مىللىمېتىرلىق ۋېنتا ، ئىككىسىنى بوشىتىپ چىقىرىپ تىتىرىگۈچنى ئالىمىز.




24. يانفوننى كۆز ئالدىمىزدا تەكشى تۇتۇپ ئۈستىگە قارىساق ، ئۈستى رامكا ئىچىدە يەنە بىر كىچىك 1.5 مىللىمېتىرلىق بىر ۋېنتا بار ، شۇنى بوشىتىپ چىقىرىڭ .


25. ئاۋاز تەڭشىگۈچ بار تەرەپتىكى رامكىنى بويلاپ پەس تەرەپكە قارىساق يەنە ئۈچ چوڭراق ۋېنتىنى كۆرىمىز ، بۇ ئۈچ 1.5 مىللىمېتىرلىق ۋېنتىلارنىمۇ بوشىتىپ ئېلىپ چىقارمىساق بولمايدۇ . ناھايىتى ئاۋايلاپ بوشىتىڭ ، بەلكىم بىراز ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىدۇ ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئالدىرماي ئېلىپ چىقىرىڭ .


26. ئاستى ئوڭ تەرەپ مىكروفون يېنىدىكى رامكا ئىچىدىمۇ بىر كىچىك ۋېنتا بار ، 1.5 مىللىمېتىرلىق ، بوشىتىپ چۈشۈرۈڭ.


27. ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاسما شەكىللىك توك يولى قېشىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ۋېنتىدىن بىرسى بار، بوشىتىپ چۈشۈرۈڭ.


28. ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك SIM كارتا سالىدىغان تەرەپتىكى بىر قانچە رەسىمنى بوشىتىمىز ، ئوڭ تەرەپ كىچىك سېرىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ، ھەممىسى بولسا 1.5 مىللىمېتىرلىق ۋېنتىلار.


29. خوش ، ئەمدى مۇھىم باسقۇچقا كەلدۇق ، پلاستما پىچاقنى ئارقىلىق ئېكران بىلەن مېتال قىسىمنىڭ تېگىشىش ئارىلىقىنى بويلاپ ئاستا ئاچىمىز ، ئاچقاندا پلاستما پىچاقنى بىراقلا ئاستىغا ياكى ئۈستىگە كۈچىمەستىن ، ئوڭ ياكى سول تەرىپىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئاچىمىز (خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) .ئېسىڭىزدە بولسۇن ، پىچاقنى بەك ئىچىگە تىقىۋەتمەڭ ،ھەرقايسى تېگىشىش نۇقتىلىرىنى چوقۇم ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ ئېچىڭ .




30. ئاستا ئاۋايلاپ ئېكراننى كۆتۈرىمىز، مېتال رامكىغا تېگىشىپ قالمىسۇن ، ھەممە تەرەپنى تەڭ تەكشى كۆتۈرۈڭ، Home كۇنۇپكىسى بار يەرگە كەلگەندە بەلكىم ئاسان چىقماسلىق مۇمكىن ، سىز بۇ ۋاقىتتا كۈچىمەستىن بەلكى ئوڭ سول تەرەپكە ئاۋايلاپ تارتسىڭىز بوشايدۇ ، ھەرگىزمۇ Home كۇنۇپكىسىنى تەڭ تارتىپ چۈشۈرمەڭ ، چۈنكى Home كۇنۇپكىسى بىرقانچە مۇھىم توك يوللىرى بار، شۇڭا كۆپ دىققەت قىلىڭ ، ئېكران ئاساسىي تاختىدىن ئاجرىغاندىن كېيىنمۇ بەك ئىتتىك تارتىۋەتمەڭ ، چوقۇم مۇتلەق تېگىشمىگەندىن كېيىن ئاندىن تارتىڭ .




31. يېڭى ئېكراننى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ ، ئورنىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم دىققەت قىلىڭ ، ئالدى تەرەپتىكى تاسما شەكىللىك توك يوللىرى ۋە بەزى تېگىشىش زاپچاسلىرى قاتلىنىپ ياكى خاتا بېسىلىپ قالمىسۇن ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق مەشغۇلات قىلىڭ .






سەمىمىي ئەسكەرتىش:
يۇقارىدا ئاساسىي ئېكران ئالماشتۇرۇش جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم ، يەنە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم ، پۈتۈن بۇ جەرياندا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇڭ ۋە ئېھتىياتچان بولۇڭ ، بەزى بەك نازۇك زاپچاسلار بولىدۇ ، شۇڭا بەك كۈچىۋەتمەڭ. ئەڭ مۇھىمى قەيەردە چۈشۈرۈلگەن ۋېنتا بولسا شۇيەرگە ئورنىتىلىشى كېرەك . ئەگەر ئۆزىڭىز قوشۇمچە ۋېنتا ۋە باشقا زاپچاسلارنى سېتىۋالغان بولسىڭىز چوقۇم كونىسى بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ بىر يەرگە قويۇڭ ، ئالمىشىپ كەتمىسۇن .  زاپچاسلارنىڭ پاكىزلىقىنىمۇ ساقلىشىڭىز كېرەك ، بىر كىچىك بىز دىققەت قىلمىغان چاڭ توزان بەلكىم چوڭ مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ .


  ناھايىتى تومتاق تىلىم بىلەن ئازتولا بولسىمۇ بۇ قوللانمىنى يېزىپ چىقتىم ، دوستلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . بەزى  قەدەملەردىكى مۇشغۇلات مۈجىمەل بولۇپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن ، دوستلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى سورايمەن .  ئەگەر بۇ جەرياندا چۈشىنەلمىگەن ياكى ھەل قىلالمىغان مەسىلىڭىز بولسا ، تەپسىلىي يېزىپ خەت قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ ، ئورتاق ھەل قىلايلى .


تامام !






بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىشەرەپ تەڭگە تۆھپە قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
Abdullah + 15 + 15 + 15 + 10
ئەلقەم + 5 + 5 + 5 + 5 ئېسىل تېما. سىزگە ئاز .
كارۋان + 10 ئېسىل تېما. سىزگە ئاز .
ئەسقەر + 1 + 1 + 1 + 1
ئاتامان + 10 + 10 + 10 + 10 تېما بولا، ماشتاق بول.
شاھزادە + 20 + 20 + 20 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 51  تەڭگە + 61  تۆھپە + 51  قىزغىنلىق + 36   باھا خاتىرىسى

1

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
14
تۆھپە
31
قىزغىنلىق
57
شەرەپ
42
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
تېما
1
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2012-7-7
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 06:54:39 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بەھرام ئەپەندى .بەك تەپسىلى .بەك چۈشۈنۈشلۈك. يوللاپسىز بۇ دەرىسلىكنى . تېلېفوننىڭ home كونوپكىسىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئالماشتۇرساق بۇلامدۇ ?مىنىڭ بۇ ئەتىۋارلىقىمنىڭ بەك ئىشلىمەس بۇپ قالدى شۇ كونوپكىسى؟

باھا سۆز

قوللايمەن!: 5.0
تەشنا888  قوللايمەن!: 5
كۆپ جاپا چېكىپسىز رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 07:24
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

75

تېما

21

دوست

4541

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1739
شەرەپ
1367
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
75
جۇغلانما
4541
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 08:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلىي يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي !

ھازىر ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئوڭشايدىغان دۇكان ئېچىۋالمىغانسىز ھە ؟
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !

75

تېما

21

دوست

4541

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1739
شەرەپ
1367
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
75
جۇغلانما
4541
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 08:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yuzarsif يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 06:54
رەھمەت سىزگە بەھرام ئەپەندى .بەك تەپسىلى .بەك چۈشۈنۈشل ...


تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز Activator ۋە Zephyr قاتارلىق قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىپ home كۇنۇپكىسىنى ئازاد قىلىڭ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 08:34  

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !

37

تېما

21

دوست

6939

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
480
تۆھپە
919
قىزغىنلىق
5365
شەرەپ
655
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-19
تېما
37
جۇغلانما
6939
تىزىملاتقان
2012-6-22
يازما
268

ئاكتىپ ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 09:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏رەھمەت سىزگە بەھرام ئەپەندى ،بەك تەپسىلى يىزىلىپتۇ، تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇق ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
ئەجەل كەلگەندە ئويغانغاننىڭ پايدىسى يوق .

2

تېما

0

دوست

101

جۇغلانما

سپارك

Rank: 3

تەڭگە
11
تۆھپە
17
قىزغىنلىق
31
شەرەپ
18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
تېما
2
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2012-6-20
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 10:09:18 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام بۇرادەرگە ئاپىرىن.

8

تېما

1

دوست

1395

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
237
تۆھپە
360
قىزغىنلىق
666
شەرەپ
369
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-26
تېما
8
جۇغلانما
1395
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
257

ئاكتىپ ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 16:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىدا دىيىلگەن ئايغۇننىڭ مېخ سۈرىتى ، ماڭا ھېچ كۈرۈنمەيدىغۇ  ؟! ياكى بولمىسا رەسىم قىستۇرۇلمىغاندەكمۇ ؟
بىر تەكشۈرۈپ باققان بولساڭلا  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SehraYim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 16:19  

8

تېما

1

دوست

1395

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
237
تۆھپە
360
قىزغىنلىق
666
شەرەپ
369
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-26
تېما
8
جۇغلانما
1395
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
257

ئاكتىپ ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 16:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىدا دىيىلگەن ئايغۇننىڭ مېخ سۈرىتى ، ماڭا ھېچ كۈرۈنمەيدىغۇ  ؟! ياكى بولمىسا رەسىم قىستۇرۇلمىغاندەكمۇ ؟
بىر تەكشۈرۈپ باققان بولساڭلا  .

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 22:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yuzarsif يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 06:54
رەھمەت سىزگە بەھرام ئەپەندى .بەك تەپسىلى .بەك چۈشۈنۈشل ...

ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، لېكىن قىسمەن مۇھىم يەرلىرى ئوخشىمايدۇ ، مۇمكىن بولسا بىرەر كۈنى شۇنىمۇ دەرسلىك قىلىپ يوللاپ قوياي .

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 22:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 08:31
بەك تەپسىلىي يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي !

ھازى ...

ھاھاھاھا مېنىڭمۇ شۇنداق ئويۇم بار ، ۋاقىت بولسا قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ باقايمىكىن ،  قانداق بۇرادەر ؟ دەسمايە سالامسىز ؟

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 22:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسلىم يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 09:16
‏‏رەھمەت سىزگە بەھرام ئەپەندى ،بەك تەپسىلى يىزىلىپتۇ، ...

كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم .

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 23:02:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 10:09
بەھرام بۇرادەرگە ئاپىرىن.

قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 23:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SehraYim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 16:19
يازمىدا دىيىلگەن ئايغۇننىڭ مېخ سۈرىتى ، ماڭا ھېچ كۈرۈن ...

رەسىملەر نورمالكەن بۇرادەر . سىز تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ .

13

تېما

11

دوست

3083

جۇغلانما

لېكساس

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
643
تۆھپە
577
قىزغىنلىق
746
شەرەپ
457
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-4
تېما
13
جۇغلانما
3083
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
203

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 06:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام بۇرادەر  ،   كۆپ جاپا تارتىپ ، نۇرغۇن ۋاقت سەرپ قىلىپ ناھايىتى قىممەتلىك تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە ،  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.....!

كۆپچىلىككە ئەمەلىيي نەپ تىگىدىغان تېما ....!
كىشىلەرگە ياخشى ئىش ، ياخشى مۇئامىلە قىل  ، ئەگەر قىلالمىساڭمۇ ھەرگىز يامانلىق قىلما .

75

تېما

21

دوست

4541

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1739
شەرەپ
1367
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
75
جۇغلانما
4541
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 09:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 22:57
ھاھاھاھا مېنىڭمۇ شۇنداق ئويۇم بار ، ۋاقىت بولسا قوشۇم ...

دەسمايە دېگەن سىزدىن ئايلانسۇن قېرىندىشىم !  
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش