پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان) 7- باب

قەلئە

(رومان)

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋسترىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

يەتتىنچى باب

 

K ياتاقتا مۇئەللىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. فىرىدا ھايت- ھۇيت دېگۈچىلا ياتاقنى يىغىشتۇرۇپ باشقىچە بىر قىياپەتكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى، ياتاقنىڭ ھاۋاسى ئالماشتۇرۇلغان، پول پاكىز چوتكىلىنىپ، يوتقان- كۆرپىلەر رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى. ئوچاقتىكى ئوت گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتاتتى. ئايال خىزمەتكارلار تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئەسكى- تۈسكىلەر، تامغا قاتىرىسىغا چاپلىۋېتىلگەن سۈرەتلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. توپا- چاڭ، كىر- قاسماق باسقان ئۈستەلگە چۆرىسىگە گۈل تۇتۇلغان ئاپئاق داستىخان سېلىنغانىدى. K نىڭ ئىچ كىيىملىرى پاكىز يۇيۇلۇپ، ئوچاقنىڭ يېنىغا يېيىپ قويۇلغان ئىدى. ياتاق ئىچى قۇتىدەك پاكىز تازىلانغان، بۇرۇنقى ئاۋارە قىياپىتى يوقاپ، مېھمان باشلىسىمۇ چانمىغۇدەك ھالغا كەپ قالغانىدى. فىرىدا مۇئەللىم بىلەن ئۈستەل يېنىدا ئولتۇراتتى، K ياتاققا كىرىشى بىلەن تەڭ ئۇلارمۇ تەڭلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. فىرىدا K نى سۆيۈپ ئەھۋال سورىدى، مۇئەللىممۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ K غا باش لىڭشىتىپ قويدى. بايا سارايۋەننىڭ ئايالى بىلەن دېيىشكەن گەپلەر تېخىچە K نىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەچكە كۆڭلى خويمۇ بىسەرەمجان ئىدى. ئۇ ئاۋۋال مۇئەللىمنىڭ يېنىغا سالامغا بارالمىغىنى ئۈچۈن ئۆزرە قويدى، «مۇئەللىم مېنى تولا ساقلاپ ئاخىرى ئۆزى كۆرۈشكىلى كەپتۇ- دە» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. مۇئەللىم گويا K غا كۆرۈشكىلى كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى ئەمدى ئېسىگە كەلگەندەك ئۆزىنى تولىمۇ تەمكىن تۇتۇپ تۇراتتى.

– يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- دېدى ئۇ تولىمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن،- سىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا چېركاۋ مەيدانىدا ماڭا گەپ قىلغان ھېلىقى ياقا- يۇرتلۇق كىشى بولىسىزغۇ دەيمەن.

– شۇنداق،- قىسقىلا جاۋاب بەردى K. شۇچاغدا ئۇ ئېيتقۇسىز بىر غېرىبلىق ئىلىكىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، مۇئەللىمنىڭ مەمەدان، كۆرەڭ قىياپىتىنى چىداپ ئۆتكۈزۈۋەتكەنىدى. لېكىن ئۇ ھازىر ئۆز ياتىقىدا، مۇئەللىمنىڭ كۆرەڭلىكى بۇ يەردە ئەسقاتمايتتى. K فىرىداغا يۈزلەندى- دە، ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىدىغانلىقىنى، شۇڭا ياخشىراق كىيىنىپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. فىرىدا ئارتۇقچە سوراپ ئولتۇرمىدى، ھەدەپ ئۈستەل سۈرتۈۋاتقان ياردەمچىنى چاقىرىپ، K نىڭ بايا سېلىۋەتكەن كىيىملىرى بىلەن ئۆتۈكىنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ پاكىزلاپ كىرىشكە بۇيرۇدى. ئۆزى بولسا ئوچاقنىڭ يېنىدىكى تانىغا يېيىپ قويغان كۆينەكنى ئېلىپ پەسە دەزماللاپ چىقىشىقا چۈشۈپ كەتتى.

K ياتاقتا مۇئەللىم بىلەن يالغۇز قالدى. مۇئەللىم بايىقى قىياپىتىنى بۇزماستىن جىممىدە تۇراتتى. K ئۇنىڭ كۆزىچىلا كۆينىكىنى سالدى- دە، داستىكى سۇ بىلەن بەدىنىنى سۈرتۈشكە باشلىدى، بەدىنىنى سۈرتۈۋېتىپ كەينىدە تۇرغان مۇئەللىمدىن نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدى.

– كەنت باشلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قېشىڭىزغا كېلىشىم،- دېدى مۇئەللىم. K مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا تەق بولۇپ تۇردى. داستىكى سۇدىن چىقىۋاتقان شار- شۇر ئاۋازدا K نىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىيالمىغان مۇئەللىم يېقىنراق سۈرۈلۈپ تامغا يۆلىنىپ تۇردى. K مۇھىم بىر ئىش بىلەن تالاغا چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئۈستى- بېشىنى تۈزەپ دەرھال ماڭمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزرە قويدى. مۇئەللىم ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماستىن تەئەددى بىلەن دېدى،- سىز كەنت باشلىقىغا بىھۆرمەتلىك قىپسىز، ئۇ دېگەن تۆھپىسى زور، تەجرىبىلىك، ئابرويلۇق بوۋاي ئىدى.

– مەن ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىمك قىلىدىغان ئىشنى قىلمىدىم،- دېدى K بەدىنىنى سۈرتكەچ،- بەلكىم شۇنداق بولسىمۇ بولغاندۇ. ئۇنىڭ يېنىغا بەك مۇھىم ئىش بىلەن بارغاچقا، گەپ- سۆزدە سىپايە بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. مېنىڭ ئىشلىرىم نومۇسىنى بىلمەيدىغان بەزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى سىزگە ئەزۋەيلەپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى سىزمۇ شۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر ئەزاسى. كەنت باشلىقىنىڭ مەندىن كۆڭلى ئاغرىپ قاپتۇ- دە؟

– سىزنىڭچە ئۇ بىر كىمگە زارلاپ بەرسە بولامتى؟- دېدى مۇئەللىم،- مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسەن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا بولغان سۆھبەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ چىققان، سۆھبەت مەزمۇنىنى خاتىرىلەۋېتپ كەنت باشلىقىنىڭ كۆرسەتكەن خەيرىخاھلىقى بىلەن سىزنىڭ ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگەندىكى پوزىتسىيىڭىزدىن شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىم.

K تاغىقىنى ئىزدەۋېتىپ – فىرىدا ئۇنى بىر يەرگە قويۇپ قويغاندەك قىلاتتى – دېدى :

– نېمە دېدىڭىز؟ سۆھبەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دېدىڭىزما؟ سۆھبەتكە داخىل بولمىغان بىر ئادەم مەن يوق چاغدا سۆھبەت مەزمۇنىنى خاتىرىلەمدىكەن؟ قالتىس ئىشىلىرىڭلار باركەنغۇ سىلەرنىڭ! سۆھبەتتىن خاتىرە قالدۇرۇپ نېمە قىلىسىلەر؟ خىيالىڭلاردا شۇنى رەسمىي سۆھبەت دەپ قالدىڭلارما؟

– ئۇنداق ئەمەس،- دېدى مۇئەللىم،- ئۇ دېگەن يېرىم ھۆكۈمەت تۈسىنى ئالغان سۆھبەت، سۆھبەت خاتىرىسىمۇ يېرىم ھۆكۈمەت تۈسىگە ئىگە. بۇ يەردە ئىشلار قائىدە- تۈزۈم بويىچە ماڭىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئىشنى خاتىرىلەپ ماڭىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، سۆھبىتىڭلارنىڭ مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ قويدۇم. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن بىرەر شەرەپكە نائىل بولۇپ كېتىشىڭىزمۇ ناتايىن.

K كارىۋاتقا تاشلاپ قويۇلغان تاغاقنى ئالدى- دە، تولىمۇ تەمكىن قىياپەتتە دېدى:

– يوغان ئىش قىپسىز. سىز- زە، ئاتايىن مۇشۇ ئىشنى دېگىلى كەپسىز- دە.

– ياقەي،- دېدى مۇئەللىم،- مېنى ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دەپ بېرىدىغان ماشىنا ئادەم كۆرۈپ قالماڭ. يېنىڭىزغا كەنت باشلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن كەلدىم، بۇمۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى. لېكىن- زە، ئۇنىڭ بۇنداق ياخشى كۆڭلى ماڭا بەكلا چۈشىنىكسىز تۇيۇلىدۇ. مەن ئالدىڭىزغا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى دەپلا كەلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم.

K يۇيۇپ- تارىنىپ بولغاندىن كېيىن يېنىدىكى ئورۇندۇقتا فىرىدانىڭ كۆينەك بىلەن چاپىنىنى ئەكىرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى. ئۇ شۇتاپتا مۇئەللىمنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلگىنىگە پەقەتلا قىزىقمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سارايۋەننىڭ ئايالىنىڭ كەنت باشلىقىنى مەنسىتمەسلىكى ئۇنىڭغا ئوبدانلا تەسىر قىلغانىدى.

– ئوھوي، كۈن چۈشتىن قايرىلاي دەپ قاپتىمۇ نېمە؟- K بارىدىغان مەنزىلىنىڭ خېلى يىراق ئىكەنلىكىنى يادىغا ئالدى- دە، قوشۇپ قويدى،- گېپىڭىزچە، كەنت باشلىقىنىڭ بىرەر گېپىنى يەتكۈزگىلى كەلگەن ئوخشىمامسىز؟

– ھەئە،- مۇئەللىم مۈرىسىنى ئېتىپ قويدى، گويا ئۆزىنى جىمى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرماقچى بولغاندەك گېپىنى داۋام قىلدى،- كەنت باشلىقى سىزنىڭ ئىشىڭىز ھەل بولماي يەنە كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىپ قالسا، بىرەر ئەخمىقانە ئىشنى قىلىپ قويۇشىڭىزدىن ئەنسىرەيدىكەن. مەن ئۇنىڭ بۇئىشتىن نېمىشقا بۇنچە ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدىم. مېنىڭچە، نېمە قىلغۇڭىز كەلسە شۇنداق قىلسىڭىز بولامدىكىن. بىز يا سىزنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھىڭىز بولمىساق، بىزنىڭ كۆرگەنلا ئىشىڭىزغا ئارىلىشىۋېلىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. لېكىن، كەنت باشلىقى ئۇنداق ئويلىمايدىكەن. ئۇ بۇ ئىشنىڭ تېزراق بىر ياقلىق بولۇشىغا قول تىقالمايدۇ، بۇ دېگەن باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ دائىرىسىدىكى ئىش. لېكىن، كەنت باشلىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى ئىش بولسا، ئۇ سىزگە ۋاقىتىنچە بولسىمۇ ھىممەت كۆرسىتىشكە تەييار. بۇ سىزنىڭ قوبۇل قىلىش- قىلماسلىقىڭىزغا باغلىق. ئۇنىڭ سىزنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا كۆزەتچى قىلغۇسى باركەن.

K بۇ تەكلىپكە دەماللىققا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدى. لېكىن، كەنت باشلىقى سايە قىلغان بۇ خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىدى. بۇ، كەنت باشلىقىنىڭ K نى ھەرقاچان ئۆزلىرىگە قارشى بىرەر ئىش قويۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىدىن، شۇڭا تەدبىر قوللىنىپ بۇنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇلار بۇ ئىشقا بەكلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى! مۇئەللىم خېلى ئۇزۇن ساقلىدى، بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ تېخى خاتىرە تىزىسىمۇ تۈزۈپ كەلگەنىدى، بۇ چوقۇمكى كەنت باشلىقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولۇۋاتاتتى. مۇئەللىم K نىڭ ئويلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ گېپىنى داۋام قىلدى:

– مەن شۇ چاغدا كەنت باشلىقىنىڭ بۇ قارارىغا قوشۇلمىدىم. ئۇنىڭغا: «مەكتىپىمىزگە ھازىرچە دەرۋازىۋەن كېرەك ئەمەس، مەكتەپنىڭ تازىلىقىغا دەرسخانا نازارەتچىسىنىڭ ئايالى مەسئۇل، ئۇنى ئايال ئوقۇتقۇچىمىز كىسا خانىم نازارەت قىلىپ تۇرسىلا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مېنى بەكلا ھاردۇرۇۋەتتى، ئەمدى بىر دەرۋازىۋەننىڭمۇ مېنى بىزار قىلىشىنى خالىمايمەن» دېدىم. كەنت باشلىقى: «ئۇنداق قىلمىساق، مەكتەپ بەك مەينەت بوپ كېتىدىكەن» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن يەنە ئەمەلىي پاكىتلارنى كۆرسىتىپ: «مەكتەپ سىز دېگەندەك ئۇنچىۋالا مەينەت ئەمەس. سىزنىڭچە، مەكتەپكە دەرۋازىۋەن تەكلىپ قىلىنسىلا ئەھۋال ياخشىلىنىپ كېتەرمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ. مەكتەپتە چوڭ سىنىپتىن ئىككىسىلا بار، زاپاس ئۆي يوق. ئەگەر دەرۋازىۋەن تەكلىپ قىلساق، ئائىلىسى بىلەن ئىككى سىنىپنىڭ بىرسىدە يېتىپ- قوپمىسا بولمايدۇ، ئاش- تاماق ئېتىپ يېيىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق بولسا، سىنىپنىڭ پاكىز تۇرۇشىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېدىم. كەنت باشلىقى: «دەرۋازىۋەن تەكلىپ قىلساق سىزنىڭ قولىڭىز بوشايدۇ، سىزمۇ ئۆز ئىشىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سىزنى ئىشلىتىۋاتقاندىكىن، ئايالىڭىز بىلەن ياردەمچىلىرىڭىزمۇ بىزگە ھە- ھۇ دېيىشىدۇ. بۇنداق بولسا مەكتەپنىڭ ئىشلىرىمۇ رەتكە چۈشىدۇ، قورولىرىمۇ پاكىز تۇرىدۇ» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇنىڭ بۇ پىكىرلىرىگە زادىلا قوشۇلمىدىم. ئەڭ ئاخىرى، كەنت باشلىقى سىزگە پايدىسى تېگىدىغان بىرەر ئېغىز گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرالماي: «ئۇ دېگەن يەر ئۆلچەش خادىمى، مەكتەپنىڭ گۈل تەشتەكلىرى ئۇنىڭ قولىغا چۈشسە بۆلەكچە چىرايلىقلىشىپ كېتىدۇ» دېدى. سىزنى بۇنى بىر چاقچاق ئورنىدا كۆرۈپ قارشى تۇرۇپ كەتمەس دەپ ئويلايمەن. شۇڭا كەنت باشلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئالدىڭىزغا كېلىشىم.

– بىكار ئاۋارە بوپ كەپسىز، مۇئەللىم،- دېدى K ،- مېنىڭ بۇنداق خىزمەتنى ئىشلىگۈم يوق.

– ياخشى بولدى،- دېدى مۇئەللىم،- بەك ياخشى بولدى، سىز تەكلىپىمىزنى ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن رەت قىلدىڭىز،- مۇئەللىم شۇنداق دېدى- دە، شىلەپىسىنى ئېلىپ تازىمدىن بىرنى قىلىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.

ھايال ئۆتمەي، فىرىدا ئۆڭ- سۆلى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلدى. قولىدىكى كۆينەك تېخى دەزماللانمىغان ئىدى، ئۇ K نىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەرمىدى. K ئارىدىكى بۇرۇقتۇرمىچىلىققا بەرھەم بېرىش ئۈچۈن مۇئەللىمنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىنى فىرىداغا سۆزلەپ بەردى. فىرىدا گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ بولمايلا قولىدىكى كۆڭلەكنى كارىۋاتقا پىررىدە چۆرۈۋېتىپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى، ئاندىن ھايال ئۆتمەي مۇئەللىمنى باشلاپ يەنە يېنىپ كىردى. مۇئەللىمنىڭ چىرايى بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىۋېتىپ K غا سالام قىلىپمۇ قويمىدى. فىرىدا مۇئەللىمگە سەۋرچانراق بولۇشنى جېكىلەپ – ئۇ ئۆيگە كىرگۈچە مۇئەللىمگە يېنىش- يېنىشلاپ سەۋرچان بولۇشنى جېكىلىگەنىدى – بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرۇشنى ئېيتتى، ئاندىن K نى سۆرەپ دېگۈدەك ياندىكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە باشلاپ چىقتى- دە، ھاسىراپ- ھۆمىدەپ تۇرۇپ ئۆزى يولۇققان ئىشلارنى K غا بىرمۇ بىر بايان قىلدى. سارايۋەننىڭ ئايالى K غا مەرتىۋىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر مۇنچە گەپلەرنى دېگەنىدى. ئەڭ چاتاق بولغىنى، ئۇ K نىڭ كلام بىلەن كۆرۈشۈش ئىشىدا خېلىلا يول قويغىنى ئۈچۈن مانا ئەمدىلىكتە ھەممىدىن قۇرۇق قالغانىدى. سارايۋەننىڭ ئايالى K نىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەگكىنى ۋە گېپىنى ئىلىك ئالمىغىنى ئۈچۈن، ئاچچىقىدا K نى سارايدا ئەمدى ئىككىنچىلەپ تۇرغۇزماسلىق قارارىغا كەلگەنىدى. ئەگەر K نىڭ قەلئە بىلەن مۇناسىۋىتى بولسا، ئاشۇ مۇناسىۋىتىگە تايانسۇن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سارايدىن يوقالسۇن. قەلئە ئەمەلدارلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قالمىسىلا ئۇ ئەمدى K نى سارىيىدا تۇرغۇزالمايدۇ. يەنە بىرى، ئۇ ئېرىنىڭ بىخۇدلۇقى تۈپەيلى مۇشۇ سارايدا تۇرۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بارار يېرى قالمىغۇدەك ئۇنچىۋالا تەس كۈندە قالغىنىمۇ يوق. ئۇ تېخى بۈگۈن ئەتىگەنلا پو ئېتىپ، قايسىلا ئۆيگە كىرسە ئۆزى پاتقۇدەك ماكان چىقىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىمۇ؟ K بۇ يەردىن كەتسە، فىرىدا ئۆزلۈكىدىنلا مۇشۇ يەردە قېپقالىدۇ؛ ئەگەر ئۇ K بىلەن بىللە كېتىپ قالسا سارايۋەننىڭ ئايالىغا كۆتۈرۈپ- قوپقۇسىز ئەلەم بولىدۇ. پەستىكى ئاشخانىدا ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆز- يېشى قىلدى، ھوشىدىنمۇ كەتتى. بىچارە ئايالغا يۈرەك كېسىلىنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ! سارايۋەننىڭ ئايالىنىڭ خىيالىدا بۇ ئىش ئەمدىلىكتە كلام بەرگەن خاتىرە بۇيۇمغا، شان- شۆھرەتكە بېرىپ تاقىلىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى قانداق قىلسۇن؟ ئايال ئەنە شۇنداق تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتاتتى. فىرىداغۇ K بىلەن بىللە كېتىشكە رازى، K نەگە بارسا ئۇمۇ شۇ يەردە، بارار مەنزىلى ھەرقانچە جۇت- شىۋىرغان قاپلىغان تۇيۇق يول بولسىمۇ، فىرىدانىڭ K نىڭ كەينىدىن ماڭغىنى ماڭغان. لېكىن، ئىككىيلەن شۇ تاپتا ناھايىتىمۇ چاتاق بىر ئەھۋالدا قالدى. شۇڭا، دەرۋازىۋەنلىك قىلىش K غا ماس كەلمىسىمۇ، كەنت باشلىقىنىڭ تەكلىپى فىرىداغا مايدەك خۇشياقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ۋاقىتلىق خىزمەت، كەنت باشلىقىمۇ بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپتۇ. ئۇلار ۋاقتىنچە مۇشۇ ئىشنى قىلىپ تۇرسا، ۋاقىتنى ئۇتالايدۇ- دە، باشقا پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، كېيىن ئۇلارغا پايدىسىز قارا چىقىرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ.

– بەك بولماي قالسا،- دېدى فىرىدا K نىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ،- بۇ يەردىن كېتەيلى. بۇ يەردە بىز تارتىشقۇدەك نېمە قالدى دەيسىز؟ شۇغىنىسى، قەدىرلىكىم، بىز ھازىرچە مۇشۇ تەكلىپكە ماقۇل دەپ تۇرايلى. مەن مۇئەللىمنىمۇ ياندۇرۇپ كىردىم، سىز «ماقۇل» دېگەن گەپنى ئاغزىڭىزدىن چىقارسىڭىزلا بولىدۇ. ئاندىن بىزمۇ مەكتەپكە كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە تۇرىمىز.

– ئۇنداق قىلساق چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ،- دېدى K. ئۇ بۇنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغانىدى، چۈنكى ئۇ تۇرالغۇ مەسىلىسىدىن ئانچە غەم يەپ كەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يا تېمى، يا دەرىزىسى يوق بالكوندا ئىچ كىيىمى بىلەنلا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئاچچىق سوغۇق ئۇنىڭ جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى،- ئۆينى مىڭ جاپادا پاكپاكىز تازىلاپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەن تۇرسىڭىز، ئەمدى يەنە باشقا يەرگە كۆچىمىزما! مەن بۇ تەكلىپكە ماقۇل دېيەلمەيمەن. يەنە كېلىپ، مۇئەللىم دېگەن ئاشۇ سولتەكنىڭ ئالدىدا ئۈنىمىزنى تېشىمىزغا چىقىرالماي پىچىرلىشىپ يۈرۈش مەن ئۈچۈن نومۇس. ئەمدى ئادەم تېپىلمىغاندەك شۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەمدىم مەن؟ مۇشۇ يەردە تۇرۇۋېرەيلى، شۇنداق قىلساق، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، چۈشتىن كېيىنلا ئىشلىرىم ئوڭشىلىپ كېتەمدۇ تېخى، بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. سىزلا بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتمەيمىز دەپ چىڭ تۇرالىسىڭىزلا ھېلىقى مۇئەللىمنى مۈجمەل گەپلەر بىلەن يولغا سالالايمىز، ھەم ئىشنىڭ قانداق ھەل بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرالايمىز. مەنغۇ نەگىلا باراي، تۇرغۇدەك يەر ھامان چىقىدۇ، بەك بولمىسا بارناباسنىڭ يېنىغا كەتسەم . . .- فىرىدا دەررۇ K نىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى.

– ياق،- دېدى ئۇ تەشۋىش ئىلىكىدە،- بۇنداق گەپنى ئىككىنچىلەپ ئاغزىڭىزدىن چىقارغۇچى بولماڭ. مۇشۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق گېپىڭىز بولسا ماقۇل دەيمەن. خالىسىڭىز، بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تۇرساممۇ مەيلى، كۆڭلۈم ھەرقانچە يېرىم بولسىمۇ ئۆزۈم يالغۇز تۇرۇشقا چىدايمەن. يەنە خالىسىڭىز، بۇ تەكلىپنى رەت قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ، گەرچە مېنىڭ نەزەرىمدە بۇنداق قىلىش خاتا بولسىمۇ. ئەگەر بۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشقا ئامال تاپالىسىڭىز، مەكتەپكە كۆزەتچى بولۇشتىن دەرھال ۋاز كەچسەكمۇ بولىدۇ، ئۇ چاغدا بىزنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. سىزنى ھەرگىزمۇ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتىلاپ تۇرۇپ قالىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم دېيىشىمەن، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلماي يېنىمدا تۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولدى. كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئۆزۈم تاقابىل تۇراي. ئەگەر خالىمىسىڭىز، ئۇنىڭغا مەڭگۈ گەپ قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغىنى مەن، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھە دەپ قويغىنىمغا ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئادەم بولۇپ قالامتىم. ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تازا ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا، كۆزەتچى بولۇشقا كۆنسىڭىز ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئەگەر رەت قىلىۋەتسىڭىز، زىياننىڭ چوڭى شۇ چاغدا چىقىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەگەر سىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قەلئەدىن بىرەر جاۋابقا ئېرىشەلمىسىڭىز، كەنتتە بىر كېچە قونغۇدەك جاي چىقىپ قالار دېگەننى خام خىيال قىلماڭ. دېمەكچى بولغىنىم، مېنىڭ ئالدىمدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغۇدەك بىرەر تۇرالغۇ تېپىشىڭىز مۈشكۈلگە توختايدۇ. قونغۇدەك جاي تاپالمىسىڭىز، قاتتىق سوغۇق ھۇشقۇيتىپ تۇرغان تالادا تىنەپ يۈرۈشىڭىز ئېنىق. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ئۆي ھەرقانچە ئىسسىق، ھەرقانچە راھەت بولسىمۇ قانداقسىگە خاتىرجەم ئۇخلىيالايمەن؟

K فىرىدانى چىڭڭىدە باغرىغا باستى- دە، يەلكىسىگە يېنىك شاپىلاقلىدى، ئەنە شۇندىلا ۋۇجۇدى سەلگىنە ئىسسىغاندەك بولۇپ ئېغىز ئاچتى:

– ئەمىسە بوپتۇ، بۇ تەكلىپكە ماقۇل دەيلى. جۈرۈڭ، ئەمدى كىرىپ كېتەيلى!

ئۇلار ئۆيگە كىردى، K مۇئەللىمگە قاراپمۇ قويماستىن مەشنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇئەللىم قۇيۇن سائىتىنى چىقىرىپ قاراپ قويۇپ:

– ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ،- دېدى.

– كەنت باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولدۇق، مۇئەللىم،- دېدى فىرىدا،- مەكتەپكە كۆزەتچىلىك قىلساق قىلايلى.

– ياخشى بوپتۇ،- دېدى مۇئەللىم،- شۇغىنىسى، كۆزەتچىلىكنى يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم قىلىدۇ. قېنى، ئۇ ئۆزى بىر ئىپادە بىلدۈرۈپ باقسۇن.

فىرىدا K نى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېغىز ئاچتى:

ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدۇ،- دېدى فىرىدا،- ئۇ بۇ خىزمەتنى قىلىشقا قوشۇلدى، شۇنداقمۇ K؟

K «شۇنداق» دەپ قويسىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ گەپنى مۇئەللىمگە ئەمەس، فىرىداغا دەيتتى.

– ئۇنداقتا،- دېدى مۇئەللىم،- ئەمدى مەن سىزگە قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى دەپ بېرەي. مۇشۇنداق قىلساق، بۇ ئىشتا ئىككىمىز بىرلىككە كېلىۋالالايمىز. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، ھەركۈنى ئىككى سىنىپنى تازىلايسىز، ئوت قالايسىز، سىنىپلارنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنىپنىڭ ئەسلىھەلىرى بىلەن تەنتەربىيە سايمانلىرىغا ئوبدان قارايسىز، مەكتەپ قورۇسىدىكى دۆۋىلىنىپ كەتكەن قارلارنى تازىلايسىز، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىدا خەت- چەك توشۇيسىز، يۈگۈر- يېتىم ئىشلىرىنى قىلىسىز. ھاۋا ئىسسىق پەسىللەردە مەكتەپ قورۇسىنىڭ جىمى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىسىز. شۇنىڭ بەدىلىگە ئىككى سىنىپنىڭ بىرسىدە يېتىپ- قوپسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، دەرس سىز يېتىپ- قوپۇۋاتقان سىنىپتا ئۆتۈلمەكچى بولۇپ قالسا، يەنە بىر سىنىپقا كۆچۈپ چىقىپ تۇرىسىز. مەكتەپ ئىچىدە تاماق ئېتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، تامىقىڭلارنى مۇشۇ سارايغا كۆتۈرىگە بەرسەڭلار بولىدۇ، تاماق پۇلىنى كەنت ئۈستىگە ئالىدۇ. يۈرۈش- تۇرۇشلىرىڭىز مەكتەپنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان چاغدا قاملاشمىغان ئىشلىرىڭلارنى ئوقۇغۇچىلار كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ. سىز تەربىيە كۆرگەن ئادەم، بۇنى ئەزۋەيلەپ يۈرمىسەممۇ ئوبدان بىلىسىز. يەنە بىر ئىش، فىرىدا خانىم بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى دەرھال قانۇنلاشتۇرمىسىڭىز بولمايدۇ. بايا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى توختامغا كىرگۈزۈلىدۇ، مەكتەپكە كۆچۈپ كىرگەن ھامان توختامغا ئىمزا قويىسىز.

K غا مۇئەللىمنىڭ دېگەنلىرى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك، ئۆزى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغاندەك، تولىمۇ بىمەنە ئىشتەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. مۇئەللىمنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى كۆرەڭلىكىدىن ئوغىسى قاينىغان K پەرۋاسىزلىق بىلەن دېدى:

– شۇنداق بولسۇن، ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەنغۇ بۇ!

K نىڭ بۇ گېپى سەۋەبلىك ئارىدا قاتماللىق يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن فىرىدا قانچىلىك مائاش ئالىدىغانلىقىنى سورىدى.

– مائاش بېرىش- بەرمەسلىكنى،- دېدى مۇئەللىم،- بىر ئاي سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا ئويلىشىمىز.

– ئۇنداق قىلساڭلار بىز قىينىلىپ قالىمىز،- دېدى فىرىدا،- يېنىمىزدا تىيىن چاغلىق پۇل يوق ھالەتتە توي قىلماقچى بولۇۋاتىمىز، تۇرغان- پۈتكىنىمىز مۇشۇ. ئەپەندىم، كەنتكە بىزگە ئازراق مائاش بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس يازساق قانداق بولار؟

– بولمايدۇ،- دېدى مۇئەللىم K دىن كۆزىنى ئۈزمەي،- مېنىڭ ھاۋالەم بولمىسا ئىلتىماسىڭلار تەستىقلانمايدۇ. لېكىن، مەن ئۇنداق قىلىشىڭلارغا قوشۇلمايمەن. مۇشۇنچىلىك خىزمەت پۇرسىتى بەرگىنىمىزمۇ سىلەرگە قىلغان چوڭ غەمخورلۇقىمىز. كىشى ئاممىۋى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتسىلا، ئۇنچە كۆپ غەمخورلۇق تاماسىدا بولمايدۇ.

بۇنى ئاڭلىغان K ئىختىيارسىز گەپنى بۆلدى.

– غەمخورلۇق قىلدۇق دەۋاتامسىز ئەپەندىم؟- دېدى ئۇ،- خاتالىشىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن. بۇ گەپنى ئەسلى مەن دېسەم بولاتتى. غەمخورلۇقنى سىلەر ماڭا ئەمەس، مەن سىلەرگە قىلىۋاتىمەن شۇ تاپتا.

– ياق،- دېدى مۇئەللىم مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئۇ ئاخىرى K نىڭ ئاغزىنى ئاچۇرغانىدى،- نېمە دەۋاتقىنىقىم ئۆزۈمگە ناھايىتى ئېنىق. بىزگە يەر ئۆلچىگۈچى كېرەك بولمىغىنىدەك، كۆزەتچىنىڭمۇ كېرىكى يوق. كۆزەتچىمۇ، يەر ئۆلچىگىچىمۇ بىز ئۈچۈن بىر يۈك. مەن تېخى باش قاتۇرۇپ شۇنچىۋالا چىقىملارنىڭ نېمىشقا قوشۇلغانلىقىنى كەنتكە چۈشەندۈرمىسەم بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامال سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي، تەلەپنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويۇش.

-مەنمۇ دەل شۇنداق دېمەكچى،- دېدى K،- سىز ئىرادىڭىزگە خىلاپ ھالدا مېنى قوبۇل قىلماقچى بوپسىز. مېنى خىزمەتچىلىككە ئېلىش ئىشى كاللىڭىزنى شۇنچە قاتۇرۇۋەتسىمۇ مېنى يەنىلا قوبۇل قىپسىز. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولسا، ئۇ ئادەم خىزمەتكە قوبۇل قىلماقچى بولغان بۇ ئادەمنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىشىنى ماقۇل كۆرسە، خىزمەتكە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان ئادەم شۇ كىشىگە غەمخورلۇق قىلغان بولىدۇ.

– قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز،- دېدى مۇئەللىم،- بىزنى ھېچكىم سىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغىنى يوق. بۇنىڭ ھەممىسى كەنت باشلىقىنىڭ ياخشى كۆڭلى، ئۇ بەك كۆڭلى ياخشى ئادەم. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، ماڭا قاراڭ، سىز كاللىڭىزدىكى خام- خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاڭ، ئەنە شۇندىلا لاياقەتلىك كۆزەتچى بولالايسىز. بۇنداق گەپلەرنى دەپ يۈرسىڭىز، كېيىن مائاشىڭىزغا تەسىر يېتىدۇ جۇمۇ. شۇنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە كۆرۈپ يېتىۋاتىمەن، مۇشۇنداقلا پوزىتسىيىدە بولسىڭىز، ماڭا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگۈدەكسىز. بايامنىڭياقى سىز مەن بىلەن ئىچ كىيىملىرىڭىز بىلەنلا پاراڭلىشىۋاتىسىز. بايىدىن بېرى كۆزۈم سىزنىڭ ئۈستى- بېشىڭىزدا، شۇ تاپتا كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەيلا قېلىۋاتىمەن.

– شۇنداق،- K قوللىرىنى ئىشقىلىغاچ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى،- ماۋۇ ياردەمچىلەر دېگەن يارىماس گۇيلار نەگىمۇ كەتكەندۇ؟

فىرىدا شۇئان ئىشىككە قاراپ ماڭدى. مۇئەللىم K نىڭ ئۆزى بىلەن ئەمدى پاراڭلاشقۇسى يوقلۇقىنى پەملىدى- دە، فىرىدادىن مەكتەپكە قاچان كۆچۈپ بارىدىغانلىقىنى سورىدى.

– بۈگۈنلا كۆچۈپ بارىمىز،- دېدى فىرىدا.

– ئەمىسە مەن ئەتە ئەتىگەندە تەكشۈرگىلى بارىمەن،- مۇئەللىم قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ خوشلاشتى- دە، فىرىدا ئەمدى ئاچاي دەپ تۇرغان ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ئىككى ئايال خىزمەتكار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلار بوغجىمىلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆينى قايتىدىن ئىگىلەش ئۈچۈن تەق بولۇپ كېلىشكەنىدى. ئۇلار مۇئەللىمگە زىنھار يول بەرمىدى، مۇئەللىم ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىغدىلىپ يۈرۈپ چىقىپ كەتتى. فىرىدا مۇئەللىمنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

– ھەجەپ ئالدىراپ كەتتىڭلار،- دېدى K. ئۇ شۇ تاپتا ئايال خىزمەتكارلاردىن تولىمۇ مىننەتدار بولۇۋاتاتتى،- بىز تېخى كۆچۈپ چىقىپ كەتمىدۇق، سىلەر بۇنداق قىلىپ تۇرۇۋالساڭلار قانداق بولىدۇ؟

ئۇلار ئۈندىمىدى، ھۇدۇقۇش ئىلىكىدە بوغجىمىلىرى بىلەن ھەپىلەشكەن بولۇپ تۇرۇۋالدى. K بوغجىمىلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن ئەسكى- تۈسكى كىيىم- كېچەكلەرنىڭ تېشىغا پولتىيىپ چىقىپ قالغانلىقىنى كۆردى.

– كىيىملىرىڭلارنى ئەزەلدىن يۇمايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟- دېدى K. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بىزارلىق ئەمەس، بەلكى دوستانە بىر تۇيغۇ ئىپادە بولۇۋاتاتتى. ئۇلار ئەنە شۇندىلا بۇنىڭغا دىققەت قىلدى- دە، پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. كۈلگەندە ئۇلارنىڭ قاچانلا قارىسا مەھكەم يۇمۇلۇپلا تۇرىدىغان لەۋلىرى ئارىسىدىن چىڭ ھەم چىرايلىق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى،- قېنى كىرىڭلار،- دېدى K،- نەرسە- كېرەكلىرىڭلارنى جايلاشتۇرۇڭلار، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار،- ئۇلارنىڭ دېلغۇللۇقى تېخىچە پەسەيمىگەن ئىدى. قارىغاندا ئۇلار ئۆيىنىڭ بىردەمدىلا بۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كەتكىنىدىن ئەجەبسىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. K ئايال خىزمەتكارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ بىلىكىدىن كاپپىدە تۇتتى- دە، ئۆينىڭ ئىچىگە سۆرىدى، ئەمما دەرھال قولىنى قويۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چىرايىغا دەررۇ ھەيرانلىق ئالامەتلىرى تېپىپ چىققانىدى، ئۇلار لاپپىدە بىر- بىرىگە قارىشىۋالدى- دە، كۆزلىرىنى ئۈزمەستىن K غا مىقتەك قادالدى.

– ئەمدىغۇ ماڭا قاراپ تويغانسىلەر،- K شۇنداق دېدى- دە، ئارىدىكى بۇرۇقتۇرمىچىلىققا ھالاقىت بەرمەكچى بولغاندەك فىرىدا بايا ئېلىپ كىرگەن ئىگىنلىرى بىلەن ئۆتۈكىنى كىيىشكە تۇتۇندى، ئىككى ياردەمچى فىرىدانىڭ كەينىدىن قورۇنۇپراق كىرىپ كەلگەنىدى. ئۇ فىرىدانىڭ بۇ ياردەمچىلەرگە نېمىشقا بۇنچە كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن چۈشىنەلمەي كېلىۋاتاتتى، شۇ تاپتا ئۇ ھازىرمۇ شۇنداق تۇيغۇدا بولۇۋاتاتتى. فىرىدا ياردەمچىلەرنى خېلى ئىزدىدى، ئىزدە- ئىزدە، ئۇلارنى پەستە ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن تاماق يەۋاتقان يېرىدىن تاپتى. ئۇلار «پاكىزلاپ كىرىڭلار» دېگەن كىيىملەرنى پوملاپ تىزلىرىغا قويۇپ ئولتۇرۇشقانىدى. ئۇلار ئەسلىدە كىيىمنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز چوتكىلاپ كىرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئاخىرى بولماي كىيىملەرنى ئۆزى چوتكىلىدى. ئۇ بۇ يەرنىڭ خەقلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۇستا ئىدى، فرىدا ئۇلارنى سەتلەپ تىللاپ يۈرمىدى، بەلكى چاقچاق قىلىۋاتقاندەك بىر تەرزدە ئۇلارنىڭ بىپەرۋالىقىنى يۈزىگە سالدى، ھەتتا يېقىنچىلىق قىلىپ بىرسىنىڭ يۈزىگە بوشقىنە شاپىلاقلاپمۇ قويدى. K فىرىداغا تازا بىر كايىماقچى بولدى- يۇ، ماڭىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمىدى.

– ماۋۇ ياردەمچىلەر ئۆيدە قېلىپ سىزگە ياردەملەشسۇن،- دېدى K. ياردەمچىلەر قېپقېلىشقا كۆنمىدى. ئۇلارنىڭ قورساقلىرىمۇ تويغان، كەيپىمۇ چاغ بولغاچقا، ئازراق ھەرىكەت قىلغۇسى كەپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. فىرىدا: «شۇنداق قىلىڭلار، سىلەر بۇ يەردە قېپقېلىڭلار» دېگەندىلا ئاندىن جىمىپ قېلىشتى.

– نەگە بارىدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟- سورىدى K.

– بىلىمەن،- دېدى فىرىدا.

– ئۇنداقتا مېنى ئېلىپ قالغۇڭىز يوق ئىكەن- دە؟- دېدى K.

– نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كېلىسىز،- دېدى فىرىدا،- بۇ چاغدا مىڭ گەپ قىلغىنىم بىلەنمۇ بىكار،- فىرىدا K نى چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ خوشلاشتى. K تېخى چۈشلۈك تاماق يېمىگەن بولغاچقا، فىرىدا ئۇنىڭغا كىچىككىنە بىر بولكا بىلەن كولباسا (قېزا) بەردى. بۇنى ئۇ بايا پەسكە چۈشكەندە ئېلىۋالغانىدى. ئۇ K غا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كەلمەي، ئۇدۇل مەكتەپكە بېرىشنى ئەسكەرتتى- دە، قولىنى ئۇنىڭ يەلكىسىگە ئېلىپ، ئۇنى دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11323

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: