پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1909- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: سېلما لاگېرلوف

 

1909- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

سېلما لاگىرلوف 

نىلسنىڭ غاز ئۈستى ساياھىتى

(بالىلار چۆچىكى، كاتتا مۇكاپات)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مۇكاپاتلاش كومېتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يۈكسەك ئىدىيالىزم ئەكىس ئەتكەن، مول تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئاددىي ئەمما پاساھەتلىك تىل ئۇسلۇبى ئىشلىتىلگەن.

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

 

سېلما لاگېرلوف (Selma Lagerlof, 1858- 1940) شىۋېتسىيەنىڭ ۋېرمالىن ئۆلكىسىنىڭ مولباكا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، دادىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە لېيتنانتى ئىدى. ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدىلا يانپاش سۆڭىكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان. ئۇ بىر ياقتىن كېسىلىنى داۋالاتقاچ، يەنە بىر ياقتىن توم- توم كىتابلارنى ئوقۇپ، ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان. 1885- يىلى سىدگارمو قىزلار پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى راندىسكرۇن دېگەن كىچىك بازاردا 10 يىل ئوقۇتقۇچى بولغان. 1890- يىلى ئۇنىڭ «گۇستابرىن ھەققىدە ھېكايە» ناملىق تېخى تاماملانمىغان رومانىنىڭ بەش بابى «ئىدۇن» ژۇرنىلىنىڭ ھېكايە سەھىپىسىدە تاللاپ ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. لاگېرلوف 1909- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1914- يىلى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە چۆچەك بىلەن رېئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن؛ تەسەۋۋۇر بىلەن رېئاللىق ئۆزئارا بىرىكىپ، مېھىر- شەپقەت بىلەن ئانا مۇھەببىتىگە تويۇنغان ھېس- تۇيغۇلار ئەسەر قۇرلىرىدا تولىمۇ تەبىئىي يوسۇندا قانات يايغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، پاساھەتلىك، شېئىرىي تۇيغۇغا باي.

ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل

«نىلسنىڭ غاز ئۈستى ساياھىتى» لاگېرلوفنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. لاگېرلوف شىۋېتسىيەنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىپ ئەسىرىدە لازىم بولىدىغان تۈرلۈك ماتېرىياللارنى توپلىغان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بەش يىل ئىچىدە بۇ كىتابىنى تاماملىغان. ئەسىرى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ 1940- يىلى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر جەمئىي 3 مىليون 500 مىڭ پارچە تارقىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىلدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىپ، شىۋېتسىيە ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارىسىدا تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ زور ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ ئەسەر لاگېرلوفنى يالغۇز شىۋېتسىيە ئەدەبىيات سەھنىسىدە يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ يۈكسەك ئابروي قازاندۇرغان. 14 ياشلىق بالا نىلس خاگېرسون بۇ چۆچەكنىڭ باش پېرسۇناژى، ئۇنىڭ ئۆيى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يېزىدا. نىلس كىچىكىىدىنلا كىشىگە ئارىلاشمايدىغان ئىچ مىجەز بالا، ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرمايدۇ، ھەدېسىلا بەدقىلىقلىق قىلىدۇ، ئۆيىدىكى توخۇ، مۈشۈك، ئىت، توشقان دېگەندەك جاندارلارنى قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ. بىر باش باھار مەۋسۈمىدە ئۇنىڭ ئانىسى چېركاۋغا كېتىدۇ، ئۇ بىر كىچىك پەرىشتە بىلەن ئوينىشىدۇ. پەرىشتە ئۇنى باش بارماق چوڭلۇقىدىكى، قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان بىر كىچىك ئادەمگە ئۆزگەرتىپ قويىدۇ، دەل شۇ ئەسنادا بىر توپ ياۋا غاز كۆكتىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۆيدىكى بىر ئەركەك غازمۇ قاناتلىرىنى كەرىپ ياۋا غازلارغا ئەگىشىپ ئۇچماقچى بولىدۇ. نىلس غازنىڭ بوينىغا چىڭڭىدە گىرە سېلىپ ئۇچقىلى قويمايدۇ، كۈتمىگەندە غاز ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا شۇڭغۇيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ غازنىڭ دۈمبىسىگە مىنىپ ياۋا غازلار توپىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلىدۇ، جەنۇبتىن بىر ئۇچقان پېتى شىمالدىكى راپلان ئۆلكىسىگە ئۇچۇپ بارىدۇ، توپتوغرا 8 ئايدا ئاران يۇرتىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. ئۇ غازغا مىنىپ ئۇچۇۋېتىپ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تاغ- دەريالىرىنى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ، ۋەتىنىنىڭ تارىخى  بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، نۇرغۇن ھېكايە، رىۋايەتلەرنى ئاڭلايدۇ، نۇرغۇن خېيىم- خەتەر ۋە جەبىر- جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ساياھەت جەريانىدا ئۇ باشقا ھايۋانلار ساياھەت ھەمراھلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىدىكى ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان كەپسىزلىكلىرىنى، كەمچىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، باتۇر، دادىل بولۇش، كىشىلەرگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىشتەك گۈزەل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە بويى ئېگىز، قاملاشقان بالىغا ئايلىنىپلا قالماي، بەلكى مۇلايىم، قۇلىقى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، كىشىلەرگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ئىشچان بالىغا ئايلىنىدۇ. بۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى باي بولغان ئەسەر، ئاپتور بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ياش- ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە، جاپالىق ئۆگىنىشكە ئىنتىلىشكە، باشقىلاردىن ئۆگىنىشكە، ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى يېڭىش ۋە ئۆزگەرتىشكە، ھېسىداشلىق تۇيغۇسىغا باي بولۇشقا، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئوقۇرمەنلەرمۇ نىلسنىڭ ساياھىتىدىن شىۋېتسىيەنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، شىۋېتسىيەنىڭ جۇغراپىيەسى، تارىخىغا ئائىت بىلىملەرنى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىدۇ.

«نىلسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى» ناملىق بۇ ئەسەر مەخسۇس ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يېزىلغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئادەتتىكى ياش- ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ ئەسەردە ئەگرى- توقاي خېيىم- خەتەرلەر، كىشىنىڭ ئەس- ھۇشىنى ئالىدىغان ھېكايىلەر، ھەقدادىغا يەتكەن باتۇرلۇقلار، كىشى قەلبىنى لال قىلىدىغان گۈزەل باش پېرسۇناژلار يوق. ھەتتا جەلپكار گۈزەل سۆز- ئىبارىلەر، كىشىنى ۋەھىمىگە تاشلايدىغان دىيالوگلارمۇ كەمدىنكەم ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا ئاقما ھېسابەتتەك يېزىلغان ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدىكى بۇ ئەسەرنى شۇ قەدەر سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغان نەرسە زادى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئاپتورنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، ۋايىغا يەتكەن يۈكسەك يېزىقچىلىق ماھارىتى ئەسەرگە جان كىرگۈزۈۋەتكەن، ئەسلىدىنلا جانسىز بولغان بىر تال ئوت- چۆپ، بىر تال ياغاچتىن تارتىپ تاغۇ- تاشلارغىچە جان كىرىپ، جاھاندىكى جىمى مەۋجۇداتلارغا ئىدىيە، ئاڭ- تەپەككۇر، ھېس- تۇيغۇلار ئاتا قىلىنغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1891- يىل: «گۇستابرىن ھەققىدە ھېكايە» (رومان)

1897- يىل: «ساختا خىرستوسنىڭ مۆجىزىسى» (ساياھەت خاتىرىسى)

1899- يىل: «ئېسىلزادىلار قورۇقى ھەققىدە رىۋايەت»، «خانىش كوناخلېر» (رومان)

1901- 1902- يىل: «ئېروسالىم» (رومان)

1906- 1907- يىل: «نىلسنىڭ غاز ئۈستى ساياھىتى» (رومان)

1911- يىل: «لىريېكرونا ئائىلىسى» (رومان)

1912- يىل: «ھارۋىكەش» (رومان)

1914- يىل: «پىچۇگارىنىڭ پادىشاھى» (رومان)

1918- يىلى: «دىنىي تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان كىشى» (رومان)

1922- يىل: «مولباكا» (ئەسلىمە)

1925- 1928- يىل: «روۋىنھېرد» (تىرىلوگىيە)

1930- يىل: «بىز بالىنىڭ ئەسلىمىسى» (رومان)

1932- يىل: «كۈندىلىك خاتىرە» (نەسىر)

1933- يىل: «كۈز» (رومان)

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى

«نىلسنىڭ غاز ئۈستى ساياھىتى»، سېلما لاگېرلوف [شىۋېتسىيە]، ۋاڭ چۈەنگېن تەرجىمىسى، بېيجىڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2001- يىل نەشرى

«ئارنېي ئەپەندىنىڭ پۇلى»، سېلما لاگېرلوف [شىۋېتسىيە]، ياڭ خوڭفەن تەرجىمىسى، چەتئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1989- يىل نەشرى

«گۇستابرىن ھەققىدە ھېكايە»، سېلما لاگېرلوف [شىۋېتسىيە]، گاۋ جۈنچيەن تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1989- يىل نەشرى

شۇ يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر

فىرانىس [فىرانسىيە]

سىۋىنبۇرن [ئەنگلىيە]

مىتىرلنىك [بېلگىيە]

لاگېرلوف [شىۋېتسارىيە]

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11686

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: