پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى(رومان): 5- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بەشىنچى باب

– ئاپا ، ئاپا ، مەن بۈگۈن بەك خوشال ! – شۇنداق دەپ پىچىرلىغاچ يۈزىنى يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ، ئوزايىدىن جۈدەڭگۈلۈك ، ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان ئاپىسىنىڭ تىزىغا قويدى . ئاپىسى ئۆيدىكى بىردىنبىر بىسات سانىلىدىغان يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا دەرىزىدىن چۈشىۋاتقان قۇياش نۇرىغا كەينىنى قىلىپ ئولتۇراتتى ، – مەن بەك خوشال ، – تەكرارلىدى قىز ، – سەنمۇ مەن ئۈچۈن خوشال بولغىن .

       ۋېيىن خانىم جۈدەڭگۈ گەۋدىسىنى ئېگىپ ، ئەرزان باھالىق خېنە قويىۋېرىپ ئاقىرىپ كەتكەن قوللىرىنى قىزىنىڭ بېشىغا قويدى ،- خوش بولمامدىغان قىزىم ، – دېدى ۋېيىن خانىم مۇلايىمىلق بىلەن ، – قىزىم سېلبىي ، سېنىڭ ئويۇن قويغىنىڭنى كۆرسەملا خوش بولىمەن . ئۇيۇن قۇيۇشتىن باشقا ئىشلارنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت ، ئىساك ئەپەندىن بېشىمىزنى سىيلاۋاتىدۇ ، بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ پۇلغا قەرىزدار ئىكەنلىكىمىزنى ئېسڭدىن چىقىرىپ قويمىغىن .

       قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئۈمچەيتتى ، – پۇل دېدىڭىزما ئاپا ؟ – ۋارقىرىدى ئۇ ، – پۇلنىڭ قولىدىن نېمە كىلەتتى ؟ مۇھەببەت پۇلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ !

– ئسساك ئەپەندىم يۈك – تاقلىرى ئۈچۈن 50 پوند تۆلىۋېتىپ بىزنى قەرز قىلىپ قويدى . بۇنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ ، قىزىم . 50 پوندى دېگەن ئاز پۇل ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسان ئەپەندىم ھالىمىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ .

– ئۇ سۈپىتىنى ساقلىمايدىغان ئادەمكەن ، ئاپا . مەن ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغاندىكى تۇرۇقىدىن تولىمۇ بىزار بولدۇم ، – قىز شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە ئالدىغا باردى .

      – ئۇ بولمىغان بولسا بىز قەيەرلەردە قېقىلدى – سوقۇلدى بۇلۇپ يۈرەر بولغىيتتۇق ، – دېدى ۋېيىن خانىم قىزىنىڭ ساددىلىقىدىن ئاغرىنىپ .

      سېلىبىي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى :

ئەمدى ئۇنىڭغا ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ ، ئاپا . بۇنىڭدىن كېيىن ، جەلىپكار شاھزادە ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ ، – ئۇ تۇيۇقسىز گېپىنى توختىتىۋالدى ، قانلىرى ئۇرغۇپ ، ئىككى مەڭزى ئەتىرگۈل رەڭگىگە كىردى ، تىنىقلىرى ئىتتىكلەپ غۇنچىدەك لەۋلىرىنى بوشقىنە مىدىرلىتىپ قويدى . ئوتلۇق بىر ھېسىيات پۈتۈن ۋۇجۇدىغا يامراپ ، چىرايلىق يوپكىسى گويا سەلكىن شامال سوققاندەك يىنىككىنە تەۋرەندى ، – مەن ئۇنى سۆيىمەن ، – دېدى ئۇ سەبىيلەرچە .

– ئەخمەق بالام ! – دېدى ۋېيىن خانىم جىلە بولۇپ . ئۇ يالغان ئۈزۈك تاقىۋالغان چوكىدەك ئىنچىكە بارماقلىرىنى ھەدەپ ئىشقىلايتتى ، ئوزايىدىن قىزىنىڭ گەپلىرىدىن ئەجەپلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .

 قىز تۇمۇچۇقنىڭ سايراشلىرىنى ئەسلىتىدىغان يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن كۈلۈپ تاشلىدى . گويا سىرلىرىم ئاشكارىلىنىپ كەتمىسۇن دېگەندەك ، مۇھەببەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان چىرايلىق بوتا كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يومۇۋالدى . ئۇ كۆزلىرىنى ئاچقان چېغىدا گويا چۈش كۆرىۋاتقاندەك بىر خىل ھېسىياتتا بولدى .

ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئەسكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئانىسى قىزىغا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەسلىكنى ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى قورققۇنچلۇق مىساللارنى كەلتۈرۈپ جېكىلىمەكتە ئىدى . بۇ نەسىھەتلەر سېلبىينىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ خىياللىرى قايناق – سۆيگۈ مۇھەببەت ئالىمىدە ئەركىن قانات قاقماقتا ئىدىن . خىيالىدا جەلىپكار شاھزادىسى بىلەن بىللە بولاتتى ، ئۇنىڭ سىيماسىنى ، مەشۇقى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى شىرىن مىنۇتلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . دەرۋەقە ، ئۇنىڭ خىيال ئالىمىدە مەشۇقى زاھىر بولۇپ ، قىزنىڭ غۇنچە لەۋلىرىگە باستى ، ئىسسىق تىنىقلار قىزنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇلدى . قىز ئوتلۇق سۆيۈشلەردىن مەسىت بولۇپ ، نازۇك لەۋلىرى كۆيۈشكەندەك بولدى .

سەمىمىي نەسىھەتلىرى كارغا كەلمىگەن ئانا تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ، يىگەىتنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ سوراپ باقماقچى بولدى . ئۇ ھەقەقەتەن پۇلدار يىگەىت بولىدىغان بولسا ، قىزىنىڭ توي ئىشىنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولاتتى . ئاپىسىنىڭ ئۆزپ – ئادەتنى شىپى كەلتۈرۈپ ئېيىتقان گەپلىرى ئۇنىڭغا ھېچ تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . قىز ئاغزى بېسىقماي سۆزلەۋاتقان ئاپىسىغا قاراپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى .

ئاپىسىنىڭ كوتۇلداشلىرىغا چىدىمىغان قىز ئاخىرى ئېغىز ئاچمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى .

– ئاپا ، بولدى قىلساڭچۇ ، – ۋارقىرىدى قىز ، – ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن . ئۇ ھەتتا مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى . ئۇ نەرىمنى ياخشى كۆرۈپ قىلدىكىن تاڭ ؟ مەنغۇ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن . .. نېمە ئىشلىكىنى ئۆزەممۇ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن … ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغىنىم ئۆزۈمگەىمۇ ئايان بولمىسا ، لېكىن ئۆزۈمنى ھەرگىز كەمسۇندۇرۇپ باقىمىدىم . مەن شۇ تاپتا ئاجايىپ مەغرۇر . ئاپا ، مەن جەلىپكار شەھزادىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ، سەنمۇ دادامنى شۇنداق ياخشى كۆرگەنمىدىڭ ؟

     سۈپىتى ناچار ئۇپا – ئەڭلىكلەرنى سۈرىۋېرىپ تاتىراڭغۇ چىراي بولۇپ قالغان ۋېيىن خانىم قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى ئەلەم بىلەن مىدىرلىتىپ قويدى . سېلبىي ئېتىلىپ كەلگەن پېتى ئاپىسىنىڭ بوينىغا گىېە سالدى – دە ، ئانىسىنى چوكۇلدىتىپ سۆيۈپ كەتتى .

– مېنى كەچۈرگەىن ، ئاپا . دادامنى تىلغا ئالساملا كۆڭلۈڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم . لىكىن ، سىنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشىڭ دادامنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىڭدىن بولغان . بولدى ، كۆڭلۈڭنى بۇزمىغىن . بۈگۈن مەن خۇددى سېنىڭ 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقتىڭغا ئوخشاشلا بەخىتىلىك . ئىلاھىم ، مەڭگۈ مۇشۇنداق بەخىتلىك بولۇشنى نىسىپ قىلار !

    – قىزىم ، سەن تېخى كىچىك . مۇھەببەتلىشىشكە بالدۇرلۇق قىلىسەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ يىگىت سېنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بېرەلمەيۋاتىسەن ئەنە . ئىش سەل چاتاقتەك تۇرىدۇ . راست دەۋاتىمەن ، قىزىم . جامۇس ئاۋىستىرالىيگە ماڭماقچى بولىۋاتىدۇ ، بېشىمدىكى سەۋدالار ئاز ئەمەس ، بۇنى چۈشەنگىن . بايامقى گەپكە كېلەيلى ، ئەگەر ئۇنىڭ پۇلى بولسا …

– ئاپا ، بولدى قىلە ، خوشلۇقۇمنى بۇزمىغىنە !

ۋېيىن خانىم يالىتتىدە بىر قارىۋېتىپ ، قىزىنى باغرىغا باستى ، ساختىلىق بىلەن توغان بۇنداق سەھنە ھەرەكەتلىرى ئارتىسىتلار ئۈچۈن ئىككىنچى ئارتۇقچىلىق بولۇپ قالاتتى . شۇ ئەسنادا ئىشىك ئېچىلىپ ، چاچلىرى پاخپايغان بىر يىگىت ئۆيگە كىرىپ كەلدى . قامەتلىك ، پۇت – قوللىرى تاشتەك چىڭ ، يۈرۈش – تۇرۇشى كالامپايراق كەلگەن بۇ بالا ئاچىسىغا ئوخشاش ئۇنداق تەربىيە كۆرمىگەن ئىدى . بىر قارىغان كىشى ئۇلارنىڭ بىر قورساق قېرىنداش ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيتتى . ۋېيىن خانىم ئوغلىغا بىر تىكىلىپ قارىۋېتىپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈپ قويدى . ئۇنىڭ قەلبىدە ئوغلى ئېلىۋاتقان رولىنى باھالايدىغان تاماشىبىن ئىدى . ئۇ بۇ ھالەتنىڭ نەقەدىر قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى .

– نېمە ! باشقىلار سېنى سۆيۈپ قويۇشنى ياقتۇرمايتىڭغۇ ، جىم ، – رارقىرىدى سېلبىي ، – قارىغىنە تۇرۇقۇڭغا ، بەئەينى قورقۇنچلۇق ئېيىققىلا ئوخشايسەن ، – ئۇ يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئىنىسىنى قۇچاقلىدى .

جامۇس تولىمۇ مۇلايىم قىياپەتتە ئاچىسىغا قاراپ تۇراتتى ، – سەن بىلەن بىللە چىقىپ ئايلىنىپ كەلگۈم كىلىۋاتىدۇ ، ئاچا . رەزىللىك قا]لىغان بۇ لوندوننى مەڭگۈ كۆرەرگە كۆزۈم يوق .

– بالام ، ئادەمنى قورقىتىدىغان ئۇنداق گەپلەرنى ئاز قىل ، – دېدى ۋېيىن خانىم ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدا . ئۇ شۇنداق دېگەچ ناھايىتى قوپال تىكىلگەن بىر سەھنە كىيمىنى قولىغا ئېلىپ ياماشقا تۇتۇندى . ئوغلىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئويۇن قويۇشقا ئۇنىماسلىقىدىن ئۇ سەل ئۈمىدسىزلىنپ قالغان ئىدى ، بۇ مەيدان ئويۇن تېخىمۇ قىزىغان بولار ئىدى .

       – نېمىشقا ئۇنداق دېمىگۈدەكمەن ، ئاپا . بۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەر .

       – دەرتلەر ئاز كەلگەندەك ، ئەمدى سەنمۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماقچىمۇ ، ئوغلۇم ؟ ئاۋىستىرالىيدىن قايتىپ كېلىدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن ، ئۇ چاغدا سەنمۇ بايۋەتچىلەردىن بولۇپ قالىسەن . مېنىڭچە ، مۇستەلىكە رايۇنلىرىدا يۇقىرى تەبىقە بولمايدۇ ، يۇقىرى تەبىقىگە تەۋە نەرسىلەرمۇ بولمايدۇ . شۇڭا قولۇڭ پۇل كۆرۈپ بېيىغان ھامان لوندۇنغا قايتىپ كەل ، ئىگىلىكنى لوندۇندا تىكلە .

       – يۇقىرى تەبەقە دېدىڭىزما ! – دېدى جىم قىزىقسىنغان ھالدا ، – يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھېچقانداق ئىشىدىن خەۋەردار بولغۇم يوق . ئولتۇرسام – قوپسام كۆپرەك پۇل تېپىپ ، ئىككىڭلارنى ئويۇن قويۇپ خەقنى خوش قىلىشتىن ئازاد قىلىشنىلا ئويلايمەن . قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭلاردىن مەن تولىمۇ بىزار .

       – جىم ! – سېلبىي ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى ، – ئاغزىڭدىن ياخشى گەپ چىقمايدۇ سېنىڭ ! مەن بىلەن بىللە بەكمۇ ئايلانغۇڭ بارمىتىتى ؟ ياخشى گەپ بولدى . مەن تېخى سېنى ساڭا ئەسكى غاڭزا سوۋغا قىلغان ھېلىقى تام خاررى ياكى ھە دېسىلا سېنىڭ غاڭزا بىلەن تاماكا چەككەن ھالىتىڭنى قىلىدىغان نېدلاڭتون بىلەن خوشلاشقىلى بارامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ يۈرۈپتىمەن . ئاخىرقى يېرىم كۈن ۋاقتىڭنى ماڭا ئاجراتتىڭ ، سەن بەك ياخشى جۇمۇ . نەگە باساق بولار ؟ باغچىغا بارايلى بولمىسا .

      – مۇشۇ لابدۇر كىيىملىرىم بىلەن بارامدىم ، – دېدى جامۇس قاشلىرىنى ھېمىرىپ قويۇپ ، – باغچا دېگەنگە ئېسىل كىيىنىپ بارىدۇ .

       – قۇرۇق گەپنى ئاز قىل ، جىم ، – دېدى ئۇ ئىنىسىنىڭ كۆينىكىنىڭ يېڭىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا .

       ئۇ بىردەم ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ كېتىپ دېدى :

– ئەمسە بوپتۇ كىيىمىڭنى تېز كتكەپ چىق .

       ئۇ خوشاللىقىدىن سەكرەپ – تاقلىغىنىچە ئۆيدىن چىقتى – دە ، ناخشا ئېيىتقىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى . ھايال ئۆتمەي ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى .

       جامۇس ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياندىن – بۇيانغا نەچچە رەت مېڭىۋىتىپ ، ئورۇندۇقتا جىممىدە ئولتۇرغان ئاپىسىغا بۇرۇلۇپ سورىدى ، – ئاپا ، يۈك – تاقلىرىم تەييار بولدىمۇ ؟

– تەييار بولدى ، جامۇس ، – جاۋاب بەردى ئاپىدى كۆزىنى يىڭنە ئىشىدىن ئۈزمەي . يېقىندىن بۇيان بۇ توڭ مىجەز ئوغلى بىلەن يالغۇز قالسىلا ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى . كۆزى ئوغلىنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچىرشىپ قالسلا شۇ ھامان ۋۇجۇدىنى ئەنسىزلىك قاپلايتتى ، چۈنكى چۈنكى ئۇ تۇتۇرۇقسىز ھىيلە – مىكىرسى تولا ئايال ئىدى . ئىلگىرى ئوغلىنى بىرەر ئىشنى سېزىپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ يۈردى . ئەمدىلىكتە بولسا ئوغلىدىن ھېچ زۇۋان چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇ بۇنداق گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋېرشتىن زېرىكتى بولغاي ، يەنە كوتۇلداشقا باشلىدى .قارشى تەرەپنىڭ جىمىپ قالغىنىنى سەزگەن ھامان ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئاياللارنىڭ بىر خاراكتىرى ئىدى ، – سېنى دېڭىز تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالسىكەن دەيمەن . جامۇس ، – دېدى ئۇ ، – ئېسىڭدىن چىقارما ، بۇنى ئۆزۈڭ قارار قىلدىڭ جۇمۇ . ئەسلىدىغۇ بىرەر ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا كىرسەڭ بپلاتتى . ئادۋۇكاتلارنى ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدۇ ، ئۇلار يېزىلارغا بارسا ، بايۋەتچىلەر ئۆيلىرىگە چاقىرىپ ئېسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىلىدۇ .

       – مەن ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا ئۆچ ، يۈگۈر – يىتىم ئىشلىرىنى قىلىشقا تېخىمۇ ئۆچ ، – دېدى جامۇس ، – توغرا دېدىڭ ، مەن ئۆز ھاياتىم ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بولدۇم . ئاچامغا ياخشى قارىساڭ ، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلا ، ساڭا باشقا گېپىم يوق . ئۇنىڭغا ياخشى قارا جۇمۇ !

      – جامۇس ، نېمە دېگىنىڭ ئۇ . مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ياخشى قارايمەن .

      – ئاڭلىسام ،  بىر ئېسىلزادە كىشى ھەر كۈنى كەچتە تىياتىرخانىغا كېلىپ ، سەھنىنىڭ ئارقىسىدا ئاچام بىلەن گەپلىشىدىكەن . راسىت مۇشۇنداق ئىش بارمۇ ؟ بۇ زادى قانداق ئىش ؟

      – بۇ ئىشلارنى سەن چۈشەنمەيسەن ، جامۇس . بىزگە ئوخشاش بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقانلار بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن ، بىز ئەنە شۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلىمىز . بىر چاغلاردا قويغان ئۇيۇنۇم تاماشىبىنلارغا بەك ياراپ كېتىپ قالسا ، دەستە – دەستە گۈللەر ئالدىمغا دۆۋىلنىپ كېتىدىغان . ئاچاڭ بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتامدىكىن – تاڭ ، ھېچ ئۇقمىدىم . لېكىن ، ئۇ يىگىت ئوندانلا تەربىيە كۆرگەندەك قىلىدۇ ، مىنى كۆرسە زادى قىلغىلى قىلىق تاپالماي كىتىدۇ . قارىسام ، پۇلى جىقتەك قىلىدۇ ، سوۋغا قىلغان گۈللىرىمۇ بىر – بىرىدىن چىرايلىق .

      – تېخى ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر ئەمەسمۇ ، – دېدى جامۇس كەسكىن تەلەپپۇزدا .

      – شۇنداق ، – دېدى ئاپىسى پەرۋاسىز قىياپەتتە ، – ئۇ ھەقىقىي ئىسمىنى تېخى دېمەپتۇ . ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان تازىمۇ رومانتىك يىگەىت ئوخشايدۇ ئۇ .

      جامۇس لەۋلىرىنى چىشلەپ قويدى .

– ئاچامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال ، ئاپا ، – دېدى ئۇ تەرسالىق بىلەن ، – ئۇنى مەيلىگە قويىۋەتمەي ئوبدان باشقۇر .

     – ئوبدان بالام ، ئۇنداق دېسەڭ ، كۆڭلۈم يېرىم بولىدىكەن . ھېلىمۇ ئۇنى چىڭ تۇتىۋاتىمەن . ئەمما ئۇ يىگەىتنىڭ پۇلى جىق بولسا ، سېلبىي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ . مەن ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىكىدىن گۇمانلانمايمەن . شۇنداق بولۇپ قالسا ، سېلبىينىڭ تازا تەلىيى چىققان بولىدۇ ، ئىككىسى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك تازا ماسلىشىدۇ . ئۇ بەك قاملاشقان يىگىتكەن ، ھەممىلا كىشىنىڭ كۆزى شۇنىڭدا .

      جامۇس ئۆز – ئۆزىگە نېمىدۇر بىر نىمىلەرنى غۇدۇڭشىغاچ ، قوپال بارماقلىرى بىلەن دېرىزە ئەينەكلىرىنى چېكىپ تۇراتتى . ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئەمدى گەپ قىلاي دېيىشىگە ئىشىك ئېچىلىپ سېلبىي يۈگۈرگەن پېتى كىرىپ كەلدى .

– نېمانداق ئۇرۇشۇپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ كەتكەندەك ئلتۇرۇپ كەتتىڭلار ، – دېدى ئۇ ، – نېمە بولدى سىلەرگە ؟

– ھېچنىمە بولمىدى ، – دېدى جامۇس ، – ئويلاپ باقسام ، گاھىدا كىشىلەرنىڭ كەسكىن بولماي ئامالى يوقكەن . خەي – خوش ، ئاپا . كەچلىك تاماقنى سائەت بەش يېرىمدا كېلىپ يەيمەن . كۆكينىكىمدىن باشقا نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى قاچىلاپ بولدۇم ، ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسەڭمۇ بولىدۇ .

– خەير – خوش ، بالام ، – ۋېيىن خانىم جىددىيلەشكەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى .

ئوغلىنىڭ بايا گەپ قىلغاندىكە تەلەپپۇزىدىن ۋېيىن خانىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ، ھەر قارىغاندىكى مەنىلىك كۆزلىرىدىن ساراسىمىگە چۈشكەنىدى .

– مېنى سۆيۈپ قويغىن ئاپا ، – سېلبىي شۇنداق دېگەچ گىلاستەك لەۋلىرىنى ئاپىسىنىڭ قورۇلۇپ كەتكە مەڭزىلىرىگە ياقتى ، بۇنىڭدىن ئانىسىنىڭ چىرايىدىكى ئەندىشە تۇمانلىرى ئازراق بولسمۇ تەسەللىيگە ئېرىشتى .

– ۋاي ئوبدان بالام ! – ۋارقىرىدى ئانا . ئۇ تەسەۋۇرىدا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئورۇندىكى تاماشىبىنلارنى ئىزدىمەكچى بولغاندەك ، نەزەرىنى تورۇسقا ئاغدۇردى .

– ماڭايلى ، ئاچا ، – دېدى جامۇس بىتاقەت بولۇپ . ئاپىسىنىڭ ياغلىما گەپلىرى ئۇنى بىزار قىلىپ قويغانىدى .

ئاچا – ئىنى ئىككىيلەن ئىشىكتىن چىقتى . سەلكىن شامالدا ئاسماندا ئۈزۈپ يۈرگەن توپ – توپ بۇلۇتلار قۇياش يۈزىنى پات – پات توسۇۋالاتتى . ئۇلار سالقىن شامال سوقۇپ تۇرغان ئىيوستون كوچىسىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى . ئۆتكەن – ۆەچكەنلەرنىڭ چىرايىنى غەم تۇمانلىرى قاپلىغان ، كىيىۋالغان ئەرزان باھالىق كىيىملىرى زادىلا ياراشمىغان بۇ يىگەىتنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى تولىمۇ نازاكەتلىك ، كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە چىرايلىق بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيرالىق بىلەن قاراپ قويۇشاتتى . قولتۇقلىشىپ كېتىشىۋاتقان ئىككىيلەننىڭ ھالىتى شۇ تاپتا كىشىگە تېزەككە سانقىلغان گۈلنى ئەسلىتەتتى .

ئۆتكەن – كەچكەنلەرنىڭ قىزىقسىنىپ قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ قۇشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كېتەتتى . ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قارىشىنى ياقتۇرمايتتى . سېلبىي بولسا ئەتراپتىكىلەتنىڭ ئۆزىگە ھەۋەسلىنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى ھېچ ھېس قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، چېھرىدىن قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلاردا بولىدىغان بىر خىل كۈلۈمسىرەش بالقىپ تۇراتتى . ئۇ شۇ تاپتا دورىيان گرېينى خىيال قىلىۋاتاتتى . ئاشۇ خىياللىرىنىڭ ئۇزۇنراق داۋام قىلىشى ئۈچۈن دورىياننى زادىلا تىلغا ئالمىدى . پەقەت ئىنىسىنىڭ يىراق دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغانلىقى ، ئۇنىڭ ئالتۇن كاننى چۇقۇم تاپا لايدىغانلىقى ، ئورمان قاراقچىسىنىڭ قولىدىن بىر گۈزەل مىراسخور ئايالنى قۇتۇلدۇرۋالغانلىقى ھەققىدە بىر تالاي گەپ؛ەرنى قىلدى . جامىس مەڭگۈ غەۋۋاس بولۇشنى  ياكى مال توشۇغۇچى بولۇشتەك ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايتتى . ھەي ، ھەرگىز ئۇنداق قىلماسلىق كېرەك ! ەۋۋاس بولۇش نېمىدىگەن قورققۇنچلۇق ئىش – ھە ! ئويلاپ بېقىڭ ! شاۋقۇنلاشلىرى ، قۇترىغان دەھشەتلىك بوران – چاپقۇننىڭ پاراخوت مومىلىرىنى سۇندۇرۇپ ، يەلكەنلەرنى يىرتىپ پارچە – پارچە قېلىۋىتىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش نەقەدەر قورقۇنچلۇق – ھە ! لېكىن ، مىلبورۇنغا يېتىپ بارغان ھامان ئۇ ئۆزىنى قىزغاققا ئاتىدۇ ، كاپىتان بىلەن خوشلىشىۋېلىپلا ، ئالتۇن چىقىدىغان جايغا قاراپ يوغا چىقىدۇ . بىر ھەپتىگە قالمايلا يوغان بىر كاللەك ئالتۇنغا ئېرىشىدۇ . ئاندىن ئالتە ئاتلىق قوغدىغۇچىنىڭ ھەمرالىقىدا ئالتۇننى يۈك ماشىنىسىغا بېسىپ دېڭىز بويىغا ئاپىرىدۇ . بۈك – باراقسان ئورمانلىقتىن ئۆتكىچە ئۈچ قېتىم قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرايدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ ، قاراقچىلارنى بىر – بىرلەپ ھالاك قىلىدۇ . ياق ، ياق ، ئۇنىڭ يەنىلا ئالتۇن كولىغىلى بارمىغىنى تۈزۈك . ئالتۇن چىقىدىغان جاي ئارزۇلاپ بارىدىغان يەر ئەمەس . ئۇ يەردە كىشىلەر بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ ، كەيىپچىلىكتە بىر – بىرسىنى قىرغىن قىلىشىدۇ ، بىر – بىرىنى ئەپسانە گەپ بىلەن تىللىشىدۇ . ياق ، ئۇ پادىچى بولسا بولغۇدەك . بىر كۈنى كەچ ، زاۋال چۈشكەن مەھەل بىلەن ئۇ ئۆيىگە كېتىۋاتقان بولىدۇ ، توساتتىن قارا ئات مىنىۋالغان بىر قاراقچىنىڭ نۇرغۇن بايلىق مىرس قالغان چىرايلىق بىر ئايالنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، دەرھال كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ ئايالنى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن ، ئۇلار بىر – بىرىنى ياخشۇ كۆرۈپ قېلىشىدۇ ، كېيىن توي قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىدۇ ۋە لوندوندىكى بىر كاتتا داچىدا ياشايدۇ . شۇنداق ، نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ، لېكىن ئۇ ياخشى ئىشلىمىسە بولمايدۇ ، ھە دېسىلا تېرىكىشكە ، پۇلنى قالايمىقان بۇزۇپ – چېچىشقا بولمايدۇ . سېلبىي ئىنىسىدىن ئازان بىر ياشلا چوڭ بولسىمۇ ، لىكىن بىلىدىغانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندا خېلىلا جىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئۇ بارغاندىن كېيىن ھەر قېتىملىق پوچتا پاراخوتىدىن ئاچىسىغا خەت ئەۋەتىپ تۇرۇشى ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىشى كېرەك . شەپقەتلىك تەڭرى ئۇنى ئۆز پانايىدا ساقلايدۇ . ئۇمۇ ئىنىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇ نەچچە يلغا قالمايلا قايتىپ كىلىدۇ ، باياشات ، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .

جامۇس ئاچىسىنىڭ گەپلىرىنى قاپاقلىرىنى تۈرۈپ جىممىدە ئاڭلىدى ، ئەمما ئىنكاس قيتۇرمىدى . ئۆيگە ئاز قالغاندا ، ئۇ تۇرۇپلا غەمكىن بولۇپ قالدى .

ئەمما بۇ ئۇنىڭ غەمكىن بولۇپ قېلىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس ئىدى . ئۇ جىق ئىشلارنى چۈشەنمىسىمۇ ، لېكىن ئاچىسىنىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى . ئۇنىڭ نەزەرىدە ئاچىسىنى قوغلىشىۋاتقان ھېلىقى ئېسىلزادە يىگىتتىن ئاچىسىغا ياخشىلىق كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى . دورىيان يۇقىرى تەبىقىدىن كىلىپ چىققنى ئۈچۈن جامۇس ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە بڭلغان بىر خىل ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى يىلتىز تارتىپ كەتكەنىدى ، ئۇنىڭدىكى بۇ تۇيغۇ بارغانسىرى كۈچىيىپ ئۇنى ھېچ ئارامىدا قويمايتتى . ئۇ ئاپىسىنىڭ خاراكتىرىدىكى شاللاقلىق ، شۆھرەتپەرەسلىكنى ۋە بۇ شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئاچىسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى . پەرزەنت دېگەن كىچىكىدە ئاتا – ئانىسىغا بەكلا ئامراق بولىدۇ ، چوڭ بولۇپ قانات – قۇيرۇقى يېتىلگەندە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىدىغان ، ھەتتا ئۇلارنى تەنقىدلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ ، گاھىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆچۈرۋېتىپمۇ قالىدۇ .

ھەي مۇشۇ ئاپامنىزە ! ئۇ نەچچە ئايدىن بېرى ئاپىسىدىن بىر ئىشنى سوراش – سورىماسلىق توغرىسىدا دىلىغول بولۇپ يۈرەتتى . بىر كۈنى كەچتە ئۇ سەھنىنىڭ كەينىدىكى كىرىش ئېغىزىدا تۇرغاندا ، تىياتىرخانىدا بىرسىنىڭ مەسخىرە تەلەپپۇزىدا دېگەن گېپى قۇلىقىغا كىرىپ قالدى ، بۇ گەپ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن زەنجىرسىمان قورقۇنچلۇق خىياللار پەيدا بولدى . شۇ گەپ تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىۋىدى ، گويا يۈزىگە ئۇشتۇمتۇت قامچا تەگەكەندەك ، قۇشۇمىلىرى ئىختىيارسىز تۈرۈلۈپ كەتتى . كۆڭلى يېرىم بولۇپ ، ئاستىقى كالپۇكىنى چىڭڭىدە چىشلىدى .

– بايا دىگەنلىرىمنىڭ بىرسىمۇ قۇلىقىڭغا كىرمىدىغۇ سېنىڭ ، – دېدى سېلبىي تېرىكىپ ، – كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن بىر چىرايلىق پىلانلارنى تۈزۈپ بېرىۋاتسام ، گەپ قىلماي تۇرغىنىنى بۇنىڭ !

     – سەن مېنى نېمە دېگۈزمەكچى ؟

     – ياخشى ئىشلەيمەن ، سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمەن دېمەمسەن ، – دېدى سېلبىي ئىنىسىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ .

     جامۇس مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى .

– سەنلا مېنى ئۇنتۇپ قالمىساڭ ، مەن سېنى ھەرگىزمۇ ئۇنتىمايمەن ، سېلبىي .

– بۇ نېمە دېگىنىڭ ، جىم ؟ سېلبىي ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى .

– ئاڭلىسام ، يېقىندا دوسىت تۇتۇۋاپسەن ، كىم ئۇ ؟ ماڭا نېمىشقا دېمەيسىەن ؟ ئۇنىڭدىن ساڭا ياخشىلىق يەتمەيدۇ .

– ئاغزىڭنى يۇم ، جىم ! – ئەنسىز ۋارقىرىدى سېلبىي ، – ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇچى بولما . مەن ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىمەن .

– لېكىن ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنىۇ ئېيتىپ بېرەلمەيۋاتىساڭ ، – دېدى جامۇس ، – مېنىڭ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىش ھوقۇقۇم بار .

– ئۇنىڭ ئىسمى جەلىپكار شاھزادە . بۇ ئىسىم ساڭا ياقمىدىنا ؟ ھۇ دۆت . بۇ ئىسىمنى ئەمدى ئېسىڭدە چىڭ تۇت . ئۇنى بىر كۆرسەڭ ئىدىڭ ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتىڭ . سەن ئاۋىستالىيدىن قايتىپ كەلگەندە ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرەي . ئۇنى جەزمەن ياقتۇرۇپ قالىسەن . ئۇنىڭغا ھەممىلا ئادەم ئامراق . لېكىن ، مەن ئۇنى … سۆيىمەن . بۈگۈن  مەن جۇلىتانىڭ رولىنى ئالىمەن . كەچتە تىياتىرخانىغا كېلەلىگەن بولساڭ ، ئۇنى كۆرەلەيتىڭ . جۇلىتتانىڭ رولىنى قانداق ئالسام بولار ، جىم ؟ مەن جۇلىتتانىڭ قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان كۆرۈنىشىنى ئالىمەن ، ئۇ تاماشىبىنلار قاتارىدا ئولتۇرۇپ ئۇيۇنۇمنى كۆرىدۇ ! رولنى ياخشى ئېلىپ ئۇنى خوش قىلىمەن ! ئەمما تاماشىبىنلارنى قورقۇتۇپ قاچۇرۋېتەرمەنمۇ ، دەيدىغان ئەنسىرەشمۇ يوق ئەمەس . ئادەم مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن چاغدا زەدىلا ئەتكىن بولالمايدىكەن . بىچارە ، ئەمما يىرگىنچلىك ئسساك ئەپەندىم يەنە قاۋاقخانىدىكى بىكار تەلەپلەرگە « قالتىس ، قالتىس ›› ۋارقىرايدۇ . ئۇ مەندىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ . مېنى بۈەۈن ئاخشاممۇ ‹‹ بەك تالانتلىق ›› دەپ ماختاپ – ئۇچۇرىدۇ . بۇلار كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ جەلىپكار شاھزادەم ، كېلىشكەن مەشۇقۇم ، ئېسىل سۈپۈت مەبۇدەم ئۈچۈن . لېكىن ، مەن بەكلا نامرات . نامرات بولسام نېمە بوپتۇ ؟ كونىلاردا : « نامرات ئۆيگە كىرسە ، سۆيگۈ – مۇھەببەت دەرىزىدىن چىقىپ كېتەر » دەيدىغان ماقال بار . ئەسلىدە ئۇنى : « نامرات ئۆيگە كىرسە ، سۆيگۈ – مۇھەببەت دەرىزىدىن ئۇچۇپ كىرەر » دېسەك توغرا بولىدۇ . قارىغاندا ، بۇ ماقال قىشتا ئېيتىلغان ئوخشايدۇ . لېكىن ھازىر قىش ئەمەس ، گۈۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان باھار پەسلى – دە !

– ئۇ يۇقىرى تەبىقىدىن چىققان ئادەم تۇرسا ، – دېدى جامۇس زەردە بىلەن .

– ئۇ بىر شاھزادە ، – دېدى سېلېىي يېقىملىق ئاۋازدا ، – سىنىڭ يەنە نېمىلەرنى بىلگۈڭ كېلىۋاتىدۇ ؟

– ئۇ سېنى كونتىرول قىلىۋالماقچىدەك تۇرىدۇ .

– ئەركىنلىك دېگەن گەپنى تىلغا ئالساملا بەدىنىمگە تىېرەك ئولىشىدۇ مېنىڭ .

– مەن سېنى ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلە دېمەكچى .

– ئۇنى بىر كۆرگەن ئادەم ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ ، مەن ئۇنى چۈشىنىمەن ، ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ .

– سېلېي ، سەن ئۇنىڭ دەستىدە سەۋدايى بوپسەن .

ئۇ قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئىنىسىنىڭ قوتۇقىدىن قولتۇقلىۋالدى :

– ۋاي جېنىم ئۇكام ، بەزىدە بوۋايلاردەك گەپ قىلىپ قويىسەن . بىر كۈنلەردە سەنمۇ مۇھەببەتلىشىسەن ، شۇ چاغدا ئاندىن مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى چۈشىنىپ قالىسەن . چىرايىڭنى ئۇنداق پۈرۈشتۈرمە . سەن بىزدىن ئايرىلىپ يىراقلارغا كەتمەكچى بولۇۋاتىسەن ، لېكىن ، ھېچقاچان ھازىرقىدەك خوشال بولۇپ باقمىغان . ئەجىبا مەن ئۈچۈن خوشال بولغۇڭ يوقمۇ ؟ دېمىسىمۇ ، ئىككىمىز غورىگۈل تۇرمۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تېتىدۇق ، جەبرى – جاپالارنى تارتتۇق . لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ . سەن يېڭىچە بىر دۇنياغا مېڭىش ئالدىدا تۇرىسەن . مەن بولسان يېڭىچە دۇنياغا ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغانمەن . ئاۋۇ يەردە ئىككى ئورۇندۇق بوشكەن ، بىردەم ئولتۇرغاچ ئۆتكەن – كەچكەنلەرنىڭ مودا كىينىشلىرىدىن ھوزۇرلانمامدۇق !

ئۇلار قاتارى ئوتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بوش قالغان ئىككى ئورۇنغا قىسىلىشتى . يولنىڭ قارشى تەرىپىگە تىزىپ قويۇلغان تەشتەكلەتدىكى قىپقىزىل ئېچىلىپ كەتكەن كۈركۈم گۈللىرى يىنىك تەۋرىنىپ مەشئەلدەك جۇلالىناتتى . يولدا كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ قۇياش نۇرىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن تۇتۇۋېلىشقان رەڭگارەڭ كۈنلۈكلىرىنىڭ ئىگىز – پەس پۇلاڭلاشلىرى كىشىگە غايەت زور كىپىنەكلەرنى ئەسلىتەتتى .

ئۇ ئىنىسىنى ئارزۇ – ئارمانلىرى ، كەلەۈسى ئىستىقبالى ، پىلانى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە ئۈندىدى . ئىنىسى تولىمۇ ئىزلەڭگۈلۈك بىلەن زورىغا بىر نەرسىلەرنى دېدى . ئۇلار تاغدىن – باغدىن خېلىغىچە پاراڭلاشتى . سېلېي شۇنچە قىلىپمۇ ھېچ ئەركىن بولالمايۋاتاتتى . شۇ تاپتا قەلبىگە پاتمايۋاتقان خوشاللىقلىرىنى ئىنىسىگە قانداق چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى ، ئىنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنىسى چىرايىغا بىلىنەر – بىلىنمەس كۈلكە يۈگۈرتۈپ قۇيۇپلا جىم بولۇۋالاتتى ، چىش يېرىپ زىنھار بىر نىمە دېمەيتتى . سۆزلەۋېرىپ ھاغىنلىق يەتكەن سېلىېي جىم بولۇپ قالدى . توساتتىن ئۇنىڭ زوق – شوق بىلەن سۆزلەپ كېلىۋاتقان سېرىق چاچلىق بىرسىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى ، دورىيان گرېي ئىككى خېنىم بىلەن  ئۈستى ئوچۇق بىر پەيتۇندا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى .

ئۇ ئورنىدىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كېتىپ ۋارقىرىدى :

–        ئەنە ئاشۇ شۇ !

–        كىمنى دەۋاتىسەن ؟ – سورىدى جامۇس .

جەلىپكار شاھزادىنى دەۋاتىمەن ، – دېدى ئۇ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پەيتۇندىن كۆزىنى ئۈزمەي .

جامۇس سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى – دە ، كاپپىدە ئاچىسىنىڭ بىلىكىدىن تۇتتى .

– قېنى ، قېنى ؟ قايسىسى شۇ ئ مەن بىر كۆرۈپ باقاي ، – ۋارقىرىدى جامۇس . دەل شۇ پەيىتتە گراف بېرۋىكنىڭ قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان تۆت پەيتۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى . پەيتۇنلار ئۆتۈپ بولغاندا ، گرېي ئولتۇرغان پەيتۇن باغچىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغانىدى .

      – كېتىپ قالدى ، – ك كڭلى تولىمۇ يېرىم بولغان سېلېي ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلىدى ، – ئېسىت ، ئۇنى كۆرەلمەي قالدىڭ – دە !

      – مېنىڭمۇ ئۇنى بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى . تەڭرىنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى ، ئەگەر ئۇ ساڭا يۈ كىلەلمەيدقغان ئىش قىلىپ قويىدىغان بولسا ، ئۇنىڭ قارنىنى چوۋۇۋېتىمەن .

     سېلېي ئەنسىزلىك ئىلكىدە لاپپدە ئىنىسىغا قارىدى ، ئىنىس ئۇ گەپلەرنى دانىمۇ – دانە قىلىپ زەردە بىلەن يەنە بىر قېتىم  تەكرارلىدى . ئەتراپىدىكىلەر ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپلا قېلىشتى ، سېلېينىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئايال خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى .

– ئورنۇڭدىن تۇرە ، ئۆيگە قايتايلى ، جىم ،- پىچىرلىدى سېلىېي . جامۇس ئېزلەڭگۈلۈك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچىسىغا ئەگەشتى ۋە ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئۆتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ دېەەن گەپلىرىدىن كۆڭلى يايارپ كېتىۋاتاتتى .

     ئاچىللېسنىڭ  ھەيكىلى ئالدىغا كەلگەندە ، سېلېي كەينىگە ئۆرۈلدى ، چېھرىدىكى بىچارىلىك كۈلكىگە ئالمىشىپ ئىنىسىگە قاراپ بېشىنى چايقاپ قويدى ، – سەن بەك ئەخمەقكەنسەن ، جىم ، ئۇچىغا چىققان ئەخمەقكەنسەن . مىجەزىڭ ئاندىن ئوسالكەن . ساڭا دەيدىغان ئارتۇق گېپىم يوق . نېمە دېگىنىڭ ئۇ ؟ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى ئۆزۈڭمۇ بىلمەيسەن ھە قاچان . ئۇ گەپلەرنى مېنى كۆرەلمەي دېدىڭغۇ دەيمەن . ھەي ، سەنمۇ مۇھەببەتلەشكەندە بىلىپ قالىسەن . مۇھەببەت كىشى قەلبىنى پاكلايدۇ ، لېكىن ، بايا سەن ناھايىتى زەھەرخەندە گەپتىن بىرنى قىلدىڭ .

– مەنمۇ 16 ياشقا كىرىپ قالدىم ،ئاچا ، – دېدى جامۇس ، – نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمەن . ئاپام ساڭا يار – يۆلەك بولالمايدۇ ، ھالىڭدىن قانداق خەۋەر ئېلىشنىمۇ بىلمەيدۇ . تازا يامان ۋاقتىدا ماڭىدىغان بوپ قالدىم . بارمايمىكىن دېسەم تېخى . پاسپورتۇمغا ۋېزا ئالمىغان بولسامغۇ ، بارمايلا قويغان بولاتتىم .

     – ئوھوي ، ئۆزۈڭچە كۆيۈمچان بوپ كەتكەن يەرلىرىڭما – بۇ ، جىم . شۇ تاپتا سەن ئاپام ئىلگىرى رولىنى ئېلشنى ياخشى كۆرىدىغان بىمەنە تىياتىردىكى ھېلىقى باش پېرسۇناژلارغا ئوخشاپ قېلىۋاېىسەن . سەن بىلەن تالاشقۇم يوق . مەن ئۇنى كۆردۈم ، ئۇنى كۆرۈپ چەكسىز بەخىتكە چۆمۈلدۈم . بولدى ، ئۇرۇشمايلى . ئىشىنىمەن ، سەن مەن يۈرىكىمدىن سۆيگەن كىشىگە ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلمايسەن . قانداق دېدىم ؟

     – سەن ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساڭ ئۇنداق بولمايدۇ ، – دېدى ئىنىسى پەرىشانلىق بىلەن .

     – مەن ئۇنى مەڭگۈ ياخشۇ كۆرىمەن ، – ۋارقىرىدى سېلېي .

     – ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ ؟

     – شۇنداق بولغاي ئىلاھىم .

     بۇ گەپتىن چۆچۈگەن سېلېي كەينىگە داجىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدى . ئۇ يەنىلا بالىلىق قىلىۋاتاتتى .

ئۇلار مەرمەر تاشتىن قۇپۇرۇلغان ئەگمە ئىشىككە كەلگەندە كىرا پەيتۇنىدىن بىرنى توستى ۋە ئىۋۇستۇن كوچىسىغا جايلاشقان ئاددىغىنا ئۆيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە چۈشۈپ قالدى . بۇ چاغدا سائەت بەشتىن ئاشقان ، سېلېينىڭ سەھنىگە چىقىشىغا يەنە ئىككى سائەت قالغانىدى . ئۇ مۇشۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئارام ئالىۋالمىسا بولايتتى . جامۇس ئاچىسىنى يېتىۋالغىن دەپ چىڭ تۇردىۋالدى .ئۇ ئاچىسى بىلەن ئەپىسى يوق چاغدا خوشلىشىۋالماقچى ئىدى . بولمىسا ئاپىسى ئالا – توپىلاڭ قىلىپ ھەممە ئىشنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتەتتى ، ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ مىجەزىدىن تولىمۇ بىزار ئىدى .

ئۇلار سېلېينىڭ ھوجرىسىدا خوشلاشتى ، قەلبىنى ھەسەت ئوتى قاپلىغان جامۇس دورىيانغا كۆرمەي تۇرۇپلا چىش – تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ قالدى ، شۇ تاپتا ئۇ دورىياننى ئاچىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالغاندەك ھېسىياتقا كىلىپ قالدى . لېكىن ئاچىسى ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ، چاچلىرىنى سېلىغاندا ، كۆڭلى شۇررىدە ئېرىپ كەتتى – دە ، ئاچىسىنى چۇڭقۇر مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويدى . ئاچىسىنىڭ ھوجرىسىدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ ، ككز چاناقلىرى ئىسسق ياشقا تولدى .

ئاپىسى پەستىكى ئۆيدە ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى . ئۇ مېھمانخانا ئۆيگە كىرىشىگە ، ئاپىسى ئۇنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلمىغانلىقىغا قاقشاپ كەتتى . ئۇ ئۈنچىقارماستىن كىلىپ غورىگۈل راسلانغان داستىخانغا ئولتۇردە – دە ، تامىقىنى يىيىشكە تۇتۇندى . بىر توپ بىزەڭ چىۋىن بىردە تاناق ئۈستىلىنى چرىدەپ غوڭۇلداپ ئۇچسا ، بىردە قاسماقلىشىپ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن داستىخان ئۈستىدە ئۇيان – بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى . سىرىتتىن تاجىراقشىپ مېڭىشىۋاتقان پەيتۇنلار بىلەن كىرا ماشىنىلىرىنىڭ قۇلاقنى ياتغۇدەك سېگناللىرى ئۆيگە ھېلىدىن ھېلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . ئۇ چىۋىنلەرنىڭ غوڭۇلداشلىرىغا قۇلاق سالغاچ ، يوغا چىقىشقا قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى مىنۇت – سىكۇنىتلاپ ھىسابلىماقتا .ىدى .

بىر ھازادىن كېيىن ئۇ لىگەننى نېرىغا سۈرىۋېتىپ ، قوللىرى بىلەن بېشىنى چاڭگاللىدى . ئۇ ؟زىنى ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقوقۇم بار دەپ ئويلايتتى . ناۋادا ئىشلار ئۇنىڭ گۇمان ئىلغىنىدەك بولسا ، دورىيانغا ئېنىق ئېيتىپ قويمىسا بولمايتتى . ئاپىسى ئۇنىڭغا ۋەھىمە ئىلكىدە بىر قارىۋېتىپ ، ئاغزى بېسىقماي ۋالاقلاشقا باشلىدى . ئۇ ەەپ قىلغاچ ، چۆرىسىگە گۈل تۇتۇلغان يىرتىق قولياغلىقنى ھەدەپ قولىغا يۆگەيتتى . سائەت ئالتىگە داڭ ئۇردى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىشىك تەرەپكە ققاراپ ماڭدى . تۇيۇقسىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ ، ئاپىسىغا قارىدى ، ئىككىسى بىر – بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى . ئاپىسىنىڭ كۆزىدىن يېلىنىۋاتقاندەك بىر ئالامەتنى كۆرگەن جامۇسنىڭ شۇ سامان سەپرايى ئۆرلىدى .

– ئاپا ، سەندىن سورايدىغان بىر ئىش بار ئىدى ، – دېدى ئۇ  ئۆي ئىچىگە ئالەڭلەپ بىر قارىۋېتىپ . ئاپىسى ئۈندىمىدى .

يۇشۇرماي راستىنى ئېيىت . سەن زادى دادام بىلەن توي قىلغانمۇ ؟

ئاپىسى چۇڭقۇر ئۇھسىنپ قويدى ، ئۇ بۇ ئۇھسىنىش بىلەن خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بولدى . ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان قورققۇنچلۇق دەقىقە مانا ئاخىرى يېتىپ كەلگەنىدى . ئەمما ئۇ ئوغلىنىڭ بڭ سۇئالىدىن ئىسەنكىرەپمۇ كەتمىدى . ئەمما سەل ئۈمىدسىزلەنمەيمۇ قالمىدى . سۇئال ئۇدۇل سورالغانىكەن ، ئۇدۇل جاۋاپ بەرمەي بولمايتتى .

– ياق ، – جاۋاب بەردى ۋېيىن خانىم تۇرمۇشنىڭ ئوڭ كەلمىگىنىدىن ئۇھسىنىپ .

      – ئەمسە دادام تازىمۇ يارىماس ، چۈپرەندە بىر ئادەم ئىكەندە ، – ۋارقىرىدى جامۇس مۇشىتلىرىنى چىڭ تۈگۈپ .

      ۋېيىن خانىم بېشىنى چايقىدى .

– ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى . لېكىن بىر – بىرىمىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈشەتتۇق . ئۇ ھايات بولغان بولسا ، ھالىمىزدىن خەۋەر ئالغان بولاتتى . داداڭغا ھاقارەت قىلما بالام . نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ سېنىڭ داداڭ . ئۇ مەرتىۋىلىك كىشى ئىدى . راسىت دەۋاتىمەن ، ئۇ يۇقىرى تەبىقىدە چوڭ بوغان ئادەم ئىدى .

      جامۇس تۇيۇقسىز قايناپلا كەتتى .

– مېنىڭغۇ كارايىتىم چاغلىق ، – ۋارقىرىدى ئۇ غەزەپ بىلەن ، – لېكىن ، ئاچامنىڭ … يۇقىرى تەبىقىلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان ھېلىقى سولتەك بىلەن توي قىلىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايمەن . ئۇ يۇقىرى تەبەقىدى چوڭ بولۇپلا قالماي ، ئوقۇرىمۇ ئېگىزدۇر ھەقاچان ؟

– ۋېيىن خانىم خىجىللىقتىن ئۆزىنى قويارغا جاي تاپالماي قالدى . بېشى ئىختىيارسىز تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ، قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى ، – ئاچاڭغىغۇ ھازىر مەندەك بىر ئاپىسى بار ، – پىچىرلىدى ئۇ ،لىكىن ، ئاچاڭدەك ۋاقتىمدا مېنىڭ ھېچنىمەم يوق ، تىكەندەك يالغۇز ئىدىم .

ئاپىسىنىڭ گەپلىرىدىن يۈرەك – باغرى لەرزىگە كەلگەن جامۇس يېقىن كىلىپ ئاوىسىنى سۆيۈپ قويدى ، – دادامنى ئېسىڭگە سېلىپ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىپ قويدۇم ، مېنى كەچۈرگىن ، – دېدى ئۇ ، – لىكىن شۇ سۇ.النى شۇنچە سورىماي دېدىميۇ ، ئۇنداق قىلالمىدىم . ئەمدى ماڭمىسام بولمايدۇ . خەير – خوش ئاپا . ئەمسە ئاچام ساڭا قالدى . كىمدە كىم ئاچامنى كولدۇرلىتىمەن دەيدىكەن  بوينىنى ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلايمەن . راسىت دەۋاتىمەن ئاپا ، چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن .

ئوغلىنىڭ خققتىن ئاڭلىغان تەھدىد سۆزلىرىنى قو ئىشارەتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ زەردە بىلەن سۆزلەشلىرىدىن ئانىنىڭ كۆڭلى خېلى ئاۋۇنۇپ ، بايىقى ھاسىراشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى . ئۇ بۇنداق كەيپىياتلارغا كۆنۈك ئىدى . بۇ ئۇنىڭ نەچچە ئايدىن بېرى ئوغلىدىن تۇنجى قېتىم زوقلىنىشى ئىدى . مۇشۇ كەيپىنى بۇماي تۇرۇپ بۇ مەيدان « ئويۇن »نى ئوينىۋەتمەكچى بولىۋىدى ، ئوغلى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى . ئۇ تېخى يەنە ئوغلىنىڭ چامادانىنى ئېلىپ چۈشمىسە ، شارپىسىنى تېپىپ بەرمىسە بولمايتتى . قورۇنىڭ بىر خىزمەتچىسى ھېلى كىرىپ ، ھېلى چىقىپ ، ئۇلارنى قاتىلىڭ قىلىپلىۋەتتى . پەيتۇنكەش بىلەن كىرا ھەققى ئۈستىدە باھا تالىشىشتەك ئۇششاق ئىشلارغىمۇ بىر مۇنچە ۋاقىت كەتتى . ئوغلى پەيتۇنغا چىقىپ قورۇدىن ئايرىلدى ، ئاپىسى دەرىزىدىن ھېلىقى چۆرىسىگە گۈل تۇتۇلغان يېتىق قولياغلىقنى پولاڭلىتىپ پيتۇننىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى  ۋە شۇئان ۋۇجۇدىنى بىر پەس ئۈمىدسىزلىك  چۇلغىۋالدى . ئۇ شۇ تاپتا تولىمۇ ياخشى بىر پۇرسەتنى قودىن بېرىپ قويغانىدى . ئۇ سېلېيغا ، جامۇس مۇشۇ كەتكەنچە  ئەمدى ئۆينىڭ چۆلدەرەپ قالىدىغانلىقى، ئۆزى بېقىشقا تىگىشلىك ئادەمدىن بىرسى ئازلىغانلىقىنى ئۆز – ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەن ئاساستا سۆزلىدى . ئوغلىنىڭ مۇشۇ گېپى ئۇنىڭ ئېسىسدە قېپقالغانىدى ، ئۇ گەپتىن ئۇ خېلى خورسەن بولۇپ قالدى . ئوغلىنىڭ ھېلىقى تەھدىد سېلىپ دېگەن گەپلىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى . ئۇ تولىمۇ  ھېسىياتلىق ، جانلىق ، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلىدى . سۆزلەپ بولۇپ كۆڭلىدە : « بالىلىرىم كېيىن مۇشۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ قالسا ، قانچىلىك كۈلۈپ كېتەرمىز – ھە ! » دېگەنلەرنى خىيال ئىكرانىدىن ئۆتكۈزدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10579

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: