پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ۋاڭ مېڭ: قەلب ساداسى

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

بىر ھەۋەس، بىر ئىشتىياق، ھاياتقا، دۇنياغا نىسبەتەن بەرھەم بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل قايناق ھېسسىيات.

ئىنتىلىش، مەجنۇنلۇق.

ئۆزگىچە مەنزىرە، ئۆزگىچە ناخشا- كۈي، ئۆزگىچە قائىدە- يوسۇن، ئۆزگىچە تەققى- تۇرۇق، ئۆزگىچە كىيىم- كېچەك، ئۆزگىچە مىللەت. ئۇلارنىڭ ھېچنېمىسى سىزگە ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئوخشاش بىر بىپايان زېمىندا سىزگە ئوخشاشلا ئىجىل- ئىناق ياشايدۇ.

بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تىلى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان زىلال سۇلار، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان كۈلكە سادالىرى، تەۋاززۇلۇق رىتىملار، ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان مېھرى، بالىلارنىڭ ئانىلىرىغا ئەركىلەشلىرى، جاننىڭ ئوزۇقى بولمىش شاد كۈلكە- چاقچاقلار، مەردانە دېكلاماتسىيەلەر، ھېلىدىن- ھېلىغا ئەۋجىگە چىقىدىغان مەردانە، جۇشقۇن ئېيتىشىش- پاراڭلار، غەزەبلىك تەنقىد- تەنبىھلەر، ئۆكسۈپ تۇرۇپ ئېيتىلغان زارلىنىشلار، تەمكىنلىك بىلەن بېرىلگەن بەزلەش- تەسەللىيلەر، كىشىنىڭ دېمىنى ئىچىگە چۈشۈرۈۋېتىدىغان داڭقېتىشلار، پەرۋاسىزلارچە ئىنكار قىلىشلار، ھەيران قېلىشلار، كىشى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇزۇن- ئۇزۇن ئۇھسىنىشلار ……..

مانا بۇ ئۇيغۇر تىلى. ئەقىل- پاراسەت، سەمىمىيلىك، رەڭدارلىق ۋە ھاياتنىڭ جۇشقۇنلۇقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن جانلىق ئۇيغۇر تىلى؛ ئۇ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە، تۈرك تىلى ئائىلىسىدىكى بىر مۇھىم تىل سىستېمىسى؛ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان بۇ تىل جوڭخۇا مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى، بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن تۈرلۈك جەھەتلەردىن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ نەچچە مىليون ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىدىيىسى، كەيپىياتى، كۆزقاراشلىرى، ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشتىكى ۋاسىتىسى. ئۇ تولىمۇ جۇشقۇن، سېھرىي قۇدرەتكە باي تىل. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ غەم- قايغۇسى، شاد- خۇراملىقى، ئەگرى- توقاي قىسمەتلىرى ۋە جۇشقۇن، قوۋناق ھاياتى مۇجەسسەملەنگەن تىل.

ئۇ – ئۇيغۇرلارنىڭ يېشى ھەم كۈلكىسى، شېئىر- نەزمىسى ھەم ناخشا- كۈيى، بۆشۈكى ھەم كىگىزى، مەززىلىك كاۋىپى ھەم لەغمىنى، شادىمان توي- مەرىكىسى ھەم سۈكۈنات ۋە ماتەمگە چۆمگەن دەپنە مۇراسىمى. ئۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى.

مېنىڭ سىلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ، سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭىمۇ، كىچىكىمۇ، قىزمۇ، ئوغۇلمۇ ئۆز تىلىڭلاردا تولىمۇ راۋان ھەم يېقىملىق سۆزلىشىسىلەر، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ نازۇك ھېس- تۇيغۇلىرىڭلارنى ئىپادىلەيسىلەر، تۇيغۇلىرىڭلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە بىر- بىرىڭلاردىن ئەقىل- ئۈگۈت ئېلىشنىڭ چەكسىز ھوزۇرىنى سۈرىسىلەر.

مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ سىلەر بىلەن يۈرەك سىرلىرىمنى دېيىشكۈم، مۇڭداشقۇم كېلىدۇ. چۈنكى مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى سۆيىمەن. مەن جىمجىتلىقتىن قورقىمەن، ئارىمىزدا توساق پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن، ئورۇنسىز خاتا چۈشىنىپ قېلىشلاردىن قورقىمەن. مەن بۇ دۇنيانى جىق چۈشەنمەيدىغېنىمنى تەن ئالىمەن. مېنىڭ ئۆز دۇنيارىم بەكلا كىچىك، نەزەر دائىرەم بەكلا تار. دۇنيا ۋە قەلبنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشتا ئالدى بىلەن تىلنىڭ قەسىرىنى ئېچىش زۆرۈر. ئالاقە قىلىشتا ئالدى بىلەن تىلنى ئىگەللەش زۆرۈر. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشتە تىلدىن قانداقمۇ ئايرىلغىلى بولسۇن؟

بۇ– بىر دەرىزە، ئاشۇ دەرىزە ئېچىلسا دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قەلب دۇنياسى بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ. بۇ – بىر يول، ئاشۇ يولنى بويلاپ ماڭسىڭىز چېگرا رايوندىكى قەدىم شەھەرلەر، كېسەك ئۆيلەر، گۈلزارلىقلار، مېۋىلىك باغلارغا كىرەلەيسىز، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا، دۇنياغا يۈزلىنەلەيسىز. بۇ– ئوخشىمىغان ئىككى مىللەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، سىزنىڭ قەلبىڭىز بىلەن مېنىڭ قەلبىمنى باغلاپ تۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك. بۇ – بىر كۆز، بۇ كۆز ئارقىلىق سىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بايقىيالايسىز. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىڭىز ۋە تارىخىڭىزنى بايقىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ – بىر قۇلاق، بۇ قۇلاق ئارقىلىق چۆرىڭىزدىكى تالايلىغان يوچۇن ئاۋازلار سىزگە تولىمۇ يېقىملىق، مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇ بىر تىل، بۇ تىل ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنى پۇخادىن چىققۇچە، مۇپەسسەل بايان قىلالايسىز. ئۇ بىر روھ، ئۇ ئارقىلىق سىز يەنە بىر مىللەتنىڭ مىجەز- خۇلقىنى، دەردلىك ئوي- خىياللىرىنى، يېڭى- يېڭى مەقسەت- مۇددىئا ۋە يېڭى- يېڭى بىشارەتلەرنى ھېس قىلىسىز. ئۇ – بىر ئېتىقاد، ئۇ – بىر قەلب، ئۇ – ئۇلۇغ ئېچىۋېتىلگەن بىر خىل دەۋر روھى، سىز ئۇ ئارقىلىق غۇم- خۇسۇمەتلەرنى ئۇنتۇپ، چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ شىنجاڭغا، دۇنياغا يۈزلىنەلەيسىز.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق تەبرىك كۈنىدە مەن بوغدا چوققىسى ئېتىكىگە يەنە كەلدىم، قىياپىتى يىپيېڭى تۈس ئالغان، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان ئۈرۈمچىگە يەنە كەلدىم. ئېقىن سۇدەك يېقىملىق ئۇيغۇر تىلىنى يەنە ئىشتتىم، ئۇزۇن يىل ۋىدالاشقان ئۇيغۇر تىلى بىلەن كونا- يېڭى ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن زوق- شوق بىلەن مۇڭداشتىم. ئۇ ئادەتتىكى تىل ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ يۈرەك ساداسى، مەن تولىمۇ ئامراق بولۇپ قالغان ئاجايىپ مۇزىكا.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10938

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-02
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: