پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 16- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

ئون ئالتىنچى باپ

يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتتى. غۇۋا يېنىپ تۇرغان كوچا چىراقلىرى يامغۇر تۇمانلىرىدا قاپقاراڭغۇ ۋە ۋەھىمىلىك كۆرۈنەتتى . مەيخانىلار تاقىلايلا دەپ قالغان ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى- ئۈچتىن توپلىشىۋالغان ئەر- ئاياللارنىڭ كۆلەڭگىسى يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بەزى مەيخانىلاردىن تۇرۇپ – تۇرۇپ ئەسەبىيلەرچە كۈلكە ئاۋازلىرى ، بەزى مەيخانىلاردىن مەستلەرنىڭ ئۇرۇشۇپ تىللىشىشلىرى ، قىيا – چىيالىرى دەممۇ دەم ئاڭلىنىپ تۇراتتى .

پەيتۇننىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان دورىيان گرېي شىلەپىسىنى كۆزىگە چۆكۈرۈپ كىيىۋېلىپ ، شەھەردىكى بۇ شەرمەندىلىكلەرگە  نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن نەزەر سېلىۋاتاتتى ، تۇرۇپ – تۇرۇپ لورد ھېنىرىنىڭ تۇنجى كۆرۈشكەندە ئېيىتقان :«روھتىكى جاراھەتلەرنى سەزگۈ ئەزالار بىلەن ، سەزگۈ ئەزالاردىكى جاراھەتلەرنى روھ بىلەن ساقايىتقىلى بولىدۇ»  دېگەن سۆزلىرىنى تەكرارلايىتتى. توغرا، ئۇ بۇ مەخپىي رېتىسىپنى تالاي قېتىم سىناپ كۆرگەن ،  ئەمدىلىكتە يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرسە نېمە بوپتۇ . ئەپيۇنخانىنىڭ ئىچى سودا بىلەن ئالدىراش ئىدى . جىمى ئىپلاسلىقلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان بۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇچىغا چىققان رەزىللىكلەر بۇرۇنقى جىنايەتلىك ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ باراتتى .

كېچە ئاسمىنىدا ساڭگىلاپ تۇرغان ئاي بەجايىكى بىر قورقۇنچلۇق ئىسكىلىتنىڭ كاللسىغىلا ئوخشايتتىكى ، ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن يوغان بىر پارچە بۇلۇت پات-پات ئاينىڭ يۈزىنى توسۇۋالاتتى . يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گازۋاي لامپا بارا – بارا غۇۋالىشىپ ، كوچا تېخىمۇ تار ۋە قاراڭغۇ تۈس ئالدى . پەيتۇنكەش يولدىن ئېزىپ قېلىپ ، يېرىم ئىنگلىز چاقىرىم يولدىن كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بولدى . يولغا يامغۇر سۇلىرى كۆللەپ قالغان ، دۈمبىسىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئات كۆللەپ قالغان ئاشۇ يامغۇر سۇلىرىنى كېچىپ ئۆتكەندە ، تۇيىقى ئاستىدىن توختىماي بۇژغۇن چاچرايىتتى ، قۇيۇق تۇمان دەستىدە مەپىنىڭ ئىككى ياندىكى دەرىزىسىدىن ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايىتتى .

لورد ھېنىرىنىڭ « روھتىكى جاراھەتلەرنى سەزگۈ ئەزالار بىلەن ، سەزگۈ ئەزالاردىكى جاراھەتلەرنى روھ بىلەن ساقايىتقىلى بولىدۇ »  دېگەن سۆزلىرى ھەدەپ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى . ئۇنىڭ ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغان روھىنى سەزگۈ ئەزالىرى راستىنلا ساقايتالارمۇ؟ بىگۇناھ قانلار تۆكۈلدى ، ئۇنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرۇش كېرەك ؟ ھەي ! بۇنىڭ ئورنىنى ھەرگىز تولدۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى ئەپۇ قىلىشقا  مۇمكىن بولمىغىنى بىلەن ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە تامامەن بولىدۇغۇ . نىھايەت ، ئۇ يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ئىشلارنى تامام ئۇنتۇلۇپ كېتىش قارارىغا كەلدى . شۇنداقتىمۇ ، بازىلنىڭ ئۇنىڭغا ئۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغانغا نېمە ھەققى ؟ يا ئۇ باشقىلارغا ئۇنى – بۇنى دەيدىغانغا سوتچى بولمىسا ! ئۇنىڭ قىلغان ئاشۇ گەپلىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ، چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ .

ئات پۇشقۇرغىنىچە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن پەيتۇننى سۆرەپ ماڭماقتا ئىدى ، پەيتۇننىڭ سۈرىتى دورىيانغا ماڭغانسېرى ئاستىلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى . ئۇ دېرىزىنى ئېچىپ پەيتۇنكەشنى تېزراق مېڭىشقا ئالدىراتتى . شۇ تاپتا ئۇنى كۈچلۈك ئەپيۇن خۇمارى قىينىماقتا ئىدى . ئۇ چىرايلىق قوللىرى بىلەن ئەپيۇن  خۇمارى دەستىدىن قىچىشىپ ئارام بەرمەيۋاتقان گاللىرىنى پات – پات  سىقىپ قوياتتى . ئۇ ھاسىسى بىلەن ئاتنىڭ ساغرىسىغا كۈچەپ بىرنى سالدى . پەيتۇنكەش ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە تېزرەك مېڭىش ئۈچۈن قامچىسىنى ئوينىتىپ ئېتىنى دىۋىتتى . دورىيانمۇ ئىختىيارسىز  كۈلۈپ تاشلىدى . پەيتۇنكەشمۇ قايتا بىرنەرسە دىمىدى .

يول گويا ئۇچى يوقتەكلا كۆرۈنەتتى ، گىرەلىشىپ كەتكەن كوچىلار كىشىگە ئۆمۈچۈك تورلىرىنى ئەسلىتەتتى . بىرخىلدىلا داۋام قىلىۋاتقان يول تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلاتتى . تۇمان بارا – بارا قويۇقلىشىپ ، دورىئاننى بارغانسېرى قورقۇنچ باستى .

شۇ ئارىدا ئۇلار تىمتاسلىققا چۆمگەن بىر خىش زاۋۇتىدىن ئۆتتى . بۇ يەردە تۇمان سەل شالاڭراق بولغاچقا ، ئۇ بوتولكا شەكىلىدىكى غەلىتە كەلگەن خىش خۇمدانلىرىدىن لاۋۇلداپ چىقىۋاتقان قىپقىزىل ئوت يالقۇنلىرىنى كۆردى . بىر ئىت ئۇلارغا قاراپ ھەدەپ قاۋايىتتى ، نەلەردىندۇر بىر يەردىن يولدىن ئېزىپ قالغان دېڭىز چايكىلىرىنىڭ چاڭىلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .  ئات بىر نەرسىگە مۈدۈرۈپ كەتتىمۇ قانداق ، پەيتۇن تۇيۇقسىزلا بىر ياققا قىڭغىيىپ قالدى ۋە ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپ كەتتى .

بىر ھازادىن كېيىن ، ئۇلار توپىلىق يولدىن چىقىپ ، ئادەمنى ماڭدامدا بىر تاسقايدىغان شېغىللىق كاتاڭ يولغا چۈشتى . ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قاپقاراڭغۇ ئىدى ، ناگان – ناگاندا چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇرغان دەرىزىلەردىن غەلىتە كۆلەڭگىلەر غىل – پال كۆرۈنۈپ قالاتتى . دورىيان قىزىقسىنىپ سىنچىلاپ قارىدى ، توختىماي مىدىرلاۋاتقان كۆلەڭگىلەر ئۇنىڭغا تولىمۇ غەلىتە كۆرۈنۈپ كەتتى . تۇرۇپلا ئۇنىڭ بىزارلىقى تۇتۇپ ، ئەرۋاھى ئۇچتى . ئۇلار بىر دوقمۇشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈشىگە ، بىر ئايال ئىشىكنىڭ بۇسۇغىسىدا تۇرۇۋېلىپ ئۇلارغا نېمىدۇر بىر نەرسىلەرنى ۋارقىرىدى ، ئىككى ئەر كىشى مەپىنىڭ ئارقىسىدىن بىرەر يۈز ياردقىچە قوغلاپ كەلدى ، پەيتۇنكەش ئۇلارنى قامچا بىلەن راسا ساۋىغاندىلا ئاندىن ئۇلار توختاپ قېلىشتى .

ئېيتىلىشىچە ، ئوتلۇق ھېسسىيات كىشىنىڭ پىكىر – خىياللىرىنى توختىماستىن ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىكەن . ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى . دورىيان لەۋلىرىنى چىڭڭىدە چىشلىگىنىچە روھ بىلەن سەزگۈ ئەزالار توغرىسىدىكى ھېلىقى سىرلىق تۈس ئالغان گەپلەرنى تاكى « بۇ گەپلەر ۋۇجۇدۇمدا مەۋج ئۇرۇۋاتقان ھېس – تۇيغۇلىرىمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن ۋە ئەقلىي يوسۇندا مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدىكەن » دەپ قارىغۇچە يېنىش – يېنىشلاپ تەكرارلىدى . ئاشۇ ئوتلۇق ئارزۇ – ئىستەكلەر ھېچ سەۋەبسىزلا ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئاقىلانىلىك ئىدى . بۇ خىيال ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە يوشۇرۇن يىلتىز تارتماقتا ، كۈچلۈك ياشاش ئىستىكى ( ئارزۇ – ئىستەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇقى ) ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھەر بىر تال نېرىپ ، ھەربىر تال تالالارنى غىدىقلاپ لەرزىگە سالماقتا ئىدى .  ئۇ بىر مەزگىل كۆرۈمسىزلىككە ، بەدبەشرىلىككە ئۆچ بولغان ئىدى . چۈنكى ئاشۇ بەدبەشرىلىكلەر شەيئىلەرنى تولىمۇ چىن قىلىپ كۆرسىتەلەيىتتى ، مانا ئەمدىلىكتە ئۇ دەل ئەكسىچە بەدبەشرىلىكنىڭ ئاشۇ خىسلىتىگە ئامراق بولۇپ قېلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدبەشرىلىكلا بىردىنبىر ھەقىقەت ئىدى . ئەپسانە گەپلەر بىلەن كارنىيى يىرتىلغۇچە تىللىشىش ، كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان قاراقچىلارنىڭ ئۇۋىسى ، شاللاقلىق ، زوراۋانلىق ، ئوغرى – يانچۇقچى ، كەلگۈندى – ساياقلارنىڭ رەزىللىكلىرى  ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك ھەقىقەتتەك سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتى ، جىمى گۈزەللىكلەردىن ، يېقىملىق كۈي ئىچىدىكى ساماۋى چۈشلەردىن ھالقىپ چۈشەتتى . مانا بۇلار ئۇنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىشى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىدى ، شۇندىلا ئۇ ئۈچ كۈنگە قالمايلا جىمى ۋەھىمىلەردىن بىر يولىلا خالاس بولاتتى .

پەيتۇن قاپقاراڭغۇ بىر تار كوچا  ئاغزىغا كەلگەندە ، پەيتۇنكەش ئۇشتۇمتۇت ئاتنىڭ چۈلۋۇرىنى كۈچەپ تارتتى . قاتار كەتكەن بىر كورپوس زومچەك – زومچەك ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنىدىن قاپقارا تۈرۈم – تۈرۈم ئىسلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى . كوچىنى قاپلىغان ئاپئاق قويۇق تۇمانلار كىشىگە بەئەينى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ يەلكەنلىك كېمىسىنى ئەسلىتەتتى .

– سىز بارماقچى بولغان جاي مۇشۇ شۇمۇ ئەپەندىم ؟ – سورىدى پەيتۇنكەش خىرقىراپ .

ھاڭ-تاڭ قالغان دورىيان ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى .

 – مۇشۇ يەر شۇ ، – ئۇ ئالدىراپقىنا پەيتۇندىن چۈشتى ، ۋەدىسى بويىچە پەيتۇنكەشكە كىرا ھەققىنى جىقراق بېرىپ پىرىستانغا قاراپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتى . بىر چوڭ سودا پاراخوتىنىڭ قۇيرۇقىدىكى چىراغلار يېنىپ تۇراتتى ، چىراغ نۇرىنىڭ سۇ يۈزىدە ئەكس ئەتكەن شولىسى جىم تۇرماي ھەدەپ تەۋرىنەتتى . كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر دەستە نۇر بىر پاراخوتنىڭ ئۈستىدىن يورۇتۇپ ئۆتتى . لىققىدە كۆمۈر قاچىلانغان بۇ پاراخوت چەتئەلگە مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى .  تولا پېتىقلىنىپ پاتقاق بولۇپ كەتكەن پىيادىلەر يولى گويا سۇدىن بايىلا سۈزۈۋېلىنغان يامغۇرلۇق چاپاننى ئەسلىتەتتى .

دورىئان سولغا بۇرۇلۇپ قەدىمىنى تېز – تېز ئالدى ، بىرەرسى كەينىمگە چۈشتىمىكىن دېگەندەك ، پات – پات كەينىگە قاراپ قوياتتى . ئالاھەزەل يەتتە- سەككىز مىنۇتلاردىن كېيىن ، ئۇ تولىمۇ سۆرۈن ھالەتتە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئىككى زاۋۇتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر ۋەيرانە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى . ئىككى زاۋۈتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى دېرىزىگە بىر پانۇس ئېسىقلىق تۇراتتى . ئۇ قەدىمىنى توختۇتۇپ ئىشىكنى چېكىپ بەلگە بەردى .

ھايال ئۆتمەي ، كارىدوردا ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى ، ئارقىدىنلا زەنجىر شاراقشىپ ئاستاغىنە ئىشىك ئېچىلدى . ئىشىك ئاۋازسىز ھالدا ئېچىلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ كېتىۋېتىپ ، ئىشىكنى ئاچقان سېمىز ، دوغىلاققىنە كەلگەن ئادەمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ھىلىقى ئادەم ئېرغاڭلىغىنىچە كىرىپ كەتتى . زالنىڭ ئۇ بېشىغا يىرتىلىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن بىر يېشىل پەردە تارتىپ قويۇلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ كېلىشى بىلەنلا شامالدا لەپپەڭشىپ كەتتى . ئۇ پەردىنى قايرىۋېتىپ ، ئۈچەيدەك ئۇزۇن بىر ئۆيگە كىردى . بۇ ئۆي قارىماققا دەرىجىسى تۆۋەن تانسىخانىغىلا ئوخشايتتى . كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گاز لامپىلار تام  بويلىتىپ قاتىرىسىغا تىزىۋېتىلگەن ئىدى ، گاز لامپىدىن تارقىلىۋاتقان ئاجىز نۇر قارشى تەرەپتىكى چىۋىن پوقى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئەينەكنى خىرە يورۇتۇپ ، غەلىتە كۆلەڭگىلەرنى ھاسىل قىلىپ تۇراتتى .  يەرگە يېيىتىلغان ياغاچ كېپىكى دەسسىلىۋېرىپ مىچ – مىچ لاي بولۇپ كەتكەنىدى . بىر قانچە مالاي ئوچاقنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ خوشۇق ئويناۋاتاتتى ، پاراڭ ئارىلىقىدا ئۇلارنىڭ ئاپپاق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى . بىر بۇلۇڭدا بىر ماتروس ئىككى قولى بىلەن بېشىنى قۇچاقلىغىنىچە شىرە ئۈستىدىلا ياتاتتى ، تولىمۇ قوپال سىرلانغان باتەي تامنىڭ بىر تەرىپىنى پۈتۈن ئىگىلىگەن ئىدى ، يېنىدا تاياقتەك ئورۇق ئىككى ئايال بىر بوۋاينى تېرىكتۈرۈپ ئويناۋاتاتتى ، بىزارلىقى چىرايىغا تېپىپ چىققان بۇ بوۋاي ھەدەپ پەلتوسىنىڭ ياقىسىنى قېقىۋاتاتتى . دورىيان ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشىگە ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە : « شۇ تاپتا ئۇ بەدىنىدە قىزىل چۈمۈلە ئۆمىلەپ ماڭغاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتىدۇ » دېدى . بوۋاي ھولۇقۇش ئىلىكىدە ئايالغا لاپپىدە قاراپ قويدى – دە ، ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدى .

ئۆيىنىڭ ئۇ بېشىدا قاراڭغۇ ئۆيگە تۇتىشىدىغان بىر كىچىك پەلەمپەي بار ئىدى . دورىيان ئالدىراپقىنا پەلەمپەيگە پۇتىنى ئېلىشى بىلەن تەڭ ، ئەپيۇننىڭ كۈچلۈك ھىدى دىمىقىغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى . ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېدى ، ئەپيۇننىڭ پۇرىقىدىن تەنلىرى يايراپ كەتتى . ئۇ ھېلىقى قاپقاراڭغۇ ئۆيگە كىرگەندە ، بىر يىگىت تامام سارغىيىپ كەتكەن چاچلىرىنى تارىغاچ چىراغنىڭ يورۇقىدا ئېڭىشىكىنىچە ئەپيۇننىڭ چىلىمىغا ئوت يېقىۋاتاتتى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ دورىئانغا نەزىرىنى ئاغدۇردى – دە ، بىراز ئارىسالدى بولغان قىياپەتتە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى .

– سەنمۇ مۇشۇ يەردىمىدىڭ ئادىرىيان؟ – غۇدۇڭشىپ قويدى دورىيان .

– مەن يەنە نەگىمۇ باراتتىم؟ – جاۋاب بەردى يىگىت تولىمۇ روھسىز قىياپەتتە ، – ھازىر دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن بەزدى .

– مەن تېخى سېنى دەپ ئەنگىلىيىدىن كەتتىمىكىن دەپ قاپتىمەن .

– دارلىڭتون بەك ئادەمگەرچىلىكى يوق نېمىكەن ، ئاخىرى بولماي ، قەرزىمنى قېرىنداشلىرىم تۆلىۋەتتى . جورجمۇ ماڭا گەپ قىلماي تەتۈر قاراپ يۈرۈيدۇ ….. مېنى ئارىغا ئالمىسا مەيلى ، پەرۋايىم پەلەك ، – ئۇ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويۇپ گېپىنى داۋام قىلدى ، – مۇشۇ ئوقەتلا بولىدىكەن ، ماڭا ئاغىينىنىڭ لازىمى يوق . ھېلىمۇ ئاغىينىلىرىم پىيازنىڭ پوستىدەك تولا مېنىڭ .

دورىيان ئىختىيارسىز كەينىگە بىر قەدەم داجىپ ، يىرتىلىپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن پالازدا ئوڭدا – دۈمدە بولۇپ يېتىشقان ھەررەڭ – سەررەڭ بەڭگىلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇردى . ئۇلار يىلاندەك تۈگۈلۈپ ، ئېغىزلىرىنى كاماردەك يوغان ئېچىشىپ ، ئەلەس كۆزلىرىنى ياغ سالغان چايدەك پارقىرىتىپ داردىيىپ يېتىشاتتى . ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىدىن تۇرۇپلا قالدى ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غايىۋى جەننەتلىرىدە ئازابنىڭ تەمىنى تېتىۋاتقانلىقىنى ، مۇدھىش تۈرمىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئۆينىڭ ئۇلارغا يېڭى بىر كەيىپنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنىڭ سىرىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەرھالدا دورىياننىڭكىدىن ياخشى ئىدى ، ئۇ شۇلارنى ئويلىغانسېرى خىياللىرى گادىرماچلىشىپ كەتتى . ئەسلىمىلىرى گويا ساقايماس مەرەز كېسەلدەك ، روھىنى تىنىمسىز غاجىلاپ ئارام بەرمەيىتتى . ئۇنىڭغا بازىل خالۋاردنىڭ كۆزلىرى ئۆزىگە مىقتەك تىكىلىپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ ، بۇ نەس باسقۇر جايدا تۇرۇۋەرگۈسى كەلمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئادرىيان سىڭگلتوننىڭ بۇ يەردە بولۇشىدىن كۆڭلى بىسەرەمجان بولۇۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچكىم تونۇمايدىغان بىر يەرگە بېرىشنى ، ئۆزلۈكىنىڭ ئسكەنجىسىدىن بوشۇنۇپ چىقىشنى ئىستەپ قالدى .

– باشقا يەرگە باراي ، – دېدى ئۇ بىر ھازا دېلغۇل بولۇپ كېتىپ .

– پىرىستانغا بارامسىز؟

– ھەئە .

– ھىلىقى غالجىر مۈشۈك چوقۇم ئاشۇ يەردە . ئۇلار ئۇنى بۇ يەرگە كەلگىلى قويمايدۇ .

– مەن ھازىر مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللاردىن جاق تويدۇم . ئەكسىچە مەندىن بىزار ئاياللارغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ يەرنىڭ ماللىرى بۇ يەرنىڭكىدىن ياخشىراق ، – دېدى دورىيان مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ .

– بۇ يەرنىڭمۇ قېلىشمايدىغۇ !

– ماڭا شۇ يەرنىڭ بەكرەك تېتىيدۇ . ئازراق ئىچىشمەيلىمۇ ، مېنىڭ سەل ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ .

– مېنىڭ ھىچنېمە ئىچكىم يوق ، – دېدى يىگىت تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا .

– ئازراق ئىچىپ قويمامسەن .

ئادىرىيان سىڭگىلتون ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، دورىئاننىڭ كەينىدىن باتەينىڭ ئالدىغا كەلدى . بېشىغا يىرتىلىپ ئارانلا قالغان ئەرەبچە ياغلىق چىگىپ ، ئۇچىسىغا تىتىلىپ مازلىرى چىقىپ كەتكەن پەلتو كىيىۋالغان بىر كۆرۈمسىز ئارغۇن كىشى سەت ھىجايغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ، بىر قۇتا براندى بىلەن ئىككى دانە رۇمكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى . ھېلىقى ئىككى ئايال ناز – كەرەشمە قىلغىنىچە يېنىچە سۈرۈلۈپ كەلگەن پېتى گەپ باشلىدى . دورىيان شۇئان ئۇلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ ، ئادرىيان سىڭگلتونغا پەس ئاۋازدا بىر نىمىلەرنى دېدى .

ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە غەلىتە ھىجىيىپ خۇلق چىقىرىشقا باشلىدى .

– پاھ ، بۈگۈن ئاخشام تازا بەختىمىز چىقىپتۇ – دە ، – دېدى ئايال سوغۇق كۈلۈپ .

– خىلىڭىزنى تېپىپ گەپ قىلىڭ ، تولا ئادەمگە چاپلىشىۋالماڭ ، – ۋارقىرىدى دورىيان جىلى بولۇپ ، – سزگە نېمە كېرەك ؟ پۇلما ؟ مانا ئېلىڭ . ئەمدى كۆزۈمگە كىرىۋالماڭ .

ئايالنىڭ خۇمار كۆزلىرىدىن شۇئان قىپقىزىل نۇر چاقناپ كەتتىيۇ ، بۇ نۇر شۇئان نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ ، ئەسلىدىكى گۈنسىز ھالىتىگە قايىتتى . ئۇ بېشىنى ئېتىپ قويۇپ ، شىرە ئۈستىدىكى تەڭگىلەرنى ئاچكۆزلەرچە ھاپىلا – شاپىلا قولىغا ئالدى . يەنە بىر ئايال كۆزلىرىنى چەكچەيىتكىنىچە ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق بىلەن قاراپلا قالدى .

– ئۇ يەرگە بارغاننىڭ پايدىسى يوق ، – دېدى ئادىرىيان سىڭگىلتون ئۇھسىنغان ھالدا ، – مېنىڭ كەتكۈم يوق . كەتسەممۇ نىمە ئىش قىلىمەن ؟ ماڭا بۇ يەر بەك ھوزۇرلۇق بىلىنىدۇ .

– بىرەر نەرسىگە ھاجىتىڭ چۈشسە ماڭا خەت ياز . بولامدۇ؟ – دېدى دورىيان بىردەم تۇرۇپ كېتىپ .

– ماقۇل .

– ئەمسە كەچلىكىڭ خەيرلىك بولسۇن .

– كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ، – يىگىت شۇنداق دېگەچ پەلەمپەيگە پۇتىنى ئالدى ۋە قول ياغلىقى بىلەن قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى ئېرتىپ قويدى .

چىرايى ئازابلىق تۈس ئالغان دورىيان ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئەمدىلا ئىشكىنىڭ پەردىسىنى قايرىشىغا ، ئۇ بايا پۇل بەرگەن ، كالپۇكىنى قان ئىچكەندەك قىپقىزىل بويۇۋالغان ھېلىقى ئايال سەت ئاۋازدا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– ھەي ئېسىت ، ئېسىل مالدىن بىرسى قولدىن كەتتى – دە ، – دېدى ئايال قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان كاركىراق ئاۋازى بىلەن گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ .

– ھۇ پاسكىنا قانجۇق ، – ئۇ ئاغزىنى بۇزدى دورىيان ، – سېسىق ئاغزىڭنى يۇم !

ئايال بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ كەينىدىن ۋارقىرىدى :

– سىز باشقىلارنىڭ سىزنى جەلىپكار شاھزادە دەپ چاقىرىشىغا ئامراق ئەمەسمىدىڭىز؟

مۈگۈدەپ ئولتۇرغان ھېلىقى ماتروس بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتى ۋە ئەسەبىيلەشكىنىچە ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى ، زال ئىشىكىنىڭ گۈممىدە يېپىلغىنىنى ئاڭلاپ لىككىدە ئورنىدىن تۇردى – دە ، قۇيۇندەك چىقىپ كەتتى.

دورىئان توختىماي يېغىۋاتقان سىم – سىم يامغۇردا دەريانى بويلاپ ئىتتىك كېتىۋاتاتتى ، ئادىرىيان سىڭگلتون بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش ئۇنى ئاجايىپ بىرخىل تۇيغۇ ئىچىگە ئەسىر قىلغان ئىدى . ئۇ توختىماي ئۆز – ئۆزىگە : «ئاشۇ يىگىتتەك گۇمرانلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغىنى ئەسلىدە مەن بولۇشۇم كېرەكمىدى – قانداق ؟ بازىل خالۋارد ئەنە شۇنداق دېگەن ئەمەسمىدى ؟ » دەپ سۇئال قوياتتى . ئۇ لېۋىنى چىڭڭىدە چىشلىدى ، شۇئان كۆزلىرى تولىمۇ ئازابلىق تۈس ئالدى . لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىش بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟  كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا ھەم ئازابلىق بولىدۇ ، ھىچكىممۇ باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولالمايدۇ . ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇشى بار ، ھەم  شۇ تۇرمۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك بەدەل تۆلەيدۇ . ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى ، كىشىلەرنىڭ ناگان – ناگاندا ئۆتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن تەكرار بەدەل تۆلەشتۇر . شۇنداق ، كىشىلەر ئاشۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكى ئۈچۈن قايتا-قايتا بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ . تەقدىر ئىلاھى ۋاقتى كەلگەندە ئادەمگە يۈز – خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ .

پىسىخولوگلار شۇنداق دەيدۇكى ، جىنايەت سادىر قىلىش ئىستىكى (كىشىلەر تەرىپىدىن ئىپلاسلىق دەپ قارىلىدىغان ئىستەك) كىشى ۋۇجۇدىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان چاغدا ، شۇ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھەربىر تال تومۇر ، مېڭىسىدىكى ھەربىر تال ھۈجەيرە گوياكى بىر قورقۇنچلۇق ھاياجان ئىچىدە قالىدۇ .  بۇ چاغدا ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، ھۆرلۈك ئىرادىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ . ئۇلار گويا ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش، مېڭىۋاتقان ئاشۇ يولىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ . ئۇلار تاللاش ھوقۇقىنى تامام يوقاتقان بولۇپ ، ۋۇجۇدىدا غۇرۇر – ۋىجدان دېگەندىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ ، ھەم شۇنداق تۇرۇقلۇق ، يەنە ئاۋۋالقىدەك ياشاۋېرىدۇ ، ئاسىيلىقلىرىغا سېھرىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ . ئىلاھشۇناسلارنىڭ زېرىكمەي – تېرىكمەي بىزنى ئاگاھلاندۇرغىنىدەك ،  جىمى رەزىللىكنى ئاشۇ ئاسىيلىقىنىڭ مەنبەسى قىلىدۇ . جىمى رەزىللىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك پىرى بولمىش يىرگىنىچلىك سەھەر يۇلتۇزى دەل ئاشۇنداق ئاسىيلىق سەۋەبلىك جەننەت قەسرىدىن غۇلاپ چۈشىدۇ.

دورىياننىڭ خىياللىرى چىگىچلىشىپ ، چىركىن ئىدىيىلەر دەستىدە بۇلغىنىپ ئەسلىنى تامام ئۇنتۇغان كاللىسىدا رەزىل نىيەتلەر غەليان كۆتەردى ، قەلبى ئاسىيلىقنى ئىستىدى . ئالدىغا قاراپ تېز – تېز كېتىۋاتقان دورىيان قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى ، بۇرۇلۇپ يولنىڭ بويىدىكى قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى ئەسلىتىدىغان ، سېسىق نامى پۇر كەتكەن ھېلىقى جايغا تېزرەك بارغىلى بولىدىغان يولغا تۇتىشىدىغان دەھلىزگە كىردى . شۇ ئەسنادا ئۇ بىرىنىڭ كەينىدىن ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى . ئۇ كىشى ئۇنىڭغا ئۆزىنى قوغداش پۇرسىتى بەرمەيلا ، كەلگەن پېتى ئۇنى تامغا نىقتاپ ، ئامبۇردەك كۈچلۈك قوللىرى بىلەن كېكىرتىكىدىنلا ئالدى .

ئۇ تىن ئالالماي تىپىرلاپلا قالدى ، ۋۇجۇدىدىكى پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ كۈچلۈك قوللارنىڭ چاڭگىلىدىن ئۆزىنى بوشاتماقچى بولدى . شۇ ئەسنادا ، ئالتە ئاتار تاپانچا شاراق – شۇرۇق بەتلىنىپ ، تاپانچىنىڭ سىتىۋولى كاللىسىغا تىرەلدى . دىقماق ، تەمبەل كەلگەن بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ ئالدىدا تىككىدە تۇراتتى .

    – نېمە قىلماقچىسەن ؟ – سورىدى تىنىقى تىنىقىغا ئۇلاشمايۋاتقان دورىيان .

– قىمىرلىما ، – ۋارقىرىدى ھىلىقى ئادەم قورقۇنچلۇق ئاۋازدا ، – قىمىرلايدىغانلا بولساڭ ئېتىپ تاشلايمەن .

– ساراڭمۇسەن ؟ مەن ساڭا نىمە قىلدىم ؟

   – سەن سىبىل ۋېيىننىڭ بېشىغا چىقتىڭ ، – دېدى ھىلىقى ئادەم ، –  سىبىل ۋېيىن مېنىڭ ئاچام بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغىنىنى بىلىمەن. لېكىن ، ئۇن سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۆلدى . مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ ئاچامنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا قەسەم قىلغان . سېنى ئىزدەۋاتقىنىمغا نەچچە يىل بولدى . لېكىن ، سېنى ھېچيەردىن تاپالمىدىم . رەڭگى – رويىڭنى سۈرەتلەپ بەرگەن ھىلىقى ئىككى ئادەم ئۆلۈپ كەتتى . ئاچامنىڭ سېنى «جەلىپكار شاھزادە» دەپ ئاتىغىنىدىن باشقا ، سەن توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيىتتىم . بۈگۈن مەن بىرسىنىڭ سېنى شۇنداق دەپ چاقىرغىنىنى تاسادىپى ئاڭلاپ قالدىم . سېسىق قېنىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ، دەرھال قىلمشلىرىڭغا تۆۋە قىلىۋال .

دورىيان قورققىنىدىن روھى چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى .

     – مەن ئۇنى تونۇمايمەن ، – دېدى دورىئان كېكەچلەپ ، – مەن ئەزەلدىن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان . سەن ساراڭ بوپسەن .

    – گۇناھىڭنى بوينۇڭغا ئالغىنىڭ ياخشىمىكىن . بۈگۈن مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئالمىسام ، جامۇس ۋېيىن دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن .

قورققىنىدىن پۇت – قولىدا جان قالمىغان دورىيان نىمە دېيىشىنى ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالدى .

 – تىزلان ! – ھۆركىرىدى ھىلىقى ئادەم ، – بوپتۇ ، بىر مىنۇت ۋاقىت بېرەي ، توۋا قىلىۋالغىن . بۈگۈن كەچ پاراخوت بىلەن ھىندىستانغا كېتىمەن . مېڭىشتىن ئىلگىرى سەن پەسەندىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەم بولمايدۇ . تېز بول .

 دورىياننىڭ ئىككى بىلىكى ساڭگىلاپلا قالدى . قورققىنىدىن ئەس – ھۇشىنى يوقاتقان دورىيان نېمە قىلارنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسدا بىر خىيال چاقماق چاققاندەك لاپپىدە پەيدا بولدى .

 – توختا ! – دېدى دورىيان ، – دېگىنە ، ئاچاڭنىڭ ئۆلۈپ كەتكىلى قانچىلىك بولدى؟  

– 18 يىل بولدى ، – جاۋاب بەردى ھىلىقى ئادەم ، – بۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن؟ ئۆلگىلى قانچە يىل بولۇشى بىلەن نىمە كارىڭ ؟

– 18 يىل ؟ – دېدى دورىيان گرېي كۆرەڭلىگىنىچە قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، – 18 يىل بولدى – دە ! ئاۋۇ چىراغنىڭ يورۇقىدا چىرايىمنى ئوبدان قاراپ باق .

جامۇس ۋېيىن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي ، دېلغۇل بولۇپ بىر پەس تۇرۇپ قالدى ۋە دورىياننى سۆرىگەن پېتى دەھلىزدىن ئېلىپ چىقتى .

غۇۋا يورۇپ تۇرغان كوچا چىراغلىرى شامالدا ھەدەپ ئېرغاڭلايىتتى . جامۇس ۋېيىن جېنىنى ئالماقچى بولغان بۇ ئادەمنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك چىرايى ، قاملاشقان بوي – بەستىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ زور خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدى .  ئالدىدىكى بۇ ئادەم قارىماققا يىگىرمە ياشتىن ئەمدىلا ئاشقاندەك ، ئاچىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىدىن ئانچە چوڭ ئەمەستەك كۆرۈنەتتى . ئېنىقكى ، ئاچىسىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغان ئادەم بۇ ئەمەس ئىدى .

ئۇ قولىنى بوشىتىپ ، كەينىگە بىر نەچچە قەدەم داجىدى .

– تەڭرىم ، ئاھ تەڭرىم! – توۋلىدى ئۇ ، – سېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاسلا قاپتىمەن ئەمەسمۇ !

دورىيان گرېي چوڭقۇر نەپەس ئالدى .

–              – بۇرادەر ، چوڭ خاتالىقتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ قويغىلى تاس قالدىڭ ! – دېدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن جامۇس ۋېيىنغا تىكىلىپ تۇرۇپ ، – بۇ ساڭا بىر ساۋاق بوپ قالسۇن . ئىنتىقام ئېلىشتا ھەرگىز ئۆزۈڭ قول سالما .

–                   – مېنى كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، – كەچۈرۈم سورىدى جامۇس ۋېيىن ، – مەن خاتالىشىپتىمەن . ئەشۇ جىن تەككۈر يەردە ئاڭلىغان بىر ئېغىز گەپتىن كاللام چۆرگىلەپ قاپتۇ .

–                    – تاپانچاڭنى ئاستا يىغىشتۇرۇپ ، ئۆيۈڭگە كەتكىن . بولمىسا ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسەن ، – دورىيان شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلدى – دە ، كوچىنى بويلاپ ئاستاغىنە يۈرۈپ كەتتى .

–                  قورققىنىدىن خۇدىنى يوقاتقان جامۇس ۋېيىن غال – غال تىترىگىنىچە جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى . ھايال ئۆتمەي ، بايىدىن بېرى تام ياقىلاپ تىمسىقلاپ يۈرگەن بىر قارا كۆلەڭگە بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئۇ بىر قولنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىكىدىن تۇتقانلىقىنى سېزىپ ، چۆچۈپ كەينىگە ئۆرۈلدى .  بايا باتەينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھاراق ئىچكەن ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى .

–                – ئۇنى نېمىشقا ئۆلتۈرمەيسىز ، – دېدى ئايال جۈدەڭگۈ يۈزىنى ئۇنىڭغا يېقىن ئەكېلىپ ، – دالىي تىياتىرخانىسىدىن ئېتىلىپ چىققان ۋاقتىڭىزدىلا ئۇنىڭ ئىزىغا  چۈشكەنلىكىڭىزنى بىلگەن ئىدىم . بەك ئەخمەقكەنسىز ! ئۇ خۇمپەرنى جايلىۋېتىشىڭىز كېرەك ئىدى ! ئۇنىڭدا جىق پۇل بار ئىكەنتۇق .

–              – ئۇ مەن ئىزلىگەن ئادەم ئەمەس ئىكەن ، – جاۋاب بەردى جامۇس ۋېيىن ، – ماڭا پۇل ئەمەس ، بىر ئادەمنىڭ جېنى كېرەك . مەن ئۆلتۈرمەكچى بوپ يۈرگەن ئۇ ئادەم قىرىق ياشلار چامىسىدا . لېكىن ئۇ تېخى بىر كىچىك بالا ئىكەن. خۇداغا شۈكرى ! تاس قاپتىمەن ، قولۇمنى بىگۇناھ بىر ئادەمنىڭ قېنى بىلەن بوياپ يۈرگىلى .

–              ئايال ئاچچىق كۈلۈپ قويدى .

    – ئۇنى تېخى كىچىك بالىكەن دەۋاتامسىز ! – دىمىقىنى قىرىپ قويدى ئايال ، – ھەي بۇرادەر ، جەلىپكار شاھزادىنىڭ مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىغىمۇ 18 يىل بولاي دەپ قالغان تۇرسا .

   – يالغان سۆزلىمەڭ ، – جامۇس ۋېيىن ئەنسىزلىك ئىلىكىدە ۋارقىرىۋەتتى .

   ئايال بارمىقى بىلەن ئاسماننى چىنەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى :

– تەڭرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن ، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راسىت .

– تەڭرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن دەۋاتامسىز ؟

– دېگەنلىرىم يالغان بولسا ، تىلىم تۇتۇلۇپلا قالسۇن ئىلاھىم . ئۇ بۇ يەرگە كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئەسكىسى . كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە ، ئۇ ئاشۇ قامەتلىك چىرايىغا ئىشىنىپ ، ئۆزىنى ئالۋاستىلارنىڭ قوينىغا ئاتقانمىش . ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا 18 يىل بولاي دەپ قالدى . ئۇ قىلچىمۇ ئۆزگەرمىدى ، لېكىن مەن جىق ئۆزگىرىپ كەتتىم .

شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئۇچقۇن چاچرىدى .

– سىز ارسلا قەسەم قىلالامسىز ؟

–   قەسەم قىلالايمەن . لېكىن ، بۇ گەپلەرنى مېنىڭ دېگەنلىكىمنى ئۇنىڭغا ھەرگىز ئاشكارىلاپ قويماڭ ، – دېدى ئايال يېلىنىپ تۇرۇپ ، – مەن ئۇنىڭدىن قورقىمەن . ماڭا ياتاق ئاچقۇدەك ئازراق پۇل بېرىڭ .

جامۇس ۋېيىن ئاغزىنى بۇزغىنىچە ئايالنى بىر ياققا ئىتتىرىۋېتىپ ، ئۇدۇل كوچىنىڭ دوقمۇشىغا قاراپ قۇيۇندەك يۈگۈردى . لېكىن ، دورىياننىڭ سايىسى ھېچنەدە كۆرۈنمەيىتتى . ئۇ كەينىگە ئۆرۈلدى ، ئەمدى ھېلىقى ئايالمۇ ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق تۇراتتى .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11291

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: