پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە (رومان) 8- باب

قەلئە

(رومان)

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋسترىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

سەككىزىنچى باب

 

K دەسلەپتە ئايال خىزمەتكارلار بىلەن ياردەمچىلەرنىڭ ئىسسىق، راھەت ئۆيگە تىقىلىۋېلىپ ئۆزىنى بىئارام قىلىشىدىن قۇتۇلغىنىدىن خۇشال بولدى. تالادا مۇدھىش سوغۇق قۇترىغان، قارلارمۇ قېتىشىپ يولدا مېڭىش ئاسانلىشىپ قالغانىدى. ئۇ ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ قەدەملىرىنى ئىتتىكلەتتى.

قەلئە ئاۋۋالقىدەكلا تىمتاسلىق ئىلىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ھەيۋەتلىك ھالىتى غۇۋالىشىشقا باشلىغانىدى. K ئۇ يەردە ھاياتلىقتىن شەپە بېرىدىغان بىرەر بەلگىنى تېخىچە كۆرۈپ باقمىدى، بەلكىم ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقا كۆرەلمەي قالغاندۇ. لېكىن، تىمتاسلىقتىن زېرىككەن كۆزلىرى ھەدېسىلا بىرەر نەرسىنىڭ چېلىقىشىنى ئىستەيتتى. K قەلئەگە قاراۋېتىپ تۇرۇپلا ئۇنى بىر ئادەمگە ئوخشىتىپ قالاتتى، بۇ ئادەم كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە جىمى نەرسىدىن پەرۋاسىز بىر قىياپەتتە ئالدىغا قاراپ جىممىدە تۇراتتى، گويا يېنىدا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك، ئۆزىگە ھېچكىم دىققەت قىلمايۋاتقاندەك غەمسىز بىر قىياپەتتە تۇراتتى. لېكىن، ئۇ چوقۇم بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالمايتتى. ئەمما قىياپىتىنى قىلچە بۇزماستىن قىمىرلاپمۇ قويمايتتى. دەرۋەقە، كۆزەتكۈچىنىڭ كۆزلىرى قاراۋېرىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي باشقا ياققا بۇرالدى. كۆزەتكۈچىنىڭ كۆزلىرىنى باشقا ياققا يۆتكىشى تىمتاسلىق دەستىدىنمۇ ياكى تىمتاسلىق شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىدىمۇ، بىلگىلى بولمايتتى. بۈگۈن – تېخى بايىلا ئەتراپنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ئۈلگۈرگەن گۈگۈم پەيتىدە بۇ تۇيغۇلار تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى. ئۇ قارىغانسېرى كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى، گويا جىمى مەۋجۇدات گۇگۇم قوينىغا سىڭىپ كەتكەندەكلا تۇيۇلدى.

 K ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى، مېھمانخانىنىڭ چىراغلىرى تېخى ياندۇرۇلمىغانىدى، شۇ ئارىدا ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ دەرىزىسى ئېچىلدى- دە، ئۇچىسىغا خۇرۇم چاپان كىيىۋالغان، ساقاللىرىنى پاكىز قىردۇرغان، دوغىلاققىنە كەلگەن ياش بىر يىگىتنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى، يىگىت دەرىزە ئالدىدا جىممىدە تۇردى. K يىگىتكە سالام قىلدى، يىگىت ئىنكاس بىلدۈرمىدى، ھەتتا بېشىنى لىڭشىتىپمۇ قويمىدى. K مېھمانخانا كارىدورى بىلەن قاۋاقخانىدىمۇ ھېچكىمنى چېلىقتۇرمىدى، ۋاقتى ئۆتكەن پىۋىنىڭ بەدبۇي پۇرىقى ئالدىنقى قېتىمىدىكىدىنمۇ قويۇق ئىدى، كۆۋرۈك بويىدىكى سارايدا بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيتتى. K دەررۇ ئۆتكەن قېتىم كلامنى مارىلىغان ھېلىقى ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى- دە، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى ئاۋايلاپقىنە تولغىدى، ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇ قوللىرى بىلەن سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىكتىكى ھېلىقى تۆشۈكنى ئىزدىدى. تۆشۈككە بىر نەرسە كەپلەپ قويۇلغاچقىمىكىن، شۇنچە قىلىپمۇ تۆشۈكنى تاپالمىدى. ئاخىرى بولماي بىر تال سەرەڭگە ياندۇردى، ئۇ سەرەڭگىنى ياندۇرۇشى بىلەن تەڭ ئەنسىز چىرقىرىغان بىر ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. ئىشىك بىلەن قاچا- قۇچا ئىشكاپىنىڭ ئارىسىدىكى ئوچاقنىڭ يېنىدا ياش بىر قىزچاق تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى، قىز سەرەڭگىنىڭ يورۇقىدا ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى تولىمۇ تەستە ئاچتى- دە، K غا مەڭدىگىنىچە تىكىلدى. بۇ قىزنىڭ فىرىدانىڭ ئورنىغا كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. قىز ئۆزىنى دەرھال ئوڭشىدى- دە، توكنى ياندۇردى، قىزنىڭ چىرايىدىكى بىزارلىق تېخىچە يۈتمىگەنىدى. قىز K نى بىر قاراپلا تونۇۋالدى.

– ۋوي، سىزكەنسىزغۇ، يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم؟- قىز كۈلۈپ كەتتى ۋە K غا قولىنى تەڭلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى،- مېنىڭ ئىسمىم پېپى.

ئۇ بويى پاكار، يۈزلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىپقىزىل، تەنلىرى بېجىرىم كەلگەن قىز بولۇپ، قىزغۇچ قويۇق چاچلىرىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان، ئۆرۈمگە چۈشمەي قالغان بۈدرە چاچلىرى ئىككى مەڭزىگە يېيىلىپ تۇراتتى. ئۇچىسىغا كىيىۋالغان پاختەك تۈكى رەختتىن تىكىلگەن چاپىنى دەلدەرەپ تۇراتتى، چاپىنىنىڭ پەشلىرى بىر تال لېنتا بىلەن چېگىپ قويۇلغان بولۇپ، ھەر مىدىرىسا پۇلاڭلاپ ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بەرمەيتتى. چاپان ئۇنىڭغا زادىلا ياراشمىغانىدى. قىز فرىدانىڭ ئەھۋالىنى، پات ئارىدا كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى. K ئۇنىڭ بۇ سوئاللىرىنى يامان نىيەتتە چۈشەندى.

– فىرىدا كېتىشىگىلا،- دېدى ئۇ،- مېنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ قويۇشتى، ئۇنداق- بۇنداق قىز بالا بۇ يەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياتاقلارنىڭ تازىلىقىنى قىلاتتىم، خىزمىتىم ئالمىشىپ ناھايىتى تەس كۈندە قالدىم. بۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، كېچىلىرى ئىشنىڭ تولىلىقىدا ئۇھ دېگىلى بولمايدۇ، بەك جاپالىق، مەنمۇ ئارانلا قالدىم. شۇڭىمۇ فىرىدا چىداپ بولالماي كېتىپ قاپتىكەن.

– فىرىدا بۇ يەردىكى خىزمىتىدىن بەك رازى ئىدىغۇ؟- K «فىرىدا بىلەن سېنى قانداقمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن» دېگەن مەنىدە ئەتەي شۇنداق دېدى. لېكىن، قىز گەپنىڭ ئورانىغا دىققەت قىلمىدى.

– ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەڭ،- دېدى پېپى،- فىرىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۇستا، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ تۇرالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بىر ئىشنى تەن ئالغۇسى كەلمىسە تەن ئالمايلا تۇرۇۋالىدۇ، شۇڭا ھېچكىم ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى تەن ئېلىپ باققىنىنى بىلمەيدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يىل بىللە ئىشلىگەن، ئىككىمىز بىر كارىۋاتتا ئۇخلايتتۇق، لېكىن مۇناسىۋىتىمىز ئانچە يېقىن ئەمەس ئىدى. بۇ چاغقا ئۇ مېنى چوقۇم ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇ كۆۋرۈك بويىدىكى ساراينىڭ ئايال خوجايىنى بىلەن بەك يېقىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ شۇ قېرى خوتۇندىن باشقا دوستى يوققۇ دەيمەن. لېكىن ئۇنىڭ ئايال خوجايىن بىلەن دوست بولۇشىدا چوقۇم بىر غەرىزى بار.

– فىرىدا مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم بولىدۇ،- K شۇنداق دېگەچ ئىشىكتىكى ھېلىقى تۆشۈكنى ئىزدەشكە باشلىدى.

– بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار،- دېدى پېپى،- ئۇ سىزنىڭ بولغۇسى ئايالىڭىز بولغاچقىلا بۇ گەپلەرنى دەپ بېرىۋاتىمەن.

– چۈشەندىم،- دېدى K،- دېمەكچى بولغىنىڭىز، مەن ئاشۇنداق ئۆزىنى سورايدىغان بىر قىزغا ئېرىشكىنىمدىن پەخىرلەنسەم بولىدىكەن- دە!

– شۇنداق،- قىز كۆرەڭلىك بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ كۆڭلىدە K بىلەن گېپىنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقىغا خۇشال بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئەمەلىيەتتە قىزنىڭ بايا دېگەنلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرۇقى، مۇشۇ يەردە پەيدا بولۇپ قېلىشى K نىڭ ئىشىكتىكى تۆشۈكنى ئىزدەش خىيالىنى بۆلۈۋەتكەن، ئۇنى بىئارام قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ فىرىدادىن خېلىلا كىچىك مەسۇم قىز ئىدى، كىيىنىشلىرىمۇ كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايتتى. قىزغا قاۋاقخانا كۈتكۈچىلىرى قالتىس بىلىنىپ كەتكەچكە مۇشۇنداق ياسىنىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئويدا بولۇپ قېلىشىدىمۇ سەۋەب بار ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بۇ خىزمەتكە ئويلىمىغان يەردىن ئېرىشىپ قالغانىدى. ئەسلى ئۇ بۇنداق ئىشلارغا زورلانماسلىقى كېرەك ئىدى. قارىغاندا بۇ خىزمەت ئۇنىڭغا ۋاقىتلىقتەكمۇ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىرىدا ھەمىشە بېلىگە ئېسىۋالىدىغان ھېلىقى خۇرۇم سومكىسىنى تېخىچە ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنىدى. قىز قىلىۋاتقان ئىشىدىن نارازى بولغاچقا ئەتەي شۇنداق سىياقتا ياسىنىۋالغاندەك قىلاتتى.[15] لېكىن، ئۇ كاللىسى ئاددىي، مەسۇمە قىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، قەلئە بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. يالغان ئېيتمىغان بولسىلا ئۇنىڭ بۇرۇن مېھمانخانا كۈتكۈچىسى بولغانلىقىدا شەك يوق ئىدى. قىزنىڭ مۇشۇ يەردە يېتىپ- قوپۇۋاتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇنىڭ بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيتتى. شۇتاپتا K تولۇپ ۋايىغا يەتكەن، پوندىلەككىنە كەلگەن بۇ كاساپەتنى پوكىنىغا باسسا، ئۇنىڭ نېسىۋىسىگە چاڭ سالغان بولمايتتى، ئەكسىچە ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىشى، ئالدىدىكى ئاشۇ مۈشكۈل يولدا داۋاملىق مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشى چوقۇم ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنىڭ فىرىدا بىلەن نېمە پەرقى قالىدۇ؟ ياق، ئوخشىمايدۇ. فىرىدانىڭ قاراشلىرى، چىراي ئىپادىسىلا بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. K ھەرگىز پېپىغا يېقىن يولىمايدۇ. ئۇ پېپىغا شەھۋەت نەزەرىدە قاراۋېرىشتىن ئۆزىنى تارتىش ئۈچۈن كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى.

– چىراغنى ياندۇرۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق،- پېپى شۇنداق دېدى- دە، چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتتى،- مېنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭىز، چىراغنى شۇڭا ياندۇرغانىدىم. بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ فىرىدا بىرەر نەرسىسىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمۇ- يە؟

– ھەئە،- دېدى K ھېلىقى ئىشىكنى ئىما قىلدى،- بىر داستىخان، گۈل كەشتىلەنگەن بىر داستىخان ئاشۇ ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ.

– توغرا، ئۇنىڭ شۇنداق بىر داستىخېنى بولىدىغان،- دېدى پېپى،- ئۇ تولىمۇ نەپىس داستىخان ئىدى، ئۇ داستىخاننى ئۇنىڭغا مەن كەشتىلىشىپ بەرگەن، لېكىن ئۇ ئۆيدە ئۇنداق داستىخان يوققۇ دەيمەن.

– فىرىدا شۇ ئۆيدە قاپتۇ دېگەنىدى. بۇ ئۆيدە ھازىر كىم تۇرۇۋاتىدۇ؟- سورىدى K.

– ھېچكىم تۇرمايدۇ،- دېدى پېپى،- ئۇ ئۆيدە ئەمەلدارلار تۇرىدۇ، ئەمەلدارلار كەلسە شۇ ئۆيدە يەپ- ئىچىپ ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتسام، بۇ ئۆي مەخسۇس ھېلىقىدەك ئىش قىلىش ئۈچۈن راسلانغان. شۇغىنىسى، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۈستىدىكى ياتاقلىرىدا تۇرىدۇ.

– ئەگەر شۇ ئۆيدە ئادەم يوقلۇقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام،- دېدى K،- ئىچىگە كىرىپ داستىخاننى ئىزدەپ باقار ئىكەنمەن. لېكىن، ئىچىدە راستىنلا ئادەم بارمۇ- يوق، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. كلام ئادەتتە مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇراتتى.

– كلام ئۇ ئۆيدە يوق،- دېدى پېپى،- ئۇ ھازىر سىرىتقا چىقىدۇ، شۇ تاپتا ئۇنى ھويلىدا چانىسى ساقلاپ تۇرىدۇ.

K ئارتۇقچە چۈشەنچە بەرمەيلا قاۋاقخانىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇ ئىشىك تەرەپكە ئەمەس، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆينىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى، نەچچە قەدەم ماڭار- ماڭمايلا ھويلىغا چىقىپ قالدى. ھويلا بۆلەكچە تىمتاس ئىدى! تۆت چاسا ھويلىنىڭ ئۈچ تەرىپى قاتار كەتكەن ئۆيلەر بىلەن قورشىلىپ تۇراتتى، كوچا – K غا ناتونۇش بولغان تار كوچا – غا قارايدىغان تەرەپ ئېگىز كەتكەن ئاپئاق تام ئىدى، تامنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن ئېچىلغان يوغان دەرۋازا ھاڭغىرىقاي ئوچۇق ئىدى. ھويلا تەرەپتىكى ئۆيلەر ئالدى تەرەپتىكى ئۆيلەردىن ئېگىز بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، ئۆيلەر ياغاچتىن ياسالغان يۇمۇلاق دەھلىز بىلەن قورشىلىپ تۇراتتى. K نىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى ئاساسىي بىنا بىلەن تۇتاش دالان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئۆينىڭ ئىچىگە تۇتاشقان بىر كىرىش ئېغىزى بولۇپ، ئىشىكى يوق ئىدى. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى ئات قېتىلغان پەيتۇنسىمان تۇم قارا رەڭلىك بىر چانا توختىتىقلىق تۇراتتى. چانا ھەيدەيدىغان كىشى – گۈگۈم پەيتى بولغاچقا، K يىراقتىن ئېنىق كۆرەلمىدى، پەقەت چانا ھەيدەيدىغان كىشىمىكىن دەپ پەرەز قىلدى – دىن باشقا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.

K قوللىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئەتراپقا ئېھتىيات بىلەن زەن قويۇپ قارىدى، تام ياقىلاپ مېڭىپ ھويلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتتى- دە، چانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. پەيتۇنكەش ھېلىقى كۈنى سارايدا ئىچىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. خۇرۇم پەلتو كىيىۋالغان بۇ كىشى گويا بىر ئوغرى مۈشۈككە قاراۋاتقاندەك تولىمۇ سوغۇق تەلەت بىلەن K غا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. K ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام قىلدى، ئۇ كىشى سالامنى ئىلىك ئالمىدى، ئاتلارمۇ قاراڭغۇدا تۇيۇقسىز بىر ئادەمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈگىنىدىن تىپىرلىشىپ كەتتى. K بۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى پەملىگەنىدى. K تامغا يۆلەندى- دە، ئېلىۋالغان يېمەكلىكىنى چىقاردى، شۇئان قەلبىدە فىرىدانىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيۈنۈشلىرىدىن مىننەتدارلىق ھېسسىياتلىرى دولقۇنلىدى. ئۇ تامىقىنى يېگەچ ئۆينىڭ ئىچىگە زەن سېلىپ قارىدى. ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئاستىنقى قەۋەتكە تىك ھالەتتە تۇتاشقان پەلەمپەي يەر ئاستىدىكى ناھايىتى چوڭقۇر بىر كارىدورغا سوزۇلغان ئىدى. ئۆي ئاپئاق ئاقارتىلغان بولۇپ، كىشىگە تولىمۇ پاكىز، ئازادە تۇيغۇ بېرەتتى.[16]

K بۇنچە ئۇزۇن ساقلايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ تامىقىنى يەپ بولغىنىغىمۇ خېلى بولدى، ھاۋا تولىمۇ سوغۇق ئىدى، ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان، قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپقاراڭغۇ تۈس ئالغانىدى، لېكىن كلام تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.

– خېلى ساقلاپ باقىدىغاندەك قىلىسىز،- K يېنىدىنلا تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بوغۇق ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. گەپ قىلغان كىشى پەيتۇنكەش ئىدى، ئۇ ئۇيقۇسىدىن ئەمدىلا ئويغانغان چېغى، تازا بىر كېرىلىۋەتتى- دە، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئەسنىدى.

– نېمىنى ئۇزۇن ساقلاپ باقىمەن؟- سورىدى K. ئۇ خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغان بۇرۇقتۇرمىچىلىق ۋە جىددىيلىكتىن بىزار بولۇپ ئاران تۇرغاندا پەيتۇنكەشنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى.

– سىز بۇ يەردىن كەتكۈچە خېلى ساقلايسىز،- دېدى پەيتۇنكەش. K ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى، لېكىن ياندۇرۇپ سوراپ يۈرمىدى. ئۇ بۇنىڭ مۇنۇ ھاكاۋۇر ئەبلەخنى گەپ قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئامالى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. كىشىنىڭ ئىچى سىقىلىدىغان بۇنداق قاراڭغۇدا بىر- بىرىگە گەپ قايتۇرماسلىق ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتەتتى. پەيتۇنكەش راسىت دېگەندەك ھايال ئۆتمەي يەنە سورىدى،- براندى ئىچەمسىز؟

– ئىچسەم ئىچەي،- دېدى K ئارتۇقچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا. سوغۇقتا توڭلاپ ئاران ئولتۇرغاندا، بۇ تەكلىپ ئۇنىڭغا ياغدەك خۇشياقتى.

– ئەمىسە ئاۋۇ پەيتۇننىڭ ئىشىكىنى ئېچىڭ،- دېدى پەيتۇنكەش،- ئىشىكنىڭ يېنىدىكى خالتىدا بىر نەچچە قۇتا براندى بار، بىر قۇتا ئېلىپ ئاۋۋال ئۆزىڭىز ئىچىڭ، ئاندىن ماڭا بېرىڭ. ئۇچامدىكى ماۋۇ خۇرۇم پەلتو بىلەن زادىلا قولىشالمىدىم، پەسكە چۈشۈش بەك قولايسىز.

K پەيتۇنكەشنىڭ ئۆزىنى ئىشقا بۇيرۇغىنىدىن سەل ئاچچىقى كەلدى- يۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر چىرايلىق پاراڭلىشىپ قالغىنىنى ئېسىگە ئالدى- دە، پەيتۇندىن نەرسە ئېلىۋاتقاندا كلام بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىش خەتىرىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ پەيتۇننىڭ يوغان ئىشىكىنى ئاچتى، ئەسلىدە ئۇ پەيتۇن ئىشىكىنىڭ ئىچ تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان خالتىدىن بىر بوتولكا براندى ئېلىپلا يېنىپ چۈشسە بولاتتى، لېكىن ئۇ پەيتۇن ئىشىكىنى ئېچىپلا تۇيۇقسىز قوزغالغان بىر قىزىقىش ئىلىكىدە پەيتۇنغا ئىچكىرىلەپ كىردى، ئۇنىڭ تۇرۇپلا پەيتۇندا بىردەم ئولتۇرۇۋالغۇسى كەپقالدى. ئۇ پەيتۇننىڭ ئىچىگە ئاستاغىنە كىردى. پەيتۇننىڭ ئىشىكى ھاڭغىرىقاي ئوچۇق بولۇشىغا باقماي، ئىچى تولىمۇ ئىللىق ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىشىكنى يېپىۋېتىشكە پېتىنالمىغانىدى. ئۇ پەيتۇن ئىچىدە ئولتۇردى- يۇ، ئۆزىنى گويا قاتمۇقات گىلەم، مامۇقتەك يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك سەزدى، ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا پەيتۇننىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋاتقانلىقى زادىلا بىلىنمىدى؛ ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلۈپ باقتى، پۇت- قوللىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ بېقىپ، تولىمۇ راھەت ۋە ئىللىق بىر سېزىم تومۇر- تومۇرلىرىغا تارالدى. K غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ، بېشىنى قەيەرنىلا تۇتسا يۇمشاق تۇيۇلىدىغان لۆم- لۆم يۆلەنچۈككە قويدى- دە، ئۆڭكۈردەك قارىيىپ تۇرغان ئۆيلەرگە نەزەرىنى ئاغدۇردى. كلام نېمىشقا ھازىرغىچىمۇ چۈشمەيدىغاندۇ؟ K قارلىق يەردە ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەچكىمىكىن، پەيتۇن ئىچىدىكى ئىسسىق خۇشيېقىپ بېشى قايغاندەك بولدى، شۇ تاپتا كلامنىڭ تېزراق چىقىشىنى زارىقىپ كۈتمەكتە ئىدى. ئۇ كلامنىڭ ئۆزىنى مۇشۇ پەيتۇن ئىچىدە ئولتۇرغان ھالىتىدە كۆرۈپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى خىرە- شىرە ھېس قىلدى- دە، سەل ساراسىمگە چۈشۈشكە باشلىدى. پەيتۇنكەشنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ئۇنىڭغا بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىپ باراتتى؛ پەيتۇنكەش ئۇنىڭ چانا ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى- يۇ، ئۇنى پەيتۇن ئىچىدە بىردەم ئولتۇرۇۋالسۇن دېگەندەك، بىراندىنىڭ گېپىنى ھېچ قىلمايۋاتاتتى. پەيتۇنكەشنىڭ بۇنچە غەمخورلۇقىغا نائىل بولغان K ئۇنىڭ ئۈچۈن جان دەپ خىزمەت قىلاتتى. K ئورنىدىن قىمىرلاپمۇ قويماستىن قولىنى ئىشىكتىكى خالتىغا ئۇزارتتى، لېكىن ئىشىك ئوچۇق بولغاچقا قولى يەتمىدى، ئۇ ئەمدى كەينىدىكى يېپىقلىق ئىشىكتىكى خالتىغا قولىنى سالدى، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىككىلا خالتا بەرىبىر ئوخشاش ئىدى، بۇ خالتىنىڭ ئىچىدىمۇ ھاراق بار ئىدى. ئۇ خالتىنىڭ ئىچىدىن بىر بوتولكا ھاراق ئېلىپ، ئاغزىنى بىر تولغاپلا ئاچتى- دە، بۇرۇنىغا يېقىن ئەكېلىپ پۇراپ بېقىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى. ھاراقنىڭ خۇشبۇي ھىدى كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى، گويا چىن دىلىڭىزدىن سۆيگەن مەھبۇبىڭىز سىزنى تەرىپلەۋاتقاندەك، قۇلىقىڭىزغا شېرىن گەپلەرنى پىچىرلاۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى، لېكىن سىز بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭىز، بىلىشنىمۇ خالىمايتتىڭىز، پەقەت بۇ گەپلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىنىلا، كۆڭلىڭىزنى بۆلەكچە خۇش قىلىپ قويغىنىنىلا بىلەتتىڭىز.

– براندى دېگىنى مۇشۇ شۇمىدۇ؟- K ئۆز- ئۆزىدىن شۈبھە ئىلىكىدە شۇنداق سورىدى- دە، تەمى قانداقكىن دېگەندەك بىر قىزىقىش ئىلىكىدە بىر يۇتۇم ئوتلىدى. پاھ، راست براندى ئىكەن، قىزىق ئىش، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بەدەنلىرىم قىزىشىپ، ئىسىسپ قالغاندەك بولۇپ قالدىما؟ شۇنچە تاتلىق، شۇنچە خۇشبۇي براندى قانداق بولۇپ پەيتۇنكەشنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا ئايلىنىپ قالغاندۇ- ھە؟

– بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟- K گويا ئۆزىنى ئەيبلەۋاتقاندەك ئۆز- ئۆزىدىن سورىدى- دە، براندىدىن يەنە بىر ئوتلام ئىچتى.

K براندىدىن ھوزۇرلىنىپ تازا بەھۇزۇر ئىچىۋاتقاندا كۆز ئالدى بىردىن لاپپىدە يورۇپ كەتتى، ئۆينىڭ ئىچىدىكى پەلەمپەي، دەھلىز، زال، ئۆينىڭ تېشىدىكى دەرۋازا ئۈستىدىكى جىمى چىراغلار كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەنىدى. پەلەمپەيدىن بىرىنىڭ چۈشۈۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ K نىڭ قولىدىكى بوتولكا سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى، بوتولكىدىن تۆكۈلگەن ھاراق كۆرپىنىڭ ئۈستىنى بىر ئالدى، K دەرھال پەيتۇندىن سەكرەپ چۈشتى- دە، ئىشىكىنى يېپىشقا ئاران ئۈلگۈردى، ئاڭغىچە ئۆيدىن بىر ئەمەلدار ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن چىقىپ كەلدى. تەلىيىگە ئۇ كىشى كلام ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدىن K نىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشتى. ئەگەر ئۇ كىشى كلام بولۇپ قالغان بولسا قانچىلىك چاتاق بولىدىغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ K بايا ئىككىنچى قەۋەتتە كۆرگەن ھېلىقى مۆتىۋەر يىگىت ئىدى. يىگىت تولىمۇ قاملاشقان بولۇپ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەنىدى، چىرايىمۇ ناھايىتى سۈرلۈك تۈس ئالغانىدى. K مۇ چىرايىغا سۈرلۈك تۈس بېرىپ باقتى- يۇ، قاملاشتۇرالمىدى. ئىچىدە ياردەمچىلىرىنى بىللە ئەگەشتۈرۈپ كەلمىگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى؛ ئۇ بۇ سۈر- ھەيۋىنى ئەنە شۇلارغا ئىشلەتكەن بولسا بۇ تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغانمۇ بولاتتى. يىگىت گويا گەپ قىلىشقا تىنىقى يېتىشمەيۋاتقاندەك، ئۇنىڭغا ئۈندىمەستىن قاراپ تۇراتتى.

– نېمە مالىمانچىلىق بۇ؟- يىگىت ئاخىرى ئېغىز ئاچتى ۋە بېشىدىكى تۇمىقىنى كەينىگىرەك سۈرۈپ قويدى. قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ ئۇ K نىڭ بايىدىن بېرى پەيتۇندا ئولتۇرغانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرسا، چاتاق بولغانلىقىنى قانداق بىلگەندۇ؟ K نىڭ قورۇغا ئۈسسۈپ كىرگىنىنى دەۋاتامدۇ- يە؟- سىز بۇ يەرگە قانداق كىردىڭىز؟- يىگىت ئاۋازىغا مۇلايىم تۈس بېرىپ شۇنداق دەپ سورىدى ۋە بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىغا تەن بەرگەندەك، تىنىقلىرىمۇ جايىغا چۈشكەندەك بولدى. ئۇ قايسى ئىشنى دەۋاتقاندۇ؟ K بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بەرسە بولار؟ ئەجىبا ئۇ بۇ يىگىتكە ھەممىنى ئەينەن دېسۇنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نى ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مىڭبىر جاپادا بېسىپ كەلگەن يوللىرى، تىرىشچانلىقلىرى مۇشۇنداقلا يوققا چىقارمۇ؟ K ئۈندىمىدى، ئەكسىچە پەيتۇن تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئىشىكنى ئاچتى- دە، بايا ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالغان تۇمىقىنى قولىغا ئالدى. براندىنىڭ تېخىچە پەيتۇن ئىچىگە بۇلدۇقلاپ تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچىنى ئاچچىق بىر سېزىم چۇلغۇۋالدى.

ئارقىدىن ئۇ يەنە ھېلىقى يىگىتكە بۇرۇلدى، ئارتۇقچە ئويلاپ ئولتۇرمايلا يىگىتكە ئۆزىنىڭ بايا پەيتۇنغا چىقىپ ئولتۇرغىنىنى، تېخى بۇنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. يىگىت ئەگەر ئۇنىڭدىن يەنە ئىچكىرىلەپ سورىغان بولسا، ئۇ پەيتۇنكەشنىڭ ئۆزىنى پەيتۇننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا بۇيرۇغانلىقىنىمۇ يوشۇرماي دەۋەتكەن بولاتتى. لېكىن، ئەڭ يامان بولغىنى، ئۇ بۇ يىگىت بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالارىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەچكە قاتتىق ھولۇقۇپ كەتتى، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى. بىر ھېسابتا بۇمۇ ياخشى بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ كلامنى ساقلىشىغا ھېچكىم دەخلى قىلمايدۇ. ياكى بايا چاندۇرماستىن پەيتۇننىڭ ئىشىكىنى چىڭڭىدە تاقاپ كۆرپىنىڭ ئۈستىدە بەھوزۇر يېتىپ كلامنى ساقلاۋەرمەپتۇ، ھېچبولمىغاندىمۇ ماۋۇ يىگىت كەتكۈچە شۇنداق قىلسا بولۇپتىكەن. لېكىن، ئۇ بايا زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەچكە، كەلگەن كىشىنىڭ كلام ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەي قالدى. ئەگەر كلام شۇ بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ پەيتۇننىڭ تېشىدىن تۇرۇپ سالام قىلغان بولسىمۇ بولۇۋېرەتتى. توغرا، ئەسلىدە ئۇ بەزى ئىشلارنى ئوبدان ئويلىنىۋالغان بولسا بولۇپتىكەن. ئەمدى ئويلانغۇدەك ئىشمۇ قالمىدى، چۈنكى بولغۇلۇق بولغانىدى.

– كەينىمدىن مېڭىڭ،- دېدى يىگىت. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ھېچ بۇيرۇق قىلىۋاتقاندەك ئىپادە چىقمايتتى، چۈنكى ئۇ بۇيرۇقنى بۇنداق گەپتە ئەمەس، گەپ قىلىۋاتقاندا ئەتەي پولاڭلاتقان سۈرلۈك قول ئىشارىتىدە ئىپادىلىگەنىدى.

– مەن بۇ يەردە بىرسىنى ساقلاۋاتىمەن،- K نىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىد يىپلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى بولغاي، راست گېپىنى ئۇدۇللا ئېيتتى.

– بۇ ياققا كېلىڭ دەۋاتىمەن،- يىگىت گويا K نىڭ بىرسىنى ساقلاۋاتقانلىقىدىن بۇرۇنلا خەۋىرى بار ئادەمدەك ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلماستىن گېپىنى تەكرارلىدى.

– سىز بىلەن كېتىپ قالسام ساقلاۋاتقان ئادىمىم بىلەن كۆرۈشەلمەي قالىمەن،- دېدى K ئارىسالدى بولۇپ. بايىدىن بېرى يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ نەزەرىدە ھازىرغىچە ئېرىشكەن بىر خىل ھوسۇل ئىدى، كۆرۈنۈشتە ئۇ بۇنىڭغا ئېرىشكەندەك قىلغىنى بىلەن، بىرەر كىشىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

– بۇ يەردە ساقلىسىڭىزمۇ، كەتسىڭىزمۇ بەرىبىر، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز،- دېدى يىگىت. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن K غا ئورۇنلۇق تۇيۇلدى.

– ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىسەممۇ مۇشۇ يەردە ساقلاشقا مەن رازى،- دېدى K تەرسالىق بىلەن. ئۇ بۇ يىگىتنىڭ بىرنەچچە ئېغىز گېپى بىلەنلا بۇ يەردىن ھەرگىز كېتىپ قالمايتتى. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى كەينىگە تاشلىدى، چېھرىگە تەكەببۇرلۇق ئالامەتلىرى تېپىپ چىقتى، گويا K نىڭ گەپ يېمەيدىغان مۇنۇ بىغەرەزلىكىنى خىيالىدىن چىقىرىپ تاشلىماقچى بولغاندەك، كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ، تىلى بىلەن بوشقىنە ئېچىلغان لەۋلىرىنى يالاپ قويدى- دە، پەيتۇنكەشكە: «ئاتنى پەيتۇندىن چىقىرىۋەت» دەپ بۇيرۇق قىلدى.

يىگىتنىڭ بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈرۈشكە تۇتۇنغان پەيتۇنكەش K غا غەزەب بىلەن ئالىيىپ قويدى، ئۇچىسىدىكى خۇرۇم پەلتو بىلەن قولىشالمايۋاتقىنىغا قارىماي، باشلىقىنى بۇيرۇقىدىن يېنىپ قالارمىكىن دېگەن تامادا ئەمەس، K نى نىيىتىدىن يېنىپ قالارمىكىن دېگەن ئويدا ئېزلەڭگۈلۈك بىلەن ئاتنى چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇ ئاتنى كەينىگە داجىتىپ يان ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى، يان ئۆينىڭ كەينىدە ئات ئېغىلى بىلەن چانا قويىدىغان ئىسكىلات بار ئىدى. K ھويلىدا ئۆزى يالغۇز قالغىنىنى سەزدى؛ چانا بىر ياققا سۆرەپ كېتىلگەن، ھېلىقى يىگىتمۇ K بايا كەلگەن يول تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن ئۇلار ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك ئاستا ئىدىكى، يىگىت گويا K غا ئۇلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.[17]

بەلكىم ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشقا كۈچى يېتىدىغاندۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق ئىدى؛ چانىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىك ئۆزىنى قوغلاپ چىقارغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى. ئۇ گويا بازىنى ئۆزى يالغۇز قوغداۋاتقان ئادەمدەك ئۈندىمەستىن جىممىدە تۇرۇپ كەتتى، لېكىن بۇ غەلىبە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ھوزۇر بېغىشلىمىدى. ئۇ يىگىت بىلەن پەيتۇنكەشنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدى. يىگىت K بايا ھويلىغا كىرىشتە ئۆتكەن دەھلىزدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، كەينىگە يەنە بىر قېتىم قايرىلىپ قاراپ قويدى- دە، K نىڭ تەرسالىقى ئۈچۈن بېشىنى چايقاپ قويۇپ تېزلىك بىلەن كەينىگە بۇرۇلدى، ئاندىن زالغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. پەيتۇنكەش ھويلىدا چانا بىلەن خېلىغىچە ھەپىلەشتى، چانىنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىۋېتىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، چانا قويىدىغان ئىسكىلاتنىڭ گۇندىدەك ئېغىر دەرۋازىسىنى ئېچىپ، چانىنى جايىغا قويۇپ قويۇشى، ئاتنى يېتىلەپ ئېغىلغا ئەكىرىۋېتىشى كېرەك ئىدى. سىرىتقا چىقىپ قېلىش ئۈمىدى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن پەيتۇنكەش ئىشقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشتى؛ ئۇنىڭ ھېچ ئۈندىمەستىن ئىشتىن باش كۆتۈرمەسلىكى، K غا قاراپمۇ قويماسلىقى K غا ئۆزىنى ئەيبلەۋاتقاندەك تۇيۇلدى، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرۇقى ھېلىقى يىگىتتىنمۇ سۈرلۈك ئىدى. ئىشلىرىنى تۈگەتكەن پەيتۇنكەش ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە بېرىپ دەرۋازىنى تاقىۋېتىپ قايتىپ كىردى، ئۇنىڭ جىمى ھەرىكەتلىرى تولىمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن داۋاملاشتى، ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغۇچە كۆزلىرىنى ئۆزى ماڭغان قەدەم ئىزىدىن نېرى قىلمىدى، ھەممە ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئات ئېغىلىغا كىرىپ كەتتى. ئارقىدىن جىمى چىراغلار ئۆچۈرۈلدى، چىراغلارنىڭ ئەمدى يېنىپ تۇرۇشىنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغانىدى. پەقەت ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياغاچتىن ياسالغان دەھلىزدىكى ھېلىقى كىچىككىنە يوچۇقتىنلا چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، K نىڭ ھېلىدىن- ھېلىغا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ئاشۇ چىراغ يورۇقىدا بىر پەسكە توختاپ قالدى. K تۇرۇپلا كىشىلەر ئۆزى بىلەن جىمى ئالاقىنى بىراقلا ئۈزگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى، شۇ تاپتا ئۇ بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئەركىنلىككە چىقىپ قالغانىدى، ئەمدىلىكتە ئۇ ئادەتتە كېلىشكە ئىجازەت ئالالمايدىغان بۇ يەردە قانچىلىك ساقلىغۇسى كەلسە شۇنچىلىك ساقلىسا بولۇۋېرەتتى، ئۇ باشقىلار ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان ئەنە شۇنداق ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئىدى، ئەمدى ھېچكىم ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمايتتى، ھېچكىم ئۇنى بۇ يەردىن قوغلىۋېتەلمەيتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمايتتى؛ لېكىن، بۇنىڭدەك ئەركىنلىك، بۇنىڭدەك كۈتۈش، ھېچكىم دەخلى قىلالمايدىغان بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىياز ھەرقانداق ئىشتىنمۇ ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز ئىدى، كىشىنى تەگسىز ئۈمىدسىزلىككە تاشلايتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11325

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: