پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى كنۇت ھامسۇنغا مۇكاپات بېرىش نوتۇقى

1920- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاتى ساھىبى

كنۇت ھامسۇنغا مۇكاپات بىرىش نۇتۇقى

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

نوبىل فوندى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن شىۋىتسىيە ئەدەبىيات ئاكادىيمىسى نورۋىگىيلىك يازغۇچى كىنوت ھامىسۇننىڭ « زىمىننىڭ نىمەتلىرى» (1917) دېگەن ئەسىرىگە 1920 ـ يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بىرىشنى قارار قىلدى.

مەزكۇر كىتاپ پات ئارىدا ئەسلى نۇسخىسى ياكى تەرجىمە نۇسخىسى شەكلىدە كەڭ تارقالسا، بۇ ئەسەر توغرىسدا يەنە تەپسىلىي توختۇتلۇش ئارتۇقلۇق قىلىدۇ. مەزكۇر كىتاپنىڭ ۋەقەلىكى ئۆزگىچە، ئۇسلۇبى يېڭى بولغاچقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغاپ، تۈرلۈك ئۆزگىچە كىتاپخانلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشتى. تېخى يېقىندىلا ئەنگىلىيىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كونىلىقنى ياقلايدىغان بىر تەقرىزچى: مەزكۇر كىتاپ ئەنگىلىيە بازىرىدا بۇ يىل پەيدا بولغان بولسىمۇ ئىزچىل تۈرىدە نادىر ئەسەر دەپ قارالدى، دەپ يازدى. بۇنداق زور مۇۋاپىققىيەتكە قانداق ئېرىشىش ئەدەبىي تەنقىتچىلەرنىڭ ئۇزاققىچە دىققەت ئىتبارىنى قوزغاپ كەلدى. لېكىن ھازىر بىرىنچى تەسىرى ئاستىدا مۇۋەپىققىيەت قازىنىشنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش تىلغا ئەرزىيدۇ. ئەدناسى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسۈتۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

گەرچە بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بەزى ئېقىپ يۈرگەن كۆز ـ قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىياتتا رېئال چىنلىقىنى قايتا ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئادەملەرنى تاپىمىز دەيدىكەنمىز بۇنداق ئادەملەرنى پەقەت « زىمىننىڭ نىمەتلىرى» دىن تاپالايمىز، بىر خىل تۇرمۇشنى قايتا ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەزكۇر ئەسەردىن تاپالايمىز، بۇ خىل تۇرمۇش مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسىنى، كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە قۇرۇلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تەسۋىرلەر بىر خىل ئۇزاق، يۈكسەك دەرىجىدە مەدىنىيلەشتۈرۈلگەن ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىملىرى بولمىغاچقا بۇرمىلانغان، بۇ تەسۋىرلەرنىڭ بىۋاستە ئۈنۈمى ئاشۇ خىل نىدادىن پەيدا بولغان، ئۇ خىل نىدا  جىمى ئاكتىپ ئىلگىرلەيدىغان كىشلەرگە قىلىنغان چاقىرىق بولغاچقا باشلىنىشى بىلەنلا ( ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمىغان تاشقى شارائىت جەريانىدا ) تەرسا، كۆندۈرگىلى بولمايدىغان تەبئىەت بىلەن كەسكىن كۆرەش قىلدى. مۇبادا ھەمىشە كىلاسسىك دەپ ئاتلغان ئەسەرلەر شەكىللەندۈرگەن  روشەن سېلىشتۇرمىنى  تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ تېخىمۇ قىيىن بولىشى مۇمكىن.

ئەمما بۇ ئەسەرنىمۇ ھەرا ھالدا كىلاسسىك ئەسەر دەپ ئاتاشقا بولىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر خىل ئالاھىدە چوڭقۇر مەنە جەھەتتىن كىلاسسىك ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ. يەنى كىلاستىك دېگەن بۇ نامنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر خىل گۇڭگا ماختاش ئەمەس. بىزنىڭ قەدىمدىن بۇيان ۋاراسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزدە كىلاسسكلىقنى كىشلەرنىڭ تەقلىد قىلىشى ئۈچۈن تەمىن ئىتىلىدىغان مۇكەممەل ئۆرنەك دېگەندىن كۆرە، ئۇنىڭ مۇھىملىقى بىۋاستە تۇرمۇشتىن كەلگەن، بىر خىل كەلگۈسى دەۋىرگە نىسبەتەنمۇ ئۇزاق مۇددەتكىچە قىممەتكە ئىگە شەكلەن بايان قىلىش دېگەن تۈزۈك. ئۇنىڭ مۇھىم بولمىغان تەرىپى دەل ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مۇھىم بولمىغانلىقىدا. بۇ خىل كۆز قاراش ئارقىلىق ئۇنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. خۇددى ئەسلىدە ۋاقىتلىققا ياكى كەمتۈكلۈككە ئىگە بولغاچقا بۇ خىل قاراش ئارقىلىق چۈشىنىش ئوخشاش بولمىغاندەك بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار تۇرمۇشىدا ئۇمۇمەن قىممەتكە ئىگە شەيئىلەر گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، ھەيران قالارلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇنجى قېتىم مۇۋاپىق زاھىر قىلىنىدۇ. ئۆزگىچىلىككە ئىگە، ئەقىل ـ پاراسەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەسەرلەر بىلەن بىللە ئوخشاش بىر كاتورگىيىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىنىڭ قىممىتىنى ئايرىشقا بولمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن قارىغاندا « زىمىننىڭ نىمەتلىرى »دە ھامىسۇن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە بىز ئىگە بولغان ئەڭ نادىر ئەسەر بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرىدىغان كىلاستىك ئەسەرنى تەقدىم قىلدى دەپ قارىساق قىلچە مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. مۇشۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنى قەدىمقى دەۋىرى ئىگە بولمىغان، كىيىنكى دەۋىردىكى كىشلەرگە تەڭداشسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بىر خىل ماناپونلۇق دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى تۇرمۇش ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ھايات مەنبەسى ئۈزۈلمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھامان يېڭى تالانىت ئىگلىرى يېڭى شەكىل ئارقىلىق نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.

ھامىسۇننىڭ ئەسەرلىرى بىر خىل ئەمگەك ئىپوسىدۇر، يازغۇچى ئىپوستا ئۆلمەس سۈرەتلەرنى ياراتتى. بۇ ھەرگىزمۇ كىشلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدىن ۋە كىشلەر ئارىسىدىن ئايرىۋېتىلىدىغان ماھىيەت جەھەتتە ئۆزگىچە بولغان ئەمگەك مەسلىسى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دىققەت ئىتبارى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەك مەسلىسىدۇر. بۇ ئەمگەك ئەڭ ساپ شەكىل ئارقىلىق كىشلەرنى پۈتۈن گەۋدە ئارقىلىق يارتىپ چىققان. ئايرىۋېتىلگەن روھقا تەسەللىي بەرگەن ھەمدە ئۇنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان. بىر خىل مۇنتىزىم، ئۈزۈلمىگەن تەرتىپ ئارقىلىق كىشلەرنىڭ ئەمگەك مىۋىلىرىنى قوغدىغان، ئاشۇرغان. شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا بوز يەر ئاچقۇچى ۋە تۇنجى دېھقاننىڭ ئەمگىكى، جەۋرى-جاپاسى تەسىۋىرلەنگەن. شۇڭا ئەسەردە بىر خىل قەھرىمانلارچە كۆرەش قىلىش خارەكتىرى يارتىلغان. تېخىمۇ دەپدىپلىك قىلىپ ئېيتقاندا ئاشۇ خىل قەھرىمانلىق كۆرەش ۋەتەن ۋە قېرىنداشلار ئۈچۈن بەرگەن قىممەتلىك قۇربان بىرىشتىن قېلىشمايدۇ. خۇددى دېھقان شائىر خىگئود سەھرا دالىلاردىكى ئەمگەكنى تەسۋىرلىگەندەك ھامىسۇنمۇ غايىۋى دېھقاننى ئەسىرىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورنىغا جايلاشتۇرغان. ئۇ دېھقان ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتى بىلەن پۈتۈن كۈچىنى يەرنى ئېنىقلاش ، كىشلەر تەبئەت ئۈستدىن غالىپ كېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قارشى تۇرغان تۈرلۈك تۇسالغۇلارنى تۈگەتكەن. ئەگەر ھامىسۇن مەدىنىيلىكنىڭ جىمى چوڭقۇر ئەسلىمىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەرخىل يېڭى مەدەنىيەتكە نىسپەتەن بىر خىل توغرا چۈشۈنىش ئۈچۈن  تۆھپە  قوشتى  دىيىشكە  بولىدۇ.   بىزنىڭ دەۋرىمىز ئاشۇ خىل يېڭى مەدەنىيەتنىڭ جىسمانىي ئەمگەك جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلىكنىڭ بىرخىل داۋامى بۇلۇشنى كۈتمەكتە.

ھامىسۇن ئۆزىنىڭ سەھنىسىدە ئاتالمىش تىپنى نامايەن قىلمىدى. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئەر قەھرىمان بىلەن ئايال قەھرىمانلىقنى ئەينەن تەسۋىرلىگەن، تۇرمۇش مۇھىتى پۈتۈنلەي ئاددىي، ئۇلار ئارىسىدىكى بەزىلەر ھەتتا ئەڭ مۇنەۋۋەر پېرسۇناژلارنىڭ نىشانى ۋە ئىدىيىسىدىمۇ قىلچە تەسەۋۋۇر كۈچى يوق. ئاشۇ ھېرىش چارچاشنى بىلمەيدىغان ھەم جىمغۇر كەم ـ سۆز دېھقاننىڭ ئۆزى دەل بۇنىڭ ئۆرنىكىدۇر.

                                   

خىگئود مىلادىدىن ئىلگىرىكى8-ئەسىردە تۇغۇلغان گرىتسىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپپوس شائىرلىرىنىڭ بىرى.

(خەنزۇچە«نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى دىۋانى» ناملىق كىتاپتىن)

(تەرجىمان: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىدا)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10340

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: