پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد

جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد

چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن قۇلچىلىق

زوڭ يۈنپىڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

   ئالدىنقى كوڭزىچىلار ئېيتقان تېزىنى باسسا مېزى چىقىش- تۆۋەندىكىدىك ئىككى خىل دەۋرنىڭ ئايلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس: بىرى، قۇل بولاي دەپمۇ بولالماسلىق دەۋرى؛ ئىككىنچىسى، قۇللۇقتا ۋاقتىنچە مۇقىملىشىپ قېلىش دەۋرى. جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇللۇقنىڭ تەمىنى ناھايىتى ئۇزۇن تېتىغاچقا، قۇللۇق كىشىنىدىن قۇتۇلۇشقا يەنىلا ئامالى بار. ئەمما قۇللۇق ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلىشى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس.

                                    1

   لۇشۈن مۇنداق دېگەن: «سىز مەيلى ئابرويپەرەسلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئالىملارنى قانچىلىك ماختاپ- ئۇچۇرۇڭ، تارىخ يازغاندا <خەنزۇلارنىڭ گۈللىنىش دەۋرى>، <خەنزۇلارنىڭ ئوتتۇرا گۈللىنىش دەۋرى> دېگەندەك ياخشى تېمىلارنى كىرگۈزۈڭ، بۇنى تامامەن ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما گەپ بەك ئەگىپ كېتىدۇ. بۇنى ئۇدۇللا مۇنداق دېيىش مۇۋاپىق. بىرى، قۇل بولاي دەپمۇ بولالماسلىق دەۋرى؛ ئىككىنچىسى، قۇللۇقتا ۋاقتىنچە مۇقىملىشىپ قېلىش دەۋرى. ئالدىنقى كوڭزىچىلار ئېيتقان تېزىنى باسسا مېزى چىقىش دەل مۇشۇنداق ئايلىنىشتۇر.»

شۇنداق. ئىلگىرىكىلەر: «تىنچ- ئاسايىش دەۋردە ئىت بولۇشقا رازىمەنكى، جەڭگى- جېدەل قاپلىغان قالايمىقان دەۋرنىڭ ئەزاسى بولمايمەن» دېگەن ئەمەسمۇ؟ بۇ دەل «قۇل بولاي دەپمۇ بولالمايدىغان دەۋر» دىكى كىشىلەرنىڭ «قۇللۇقتا ۋاقتىنچە مۇقىملىشىپ قېلىش دەۋرىدىكى» كىشىلەرگە بولغان بىر خىل ئىنتىلىشىدۇر. ئىلگىرى نەچچە ئەۋلاد قۇل بولغان كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان «جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى، ئون نەچچە دۆلەتنىڭ قۇلى بۇلۇشى» سەۋەبلىك، قۇللۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئاڭسىز ھالدا قۇللۇق تۇرمۇشىدىن «گۈزەللىك» تېپىپ، قۇللۇق تۇرمۇشىنى مەدھىيلىدى، قوغدىدى ۋە ئۇنىڭغا مەستە- مۇستەغرەق بۇلۇپ كەتتى. ئەمما «خوجايىنى» موللاق ئېتىشى بىلەنلا قۇل بولۇش ۋىسالىغا يېتەلمەي، ئىلگىرىكى قۇللۇق تۇرمۇشىنىڭ ئارمىنىنى يېيىشتى؛ جاھاندا تىنىچ- ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرسىلا، ھەتتا ئىت بولۇشقىمۇ رازى بولۇش خىيالىدا بۇلۇشتى.

«ھاۋا كۈندە ئوچۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ئادەملەرنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ» دېگەندەك، قۇللارمۇ يەنە تەختىراۋانچى، مالاي دېگەندەك دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ. ئەگەر شۇ قۇل قۇللۇق ئىچىدە تۇرۇپ يەنىمۇ يۇقىرىغا يامىشالىسا، «خوجايىنى» نىڭ ھەيۋىسىگە تايىنىپ ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان قۇللارنى ئېزىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تولىمۇ مەغرۇر سانايدۇ. ئادەتتە «خوجايىن» نىڭ بېقىشىغا قاراشلىق قالغان يەنە بىر خىلدىكى قۇللار ئۆزىنىڭ «قۇللۇق» سالاھىيتىگە تايىنىپلا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. جېجىياڭ، جىياڭسۇ تەرەپلەردىكى «گۇمرانلىققا يۈزلەنگۈچى» لەر ئەزەلدىن «ئاددىي خەلق» لەردىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. «مىللەتلەر باراۋەر بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئازاد قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى. ئەمما «گۇمرانلىققا يۈزلەنگۈچىلەر» بۇنىڭدىن ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىدى. سەۋەبى- ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «قۇللۇق» ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن، خوجايىنىدىن ئىككىنچىلەپ تارتۇق ئالالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.

قىسقىسى، «قۇللۇق» دېگەن سۆز قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلانمىسىمۇ، لېكىن شۇ قۇللۇق تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىلا، بولۇپمۇ قۇللۇق قاتلىمىدا يۇقىرىراق مەرتىۋىگە ئېرىشەلىسە، مەڭگۈ خورلۇق، ئادالەتسىزلىك ھېس قىلمايدۇ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئىستىكىدىمۇ بولمايدۇ.

                              2

ھالبۇكى، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان ئادەم ئاخىر چىقتى. 30 يىل مۇقەددەم نۇرغۇن ئىنقىلابچىلار غۇلغۇلا قوزغاپ، مانجۇلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشقا ئىرادە قىلدى. ئەمما كاڭ يوۋېي پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

كاڭ يوۋېي نېمە ئۈچۈن ئىنقىلابنى قوللىماي، چىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قۇلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ سەۋەب تولىمۇ ئاددىي: ئەگەر ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش غەلىبىگە ئېرىشىپ قالسا، كاڭ يوۋېي «بىر ئادەمگە باش ئۇرۇپ، پۈتكۈل خەلققە باش بولۇش» تىن ئىبارەت ئالىي دەرىجىلىك قۇلچىلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى. تولىمۇ ئەپسۇس، كۆپ ساندىكى قۇللار قوزغىلىپ پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇردى، چىڭ خاندانلىقى ئاخىرى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن، كاڭ يوۋېينىڭ تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ، قۇللۇق بەلگىسى بولمىش ئۆرۈمە چېچىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.

ئەمما بىزگە سېلىنغان كىشەن يالغۇز بىرلا ئەمەس، مانجۇلارنىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلغىنىمىز بىلەن جاھانگىرلارنىڭ بىزگە سالغان كىشىنىنىڭ تېخى بوشىغىنى يوق. شۇڭا سۇن جۇڭشەن ئەپەندى جان ئۈزۈش ئالدىدا: «ئىنقىلاب تېخى غەلىبە قىلمىدى. يولداشلار بەل قويۇۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك» دېگەن. لۇشۈن ئەپەندىمۇ ياشلارغا شۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگو تارىخىدا ئەزىلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچىنچى خىل دەۋرنى يارىتىش ياشلارنىڭ زىممىسىدە.» «جۇڭگو تارىخىدا ئەزىلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچىنچى خىل دەۋر» ناھايىتى ئېنىقكى، «قۇل»، «خوجايىن» دەپ ئايرىلمايدىغان دەۋردۇر. ئەمما بىز ھازىر «ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ دۆلەت قۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىر ھېسابتا بۇمۇ بولغىنى.

                                3

جۇڭگولۇقلار قۇل بولۇشنىڭ تەمىنى ناھايىتى ئۇزۇن تېتىغاچقا، قۇللۇق كىشىنىدىن قۇتۇلۇشقا يەنىلا ئامالى بار، ئەمما قۇللۇق ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلىمىقى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو ھازىر يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە جەمئىيىتىدە تۇرۇۋېتىپتىمىش. شۇڭا قۇللۇق ئىدىيىسىمۇ فېئوداللىق قۇللۇق ئىدىيىسى ۋە مۇستەملىكە قۇللۇق ئىدىيىسى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىغاندەك قىلىدۇ. ئالايلۇق، كاڭ يوۋېي «سىياسىي قىزىقچىلىق» نى «مۇقەددەس» بىلىدۇ. مانا بۇ فېئوداللىق قۇللۇق ئىدىيىسىدۇر. يەنە بىر خىلى مۇستەملىكە قۇللۇق ئىدىيىسى بولۇپ، بۇنداق ئىدىيىدىكىلەر خوجايىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىنىلا كۆرۈپ، ئۆز قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدۇ؛ باشقىلارغا تايىنىپ ئازراق پايدا ئېلىشنىلا ئويلايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئىنقىلابنىڭ كېرىكى يوق. پەقەت ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ سادىق قۇل بولسىلا، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.

جۇڭگو تارىخىدا ئەزىلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچىنچى خىل دەۋرنى يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، قۇللۇق ئىدىيىسىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقاتمىساق بولمايدۇ. بولمىسا، مەيلى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بولسۇن، مەيلى داڭلىق پىروفېسسور بولسۇن، ھەتتا «ئىنقىلاب دىپلوماتى» دەپ ئاتالغۇچىلار بولسۇن، ئۇلار قانچىلىك ئالىيجاناب، قانچىلىك بۈيۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ سەلتەنىتىدىن ئايرىلسا، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى- بەشرىسىنى مانا مەن دەپ ئاشكارىلايدۇ. بۇمۇ قۇللۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(زوڭ يۈنپىڭنىڭ «قۇل» دېگەن ئەسىرىدىن 1940- يىل 10- ئاي)

«تەقرىز»

جۇڭگو ئەنئەنىۋى خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بولغان ياكى خوجايىن بولۇش، ياكى قۇل بولۇشتىن ئىبارەت «قۇلدارلىق- قۇللۇق ئېڭى» كىشىلەرنىڭ ئۈگە- ئۈگىسىگىچە سىڭىپ كەتكەن. جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە ئادەملەرنىڭ دەرىجىسى ئەزەلدىن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ تەڭرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. قۇللارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن مەقسەت- ئۆزى خوجايىن بولۇپ، باشقىلارنى قۇل قىلىشتۇر.

ئەگەر «ئىنقىلاب» نىڭ مەقسىتى ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان ئەركىن، دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىش بولماستىن، ئەكسىچە زوراۋانلىققا زوراۋانلىق قىلىش، ئەزگۈچىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆزى ئەزگۈچى بولۇۋېلىش بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇنداق «ئىنقىلاب» مۇستەبىتلىكنىڭ قولچۇمىقىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ، خالاس. بۇنداق ئىنقىلابنى قىلغاندىن قىلمىغان تۈزۈك!

«جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

(بۇ ئەسەر «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10968

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-04-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەسەر ۋە باھا
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: