پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت (1)

يېزىقچىلىقنى مەڭگۈ تاشلىمايمەن

ـــ ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت

جاۋ دېمىڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مارىيو ۋارگاس لوسا (Mario Vargas Lisa,1936-) پىرۇلۇق يازغۇچى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى «پارتلىما ئەدەبىيات» نىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى بەكلا كەڭ بولۇپ، رېئالىزملىق پروزا ئىجادىيىتى ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرى قۇرۇلما جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە ئۇ قۇرۇلمچىلىق رېئالىستىك يازغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ يالغۇز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي ئىرادىسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. 1990- يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولۇش ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلگەچكە، 1993- يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيەگە كۆچمەن بولغان ۋە شۇ دۆلەتنىڭ گىراژدانلىقىغا (قوش دۆلەت گىراژدانى) ئۆتكەن. ئۇ ئادەتتە لوندوندا تۇرىدۇ. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي»، «قاۋاقتىكى تۈگىمەس پاراڭ»، «خۇلىيا ھاممام ۋە يازغۇچى»، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» قاتارلىقلار بار.

ئۇزۇن يىللىق زىيارەت نىشانىم بولغان مارىيو ۋارگاس لوسا بىلەن ئۇ 90- يىللاردا ئېلىمىزنى زىيارەت قىلغاندا (1994- يىل 12- ئىيۇل) تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن كۈنى ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، چۈنكى ئۇ كۈنى مېنىڭ چوڭ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شاھ ئوردىسى مېھمانخانىسىدا كۆرۈشتۈم. تازا پۇخادىن چىقمىدۇقمۇ قانداق، كېلەر يىلى يەنە سۆھبەتلىشىشكە كېلىشتۇق. 1995- يىلى ئۆكتەبىردە مۇرسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ۋارگاس لوسا ئەسەرلىرى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسپانىيەگە باردىم. تەلىيىمگە، لوسا بىلەن بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن ئىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن بىز جۇڭگۇدا چالا قالغان سۆھبىتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق؛ ئىككى قېتىم ناشتا ۋاقتىدا، بىر قېتىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا پاراڭلاشتۇق.

1. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مەسىلىسى ھەققىدە

جاۋ دېمىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىپ «جاۋ» دەپ ئېلىنىدۇ): غەرب گېزىت- ژۇرناللىرىدىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، سىزنىڭ مۇشۇ بىر- ئىككى يىل ئىچىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىڭىز بار ئىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
لوسا: مېنىڭچە، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، مېنىڭ سىياسىيىغا مايىللىقىم بەك كۈچلۈك. شىۋېتسىيە باھالاش- مۇكاپاتلاش كومىتېتى سىياسىيغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسىيغا مايىل يازغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
جاۋ: لېكىن، بىر مۇنچە مىساللار باھالاش- مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا سىياسىيغا مايىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى!
لوسا: دېگىنىڭىز توغرا، بۇ جەھەتتە ئەھۋال سەل مۇرەككەپ. كىم بىلسۇن، ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرمۇ مېنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرگەنلىكىمنى ئېيتىپتۇ. ئىشقىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقانلىق سالاھىيىتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. راستىنى دېسەم، مېنىڭ بۇ ئىشنى بەك ئويلىغۇم يوق. بۇنى خىيالىمغا بەك كىرگۈزۈۋالسام، ئىجادىيىتىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدىكەنمەن. كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى، جۇڭگۇغا ئوخشاش شۇ قەدەر مەدەنىيەتلىك چوڭ دۆلەتتىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار چىقمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ، بۇنى ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك دېمەي بولمايدۇ! مەن جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئالايلۇق، ۋاڭ مېڭنىڭ بەزى ھېكايىلىرى، بېي داۋنىڭ شېئىرلىرى دېگەندەك.

2. يازغۇچىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ھەققىدە

جاۋ: يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش كونكرېت قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟ بۇنى ئۆز تەجرىبىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ باقسىڭىز.
لوسا: كونكرېت ئەھۋالىمغا نىسبەتەن ئېيتسام، مەن بەك كەڭ دائىرىدە كىتاب ئوقۇيمەن، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، تېئولوگىيە، سەنئەت، تىلشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئازدۇر- كۆپتۇر بولسىمۇ كىتاب كۆرگەنمەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئەسلىدىنلا قىزىقاتتىم؛ بەزىلىرىنى زۆرۈر دەرسلىك سۈپىتىدە ئۆگەنگەن، كۆرمىسەممۇ بولمايتتى. ماقالە، ھېكايە، ئاخبارات ئەسەرلىرى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى، تارىخقا قىسقىچە باھا، فىليەتۇن دېگەندەك ھەر خىل ژانېردىكى نەرسىلەرنى يېزىشمۇ مېنىڭ بىر ئادىتىم. مەن يەنە قەبرە تەزكىرىسى، كىتاب كاتالوگى دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ كۆچۈرۈپ باققان. ئويلىمىغاندا، بۇلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە جىق پايدىسى بولدى. 1958- يىلى پارىژغا بېرىپ نەزەر دائىرەم كېڭەيدى. پارىژ مەن ئۈچۈن ئوقۇشقا، يېزىقچىلىق قىلىشقا ۋە ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەردەك تۇيۇلدى. چۈنكى پارىژنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى مېنى بەكلا جەلپ قىلىۋالغانىدى. كېيىن فرانسىيەگە يەنە بىر قېتىم بارغىنىمدا ھەممە نەرسە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. پارىژدا جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپ ياشاش، ئىجادىيەت قىلىش بەكلا تەس ئىش ئىدى!
جاۋ: 1958- يىلى پارىژغا مۇكاپات ئالغىلى بېرىپسىز. 1960- يىلى بولسا ئىشلىگىلى بېرىپسىز. سالاھىيىتىڭىزمۇ، سەرگۈزەشتىڭىزمۇ ئوخشىمغاندىكىن، تۇيغۇڭىزمۇ ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ- دە. «سۇدىكى بېلىق» دېگەن ئەسلىمىڭىزدە بۇنى تىلغا ئاپتىكەنسىز. شۇ يادىڭىزدا بارمۇ؟
لوسا: يادىمدا بار. بۇ ماڭا 50 يىلدىن بېرى ئوڭۇشسىزلىققا تولغان تۇرمۇشۇمنى ئەسلىتىدۇ. مەن دەل شۇ ئارقىلىق ئىرادەمنى، خاراكتېرىمنى تاۋلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ.

3. ئەدەبىي تالانت ھەققىدە

جاۋ: ئەدەبىي تالانتقا قانداق قارايسىز؟ ئەدەبىي تالانت بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىدا كەم بولسا بولمايدىغان شەرتمۇ؟
لوسا: ئەدەبىي تالانت تۇغما بولمايدۇ، بەلكى تاۋلىنىش جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم ئالدى بىلەن رېئاللىقتىن نارازى بولىدىغان، گۈزەل غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن. رېئاللىق بىلەن ئۇنىڭ غايىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقىلا ئۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق بىر بەدىئىي دۇنيا يارىتىپ، رېئاللىقتىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق رېئاللىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولىدۇ. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى مول ھەم ئالاھىدە بولىدۇ، باشقىلار بۇنى ئالدىراپ دورىيالمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ يۆنىلىشى ھەمىشە رېئاللىق بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ. دونكىخوتنىڭ چاقپەلەك بىلەن بىلەن ئېلىشىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. باشقىچە ئېيتقاندا، مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بىھۇدە ئۇرۇنۇش، ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئويلاشتۇر. كافكا دەل بۇنىڭ ئۈلگىسى. ئادەتتىكى يازغۇچىلار ھەمىشە ئاتالمىش تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

4. ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى ھەققىدە

جاۋ: 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىجادىيىتىڭىز ـــ «شەھەر ۋە ئىت» نىڭ تىغ ئۇچى فاشىستىك مىلىتارىزمغا قارىتىلىپ، بۇرژۇئازىيە ئارمىيەسىدىكى شەرمەندىلىكلەر چوڭقۇر پاش قىلىنغان. سىز شۇ چاغدا سارتىرىنىڭ «ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى» ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپتىكەنسىز. سىز ھازىرمۇ شۇنداق كۆز قاراشتىمۇ؟
لوسا: ياش ۋاقتىمدا سارتىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «ئەدەبىيات تارىخ تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، شۇڭا ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ تۇرۇپ رېئاللىقتىكى شەرمەندىلىكلەرنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش كېرەك» دېگەن ساددىلارچە كۆز قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي» دېگەندەك ئەسەرلەرنى يازدىم. ھازىر ئەدەبىياتنىڭ بۇنداق سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقى ھەممە ئادەمگە ئايان بولدى. لېكىن، ئەدەبىيات ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇمى ئەمەس، روھىي جەھەتتىكى ئويۇنمۇ ئەمەس. ئەدەبىيات ئادەملەردە قەلب يارىتالايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنىمۇ ئويغىتالايدۇ. مېنىڭ خاراكتېرىممۇ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا، يۇقارقىلار ئەدەبىياتنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ لېكىن، يازغۇچىلار ئىجادىيەت قىلغاندا جەمئىيەت، سىياسىي ۋە روھىي ئەخلاق مەسىلىسىنى ئويلىماي تۇرالمايدۇ.
جاۋ: سىز بايا بەزى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئىزچىل خاراكتېرىڭىزگە تەسىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىڭىز. مۇشۇ ھەقتە يەنىمۇ كونكرېتراق سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
لوسا: بولىدۇ. مەن سارتىرى، فولكىنېر، ھېمىڭۋاي، فىتزگېرالد ۋە دوس پاسسوسنىڭ ئەسەرلىرىنى بۆلەكچە ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە فولكىنېرنىڭ ئەسەرلىرىگ ھەممىدىن ئامراق. ئۇ مەن ئەسەرلىرىنى قولۇمغا قەغەز- قەلەم ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان تۇنجى يازغۇچى، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتى كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ. ئۇ يەنە قەلبىمدە ئەسەرلىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان تۇنجى يازغۇچى. بۇرۇن مەن: «ئۇ ئەسەر يازىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايتتىم، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بايان نۇقتىسى بىلەن سىرلىق، تۇتۇق كەيپىياتنى يارىتىشتا قانداق ۋاستە قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ تەتقىق قىلىپ باققانىدىم. راستىنى دېسەم، فولكىنېردىن بىر يۈرۈش بايان قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
جاۋ: لېكىن سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىڭىزنىڭ بورخىس ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدىڭىز. سىز يەنە: «ئەگەر ماڭا پەقەت بىرلا يازغۇچىنى تاللايسەن دېسە، ئۇنداقتا بورخىسنى تاللىغان بولاتتىم» دەپتىكەنسىز. بۇ، بايىقى گېپىڭىز بىلەن زىت بولۇپ قالدىمۇ- قانداق؟
لوسا: (كۈلكە) ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى فولكىنېر بىلەن بورخىسنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەڭداشسىز، ئۇلار بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بولۇپمۇ 20- ئەسىردىكى ئەدەبىيات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا مەيلى كەڭ دائىرىلىك مەدەنىيەت بىلىمى بولسۇن ياكى ئۆزگىچە بەدىئىي تەسەۋۋۇرى بولسۇن، بورخىسنىڭ تەڭدېشى تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي تىل جەھەتتىكى غايەت زور تۆھپىسىنى تەڭداشسىز دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئىسپان تىلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جانلىق، ئىخچام، مول بولغان بەدىئىي ئۇسلۇب ياراتتى. ئىدىيەۋى مەزمۇن جەھەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەزمۇننىڭ موللىقى، تىرەنلىكى ۋە پاراسەت بىلەن تويۇنغانلىقى ئىسپان تىلى ئەدەبىياتىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە جەمئىيەتكىلا كۆڭۈل بۆلۈنۈپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ ھايات- ماماتى، ھەتتا بەزى ئالەملىك مەسىلىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ ۋەدىسى بۈيۈك ۋەدە، بۈيۈك غەمخورلۇق؛ ھەرگىزمۇ پارتىيە- گورۇھلارنىلا كۆزدە تۇتقان ۋەدە، غەمخورلۇق ئەمەس. ئۇ ئىنسانلارنى پۈتكۈل يەرشارى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىدۇ.
جاۋ: ئوكتاۋىئو پازنى سىزمۇ بەك چوڭ بىلىدىكەنسىز – ھە؟
لوسا: (قاقاھلاپ كۈلۈش) توغرا، توغرا دېدىڭىز. پاز مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان كاتتا يازغۇچى. ئۇ يالغۇز بۈيۈك شائىرلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ نەسىرچى. ئۇنىڭ نەسىرلىرى مەيلى سىياسىي، سەنئەت ياكى ئەدەبىيات جەھەتتە بولسۇن، كىشىگە ناھايىتى زور ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئەدەبىيات، سەنئەت، سىياسىي، پەلسەپە، تارىخ تەتقىقاتى ۋە تەپەككۇرى ئىچىدە ئەكىس ئېتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالەم مەسىلىلىرىگە بولغان قىزىقىشىمۇ بەك كۈچلۈك. مەن پازنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەمىشە ناھايىتى زور قىزىقىش ۋە خۇشاللىق ئىلىكىدە ئوقۇيمەن.
جاۋ: پاز بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىز ناھايىتى چوڭقۇردەك قىلامدۇ نېمە؟
لوسا: شۇنداق. ئىككىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نۇرغۇن قاراشلىرىمىز ئوخشىشىپ كېتىدۇ ياكى يېقىنلىشىپ قالىدۇ. 1990- يىلى پىرۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چېغىمدا ئۇنىڭدىن نەچچە قېتىم پىكىر ئالغانىدىم. دەسلەپتە ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىمغا قوشۇلمىدى، «يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى غايىسى، ئىنتىلىشى بىلەن سىياسىيوننىڭ جەمئىيەتتىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئەدىبلەرگە خاس قىزغىنلىق بىلەن رەھىمسىز سىياسىي رېئاللىقنى ھەل قىلىمەن دېيىش ـــ دونكىخوتنىڭ چاقىپەلەك بىلەن ئېلىشقىنىغا ئوخشاش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى. مەن تۇنجى قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى «ھەرگىز بوشاشماڭ» دەپ رىغبەتلەندۈردى. ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولدۇم. ئۇ بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە مېنىڭ ئەدەبىيات قوشۇنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلىدى.

5. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي رېئاللىقنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟

جاۋ: سىز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن، ئۆزىڭىزگە تونۇش بولغان نۇرغۇن تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىنى يېزىپ چىقتىڭىز. مەسىلەن، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرىڭىزدە تەسۋىرلەنگەن ئىشلار 19- ئەسىردە بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەنىكەن. سىز بۇ بۈيۈك ئەسىرىڭىزنىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەلىك يېزىپ چىقىپسىز. مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى ئىجاد قىلىش جەريانىڭىز ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: بولىدۇ. «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» ـــ مەن تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتنى، تىلى ئىسپان تىلى بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەر. بۇ مەن ئۈچۈن بىر تەۋەككۈلچىلىك بولدى، مېنى غىدىقلىدى. بولۇپمۇ ئەسەردىكى بىر قانچە پېرسۇناژنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشلىرى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدۇ. بۇمۇ ئىجادىيەتتىكى بىر خىل ئىلھامدۇر. جىق ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ بىرازىلىيەنىڭ بۈيۈك يازغۇچىسى كۇنخانىڭ «مەركىزىي رايون» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم. يېزىپ ئىككى يىل بولغاندا، قىيىنچىلىقلار كۆپەيگىلى تۇردى، ئىشەنچىممۇ يوقاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرازىلىيەگە بېرىپ، پۈتكۈل مەركىزىي رايوننى ئايلىنىپ چىقتىم. بۇ ساياھەت مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىدى. مۇشۇ ساياھەت يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى ئىسپاتلاپ بەردى ھەم مېنى نۇرغۇن ئۇلانما تەسەۋۋۇر ئىچىگە سۆرەپ كىردى.
جاۋ: كەچۈرۈڭ، گېپىڭىزنى بۆلۈۋېتىدىغان بولدۇم. سىز ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە: «‹قىيامەتتىكى ئۇرۇش› ـــ ئەسلىدە رېژىسور لۇيى گېرانىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يېزىلغان كىنو سىنارىيەسى ئىدى» دەپتىكەنسىز. سىز دېگەن ئاشۇ سىنارىيە بىلەن كېيىن يازغان رومانىڭىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
لوسا: بۇ مۇنداق ئىش: لۇيى گېرا ئەسلىدە كانۇدوس ئۇرۇشى ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى كىنو قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغانىدى. لېكىن، مەن بىرازىلىيەدىكى بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. كېيىن ماتېرىيال كۆرۈپ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنى تۆت قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ قورشاپ يوقاتقانلىقىدىن، 1897- يىلى ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ۋە مىلتىق بىلەن قوراللانغان 6000 كىشىلىك مۇنتىزم قوشۇن چىقىرىپ، 3000 كىشىلىك «خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن دۇنيانى قۇتقۇزۇش» ئۇرۇشى قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇننى قانلىق قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. كۆرۈنۈش بەك چوڭ، پېرسۇناژلار بەك كۆپ ئىدى، سۈرەتكە ئېلىش ناھايىتى تەسكە چۈشەتتى. لېكىن، مۇشۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەرنى يېزىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا بار ئىدى.
جاۋ: كېيىن نېمىشقا بىراقلا رومانغا ئۆزگەرتىۋەتتىڭىز؟
لوسا: «مەركىزىي رايون» نى ئوقۇپ، لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس مىجەز- خاراكتېرى، چېچىلاڭغۇلۇقى، ياۋايىلىقى، ئەركىنلىككە يولسىزلىق بىلەن ئىنتىلىشىدەك ئۆزگىچە بىر خىل نەرسىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋال «مەركىزىي رايون» نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن جىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇچرىمىغان ئىدى. مەن «مەركىزىي رايون» دىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى يۈكسەك ئەقىل- پاراسەت، يۈكسەك ئەدەبىي ئىستېدات بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشتەك بۇ خىل ئۇسۇلدىن قالتىس ھۇزۇرلاندىم. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، «مەركىزىي رايون» بولمىغان بولسا، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» دېگەن رومانىمنى يېزىپ چىقالمىغان بولاتتىم. بولۇپمۇ كىنو سىنارىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، پارامونت كىنو شىركىتى بۇ كىنونى سۈرەتكە ئالماسلىقنى قارار قىلدى. لېكىن مەندە ھەقىقىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنىدى، بولۇپمۇ بىرازىلىيەگە بىر قېتىم بارغاندىن كېيىن، مەندە گويا يانار تاغ پارتلايدىغاندەك بىر خىل كۈچلۈك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى پەيدا بولدى. مەن بىرازىلىيەلىك ئىنسانشۇناس رېناتو فېراسنىڭ ھەمراھلىقىدا مەركىزىي رايوننى بىر ئاي ئايلاندىم. ئۇ مەركىزىي رايون مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسىس بولۇپ، مەركىزىي رايوننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى بەش قولدەك چۈشىنەتتى. بۇ كىشى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، مەركىزىي رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا بەكلا ماھىر ئىدى. ئىككىمىز 100 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن پاراڭلاشتۇق. پاراڭلاشقانلارنىڭ ئارىسىدا دېھقانلارمۇ، چارۋىچىلارمۇ، پوپلارمۇ، سەرگەردان سەنئەتكارلارمۇ، ئۇششاق دېھقانچىلىق فېرمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ بار ئىدى. ئىككىمىز شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ داھىيلىرىنىڭ قەدەم ئىزى تەگكەن 25 كەنتنى ئايلىنىپ چىقتۇق. مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى، ئىككىمىز ئەينى چاغدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولغان كىچىكرەك بىر تاغقا باردۇق، ئۇ يەردە قوزغىلاڭنىڭ روھىغا سىمۋول بولمىش كىرىست بەلگىسى تىكلەكلىك بولۇپ، ئوق ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ئىجادىيەت غايەم جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يېزىقچىلىقىم بەكلا ئاقتى، ھەركۈنى 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە يېزىقچىلىق قىلدىم، تۇيغۇلىرىم قەلبىمگە پاتمايتتى. چۈنكى ئاشۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى بولمىش بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇنداق بىر تارىخىنى ئېچىپ بېرەلەيتتىم: بىزنىڭ تارىخىمىز زوراۋانلىق، جەڭگى- جېدەل ۋە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن تولغانىكەن. لېكىن، بىز شۇ چاغدا ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىدار ۋە سەگەك تونۇش بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان بولغىيتتۇق؟ روشەنكى، ئۇ چاغدا بىز كونا، قالاق، بېكىك كۆز قاراشنىڭ ئاسارىتىگە مەھكەم چىرمىشىپ قالغان ئىكەنمىز.
جاۋ: ئۇنداقتا، سىز ئاشۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى ئارقىلىق مەلۇم بىر خىل روھنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغانمۇ قانداق؟
لوسا: شۇنداق. بىز مەركىزىي رايوننى زىيارەت قىلغاندا، جىق ئادەملەر شۇ قېتىملىق قوزغىلاڭنى تىلغا ئالدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئاشۇ قوزغىلاڭنىڭ جەڭچىلىرى ئىكەن، ھەممىسى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىيەلەيدىكەن، ئاشۇ قوزغىلاڭغا ئاتاپ توقۇلغان بېيىت- قوشاقلارنى ئېيتالايدىكەن. بۇ مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئېسىمدە قېلىشىچە، قايسى بىر كەنتتىكى بىر موماي قوزغىلاڭ داھىيسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىكەن. ئۇ ماڭا: «ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. ھۆددە قىلالايمەن، ئۇ يەنە چوقۇم مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ» دېگەنىدى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى تېخىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. چۈنكى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ئۇلارنى «بىز قۇل ئەمەس، بىزمۇ ئۆز- ئۆزىمىزگە خوجا بولالايمىز. بىز تەڭرىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئادەملەر!» دېگەن گەپگە ئىشەندۈرۈۋەتكەن ئىكەن. بۇ ـــ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق بۈيۈك روھىي ئازادلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شان- شەرەپ، غۇرۇر- ئىپتىخار تۇيغۇسى ئۇلاردا چەكسىز روھىي قۇدرەت پەيدا قىلغانىكەن. شۇڭا ئۇلار داھىيسى قان كېچىپ قىلغان كۈرەشلەرگە ئۆزلىرى خالاپ تۇرۇپ ئەگىشەلەيدىكەن. شۇ ۋەجىدىن، مەركىزىي رايوندىكى كىشىلەر تا بۈگۈنگىچە ئاشۇ قوزغىلاڭنىڭ داھىيسىنى ياقلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قوغداۋاتقىنى ئاشۇ خىل ئىنقىلابىي روھ. مانا مۇشۇنداق روھنى ئىپادىلەش ئەدەبىياتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر.
جاۋ: سىز ئۇدا بىر قانچە رومانىڭىزدا پىرۇ ئارمىيەسىدىكى شەرمەندىلىكلەرنى ئەكىس ئەتتۈردىڭىز. سىزنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئارمىيەلەرگە بولغان كۆز قارىشىڭىز تۇرغۇن ھالەتتىمۇ قانداق؟ چۈنكى سىز رومانلىرىڭىزدا ئارمىيەنى ھەدېسىلا قالاق، ياۋايى، مۇتەئەسسىپ، ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەيدىكەنسىز. مۇشۇ كۆز قاراشلىرىڭىزنىڭ پاكىت ئاساسى بارمۇ؟
لوسا: ئاساسىم شۇكى، ئارمىيە ھەدېسىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھەربىي جەھەتتىن مۇستەبىتلىك يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار دېمىسىمۇ قالاقلىققا، ياۋايىلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە ۋە ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ھەدېسىلا سىياسىيغا ئارىلىشىۋالىدۇ، ھەر بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 100 يىلغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ھەربىي مۇستەبىتلىك تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما ئارمىيە ئەسلىدىنلا بىر بېكىك سىستېما، ئۇ تولىمۇ كۈچلۈك بولغان تەبىقە كۆزقارىشى ۋە پولاتتەك ئىنتىزامغا تايىنىپ بۇ ھۆكۈمرانلىق قورالىنى كونترول قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دۆلەت مۇداپىيەسىنى قوغداش ۋە خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىك ھوقۇق- مەنپەئىتى دائىرىسىدىلا چەكلەپ قويۇلسا، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. لېكىن، ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىۋالسا، شەكلى ئۆزگەرگەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش پەيدا بولىدۇ. ئۇ قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى باش ئەگدۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەخسلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى، ئىختىيارىيلىقى، ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىي تۇرمۇشى پۈتۈنلەي بوغۇلىدۇ.
جاۋ: «قاۋاقتىكى تۈگىمەس پاراڭ» ناملىق رومانىڭىزنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ھەربىي مۇستەبىتلىككە بولغان قارشىلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ روماننى قانداق يېزىپ چىققانلىقىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: 1953-، 1954- يىللىرىغۇ دەيمەن، لىما سان ماركۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. ئۇ چاغدا ھەربىي مۇستەبىتلىك ئەڭ كەسكىنلەشكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ جىمى ئىشلىرىغا ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئەمەلدار مەننۇئىل ئودرىيا قارار چىقىراتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى؛ ھەدېسىلا قول ئاستىدىكى ئىشپىيۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچىلارنىڭ داھىيلىرىنى قولغا ئالاتتى. ئىشپىيۇنلارنىڭ بۇ كاتتىبېشى ھايات- ماماتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان بىخەتەرلىك، ئاخبارات سىستېمىسىغا قوماندانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىسىدا بۇ ھەربىي مۇستەبىتنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرى يەنە 8 يىل ئۇزارغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى كىيىم- كېچەك بىلەن ئەدىيالغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاچقا، كۆپچىلىك مېنى ئۆزلىرىگە ۋەكالىتەن سۆھبەتلىشىشكە سايلاپ چىققانىدى. ئۇ بىر قاراشتا ناھايىتى سۆرۈن تەلەت ئادەم ئىدى، گەپ- سۆزلىرى ئادەتتىكىچە ئىدى. كاللامدا شۇئان «بۇ خۇمپەرنى بىر يېزىپ چىقسام بولغۇدەك» دېگەن ئوي پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ چىرىك ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلى ئىدى. مېنىڭ مەقسىتىم ـــ ئىستىبداتلىقتا ئۇچىغا چىققان بۇ ماشىنىنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئىدى. مۇنداقچە ئېيتسام، بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى، ئىشچىلارنى، زىيالىيلارنى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى قانداق چىرىتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئىدى. بۇ خۇمپەر ئەسلى ھەربىي ئەمەس ئىدى، سىياسىي بىلەنمۇ شۇغۇللانمايتتى. لېكىن، بۇ بىر يۈرۈش مۇستەبىت تۈزۈلمە ئۇنى ئىشپىيۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلاندۇرغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ بۇ جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى بايقىدى. بورخىسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز ماكانىنى تاپقانىدى.
جاۋ: «قاۋاقخانىدىكى تۈگىمەس پاراڭ» نەشردىن چىققاندىن كېيىن، ئىشپىيۇنلارنىڭ ئۇ كاتتىبېشى بۇ كىتابنى ئوقۇغانمىدۇ؟
لوسا: ئوقۇپتۇ. بۇ ھەقتىكى ئىشلار بەك قىزىق. كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر روماندا تەسۋىرلەنگەن باش پېرسۇناژ پروتوتىپىنىڭ دەل شۇ ئىكەنلىكىنى دەرھاللا بىلىۋالدى. كېيىن، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ پايتەختتىن خېلى يىراق بىر يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ماندارىن ئۆستۈرۈش ۋە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانىكەن. ئۇ يوغان بىر پارچە يەرگە يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش ئورنى قۇرۇپتۇ. ئۇ مۇخبىرغا: «ۋارگاس لوسا مېنى نېمىشقا بالدۇرراق ئىزدەپ كەلمىگەندۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭغا كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن ئىشلاردىنمۇ قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم!» دەپتۇ.

6. تېما تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە

جاۋ: تېمىنى ئۆزىڭىز تاللامسىز ياكى مەلۇم بىر تېما سىزنى ئۆزىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلامدۇ؟
لوسا: يەنىلا تېما يازغۇچىنى تاللايدۇ. ھېچبولمىغاندىمۇ، مەندىكى ئەھۋال ئاشۇنداق. مەندە دائىم مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ: بەزى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىپ چىققۇم كېلىدۇ، ئۇنى يازمىغۇچە قەتئى ئارام تاپمايمەن. ئالايلۇق، مەن پىرادو ھەربىي ئىشلار مەكتىپىدە ئىككى يىل تۇردۇم، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلارمۇ بار ئىدى. ئۇ يەردىن كېتىپ 7– 8 يىللاردىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلار خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى، ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتىيالمىدىم. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن ئازابلىق كەچۈرمىشلەر ئىدى. بۇ كەچۈرمىشلەر سىزنى ئويلىنىشقا، ئەسلەشكە ۋە ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشكە قىستايتتى. ئەنە شۇ مەكتەپتە مەن زوراۋانلىقنىڭ، ئۆچمەنلىكنىڭ، ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم چۈشەندىم؛ كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق- مەنپەئەت تالىشىش جەريانىدا ئاشكارىلىغان ھايۋانىي مىجەزلىرىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قاراڭغۇلۇق بىلەن شەرمەندىلىكلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى رەت ھېس قىلدىم. ئەنە شۇ نەرسىلەر مېنى ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ بولۇشىغا ۋارقىراشقا مەجبۇر قىلاتتى، شۇلارنى دەۋالساملا ئىچىم بوشاپ قالاتتى.
جاۋ: سىز ئەزەلدىن: «ئاۋۋال ساپ ئىدراك بويىچە تەپەككۇر قىلىش، سىياسىي ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ئاندىن خام ماتېرىيال ياكى ۋەقەلىك ئىزدەش، ئەڭ ئاخىرىدا بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاش» تەك ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
لوسا: ئەزەلدىن قوللىنىپ باقمىدىم. مەن ئەزەلدىن ئەسەردىكى رەڭ، تۇيغۇ، ھېسسىيات، ئۆزگىچىلىك ۋە ئەسلىمە ئامىللىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ ـــ ئەدەبىياتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى! مەن ئەلۋەتتە ھېكايىدىكى ئەقىل- پاراسەت بىلەن پەلسەپىۋىلىككە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. لېكىن، مەيلى قانچىلىك چوڭقۇر، دانا ئىدىيە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھامان تىلنىڭ سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ!
جاۋ: تېما تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟
لوسا: ئاۋۋال تەپەككۇر قىلىمەن، «نېمىشقا مۇشۇنداق ئادەملەر ياكى مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دەپ ئويلىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا بەزى ئوي- خىياللار پەيدا بولىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇ يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ تۆرەلمىسى. مەن ئەنە شۇ يەردىن باشلاپ پېرسۇناژ ۋە ھېكايىنىڭ سەۋەب- نەتىجىسىنى رەتلەشكە، ئېنىقلاشقا كىرىشىمەن، ئاندىن يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى چىقىرىۋالىمەن. لېكىن، رەسمىي يېزىشقا باشلىغان ۋاقتىمدا بۇ رامكا ھەمىشە بۇزۇلۇپ ۋە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تىزىس تۈزۈشكە باشلايمەن، ئەمما تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ۋە بەدىئىي قۇرۇلما دېگەندەكلەرگە ھەرگىز زېھنىمنى چاچمايمەن. لېكىن، بۇ باسقۇچ تولىمۇ جىددىي بولىدۇ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ھاردۇرۇۋېتىدۇ. تىزىس پۈتكەن ھامان مەندە ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. چۈنكى مەن تۈزىتىش، كېسىپ تەھرىرلەش ۋە بەتكە تىزىشقا قەۋەتلا ئامراق. ئىككىنچى قېتىملىق بۇ خىزمەت ھەقىقىي ئىجادىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئاجايىپ يېڭى، ئۆتكۈر خىياللار دەل شۇ چاغدا پەيدا بولىدۇ ۋە بايان، دىيالوگ، مونولوگ ئىچىدە ئەكىس ئېتىدۇ.
جاۋ: تېمىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا سىزدە ۋەقەلىكتىكى پېرسۇناژلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەنمۇ؟
لوسا: بۇنداق ئەھۋال دائىم كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ۋەقەلىكتىكى پېرسۇناژلار يالغۇز ئىدراكىي ئويلىنىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا كەلمەستىن، ئۇلار يەنە قان ۋە گۆشتىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ؛ ئۇلاردا تالانت، ھېس- تۇيغۇ بولىدۇ. ئۇلار ئەسەردە ئۆزىگە خاس ھاياتلىق مىزانى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بېكىتىۋالغان ھامان ئۆزىنى ياراتقان ئاشۇ يازغۇچىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تۇرمۇش ئوربېتىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولىدۇ، ئاپتورنىڭ ھەرقانداق كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالمايدۇ. پېرسۇناژ بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە ئىختىلاپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان پەيت. چۈنكى خاسلىقى بار بىر پېرسۇناژ ئاپتوردىن ئۆز خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
جاۋ: پېرسۇناژلارنىڭ سىزدىن ئۆز خاراكتېرىنى ھۆرمەت قىلىشنى قانداق تەلەپ قىلغانلىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقامسىز.
لوسا: «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» نى يېزىۋاتقان چېغىمدا دەسلەپتە بىر خۇمپەرنىڭ ئوبرازىنى بېكىتىۋالدىم. ئۇ ئاقسۆڭەك بولۇپ، چوڭ بىر قورۇقنىڭ خۇجايىنى ئىدى. لېكىن، دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۇنىڭ قورۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى لەرزىگە سالىدۇ؛ ئۇنى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى پوزىتسىيەسى بىلەن قىممەت قارىشىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئېتقادى بىلەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى تارازىغا سېلىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ ۋە دادىللىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دېھقانلار ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ كۈتمىگەن يېرىمدىن چىققانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەتلەشكە مەجبۇر بولدۇم. «شەھەر ۋە ئىت» ناملىق رومانىمنى يېزىۋاتقاندا بۇنىڭ ئەكسىچە بىر مىسالغا يولۇقتۇم. بۇ روماننى يېزىۋاتقاندا، لېيتنانت گامبوئانى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەكتەپتىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىمەكچى ئىدىم. لېكىن، ئەسەرنىڭ تۈگەنچىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئەخلاق- دىيانەتنى ياقلايدىغان ئوفېتسىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر ئېقىندا بۇلغانمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەكتەپنىڭ فاشىزملىق مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنىغا چاپان ياپىدۇ. پېرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەمىشە قالايمىقانچىلىق ۋە مۈجمەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ۋەقەلىك بىلەن پېرسۇناژ تولىمۇ مۇكەممەل ۋە جانلىق چىقىدۇ. مۈجمەللىك بىلەن ساختا چىنلىق ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بەدىئىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.
جاۋ: سىز بۇرۇن «ئۆلۈك جانلار» دېگەن روماننى باھالاپ يازغان بىر ماقالىڭىزدە: «ھىيۇگۇنىڭ چەت ئەلدە ياشىشى بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى» دەپتىكەنسىز. سىز نېمىشقا رېئاللىق بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق تۇيغۇسى ساقلاش كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىسىز؟
لوسا: مەن: «رېئاللىققا زىيادە يېقىنلىشىۋېلىش ئاسانلا ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرۇۋېتىدۇ» دېگەنىدىم. شۇڭا مەن كۆز ئالدىمدىكى تېمىلارنى يازمايمەن. سەۋەبى، كۆز ئالدىڭىزدا پۇلاڭلاپ يۈرگەن نەرسىلەر سىزنى ھامان ئۆز تىزگىنىگە ئېلىۋالىدۇ؛ سىزنى ئەركىن- ئازادە ئىجادىيەت قىلغىلى قويمايدۇ، تەشۋىشكە سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ يازالمايسىز، ھەدېسىلا چەكلىنىپ قالغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىسىز. لېكىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ـــ دەل روھىي جەھەتتىكى تولۇق ئەركىنلىكتۇر. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆز- ئۆزىڭىزگە خوجايىن بولالايسىز، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىش كۆرەلەيسىز، ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىمايسىز. بۇ ـــ ھەر قانداق بىر يېڭى ئەسەر ئىجاد قىلىشتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ھالەتتۇر. مەن ياۋروپاغا بارغان ھامان تۈرلۈك روھىي يۈك ۋە جامائەت پىكرىنى چۆرۈپ تاشلايمەن، لېكىن، ۋەتىنىم ۋە يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش تۇيغۇسى مەندە نۇرغۇن ئۇلانما تەسەۋۋۇرلارنى قوزغايدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن بىر بايلىق بولماي نېمە!
جاۋ: رېئاللىقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتسە، ئىجادىيەتتىكى خام ماتېرىيال مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالامدۇ قانداق؟
لوسا: شۇنداق ئىشمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا مەن ھەر يىلى پىرۇغا قايتىپ بىر نەچچە ئاي تۇرىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەتىنىمدىكى كۈندىلىك ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى، ئىلغار پەن- تېخنىكىلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن: تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، تېلېفون، فاكس قاتارلىقلار مېنى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ، ۋەتىنىم بىلەن بولغان زىچ ئالاقەمنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. يېزىقچىلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، لوندوندىكى تۇرمۇشۇم بىر قەدەر خاتىرجەملىك ئىلىكىدە ئۆتىدۇ، شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يېزىقچىلىق قىلالايمەن. لوندوندىكى 3 ئاي ۋاقتىم پىرۇدىكى 6 ئاي ۋاقتىمدىن ئۈنۈملۈك. لېكىن، لىماغا قايتساملا بىر خىل بىئاراملىق، ئەنسىزلىك، تەشۋىش، نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىمەن. چۈنكى خىلمۇخىل كاشىلىلار ماڭا يېپىشىپلىۋالىدۇ. ئەنە شۇنداق زىددىيەتلىك تۇيغۇلارنى تەڭشىمەك دېمىسىمۇ بەكلا قىيىنغا چۈشىدۇ.
جاۋ: جۇڭگودا تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، سىنئالغۇ، ئوپتىك دېسكىلارنىڭ تەرەققىياتى بەكلا تېز بولۇۋاتىدۇ. بەزى يازغۇچىلار ئىلغار پەن- تېخنىكىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بەكلا تارايتىۋېتىشىدىن، ھەتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىشىدىن بەكلا ئەندىشە قىلىدىكەن. سىزدە مۇشۇنداق ئەندىشە بولغانمۇ؟
لوسا: بۇ بىر چوڭ، شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەن. مېنىڭچە، ھازىر كىتاب ئوقۇيدىغانلار بۇرۇنقىدىن خېلى بەكلا كۆپەيدى. لېكىن، كىتابنىڭ ئەھمىيىتى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ. مەدەنىيەت ئوزۇقلىرىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ، كىشىلەر ئەركىن تاللىيالايدۇ. كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، ئوپتىك دېسكىلار كىتابلارنىڭ ئورنىنى قىسمەن ئىگىلىدى. لېكىن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان تۈردىكى نەرسىلەر بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي باسالمايدۇ. كىتاب بىلەن كىنو بىر- بىرىنى يەكلىمەيدۇ، بىر ياخشى كىنو كۆرۈش كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. لېكىن، بەزى دۆلەتلەردە مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە مەسىلە بولغانلىقتىن، بەزى ياش- ئۆسمۈرلەر ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇققا مەپتۇن بولۇپ قالدى. بۇ، جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى. مېنىڭچە، بۇ بىر ئاپەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ ئىپادىسى. فرانسىيەدە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئاممىۋى پروگرامما «سادا» دا يېڭى كىتابلار تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ پروگرامما ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ پروگراممىنىڭ 5 مىليون كۆرۈرمىنى بار ئىكەن. بۇ پروگراممىغا مەن بىر قېتىم قاتناشقان، تەسىراتىممۇ ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى پروگراممىغا قاتنىشىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتسام، كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر مېنى تونۇۋالدى. ئەتىسى پارىژنىڭ كوچىلىرىدا، مىترولاردا جىق كىشىلەر ماڭا: «مەن ‹سادا› پروگراممىسىدا سىزنى كۆرگەن» دېيىشتى.

7. توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ رومان ئىجادىيىتىدىكى رولى ھەققىدە

جاۋ: سىز توقۇلما بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ رومان ئىجادىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدىڭىز. كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىڭىزنى كونكرېتراق سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: بولىدۇ. بىز «دونكىخوت» نى مىسالغا ئالايلى. رېئال تۇرمۇشتا دونكىخوتتەك ئادەمنىڭ يوقلۇقى ھەممە ئادەمگە ئايان، ئۇ تامامەن سېرۋانتىسنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئويدۇرۇپ چىقىلغان بىر پېرسۇناژ. لېكىن، ئۇ كىشىگە خۇددى مەڭگۈ ئادەملەر ئارىسىدا ياشايدىغاندەكلا، راستتەكلا تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇشى مۇنداق بىر ئىشنى سەمىمىزگە سالىدۇ: دونكىخوتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ـــ ئىنسانلارنىڭ بىر خىل روھىي ئېھتىياجى. چۈنكى بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىز بەخت كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە ئازاب- ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولغاچقا، دونكىخوتنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھەقىقەتنى نامايان قىلىشىغا مۇھتاج بولىمىز. ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا تايىنىپ رېئاللىققا قارشىلىق كۆرسىتىمىز، رېئاللىقتىكى شەرمەندىلىكلەرنى ئېچىپ تاشلايمىز، رېئاللىقنىڭ ئالدىغا سوئال تاشلايمىز. شۇنداقلا دونكىخوت يەنە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، يېڭىچە بىر رېئاللىقنى يارىتىدۇ- دە، ئاشۇ يېڭى رېئاللىق ئارقىلىق ئۆزىنى خورلاۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىققا قارشى تۇرىدۇ. دونكىخوت بىلەن سانچۇنى سېلىشتۇرساق شۇنى بايقايمىزكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دونكىخوتتىن ھوزۇرلىنىشى ئۇنىڭدا غايىگە تويۇنغان تەنقىدىي روھنىڭ بولغانلىقىدا. چۈنكى ئۇ توقۇپ چىقىلغان، ئۇ بىر ئەرۋاھ. ناۋادا رېئال تۇرمۇشتا راستىنلا دونكىخوتتەك بىر ساراڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، خەقلەرنى بولۇشىغا دۇمبالىسا، قويلارغا ھۇجۇم قىلسا، جىنايەتچىلەرنى قۇتقۇزسا . . . كىشىلەر جەزمەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. لېكىن، ئەسەر ئىچىدە ئوقۇرمەنلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىدۇ. سانچۇ بولسا كىشىگە روماندىكى بىر پېرسۇناژدەك ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى راست ئادەمدەكلا تۇيۇلىدۇ. شۇڭا بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، توقۇلما رومانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەرگىزمۇ رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش، رېئاللىقنى رېئالىسزلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. توقۇلما رومانلار قەلبىمىزدىكى چاڭقاقلىق بىلەن ئىزتىراپلىرىمىزغا ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەرھەم بېرەلەيدۇ.
جاۋ: تەسەۋۋۇرغا باي بولۇش ـــ ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا رېئال تۇرمۇشنىڭ چەكلىملىكى بىلەن تەكرارلانماسلىقى ۋە خىيالىي دۇنيانىڭ چەكلىملىكى بىلەن تەكرارلىنىشىدەك زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. ئەنە شۇنداق خىيال «يوقتىن پەيدا بولۇش» نىڭ باش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. خىيال گەرچە تۈمەن مىڭ خىل بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. سىزنىڭچە، مۇشۇ زىددىيەتنىڭ رومان ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى بارمۇ؟
لوسا: ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، بۇنداق زىددىيەتلەر خىيالنى توم- توم توقۇلما رومانلارغا ئايلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ رومانلار يېزىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ جىسمانىي ھاياتىمىزنىڭ بىرلا قېتىم بولىدىغانلىقى بىلەن ھاياتلىق ئىستىكىمىزنىڭ كۆپ قېتىملىق بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلىم- پەن، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەققىدە تالاي خىياللارنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇلاردا خىيال بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانلار كىشىنى نىسبەتەن خۇشال قىلالايدىغان يېڭىچە بىر خىل رېئاللىقنى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلاردا خىيال بولمايدىكەن، ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىيالمىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بولمىغان، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلالمىغان بولاتتى.

8. بۈگۈنكى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە

جاۋ: ئىسپانىيەنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى فرانسىسكو ئايالا: «ئەدەبىيات تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى پەقەت ئوقۇرمەنلەرنى خوش قىلالايدۇ، ئۇلارغا ئىستېتىك زوقلا ئاتا قىلالايدۇ» دەپ قارايدىكەن. سىز مۇشۇ قاراشقا قوشۇلامسىز؟
لوسا: ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زادى قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە مۇئامىلە قىلىشتا بەك ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. بىز ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقساق يامان كەتمەس. 2000- يىلى فېۋرالدا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادىرىدتتا چىقىدىغان بىر گېزىتتە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان: ناھايىتى ئابرويلۇق بىر ئادۋوكات بار ئىكەن، ئۇ ھازىر 65 ياشتا ئىكەن. ئۇ 40 يىلدىن بېرى ھەركۈنى ئىشقا بارغان، ئىشتىن چۈشكەن چېغىدا يولدا كېتىۋېتىپ رۇسىيەنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇيدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئەنە شۇنداق كىتاب ئوقۇغاچ مادىرىد شەھەر مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. ئۆيى بىلەن ئىشخانىسى ئارىسىدىكى يولدا كىتاب ئوقۇيدىكەن، 40 يىلنى ئەنە شۇ يوسۇندا ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆيى بىلەن ئىشخانىسىغا بېرىپ كېلىدىغان يولنىڭ قەيىرىدە ئورەك، قەيىرىدە ئىستولبا تۈۋرۈكى بارلىقى، مەركىزىي كوچىدىكى ھەر بىر كارىدور، پەلەمپەي ئۇنىڭغا يادا بولۇپ كەتكەن ئىكەن. يولدا كىتاب ئوقۇپ كېتىۋاتقاندا ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچالمايدىكەن. بۇ ئادۋوكات يازغۇچىمۇ، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئەدەبىيات پروفېسسورىمۇ ئەمەسكەن، ئەدەبىي تەرجىمانمۇ ئەمەس ئىكەن. ئۇ ھەتتا رۇس تىلىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ پەقەت رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇرمىنى ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر پارچە نەسىر يازدىم، بۇ نەسىر يېقىندىلا گېزىتتە ئېلان قىلىندى. ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلاپ بېقىڭ- ھە:
«توسۇماڭلار، ئۇ بوۋاي تەكشى، ئىلدام قەدەملىرى بىلەن يولىنى داۋام ئەتسۇن. توسۇماڭلار، ئۇ مادىرىدنىڭ قىستا- قىستاڭ كوچىلىرىدا ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن ئىشلەمچىلەر، سەرگەردانلار، بىكار تەلەتلەر ۋە سەيياھلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتسۇن. ماشنىلارنىڭ لابا ئۇرۇشلىرى، قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن- سۈرەن، ئۆپچۆرىسىدىكى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان خىلمۇخىل رەڭلەر بىلەن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك. چۈنكى ئۇنىڭ روھى ئىسپانىيەدىكى زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدا سەيىر ئەتمەكتە؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى سىبىرىيەدىكى مەلۇم بىر جۇشقۇنلۇققا ئەسىر بولماقتا ياكى دون دەرياسى بويىدىكى كازاك چەۋەندازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئېتىنى قىيغىتىپ چېپىپ يۈرمەكتە؛ ياكى چار پادىشاھنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ۋودكىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكتە، بېلىق كونسېرۋاسىنى ئىشتىھا بىلەن يېمەكتە؛ ياكى بولمىسا سوغۇقتا دىر- دىر تىتىرىگىنىچە قارلىق دالىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرمەكتە ۋە ياكى ئىسرىقداندىن كۆتۈرۈلگەن تۈرۈم- تۈرۈم ئىسلار ئارىسىدا بومبۇر ساقال پوپقا يۈزلىنىپ پراۋسلاۋىيە دىنى چېركاۋىدا ئولتۇرماقتا، روھى ئەنسىزلىككە چۈشۈپ غال- غال تىتىرىمەكتە. ئالدىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى خىزمەت ياكى زەربە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مەڭگۈ بەختلىك. چۈنكى ئۇ روماندا يارىتىلغان سەنئەت دۇنياسىدا ياشىيالايدۇ.»
بۇنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىزگە بىر نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچىمەن: ئەدەبىيات ـــ ئۇ سەنئەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن بىر زېمىن. ئۇ ئۆزىدىكى تۇرمۇش تۇيغۇلىرى ۋە سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئاساسەن ياراتقان تىل- يېزىق دۇنياسى. ئوقۇرمەن ئەنە شۇ دۇنيادىن تۈرلۈك روھىي ئوزۇققا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار ئوقۇرمەنگە ھوزۇر، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، گاھىدا يەنە ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە ئەخلاق تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ، ھايات پەلسەپىسى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭا، مەن ئەدەبىياتنىڭ يەنىلا كۆپ ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي رولى بار دەپ قارايمەن.
جاۋ: «سۇدىكى بېلىق» دېگەن رومانىڭىزدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى تۇيغۇلىرىڭىزنى تىلغا ئالغانىدىڭىز. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپتىكەنسىز، ئوقۇغان شۇ ئەسەرلەر سىزنى مول روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپتىكەن، شۇ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان يازغۇچىلار ياشلىق باھارىڭىزنى يورۇتۇپتىكەن، سىزگە تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۇرمۇشقا تەشنا بولۇشنى ئۆگىتىپتىكەن. بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۆزىڭىز بىلەن ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق باھا بېرىسىز؟
لوسا: ئەدەبىياتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرى بەك كۆپ، لېكىن مېنىڭ ئەدەبىياتقا قوشقان تۆھپەم بەك ئاز. شۇڭا ھاياتلا بولىدىكەنمەن، يېزىقچىلىقتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمەن. ئەگەر يازالماي قالسام، جاجام بىر پاي ئوق. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇشتا نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرىغاندا، ياخشى بىر پارچە كىتاب يېزىپ كىشىلەرنى ئازابتىن يەڭگىللىتىشمۇ بەختسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇمۇ مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشتىكى مەقسىتىم.

(خەنزۇچە «ئەدەبىيات تۆرىدىكى 22 كاتتا يازغۇچى بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى) 

بۇ سۆھبەت «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10640

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-06-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: سۆھبەت ۋە مۇھاكىمە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: