ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات - تولغىنىش مومېنتى «ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ» تېمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىلگىرىكى يازمىلاردا «ئات كۈچى» ۋە «چىقىرىش مىقدارى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ماشىنىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان ئاتالغۇ – تولغىنىش مومېنتى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماشىنىغا قىزىقىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. لېكىن كەسپىي، تېگىدىن جانلىق تونۇشتۇرالايدىغان، بارلىق ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى تېگى مەناسىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇپ چىققۇدەك، قىسقىسى – چاڭقىغان جايغا بارغۇدەك بىرەر تور بەت ياكى ئورگان يوق. مۇشۇ سەۋەبلىك بەزىبىر ماشىنا ئاتالغۇلىرىنى قانداق ئاتاش توغرىسىدا مەندە بىر ئاز سىقىنتىلىق مەۋجۇد. ماشىنا چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. گەپنىڭ جىڭىنى قىلسام، ئىككى تۆت تال رەسىم چىقىرىپ قويۇپ، PV ياكى IP دىن پايدىلىنىپ ئېلاندىن پۇل تاپىدىغان ئاقماس تور بەتتىن باشقىسى ئەمەسكەن. گەپنى ئاچچىق قىلدىم. لېكىن راستىنى ئېيتتىم. بىكەت ئېگىسى كۆرگەن بولسا زادى شۇنداقمۇ يوق، ئۆزىدىن بىر سوراپ باقسا بولىدۇ. چاڭقىغان جايغا بارىدىغان، ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرىدىغان، تېخنىكىلىق پارامېتىرلارنى بىر بىرلەپ يېشىپ بېرەلەيدىغان، كۆرۈرمەنلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بەت يوق بولغانلىقتىن، بولسىمۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ دەسلىۋېدىلا سىنا ياكى 汽车之家 غا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن. يازمىنىڭ بېشىدا تېمىغا ھەم مۇناسىۋەتلىك، ھەم مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر ئېيتىلىپمۇ قالدى. لېكىن بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدىغان، مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇپ جانلىق ئېلىپ بارسا ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ھەم خەلققە نەپ بېرەلەيدىغان بىر ئىش. مۇشۇنداق ئويى بار قېرىنداشلىرىمىز يەنىمۇ تەپسىلىي ئويلىنىپ قويسا بولىدۇ. قوللايمەن. خوش، ئەمدى يازمىنىڭ پوسكاللىسىغا كېلەيلى. ئاۋال بۇ فىزىكىلىق ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىۋېتەيلى. |
1
![]() ئېسىلكەن |
![]() ئوخشاش ئويدا |
![]() چۆچۈپ كەتتىم |
![]() ماڭا بەرىبىر |
![]() ناچاركەن |
8727 تېما | 892 ئەزا | 32 توردا |
---|
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-7-30 10:10
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.