پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئوسكار ۋىلدىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى قايسىلار؟

 ئوسكار ۋىلدىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى قايسىلار؟

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئوسكار ۋىلدى ـــ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شەخستۇر. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ياۋروپادىكى تۈرلۈك چۈشكۈنلۈك ئېقىملىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن جايلاردا بۇ ئېقىملارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققان. ئۇ ئېرلاندىيەلىك بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل لوندوندا ئېچىلىپ تۇرىدىغان سالونلارغا قاتنىشىپ كىشىلەرنىڭ دىققەت- نەزەرىدىكى شەخسكە ئايلانغان. كېيىن ياۋروپا- ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئىستېتىكا ۋە ئېتىكا نەزەرىيەلىرىنى تەشۋىق قىلغان. «ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى بار» دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقان؛ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە تەنھالىق ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئوسكار ۋىلدى ناھايىتى تالانتلىق، سۆزمەن يازغۇچى بولۇپ، كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان ئاجايىپ گەپ- سۆزلىرى بىلەن بۇرژۇئازىيە دۇنياسىنىڭ چاكىنىلىقى بىلەن مەنپەئەتپەرەسلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان؛ شېئىرلىرىدا، نەسىرلىرىدە ۋە ماقالىلىرىدە رېئاللىقتىن ئايرىلغان پىل چىشى مۇنارى بىلەن بۇ دۇنيانى سېلىشتۇرما قىلغان. ئۇ «سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى» ناملىق ماقالىسىدە گۈزەللىكنىڭ غەلىبىسىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە بولغان غۇۋا ئۇقۇملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. ئوسكار ۋىلدى نۇرغۇن كىنايىلىك دىيالوگ، ئافورىزم (ھېكمەتلىك سۆز) غا تويۇنغان كومېدىيەلەرنى يازغان، بۇلارنىڭ مەزمۇنى ئۇنچە چوڭقۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى»، «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى» قاتارلىقلار بار.

ئۇ «بالىلار چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابىدا بەزى لىرىك چۆچەكلەر ئارقىلىق ئۆزلۈكىنى قۇربان قىلىش ۋە كەڭ قورساقلىق روھىنى چىن گۈزەللىكتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان نەرسە دەپ تەسۋىرلەيدۇ. «ئۆسمۈر پادىشاھ» ناملىق چۆچەكتە ئۆسمۈر پادىشاھ ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتا گۈزەللىك يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ جاپالىق مېھنەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ؛ شادىمان شاھزادە، ھەيكەل ۋە قارلىغاچ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ («شادىمان شاھزادە» ناملىق چۆچەك)؛ بۇلبۇل ئۆز قېنى ئارقىلىق ئاق ئازغاننى قىزىلغا بويايدۇ، كۆيۈك ئوتىغا گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچى بىر بەڭباش قىزغا گۈل سوۋغا قىلىپ، قىزنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ، ۋەھاكازالار.

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11159

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-13
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: