پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

يېڭىچە پروزا ئېقىمى دېگەن نېمە؟

يېڭىچە پروزا ئېقىمى دېگەن نېمە؟

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە «ئاسىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلار پەيدا بولدى. بۇ يازغۇچىلار جەمئىيەتتىكى جىمى ئەنئەنىگە، جۈملىدىن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە گۇمانلىنىش، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتتى. ئالان روب گىرىللېت، ناتالى ساروت، مىچىل بۇتور، كلائۇد سىمون مۇشۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچىلاردۇر. ئۇلار، 19- ئەسىردىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى، بولۇپمۇ بالزاك ۋە تولستوي ۋەكىللىكىدىكى رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئوقۇرمەنلەرنى پەقەت «تاشقىي چىنلىق» دۇنياسىغىلا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى داۋالغۇش، ئەنسىزلىك، تۇترۇقسىزلىق، بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ روھىدىكى مەنىسىزلىك ۋە بۇرۇقتۇرمىلىقنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. كونىچە ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن ئادا- جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلاپ، پروزىدا يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى، يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى، يېڭىچە ئەركىنلىككە ئىنتىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى ئادەملەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بۇ يازغۇچىلارنى «ئەنئەنىگە قارشى يېڭى ئېقىم» ياكى «يېڭىچە پروزا ئېقىمى» دەپ ئاتاشتى.

بۇ ئېقىمدىكى ئىجادىيەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:

ۋەقەلىكنىڭ لوگىكىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. ئاپتور پەقەت پاكىتنىلا ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، يەكۈن قىسىمىغا كەلگەندە مۇشۇ پاكىتلارنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى خۇلاسە چىقىرىشىغا تاشلاپ بېرىدۇ.

ۋاقىت تەرتىپى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. بۇ ئېقىمدا يېزىلغان ئەسەرلەردە ئەنئەنىۋى ۋاقىت مۇناسىۋىتى ۋە بايان ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى، رېئاللىق، خىيالىي تۇيغۇ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىنىپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇلۇپ نامايان قىلىنىدۇ. ھەرقانداق يىپ ئۇچى، ئەسكەرتىش تەمىنلەنمەستىن، ھەممىسى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىۋېلىشىغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

جىسىم تەسۋىرى بىلەن ۋەقەلىك تەسۋىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، تەكرار ھەم سىدام بولۇشتەك زامانىۋى ئۇسۇل كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئەسەرنىڭ ھەرقايسى بابلىرى ئارىسىدا ھەمىشە بەزى ۋەقەلىكلەر ئاتلاپ ئۆتۈلۈپ، ئەسەر ۋەقەلىكى راۋاجىنىڭ باغلىنىشچانلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكى كېمەيتىۋېتىلىدۇ.

پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ، ئوقۇرمەن ھەمىشە پەقەت ماددىنىلا كۆرىدۇ، ئادەمنى كۆرەلمەيدۇ.

ھېسسىياتنىڭ نۆل نۇقتىسىغا بەكرەك چۆكىدۇ.

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11209

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: