پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1907- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: كىپلىڭ

 

1907- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

كىپلىڭ

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: «كىم» (Kim)

(ئەنگلىيە يازغۇچىسى يازغان «ھىندىستان تەسۋىرلەنگەن ئەڭ گۈزەل رەسىملەر توپلىمى»)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مۇكاپاتلاش كومېتىتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

ئۇنىڭ كۆزىتىشى چوڭقۇر، تەسەۋۋۇرى يېڭى، كامالەتكە يەتكەن بايان قىلىش ئىقتىدارى بولغاچقا ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى.

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

رۇديارد كىپلىڭ (Rudyard Kipling , 1865 – 1936) ئەنگلىيە يازغۇچىسى. دادىسى بومبايدىكى سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىن لاھور سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇدېرى ۋە مۇزېينىڭ باشلىقى بولغان. كىپلىڭ ھىندىستاننىڭ بومباي شەھرىدە تۇغۇلغان، 6 يېشىدا ئەنگلىيەگە بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، 17 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يەنە ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لاھور شەھىرىدە چىقىدىغان «ئارمىيە ۋە خەلق گېزىتى» دە تەھرىر بولغان. خىزمەت داۋامىدا ئۇ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆرپ– ئادىتى ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى تۇرمۇشىنى ئىنچىكە كۆزەتكەن .

«كىم» ناملىق رومان كىپلىڭنىڭ ھىندىستان باش تېما قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى رومانىدۇر. ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بۇ روماننى كىپلىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلغان، كىپلىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىچ كۆيۈكى ۋە تېنىنى چىرمىۋالغان قاتمۇقات كېسەل تۈپەيلىدىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە ئۇرۇش جاراھىتى، بۇزۇلغان پىسىخىكا، تەلۋىلىك، ئۆلۈم كۈلپىتى قاتارلىقلار ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىخچام، مېغىزلىق يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن يات ئەلگە بولغان ھېس– تۇيغۇلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتىنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

«كىم» ناملىق بۇ روماندا شوخ ئەمما قۇلىقى يۇمشاق بىر تالانتلىق بالىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن. كىمنىڭ دادىسى ئەنگلىيە ئارمىيەسىدە ئوفېتسېر بولغان. ئۈچ ياش ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ، دادىسى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىر قىزىل بۇقا بىلەن ئارغىماق مىنىۋالغان بىر پولكوۋنىك ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدۇ» دەيدۇ. دادىسىدىن كىمغا ئىككى تال گۇۋاھنامە بىلەن كىمنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتىدىن باشقا مىراس قالمايدۇ. كىمنى بېقىۋالغان ھاممىسى بۇ نەرسىلەرنى ئۇنىڭ تۇمارىنىڭ ئىچىگە تىكىپ قويىدۇ.

بىر كۈنى شىزاڭدىن پەنجاپقا ئىككى لاما كېلىدۇ. لامالار كىمغا ئەگىشىپ لاھور مۇزېيىنىڭ ئالدىغا تىكلەنگەن بۇتنىڭ يېنىغا بارىدۇ. مۇزېينىڭ باشلىقى ئىلىمدە كامالەتكەن يەتكەن بۇ ئىككى لاماغا ئىززەت- ئىكرام كۆرسىتىپ قېپقېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. لېكىن لامالار ئوقيا دەرياسىنى تاپمىساق بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئاشۇ دەريادا يۇيۇنسا جىمى گۇناھلىرى پاكپاكىز يۇيۇلۇپ كېتەرمىش. كىم لاماغا شاگىرت بولۇش قارارىغا كېلىدۇ ۋە لامالار بىلەن بىللە ئوقيا دەرياسىنى ئىزدەشكە ئاتلىنىدۇ، شۇ جەرياندا قىزىل بۇقىنىمۇ تەڭ ئىزدەيدۇ. سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا ئات سودىگىرى ماھاب كىمنى ئاق ئاتنىڭ بىر پارچە قانداشلىق ئىسپاتىنى مەلۇم بىر ئەنگلىيە ئوفتىسېرىغا بېرىپ قويۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ئۇمبالاغا يېتىپ كەلگەندە كىم ھېلىقى ئىسپاتنى ئوفتىسېرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋېتىپ، ئۆزى ئەكەلگەن بۇ ئىسپاتنىڭ شىمالدىكى توپىلاڭچىلارغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ھەربىي ئاخبارات ئىكەنلىكىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ قالىدۇ. كىم بۇنى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ لامالارغا ئەگىشىپ جاھان كېزىدۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار بىر ئاناناسزارلىققا كىرىپ، باغنىڭ ئىچىدىكى چىملىققا ئەنگىلىيەنىڭ مەلۇم بىر پولكىنىڭ يوغان بىر قىزىل بۇقىنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن بەلگە بايرىقى سانجىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ. كىم چېدىرغا يېقىنلىشىشىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ ۋىكتور ئىسىملىك بىر پوپقا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەسلىدە بۇ ـــ كىمنىڭ دادىسى ھايات ۋاقتىدا تىلغا ئالغان موزاي ئەترىتى ئىدى. دادىسىنىڭ توي مۇراسىمىغا دەل مۇشۇ پوپ رىياسەتچىلىك قىلغانىدى. پوپ كىمنىڭ بوينىدىكى تۇمار ئىچىدە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. لامالار كىم بىلەن ۋاقىتلىق ئايرىلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي لامالار كىمنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ياخشى تەربىيە ئېلىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن پوپقا 300 رۇبلى پۇل ئەۋەتىدۇ.

لامالار كىمنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، كىممۇ مەكتەپتە ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇ مەكتەپتىن قېچىپ چىقىپ ئىككى كىشىنىڭ ماھابنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ ۋە بۇ خەۋەرنى شۇ ھامان يەتكۈزۈپ ماھابنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. كىرايتوننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماھاب كىمنى لېگەن جانابلىرىنىڭ ئۈنچە- مەرۋايىت دۇكىنىغا ئاپىرىپ، تاكى يازلىق تەتىل ئاياغلاشقۇچە ئۇنىڭ غەيرىتىنى، كۆزىتىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ. كىم 17 يېشىدا مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ، ماھاب ئايال پېرىخونغا كىمنى قوغدايدىغان، يارىلاندۇرمايدىغان ئەپسۇن ھۈرۈپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ھەرخىل مەخپىي ئالاقىلىشىش بەلگىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كىرايتون ئاۋۋال كىمنى لامالار بىلەن بىللە ئالتە ئاي جاھان كەزدۈرۈپ ئاندىن ئۇنى «كاتتا ئويۇن» غا رەسمىي قاتناشتۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ.

كىم لامالار بىلەن بىللە شىمالغا قاراپ يول ئالىدۇ ۋە ئوقيا دەرياسىنى ئىزدەپ قارلىق تاغلارغا چىقىدۇ. سەپەردە نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانىدا كىمنىڭ ئىقتىدارىمۇ غايەت زور يۇقىرىلايدۇ.

ئىككى لاما ھاردۇق چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن كۇرېل بوۋاينىڭ ئۆيىگە چۈشكۈن قىلىدۇ. كىمنىڭ سەپەر ھاردۇقلىرى ناھايىتى تېزلا يوقايدۇ، لامالار ئىككى كېچە ھېچنېمە يېمەي، ھاردۇقمۇ ئالماستىن دەرياغا كىرىدۇ، تەلىيىگە بىرەيلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ. لاما: «ئۇنىڭ روھى تېنىدىن جۇدا بولۇپ جىمى مەۋجۇداتلار بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. بىر مىليون يىل چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش نەتىجىسىدە سەۋەبنىڭ تېگىگە يېتىپ مۇقەددەس دەرياغا شۇڭغۇدى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

كىپلىڭ بۇ رومانىنى 35 يېشىدا يېزىپ تاماملىغان. رومان ھېسداشلىققا تويۇنغان بولۇپ، شەرق ئۇسلۇبىدىكى چىدامچانلىق، ئىتائەتمەنلىك ۋە مىستىتىزمنى ئەينەن يورۇتۇپ بەرگەن. روماندا يەنە كىپلىڭنىڭ مۇستەملىكتە تۇرۇۋاتقان ھىندىستاندا ئۇزۇن مەزگىل ياشاش داۋامىدا ئېرىشكەن بىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ مۇشۇ تۇپراق ۋە خەلققە بولغان قىزغىن سۆيگۈسى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. يۈكسەك ئاغدۇرمىچىلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇنچە ئۆزگىچە بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى روماندىكى پېرسۇناژلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇۋەتكەن، مەدەنىيەت ۋە بىلىمنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شەيئىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز مەنىۋى دۇنياسىنى مەھكەم قوغداش ئەركىنلىكىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىشقا ھەمدە زۆرۈر تېپىلسا قارشى پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى چاقىرىق قىلغان.

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى:

1885- يىل: «ھەسرەت دەرۋازىسى» (ھېكايىلەر توپلىمى)

1887- يىل: «تاغ ھەققىدە ھېكايە»، «ئۈچ ئەسكەر» (ھېكايىلەر توپلىمى)

1892- يىل: «گازارما قوشىقى» (شېئىرلار توپلىمى)

1890- يىل: «ھاياتنىڭ توسقۇنلۇقى» (ھېكايىلەر توپلىمى)

1891- يىل: «يوقالغان نۇر» (رومان)

1894- 1895- يىل: «چاتقال ھېكايىسى»

1896- يىل: «يەتتە دېڭىز»

1901- يىل: «كىم»

1902- يىل: «بالىلارغا ئاتالغان ئاددىي ھېكايىلەر» (چۆچەكلەر توپلىمى)

1910- يىل: «ئىنئام ۋە پەرىزات» (تارىخىي ھېكايىلەر توپلىمى)

1917- يىل: «ھەرقىسما ئادەملەر» (ھېكايىلەر توپلىمى)

1926- يىل: «قەرز ئالغۇچى ۋە قەرزدار»

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى:

«يولۋاس! يولۋاس!»، كىپلىڭ (ئەنگلىيە)، ۋېن مېيخۇي قاتارلىقلار تەرجىمىسى، لى جياڭ نەشرىياتى 1988- يىل نەشرى

«ئۆسمۈر ماگۇرى ھەققىدە ھېكايىلەر»، كىپلىڭ (ئەنگلىيە)، پۇ لىن تەرجىمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشرىياتى 1991- يىل نەشرى

«چاتقال ھېكايىسى»، كىپلىڭ (ئەنگلىيە)، ۋېن مېيخۇي، رېنجىشېڭ تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 2004- يىل نەشرى

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى:

«مەن كىپلىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى چۈشىنىمەن . . . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ماڭا ئوقۇغانسېرى، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى شۇنچە يېڭى، رەڭدار تۇيۇلىدۇ.»                                 ـــ مارك تىۋىن

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر:

سىۋېنبۇرن (ئەنگلىيە)

مېرىدىس (ئەنگىلىيە)

كىپلىڭ (ئەنگلىيە)

مارك تىۋىن (ئامېرىكا)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11573

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: