پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئېرلاندىيە يازغۇچىسى ۋە دىرامماتورگى جون بەنۋىل

جون بەنۋىل (John Banville,1945-) ئېرلاندىيە يازغۇچىسى ۋە دىرامماتورگى بولۇپ، ئېرلاندىيەنىڭ دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ۋېكىسفۇد دېگەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئىشلىگەن؛ گېزىتخانا، ژۇرنال تەھرىراتلىرىدا تەھرىر بولغان. ئۇنىڭ 15 رومانى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە «گۇۋاھلىق» (1989) ناملىق رومانى بۇك مۇكاپاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، «دېڭىز» (2005) ناملىق رومانى بۇك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 2011- يىلى فرانىز كافكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بەنۋىل يەنە «بېنجامىن بۇلايك» دېگەن تەخەللۇستا جىنايەت باش تېما قىلىنغان رومانلارنى يازغان. ئۇ بۇ تەخەللۇستا ئەسەر يازغاندا ئۆزىنى ھۈنەرۋەن- كاسپ، بەنۋىل دېگەن ئىسىمىدا ئەسەر يازغاندا سەنئەتكار دەپ قارايدۇ. ۋەقەلىكى كەسكىن رومانلارنى يازغاندا كۈنىگە ئاران نەچچە يۈز خەتلا يازالايدۇ، جىنايەت باش تېما قىلىنغان رومانلارنى يازغاندا كۈنىگە نەچچە مىڭ خەت يېزىۋېتىدۇ. سەنئەتكار بەنۋېل تىل ئىشلىتىش ماھارىتى بىلەنمۇ مەشھۇر بولۇپ، «ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنگلىز تىلى ئۇستىسى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. مۇنداق قارىماققا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە تولىمۇ يېڭى، چۈشىنىشلىك تەسىر بېرىدىغان ئىپىك ئەسەردەك كۆرۈنىدۇ؛ لېكىن ئىنچىكىلەپ ھەزىم قىلىپ ئوقۇساق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن تىلنىڭ تولىمۇ چىرايلىق، ئۆزگىچە، يېڭى، نەپىس ئىكەنلىكىنى، كىشى ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە كۆزگە بۆلەكچە تاشلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇ ئەسەر يازغاندا سۆزنى ناھايىتى جايىدا ئىشلىتىدۇ، ئەسەرلىرىدىكى ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملىسىگە نۇرغۇن ئىماگلارنىڭ مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى، ئوقۇغان كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەر بىر جۈملىسى بىر شېئىر. ئۇ ئۆزىمۇ: «شېئىر بىلەن پروزىنى بىرىكتۈرۈپ بىر شەكىل يارىتىشنى ئويلايمەن، قەلب دۇنيارىم رومانلىرىمنىڭ تىلىغا شېئىرغا خاس زىچلىق ۋە قويۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ـــ سوغۇققان ئەمما يۇمۇرستىك تۇيغۇغا باي بىر ئىپىك شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قارا يۇمۇر ـــ ئۆتكۈرلۈك، كەسكىنلىك بىلەن مەنسىتمەسلىك، ئادەمنىڭ جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى شۈبھىلىنىش ۋە ئىزتىراپ چېكىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئوپراتسىيە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پىچاق. بەزىلەر ئۇنى نابوكوف بىلەن بېككىتنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دېيىشىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ تەرىپلەش ئارتۇقچە ئەمەس!

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10923

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-28
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدىبلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: