پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1912- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: خوپىتمان

 

 

1912- يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

گېرخارت خوپىتمان

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: «توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى»(The Weavers)

(گېرمانىيە دىرامما تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مۇكاپاتلاش كومېتىتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

ئۇنىڭ دىرامما سەنئىتى ساھەسىدىكى مول، كۆپ خىل، قالتىس نەتىجىسىنى تەبرىكلەيمىز.

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

گېرخارت خوپىتمان (Gerhart Hauptmann, 1862- 1946) گېرمانىيەنىڭ سېلىيسە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى سازبۇرندا دۇنياغا كەلگەن. چوڭ دادىسى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، دادىسى مېھمانخانا خوجايىنى، ئاكىسى كارل خوپتمان مەشھۇر شائىر ئىدى. گېرخارت خوپىتمان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى ئۆگەنگەن، ناتۇرالىزملىق شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. لېف تولىستوي ۋە ئىبسوننىڭ تەسىرىدە ناتۇرالىزملىق ئەدەبىيات تەشەببۇسلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئەسەرلىرىدە روشەن رېئالىزملىق يۈزلىنىش كۆرۈلگەن.

ئۇ يالغۇز ناتۇرالىزم، يېڭى رومانتىزم، سۇررېئالىزم قاتارلىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلىپلا قالماي يەنە ھىندى دىنىنىمۇ مۇپەسسەل تەتقىق قىلغان. ئۇ تۈرلۈك كىتابلاردىكى ئىدىيە ۋە تېكىستلەرنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋەتكەن بولغاچقا گېرمانىيە ۋە دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ئۇنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ناھايىتى تەسكە توختىغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

1892- يىلى خوپىتماننىڭ توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ زاۋۇت خوجايىنى بىلەن بولغان كۈرەشلىرى باش تېما قىلىنغان سەھنە ئەسىرى «توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەسەر دەسلەپتە سىلسىيە شىۋىسىدا يېزىلغان، كېيىنكى يىلى ئۆزى يەنە گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 1893- يىلى بۇ دىرامما بېرلىندا تۇنجى قېتىم ئوينىلىپ، ساقچى باش مۇپەتتىشىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان. «توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» ناملىق بۇ دىرامما 1848- يىلىدىكى سىلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىنى خام ماتېرىيال قىلغان. خوپىتمان بۇ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ھەققىدىكى زور مىقداردىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ تەتقىق قىلغان. قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن رايونغا ئىككى قېتىم بېرىپ تەكشۈرگەن. دىرامما جەمئىي بەش پەردىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى پەردىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ رەخت زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى دېرىسىگقا ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئاز مائاشى يەنە تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ياش ئىشچى بېرگىل بىلەن زاۋۇت خوجايىنى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ، بېرگىل زاۋۇت خوجايىنىنىڭ ئىشچىلارنى ئېچىنىشلىق ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقىنى پاش قىلىدۇ. ئىككىنچى پەردىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بالمورت ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىي ئىگىل بالمورت ئائىلىسىگە كېلىپ ئىشچىلارغا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ناخشىسى «قانلىق ھۆكۈم» نى دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇتىدۇ. ئۈچىنچى پەردىدە ئىشچىلار بىر كىچىك مېھمانخانىغا توپلىنىدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ «قانلىق ھۆكۈم» ناملىق ناخشىنى ئېيتىشىنى چەكلەيدۇ، ئىشچىلار تولىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن بۇ ناخشىنى توۋلىغاچ زاۋۇت خوجايىنى دېرىسىگنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭىدۇ. تۆتىنچى پەردىدە دىراممىنىڭ ۋەقەلىكى كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا چىقىدۇ. بېرگىلنى ساقچىلار قولغا ئالىدۇ، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى قاتتىق ئۇرىدۇ، دېرىسىگنىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ تۇرالغۇنى چېقىپ ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋېتىدۇ. دېرىسىگ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بەشىنچى پەردىنىڭ ۋەقەلىكى ئىشچى شېرىز ئائىلىسىدە قانات يايىدۇ. قوزغىلاڭچى ئىشچىلار شىرىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن دىنىي ئېتقادى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان شېرىز ئۇلارغا قوشۇلۇشنى رەت قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئۇ قوزغىلاڭنى باستۇرغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ غايىپ ئوقى تېگىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ دىراممىدا ئەنئەنىۋى مەنىدىكى مەركىزىي پېرسوناژلار يوق، ئۇنىڭ ئورنىدا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدىغان ئىشچىلار كوللېكتىپى بار. بىللە باشتىن كەچۈرگەن جەبىر- جاپا، خورلۇق ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەزگۈچىلەر بىلەن ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچىلارغا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. «توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» ناملىق بۇ دىراممىدا تەسۋىرلەنگىنى ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئائىلە توقۇنۇشى بولماستىن بەلكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئۆتكۈر ئىجتىمائىي زىددىيەت بولۇپ، زۇلۇم- سىتەم دەستىدىن قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئوبرازى بىۋاستە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان. بۇ ـــ 19- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن كېيىن گېرمان تىلى ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى:

مەن دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان بىر غايىنى كۆرسىتىپ بەردىم، بۇ غايە ئەمەلىيەتتە سەنئەت ۋە ئىلمىي نىشاننى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، سەنئەت ۋە ئىلمىي نىشان ھەرگىزمۇ ئۇرۇش ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنە تىنچ مۇھىت ئىچىدىلا ئۆسۈپ- يېتىلەلەيدۇ.

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر:

توماس خاردى (ئەنگلىيە)

جامېس (ئامېرىكا)

سىپىتلېر (شىۋېتسارىيە)

خوپىتمان (گېرمانىيە)

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى:

«چۆككەن سائەت»، خوپىتمان (گېرمانىيە)، لى يوڭجى تەرجىمىسى، يۈەنجىڭ نەشرىياتچىلىق شىركىتى 1981- يىل نەشرى

«توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى»، خوپىتمان (گېرمانىيە)، ۋەن يۈ تەرجىمىسى، يۈەنجىڭ نەشرىياتچىلىق شىركىتى 1981- يىل نەشرى

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

«گېرمانىيەدىكى بارلىق ئەدەبىيات تەشكىلاتلىرىدىكى يازغۇچىلار ئىچىدە خوپىتمان دەۋرىمىزدىكى ئەڭ تالانتلىق يازغۇچى دەپ تەرىپلىنىشكە مۇناسىپ.»                  ـــــ مىللېت

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1889- يىل: «كۈن چىقىشتىن بۇرۇن» (دىرامما)

1892- يىل: «توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» (دىرامما)

1893- يىل: «قۇندۇز تېرىسى» (دىرامما)

1894- يىل: «خانېلنىڭ ئاسمانغا ئۆرلىشى» (خىيالىي دىرامما)

1897- يىل: «چۆككەن سائەت» (شېئىرىي دىرامما)

1906- يىل: «ئۇسسۇلغا چۈشكەن بىبا» (دىرامما)

1908- يىل: «ھارۋىكەش خېنسىل» (دىرامما)

1911- يىل: «تۇلۇم چاشقان» (تىراگېدىيە)

1922- يىل: «خىيالىي مەنزىرە» (رومان)

1930- يىل: «ئوقۇش تەس كىتاب» (رومان)

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11701

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: