پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

زۇڭتۇڭ ئەپەندى: 3- باب

زۇڭتۇڭ ئەپەندى

(رومان)

ئاپتورى: مىگېل ئانگېل ئاستۇرىياس

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

3. پېررارى قاچتى

پېررارى شەھەر سىرتىدىكى ئەگرى- توقاي يىلانباغرى ئۇششاق كوچىلارنى بويلاپ قاچتى، ۋارقىراپ- جارقىراپ گۆرستان جىمجىتلىق قاپلىغان كېچە باغرىنى تىلغاپ، سۈت ئۇيقۇسىدا ياتقان شەھەر ئاھالىسىنى چۆچۈتۈپمۇ يۈرمىدى. شېرىن چۈش كۆرۈپ سۈت ئۇيقۇسىدا ياتقاندا جىمى ئادەم باپباراۋەر ئىدى، لېكىن قۇياش شەرق تامان كۆتۈرۈلۈپ ئۆز جامالىنى نامايىش قىلغان، جىمى ھاياتلىقنىڭ ئۆزئارا كۈرەشلىرى يېڭىباشتىن باشلانغان ھامان بايا ئېيتقان كىشىلەر ئارىسىدىكى باپباراۋەرلىك يەنە نەلەرگىدۇر غايىپ بولاتتى! ئىسسىق جېنىدىن بۆلەك ھېچنېمىسى يوق بەزى كىشىلەر ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن كۈنبويى جاپالىق ئىشلەيتتى؛ راھەت- پاراغەتتە ياشايدىغانلار بولسا قىلغۇدەك ئىشى يوق، ئەيش- ئىشرەت ئىلىكىدە كۈن ئۆتكۈزەتتى. راھەت- پاراغەتتە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يار- بۇرادەرلىرى ئىدى، ئۇلار 40- 50 يۈرۈش ئۆينىڭ ئىگىلىرى، ئايلىق ئۆسۈمى 9، 9 يېرىم لى، ھەتتا 1 پۇڭغا يېتىدىغان جازانىخورلار، ھۆكۈمەتنىڭ 7- 8 خىل ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان ئەمەلدار- مەنسەپدارلار، خەلقنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى شۈلۈۋېلىپ جان باقىدىغان پومېشچىكلار، گۆرۈخانا خوجايىنلىرى، خەقنى قاقتى- سوقتى قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئەركىن كەسپتىكىلەر، قىمارخانا، توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى، ئىندىئانلارنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىدىغان بايلار، ھاراق زاۋۇتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى، پاھىشىخانا دەللاللىرى، قاۋاقخانا خوجايىنلىرى ۋە مۇكاپاتقا ئىشلەيدىغان گېزىتخانا باشلىقلىرى ئىدى.

ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن قورشىلىپ تۇرغان، بەئەينى ۋارونكىنى ئەسلىتىدىغان بۇ شەھەر تاڭ شەپىقىدە قان رەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، بىر قارىغان كىشىگە گويا دەشتى- چۆلدە ئىز قالدۇرغان ئۇزۇن بىر تاتۇقتەكلا كۆرۈنەتتى. خۇنۈكلۈك قاپلىغان بۇ كوچىغا تۇنجى بولۇپ قەدەم باسىدىغانلار ئىشىغا ئالدىراپ ماڭغان قول ھۈنەرۋەنچىلەر بولاتتى، ئۇلار ھەركۈنى سۈبھى مەزگىلى بىلەن بۇ چۆلدەرەپ تۇرغان دۇنيادا ئەرۋاھلاردەك پەيدا بولاتتى. بىر- ئىككى سائەتلەردىن كېيىن مەمۇرلار، دۇكان خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇلىشىپلا كوچىغا چىقاتتى. ئالاھەزەل سائەت 11 يېرىملاردا ـــ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەلدە بەگ- غوجاملار كوچىدا پەيدا بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى بايىلا يېگەن ناشتىلىقلىرىنى سىڭدۈرۈپ، چۈشلۈك تاماققا قورسىقىنى بوشىتىش ئۈچۈن كوچىغا ئايلانغىلى چىققانلارمۇ، ھوقۇق- مەرتىۋىلىك دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن گېپىنى بىر قىلىپ، ئاچ قورساق كەمبىغەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېنىغا نەقلەشتۈرگىلى بولمايدىغان مائاش بېلىتىنى يېرىم باھادا سېتىۋالغىلى چىققانلارمۇ بار ئىدى. تاڭ ئەمدىلا يورغان، ئەمما كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان مەھەلدە كەمبەغەل ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرىنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان پاتلانغان كۆينەكلىرىدىن چىققان شىپىر- شىپىر ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلايتتى. بۇ قىزلار ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىش ئۈچۈن تورغاي چۇچۇلىماستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىراش ئىش قاينىمىغا غەرق بولاتتى، گاھىلىرى سۈت توشۇيتتى، گاھىلىرى خەقلەرنىڭ تازىلىقىنى قىلاتتى، گاھىلىرى سىۋەتلىرىدە كۆتۈرۈپ ئەچىققان نەرسىلىرىنى توۋلاپ تۇرۇپ ساتاتتى، ناگان- ناگاندا تېخى بايىلا ياشلىق باھارىنى سېتىپ قايتىپ كېلىۋاتقانلارمۇ ئۇچراپ قالاتتى. ئاسمان تاشئالما چېچىكىگە ئوخشايدىغان قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە چىرايى زەپىراندەك سارغايغان، ئورۇقلۇقىدىن بىر تېرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان جۈدەڭگۈ ئايال چاكارلار ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن كوچىغا چىقاتتى. ئارقىدىن ئالىپتە كىيىنگەن سۈلكەتلىك خانىملار، قىز- چوكانلار خۇشپۇراق ھۇجرىسىدىن ئۇلىشىپلا چىقىشىپ بالكونلىرىدا پۇت- قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇراتتى- دە، ئايال چاكارلىرىغا كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنى باھالايتتى، ئامراق مۈشۈكلىرىنى سىيلىشىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن گېزىتلەرنى ۋاراقلايتتى ياكى بولمىسا ئەينەككە قاراپ ئۆز رۇخسارىنى تاماشا قىلاتتى.

پېررارى ئۇيقۇچىلىق ھالەتتە بەدەر قاچماقتا ئىدى، كەينىدىن بىر توپ كۇسۇك ئىت ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. سىم- سىم يامغۇر ئۇنىڭ يۈز- كۆزىگە نەشتەردەك سانجىلماقتا ئىدى. ئۇ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ، پوتلىسىنى ئېقىتىپ، قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا مەقسەتسىزلا يۈگۈرمەكتە ئىدى. بىرمۇنچە ئىشىك- دەرىزىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن چاقماقتەك غايىپ بولاتتى . . . ئۇ تۇرۇپلا ئېلېكتىر تۈۋرۈكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قەدىمىنى توختاتتى، گويا ھېلىلا بىرىدىن بۇلۇشىغا دۇمبا يەيدىغاندەك قوللىرى بىلەن يۈز- كۆزىنى ئېتىۋالدى. ئەمما ئېلېكتىر تۈۋرۈكىنىڭ ئۆزىگە ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى- دە، يۈگۈرگىنىچە ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇرۇقى ھېلىلا تۈرمىدىن قاچقان جىنايەتچىنىڭ ئۆزىلا ئىدى، قانچە تېز يۈگۈرسە مۇدھىش قاپلىغان شۇ تۈرمىدىن شۇنچە يىراقلاپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.

ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە شەھەر سىرتىدىكى ئەڭ يىراق جايغا بېرىپ توختىدى، ئەنە شۇندىلا ئۆيىدىكى كارىۋېتىغا ئۇلاشقاندەك ئۆزىنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلىدى- دە، پۇشۇلدىغىنىچە ئۇيقۇغا غەرق بولدى. ئەخلەت دۆۋىسى بىر نەچچە تۈپ قاقشال دەرەخنىڭ ئاستىدا بولۇپ، دەرەخنىڭ ئىرماش- چىرماش بولۇپ كەتكەن قۇيۇق شاخلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ھەممە يەرنى بىر ئالغانىدى. دەرەخ شېخىدىكى بىر نەچچە قارا رەڭلىك قۇماي ياپيېشىل يېنىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ئەخلەت دۆۋىسىدە ياتقان مۇنۇ كىشىگە تىكتى، ئۇنىڭ مىدىر- سىدىر قىلماي ياتقىنىنى كۆرۈپ قونۇۋالغان شاخلىرىدىن ئاستاغىنە چۈشتى- دە، ئۇنى قورشاشقا باشلىدى. ئېچىرقاپ كەتكەن ۋەھشىي قۇشلار گويا ئالدىغا ئۇچرىغان مۇنۇ ئولجىنىڭ خوشلۇقىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇياقتىن بۇياققا دىكىلداپ مېڭىپ يۈرەتتى. قۇشلار ھېلىدىن ھېلىغا ئەتراپىغا ئەنسىزلىك ئىلىكىدە باقاتتى- دە، قاناتلىرىنى پاقىلدىتىپ قوياتتى، ئوت- چۆپلەر سەلكىن شامالنىڭ زەربىسىدە سەللا مىدىرىغان ھامان پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىشكە ئارانلا تۇراتتى. قۇشلار بىر دەسسەپ- ئىككى دەسسەپ مۇھاسىرىنى بارغانسىرى كىچىكلەتتى؛ تۇمشۇقى بىلەن پېررارىنى چوقۇغىلى بولىدىغان يەرگە كەلدى- دە، تۇيۇقسىزلا ياۋۇزلارچە ۋىچىرلاشقا باشلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈش سېگنالى ئىدى. پېررارى ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغاندى- دە، ئورنىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ قوپۇپ قۇشلاردىن ئۆزىنى مۇداپىئەگە ئالدى، لېكىن ئۈلگۈرەلمىدى . . . قۇمايلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قورقۇمسىز بىرى بىگىزدەك ئۇچلۇق تۇمشۇقى بىلەن ئۇنىڭ كالپۇكىنى بىر چوقۇپلا تۆشۈك ئاچتى، شۇئان ئۇنىڭ چىشى كۆرۈنۈپ قالدى. قان ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن باشقا قۇمايلارمۇ ئۇنىڭ كۆزىنى، ئىچ- قارنىنى چوقۇلاش ئۈچۈن بىر- بىرىدىن قىزغىنىشقا باشلىدى. تۇنجى بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن قۇماي ئالدىدىكى ئولجىنىڭ تىرىكلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ تېنىدىن تېخىمۇ يوغانراق بىر پارچە گۆشنى چوقۇلۇۋېلىش ئۈچۈن غالجىرلىق بىلەن چوقۇلاشقا باشلىدى. قۇماي ئۇنى شۇنداق بىر چوقۇلاي دېيىشىگە پېررارى كەينىگە بىر قەدەم داجىۋالدى، كۈتمىگەندە ئاسمانپەلەك دۆۋىلەنگەن ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن پەسكە دومىلاپ كەتتى، ئۇ دومىلىغان يەردىن شۇئان ئاسمانپەلەك توپا- چاڭ كۆتۈرۈلدى.

ئەتراپقا ئاستا- ئاستا گۈگۈم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى. ئاسمان شۇنچىلىك كۆپكۆك ئىدىكى ئالىقانچىلىك بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى، سوزۇلۇپ ياتقان كەڭ دالامۇ ياپيېشىل تۈس ئالغانىدى. ھەربىي گازارما تەرەپتىن كەچ سائەت 6 گە بۇرغا چېلىندى؛ بۇرۇنلاردا قەبىلىلەر ھۇشيارلىق ھالىتىگە ئۆتكەندە ياكى ئوتتۇرا ئەسىردە شەھەرلەر قورشىۋېلىنغان چاغدا بۇرغا چېلىناتتى، بۇ ئادەت تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر ھەركۈنى مۇشۇ كەمدە ئۆلۈم بىلەن يېڭىباشتىن ئېلىشىشقا باشلايتتى، يىللارمۇ بارا- بارا ئۇلارنىڭ جانلىرىغا چاڭگال سېلىشقا باشلايتتى. تۈن پەردىسى ئاستا- ئاستا يېيىلدى، ئادەملەر قىمىرلىشىپ يۈرگەن شەھەر كوچىلىرى تۈن قوينىغا غەرق بولدى. زۇڭتۇڭ قۇبۇلىغا كىرگەن كىشىلەر بىردىن ئىككىدىن يېنىپ چىقىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ گاھىلىرى زۇڭتۇڭنىڭ نەزەرىگە ئىلىنغانلىقىدىن كۆرەڭلەپ غادىيىپ كېتىشكەن، گاھىلىرى تۇمشۇقىغا يەپ يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سالپىيىپ چىقىشقان ئىدى. قىمارخانىلاردىن چىققان چىراغ نۇرى گويا ۋال- ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىغان ئۆتكۈر خەنجەردەك قاپقاراڭغۇ كېچە قوينىنى يورۇتۇپ تۇراتتى.

ساراڭ بايا ئۆز كۆڭلىگە قورقۇنچ سالغان ۋەھشىي قۇماينىڭ ۋەھىمىلىك سىماسى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىگىلىگەن چىدىغۇسىز ئاغرىق بىلەن ئېلىشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بىر پۇتى ئەخلەت دۆۋىسىدىن دومىلاپ كەتكەندە سۇنۇپ كەتكەنىدى، پۇتىنىڭ ئاغرىقىغا چىداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ چىدىغۇسىز ئاغرىق شۇ تاپتا ئۇنىڭ جېنىغا چاڭگال سالماقتا ئىدى.

ئۇ تاڭ ئاتقۇچە ئاغرىق ئازابىدىن توختىماي ئىڭراپ چىقتى. گويا يارىلانغان كۈچۈكتەك بوش ئەمما، جىددىي يوسۇندا «ئىھ . . . ۋايجان . . . ۋاي- ۋاي- ۋاي . . . ۋاي جېنىم . . .» دەپ زارلايتتى.

تۈرلۈك- تۈمەن ياۋا گۈللەر شەھەر سىرتىدىكى بۇ ئەخلەت دۆۋىسىنى بىر چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى، ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ يېنىدا تېخى بۇلدۇقلاپ سۈپسۈزۈك سۇ چىقىپ تۇرىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار ئىدى. ياۋا گۈللەردىن ھاسىل بولغان ئەنە شۇ گۈلزارلىق بىلەن بۇلاق ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ساراڭنىڭ كاللىسىدا ئاجايىپ كۈچلۈك بىر غەليان كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.

ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى، چېكىسى گويا بىر ئوچۇم چۇچۇلا قويۇپ قويغاندەك پورۇقلاپ قاينىماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئوي- خىياللىرى پۈتۈنلەي گادىرماچلىشىپ كەتكەن ئىدى. پۈتكۈل دۇنيا بەئەينى شەيتان ئەينەكتىكىدەك غەلىتە تۈسكە كىرگەن، جىمى نەرسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ تونۇغۇسىز ھالغا كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تېخىچە يۈگۈرۈۋاتقاندەك، گاھ ئېگىزلەپ، گاھ پەسلەپ، ھېلى ئوڭغا، ھېلى سولغا پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك، پىرقىراۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتامدۇ- قانداق، توختىماي جۆيلۈيتتى. . .

ـــ ئىھ . . . ئۇھ . . . ئىھ . . .

بىر نەچچە خېچىر بىر تىرامۋاينى سۆرەپ كېلىۋاتاتتى، تىرامۋاي تۇرۇپلا بىر ئايالغا ئۆزگىرىپ قالدى. خېچىر ماڭغىلى ئۇنىمىۋېدى، ھارۋىكەش ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ، قولىدىكى قامچا بىلەن خېچىرنى ساۋاشقا باشلىدى، ھارۋىكەش قامچىلىغانسېرى خېچىر ماڭغىلى ئۇنىمايتتى، بۇنى كۆرگەن ھارۋىكەش قامچىنى قويۇپ تاش بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى، ئاخىرى بولماي يولۇچىلارنى ماشىنىدىن چۈشۈردى- دە، خېچىرنى شۇلار بىلەن بىللە ساۋىغاچ ھەيدەشكە باشلىدى، خېچىر ئەنە شۇندىلا ئالدىغا قاراپ ماڭدى . . .

ـــ ئىھ . . . ئۇھ . . . ئىھ . . .

ھۇ ساراڭ! ھۇ نېرۋىسىدىن كەتكەن ساراڭ!

پىچاق چاقىلىغۇچى ئۇستام چىشىنى بىلەپ بولۇپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى! پىچاق چاقىلىغۇچى ئۇستام توختىماي قاقاھلاپ كۈلەتتى! پىچاق چاقىلىغۇچى ئۇستام ھەدەپ چىشىنى بىلىمەكتە ئىدى!

ـــ ئاپا!

مەستنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئۇنىڭ قەلبىنى بىر پەسكە تىتىرىتىپ ئۆتتى.

تولۇنئاي پاختىلارنى ئەسلىتىدىغان ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدا گاھ كۆرۈنۈپ گاھ كۆرۈنمەيتتى، تولۇنئاي بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن ھەر مارىغاندا گىرىمسەن نۇرلىرىنى چېچىپ ئۆتەتتى. نەمخۇش دەرەخ شاخلىرى گىرىمسەن ئاي نۇرىدا بەئەينى ۋال- ۋۇل نۇر چېچىپ تۇرغان يېشىل فار- فۇر قاچىلاردەك كۆرۈنەتتى.

ئېلىپ كەتتى! . . .

ئېلىپ كەتتى! . . .

چېركاۋدىكى مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىلدى، ئۇلار شۇ كۆتۈرۈلۈپ چىققان پېتى دەپنە قىلىناتتى!

ھەي، نېمە دېگەن راھەت! ئۇلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دەپنە قىلىش، ھەي، نەقەدەر راھەت- ھە!

قەبرىستانلىق شەھەردىنمۇ راھەت، شەھەردىنمۇ پاكىز!

ھەي، نېمە دېگەن راھەت! ئۇلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دەپنە قىلىش نەقەدەر راھەت- ھە!

يىراقلاردىن لابا، داقا- دۇمباق ئاۋازلىرى، پىشايۋاننىڭ يېنىدىن تۈركلەرنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشۈشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

جىمى نەرسىلەر ئاياغ ئاستىدا چەيلىنەتتى؛ ماۋۇ يانار تاغدىن يەنە بىر يانار تاغقا؛ ماۋۇ پىلانىتتىن يەنە بىر پىلانىتقا، ماۋۇ ئاسماندىن يەنە بىر ئاسمانغا سەكرەيتتى؛ بىر قارىسا ئويغاقتەك، بىر قارىسا ئۇخلاۋاتقاندەك، بىر قارىسا چۈشىدەك، يەنە بىر قارىسا ئوڭىدەك؛ ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئېغىز ئىدى، بۇ ئېغىزلارنىڭ ئىچىدە چوڭىمۇ، كىچىكىمۇ بار ئىدى . . . چىشى بارلىرىمۇ، چىشى يوقلىرىمۇ، كالپۇكى بارلىرىمۇ، كالپۇكى يوقلىرىمۇ، قوش كالپۇكى بارلارمۇ، بۇرۇتلۇقلىرىمۇ، ئىككى تىلى بارلىرىمۇ، ئۈچ تىلى بارلىرىمۇ بار ئىدى. ھەر خىل، ھەر سىياقتىكى بۇ ئېغىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ: «ئاپا! ئاپا! ئاپا!» دەپ توۋلايتتى.

ئىھ . . ئۇھ . . . ئىھ! . . . مۇھاپىزەتچى ھەربىيلەر كۆزەت قىلىپ تۇرغان پويىزغا چىقىپ شەھەردىن دەرھال ئايرىلدى، تاغ ئارىلىرىدا قېچىپ يۈردى، قېچىپ يۈرۈپ يانار تاغلارغا چىقىۋالدى، سىمسىز تېلېگرامما يوللاش مۇنارلىرىدىن، كونا ماللار بازىرىدىن، زەمبىرەكچىلەر بازىسىدىن ۋە لىققىدە ئەسكەر بېسىلغان پاراخۇتلاردىن يىراقلاپ كەتتى.

قېرىشقاندەك، پويىز يولغا چىققان جايغا يەنە قايتىپ كەلدى، گويا يىپقا باغلاپ سۆرەپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇققا ئوخشاش تاراق- تاراق، تاراق- تاراق قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ بىرنى پىرقىراپ، يەنە ئەسلىدىكى جايىغا قايتىپ كەلدى. ۋوگزالدا ئۇنى چېچىنى ئۇششاق سېكىلەك چىقىرىپ ئۆرۈۋالغان بىر كۆكتاتچى ئايال ساقلاپ تۇراتتى. ئايال خىرقىراپ تۇرۇپ دىمىقىدا ۋارقىرايتتى: «ۋاي شاتۇتۇم، ساراڭغا بىر پارچە بولكا يېگۈزۈپ قويساڭچۇ! . . . ساراڭغا سۇ ئىچكۈزۈپ قويساڭچۇ! ساراڭنىڭ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپ قويساڭچۇ!»

كۆكتاتچى ئايالنىڭ قولىدا بىر چىنە سۇ، ھەدەپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلايتتى؛ ئۇ چېركاۋنىڭ پىشايۋىنىغا قاراپ ھەدەپ قاچاتتى، پىشايۋاننىڭ تۈۋىگە ئەمدى كېلەي دېگەن چاغدا . . . «ئاپا!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز قۇلىقىغا ئاڭلىناتتى . . . بىر ئادەم يۈگۈرۈپ چىقاتتى . . . قاپقاراڭغۇ كېچە . . . تىركىشىش . . . ئۆلۈم . . . قىپقىزىل قان . . . قېچىش . . . «ساراڭغا سۇ ئىچكۈزۈپ قويساڭچۇ! ساراڭنىڭ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپ قويساڭچۇ! . . . »

چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابىدىن ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى، ئۇستىخانلىرى ئۈگە- ئۈگىسىدىن تارتىپ لوقۇلداپ ئاغرىيتتى. ئايدىڭدا ئۇ ھەسرەتلىك كۆزلىرىنى بوشقىنە ئاچتى. ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن چىرايلىق گۈللەر، باراقسان مەجنۇنتاللار ئۇنى ھەدەپ ئۆز سايىسىغا كېلىپ ھاردۇقىنى چىقىرىۋېلىشقا چىللايتتى.

ئەتراپتا ھېچنېمە يوق ئىدى، بىرەر ئادىمىزاتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.

پېررارى كۆزىنى قايتىدىن يۇمۇپ، چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى بىلەن تىركىشىشكە باشلىدى. ئۇ ئاغرىق سەل پەسىيەرمىكىن دەپ پۇتىنى ئاستاغىنە يۆتكەپ باقتى؛ قۇماي چوقۇلاپ تىتىۋەتكەن كالپۇكىنى قولى بىلەن بوشقىنە سىيلىدى. ئوتتەك قىزىپ كەتكەن كۆز قاپاقلىرىنى بوشقىنە مىدىرلىتىۋېدى، پۈتۈن جاھان پىرقىراپ، يۇلتۇزلار قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئۇ يەنە بىر تەرىپىنى بېسىپ ياتتى، جۆيلۈشلىرى ھېچ بېسقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان ماۋۇ ئادەمگە مۇز بېرىڭلار! مۇز ساتىدىغان ئادەم سەكرات تامىقى سېتىۋاتىدۇ! مۇزنى پوپ سېتىۋاتىدۇ! جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان ماۋۇ ئادەمگە مۇز بېرىڭلار! جىرىڭ . . . جىرىڭ! جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان ئاۋۇ ئادەمگە مۇز بېرىڭلار! سەكرات تامىقىنى ئېلىپ كېلىڭلار! مۇز ساتىدىغان ئادەمنى بۇ ياققا ئەۋەتىۋېتىڭلار! سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ماۋۇ ئادەمگە باش كىيىمىڭلارنى ئېلىۋېتىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈڭلار! ئاغزىڭغا ماتاڭ چىشلىۋالدىڭمۇ، نېمانداق گەپ قىلمايسەن ھېي كالۋا! جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان ئاۋۇ ئادەمگە مۇز بېرىڭلار!

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11447

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-01-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: