پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

جىبران: ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى

ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى

جىبران خېلىل جىبران

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

 

– ئۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان رادىكال .

– ئۇ ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىنى پايخان قىلىش قەستىدە ئەسەر يازىدىغان بىر خىيالپەرەس .

– نىكاھ قەسرىدە تۇرۇۋاتقان ئەر – ئاياللار جىبراننىڭ نىكاھ ھەققىدىكى قاراشلىرىغا چىنپۈتىدىكەن ، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى غۇلايدۇ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجىللىق ئىمارىتى كۇمپەيكۇم بولىدۇ ، پۈتۈن جاھان بەئەينى دوزاخقا ئايلىنىپ ، ئاۋام ئەرۋاھ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ .

– ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ ئەس – ھوشۇڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار ! ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ كۈشەندىسى دەپ بىلىڭلار!

– ئۇ بىر ئانارخىست ، ئۇ بىر ئاسىي مۇرتەد . ئى قۇت تېغىدىكى خالايىق ، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى كۆزدىن يوقىتىڭلار ، ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىڭلاركى ، ئۇنىڭ يازمىلىرى روھىڭلارنى كىرلەشتۈرۈپ قويمىسۇن !

– مەن ئۇنىڭ «سۇنغان قانات» دېگەن نەسىرىنى ئوقۇدۇم ، بىلدىمكى ئۇ لوق گۆش ئارىسىغا سېلىنغان زەھەر ئىكەن .

خالايىق مەن ھەققىدە ئەنە شۇنداق تەلقىنلەردە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئېيىتقانلىرىنىڭ ھېچ خاتاسى يوق ، مەن دېمىسىمۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر رادىكالمەن . ۋۇجۇدۇمدىكى گۇمراھلىق خاھىشى تىكلەش خاھىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ نەرسىگە چوقۇنۇپ كېتىشلىرىگە ئىچ – ئىچىمدىن بىزارلىقىم تۇتىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولالماي تالادا بويۇن قىسىپ قالغان نەرسىلەرنى كۆرسەم سۆيۈنۈپ كېتىمەن . ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا يامراپ كەتكەن ئەنئەنە ، ئادەت ۋە ئېتىقادلىرىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا قۇربىتىم يەتسە ئىدى ، بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلماس ئىدىم . گاھىلار ئەسەرلىرىمنى «لوق گۆش ئارىسىغا سېلىنغان زەھەر» دەپ تەرىپلىشىپتۇ ، شۇ سۆزلىرى بىلەن چۈمپەردە كەينىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى ئاشكارا قىپتۇ . مەن لوق گۆش ئارىسىغا زەھەر سېلىپ قويدۇملا ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ لوق گۆشنىڭ ئارىسىدىكى زەھەرنى سىقىپ چىقىرىپ ، ئۇنى سۈزۈك ئەينەك جامغا قۇيدۇم . . . . .

ئۆز روھلىرىنى قارىتىپ قويۇپ مەندىن ئەپۇ تەلەپ قىلىشىۋاتقان ، مېنى «قارا بۇلۇتلار قوينىدا كېزىپ يۈرىدىغان خىيالپەرەس» دەپ تەرىپلىشىۋاتقان كىشىلەر سۈزۈك جامدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ نەرسىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىشىدۇ ، بۇرۇن «زەھەرلىك» دەپ قارىغان بۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ۋاز كېچىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاشقازانلىرى بۇزۇلغان ، ئۇنى ھەزىم قىلالىغۇدەك مادار ئۇلاردا يوق .

بەلكىم بۇ گەپلىرىم قۇلاقلىرىڭلارغا مۇشت ئۇرغاندەك قوپال ئاڭلانغاندۇ ، لاۋزا تۇيۇلغاندۇ . لېكىن ، لاۋزىلىققا قوپاللىق قوشۇلسا ئاسىيلىققا سىيلىقلىق قوشۇلغىنىدىن ياخشىراق ئەمەسمۇ ؟ لاۋزىلىق ئارقىلىق ھېچبولمىغاندا ئۆز – ئۆزىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ ، لېكىن ئاسىيلىق باشقىلار ئۈچۈن پىچىلغان توننى ئۇچىسىغا ئارتىۋېلىش بولماي نېمە .

شەرقلىكلەر ھەسەلگە ئامراق كېلىدۇ ، ئۇلار ئۈچۈن ھەسەلدىن ئۆزگە مەززىلىك تائام يوق . ئۇلار ھەسەلنى زىيادە كۆپ يەۋەتكەچكە ئۆزلىرىمۇ ھەسەلگە – ئوتنى كۆرسە ئېرىيدىغان ، مۇزنى كۆرسە قاتىدىغان شىرنىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

شەرقلىكلەر شائىرلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ، شاھىنشاھلىرى ، ھۆكۈمدارلىرى ۋە باش ئېپىسكوپلىرى ئۈچۈن كۈجىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىستەيدۇ . شەرق ئاسمىنىنى ئىسرىقدان ۋە قەبرىستانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس – تۈتەكلەر قاپلىغان ، لېكىن ئۇلار قانائەتتىن تېخىچە يىراق . زامانىمىزدا شېئىرىي بالاغەتتە مۇتەنەببىي بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدىغان قەسىدە شائىرلىرى بار ، خەنساغا① ئوخشاش ئازاب تۇيغۇسىغا ئىگە شائىرلار بار ، شېئىرىي لاتاپەتتە شافىدىن ھارىدىن② ھالقىپ كەتكەن مۆتىۋەر شائىرلارمۇ بار .

شەرقلىكلەر ئالىملىرىغا بۇرۇن ئۆتكەن ئابا – ئەجداتلىرىنىڭ تارىخىنى ، ئىز – خارابىلىرىنى ، ئۆرپ – ئادەت ، ئەنئەنىلىرىنى ، كالامپاي تىلىنى ، مۇرەككەپ سۆزلۈكلىرىنى ، ئۆزلىرىنىڭ تايىنى يوق سىتىلىستىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۈن ۋە تۈنلىرىنى خورىتىش تەلىپىنى قويىدۇ .

شەرقلىكلەر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بېدىرباي ③ ، ئىبىن رۇشىد ④ ، ئېفرام سارىيانى ⑤ ۋە جون دەمەشىق ⑥ نىڭ گەپلىرىنى قۇلاق تۈۋىدە قايتا زاھىر قىلىشنى ؛ ئەسەرلىرىدە ئاقماس تەنبىھلەر ، قوپال نەسىھەتلەر ۋە ئاشۇ نەسىھەتلىرىدە قوللىنىلغان ھېكمەت ۋە ئايەتلەرنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . كىمىكى شۇ ئايەتلەر بويىچە ئىش كۆرىدىكەن ، شۇنىڭ ھاياتى قارا كۆلەڭگىلەر ئاستىدا ياشايدىغان ئاجىز ئوت – چۆپلەرگە ، روھلىرى ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان ئىللىق سۇغا ئوخشاپ قالىدۇ .

قىسقىسى ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان قولدىن بېرىپ قويغان سەھىنىلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقلىكلەر پاسسىپ ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرگە ئامراق ، ئاكتىپ ، بىغۇبار ، ئۆزلىرىنى غىدىقلاپ شېرىن چۈش قوينىدىكى سۈت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان پرىنسىپ ۋە تەلىملەردىن بىزار .

شەرق كېسەل كۆرپىلىرىنىڭ تېنىنى تۈرلۈك تۈمەن كېسەل چىرمىدى ، ۋابا سالجىدەك چاپلاشتى ، ئۇزۇن يىل كېسەل ئاسارىتى دەستىدە تەنلىرى ئاغرىق ئازابىغىمۇ كۆنۈپ قالدى ، ساقايماس مەرەز كېسەل ، ئاغرىق – سىلاق ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۇغما ئارتۇقچىلىق سانالدى ، ھەتتا ئۇنى سۆيۈملۈك قۇسۇر ئورنىدا كۆرۈپ ، ئالىيجاناب روھ بىلەن ساغلام تەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىق دەپ بىلدى ؛ مەگەركى ، كىمدە شۇنداق نۇقسان بولمايدىكەن ، شۇ كىشى تۇغما تالانتى ۋە مۇكەممەل غايىسىدىن مەھرۇم بولغان مەجرۇھلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىلدى .

شەرقتە نېمە تولا تىۋىپ تولا ، ئۇلار ھەدېسە كېسەل كارىۋىتى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ بىمارغا دېئاگنوز قويىدۇ . ئۇلار بىمارنىڭ كېسەل ئازابىغا بىردەملىك مەلھەم بولالايدىغان ناركوز دورىسىلا كېسىپ بېرەلەيدۇ ، كېسەلنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتالايدۇ ، لېكىن كېسەلنى يىلتىزىدىن يوقىتالمايدۇ .

روھنى ناركوزلاش دورىلىرىنىڭ تۈرى جىق ، شەكلى خىلمۇ خىل . كېسەل ئۆزئارا يۇققانغا ئوخشاش ، بىر خىل ناركوز دورىسى يەنە بىر خىل ناركوز دورىسىنى پەيدا قىلدى . شەرقلىكلەرنىڭ تېنىدە ھەر قېتىم يېڭى بىر خىل كېسەل ئاسارىتى كۆرۈلگەن ھامان تېۋىپلار يېڭىچە بىر خىل ناركوز دورىسىنى ئىختىرا قىلىشقا ئارانلا تۇرىدۇ .

ئاشۇنداق ناركوز دورىلىرىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ . بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى ، بىمارلار مەشھۇر تەقدىر – قىسمەت نەزەرىيىسى پەلسەپىسىگە باش ئېگىدۇ . ئۇنىڭدىن بۆلەك ، دوختۇرلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئەندىشە بولغاچقا ، پايدا قىلىدۇ دېگەن دورىسىنىڭ بىمارنىڭ تېنىنى ئاغرىتىپ قويۇشىدىن قورقىدۇ .

شەرقلىق تېۋىپلارنىڭ ئائىلە كېسلى ، دۆلەت كېسىلى ۋە دىنىي كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ناركوز دورىسى ، تىنچلاندۇرۇش دورىسى توغرىسىدىكى بىر نەچچە مىسالنى سۆزلەپ بېرەي .

تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېرى ئايالىدىن بىزار بولدى ، ئايالنىڭمۇ ئەردىن كۆڭلى قالدى . شۇ ۋەجىدىن ئۆيدە ئۇرۇش – تالاش قۇرۇمىدى ، ئەر – ئايالنىڭ كۆڭلى بىر – بىرىدىن سوۋۇپ كەتتى . بىر سوتكا ئۆتە – ئۆتمەي ئەر تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئايال تەرەپنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ بېرىپ جىق خىزمەت ئىشلىدى ، ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ نىكاھ قەسرىگە ئاللىقاچان دەز كەتكەن ئەر – ئايالنى يەنە ئۆي تۇتقۇزۇپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايال تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ قىزنى ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ، لېكىن قەلبىدىن قايىل قىلالمايدىغان تەنبىھ – نەسىھەتلەرنى توقۇپ چىقىپ ، قىزنىڭ ھېسسىياتىنى گاڭگىرىتىپ قويدى . ئاندىن ئەر تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ ، كۆڭۈلنى يۇمشىتالايدىغان ، لېكىن ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان چىرايلىق گەپ – سۆزلەر ، ئىبرەتلىك ھېكمەتلەر بىلەن ئەرنىڭ كاللىسىنى بىخۇدلاشتۇردى . شۇنداق قىلىپ ، روھىي جەھەتتىن بىر – بىرىدىن مېھرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ۋاقتىنچە يارىشىپ قالدى ؛ يۈرىكىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا قۇلاق سالماي قايتىدىن جەم بولدى . لېكىن بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنڭ سەۋەب قىلغان ناركوز دورىسى كۈچىدىن قالدى ، ئەر تەرەپنىڭ يەنە بىزارلىقى تۇتتى ، ئايال تەرەپمۇ ھەسرەت – نادامەت چۈمپەردىسىنى قايرىپ تاشلىدى . لېكىن ، ئۇلارنى تۇنجى رەت ياراشتۇرۇپ قويغان كىشىلەر يەنە كارامىتىنى ئىشقا سالدى ؛ ناركوز دورىسى يەپ كۆنۈپ قالغانلارمۇ يەنە بىر جام ئىچىشىنى رەت قىلمىدى .

كىشىلەر زالىم ھۆكۈمەت ۋە كونا تۈزۈمگە قارشى قوپتى ، گۈللىنىش ۋە ئازاتلىقنى مەقسەت قىلغان بىر ئىسلاھات جەمئىيىتىنى تەشكىللىدى . ئۇلار دادىللىق بىلەن نۇتۇقلارنى سۆزلىدى ، قايناپ – تېشىۋاتقان ھېسسىياتلىرىنى قەغەزلەرگە پۈتۈشتى ، جەمئىيىتىنىڭ نىزام ۋە پروگراممىلىرىنى ئېلان قىلىشتى ، ۋەكىللەرنى ، ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىشتى . ئارىدىن بىر – ئىككى ئاي ئۆتە – ئۆتمەي ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جەمئىيەتنىڭ كاتتىباشلىرىنى تۇتۇپ قامىغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا مەنسەپتىن بىرەرنى تۇتقۇزغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئىسلاھات جەمئىيىتى توغرىسىدىكى پاراڭلارمۇ شۇندىن ئېتىبارەن جىمىپ قالدى . چۈنكى ، جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ھەممىگە ئايان بوپ كەتكەن ناركوز دورىسىدىن ئىستېمال قىلغاچقا ، جىمىپ قالغان ، تەسلىم بولغانىدى .

بىر توپ كىشى دىنىي داھىيغا قارشى قوپتى ، بەزى تۈپ مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ ، داھىينى تەنقىد قىلدى ، تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلدى ، قىلمىش – ئەتمىشلىرىدىن سەسكىنىشتى . ئۇلار داھىيغا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتكە يېقىن ، خىيالىيلىق ۋە خۇراپىيلىقتىن خالىي تەلىماتلارغا ئەگەشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالدى . ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمىدى ، دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ چوپان بىلەن قوي پادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگەتكەنلىكىنى ، ناركوز دورىلىرىنىڭ سىرلىق كارامىتىدىن پايدىلىنىپ داھىينىڭ ئىززەت – ھۈرمىتىنى قايتا تىكلىگەنلىكىنى ، ئاسىي – مۇرتەدلەرنىڭ قەلب قەسرىدە دىنىي داھىينىڭ بۈيۈك سىيماسىنى يېڭىباشتىن تىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇق .

تېنى زەئىپلىكتىن نىمجان ھالغا چۈشكەن ئېزىلگۈچى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قۇدرەتلىك زۇلۇمكارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىدىن دادلىدى . قوشنىسى ئۇنىڭغا : «دادلىمىغىن ! قارشى تۇرغۇچىلارغا كۆزىنى ئويۇش جازاسى بېرىلىدۇ» دېدى .

مۇناخنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ساداقىتىدىن گۇمانلانغان بىر يېزىلىق كىشىگە ھەمراھى ئېيىتتى :

– بولدى قىلغىن ! «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما» دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ؟!

بەسىرە ۋە كۇفە ئېقىمىنىڭ تىل ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئۆلۈك ھالدا يادلاۋاتقان تالىپلىرىغا ئۇستازى دېدى :

– يالقاۋ ، ئىش خوشياقمايدىغان لىڭتاسما كىشىلەر ئۆزلىرىگە گۇناھتىنمۇ يىرگىنىچلىك باھانىلەرنى تېپىشماقتا .

قىزچاق مومىسىنىڭ ئادىتىگە كۆنمىدى ، ئانىسى دېدىكى :

– قىز ھەرقانچە قىلغىنى بىلەنمۇ ئانىسىدىن ئەۋزەل بولالمايدۇ ؛ مەن بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى سەنمۇ ھازىر مېڭىۋاتىسەن .

دىندىكى قوشۇمچە بۇيۇمنىڭ مەنىسىنى سورىغان بىر يىگىتكە باستېر مۇنداق دېدى :

– كىمىكى شەيئىلەرنى ئېتىقادىي نەزەردە كۆزەتمەيدىكەن ، شۇ بۇ دۇنيادا ئىس – تۈتەك بىلەن تۇماندىن بۆلەكنى كۆرەلمەيدۇ .

ئەنە شۇ تەرزدە كۈنلەر بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى . شەرقلىكلەر كېسەل چىللايدىغان يۇمشاق تۆشەكلىرىدە سۈت ئۇيقۇسىنى داۋام ئېتىۋەردى ؛ بۈرگىلەرنىڭ چېقىشىدىن بىرەر مىنۇت ئويغىنىپ كەتتى – يۇ ، تۈگىمەس ئۇيقۇغا يەنە غەرق بولدى ؛ تومۇرلىرىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ناركوز دورىسىنىڭ پەپىلەشلىرىگە بۆلۈنگەن بۇ شېرىن ئۇيقۇ ئەنە شۇنداق قىلىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بوپ قالدى . ئارىدىن بىرسى بۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۇخلاۋاتقانلارنى بار ئاۋازى بىلەن چاقىردى ، ھويلا – ئاراملىرى ، ئىبادەتخانىلىرى ، قازىخانىلىرى شاۋقۇن – سۈرەن بىلەن تولغاندىلا ئاندىن ئۇلار ئۇيقۇدىن ئېغىرلاشقان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىشتى ، تازا بىر ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن دېيىشتى :

– قايسى بىئەدەپ چوشقىنىڭ قىلغان ئىشى بۇ ! يا ئۆزى ئۇخلىمىغان ، يا كىشىنى ئۇخلاتمىغان ! – ئۇلار كۆزلىرىنى يەنە يۇمۇشتى – دە ، روھىغا مۇنۇلارنى پىچىرلىدى ، – خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بۇ مۇرتەد شۇ تاپتا ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىي قورغانلىرىنى پايخان قىلىۋاتىدۇ ، ئابا – ئەجداتلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ئىمارەتلەرنى كۇمپەيكۇم قىلىپ ، ئادىمىيلىككە زەھەرلىك ئوق ياغدۇرۇۋاتىدۇ .

ئۆز – ئۆزۈمدىن : «مەن ناركوز دورىسى ۋە تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىچىشنى رەت قىلىدىغان ئاسىي ئويغاقمۇ – ئەمەسمۇ» دەپ تالاي قېتىملاپ سورىدىم . روھىم ماڭا مۈجمەل گەپلەر بىلەن جاۋاب بەردى . كىشىلەرنىڭ ئىسمىمنى قارغاشقانلىقلىرىنى ، تەشەببۇسلىرىمدىن سەسكەنگەنلىكلىرىنى ئاڭلىغىنىمدىلا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي بىر ئويغاق ئىنسان ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم ، ئۆزۈمنىڭ شېرىن خىياللار قوينىغا ئەسىر بوپ كەتمەي ، تەنھا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەزا بولۇشنى ئىستەۋاتقانلىقىمنى بىلدىم . ھايات ئۇلارنى ئازغان – تىكەن بىلەن گۈل – چىمەنلەر تەڭ ئۆسكەن ، چىلبۆرىلەر بىلەن كۈي – غەزەللەرگە ئاشىق بۇلبۇللار تەڭ ماكان ئەيلىگەن چىغىر يوللاردا ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى .

ئويغاقلىق بىر خىل پەزىلەت سانىلىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۆزۈمنى ئويغاق كۆرسىتىۋېلىشتىن ئۇيىلىمەن . لېكىن ئۇ نەزەرىمدە پەزىلەت ئەمەس ، بەلكى تەنھالىقنى ئىستەۋاتقان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ بىر خىل رېئاللىق ؛ ئۇلار كۆرۈنمەس بىر يىپقا باغلىنىپ ، ئۇنىڭ ئاشۇ داغدۇغىلىق مەنىسىگە ئەسىر بولۇشقىنىچە بىئىختىيار ھالدا ئاشۇ غايىبانە يىپقا ئەگىشىپ ماڭماقتا .

چىن تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ئۇيۇلۇش مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇچىغا چىققان ساختىپەزلىك ، لېكىن شەرقلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇ «تەربىيە كۆرگەنلىك» .

كەلگۈسىدە ئەدىبلەر ، مۇتەپەككۇرلار مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ، تېرىككىنىدىن مۇنداق دېيشىدۇ :

– ئۇ تۇرمۇشنى قاراڭغۇدا تۇرۇۋېلىپ كۆزىتىدىغان بىر رادىكال . ئۇ ئارىمىزدىلا بولىدىكەن ، بىزنىڭ ھالىمىزغا ئېچىنىپ ھەسرەت چېكىدۇ ، ئاھ ئۇرىدۇ ، ياش تۆكىدۇ . ئۇنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇ زۇلمەتتىن بۆلەك ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ .

مەن ئاشۇ ئەدىبلەرگە ، مۇتەپەككۇرلارغا مۇنداق دەيمەن :

– ئەي شەرق ، مەن سەن ئۈچۈن ياش تۆكىمەن . چۈنكى ، جىنازا ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناش ئۆتۈپ كەتكەن تەلۋىلىك .

ئەي شەرقلىكلەر ، مەن سىلەر ئۈچۈن ياش تۆكىمەن . چۈنكى كېسەل ئاسارىتىدە قىينىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا ئويۇن – كۈلكە قىلىش نادانلىقنىڭ ئۈستىگە نادانلىق .

ئەشۇ سۆيۈملۈك ئېلىم ئۈچۈن نادامەت چېكىمەن ، چۈنكى كۆزىدىن ئايرىلغان بىر ئەمانىڭ ئالدىدا غەزەل توۋلاش ئۆتۈپ كەتكەن بىغەرەزلىك .

مەن ئۇچىغا چىققان بىر رادىكال ، چۈنكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدىغان مۆتىدىل ئېقىمدىكىلەر پەقەت ھەقىقەتنىڭ يېرىمىنىلا ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ ، قالغان يېرىمىنى تېررورلۇقنىڭ چۈمپەردىسى كەينىگە يوشۇرۇپ قويۇپ كىشىلەرنى ساراسىمگە سالىدۇ ، ۋەھىمىگە چۈشۈرىدۇ .

چىرىگەن جەسەتلەرنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىمدىن سەسكىنىپ كەتتىم ، ئىختىيارسىز ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى ، قەلبىمنى ئەنسىزلىك تۇمانلىرى ئىگىلەپ ھېچ بىر تاقىتىم قالمىدى . سول يېنىغا بىر ئىستاكان مۇزدەك ئۇسسۇزلۇق ، ئوڭ يېنىغا بىر لىگەن تاتلىق تۇرۇم قويۇلغان چىرىگەن بىر جەسەت بىلەن روبرو ئولتۇرۇشقا تاقىتىم يوق .

ناۋادا بىراۋلار مېنىڭ ھەسرەت – نادامەتلىرىمنى شاد كۈلكىگە ، سەسكىنىشلىرىمىزنى ھېسىداشلىققا ، رادىكاللىقىمنى مۇلايىملىققا ئايلاندۇرۇشنى ئىستىمەك بولىدىكەن ، ئۇنداقتا كۆز ئالدىمدا ئادىل ھۆكۈمدار ، ئوتتۇرىدا لىللا تۇرىدىغان بىر قانۇنچى ھازىر قىلسۇن ، ئۆزى دېگەن ئەمىر – مەرۇپلار بويىچە ئىش كۆرىدىغان بىر يولباشچى ھازىر قىلسۇن ، شۇنداقلا ئاياللىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نەزەرى بىلەن قارايدىغان ئەرلەرنى ھازىر قىلسۇن .

مەگەركىم ، كىمىكى مېنى ئۇسسۇلغا چۈشۈرمەك بولىدىكەن ، دېپىمنىڭ تاراڭلاشلىرىغا ، نېيىمنىڭ كۈيلىرىگە قۇلاق سالسۇن ؛ مېنى قەبرىلەر ئارىسىغا تاشلاپ قويماي ، تويى بولغان يىگىتنىڭ ئۆيىگە باشلىسۇن .

ئىزاھات :

① خەنسا (557 ؟ – 664) – قەدىمكى دەۋردىكى مەشھۇر شائىرە .

② شافىدىن ھارى (1277 – 1349) قەدىمكى ئەرەب شائىرى .

③ بېدىرباي – ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «كەلىلە ۋە دېمىنە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان ھىندى پەيلاسوپى .

④ ئىبىن رۇشىد (1126 – 1198) قەدىمكى ئەرەب پەيلاسوپى ، تەبىئىي پەن ئالىمى ، مەشھۇر تېۋىپ ، فىقھىشۇناس .

⑤ ئېفرام سارىيانى (306 – 373) پراۋسلاۋىيە دىنى پوپى .

⑥ جون دەمەشىق (تەخمىنەن 675 – 749 – يىللار) قەدىمكى ئەرەب دىنشۇناسى ، پېد

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10891

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: