پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1905- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر

1905- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر

مەنزىلىڭ قايان ( Zuo Vadis)

مۇكاپاتلاش كومېتىتېكىلەرنىڭ باھاسى

ئۇنىڭ تارىخىي رومان يېزىقچىلىقى جەھەتتىكى قالتىس نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى .

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ مەزكۇر ئەسەرگە باھاسى

«پولشانىڭ تارىخىي ئېپوسلىرى سىنكىۋىچ بولغاچقىلا ھەقىقىي پورەكلەپ ئېچىلالىدى.»

ــ ئو . ۋېلسون

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

ھېنىرىك سىنكىۋىچ (Henryk Sienkiewicz , 1846 – 1916) پولشا پايتەختى ۋارشاۋاغا يېقىن كېلىدىغان فۇرا ئوكراي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ۋارشاۋا ئالىي مەكتىپىنىڭ مىدېتسىنا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، لېكىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئالمىشىۋالغان. 1871– يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋارشاۋا ئالىي مەكتىپىنى ۋارشاۋا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتكەندە، ئاچچىقىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشمايلا مەكتەپتىن ئايرىلىپ، قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئەدەبىي پائالىيىتىنى باشلىغان. «كۆمۈر قەلەمدە سىزىلغان تېز سىزما» قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ھېكايە- پوۋېسىتلىرىدا ئېزىلگەن مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

18836– يىلى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تارىخىي ھېكايە يېزىشقا يۈزلەنگەن. 1 – دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، شىۋېتسارىيىگە كۆچمەن بولۇپ، «پولشا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى قۇتقۇزۇش كومېتىتى» نى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1916– يىلى 15– نويابېر كېسەل سەۋەبىدىن شىۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان. سەككىز يىلدىن كېيىن، پولشا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مېيىت ساندۇقىنى ۋارشاۋاغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، دۆلەت بويىچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن .

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنلەر:

تولىستوي (رۇسىيە)

لاگرلوف (شىۋېتسىيە)

كىپلىڭ (ئەنگلىيە)

سىنكىۋىچ (پولشا)

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل

«مەنزىلىڭ قايان» – ۋەقەلىكى ئەگرى- توقاي ، ئوقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك تارىخىي روماندۇر . روماندا رىملىق ئاقسۆڭەك يىگىت ۋېنىكۇس بىلەن لىگىيا دېگەن قىز ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەت ھېكايە قىلىنىش ئارقىلىق زالىم پادىشاھ نىرۇ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى غەيرىي دىن بىلەن خىرىستىيان دىنى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

روماندا ئىككى يىپ ئۇچى ئارقىلىق مىلادى 1- ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى نامايان قىلىنغان . يەنى پادىشاھ نىرۇ بىلەن ۋەزىر – ۋۇزۇرالار ئارىسىدىكى زىددىيەت بىلەن نىرۇ باشچىلىقىدىكى زالىم رىم ھۆكۈمىتىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا ئىشىنىدىغان قۇللارغا قىلغان ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكى ۋەقەلىك قىلىنىدۇ. روماندا تەسۋىرلەنگەن زالىم پادىشاھ نىرۇنىڭ قولى خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان . بۇلا ئەمەس ، ئاپىسى ، ئايالى ۋە ئۇنىڭغا ساۋاق بېرىدىغان ئۇستازى سېنىگامۇ ئۇنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئەڭ يېقىن ۋەزىرى فىتىرونىيۇسمۇ ئۇنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ئۇ ئوت كەتكەن مەنزىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە ئوت قويۇشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ . كېيىن ، ئوت قويغانلىق گۇناھىنى خىرىستىيان مۇخلىسلىرىغا دۆڭگەپ قويۇپ، بۇ بىچارە بىگۇناھ كىشىلەرنى دۇئېلغا سېلىپ قىرغىن قىلىدۇ ياكى ئۇلارنى كرىسىتقا مىخلاپ ئاۋام- خەلق ئالدىدا نامايىش قىلىدۇ، ھەتتا «ئوت تۈۋرۈكى» گە باغلاپ، تىرىك پېتى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان لىگىيا دېگەن قىز ماھارەت سىنىشىش مەيدانىدا قۇترىغان ياۋا كالا تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ …

ئاقسۆڭەك يىگىت ۋېنىكۇس بىلەن لىگىيانىڭ سۆيگۈ ماجراسى ۋە خىرستىيان دىنىدا تەرغىپ قىلىنىدىغان ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرى- شەپقەت، سەۋر- تاقەت، ئەپۇچانلىق قاتارلىق گۈزەل پەزىلەتلەر بىلەن قانلىق كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان . مانا بۇنى روماننىڭ ئىككىنچى يىپ ئۇچى دېيىشكە بولىدۇ . ۋېنىكۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بىر ياش قوماندان. ئۇ دەسلەپتە لىگىيانىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، ئۇنى بۇلاپ كېلىپ ئاشنا قىلىۋالماقچى بولىدۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بىللە ئاپارغان قولچۇماقلىرىمۇ بىكاردىن بىكار جېنىنى سېلىپ بېرىدۇ، ئۆزىمۇ لىگىيانىڭ قوغدىغۇچىسى بىلەن بولغان ئېلىشىشتا بىلىكىدىن ئايرىلىپ ، جېنىغا خەۋپ يەتكىلى تاسلا قالىدۇ. لېكىن، ئاقكۆڭۈل لىگىيا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ يارىسى ساقايغۇچە ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. لىگىيانىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىن تەسىرلەنگەن ۋېنىكۇس ئاخىرى رەزىللىكتىن قول ئۈزۈپ ھەقىقەتكە قايتىپ ، خىرىستىيان دىنىي ئەقىدىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان لىگىيا بىلەن شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمىدۇ.

سىنكىۋىچ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1872 – يىل : «بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك» ، رومان ؛

1876 – 1878 يىل : «ئامېرىكا تەسىراتلىرى» ، رومان ؛

1877 – يىل : «كۆمۈر قەلەمدە سىزىلغان تېز سېزما» ، رومان ؛

1879 – يىل : «مۇزىكانت يانىك» ، رومان ؛

1880 – يىل : «پەرىشتە» ، رومان ؛

1886 – يىل : «كەلكۈن» ، رومان ؛

1889 – يىل : «پان ۋولودىۋسكى ئەپەندى» ، رومان ؛

1896 – يىل : «مەنزىلىڭ قايان» ، رومان ؛

1900 – يىل : «ئەھلىسەلپ چەۋەندازى» رومان .

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى

«ئەھلىسەلپ چەۋەندازى»، سىنكىۋىچ (پولشا)، مېي رۇيى تەرجىمىسى ، خۇنەن ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى ، 1998 – يىل ؛

«مەنزىلىڭ قايان»، سىنكىۋىچ (پولشا)، جاڭ جېنخۇي تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىيات نەشرىياتى، 2000- يىل ؛

«ئۈچىنچى ئايال»، سىنكىۋىچ (پولشا)، لىن خوڭلىياڭ تەرجىمىسى، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 1987- يىل .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10300

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: