- شەرەپ
- 1878
- توردا
- 492 سائەت
- تەڭگە
- 2494
- تۆھپە
- 2950
- قىزغىنلىق
- 12225
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-31
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 134
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17058
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1545
      
- تەڭگە
- 2494
- تۆھپە
- 2950
- قىزغىنلىق
- 12225
- شەرەپ
- 1878
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-31
- تېما
- 134
- جۇغلانما
- 17058
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1545
|
بىر چاغلاردا 欧陆词典 لەرگە «ئانا تىلىم» لۇغەت ئامبىرىنى قوشۇپ يۈرۈپ (بۇ تېمىنى كۆرۈڭ) لۇغەتتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداپ كەلگەن ئىدۇق. كىيىن Wolfsay دېگەن ئىسىم بىلەن چىققان پروگراممىرنىڭ ياسىغان لۇغىتى چىقتى (بۇ تېمىنى كۆرۈڭ). ئەڭ ئاخىرىدا قارلۇق شىركىتى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ «لۇغەت» بىر ئەپ ياسىدى (بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ).
بۈگۈنكى بۇ لۇغەتنى بىلكان ئېلىكترون پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن بولۇپ (ئورگان تور بېتى)، بىز داڭقىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرچە ئاندرويىد سېستىمىلىق تېلېفونلارنى ياسىغان مىللىي كارخانىمىز ئاشۇ شۇ.
بۇ ئەپنى ئېچىشىمىزغا باش بېتىدە ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى چىقىدىكەن. بۇلارنى بىز ئاستىغا تارتىش بىلەنلا ئالماشتۇرالايدىكەنمىز.
ماقال-تەمسىللەرنىڭ ئالمىشىش شەكىللىرىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە تۇيۇلدى. بۇ ئەپنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىمۇ بىر لۇغەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تىل بايلىقىمىزنى باشقا بىر شەكىلدە نامايەن قىلىپ كۆرسەتكەندەك تۇيۇلدى. ئىشقىلىپ بۇ قوشۇمچە ئىقتىدارى ماڭا بەك ياقتى.
ئېنگلىزچە يېزىپ ئىزدەپ باقايلى. just دەپ كىرگۈزگىچە ھەر بىر ھەرپنى بېسىش جەريانىدا شۇنىڭغا ماس تەۋسىيە نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن.
Search نى باسساق تەپسىلىي نەتىجە كۆرىنىدىكەن. ئېنگلىزچە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تەرجىمىلىرى كۆرۈندى.
بىز بۇ نەتىجىنى يوللاش كونۇپكىسى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مەشغۇلاتلارغا ئىشلىتەلەيدىكەنمىز.
بىز ئىزدەش نەتىجە بېتىدە تۇرۇپ ئېكراننى سول تەرەپكە سۈرسەكلا لۇغەت ئامبىرىنى تاللايدىغان جاي كۆرۈنىدىكەن. ئوڭ تەرەپكە سۈرسەك ئىزدەش بېتىگە قايتىپ كېلىدىكەن. يەنە بىر سۈرسەك تەپسىلىي نەتىجە كۆرىنىدىكەن. بۇ مەشغۇلاتلار شۇنداق راۋان ۋە راھەت...
بۇ لۇغەتنىڭ ئومومى جەھەتتىن ئىقتىدارى ئاساسەن تولۇقكەن. ئەگەر بىز خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لۇغەت ئارقىلىق خەنزۇچە خەتنىڭ تەرجىمىسىنى ئىزدىسەك، ئىزدېگەن سۆزىمىزنىڭ پىنيىنىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەتنىڭ نەتىجىسىدىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن باشقا شۇ خەتنىڭ پىنيىننىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا گۈل-گۈلىگە كەلگەن بولاتتى. بۇ نەشىرىدىن كىيىنكى نەشىرلىرىدە بۇ ئىقتىدارنىمۇ ھازىرلايدىغىنىغا ئىشنىمىز...
ئاخىرىدا قارلۇق، بىلكان شىركىتىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە ئەپ ئىشلەۋاتقان ھەر بىر قېرىنداشلىرىمىزغا بىزنى ئاشۇنداق ئېسىل ئەپلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا راۋانلىق، ئائىلەڭلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. بىلكان شىركىتى ۋە قارلۇق شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ روناق تېپىپ مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ پەخرى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەپنى چۈشۈرۈش ئادرېسى بۇ تېمىدا. بۇ يەرنى بېسىپ كىرىڭ. |
|