پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

كافكا: غەزەلخان يۆسېفېن ياكى چاشقان مىللىتى

غەزەلخان يۆسېفېن ياكى چاشقان مىللىتى

ھېكايە

فىرانىز كافكا ( ئاۋستىرىيە)

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

 

تەرجىماندىن: «غەزەلخان يۆسېفېن ياكى چاشقان مىللىتى» كافكانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھېكايىسى بولۇپ، بۇ ھېكايە 1924-يىلى 3-ئايدا يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ھېكايە ئاپتورنىڭ ماتەم نۇتۇقى ئىدى. يۆسېفېننىڭ غەزىلى شۈبھىسىزكى كافكانىڭ سەنئىتىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى يۆسېفېننىڭ غەزىلىگە ئوخشاتقان. شۇڭا ئەسەردىكى غەزەلخان  يۆسېفېن بىلەن مىللەتنىڭ تۇرلۈك مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە كافكا بىلەن يەھۇدىي مىللىتىنىڭ، يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. كافكا بۇنداق مۇناسىۋەتلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. كافكا ئۆزىنىڭ ئىدىيىسنى، ئارمانلىرىنى يۆسېفېننىڭ ۋۇجۇدىغا يۈكلىگەن. يۆسېفېننىڭ ۋىژدانى، مەسئۇلىيىتى كافكانىڭ روھىي يېزىلمىشى، كافكا ئۆزىنىڭ ئىچكى توۇيغۇسىنى بىۋاستە بايان قىلماي تۈرلۈك ئوخشىتىش، يومۇرىستىك ۋاستىلەر ئارقىلىق بايان قىلغان، غەزەلخان بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك بەدىئىي ئۇسۇل ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن. ئاپتۇرنىڭ ئىچكى دۇنياسى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن. كافكا ئۆزۈنىڭ سەنئىتىگە، ئۆز مىللىتىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ يەھۇدىلارنىڭ قۇتقازغۇچى خۇداسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەھۇدىلارنىڭ سەنئەت ئۇستازى، ۋىژدانى، مەسئۇلىيەتچان ۋەكىلى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى يۆسېفېننىڭ غەزىلى دەپ ئېنىق دېمەيدۇ. بۇ ھېكايە بىزگە ئۇنىڭ سەنئەتى دەل مىللى سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.

بىزنىڭ غەزەلخانىمىزنىڭ ئىسمى يۆسېفېن ئىدى، ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلىمىغان كىشلەر غەزەلنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ غەزىلىگە ھەممە ئادەم مەپتۇن بولاتتى. بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋرى ھىچقانداق مۇزىكىنى ياقتۇرمىغاچقا بۇ نۇقتا ئالاھىدە تەرىپلەشكە ئەرزىيتتى. تىنچلىق بىز ياقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئىدى؛ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۈشكۈلچىلىكتە ئۆتەتتى، بىز كۈندىلىك تۇرمۇش غەملىرىدىن قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئۆزىمىزنى مۇزىكا مۇھىتىغا كۆتۈرۈشكە ئامالسىز ئىدۇق. مۇزىكىدىن زوقلىنىش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تولىمۇ يىراق ئىدى. ئەمما بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلانمايتتۇق، ئەپسۇسلانمايتتۇق؛ بىز جانغا ئەسقاتىدىغان، ئىنتايىن جىددى ئېھتىياجلىق بولغان مۇغەمبەرلىكىنى ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىمىز دەپ بىلەتتۇق. بىز ھەر قېتىم كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يۇلۇققاندا ھەمىشە ھىيلىگەرلىك بىلەن ھىجىيىپ، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرەتتۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆڭلىمىزدە مۇزىكا ئاتا قىلغان بەختكە ئىنتىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولسىمۇ-بۇنداق ئەھۋال ئەلبەتتە روي بەرمەيتتى ـ بىز يەنىلا شۇنداق قىلاتتۇق. پەقەت يۆسېفېنلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. ئۇ بۇ جەھەتتە پەقەت بىردىن بىر ئادەم ئىدى؛ ئۇ تۈگەپ كەتسە مۇزىكىمۇ تۇرمۇشىمىزدا غايىپ بولاتتى، يەنە كېلىپ بۇنداق ئەھۋالنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

مەن بۇنداق مۇزىكىنىڭ نېمە ئىشلىقىنى نۇرغۇن ئويلاندىم، شۇنى بىلىش كېرەككى، بىزنىڭ زىنھار مۇزىكا تالانتىمىز يوقىدى؛ بىز يۆسېفېننىڭ غەزىلىنى چۈشىنەتتۇق ياكى ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى چۈشىنىمىز دەپ بىلەتتۇق ـ چۈنكى يۆسېفېن بىزنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئىنكار قىلاتتى ـ بۇ زادى قانداق ئىشىدۇ؟ بۇنىڭ ئەڭ ئاددى جاۋابى شۇكى، ئۇنىڭ ناخشا ئاۋازى بەك گۈزەل ئىدى، سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئادەملەرمۇ بۇ ناخشا ئاۋازىنىڭ سېھرىي كۈچىگە قارشى تۇرۇپ بولالمايتتى، ئەمما بۇ جاۋاپ ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا بۇ غەزەل ئاۋازىنى ئاڭلىغان دەملىرىمىزدە ئالدى بىلەن مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولاتتى: ئۇنىڭ مۇزىكىسىدا قانداقتۇر بىر خىل ئۆزگىچە نەرسە باردەك، ئۇنىڭ بۇغۇزىدىن چىققان ئاۋازىنى بىز ئەزىلى ئاڭلاپ باقمىغاندەك ھەتتا بىزنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز يوقىدەك، پەقەت يۆسېفېنلا بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىلىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغاندەك، باشقا ئادەملەر بۇ نوقتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغاندەك سېزەتتى. ئەمما مېنىڭچە ھەقىقى ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكىسىچە ئىدى، مەندە بۇنداق تۇيغۇ يوقىدى، باشقىلاردىمۇ بۇ تۇيغۇغا ئوخشاپ كېتىدىغان تۇيغۇنىڭ يوقىلىقىنى سېزەتتىم. كونا دوست ـ بۇرادەرلەر ئارىسىدا بىر بىرىمىزگە سەمىمى بولغان ھالدا يۆسېفېننىڭ غەزىلى ئۇنىڭغا نىسپەتەن غەزەل، ئۇ باشقا ئالاھىدە نەرسە ئەمەس دەپ تەن ئالاتتۇق.

بۇ غەزەل ئېيتىش ھېساپلىنامدۇ؟ بىزنىڭ مۇزىكا تالانتىمىز بولمىغىنى بىلەن غەزەل ئېيتىش ئەنئەنىمىز بارىدى، مىللىتىمىز قەدىمقى دەۋىرلەردىلا غەزەل ئېيتاتتى، بەزى رىۋايەتلەردە غەزەل ئېيتىش بايان قىلىنغانىدى، ھەتتا بەزى غەزەللەر ھازىرغىچە ساقىلىنپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئېيتالايدىغان ئادەملەر يوقىدى. شۇڭا غەزەل ئېيتىش قانداق ئوقۇم ئىكەنلىكى ھېلىھەم بىزگە تازا ئايدىڭ ئەمەسىدى. ئەمما يۆسېفېننىڭ غەزەل ئېيتىش سەنئى بۇنداق تۇيغۇغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. خوش، ئۇ زادى غەزەلمۇ ياكى ئىسقىرتىشمۇ؟ مۇبادا ئۇنى ئىسقىرتىش دېمىسەك، بىز ھەممىمىز ئىسقىرتالايمىز، بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن بار ماھارىتى ئىدى ياكى تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتساق، بۇ ماھارەت ئەمەس، بەلكى تىپىك ھاياتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىدى. بىز ھەمىمىىز ئسقىرتالايمىز، ئەمما ھىچكىم ئىسقىرتىشنى سەنئەت ئىشى قاتارىدا كۆرمەيدۇ ھەتتا ئۇنى ھېسمۇ قىلمايتتى، ئارىمىزدىكى بەزىلەر ئۇنى     ھەرگىز بىلمەيتتى. قىسقىسى، ئىسقىرتىش بىزنىۇ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. مۇبادا يۆسېفېن راستىنلا غەزەل ئېيتماي، پەقەت ئىسقىرتسا- ئەدناسى مەن مۇشۇنداق سېزىمەن ـ بۇنداق ئىسقىرتىش ئادەتتىكى ئىسقىرتىش بولۇشى مۇمكىنىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى ئادەتتىكى ئىسقىرتىشقىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىنىدى. ئەمما ئاددى توپا قازغۇچى ئىشچى پۈتۈن بىر كۈندە توپا قازغاچ ھىچقانچىلىك كۈچىمەيلا ئىسقىرتالايتتى. مۇبادا بۇلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا، يۆسېفېننىڭ سەنئەتكار ئىكەنلىكىدىن شۆھبىلەنسىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا شۇنداق زور تەسىرى بارىدى، ئۇ بىلىشكە تىگىشلىك بىر سىر ئىدى.

ئەمما ئۇ چىقارغان ئاۋاز پەقەتلا ئىسقىرتقان ئاۋاز ئىدى. مۇبادا بىز ئۇنىڭدىن يىراق يەرگە بېرىپ تەپسىلى قۇلاق سالساق ياكى ئۆزىمىزنىڭ پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئوبدان گۈزىتىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە يۆسېفېن باشقا غەزەلخانىلارغا قۇشۇلۇپ غەزەل ئېيتسا، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ غەزەل ئېيتقان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ دېسەك، بۇ چاغدا بىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىمز پەقەت ئادەتتىكى يېقىملىق، ئاجىز ھەم روشەن ئۆزگىچە ئىسقىرتىش ئاۋازىنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىنىدى. ئەمما بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرساق پەقەت ئىسقىرتقان ئاۋازنىلا ئاڭلىمايمىز. ئۇنىڭ سەنئىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئۇ ئېيتقان غەزەلنى ئاڭلاپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقان قىياپىتىگىمۇ قاراشقا توغرا كېلەتتى. بۇ يەردە ھېلىھەم مەلۇم بىر ئالاھىدىلىك بارىدى ـ بىز ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلساقمۇ ئەستايىدىل ئىش قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتۇق. بىر تال ياڭاقنى چېقىش ھەقىقەتەن سەنئەت ھېساپلانمايتتى، شۇڭا جامائەتنى بىر يەرگە يىغىپ ياڭاق چېقىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بىرمۇ  ئادەمنى تاپقىلى بولمايتتى. مۇبادا بىراۋ مۇشۇنداق قىلسا، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا يەتسە، بۇ ئادەتتىكى ياڭاق چېقىش ئىشى بولمايتتى. خوش، بىز ياڭاق چاققان بولايلى، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىمىز پىششىق بىلىدىغان بۇ خىل سەنئەتكە سەل قارىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى. پەقەت ياڭاق چاقىدىغان ماھىرلارلا بىزگە بۇ خىل سەنئەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. مۇبادا ياڭاق چاقىدىغان ماھىرنىڭ تېخنىكىسى ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ماھارىتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

يۆسېفېننىڭ غەزىلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار بۇلۇشى مۇمكىنىدى؛ بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن زوقلانغان نەرسىنى ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن تاپالمايتتۇق. بۇ جەھەتىدە ئۇنىڭ قارىشى بىلەن بىزنىڭ قارشىمىز تامامەن بىردەك ئىدى. بىر قېتىم مەنمۇ نەق مەيداندا بارىدىم، كىمدۇ بىرسى ئۇنى كۆرسىتىپ – بۇ تەبئى ھالدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ئىدى ـ پۈتۈن مىللەت ئۇنىڭ ئىسقىرتىشىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ دېدى. بۇ گەپ ناھايتى چىرايلىق دېيىلگەن بوسلىمۇ، يۆسېفېن بۇنداق گەپلەرگە چىداپ تۇرالمايتتى. ئۇ چاغدا يۆسېفېن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قوياتتى. مەن ئەزىلى بۇنداق ئەسەبىيلىك، ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كۈلگۈن چىراينى كۆرۈپ باقمىغانىدىم؛ سىرتىدىن قارىغاندا يۆسېفېن ئىنتايىن مېھرىبان ئايالدەك كۆرۈنەتتى. بىز مۇشۇنداق ئاياللار بىلەن تولۇپ كەتكەن مىللەت ئىچىدە ياشىغاچقا ئۇ كۆزىمىزگە تولىمۇ مېھرىبان كۆرۈنەتتى، ئەمما بۇ چاغدا ئۇ راستنىلا قوپال، چاكىنا ھېساپلىناتتى، بىراق ئۇ تولىمۇ زېرەك بولغاچقا ئۆزىنىڭ نورمال ھالىتىنى يوقاتقانلىقىنى سېزىپ، شۇ زامان ئۆزىنى تەمكىن تۇتاتتى. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ سەن بىلەن ئىسقىرتىشى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق ئالاقە ـ مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلاتتى. ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزگىچە قاراشىدىكى ئادەملەرنى كۆزىگە ئىلمايتتى، بەلكىم ئۇلارغا كۆڭلىدە غۇم ساقلىشىمۇ مۇمكىنىدى. بۇ ئادەتتىكى شۆھرەتپەرەس ئەمەسىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئادەملەرنىڭ ـ مېنىڭمۇ يېرىمىم مۇشۇنداق ئادەملەرگە تەۋە ئىدى ـ ئۇنىڭغا بولغان تەھسىن ـ ئاپىرىنلارمۇ كۆپ ساندىكى ئاۋاملاردىن قېلىشمايتتى. ئەمما جامائەت يۆسېفېننى تەرىپلەپلا قالماي، بەلكى يۆسېفېننى ئۆزىنىڭ يوسۇنى بويىچە تەرىپلەيتتى. ئۇنىڭغا نىسپەتەن تەرىپلەشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوقىدى. مۇبادا بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرساق ئاندىن ئۇنى چۈشىنەتتۇق؛ مۇبادا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرساق ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان بولاتتۇق. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان چېغىمىزدىلا ئۇنىڭ بۇ يەردە چىقارغان ئاۋازىنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋاز ئەمەسلىكىنى بىلەتتۇق.

ئىسقىرتىش بىزنىڭ بىر ئادىتىمىز ئىدى، بىز ئويلىنىپ يۈرمەيلا ئىسقىرتاتتۇق، شۇڭا بەزىلەر سۆسېفېنىنىڭ تاماشىنبىلىرى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ئىسقىرتالايدۇ دەپ بىلىشەتتى؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ سەنئىتىدىن زوقلانغان چېغىمىزدا تولىمۇ قۇۋىناتتۇق، يەنە كېلىپ بىز قۇۋانغان چاغلىرىمىزدا ئىسقىرتاتتۇق. ئەمما ئۇنىڭ ئاڭلارمەنلىرى ئىسقىرتمايتتى، ئەتراپ جىمجىت ئىدى، بىز ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان جىمجىتلىققا چۆمگەندەك بولاتتۇق، ئەدىناسى ئۆزۈمىزنىڭ ئىسقىرتىشى بىز ئېرىشمەكچى بولغان بۇنداق جىمجىتلىقتا كاشىلا بولاتتى، شۇڭا بىز سۈكۈتكە پاتقانىدۇق. بىزنى مەستۇ ـ مۇستەغرەق قىلغان ئۇنىڭ غەزىلىمۇ ياكى ئۇنىڭ زەبۇن ئاۋازى ئەتراپىدىكى سۈرلۈك جىمجىت كەيپىياتمۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بىر قېتىم مۇنداق بىر ئىش روي بەردى: يۆسېۈفېن غەزەل ئېيتىۋاتقاندا بىر ساراڭ قىزچاق ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئىسقىرتىپ تاشلىدى، ئەمەلدە بۇ قىزنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى بىز ئاڭلىغان يۆسېۈفېننىڭ ئاۋازى بىلەن ئوخشاش ئىدى؛ ئۇ پىششىق مەشىق قىلغان بولسىمۇ، باشدىن ـ ئاخىر قورقۇپ ئىسقىرتتى، ئەمما بىز بۇ يەردىكى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ئاڭلىغىنمىز پەقەت بالىلارنىڭ ھېسىياتىنى تۇتالماي ئىسقىرتقان ئاۋازى ئىدى؛ بۇ ئىككى خىل ئاۋازنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى؛ ئەمما بىز زىنھار پايدىسى بولمىسىمۇ ئۈش دەپ ئىسقىرتىپ، ئۇ كەپسىز قىز بالىنى قورقۇتتۇق، ئەمما يۆسېفىن غەزىپىنى باسالماي، ئاۋازىنى تېخىمۇ ئۈنلۈك چىقىرىپ زەپەر مارشىغا ئىسقىرتتى، بىلەكلىرىنى كېرىدى، غەزەپ بىلەن بۇيۇنلىرىنى سۇزدى، ئۇ قىز بالا خىجىللىقتىن ئۆزۈنى قويارغا جاي تاپالماي قالغان، قورقۇپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى.

ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق قىلاتتى، ئۇنىڭ رايىغا باقمايدىغان ھەربىر ئۇششاق، تاساددىبى ئىشلار، ئالدىنقى رەتتىكى ھەر قانداق تاراق ـ تۇرۇق قىلغان، چىشنى چىشىلگەن ئاۋازلار، چىراق نۇرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىرغاڭلاشلىرى ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇراتتى؛ ئۇ گاسلارغا غەزەل ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن دەپ قارايتتى. ئۇ ئېيتقان غەزەل ھامان تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى قوزغايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىغا مۇيەسسەر بولاتتى، ئەمما ئۇ ھامان مەن بۇرۇنلا ئۆگۈنۈشدىن ۋاز كەچتىم، مەن تاماشىبىنلارنىڭ مېنى ھەقىقى چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن، دەيتتى. ئۇ تۈرلۈك توسالغۇلار بولۇپ تۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قارايتتى؛ ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان جىمى كاشلا، جىمى كۆرەش ھەتتا زۆرۈر بولمىغان ئۇرۇش، ئۇنىڭ غەزىلىنىڭ  ساپلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان نىسبى توسالغۇلارنىڭ كىشلەرنى ئويغىتىشقا پايدىسى بارىدى، ئۇلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشىنى بىلىۋېلىشنى ئۆگەتكىلى بولاتتى.

مۇبادا كىچىك ئىشلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلىسە، چوڭ ئىشلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيتتى.  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تولىمۇ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئۆتەتتى، ھەر كۈنى ئويلىمىغان، ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئىشلار روي بىرىپ تۇراتتى، بۇ ئىشلار كىشلەرگە ئۈمىد ۋە قورقۇنۇش ئېلىپ كېلەتتى، مۇبادا ئارىمزدىكى كىمدۇ بىرسى ھەر ۋاقىت، مەيلى كېچە ـ كۈندۈز بولسۇن ئۆزىگە مەدەت بىرىدىغان، تېرەك بولىدىغان ھەمراھ تاپمىسا، ئۇنداق ۋەھىملىرىگە چىداپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسىدى؛ ئۇ ھەمراھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا چىداپ تۇرماق بەسى مۈشكۈل بولاتتى، ھەتتا بەزىدە بىر ئادەمنىڭ يۈكى مىڭ ئادەمگە چېچىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا شامال سوققان قورايدەك تىترەپ كېتىشەتتى. بۇنداق چاغدا يۆسېفېن پۇرسەت كەلدى دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ شۇ يەردە تۇراتتى، ئۇ زەبۇن بولغاچقا كۆكىرىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپى تىترەپ كېتەتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غەزەل ئېيتىۋاتقاندەك، غەزەل ئېيتىشقا بىۋاستە ياردىمى بولمايدىغان جىمى ھاياتى كۈچنى تۈگەل ئىشقا سالغاندەك، جىمى نەرسىدىن مەھرۇم قالغاندەك، كىشلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك، جىمى نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولاتتى. پەقەت ئاقكۆڭۈل ئىلاھلا  ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلايتتى، ئۇ ھېسسىياتىنى باسالماي غەزەل ئېيتقاندا بىر مەھەل چىققان ئاجىز سوغ شامال ئۇنى لەھەت يولىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمما بىز دەل مۇشۇنداق ئەھۋال، مەنزىرلەرنى كۆرگىنىمىزدە بىزنىڭ ئاتالمىش دۈشمەنلىرىمىز ھامان ئۆزلىرىگە:” ئۇ ھەتتا ئىسقىرتىشنىمۇ بىلمەيدۇ؛ ئۇ شۇنچە كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىسقىرتتى، بۇنداق ئىسقىرتىشنى ھەممە ئادەم ئىسقىرتالايدۇ، بۇنى قانداقمۇ غەزەل دېگىلى بولسۇن؟ “ دېيىشەتتى. بىزنىڭ تەسىراتىمىز مانا مۇشۇنداق. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، بۇ دەقىقە ئىچىدە غايىپ بولىدىغان تەسىرات ئىدى. بىز ناھايتى تېزلا كىشلەرنىڭ ھېسسىياتىغا سىڭىپ كېتەتتۇق. ئۇلار بىلەن مۆرۈدىشىپ ماڭىماتتۇق، بىرگە نەپەسلىنەتتۇق، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىسقىرتىشلارنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتۇق.

بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىز ھامان ئالدىراش يۈرۈيتتى، نىشانىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋالماي ئۇياق ـ بۇياقلارغا ھەمىشە قالايمىقان قاتراپ يۈرۈيتتى. ئۇلارنى ئەتراپىغا يىغىش ئۈچۈن يۆسېفېن باشقا ئىش قىلماييتتى، پەقەت نوگويدەك كىچىك كاللىسىنى ئارقىسىغا قىلاتتى، ئېغىزىنى يېرىم ئاچاتتى، قاپىقىنى ئۈستۈن كۆتۈرەتتى، غەزەل ئېيتماقچى بولغاندەك قىياپىتىنى يۇشۇرۇن نامايەن قىلسىلا بولاتتى. پەقەت يۆسېفېنلا خالىسا ئۇ ھەر چاغ ھەر يەردە مۇشۇنداق قىلسا بولىۋېرەتتى. يىراق يەرلەردە كىشلەرگە ئېنىق  كۆرسىتىمەن دەپ بۇنداق قىلىش ھاجەتسىزىدى، مەلۇم بىر چەت ياقا يەرلەردە، دەمال پەيدا بولغان خۇشاللىقدىن تاللىغان بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىدىمۇ شۇنداق قىلسا بولىۋېرەتتى. يۆسېفېن غەزەل ئېيتىدىكەن دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا ئاڭلارمەنلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ يۇپۇرلۇشۇپ كېلىشەتتى. ئەمما يەنە بەزىدە پايدىسىز ئەھۋاللارمۇ روي بېرەتتى. شۇنى بىلىش كېرەككى، يۆسېفېن قاتتىق ھاياجانلانغان دەملىرىدە غەزەل ئېيتىشقا ئامراق ئىدى، بۇ چاغدا ھەرخىل غەم ـ قايغۇ، مۈشكۈل ـ قىيىنچىلىق بىزنى نۇرغۇن ئۆزگىچە يوللارنى تاللاشقا مەجبۇر قىلاتتى. جامائەت يۆسېفېن ئۈمىد قىلغاندەك ئۇنىڭ ئەتراپىغا تېز يىغىلىشنى خالىماييتتى. شۇڭا بۇ قېتىم يۆسېفېن كىىبىر قىلىغىنىچە ئۇ يەردە تۇردى، يېتەرلىك ئاڭلارمەنمۇ يوقىدى، بۇنداق ئەھۋال بەلكىم بىر مەھەل داۋاملىشار ـ كېيىن ئۇ غەزەپلىنىپ يەرنى تېپىپ كېتەتتى، خۇددى شاللاق ئايال ئېغىزىنى بۇزۇپ بىرسىنى تىللىغاندەك، غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقاندەك قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى شۇنداق ناچار بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شان ـ شەرىپىگە دەخلى ـ تەرۇز يەتمەييتتى، جامائەت ئۇنىڭ ئارتۇقچە تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەيتتى، بەلكى ئۇنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىمكان قەدەر تىرىشاتتى؛ ئۇ ئاڭلارمەنلەرنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن تەرەپ ـ تەرەپلەرگە ئادەم ئەۋەرتەتتى، ئەمما جامائەت ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىشنى ئېيتمايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئەتراپتتىكى يوللارغا پوست قويۇپ قويغانلىقىنى كۆرەتتۇق. ئۇلار يولدا كېلىۋاتقان كىشلەرگە تېز مېڭىڭلار دەپ قول ئىشارىسى قىلاتتى؛ ئۇلار ناھايتى ئۇزاققىچە تاكى خېلى كۆپ ئاڭلارمەنلەر يىغىلغىچە شۇنداق قىلاتتى.

قانداق نەرسە مىللىتىمىزنى يۆسېۈفېن ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈچ چىقىرىشقا ئۈندەيدۇ؟ بۇنى سۆسېفېن زادى غەزەل ئېيتىۋاتامدۇ ـ يوق دېگەن مەسلىگە سېلىشتۇرغاندا جاۋاپ بەرمەك ئاسان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ ئىككى مەسىلە بىر ـ بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مۇبادا بۇ مىللەت دەل يۆسېفېننىڭ غەزەل ئېيتىشى ئۈچۈن يۆسىفىنگە شەرتسىز، رائىشلارچە بويسۇنىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، ئۇنداقتا بىرىنچى مەسلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ئىككىنچى مەلسە بىلەن تامامەن بىرلەشتۈرۋېتىشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمايتتى. بىزنىڭ مىللىتىمىز شەرتسىز رائىشلارچە بوي سۇنۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى . بۇ مىللەت كىچىككىنە ئىشقا يولۇقسا ئۇساتلىق قىلاتتى، ئەمما بۇنداق ئۇستاتلىق رەزىللىك نىيەت بىلەن بولمايتتى. كىچىك بالىلاردەك بىر ـ بىرىگە قۇلاقلىرىنى يېقىن قىلىپ ۋىچىرلىشاتتى. ئۇلار گۇناھ بولمايدىغان پاراڭلارنىلا قىلىشاتتى، پەقەت لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپلا قوياتتى. بۇنداق بولغاندا بىر مىللەت مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن بىنەزەر شەرتسىز، رائىشلارچە بوي سۇنماي قالمايتتى، بەلكىم يۆسېفېنمۇ بۇ نۇقتىنى سېزەتتى. ئۇ ئاجىز ئاۋازى ئارقىلىق بۇنىڭ بىلەن كۆرەش قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى.

بۇنداق گەپ- سۆزلەرنىڭ ئەلبەتتە چېكى بولاتتى، بۇ مىللەت يەنىلا يۆسېفېنگە رائىشلارچە بوي سۇناتتى، ئەمما شەرتلىك بولاتتى. مەسلەن: ئۇلارنىڭ يۆسېفېننى مەسخىرە قىلىش ئىقتىدارى يۇقىدى، جامائەت شۇنى تەن ئالاتتىكى، يۆسېفېننىڭ ۋۇجۇدىدا بەزى كۈلكىلىك يەرلەر بارىدى؛ ئەمما بۇنداق كۈلىك يەرلەرنىڭ بىز بىلەن مۈلۈم سەۋەبى بارىدى؛ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك بەختسىزلىك، كېلىشمەسلىك بولسىمۇ، مۇئەييەن دەرىجىدە باشدىن ـ ئاخىر چېھرىمىزدىن كۈلكە- تەبەسسۇم ئۆچمەيتتى؛ بىراق بىز ئەزىلى يۆسېفېننى مەسخىرە قىلمايتتۇق. مەندە ھەمىشە مۇشۇنداق تۇيغۇ بولاتتى. بۇ مىللەت ئۇلارنىڭ يۆسېفېن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇشۇنداق چۈشۈنەتتى. ئۇ ئاجىز بىر كىشىنىڭ ھىماتىغا مۇھتاج بولاتتى، مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن بىنەزەر ئۇ بۈيۈك ئايال ئىدى، يۆسېفېننىڭ پىكرى بويىچە بولغاندا، ئۇ غەزەل ئېيتىش جەھەتىدە مەشھۇر بولغاچقا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بۇ مىللەتكە ھاۋالە قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش كېرەكىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ھىچكىم ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا شۇنداق ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىزگە ھاۋالە قىلىنىغانىكەن، ئۇنى مەسخىرە قىلساق بولمايتتى؛ ئۇنى مەسخىرە قىلساق، ئىشەنچىنى يەردە قويغان، مەجبۇرىيەتكە شەك كەلتۈرگەن بولاتتۇق؛ مۇبادا ئارىمىزدىكى بەزىلەر زەھەرخەندىلىك بىلەن :” بىز يۆسېفېننى كۆرۈشىمىز بىلەنلا كۈلمەيمىز “ دېيىشەتتى. بۇ يۆسېفېن ئۈچۈن ئەڭ رەزىل نىيەت بولۇپ ھېساپلىناتتى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ مىللەت خۇددى ئاتىسى قوللىرىنى سوزغان كىچىك بالىسىغا كۆيۈنگەكدەك ـ بىز ئۇنىڭ ئۆتۈنۈش ياكى تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق ـ  يۆسىفىنگە كۆيۈنەتتى. بەزىلەر بىزنىڭ بۇ مىللىتمىز ئاتىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئەمەلىيەتتە يۆسېفېنگە نىسپەتەن بۇنداق ۋەزىپىنى تۇلۇق ئادا قىلاتتى؛ بۇ جەھەتىدە بۇ مىللەت بىر پۈتۈن گەۋدە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلاتتى، ئەمما بۇ مەجبۇرىيەتنى ھەر قانداق بىر شەخس ئادا قىلالمايتتى. ئەلبەتتە مىللەت بىلەن شەخسنىڭ كۈچى زور پەرقلىنەتتى، بىر مىللەت پەقەت ھىماتىغا ئالىدىغان ئوبىكتىنى ئۆزۈنىڭ ئىللىق بەدىنىڭ يېنىغا تارتىيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېتەرلىك ھىماتقا مۇيەسسەر بولاتتى. يۆسېفېننىڭ ئالدىدا كىشلەر ئەلبەتتە بۇنداق ئىشلار توغرىسدا سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. سىلەر مېنى ھىماتىڭلارغا ئالماقچى بولساڭلارمۇ، مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك دەيتتى يۆسېفېن.

” شۇنداق، شۇنداق، سىزنىڭ پەرۋايىڭىز پەلەك “ دەپ ئويلىشاتتۇق بىز. ئۇ شۇنداق دېگىنى بىلەن يەنىلا بىزنىڭ ئۇنى ھىماتىمىزغا ئېلىشىمىزنى رەت قىلمايتتى. بىز بۇنى تامامەن كىچىك بالىلارنىڭ مىجەزى، بالىلارنىڭ رەھمەت- ھەشقاللىشى دېسەك بولاتتى. ئەمما ئاتىنىڭ پوزىتيىسى يۆسېفېننىڭ رايىغا باقاتتى.

بۇ يەردە يەنە بىر مەسلە بارىدى، بۇ مەسلە ئارقىلىق يۆسېفېن بىلەن بۇ مىللەتنىڭ مۇناسىىۋىتىنى چۈشەندۈرمەك تېخىمۇ تەسىدى. چۈنكى يۆسېفېننىڭ كۆز قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكىسچە ئىدى. ئۇ : مەن بۇ مىللەتنى ھىماتىمغا ئېلىۋاتىمەن دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ غەزىلى بۇ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانىدى، بىزنى سىياسى ياكى ئىقتىسادىي جەھەتىدىكى قىيىن ئەھۋالدىن ئازات قىلغانىدى، غەزەل ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپ كۆپىدى . غەزەل بەختسىزلىكنى تۈگىتەلمىسىمۇ، بىزگە بۇ بەختسىزلىككە چىداپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلاتتى. ئۇ بۇنى ئېنىق دېمەيتتى ھەم باشقا بىر مۇددىئانىمۇ ئېنىق ئىپادىلمەيتتى. ئۇ كەمدىن كەم گەپ قىلاتتى، ئۇ ئېغىزى ـ ئېغىزىغا تەگمەي ۋاتىلداپ سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئارىسىدا سۈكۈتكە پاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى نامايەن بولۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ھىم يۇمۇلغان لەۋلىرىدىن- بىزنىڭ بۇ يەردە ئاز ساندىكى كىشلەرلا ئېغىزىنى يۇمۇپ ئۈندىمەيتتى، بۇنى يۆسىفېنلا  ئىشقا ئاشۇرالايتتى، ئۇ ھەر قېتىم شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتى ـ بەزى كۈنلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلايتتتى. بۇ خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرى يالغان، بەزىلىرىنىڭ يېرىمى راست، يېرىمى يالغانىدى ـ ئۇ شۇ زامان ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ بوينىنى سوزاتتى، بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا تۇرغان چوپاندەك ئەتراپتىكى كىشلەرگە قارايتتى، ئەمما ئۇ ئادەتتە ھامان تۆشەكتە ھۇرۇنلارچە ياتاتتى، ئەلبەتتە بالىلارمۇ قوپال تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىشەتتى، پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇشۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشاتتى، ئەمما يۆسېفېننىڭ تەلىپى بالىلارنىڭ تەلىپىدەك يولسىز ئەمەسىدى. ئەلبەتتە ئۇ بىزنى قۇتۇلدۇرالمايتتى، بىزگە كۈچ- قۇدرەتمۇ ئاتا قىلالمايتتى. شۇڭا بۇ مىللەتنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولۇش ناھايتى ئاسان ئىش ئىدى، بۇ مىللەت جاپا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى، ئۆزۈنى قەدىرلەشنى بىلمەيتتى، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال قارار قىلاتتى، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايتتى، ئەزرائىل ئالدىدىمۇ ئۆزۈنى تەمكىن تۇتاتتى. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت باتۇرانە كۆرەش ئېلىپ بېرىلغان مۇھىتتا ياشىغاچقا بەزىدە سەل قورققاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمەلدە بۇ مىللەتنىڭ كۆپۈيىش ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك ئىدى، باتۇر ھەم يۈرەكلىك ئىدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئىشتىن كېيىن بۇ مىللەتنىڭ نىجاتكارى بۇلۇش ئاسان ئىش ئىدى. چۈنكى بۇ مىللەت ھامان مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزۈنى قۇتقازغانىدى. تارىخۇشۇناسلار ھەيران قالغۇدەك زور قۇربانلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئادەتتە بىز تارىخىي تەتقىقاتقا تامامەن سەل قارارايتتۇق. ئەمما پاكىت شۇكى، بىز دەل قىيىنچلىق مەزگىللەردە ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىنمۇ بەك يۆسېفېننىڭ ئاۋازىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايتتۇق. ئالدىمىزدىكى تەھدىد بىزنى تېخىمۇ تەمكىنلەشتۈرگەن، كەمتەرلەشتۈرگەنىدى، يۆسېفېننىڭ قوماندانلىقىغا تېخىمۇ بوي سۇناتتۇق؛ بىز ـ بىر يەرگە يىغىلىشقا، قىستىلىپ تۇرۇشقا خۇشتارىدۇق، بىزنى ئازاپلايدىغان زور ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز سورۇنلاردا تېخىمۇ شۇنداق قىلاتتۇق؛  بۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزنى خۇددى جەڭگە ئاتلىنىشدىن ئىلگىرى ئالدىراپ بىر قەدەھ تىنچلىق شارابى ئىچىۋالغاندەك سېزەتتۇق ـ شۇنداق بىز ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشمىز كېرەكىدى، چۈنكى يۆسېفېن ھامان بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالاتتى. بۇنى بىر مەيدان غەزەل ئېيتىش دېگەندىن كۆرە بىر قېتىملىق ئاممىۋىي يىغىلىش دەپ ئاتىغىنىمىز تۈزۈكىدى. يەنە كېلىپ ئالدىمىزدىكى يېنىك ئىسقىرتقان ئاۋازدىن باشقا ئەتراپتا بىر مەيدان جىمجىت يىغىلىش ھۆكۈم سۈرەتتى ؛ بۇ دەقىقىلەر بەك سۈرلۈك ئىدى، ھىچكىممۇ قارىغا گەپ قىلىپ، بۇنداق يىغىلىشنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىشنى خالىمايتتى.

بۇنداق بىر خىل مۇناسىۋەت بىلەن ئەلبەتتە يۆسېفېننى قانائەتلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسىدى. ئۇنىڭ ئورنى ئەزىلى ئېنىق ئەمەسدى. شۇڭا ئۇ ھامان ئەسەبىيلەرچە كۆڭۈلسىز يۈرەتتى، خاتىرجەم بولالمايتتى، دىلغۇللۇق پەردىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى توسىۋالغاچقا  ئۇ بەزى ئىشلارنى ئېنىق كۆرەلمەيتتى. كىشلەر ئانچە كۆچمەيلا ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارغا سەل قاراشقا مەجبۇر قىلاتتى. ھامان بىر توپ سۈلكەتچى كىشلەر بۇ جەھەتىدە توختاۋسىز ھەرىكەت قىلاتتى، يەنە كېلىپ  ئۇلار ئۈنۈملۈك، ئەھمىيەتلىك رول ئوينايتتى، ئەمما ئۇ كىشلەر دىققەت قىلمايدىغان، بىر توپ كىشلەر يىغىلۋالغان مەلۇم بىر قويلالىق بۇلۇڭدا غەزەل ئېيتاتتى. كىشلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، يۆسېفېن جەزمەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈنىڭ غەزىلىنى تەغدىم قىلىشنى خالىمايتتى.

ئەمەلدە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھاجەتسىزىدى. چۈنكى ئۇنىڭ سەنئىتى ئېتبارغا ئېلىنماي قالمايتتى. بىز تامامەن ئۆزگىچە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈندىمەي سۈكۈت ئىلكىدە تۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەمەسىدى. بەزىلەر ھەتتا بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويمايتتى. يۈزىنى يېنىىدىكى ئادەمنىڭ خۇرۇم پەلتوسىغا چاپلاپ تۇرىۋالاتتى، يۈسېفېننىڭ سەھىنىدىكى تىرىشچانلىقى بىكار كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما شۇنى تەن ئالىمىزكى ـ ئۇنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى ئازدۇر ـ كۆپتۇردۇر بىزنىڭ قۇلقىمىزغا كىرەتتى. ھەممە ئادەم سۈكۈت ئىلكىگە پاتقاندا ئاڭلانغان ئىسقىرتىش ئاۋازى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازىدەك ئاڭلىناتتى. پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىغا ئىسقىرتىۋاتقاندەك قىلاتتى؛ يۆسېفېن قىيىن تاللاشقا دۈچ كەلگەندە زىل ئىسقىرتقان ئاۋازى بىزنى نامراتچىلىقتىن ھالىمىز قالمىغان دۈشمەنلىك، شاۋقۇن ـ سۈرەن بىلەن تولغان، داۋالغۇپ تۇرغان بۇ دۇنيادا ياشاڭلار دەپ ئەقىل كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ئاۋاز ئەرزىمەس، نەتىجىسىز بولسىمىۇ، يۆسېفېن قەتئى تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇراتتى ، بۇ ئاۋازنى قۇلقىمىزغا يەتكۈزەتتى. ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ئويلىسا كىشى ئۆزىنى راھەت سېزەتتى. مۇبادا ئارىمىزدا بىرەر غەزەلخان بولسا، بۇنداق چاغلاردا بىز جەزمەن ئۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايتتۇق. بۇنداق چاغلاردا ئۇ قالايمىقان غەزەل ئېيتىدى دەپ رەت قىلاتتۇق. ئىلاھىم يۆسېفېن بىزنىڭ ئۇنىڭ غەزىلىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشىمىز دەل ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشىغا قارشى تۇرغانلىقىمىزنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەي دەپ ئويلايتتۇق. بەلكىم ئۇ بىۋاستە سەزگۈسى ئارقىلىق بۇ نوقتىنى سەزگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى، بولمىسا ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ دەرىجىدە بىزنىڭ ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلىشىمىزنى رەت قىلىدۇ؟ ئەمما ئۇ يەنىلا قايتا ـ قايتا غەزەل ئېيتاتتى، ئۇ بۇنداق تۇيغۇغا زىنھار پەرۋا قىلمايتتى. 

ئەمما ئۇ ھامان ئۆز ـ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق كۆڭلىگە تەسەللىي بېرەتتى؛ بىز مەلۇم جەھەتىدە ئۇنىڭ غەزىلىنى ھەقىقەتەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتۇق. خۇددى بىر سەنئەتكارنىڭ غەزىلىنى ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتۇق؛ يۆسېفېن بىر سەنئەتكار بىزنىڭ بۇ يەردە ئىنتىلگەن بولسىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەتتى. ئەمما بۇ خىل ئۈنۈم دەل ئۇنىڭ كەمتۈك غەزەل ئېيتىش ماھارىتىدە ھاسىل بولاتتى. بەلكىم بۇ نوقتا بىزنىڭ تۇرمۇش يۇسۇنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىنىدى.

بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىز ئارىسىدا ياشلار يوقىدى، بالىلىق دەۋىرىمۇ ناھايتى قىسقا بولاتتى، يوق دېگۈدەكلا ئىدى. بىز بۇنداق تەلەپلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرغان بالىلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئالاھىدە ئەركىنلىك بېرىمىز، مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارغا كۆيۈنەتتۇق، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىمىز،  ئۇلارنى ئەركىن ئويناش شارائىتىغا ئىگە قىلىمىز، كەپسىزلىك قىلىپ كۆپرەك ئويناشقا يول قويىمىز، بالىلارنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەن ئالىمىز، ھەمدە ئۇلارىنڭ بۇنداق ھوقۇق ـ مەنپىئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىمىز دەپ ۋەدە بەرسەكمۇ، بۇنداق تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھەربىر تەلەپ تەرىپلەنسىمۇ، بۇ تەلەپلەردىنمۇ بەك تەرىپلىنىدىغان تەلەپلەر بولسىمۇ، بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ تەلەپلەردىنمۇ ئاسان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەلەپلەر يوقىدى، جامائەت بۇ تەلەپلەرنى تەرىپلىشەتتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ تەلەپلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشاتتى، ئەمما جىمى ئىش ناھايتى تېزلا بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلەتتى. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مانا مۇشۇنداق ئىدى. بىر بالا بىر قانچە قەدەم يۈگۈرۈشى بىلەنلا ئەتراپتتىكى مۇھىتنى پەرقلەندۈرەلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا خۇددى چوڭ ئادەملەردەك ئۆزۈنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالاتتى؛ بىز ئىقتىسادىي جەھەتىدىكى مەسلىلەرنى نەزەردە تۇتۇشنى چىقىش قىلىپ تارقاق ئولتۇراقلاشتۇق، بىز ئولتۇراقلاشقان رايونلار بەك كەڭ ئىدى. بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز كۆپ ئىدى، ھەر تەرەپتە يۇشۇرۇن كىرزىس بارىدى، بۇنداق كىرزىسنى ئالدىن پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەسىدى. دېمەك بىز بالىلارنى ياشاش رىقابىتىدىن يىراقلاشتۇرۋېتىشقا ئامالسىزىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق قىلساق، ئۇلار بالدۇرلا تۈگىشىپ كېتەتتى. ئەلبەتتە بۇنداق ئېچىنىشلىق سەۋەپلەردىن باشقا يەنە تېخىمۇ زور بىر سەۋەپ بارىدى: بىزنىڭ قەلبىلىرىمىزنىڭ ناھايتى كۈچلۈك كۆيۈيىش ئىقتىدارى بارىدى. ھەربىر دەۋىردىكى ئاھالىلەر سانىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى، بىر دەۋرى يەنە بىر دەۋرنى قىستاپ كېلەتتى، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسمۈر بۇلۇش ۋاقىتىمۇ يوقىدى. ئىلاھىم باشقا مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈنۈشكە مۇيەسسەر بولغاي، ئۇ يەردە بالىلارغا مەكتەپ سېلىپ بەرگەي؛ بالىلار ھەر كۈنى بۇ مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى بولۇپ، توپ ـ توپ بولۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاي، ئەمما خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئاشۇ بالىلار باشدىن ـ ئاخىر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قىستىلىشىپ چىققاي. بىزنىڭ مەكتىپىمىز يوقىدى. ھەربىر قىسقا ۋاقىتتا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدىن توپ ـ توپ بالىلار چىقاتتى، ئۇلارنىڭ سانىنى ھەقىقەتەن ساناپ بولمايتتى. ئۇلار تېخى ئىسقىرتىدىغان ۋاقىتنى بىلمەيتتى، شۇڭا خۇشال ھالدا قالايمىقان ۋارقىراپ ـ جاقىرشاتتى. ئۇلار ئايىغى چىقىشىدىن ئىلگىرى يەردە ئۆمىلەپ، دومىلايتتى ياكى بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقىدىن دومىلايتتى. ئۇلار تېخى نەرسە ـ كېرەكلىرىنى كۆرەلمەيدىغان چاغلاردا توپ ـ توپ بولۇپ، كالامپايلىق بىلەن جىمى نەرسىنى يۆگەپ ئالغا قاراپ ئېلىپ ماڭاتتى، مانا بۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئىدى ! مەكتەپدىكىدەك ھامان ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار بولمايتتى. ياق، بىزنىڭ بۇ يەردە ھامان تۈركۈم ـ تۈركۈم يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئالمىشىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ باش ـ ئاخىرى بولمايتتى، ئوتتۇرىدا ئۈزۈلۈپمۇ قالمايتتى. بىر بالا دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەنلا ئۇ بالا ھېساپلانمايتتى. ئۇ بالىدىن كېيىن يەنە زور بىر توپ بالا ئالدىراپ دۇنياغا كېلەتتى، ئۇلار قىستىلىپ كەتكۈچە پەرىقلەندۈرگىلى بولمايتتى، ساددا چىرايلاردىن ئاجايىپ خۇشاللىق نامايەن بولۇپ تۇراتتى. ئەلبەتتە، بۇنداق مەنزىرىلەر گۈزەل بولسۇن ، باشقا مىللەتلەر بىزگە ھەر قانچە ھەۋەس قىلسىمۇ، بىز بالىلارغا ھەقىقى ئۆسمۈرلۈك ئاتا قىلالمايتتۇق. بۇ مۇقەررەر بىرەر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەتتى. بۇ مەلۇم بىر خىل مەڭگۈ يوقالمايدىغان، تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولمايدىغان بالىلىق مىجەز بولۇپ، بىزنىڭ قەلبىمىزدە پەيدا بولاتتى؛ بەزى چاغلاردا بىزنىڭ ئىش ـ ھەركەتلىرىمىز بىزنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىمىزغا مۇخالىپ بولۇپ قالاتتى. يەنى ئىشەنچىلىك، ئەمەلىيەتنى سۆزلەيدىغان ئەقىل ـ پاراسىتىمىزگە خىلاپلىق قىلاتتى. ئەخمەقلىقتە ئۇچىغا چىقاتتى، خۇددى بالىلار ئەخمەق ئىش قىلغاندەك كاللا ئىشلەتمەيتتى، چوڭقوللۇق، مەرتلىك، يەڭگىلتەكلىك قىلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىككىنە خۇشاللىق ئۈچۈن ئىدى. بىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىقىمىز بالىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بۇ خۇشاللىق ئىچىدە يەنە باشدىن ـ ئاخىر بالىلارغا خاس خۇشاللىق مەۋجۇد ئىدى. يۆسېفېنمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇ ئەزەلدىن بىر مىللىتىمىزنىڭ بالىلارچە مىجەزىدىن نەپ ئېلىپ ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللەپ كەلگەنىدى.

ئەمما بىزنىڭ بۇ مىللەت بالا مېجەز بولۇپلا قالماي، يەنە مەلۇم دەرىجىدە قېرىپ كەتمەيتتى. ئۆسمۈرلۈك بىلەن قېرىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. بىزنىڭ ياشلىق دەۋىرىمىز بولمايلا قۇرامىمىزغا يېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن قۇرامىمىزغا يېتىش دەۋىرىمىز بەك ئۇزۇن بولاتتى. شۇ ۋەجىدىن مەلۇم بىر خىل ھارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ھەمراھ بولاتتى، ئۇمۇمەن بۇ سۇلماس، ئۈمىدكە تولغان تۇغما خارەكتىر ئىدى. بىزنىڭ مۇزىكا تالانتىمىزنىڭ ئاجىز بۇلۇشى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنىدى؛ مۇزىكىغا كۆرە بىز بەك قېرى ئىدۇق، مۇزىكا ئېلىپ كەلگەن ئوتلۇق ھېسسىيات بىلەن شادلىق بىزنىڭ قېرىلىقىمىز بىلەن چىقىشالمايتتى، شۇڭا بىز تالغان قوللىرىمىزنى پۇلاڭلاتقىنىمىزچە مۇزىكىنى رەت قىلىپ يەنە ئىسقىرتىش ھالىتىگە قايتاتتۇق؛ ناگان ـ ناگاندا ئىسقىرتىپ قويۇپ كۆڭلىمىزنى ئەمىن تاپقۇزاتتۇق. بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇزىكا تالانتلىقلىرىنىڭ بار ـ يوقلىقىغا ھىچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. ئەمما بار بولغان تەغدىردىمۇ ئۇلارنىڭ تالانتى يېتىلىشىدىن ئىلگىرى بىزنىڭ بۇنداق مىجەز ـ خارەكتىر بار قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن بۇغۇپ تاشلىنىشى مۇمكىنىدى. ئەكىسچە يۆسېفېن خالىغانچە ئىسقىرتاتتى ياكى ناخشا ئېيتاتتى، ئۇ نېمە دېسە بولىۋېرەتتى؛ ئۇنىڭ ئىسقىرتىشى بىزگە كاشىلا قىلمايتتى، بەلكى بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە بەك ياقاتتى، بىز تامامەن چىداپ تۇرالمايتتۇق؛ مۇبادا ئۇنىڭ ئىسقىرتىشى بىلەن غەزىلىدە ئازراق مۇزىكا تەركىبى بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا بۇنداق تەركىپنى نۆلگە باراۋەر دېيىشكە بولاتتى؛ يەنە ئازراق مۇزىكا ئەنئەنىسى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى، بىزنىڭ يۈكىمىزنى قىلچىمۇ ئاشۇرىۋەتمەيتتى.

ئەمما يۆسېفېننىڭ مۇشۇنداق روھى كەيپىياتىنى يېتىلدۈرگەن مىللەتكە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ مۇزىكا كىچىلىكىدە بولۇپمۇ كىرىزس، قىيىنچىلىق روي بەرگەن دەملەردە ئېغىزىدىن ئوغۇز سۈتى قۇرىمىغان ئۆسمۈرلەرلا غەزەلخان يۆسۈفېنغا قىزىقاتتى، ئۇلار ھەيران بولۇشقىنىچە لەۋلىرىنى دومىسياتتى، كىچىك چىشلىرى ئارىسىدىن نەپەسلىرىنى چىقىراتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىدىن زوقلانغاچ ئاستا ـ ئاستا قېرىپ يىقىلاتتى. كېيىن يىقىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە ئىلھام بېرەتتى، يۆسېفېننىڭ جەڭ نەتىجىلرىنىمۇ بارغانسىرى چۈشەنگىلى بولمايتتى. ئەمما بىز نۇرغۇن ھەقىقى تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز ئىشلىرى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرەتتۇق. تاماشىبىنلار نەچچە قېتىملىق جەڭ ئارىلىقىدىكى قىسقىغىنە دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر ـ بىرلەپ چۈش دۇنياسىغا غەرىق بولاتتى. ھەربىر ئادەمنىڭ پۇت ـ قوللىرى يېنىكلەپ قالغاندەك، دەم ئېلىشقا بولمايدىغان كىشلەرمۇ بۇ مىللەتنىڭ كەڭ، يۇمشاق تۆشكىىدە پۇت ـ قوللىرىنى سۇزۇپ راھەتتە يېتىۋاتقاندەك بولاتتى. يۆسىفېننىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى ئۇلارنىڭ چۈشلىرىدە توختاۋسىز ئاڭلىنىپ تۇراتتى؛ يۆسېفېن ئىسقىرتقان ئاۋازىم تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ دەيتتى. بىز ئۇنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازىنى سۇنۇق داڭقاننىڭ ئاۋازىدەك چىقىدۇ دەيتتۇق؛ ئەمما قانداق بۇلۇشدىن بىنەزەر بۇنداق چاغلاردىكى ئاۋازنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بارىدى. بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئاۋاز كىشلەرنى دەقىقە ئىچىدە تەشنا قىلالمايتتى. ھەتتا مۇزىكىمۇ ئۇنداق قىلالمايتتى.  ئۇنىڭ ئىسقىرتشلىرىغا بىزنىڭ قىسقا، ئېچىنىشلىق بالىلىق چاغلىرىمىزنىڭ مەنزىرلىرى ۋە ئىككىنچىلەپ كەلمەيدىغان بەختىسىزلىك مۇجەسسەملەشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۈندىلىك رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى تەركىپلەر، تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق، چۈشنىكسىز، ئەمما ھەقىقەتەن مەۋجۇد بولۇۋاتقان، توسۇپ بولمايدىغان تۇرمۇش شادىلىقىمۇ مۇجەسسەملەشكەنىدى. بۇلار ياڭراق كۈي بىلەن ئەمەس، يۇمشاق، يېقىملىق، لەزىز كۈي بىلەن ئىپادىلەنتى، بەزىدە بۇغۇق ئاۋاز بىلەنمۇ ئىپادىلىنەتتى. بۇ تەبئى ئىسقىرتىش ئاۋازى ئىدى. بۇ نېمە دەپ ئىسقىرتىش ئاۋازى بولمايدىكەن؟ ئىسقىرتىش مىللىتىمىزنىڭ تىلى ئىدى، بەزىلەر ئۆمۈر بويى ئىسقىرتقان بولسىمۇ، بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيتتى، ئەمما بۇ يەردە ئىسقىرتىش كۈندىلىك تۇرمۇش ئاسارىتىدىن قۇتۇلغانىدى، شۇڭا بىز قىسقا ۋاقىتلىق ئەركىنلىككە ئېرىشكەنىدۇق. ئەلبەتتە  بىزنىڭ بۇنداق ئۇيۇن قويۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرگۈمىز يوقىدى.

ئەمما بۇنداق كۆز قاراش يۆسېفېن ھۆكۈم قىلغاندا بىزگە يېڭى كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلاتتى، ئەمما ناھايتى زور ئارىلىق بارىدى. ئەلبەتتە بۇ ئادەتتىكى كىشلەرگە كۆرە، بولۇپمۇ يۆسېفېنغا خۇشامەت قىلىدىغان كىشلەرگە كۆرە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسىدى.” نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولمايدىكەن؟! ـ دەيتتى ئۇلار قىلىچىمۇ تەپ تارتماي، ـ تاماشىبىنلارنىڭ يىغىلىۋېلىش ھادىسسىنى، بولۇپمۇ تاماشىبىنلارنىڭ جىددى، خەتەرلىك پەيتتە ھىچنىمىگە قارىماي يىغىلىۋېلىش ھادىسىنى بىز باشقىچە چۈشەندۈرەلەيمىزمۇ؟ بەزىدە تاماشىبىنلار يىغلىشىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن  بىزقاتتىق قىستا ـ قىستاڭ بولۇشۇپ كېتىمىز، ھەتتا بىز بەزىدە تۇلۇق ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق بۇ خېتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز“. ئاخىرى بۇ گەپلەر توغرا بولۇپ چىقاتتى، ئەمما بۇلار يۆسېفېنگە شان ـ شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيتتى. ئەكىسچە بىز تۆۋەندىكى بىر ئەھۋالنى تۇلۇقلاپ ئۆتسەك تامامەن بولاتتى؛ يىغىلۋالغان كىشلەر دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن تارقىلىپ كېتىشەتتى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشلەر ئەرزىمەس ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالاتتى، بۇنىڭغا تامامەن يۆسېفېن مەسئۇل بۇلۇشى كېرەكىدى، ئۇنىڭ ئىسقىرتىشى دۈشمەننى چىللاپ كېلىش ئىھتىماللىقىغا يېقىنىدى. ئەمما ئۇ ھامان باشدىن ـ ئاخىر ئەڭ بىخەتەر يەردە تۇراتتى. ئۇنى قوغلاشقان تۇنجى ئادەم ئۇنى ھىماتىغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ ئادەم يەنىلا غىپپىدە ئالدىراپ تىكىۋېتەتتى. ئەمەلدە بۇ نۇقتىدىن جامائەتنىڭ دېگۈدەكلا خەۋىرى بارىدى. ئەمما يۆسېفېن خۇشلىقى تۇتقان مەلۇم بىر چاغدا ۋە مەلۇم بىر يەردە غەزەل ئېيتىسا جامائەت يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئالدىراپ كېلىپ ئاڭلايتتى. بەلكىم بەزىلەر، يۆسېفېن قانۇننىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى پۈتۈن ئاۋامغا خېيىم ـ خەتەر يەتكۈزسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ھەرقانداق ئىش قىلسا كەڭچىلىككە ئېرىشىدىكەن دەپ يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنىدى. مۇبادا ئەھۋال راست شۇنداق بولسا، يۆسېفېننىڭ تەلىپنى تامامەن چۈشنىشكە بولاتتى. كىشىلەر ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە بۇ مىللەت ئۇنىڭغا بەرگەن ئەركىنلىك، ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ھىچقانداق ئادەم مۇيەسسەر بولالمايدىغان، ئەمەلدە قانۇنغا خىلاپ ھەدىيەنى بىر خىل ئۆزۈنى چۈشەندۈرۈش دەپ قارايتتى. يۆسېفېن دېگەندەك بۇ مىللەت يۆسېفېننى چۈشەنمەيتتى، ئۇنىڭ سەنئىتىگە ئىقتىدارسىزلىق، ھەيرەتلىك نەزەرى بىلەن قارايتتى. ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ سەنئەتىدىن زوقلىنىشقا لايىق كەلمەيمىز دەپ سېزىشەتتى، ھەم ئۇنىڭغا ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ بۇنداق ئىزتىراپلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك بىلەن بىرەر ئىش قىلىشقا ئۇرۇناتتى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سەنئىتى ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشكەچكە ئۇلارمۇ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقانىدى. ئەمما بۇ تامامەن خاتا ئىدى، بەلكىم قىسمەن جەھەتتە بۇ مىللەت يۆسېفېننىڭ ئايىغىغا تېزلا باش ئۇراتتى، ئەمما پۈتكۈل مىللەت ھېچكىمگە شەرتسىز تەسلىم بولمايتتى، ئوخشاشلا يۆسېفېنننىڭ ئايىغىغىمۇ باش ئۇرمايتتى.

ئۇزۇندىن بۇيان يەنى ئۇ سەنئەت بىلەن شوغۇللانغاندىن بۇيان يۆسېفېن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى؛ ئۇ كىشلەردىن ئۆزۈنى ھىچقانداق ئىش قىلغۇزماي، خاس غەزەل ئېيتقىلى قويسىكەن؛ كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە قاتناشتۇرماسلىقىنى، ياشاش جەريانىمىزدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشلارغا ئارىلاشتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇلار ـ كۆپۈنچىلىرى ـ پۈتۈنلەي پۈتكۈل مىللەت ئۈستىگە ئالىدىغان يۈك ئىدى. ناھايتى تېزلا ھالەتكە ئاساسەن ئەقلىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ تەلەپنىڭ يەكۈنىنى چىقارغىلى بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ مىللىتىمىز باشقىچە يەكۈن چىقارغانىدى، بۇ تەلەپنى تەمكىنلىك بىلەن رەت قىلۋېتەتتى. ئۇلارمۇ ئارتۇقچە كۈچىمەيلا يۆسېفېن ئوتتۇرغا قويغان بۇ تەلىپىنىڭ سەۋەپلىرىگە رەددىيە بەرەتتى. مەسلەن: يۆسېفېن جىددى ئەمگەك ئاۋازىمغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمگەك قىلغان چاغدا سەرىپ قىلغان كۈچ غەزەل ئېيتقاندا سەرىپ قىلغان چاغدىكى كۈچىدىن ئاز بولسىمۇ، غەزەل ئېيتقاندىن كېيىن تۇلۇق ئارام ئېلىش پۇرسىتى بولمايدۇ، كېيىنكى قېتىم غەزەل ئېتىش ئۈچۈن ئوبدان ئارام ئېلىشىم كېرەك، غەزەل ئېيتقاندا پۈتۈن كۈچۈمنى سەرىپ قىلىشىم كېرەك ، ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتى. جامائەت ئۇنىڭ گەپلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، قۇلقىغا كىرمەيتتى، بۇنداق ئاسان ھاياجانلىنىدىغان مىللەت بەزىدە ھاياجانلىنىشى مۇمكىن ئەمەسىدى. بەزىدە ئۇلار ئىنتايىن كەسكىن رەت قىلاتتى، باش ئەگكەندەك بولاتتى، ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلاتتى، غەزەلنى ياخشى ئېيتىش ئۈچۈن قۇدرىتىنىڭ بارىچە تىرىشاتتى، ئەمما بۇلار ناھايتى قىسقا ۋاقىت داۋاملىشاتتى، ھايال قالماي ئۇ يېڭىدىن قۇدرەت يىغاتتى ـ دە، يېڭىباشتىن كۆرەشنى باشلايتتى، ئۇ مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن پۈتمەس ـ تۈگىمەس قۇدرىتىنى ئىشقا سالىغانىدەك قىلاتتى.

ئەمەلدە ئەھۋال ناھايتى ئېنىق ئىدى. يۆسېفېننىڭ ھەققى تەلەپ قىلغىنى ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى نەرسە ئەمەسىدى، ئۇ تولىمۇ زېرەك ئىدى، ئىش قىلشىدىن قورقمايتتى، بىزنىڭ بۇ يەردە ئەمگەكدىن قورقىدىغان ئىش يوقىدى، ئۇنىڭ تەلىپىى ئىجابەت تاپقان بولسىمۇ، ئۇ جەزمەن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇرمۇش كەچۈرمەسلىكى مۇمكىنىدى، ئەمگەك ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشىغا بېزەمۇ تەسىر كۆرسەتمەيتتى، ئەلبەتتە تەسىر كۆرسەتمەيتتى؛ ئەمما ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ياخشى بولمايتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنتىلەتتى، جامائەت ئۇنىڭ سەنئىتىدىن ئاشكارە، ئېنىق، ئۇزۇن، مىسلىسىز زوقىلناتتى، ئۇ ھەر قانداق بىر ئىشتا مەقسىدىگە يەتكەندەك قىلسىمۇ، بۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ھامان باشدىن ـ ئاخىر ئۇرۇنلانمايتتى. بەلكىم ئۇ ھۇجۇم نىشانىنى باشلىنىشى بىلەنلا باشقا بىر تەرەپكە بۇرىغان ياكى ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ تەدبىرسىز قالغانلىقىنى بىلگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى. ئەمما ئۇ ئەمدى بېشىنى بۇراپ ئارقىسىغا قارىيالمايتتى، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراش ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق بولاتتى، شۇڭا ئۇ تەلەپتە چىڭ تۇرۇشى كېرەكىدى، بولمىسا ئۇ ۋەيران بولاتتى.

مۇبادا ئۇ دېگەندەك ئۇنىڭ راستىنلا دۈشمىنى بولسا، ئۇلار بىر چەتتە قولىنى قوغۇشتۇرۇپ، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنى تاماشا قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ دۈشمىنى يوقىدى، بەزىلەر ئۇنىڭغا قارىشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان تەغدىردىمۇ، بۇ ئۇرۇش ھېچكىمنى خۇشال قىلمايتتى. بۇ مىللەتنىڭ بۇ يەردە سودىيەدەك بىرخىل سۈرلۈك قىياپىتىنى نامايەن قىلاتتى. بۇنداق سۇلغۇن قىياپەت بۇ يەردە تولىمۇ كەم ئۇچرايتتى. بۇ ئۇرۇش ھىچكىمنى خۇشال قىلالمايتى، بىراق بۇنداق ئەھۋالدا بىر خىل پوزىتسىيىنى قۇۋەتلىسىمۇ، بۇ مىللەتنىڭ ئۇنىڭغىمۇ مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى ئويلاپ خۇشال بولمايتتى. مەيلى بۇ مىللەت رەت قىلسۇن ياكى يۆسېفېننىڭ تەلىپى بولسۇن، مەسلە ئىشنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەت بىر قېرىندىشىغا تاش يۈرەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدا ئىدى، بۇرۇن بۇ مىللەت مېھرىبان ئاتىسىغا ئوخشاش ھەتتا مىھرىبان ئاتىدىنمۇ بەك بۇ قېرىندىشىغا كۆيۈنەتتى، ئەمدى ھازىرقى كۆيۈنۈشكە كەلسەك بۇ مىللەت تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەنىدى.

مۇبادا پۈتكۈل مىللەتنى مەلۇم بىر ئەزالارغا بۆلگىلى بولسا، بەلكىم كىشلەر مۇنداق قارىشى مۇمكىنىدى: بۇ ئەزا يۆسېفېن ئارقا ـ ئارقىدىن ئوتتۇرغا قويغان، ئادەمنى تەشنا قىلىدىغان تەلەپلەرگە ئىزچىل يول قۇيۇشى تاكى بۇ تەلەپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر يول قۇيۇشى مۇمكىنىدى، شۇڭا ئۇ يۆسېفېنگە ئىزچىل يول قوياتتى، ئۇ ئارتۇقچە يول قويغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يول قويۇشنىڭمۇ مەلۇم بىر چېكى بولىدىغانلىقىغا ئىشنەتتى؛ شۇڭا ئۇ تولىمۇ مەرتلەرچە يول قويغانىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ زۆرۈر تېپىلمىغاندىمۇ يول قويۇشى كېرەكىدى. پەقەت ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۆسېفېننى ئەركە ئۆگۈتۈش، بىمالال يېڭى ئارمانلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئۈچۈن ئۇ ئاخىرى راستىنلا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قوياتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەزا، ئۆزىنىڭ تەكتىنى ئاشكارىلاپ يۆسېفېننىڭ ئاخىرىقى تەلىپبنى رەت قىلاتتى، چۈنكى ئۇ ئەزا بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قوياتتى. ئەلبەتتە ئەھۋال تامامەن بۇنداقمۇ بولمايتتى، بۇ مىللەتنىڭ بۇنداق ھىيلە ـ مىكىر ئىشلتىشى ھاجەتسىزىدى، يەنە كېلىپ بۇ مىللەت يۆسېفېنگە سادىق ئىدى، سىناقتىن ئۆتكەنىدى، ئەمما يۆسېفېننىڭ تەلىپى زىيادە كۈچلۈك ئىدى، ھەر قانداق بىر سەبىي بالا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇنىڭغا بىشارەت بېرەتتى؛ شۇنداق بولسىمۇ يۆسېفېننىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارىشىدا يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان پەرەزلەر رول ئويناش ئامىلى بۇلۇشى مۇمكىنىدى، شۇڭا بۇ ئامىل تەلىپى رەت قىلىنغان يۆسېفېنگە ئازاپ ۋە غەزەپ ئېلىپ كېلەتتى.

يۆسېفېن مۇشۇنداق پەرەزدە بولغان بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن كۆرەش قىلىشتىن قورمايتتى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە كۆرەش تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى؛ بۇرۇن ئۇ ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ قويسىلا بولاتتى، ئەمدى ھازىر باشقا ۋاستە قوللانغانىدى، ئۇ بۇ ۋاستىنى ئۈنۈمۈلك ۋاستە دەپ بىلەتتى. ئەمما بىز بۇ ۋاستە يۆسېفېنغا تېخىمۇ زور خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايتتۇق .

بەزىلەر يۆسېفېن ياشىنىپ قالغاچقا، ئاۋازىمۇ بارغانسىرى بولمايۋاتقاچقا مۇشۇنداق تاقەتسز بولۇپ قالغان گەپ، شۇڭا ئۇ ھازىر باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلشىغا مۇيەسسەر بۇلۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىلىق كۆرەش قىلىۋاتىدۇ دەپ جەزىملەشتۇرگەنىدى، مەن بۇ گەپكە ئىشەنمەيمەن. مۇبادا بۇ گەپ راست بولسا، يۆسېفېن يۆسېفېن بولمايتتى. ئۇنىڭغا نىسپەتەن قېرىش دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەسىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىدىمۇ مەسلە يوقىدى، مۇبادا ئۇ بىرەر تەلەپنى ئوتتۇرغا قويسا ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ تاشقى سەۋەبىدىن ئەمەسىدى. بەلكى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكەپپۇرىدىن ئىدى. مۇبادا ئۇ ئەڭ ئالى تاجنى ئالماقچى بولسا سەۋەپ ھەرگىزمۇ شۇ تاپتا ئۇ تاجنىڭ پەسرەك يەرگە ئېسىقلىق ئىكەنلىكىدىن ئەمەسىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەكلىكىدە ئىدى؛  مۇبادا تاجىنى تاقاش ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسدىكى ئىش بولسا، يۆسېفېن ئۇ تاجنى تېخىمۇ ئىگىز تاقايتتى.

ئەمما ئۇنىڭ تاشقى جەھەتىدىكى قىيىنچىلىققا سەل قارىشى ئۇ ئىشلەتكەن ئەڭ رەزىل ۋاستىگە تەسىر يەتكۈزمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن گۇمانلانمايتتى؛ مۇھىمى ھوقۇققا قانداق ئېرىشىش ئىدى؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇۋاتقان بۇ دۇنيادا ئۇ قوللانغان سەمىمى چارە ئەتەي ئەمەلگە ئاشمايتتى. دەل شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى غەزەل ئېيتىش ساھەسىدىن ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئانچە مۇھىم بولمىغان ساھەگە يۆتكەلگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بەزى گەپ ـ سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرەتتى، ئۇ غەزەلنى ياخشى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭ غەزەللىرى بۇ مىللەتنىڭ  ھەر قايسى قاتلاملىرىغا ھەتتا ئەڭ رەزىل ئەكسىيەتچىل گوروھلارغا ھەقىقى شادلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىشەتتى. ئەمما بۇ شادلىق بۇ مىللەت  كۆرسەتكەن شادلىق ئەمەس ـ چۈنكى ئۇ مىللەت بىز ئەزەلدىن يۆسېفېننىڭ غەزىلىدىن بۇ خىل شادلىقنى سېزىمىز دەيتتى ـ بەلكى بۇ يۆسېفېن ئۆزى تەلەپ قىلغان شادلىق ئىدى. ئەمما يۆسېفېن يەنە : ئەسلىدە قانداق غەزەل ئېيتسام ھازىرمۇ شۇنداق ئېيتىمەن، دەيتتى. چۈنكى ئۇ يۈكسەك قىياپەتكە كىرىۋالالمايتتى، چاكىنا ئارزۇ ـ ھەۋەسلەرگىمۇ بىرىلمەيتتى. ئەمما ئۇ ئەمگەكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرەش ئېلىپ بارغاچقا ئەھۋال ئوخشماي قالغانىدى. بۇ كۆرەش غەزەل ئېيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەش بولسىمۇ، غەزەل ئېيتىش قىممەتلىك قورال ۋە بىۋاستە ئىشلەتمەي ئېلىپ بېرىلغان كۆرەش ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىشلەتكەن ۋاستە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن كىشلەر يۆسېفېنگە يول قويسا، ئۇنىڭ ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتىشى ئازىيىپ كېتىدۇ دېگەن گەپلەر تارقالدى. مەن ياسالما ئاۋازنى بىزەمۇ چۈشەنمەيتتىم، مەن ئۇنىڭ غەزىلىدىن ئەزىلى ياسالما ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم، ئەمما يۆسېفېن ياسالما ئاۋازنى ئازايتماقچى بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتىنچە ئۇ ئاۋازنى پۈتۈنلەي يوق قىلۋەتكۈسى كەلمىدى، پەقەت ئازايتتى، ئاڭلىسام ئۇ راستىنلا دېگىنىنى قىلىدىكەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ ھازىر ئېيتقان غەزىلى بىلەن بۇرۇن ئېيتقان غەزىلىنىڭ قانداق پەرىقى بارلىقىنى ئىشتمىدىم. پۈتكۈل مىللەت ھېلىھەم بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلاۋېرەتتى. ياسالما ئاۋاز توغرۇلۇق بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى، ھەتتا يۆسېفېننىڭ تەلىپىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتىمۇ زىنھار ئۆزگۈرۈش بولمىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇنى تەن ئېلىش كېرەككى، يۆسېفېن سەرۋى قامەت بۇلۇپلا قالماي، تېخى بەزىدە ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭمۇ گۈزەل، سۈيۈملۈك يەرلىرى بارىدى. مەسلەن: ئۇ غەزەل ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ياسالما ئاۋازنى ئازايتىش ئاۋامغا زىيادە ئېغىر ۋە تاسادىپىيلىقدەك تۇيۇلىدۇ دەپ سېزەتتى-دە، ئۇ كېيىنكى قېتىم يەنە ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتىيمەن دەپ جاكارلايتتى. ئەمما ئۇ كېيىنكى قېتىملىق مۇزىكا يىغىلىشىدا يەنە خىيالنى ئۆزگەرتىپ، قايتا ھەم يۇقۇرى ھەم تەس ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتمايمەن دەيتتى، جامائەت ئۆزىگە پايدىلىق قارار چىقارمىسا، ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتماسلىق قارارىغا كېلەتتى. ئەمما بۇنداق ئاۋاز، قارار ۋە قارارنىڭ ئۆزگۈرۈشنى بۇ مىللەت خۇددى چوڭقۇر خىيالغا پاتقان چوڭ ئادەم كىچىك بالىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرسىمۇ كۆرمەسلىككە، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالاتتى. بۇ مىللەتنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىمۇ ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.

ئەمما يۆسېفېن يول قويمايتتى، مەسلەن، ئۇ يېقىندا ئىش قىلغاندا پۇتىنى يارىلاندۇرىۋالغانلىقىنى، ئۆرە تۇرۇپ غەزەل ئېيتىشنىڭ تەسلىكىنى، ھازىر ئۆرە تۇرۇپ غەزەل ئېيتغاچقا ۋاقتىنى قىسقارتىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى جاكارلايتتى. ئۇ ئاقساپ ماڭغاچقا چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنى يۆلەپ ماڭاتتى. ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا يارىلانغانلىقىغا ھىچكىم ئىشەنمەيتتى، ئۇنىڭ بەدىنى ئالاھىدە سەزگۈر بولسىمۇ، ئەمما بىز ئەمگەك مىلللىتى ئىدۇق، يۆسېفېنمۇ بۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى؛ مۇبادا تېرىمىز شۇنچىكى سۈركۈلۈپ كەتكەچكە ئاقساپ ماڭساق، ئۇ ھالدا پۈتكۈل مىللەت مەڭگۈ ئاقساپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. گەرچە ئۇ توكۇر ئادەمدەك كىشلەر ئۇنى يۆلەپ ماڭسىمۇ، ئۇنىڭ بىچارە ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ بىچارە كۆرۈنسىمۇ، پۈتكۈل مىللەت ھېلىھەم بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ غەزىلىنى ھاياجان بىلەن ئاڭلايتى، كىشلەرنىڭ قەلىپ قەسىرى مىننەتدارلىق بىلەن تولۇپ كېتەتتى، ۋاقىتنى قىسقارتىش سەۋەبىدىن غەلۋە ـ غۇدۇر قىلىشمايتتى.

ئۇ ھەمىشە ئاقساپ ماڭالمىغاچقا باشقا باھانە تاپتى، مەسلەن: ھېرىپ كەتتىم، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، تېنىم ئاجىزلاپ كەتتى، دېگەندەك باھانىلىرى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز مۇزىكا يىغلىشدىن باشقا يەنە ئۇيۇنمۇ كۆرەتتۇق. بىز يۆسېفېننىڭ قوغلاشقۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا غەزەل ئېيتىپ بەرسىڭىز دەپ يالۋۇرۇپ يېلىنۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق. ئۇ غەزەل ئېيتىشنى تولا ياقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئېيتىيالمايتتى، كىشلەر ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى، خۇشامەتكۇيلۇق قىلاتتى، غەزەل ئېيتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان يەرگە ئۇنى كۆتۈرۈپ بارغۇدەك قىلشاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزلىرىدىن سىرلىق ياش ئاقتۇرغىنىچە ئۇلارغا يول قوياتتى، ئەمما ئۇ غەزەل ئېيتماقچى بولۇپ تۇرغاندا رۇشەنكى بۇ بىر ئارمان ھېساپلىناتتى ـ ئۇ غەزەل ئېيتىيالمايتتى، سىز بۇ چاغدا ئۇنىڭ ماغدۇرسىزلىقىنى، روھسىزلىقىنى، قوللىرىنى ئادەتتكىدەك سۇزماي سېلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز، كىشىگە قوللىرىنىڭ قىسقىراپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى سېزىسىز. قىسقىسى، ئۇ غەزەل ئېيتىيدىغان چاغدا يەنە بولالماي قالاتتى، ئاۋۋال ئۇنىڭ بېشى ئىختىيارسىز تىترەپ كېتەتتى، كېيىن كۆز ئالدىمىزدىلا يىقىلىپ چۈشەتتى، ئەمما ئۇ يەنە تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەل ئېيتاتتى. مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ئاۋازى بىلەن بۇرۇنقى ئاۋازىنىڭ ئانچە پەرقى يوقلىقىنى سېزەتتىم. ئاڭلاش سېزىمى بەك سەزگۈر ئادەملا ئىنچىكە پەرقلەرنى سېزىشى مۇمكىنىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئادەتتىن تاشقىرى بىر خىل ھاياجان مۇجەسسەملەشكەندەك قىلاتتى. يەنە كېلىپ بۇ ھاياجان دەل بۇ ئىشقا پايدىلىق ئىدى. ئۇ غەزەلنى ئاخىرىغىە ئېيتاتتى،  بۇرۇنقىدەك چارچاپ كەتمەيتتى، ئۇ كەسكىن قەدەم بىلەن مېڭىپ ـ مۇبادا بىز ئۇنىڭ يېنىك قەدىمىنى كەسكىن قەدەم دەپ ئاتىساق ـ سەھنىدىن چۈشسە، ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەر قانداق ياردىمىنى رەت قىلاتتى، ئۇ سولغۇن نەزەرى بىلەن ئۆزىگە ئەدەپ بىلەن يول بەرگەن ئاڭلىغۇچىلارغا قارايتتى.

يېقىنقى بىز مەزگىللىك ئىش مۇشۇنداق بولدى، ئەمما ئۇ يېقىندا بىر قېتىم غەزەل ئېيتىيدىغان چاغدا بىردىنلا كۆزدىن غايىپ بولدى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ئىزدەپلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇن كىشلەر ئۇنى ئىزدىگەنلەر قاتارىغا قۇشۇلدى، ئەمما ئۇلار ھىچنىمىگە مالىك بولالمىدى؛ يۆسېفېن غايىپ بولدى، ئۇنىڭ غەزەل ئېيتقۇسى كەلمىدى، ھەتتا ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزۈنى غەزەل ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتى. بۇ قېتىم ئۇ بىز بىلەن ئايرىلىپ كەتتى.

قىزىق، ئۇ قانداقچىسىگە چوتنى خاتا سوققاندۇ؟ ئۇ زېرەك ئايال تۇرۇپ، چوتنى شۇ دەرىجىدە خاتا سوققانىدى. ھەتتا ئۇ كىشلەرنى ئۆزۈنىڭ ھەرگىزمۇ چوتنى خاتا سوقمىغانلىقىنى سەزدى. ئۇ پەقەت تەڭرىنىڭ قىسمىتىگە تەن بەردى، ئەمما پانى ئالەمدە ئۇنىڭ تەغدىر دەرىخى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق يىقىلدى، ئۇ ئۆزلىكىدىن غەزەل ئېيتىشتىن ۋاز كەچتى، ئاۋامنىڭ راينى ئۈتىۋالىدىغان ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدى، ئۇ ئەل رايىنى زادى چۈشەنمەيتتى، ئۇ راستىنلا بۇنداق ھوقۇققا قانداق ئېرىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئەل رايىنى چۈشەنمەيمۇ قالمايتتى، چۈشەنسىمۇ ئاز چۈشىنەتتى، ئەمدى ھازىر ئۇ ئۆزۈنى دالدىغا ئېلىپ، قايتا غەزەل ئېيتمىدى، ئەمما بۇ مىللەت ھېلىھەم ئۆز يولى بىلەن مېڭىۋەردى، بۇ مىللەت تولىمۇ تەمكىن، روھلۇق، مەزمۇت كۆرۈنەتتى، ئۈمىدسىزلىك دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوقىدى، كىشلەرگە يالغان تەسىر بەرسىمۇ، يەنىلا كىشلەرگە مەرتلىك بىلەن سوۋغا ـ سالام تەغدىم قىلاتتى، ئەمما ئۆزلىرى سوۋغا ـ سالام قۇبۇل قىلمايتتى، ھەتتا يۆسېفېننىڭ سوۋغا ـ سالاملىرى بولسىمۇ قۇبۇل قىلمايتتى.

يۆسېفېننىڭ قۇياشى چۈشىتىن ئەگىلىپ تاغ ئارقىسىغا باش قۇيۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم ئىسقىرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈن ـ تىنسىز ۋاقىتلىرى تېزلا يېتىپ كەلدى، يۆسېفېن مىللىتمىزنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىدىكى قىسقىغىنە بىر قىستۇرما كۈي ئىدى. ئەمما بۇ مىللەت ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولغان بۇ ئىشنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتەتتى، ئەلبەتتە بۇ بىز ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەسىدى؛ يىغىلىش نېمە ۋەجىدىن ئۈن ـ تىنسىز جىمىپ كېتىدۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسقىرتىشى بۇ مىللەتنىڭ ئەسلىمىسىدىكىدىنمۇ ياڭراق، جانلىقمۇ، بۇنداق پەرقلەر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭ ھايات چاغلىرىدىكى ئىسقىرتىشلىرى ئازراق بولسىمۇ ئىسقىرتىش ئەمەسمۇ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمامدۇ؟ تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا، ئەجەبا بۇ مىللەت ئۆزۈنىڭ ئەقىل ـ پاراستى بىلەن يۆسېفېننىڭ غەزىلىنى مۇشۇنداق يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرمەمدىمۇ؟

شۇڭا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھىچقانداق نەرسىمىز كەم بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما يۆسېفېن بەختگە يارىشا مىللىتىمىزنىڭ سانسىزلىغان باھادىر ـ قەھرىمانلار قاتارىدىن غايىپ بولۇپ، پانى ئالەمنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىدىن قۇتۇلدى، ئۇنىڭ قارىشىچە قەھرىمان ـ باھادىرلارنىڭ ھەممىسى پانى ئالەمنىڭ بۇنداق ئاۋارىگەرچىلىكىگە ئۇچرايتتى؛ بىز تارىخ پاراۋۇزىنى ئىلگىرلەتمىگەچكە ئۇمۇ بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇنغا قالمايلا نىجاد تاپىدۇ ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

( خەنزۇچە « كافكا ھېكايىلىرى دىۋانى » ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى )

 

تەرجىمان: «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا

مەنبە: «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10507

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-30
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: