پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

نىتىزى: رىچارد ۋاگنېر

نىتىزى: رىچارد ۋاگنېر

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

نىتىزى ئۆز دوستى رىچارد ۋاگنېر (1813ـــ 1883) نىڭ ئوپېرالىرى ئىچىدىن تىراگېدىيە قارىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىي مىساللىرىنى بايقىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ۋاگنېر بىلەن شوپىنخائوئېرنىڭ ئىدىيەسى نىتىزىنىڭ ئۆز پەلسەپىسىنىڭ توغرا- خاتالىقىنى تەكشۈرىدىغان قورالى بولۇپ قالدى (ئۇ ئاخرىدا ئۇلاردىن ۋاز كېچىدۇ).

باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا نىتىزى ۋاگنېر ۋە ئۇنىڭ تالانتلىق ئايالى كوسما بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ تىرىبىشېندىكى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغان ۋاقتى 1869- يىلى ئىدى.

«ئۇ ئوي- پىكىرگە باي، ئۇلۇغ ھەمدە ئالىيجاناب كىشى ئىدى . . ھەممە ئادەم ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك جەلپكار، بارلىق بىلىملەرگە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئىدى.»

«ۋاگنېر ئۇنىڭغا ‹تىراگېدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى› ئۇ ئوقۇغان ئەڭ ياخشى كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.»

«بەزىلەر، ۋاگنېرىزم گېرمان مەدەنىيىتىگە قايتا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ دەل مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە كۈتكەن ئارزۇيۇم!»

نىتىزى باشتىلا ۋاگنېرنىڭ بايروتتا دۆلەتلىك سەنئەت تىياتىرى قۇرۇش غايىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى ھەمدە بۇ پىلان ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلدى. ئۇ «رىچارد ۋاگنېر بايروتتا» (؟1870) دېگەن ماقالىسىدە، ۋاگنېر يېڭىدىن ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىق دىرامما توپلىمىنى يۇناننىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى سەنئىتىنىڭ نىجاد يۇلتۇزى، دەپ مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى نىتىزى كېيىن ئۆزىنىڭ سەنئەت ۋە مۇزىكا ھەققىدىكى غايىسىنى ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىگە تاڭغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

ۋاگنېر ئۆزىنى سىياسىي ۋە جىنسىيەت جەھەتتىكى ئىنقىلابچى ھېسابلايتتى، بىراق ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈمىدۋارلىق ئىدىيەسى شوپىنخائوئېرنىڭ ئۆتكۈر ئۈمىدسىزلىك پەلسەپىسىگە تاقابىل تۇرالمايتتى.

1876- يىلى 8- ئايدا ئۇنىڭ «نىبېلوڭنىڭ ئۈزۈكى» ناملىق ئەسىرى بايروت تىياتىرىدا تۇنجى قېتىم ئوينالغان چاغدا، نىتىزى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى.

«مەن ئىلگىرى ۋاگنېرنىڭ ئىدىيەسىنى دىئونيسىئونچە روھىي قۇدرەتنىڭ كۈچلۈك ئىپادىلىنىشى، دەپ چۈشەندۈرگەنىدىم. مېنىڭچە، مەن ئۇنىڭدىن يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك سادانى ئاڭلىدىم . . . ئاشۇ مەدەنىيەت قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئاخىر تەۋرەشتىن خارابىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان نەرسىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدۇم.»

ئەمەلىيەتتە، دەۋرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدىكى يەر تەۋرەشنى ۋاگنېر ئەمەس، بەلكى نىتىزى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋاگنېرنىڭ «پارىسفال» (1877) ى سەھنىدە ئوينىلىشى بىلەن، نىتزى بىلەن ئۇنىڭ بۇ قەدىناس دوستىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

نىتزى شوپىنخائوئېرنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. ئەكسىچە ۋاگنېر «شوپىنخائوئېر پەلسەپىسىنىڭ قورام تېشى» ـــ ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىك ۋە بويسۇنۇش ئىدىيەسى ـــ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ چىرىك خىرستىياندىنىنىڭ ئاستىدا « بېسىلىپ قالغانىدى». بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمىسا كېرەك: ۋاگنېر فرانس لسىت (1811ـــ 1886) قا يازغان بىر پارچە خېتىدە مۇنداق دېگەن . . .

«شوپىنخائوئېر . . . مەندەك غېرىبلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا جەننەتتىن كەلگەن پەرىشتە . . . ئۇنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى، يەنى ياشاش ئىرادىسىنى ئىنكار قىلىش، راستىنلا قورقۇنچلۇق، بىراق بۇ قۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى.»

«ۋاگنېر ئىخلاسمەن مۇخلىسقا ئايلاندى.»

«لوخېنگىرىن قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپ بارلىق ئىزدىنىش ۋە گۇمانلىنىشلارنى چەكلىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋاگنېر خىرىستىيان دىنىنىڭ بۇ نۇقتىنەزىرىنى قوبۇل قىلدى: ‹سەن چوقۇم ئىشەنگىن›.»

خۇددى بىز كېيىن كۆرگىنىمىزدەك، شوپىنخائوئېر، ۋاگنېر ۋە خىرىستىيان دىنىنى نىتزى چىرىكلىك، ئاجىزلىق، مەنىسىزلىك ھەمدە ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەنىداش سۆزلىرى، دەپ قارايدۇ. ئاتالمىش ھېسداشلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆز- ئۆزىنى قۇربان قىلىش تۇيغۇسى مۇنۇلارغا ئايلاندى: «ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى، ئەڭ زور ئازغۇنلۇق ۋە قايمۇقۇش ــــ قايمۇقۇش نەگە بارىدۇ؟ يوقلۇققا بارىدۇ . . . ئىرادە ھاياتلىققا قارشى تۇرۇشقا ئۆگەتمەكتە.»

نىتزىغا نىسبەتەن ۋاگنېر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىنتايىن ئازابلىق ئىش ئىدى. «مەن ھەر قانداق بەدەلگە پىسەنت قىلماي تىربشېندا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى ـــ ئاشۇ ئىشەنچكە تولغان خۇشال كۈنلىرىمنى، گۈزەل مىنۇتلارنى، چوڭقۇر ئىدىيەلەرنى مۇھاكىمە قىلغان پەيتلەرنى . . . ھايات خاتىرەمدە ساقلايمەن.»

ھالبۇكى، ئاخىر . . .

«مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ھاياتىمدىكى ۋاگنېرنى، شوپىنخائوئېرنى، پۈتكۈل ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زەئىپلىكلەرگە قارشى تۇرمىسام بولمايتتى.»

 بۇ خىل غېرىبلىق تۇيغۇسى توختىماي كۈچىيىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلىشىپ (ئادەت خاراكتېرلىك باش ئاغرىش،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەچكە، ئۇ بىر مەزگىل دەم ئالمىسا، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە ــــ ئارشاڭدا داۋالانمىسا)، تاغلاردا ساياھەت قىلمىسا ـــ بولمايتتى. لېكىن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇ يەنىلا باسېلغا قايتىپ دەرس ئۆتتى.

1875- يىلى ئۇ ياش مۇزىكانت ھېنىرىخ كۆشىتىس بىلەن دوست بولۇپ قالدى ـــ ئۇنىڭغا يېڭىدىن پېتېر گاست (گاست گېرمان تىلىدا زىيارەتچى، ھەمراھ دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىممۇ قويۇپ قويدى ــــ گاست ئۇنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى خاتىرىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى كۆچۈرۈشكە ياردەملەشتى.

(مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002- يىلى نەشر قىلىنغان «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11859

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: