پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەن: «تولغان بەدەن» ۋە ئوغۇز سۈتىدىن ئايرىلىپ قېلىش

«تولغان بەدەن» ۋە روھىي ئوغۇزدىن ئايرىلىپ قېلىش

مويەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ئايجامال مۇھەممەت

ئانام ناھايىتى كۆپ بالا تۇغقان ئىدى، لېكىن ھايات قالغىنىمىز پەقەت بىز تۆتىمىزلا ئىدۇق.ئۆتمۈشتىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشى ئىت مۈشۈكنىڭ تۇغۇشىدىن پەرقلەنمەيتتى.مەن 《تولغان بەدەن》 رومانىمنىڭ 1- بابىدا بۇ خىل كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىدىم : روماندىكى ئايال باش قەھرىمان شاڭگۇەن لۇشى قوشكېزەك تۇغۇش ئالدىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئېشەكمۇ تەخەيلىمەكچى بولۇپ تۇراتتى. ئادەم ۋە ئېشەك ئوخشاشلا قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كېلىدۇ .لېكىن شاڭگۈەن لۇشىنىڭ قېيناتىسى ۋە قېيناپىسى ھىلىقى ئېشەككە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ .ئۇلار قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەن ئېشەككە مال دوختۇرى تەكلىپ قىلىدۇ ، لېكىن قىينىلىۋاتقان كېلىنى بىلەن كارى بولمايدۇ .
بۇ خىل ئەھۋال قارىماققا ناھايىتى ناھايىتى بىمەنە بىلىنسىمۇ لېكىن شۇ چاغدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئادەتتىكىلا بىر ئىش ئىدى. ئاناممۇ قوشكېزەككە ھامىلدار بولغان چاغدا قورسىقى يوغانلىقىدىن ئېڭىشسىمۇ پۇتىنى كۆرەلمەيتتى،شۇنداق تۇرۇپمۇ ئېتىزغا چىقىپ ئەمگەك قىلاتتى. ئۇ قوشكېزەكلەرنى بۇغدايلىقتا تۇغۇپ قويغىلى تاس قالغان. ئەمدىلا ئىككى بالىنى تۇغۇپ بۇلۇشىغا قارا يامغۇر يېغىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بۇغدايلىققا بېرىپ بۇغدايلارنى ئورىۋالغان. كېيىن بۇ قوشكىزەكلەر ئۆلۈپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا يۈرۈۋەردى. ئاناممۇ يىغلىمىدى . بۇ ھالەت بۈگۈنكى كۈندە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ .لېكىن شۇ چاغدا ھەقىقەتەن ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى.
مەن روماندا شاڭگۈەن لۇشىنىڭ ئاشلىق ئوغرىلايدىغان ئاجايىپ غەلىتە بىر خىل ئۇسۇلىنى يازدىم : ئۇ ئەترەتتىكى تۈگمەندە ئۇن تارتىدۇ. باشقا كادىرلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئاشلىقنى پۈتۈن پېتىلا يۇتۇۋېتىدۇ . شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئاختۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ .ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ بىر داس پاكىز سۇنى ئالدىغا ئەكىلىۋېلىپ، ئاغزىغا چوكىنى تىقىپ، ئاشقازاندىكى تېخى ھەزىم بولمىغان ئاشلىقنى ياندۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئاندىن پاكىز يۇيۇپ، تالقان قىلىپ يانجىپ قېينانىسى ۋە بالىسىغا يىگۈزىدۇ. بۇ ئىش ئاڭلىماققا چۆچەكلەردىكىدەك بىلىنىدۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ئانامنىڭ ۋە كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار . مەن بۇ روماننى ئېلان قىلدۇرغاندىن كېيىن ، بايا دەپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى قالايمىقان توقۇلما، سوتسىيالىزمغا قارا چاپلىغانلىق دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇلار 20 – ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگىنىنى ئەلۋەتتە چۈشەنمەيدۇ .
كۆپ تۇغۈش ۋە ئاچلىق سەۋەبىدىن ئانامغا ئوخشاش ياشتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كېسەلچان بۇلۇپ كېتەتتى. ئۇلار 30 نەچچە ياش تۇرۇپلا تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالاتتى؛ 40 نەچچە يېشىدا چىشلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتەتتى.
ئەلۋەتتە ئاياللارلا ئەمەس، ئەرلەرمۇ. بالىلار ۋە ياشانغانلارمۇ شۇنداق ئىدى. بىزنىڭ ئازاپقا بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىز ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى.
مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى ئىدىم، ئانام ماڭا بەكلا كۆيۈنگەچكە مەن بەش ياشقىچە ئەمگەن ئىدىم . مەن بۇ روماندا ئارغۇن بالا شاڭگۈەن جىڭتوڭنى ياراتتىم. ئۇ ئانىسىنى تاكى 15 ياشقىچە ئېمىدۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ كۆكسىگە نىسبەتەن بىر خىل مەپتۇن بۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن لىپتىك ساتىدىغان بىر دۇكان ئېچىپ، لىپتىك لايىھەلەيدىغان مۇتەخەسىس بۇلۇپ قالىدۇ . مەن بۇ پېرسۇناژنى غايەت زور سىمۋوللاشقان ئوبراز دەپ قارايمەن.
بەزى ئوقۇرمەنلەر مەندىن شاڭگۈەن جىڭتوڭ سىز شۇمۇ دەپ سورىدى. مەن ئەمەس دېدىم. چۈنكى مەن ئارغۇن ئەمەس؛ مەن يەنە مېنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر شاڭگۇەن جىڭتوڭ بار دېدىم .
روماندىكى ئانا ئىلگىرى ئەيىپلىگەن شاڭگۈەن جىڭتوڭ بولسا ئۆمۈربويى ئانىسىنىڭ كۆكسىگە ئېسىلىپ قالغان مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالا ئىدى . ئانىسىنىڭ دېگىنى ئەمىليەتتە بىر خىل روھى ئىپادىلەش ئىدى. ماددى جەھەتتىكى ئوغۇزدىن ئايرىش تەس ئىش ئەمەس، لېكىن روھى جەھەتتىكى ئايرىش ناھايىتى تەس. فىئودالىزم دىگەن نەرسە بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيەتتە غايەت زور رول ئوينىماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر فىئودالىزمغا بولغان مەستانىلىقى شاڭگۈەن جىڭتوڭ ئانىسىنىڭ كۆكسىگە بولغان مەستانىلىقىدىن قېلىشمايتتى، شۇڭلاشقا مېنىڭ بۇ رومانىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى نورمال ئىش ئىدى.
مەن 500 مىڭ خەتلىك بۇ روماندا يەنە شاڭگۈەن لۇشىنىڭ سەككىز قىزى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈيوغلىنىڭ تەقدىرىنى يازدىم . بۇ جەمەتنىڭ تەقدىرىگە ۋە گاۋمىي دۇڭبىي(گاۋمېي ناھىيە شەرقىي شىمال يېزىسى) يېزىسىغا ئوخشايدىغان مەن ئويدۇرۇپ چىقارغان بۇ يەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىمنى ئىپادىلەپ چىقالىدىم.
بىر يازغۇچى، ئۆزىنىڭ دىققەت نەزىرىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆز ھىكايىسىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى باشتىن ئاخىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ۋە ئەھۋالى بۇلۇشى، شۇنداقلا داۋالغۇپ تۇرغان جەمىيەتتىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى ھىسسىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي ئازغۇنلۇقى بۇلۇشى كېرەك .
«مەنىزار» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق ئالدىنقى 2- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

مەنبە: يازغۇچىلار تورى

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11217

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11817

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-28
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەسەر ۋە باھا,ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: