پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان) 6- باب

قەلئە

(رومان)

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋسترىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

ئالتىنچى باب

سارايۋەن ئۇنى ساراي ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى. K ئۆزى ئېغىز ئاچمىسا ئۇنىڭ گەپ قىلىشقا جۈرئىتى يوقلۇقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇ يەردە تۇرغانلىقىنى سورىدى.

– يېڭى تۇرالغۇ تاپتىڭىزما؟- دېدى سارايۋەن كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي.

– ئايالىڭىز شۇنداق سوراپ بېقىڭ دېمىگەندۇ- ھە؟- دېدى K ،- قارىسام، ھەممە ئىشتا خوتۇنىڭىزنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغاندەك كۆرۈنىسىز.

– ئۇنداق ئەمەس،- دېدى سارايۋەن،- بۇ گەپنى مەن ئايالىمنىڭ گېپى بىلەن سوراۋاتمايمەن. لېكىن، ئۇ سىزنىڭ دەستىڭىزدىن ناھايىتى بىئارامچىلىق ئىچىدە قالدى، قولىمۇ ھېچ ئىشقا بارمايۋاتىدۇ، كارىۋاتتىن چۈشمەي ئاھ ئۇرۇپ ھەممە نېمىدىن زارلىنىپ ياتىدۇ.

– مەن كىرىپ قاراپ باقايمۇ- يە؟- سورىدى K .

– بولسا شۇنداق قىلىڭە،- دېدى سارايۋەن،- سىزنى ئىزدەپ كەنت باشلىقىنىڭ ئۆيىگىچە باردىم، ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلسەم ئىككىڭلار ھەدەپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتىكەنسىلەر، مالال قىلغۇم كەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمدىن ئەنسىرەپ تۇرالماي يەنە شاپاشلاپ يېنىپ كەلدىم. لېكىن، ئۇ مېنى كىرگىلى قويمىدى، باشقا ئىلاج قىلالماي سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى ساقلاپ تۇردۇم شۇ.

– ئەمىسە دەرھال كىرەيلى ،- دېدى K،- مەن كىرسەم ئۇنىڭ كەيپىياتى بىردەمدىلا ياخشى بوپ قالىدۇ.

– دېگىنىڭىزدەك بولغاي ئىلاھىم،- دېدى سارايۋەن.

ئۇلار يوپيورۇق ئاشخانىدىن ئۆتتى، ئۈچ- تۆت ئايال خىزمەتكار بىرسى ئۇ يەردە، بىرسى بۇ يەردە تۇرۇپ قوللىرىدىكى ئىشلىرى بىلەن ھەلەك ئىدى، ئۇلار K نى كۆرۈپ قاققان قوزۇقتەك تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى. سارايۋەننىڭ ئايالىنىڭ خۇرسىنىشلىرى ئاشخانىغىچە ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئايال ئاشخانا بىلەن نېپىز بىر قەۋەت تاختاي ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان دەرىزىسىمۇ يوق كاتەكتەك بىر ئۆيدە ياتاتتى. ئۆينىڭ ئىچىگە يوغان قوش كىشىلىك كارىۋات بىلەن بىر ئىشكاپ ئارانلا سىغقان ئىدى. كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتكارلارنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن كارىۋات ئەتەي ئاشۇنداق قويۇلغانىدى، لېكىن ئاشخانىدا تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىچىنى كۆرگىلى بولمايتتى. يورۇق چۈشمىگەچكە ئۆي ئىچى تولىمۇ قاراڭغۇ ئىدى، قىزغۇچ كارىۋات كىرلىكىدىن ناھايىتى ئاجىز نۇر تاراپ تۇراتتى، ئۆيگە كىرىپ كۆزلەر قاراڭغۇلۇققا كۆنگەندىن كېيىنلا ئاندىن نەرسە- كېرەكلەرنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.

– ئاخىرى كەلدىڭىز،- دېدى سارايۋەننىڭ ئايالى تولىمۇ ھالسىز بىر قىياپەتتە. ئايال پۇت- قوللىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشتى بولغاي، ئۈستىدىكى مامۇق يوتقاننى تۈرتۈپ ئېچىۋەتتى. ئۇنىڭ كارىۋاتتا ياتقان مۇشۇ تۇرۇقى كىيىم كىيىۋالغان چېغىدىكىدىن ياش كۆرۈنەتتى، بەكلا كىچىكلىكىدىن ھېلىلا سېلىنىپ كېتەي دەپ قالغان، چۆرىسىگە زىغزىق تۇتۇلغان پوسمىسى جۈدەڭگۈ چىرايىنى تېخىمۇ بىچارە تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى.

– چاقىرمىسىڭىز قانداق كېلىمەن؟- دېدى K مۇلايىملىق بىلەن.

– مېنى بۇنچە ساقلاتقۇزمىسىڭىز بولاتتى،- دېدى سارايۋەننىڭ ئايالى بىمارلارغا خاس تەرسالىق بىلەن،- قېنى ئولتۇرۇڭ،- كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىنى ئىما قىلدى ئايال،- قالغانلىرىڭلار چىقىپ كېتىڭلار!- ئايال خىزمەتكارلار ئۆيگە ھېلىقى ئىككى ياردەمچىنىڭ باھانىسىدە قىستىلىشىپ دېگۈدەك كىرىۋېلىشقان ئىدى.

– مەنمۇ چىقىپ كېتەيمىكىن گاردېنا،- دېدى سارايۋەن. K ئەنە شۇندىلا ئايالنىڭ ئىسىمىنىڭ گاردېنا ئىكەنلىكىنى بىلدى.

– ئەلۋەتتە چىقىپ كېتىسەن- دە،- تىلىنى چاينىدى ئايال، گويا ئىچىدە باشقا بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك، خىيالىنى بىر يەرگە يىغالمايۋاتقاندەك بىر تەرزدە قوشۇپ قويدى،- چىقىپ كەتمەي تۇرۇۋەرگۈڭ بارمىدى- يە؟

ھەممەيلەن ئاشخانىغا چىقىپ كېتىشتى، ئىككى ياردەمچىمۇ ئەڭ ئارقىدا قالغان ئايال خىزمەتكارنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپلا ماڭدى. ئايال تۇرۇپلا ئۆيدە تۇرۇپ قىلىشقان گەپلەرنىڭ ئاشخانىغا ئوقتەك ئاڭلىنىدىغىنىنى ئېسىگە ئالدى- دە، ئۇلارنى ئاشخانىدىنمۇ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى، چۈنكى ئۆيگە ئىشىك ئورنىتىلمىغان ئىدى.

– يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- دېدى ئايال،- ئاۋۇ ئىشكاپنىڭ ئىچىگە ئېسىقلىق بىر رومال بار، شۇنى ئېلىۋېتىڭە، ئۈستۈمگە يېپىۋالاي، ماۋۇ مامۇق يوتقاننى يېپىنىۋالسام نەپەس ئالالماي قالىدىكەنمەن.

K رومالنى ئېلىپ ئايالغا سۇنۇپ بەردى. ئايال يەنە ئېغىز ئاچتى:

– قارىڭە، بۇ رومال چىرايلىقمىكەن؟

K بىر قاراپلا ئۇنىڭ قوي يۇڭىدىن توقۇلغان ئادەتتىكى رومال ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەدەب يۈزىسىدىن رومالنى سىيلاپ قويدى- يۇ، ئارتۇقچە ئۈندىمىدى.

– دېمىسىمۇ بەك چىرايلىق رومال بۇ،- ئايال شۇنداق دېگەچ رومالنى بەدىنىگە يۆگەپ جىممىدە ياتتى. تۇرۇپلا يېتىۋېرىپ پاخپىيپ كەتكەن چېچىنى ئېسىگە ئالدى- دە، گويا جىمى كېسەللىرىدىن ئازات بولغاندەك ئۆرە بولدى، ئاندىن زىيادە قويۇقلۇقىدىن پوسمىسىنىڭ چۆرىسىدىن چىقىپ قالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈردى.

– خوجايىن، سىز مېنىڭ باشقا يەردىن تۇرالغۇ تاپقان- تاپمىغانلىقىمنى خەقتىن سۈرۈشتۈرۈپسىز- ھە؟- ئولتۇرۇۋېرىپ ئىچى سىقىلغان K شۇنداق دەپ سورىدى.

– بىرسىدىن سۈرۈشتۈرۈپسىز دەۋاتامسىز؟- دېدى ئايال،- ئۇنداق ئىش يوق، خاتا ئويلاپ قاپسىز.

– ئېرىڭىز بايا مەندىن شۇنداق دەپ سورىدى.

– ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،- دېدى ئايال،- ئىككىمىزنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمايدۇ. مەن دەسلەپتە سىزنى بۇ يەردە تۇرمىسۇن دېسەم، ئۇ مۇشۇ يەردە تۇرسۇن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مانا ئەمدى مەن سىزنى بۇ يەردە تۇرۇپ قالىدىغان بولدى، دەپ خۇشال بولسام، ئۇ قوپۇپ سىزنى كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق.

– بۇ گەپچىزە،- دېدى K،- بىر- ئىككى سائەت ئىچىدىلا ماڭا بولغان كۆز قارىشىڭىزدا ئاسمان- زېمىن ئۆزگىرىش بوپتۇ- دە؟

– كۆز قارىشىمدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق،- ئايال يەنە ھالسىزلىنىشقا باشلىدى،- ئەكېلىڭە قولىڭىزنى. ھە، مانا يارايسىز. سىزمۇ سەمىمىي بولۇڭ، مەنمۇ شۇنداق قىلاي.

– چاتاق يوق،- دېدى K ،- ئەمىسە كىم باشتا سۆزلەيدۇ؟

– مەن سۆزلەي،- دېدى ئايال. ئۇ K نىڭ رايىغا بېقىپ ئەمەس، ئۆزى باشتا دەۋېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى.

ئايال ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن بىر پارچە سۈرەتنى ئېلىپ K غا سۇندى.

– ماۋۇ سۈرەتنى كۆرۈپ  بېقىڭا،- دېدى ئايال ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا. K سۈرەتنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن ئاشخانىغا چىقتى، لېكىن يەنىلا ئېنىق كۆرەلمىدى، سۈرەتنىڭ تارتىلغىنىغا بەك ئۇزۇن يىللار بولغاچقا ئۆڭۈپ كەتكەنىدى، چۆرىلىرىمۇ قىرچىلغان، پۇرلىشىپ مەينەتلىشىپ كەتكەنىدى.

– ئېنىق كۆرەلمىدىم،- دېدى K.

– ئېسىت، ئېسىت!- دېدى ئايال،- ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېنىمدىن ئايرىماي يۈرگەچكە شۇنداق بولۇپ كېتىپتۇ- دە. لېكىن، سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئېنىق كۆرەلەيتتىڭىز. يا بولمىسا مۇنداق قىلايلى، رەسىمدە كۆزىڭىزگە نېمە كۆرۈنگىنىنى ماڭا دەڭ، مەن خەقنىڭ بۇ سۈرەت ھەققىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق. ئېيتىڭە، سۈرەتتە نېمىنى كۆردىڭىز؟

– ياش بىر يىگىتنىڭ رەسىمى تۇرامدۇ نېمە؟- دېدى K .

– توغرا دېدىڭىز،- دېدى ئايال،- ئۇ نېمە ئىش قىلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ؟

– بىر تاختاينىڭ ئۈستىدە يېتىۋېلىپ كېرىلىۋاتقاندەك، ئەسنەۋاتقاندەك تۇرىدۇ.

– پۈتۈنلەي خاتالاشتىڭىز،- ئايال كۈلۈپ تاشلىدى.

– لېكىن، ئۇنىڭ بىر تاختاينىڭ ئۈستىدە ياتقىنى ئېنىق تۇرمامدۇ؟- دېدى K گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.

– يەنە بىر سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭ،- ئايال ھاسىراپ كەتتى،- ئوبدان قاراڭ، ئۇ راستىنلا يېتىۋاپتىمۇ؟

– ياق،- دېدى K ،- راسىت، ئۇ يېتىۋالماپتۇ. ھە ئەمدى بىلدىم، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە لەيلەۋېتىپتۇ. ماۋۇمۇ تاختاي ئەمەس، ئارغامچىدەك قىلىدۇ. بۇ يىگىت ھەدەپ ئېگىزگە سەكرەۋېتىپتۇ.

– توغرا دېدىڭىز،- ئايال خوش بولۇپ كەتتى،- ئۇ سەكرەۋاتىدۇ، قەلئەنىڭ خەت- چەك توشۇغۇچىلىرى مانا مۇشۇنداق مەشق قىلىدۇ. سىزنىڭ سۈرەتتىكىنى چوقۇم پەرق ئېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەتتىم. ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ ئېنىق كۆرەلىدىڭىزمۇ؟

– چىرايىنى خىرە- شىرە ئىلغا قىلالىدىم،- دېدى K،- ئۇ ناھايىتى قىينىلىپ تۇرۇپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمماق بولۇۋېتىپتۇ، چاچلىرىمۇ شامالدا يەلپۈنۈۋېتىپتۇ.

– ياخشى،- ئايال K نىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى،- ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغانلار ئەزەلدىن سىزگە ئوخشاش مۇنداق ئېنىق پەرق ئېتەلمىگەن. لېكىن، ئۇ بەك قاملاشقان يىگىت. مەن ئۇنى غىل- پاللا بىر قېتىم كۆرگەن، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن.

– ئۇ زادى كىم؟- سورىدى K.

– ئۇ- كلام تۇنجى قېتىم مېنى ئۆز يېنىغا چاقىرتقىلى ئەۋەتكەن خەت- چەك توشۇغۇچى،- دېدى ئايال.

ئايالنىڭ گەپلىرى K نىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، دەرىزە ئەينىكىنىڭ غىچىرلىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋەتكەن ئىدى. ئۇ دىققىتىنىڭ نە ۋەجىدىن چېچىلغانلىقىنى دەرھال بايقىدى. ئىككى ياردەمچى ھويلىدا تۇرۇۋېلىپ قاردا بىر- بىرىنىڭ پۇتىغا تېپىشىپ ئويناۋاتاتتى. ئۇلار شۇئان K نىڭ ئۆزلىرىگە قاراۋاتقانلىقىدىن خوش بولۇۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى- دە، خوشلۇقىدا دەرىزە ئەينىكىنى چېكىپ، ئۇنى بىر- بىرىگە كۆرسىتىپ ئىما قىلدى. K غەزەپ بىلەن قولىنى شىلتىۋېدى، ئۇلار دەرھال جىم بولۇپ قېلىشتى- دە، تارتقۇشلىشىپ بىر- بىرىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالماقچى بولدى، ھايال ئۆتمەي ئۇلار يەنە دەرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. K ئۇلار كۆرەلمەي قالسۇن دېگەندەك، ئۆزىنى دەرھال دەرىزىنىڭ يېنىدىن چەتكە ئالدى، ئۇلارمۇ كۆرۈنمەي قالدى. لېكىن، دەرىزىنىڭ يېلىنغاندەك بىر خىل تەرزدە يېنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى خېلىغىچە بېسىقمىدى.

– يەنە شۇ ياردەمچىلەر ئىكەن،- دېدى ئۇ ئۆزرە سورىغاندەك بىر خىل تەرزدە تالانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. لېكىن ئايال ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى، K نىڭ قولىدىن سۈرەتنى ئېلىپ يەنە بىر قارىۋەتتى- دە، پۇرلىشىپ كەتكەن يەرلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاستىلاپ قالغان ئىدى، لېكىن بۇ ھارغىنلىقتىن ئەمەس ئىدى، ئۆتكەن ئىشلارنى خىيال قىلىش ئۇنى تۇرۇپلا مۇشۇنداق غەمكىن قىلىپ قويغانىدى. ئۇ ئەسلىدە كەچمىشلىرىنى K غا سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۆتكەن ئىشلارنى خىيال قىلىش بىلەن ئۇ K نى تامامەن ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى-دە، رومىلىنىڭ چۇچىلىرىنى ھەدەپ ئويناشقا باشلىدى. ھايال ئۆتمەي بېشىنى لىككىدە كۆتۈردى ۋە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ دېدى:

– بۇ رومالنى ماڭا كلام سوۋغا قىلغان، ماۋۇ پوسمىنىمۇ شۇ سوۋغا قىلغان. سۈرەت، رومال ۋە بۇ پوسمىنى مەن خاتىرە ئورنىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. مەن فىرىدادەك ياش، شۆھرەتپەرەس ئەمەسمەن، ھەم ئۇنىڭدەك خەقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇستا ئەمەسمەن. ئەمما تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە تۇتۇشنى ھەرھالدا بىلىمەن. لېكىن بىر نۇقتىنى تەن ئالماي تۇرالمايمەنكى، ئەگەر مۇشۇ ئۈچ نەرسە بولمىغان بولسا بۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمىغان بولاتتىم، بەلكىم بىر كۈنمۇ ياشىيالمىغان بولاتتىم. سىزگە نىسبەتەن بۇ نەرسىلەر ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. لېكىن، سىزگە دېسەم، فىرىدا كلام بىلەن شۇنچە ئۇزۇن ئاپاق- چاپاق بولغىنىغا تۇشلۇق خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويغۇدەك بىرەر تال نەرسىگىمۇ ئېرىشەلمىدى. مەن ئۇنىڭدىن سورىغان، ئۇ كلامغا ئۆزىنى تۇتقۇزۇپلا قويدى، ئۆزىنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمىدى. لېكىن مەن كلام بىلەن پەقەت ئۈچ قېتىملا بىللە بولدۇم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى قايتا چاقىرتمىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، لېكىن ماڭا قالغىنى مۇشۇ ئۇچ تال خاتىرە بويۇمى بوپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن باردى- كەلدى قىلالمايدىغىنىمنى كۆڭلۈم تۇيۇغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز بىرەر يولىنى قىلمىسىڭىز، كلام ئەزەلدىن بىر ئادەمگە بىر نەرسە بەرمەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا كۆزىڭىزگە بىرەر نەرسە چىرايلىق كۆرۈنۈپ قالسا تارتىنماي سوراۋېرىڭ.

K بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىئارام بولدى، ئىزتىراپ چەكتى.

– قاچانقى ئىشلار بۇ؟- سورىدى K خۇرسىنىپ قويۇپ. 

– يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىش،- دېدى ئايال.

– كلامغا شۇنچە ئۇزۇن يىل سادىقلىق كۆرسىتىپ كەپسىز،- دېدى K ،- بىلەمسىزكىن خوجايىن، مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كەلگۈسىدە توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمدىن ئەندىشە قىلىپ قالدىم.

K نىڭ پاراڭ تېمىسىنى بىردەمدىلا ئۆزىگە بۇراپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلغان ئايالنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كېلىپ ئالىيىپ قويدى.

– خاپا بولماڭ خوجايىن،- دېدى K،- مەن كلامغا قارشى گەپ قىلمىدىم، لېكىن بولۇنۇۋاتقان گەپلەردىن مەن كلام بىلەن ئوتتۇرىمىزدا مەلۇم بىر مۇناسىۋەت باردەك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا ھەرقانچە چوقۇنىدىغان ئادەممۇ بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇڭا بىرسى كلامنى تىلغا ئالسىلا ئۆزۈمنى ئويلاپ قالىمەن، بۇنىڭغا ئامال يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجايىن،- ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ ئايالنىڭ ئارىسالدىلىق ئىلىكىدە نەگە قويۇشىنى بىلەلمەيۋاتقان قوللىرىنى كاپپىدە تۇتتى،- ئېسىڭىزدە بارمىكىن، ئالدىنقى قېتىمقى پارىڭىمىز تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، بۇ قېتىم سەل تەمكىنرەك بولايلى.

– توغرا دەيسىز،- ئايالنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى،- مېنى كەچۈرۈڭ، مەن خەقلەرگە ئوخشاش ئۇنچە تاۋى نازۇك ئەمەسمەن، ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ گەپ چىقسىلا تاۋى نازۇكلۇقۇم تۇتۇپ كېتىدىغۇ تاڭ.

– ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، ئىككىلىمىزنىڭ ئوخشاش بىر ئىشتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىكەن،- دېدى K،- لېكىن، مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالايمەن. ئېيتىڭە خوجايىن، فىرىدامۇ كلامغا سىزگە ئوخشاش زىيادە سادىق بولسا، توي قىلغاندىن كېيىن مەن قانداق چىدارمەن؟

– زىيادە سادىق دەۋاتامسىز؟- ئايالنىڭ چىراي بۇلۇتتەك تۇتۇلدى،- سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە بۇ سادىقلىقما؟ مەن ئېرىمگىلا سادىقمەن، كلامغا سادىق بولۇپ نېمىمۇ قىلارمەن؟ كلامغا بىر مەزگىل ئاشنا بولغىنىم راسىت، بۇ قاشقامدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن؟ فىرىدا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالسام بۇ ئىشلارغا قانداق چىدارمەن، دەپ سوراتامسىز تېخى؟ ھەي، يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، سىز زادى قانداق ئادەم، مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراشقا بېتىڭىز قانداق كۆتۈردى؟

– خانىم،- دېدى K ئاگاھلاندۇرۇش تەلەپپۇزىدا ئايالنىڭ گېپىنى بۆلدى.

– بىلىمەن،- دېدى ئايال رايىشلىق بىلەن،- مېنىڭ ئېرىم ئەزەلدىن بۇ ئىشلارنى يۈزۈمگە سالمايدۇ. بۇرۇن كلامغا ئاشنا بولغان چاغدىكى مەن بەختسىزمۇ ياكى ھازىرقى فىرىدا بەختسىزمۇ، ھېچ بىلەلمىدىم. فىرىداغۇ كلامدىن ئۆزى خالاپ تۇرۇپ ئايرىلىپ كەتتى. لېكىن مەنچۇ؟ ئۇ مېنى ئىككىنچىلەپ چاقىرتمىدى. لېكىن، بەختسىز دېيىشكە توغرا كەلسە، فىرىدانى دېسەك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئۇ تېخى بۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەندەك قىلىدۇ. لېكىن، شۇ چاغلاردا ئولتۇرسام- قوپسام بەخىتسىزلىكىم خىيالىمغا كىرىۋالاتتى، ئۆزۈمدىن: «نېمىشقا بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ كلام مېنى ئۈچ قېتىم چاقىرتىپ، تۆتىنچى قېتىم نېمىشقا چاقىرتمايدۇ؟ تۆتىنچى قېتىمغا كەلگەندە نېمىشقا توختاپ قالىدۇ؟ شۇ چاغدا خىيالىمغا باشقا ئىشلار كەلمىگەن بولغىيمىدى؟» دەپ توختىماي سورايتتىم. ئۆزۈمدىن بۇ سوئاللارنى سوراشنى ھېلىمۇ توختىتىپ قويغىنىم يوق. شۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھازىرقى ئېرىم بىلەن توي قىلدىم. بۇنىڭدىن باشقا، مەن ئۇنىڭغا يەنە نېمىمۇ دېيەلەيمەن دەيسىز؟ كۈندۈزلىرى چولىمىز تەگمەيتتى، مۇشۇ مېھمانخانىنى قولىمىزغا ئالغان چاغدا مېھمانخانىنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار ئىدى. بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ ئەھۋالنى ياخشىلىمىساق بولمايتتى. لېكىن كېچىلىرىچۇ؟ شۇنچە يىللاردىن بېرى، ھەر كېچىسى پارىڭىمىز كلام ئۈستىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىز ئۇنىڭ نېمىشقا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىمىز. پاراڭلىشىۋاتقان چېغىمىزدا ئەگەر ئېرىم ئۇخلاپ قالسا، ئۇنى ئويغىتىپ پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.

-شۇ تاپتا ،- دېدى K،- رۇخسەت قىلسىڭىز، ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سىزدىن بىر ئىشنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ.

ئايال ئۈندىمىدى.

-بولدى، سورىماي،- دېدى K،- مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ ماڭا كۇپايە.

– قالتىسكەنسىزغۇ سىز،- دېدى ئايال،- مۇشۇنىڭدىنمۇ رازى بولدۇم دەۋاتامسىز؟ ھەممىلا نەرسىنى خاتا چۈشىنىدىكەنسىز، ھەتتا گەپ قىلماي سۈكۈت قىلىشلىرىمنىمۇ خاتا چۈشىنىپسىز. ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەڭ. قېنى سورىڭە سوئالىڭىزنى.

– ئەگەر مەن ھەممە نەرسىنى خاتا چۈشەنسەم،- دېدى K،- بەلكىم سورىماقچى بولغان سوئالىمنىمۇ خاتا چۈشىنىۋالغاندىمەن، ياكى سورىماقچى بولغان سوئاللىرىم ئۇنچىۋالامۇ ئەمەستۇر. شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ، سىز يولدىشىڭىز بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغان، يەنە ماۋۇ مېھمانخانىنى قانداق قولغا چۈشۈرگەن؟

ئايال قاشلىرىنى ھىمىرىپ قويۇپ، تولىمۇ سالماقلىق بىلەن گېپىنى باشلىدى:

– سىزگە دېسەم، بۇ ئىش بەك ئاسانلا پۈتۈپ قالغان. دادام تۆمۈرچى ئىدى، ھازىرقى ئېرىم ھانىس يوغان بىر دېھقانچىلىق فېرمىسى خوجايىنىنىڭ ئاتباقارى ئىدى، ئۇ دائىم دادامنى ئىزدەپ كېلەتتى. ئۇ – مەن كلام بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ، ئېيىتقۇسىز بىر ھەسرەت- نادامەت ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى. ئەسلىدە ئۇنچىۋالا بولۇپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى. چۈنكى ھەممە ئىشلار شۇنچە ئوڭۇشلۇق، كۆڭۈلدىكىدەك كېتىپ باراتتى. كلامنى ئەمدى ئىزدەپ بارماسلىقىمنى كلامنىڭ ئۆزى قارار قىلغانىدى ھەم ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى توغرا ئىدى. نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم، بېرىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم بولمايتتى. ھەسرەت چەكمەي دەيتتىم- يۇ، ۋۇجۇدۇمنى ئېيىتقۇسىز بىر قايغۇ- ھەسرەت چۇلغۇۋالاتتى، قولۇم ئىشقا بارمايتتى، كۈنبويى ئۆينىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان ئىدى. ھانىس مېنىڭ گۈللۈكتە ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، يېنىمغا كېلىپ ھەمراھ بولاتتى. دەردۇ- ھەسرىتىمنى ئۇنىڭغا ئەسلا تۆكمەيتتىم. لېكىن، ئۇنىڭ نېمە ئىش بولغانلىقىدىن خەۋىرى بار ئىدى. ئاقكۆڭۈل يىگىت بولغاچقا، مەن ياش تۆكسەم، ئۇمۇ تەڭ ياش تۆكەتتى. شۇ چاغلاردا مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكەن ئىدى، ئۆزىمۇ ياشىنىپ قالغاچقا، بىرەرسى ئۇنىڭ قولىنى سوۋۇتمىسا بولمايتتى. بىر قېتىم ئۇ گۈللۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىزنى كۆرۈپ قالدى ۋە قەدىمىنى توختاتتى، ھېچ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا مېھمانخانىسىنى بىر تىيىنمۇ ئالماي بىزگە ئىجارە بېرىۋەتتى. چۈنكى ئۇ بىزگە ئىشىنەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجارە ھەققىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولاتتى. دادامغا ئېغىرىمنى سالغۇم كەلمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىگە پەرۋايىم پەلەك ئىدى. مۇشۇ مېھمانخانىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەلەك بولسام ئۆتمۈشۈمنى ئازراق بولسىمۇ كەينىمگە تاشلىيالايدىغاندەك تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ھانىسقا ياتلىق بولدۇم. ئىشلارنىڭ جەريانى مانا شۇ.

ئارىنى بىر پەس سۈكۈت باسقاندىن كېيىن K ئېغىز ئاچتى:

– ئاۋۇ خوجايىن قالتىس ئىش قىپتۇ- يۇ، سەل يېنىكلىك قىلىپ ساپتۇ. قارىغاندا ئۇ سىلەرگە بەكلا ئىشىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالاھىدە بىرەر سەۋەبمۇ بارمۇ؟

– ئۇ ھانىسنى بەش قولدەك چۈشىنىدۇ،- دېدى ئايال،- ئۇ ھانىسنىڭ تاغىسى ئىدى.

– تاغىسى بولغاچقا شۇنداق قىپتۇ،- دېدى K،- بۇ گەپچىزە، ھانىسنىڭ ئۆيىدىكىلەر سىزنى كېلىن قىلىۋېلىشقا بەكلا كۈچەپتۇ- دە؟

– بەلكىم شۇنداقتۇر؟- دېدى ئايال،- مەن ئەزەلدىن بۇ ئىشقا ئانچە پسەنت قىلىپ كەتمىدىم.

– لېكىن، ئەھۋال چوقۇم شۇنداق،- دېدى K،- چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسى مۇشۇنداق قۇربانلىق بېرىشنى راۋا كۆرۈپتۇ. ھېچقانداق كاپالەت ئالمايلا مېھمانخانىنى سىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ.

– كېيىنكى ئىشلار بۇنىڭ ئەسلا يېنىكلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى،- دېدى ئايال،- مېھمانخانىنىڭ ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كىرىشتىم. تۆمۈرچىنىڭ قىزى بولغاچقىمىكىن، خېلى ئۇستىخېنىم، جېنىم بار ئىدى، مىجىق قىزلاردىن ئەمەس ئىدىم. شۇڭا ئايال خىزمەتكارلارنىمۇ ئىشلەتمىدىم، چاكارلارنىمۇ ياللىمىدىم. ھەممە ئىشنى قىلدىم، قاۋاقخانا، ئاشخانا، ئاتخانا، ھويلا- ئارام، ھەممىسىگە ئۆزۈم يالغۇز يېتىشتىم. تۆشىكىم ياخشى بولغاچقا، ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىنىڭ خېرىدارلىرىنىمۇ مۇشۇ يەرگە ئۆگىتىۋالدىم. سىز بۇ يەردە چۈشلۈك تاماق يەپ باقمىدىڭىز، شۇڭا خېرىدارىمىزنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى بىلمەيسىز. چۈشتە كېلىدىغان خېرىدارلىرىمىز ھازىرقىدىن جىق. ھازىر نۇرغۇن خېرىدار تېخى كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، بىز مېھمانخانىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ۋاقىت- سائىتىدە تۆلەپلا قالماي، نەچچە يىلغا بارمايلا مېھمانخانىنى باشچىلاپلا سېتىۋالدۇق. ھازىر پۈتۈن قەرزلىرىمىزنى ئاساسىي جەھەتتىن تۆلەپ بولدۇق. لېكىن يامان بولغىنى، ئۆزۈمنى تۈگەشتۈرۈۋالدىم، ئۆزۈمگە يۈرەك كېسىلى تېپىۋېلىپ، مانا مۇشۇنداق مومايغا ئايلىنىپ قالدىم. بەلكىم سىز «بۇ ئايال ئېرىدىن ھەجەپ چوڭكىنا» دەپ ئويلاپ قالغانسىز، ئەمەلىيەتتە ئېرىم بەك كەلسە مەندىن ئىككى- ئۈچ ياش كىچىك چىقار. ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى شۇ غاڭزىسىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي تاماكا چېكىش، خېرىدارلار بىلەن پاراڭ سوقۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشى يوق. ئاندا- ساندا پىۋا ئىچىپ قويىدۇ. بۇنداق ئادەم ئاسان قېرىمايدىكەن، شۇڭا ئۇ خەقنىڭ كۆزىگە قېرى كۆرۈنمەيدۇ.

– بوش ئايال ئەمەسكەنسىز،- دېدى K،- سىزگە گەپ كەتمەيدىكەن. شۇغىنىسى، بايىدىن بېرى، توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلىرىڭلار ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. شۇچاغدا ھانىسنىڭ ئۆيىدىكىلەر شۇنچىۋالا مال- دۇنيانى قۇربان قىلىشنى خالاپتۇ، ياكى بولمىسا شۇنچىۋالا چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، مېھمانخانىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزدىن باشقا، ئۇلار سىزدىن ھېچنېمە كۈتمەپتۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق، ئۇلار شۇ چاغدا سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى تېخىچە چۈشىنىپ يەتمەپتۇ، ھانىسمۇ كېرەكسىز بىر نېمە ئىكەن. بۇ نۇقتىنى ئۇلار چوقۇم بۇرۇندىنلا تونۇپ يەتكەن، شۇڭا ئۇلار سىزنى چىڭ تۇتۇپ ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن. مۇشۇ تەرىپى سەل غەلىتىرەك بىلىندى ماڭا.

– ۋاي نېمە دەيدىغانسىز؟- ئايالغا ئوبدانلا ھاردۇق يەتكەندەك قىلاتتى،- نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز-ھە؟ كلامنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇ قانداقسىگە مەن ئۈچۈن غەم يېگۈدەك؟ توغرىراقى، ئۇ قانداقمۇ مېنىڭ غېمىمنى يېيەلىسۇن؟ ئۇنىڭ ئەمدى مەن بىلەن كارى يوق. ئۇنىڭ مېنى قايتا چاقىرتمىغىنى مېنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىرەرسىنى ئىككىنچىلەپ چاقىرتمىغىنى شۇ كىشىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭ فىرىدانىڭ ئالدىدا بۇ گەپلەرنى دېگۈم يوق. ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى يالغۇز مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىلا ئەمەس. بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ئۇنتۇلۇپ كەتسە، بىر مەزگىلدىن كېيىن شۇ كىشىنى ئەسلەپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. لېكىن، كلام ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ سىزنى ئىككىنچىلەپ چاقىرتمىغىنى سىزنى ئۈزۈل- كېسىل ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ يالغۇز سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزنىلا ئەمەس، كەلگۈسىڭىزنىمۇ مەڭگۈگە ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئىككىنچىلەپ ئەسلەپ قويمايدۇ. ئوبدان ئويلىنىپ باقىدىغانلا بولسام، نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىردەمدىلا بىلىۋالىمەن، لېكىن مۇشۇ يەردە شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز پۈتۈنلەي خاتالاشقان بولىسىز، لېكىن، باشقا يەردە بۇ ئويىڭىزنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم سىز «كلام بۇ ئايالنى كېيىن چاقىرتىپ قالسام يېنىمدا دەرھال ھازىر بولامدىكىن، دېگەن مەقسەتتە ھانىس بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان» دەپ ئويلاپ قالغانىسىز. بۇ ئويلىرىڭىز نەقەدەر بىمەنە- ھە! ناۋادا كېرەك، كلام ماڭا يېنىمغا كەل دەپ شەپە بېرىپ قالسا، مېنىڭ جان دەپ بېرىشىمنى قېنى قايسى ئەركەك توسۇپ قالالايدىكەن؟ئەگەردە سىزدە مۇشۇنداق بىر بىمەنە خىيال باش كۆتۈرۈپ قالغان بولسا ئۆزىڭىزنى تەلتۆكۈس تۈگەشتۈرۈۋالغان بولىسىز.

– ئۇنداق ئەمەس،- دېدى K،- ھەر ئىككىلىمىز ھاماقەتلەردىن بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز. مېنىڭ تېخى سىز دېگەندەك ئۇنچىلىك يىراقلارنى ئويلاپ كەتكىنىم يوق. لېكىن لىللا گەپنى دېسەم، شۇنداقراق خىيال كاللامغا كېلىۋاتىدۇ. ماڭا غەلىتە تۇيۇلىدىغىنى، ھانسنىڭ تۇغقانلىرى ئىككىڭلارنىڭ تويىدىن جىق ئارزۇلارنى كۈتۈپتۇ ھەم شۇ ئارزۇلىرىمۇ روياپقا چىقىپتۇ. لېكىن، شۇنىڭ بەدىلىگە سىزنىڭ يۈرىكىڭىز كاردىن چىقىپتۇ، سالامەتلىكىڭىز بۇزۇلۇپتۇ. دەسلەپتە مەن بۇ ئىشلارنىڭ كلام بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن بۇ ئويلىرىم خاتاكەن ھەم ئىشلار سىز دېگەندەك ئۇنچىۋالا بەتتەر ئەمەسكەن. شۇ تاپتا ماڭا تازا كايىغىڭىز كېلىۋاتىدۇ، ئەنە شۇندىلا كۆڭلىڭىز ئارام تاپىدۇ. ئىلاھىم كۆڭلىڭىز ئارام تاپقاي! لېكىن، مەن مۇنداق دېمەكچى: سىلەرنىڭ بېشىڭلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدا ئېنىقلا كلامنىڭ قولى بار. كلام بولمىغان بولسا سىزمۇ دەردۇ- ھەسرەتكە مۇپتىلا بولمىغان، ھېچئىشتىن ھېچئىش يوقلا ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئولتۇرمىغان بولاتتىڭىز؛ كلام بولمىغان بولسا ھانىسمۇ سىزنى ئۇ يەردە كۆرمىگەن بولاتتى؛ سىزمۇ ئۇنچىۋالا ھەسرەت چەكمىگەن بولسىڭىز، ھانىسقا ئوخشاش قىز بالىغا ئوڭلاپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمايدىغان ئۇياتچان بىر ئادەم سىزگە گەپ قىلىشقا ھەرگىز جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى؛ ئەگەر كلام بولمىغان بولسا سىزمۇ ھانىس بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئازابلىق ياش تۆكمىگەن بولاتتىڭىز؛ كلام بولمىغان بولسا ئېرىڭىزنىڭ ياخشى نىيەتلىك ھېلىقى تاغىسى ئىككىڭلارنىڭ گۈللۈكتە جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭلارنى كۆرمىگەن بولاتتى؛ كلام بولمىغان بولسا سىزمۇ ھاياتقا بۇنچە سوغۇق نەزەردە قارىمىغان، ھانىسقا ياتلىق بولمىغان بولاتتىڭىز. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتا كلامنىڭ قولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەت شۇنداقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆتمۈشۈمنى ئۇنتۇپ كېتەي دېمىگەن بولسىڭىز، ساراينى مۇشۇنچىلىك ياخشى ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىڭىزنى سېلىپ بەرگۈدەك بۇنچىۋالا ئىشلىمەيتتىڭىز. شۇڭا دەيمەن، بۇ ئىشتا كلامنىڭمۇ ھەسسىسى بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە سىزنىڭ كېسەلچان بولۇپ قېلىشىڭىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى، چۈنكى توي قىلىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ شۇقەدەر مەجنۇنلۇقىڭىز تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى، ئەكسىچە قەلبىڭىز ئېغىر شىكەستىلەندى. ئانچە ئېتىبار بېرىلمىگەن بىردىنبىر مەسىلە شۇكى، ھانىسنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىككىڭىلارنىڭ توي ئىشىغا نېمىشقا بۇنچە كۈچەيدۇ؟ بايا ئۆزىڭىزمۇ دېدىڭىز، كلامغا ئاشنا بولغان ئاياللار يۈكسەك بىر شەرەپكە نائىل بولىدۇ، بەلكى بۇ شەرەپ ئۇلارغا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ، بەلكىم مۇشۇ تەرىپى ئۇلارنى جەلپ قىلىپ تۇرىدىغاندۇ. لېكىن، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇلار سىزنى كلامغا يېقىنلاشتۇرغان ئاشۇ بەخت يۇلتۇزىنىڭ – ئۇنى بىر بەخت يۇلتۇزى دەپ تۇرايلى، سىزمۇ ئۇنى بەخت يۇلتۇزۇم دېگەنىدىڭىز – پىشانىڭىزگە پۈتۈلۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىشقان. شۇڭا دەيمەن، سىز مەڭگۈ بەخت- تەلەي ئىچىدە ياشايسىز، ئاشۇ بەخت- تەلەي ھەرگىزمۇ كلامغا ئاشنا بولۇش شەرىپىگە ئوخشاش ئۇنداق تېز سىزدىن يۈز ئۆرۈپ كېتىپ قالمايدۇ.

– سىز راستىنلا شۇنداق ئويلامسىز؟- سورىدى ئايال.

– راست شۇنداق ئويلايمەن،- ئالدىراپقىنا جاۋاب بەردى K،- لېكىن، ھانىسنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ كۈتۈۋاتقان ئارزۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوللۇق دېگىلىمۇ، يولسىز دېگىلىمۇ بولمايدۇ. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ خاتالىقى دەل مۇشۇ يەردە. قارىماققا، ھەممە ئىش جايىدا بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ھانىسنىڭ تۇرمۇشىمۇ رەتكە چۈشتى، چىرايلىق خوتۇندىن بىرنى ئالدى، ماۋۇ سارىيىڭلارنىڭ قەرزىمۇ پاكپاكىز ئۈزۈلدى. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئىشلارنىڭ جايىدا بولۇۋاتقىنىمۇ يوق گەپ. ئەگەر ھانىس تۇنجى رەت مۇھەببەتلەشكەن ئاددىي بىر قىز بىلەن توي قىلغان بولسا ھازىرقىدىنمۇ بەختلىك بولۇشى چوقۇم ئىدى. ئەگەر ئۇ راستىنلا سىز دېگەندەك ھەدېسىلا روھى چىقىپ كەتكەن كىشىدەك زالدا لاغايلاپ يۈرگەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەت ئېيتقۇسىز بىر پەرىشانلىق ئىلىكىدە قالغانلىقىدىن بولغان. لېكىن، ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزىنى نىكاھ ئىشىدا بەختىم چىقمىدى دەپ ئويلىمايدۇ. شۇنىسى مۇقەررەركى، بۇ قاملاشقان يىگىت ناۋادا باشقا بىر ئايالغا ئۆيلەنگەن بولسا تېخىمۇ بەختىنى تاپقان بولار ئىدى. دېمەكچى بولغىنىم، شۇنداق بولغان بولسا ئۇ ھازىرقىدىنمۇ ئەركىن، ئىشچان، ئەركەك مىجەز بولغان بولاتتى. ئەمىسە سىزچۇ؟ سىزنىڭمۇ بەختىڭىز ئېچىلمىغان بولاتتى. خۇددى ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك، ئەگەر ئاشۇ ئۈچ تال خاتىرە بويۇمى بولمىغان بولسا، ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن بولاتتىڭىز، ھەم يۈرەك كېسىلىڭىزمۇ سىزنىڭ ئۇزۇن ياشىشىڭىزغا ئىمكان بەرمەيتتى. ئۇنداقتا، ھانىسنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ شۇنچە چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈشى خاتامۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. بېشىڭلارغا بەخت قۇشى قونۇپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاشۇ بەخت قۇشىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى بىلمەيلا قالغان يېرى بار ئىكەن.

– ئۇنداقتا ئۇلار قايسى ئىشتا كەتكۈزۈپ قويغاندۇ؟- ئايال شۇنداق دەپ سورىدى- دە، پۇت- قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئوڭدىسىغا ياتتى، كۆزلىرىنى تورۇسقا ئاغدۇردى.

– ئۇلار بۇنى كلامدىن سوراپ باقسا بولىدۇ،- دېدى K.[11]

– ئەمدى سىز توغرۇلۇق گەپكە كېلەيلى،- دېدى ئايال.

– سىز توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋەرسەكمۇ بولىدۇ،- دېدى K،- ئىككىمىزنىڭ ئىشى بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

– سىز كلامدىن نېمىگە ئېرىشمەكچى؟- ئايال كارىۋېتىدىن ئاستا ئۆرە بولدى، ياستۇقنى كەينىگە قىستۇرۇپ يۆلىنىپ ئولتۇردى- دە، K نىڭ كۆزلىرىگە ئۇدۇل تىكىلدى،- ئىشلىرىمنى ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن سۆزلەپ بەردىم، ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى. سىز زادى كلامدىن نېمە گەپنى سورىماقچى؟ سىزنى فىرىدانىڭ ئالدىدا گەپلىرىنى بىمالال دېيەلمەي قالمىسۇن دەپ فىرىدانى مىڭ بالالىقتا قايىل قىلىپ ئۈستىدىكى ياتىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا كۆندۈردۈم.

– سىزدىن يوشۇرغۇدەك گەپ يوق،- دېدى K،- لېكىن، سىزنى بىر نۇقتىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلمىسىكەن، دېگەن ئويدىمەن. بايا سىز كلامنى بەك ئۇنتۇلغاق دېدىڭىز. بۇنىڭغا مېنىڭ پىكرىم مۇنداق. بىرىنچىدىن، مېنىڭچە، بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. بۇ ئېنىقلا بىر ئېقىپ يۈرگەن گەپ خالاس، بەلكى بۇ گەپلەرنى دەل ئاشۇ كلامنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولغان قىزلار توقۇپ چىققان. سىزنىڭ مۇشۇنداق ئۆسەكلەرگە ئىشىنىپ يۈرۈشىڭىز مېنى ھەيران قالدۇرۇۋاتىدۇ.

– بۇ ئۆسەك گەپ ئەمەس،- دېدى ئايال،- بۇ، ھەممەيلەننىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش.[12]

– بۇ ھۆكۈمگە باشتىن ئۆتكەن يېڭى تەجرىبىلەر ئارقىلىقلا رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ دېمەكچىمۇ سىز؟- دېدى K،- لېكىن، يالغۇز بۇ ئىشلا ئەمەس، فىرىدا ئىككىڭلارنىڭ ئەھۋالى بەزى تەرەپلەردە يەنە ئوخشىمايدۇ. كلامنىڭ فىرىدانى قايتا چاقىرتمىغان ئىشىغا كەلسەك، بۇنداق ئىش ئەسلا يۈز بەرمىگەن، كلام فىرىدانى چاقىرتقان، لېكىن ئۇ بارغىلى ئۇنىمىغان. بەلكىم ئۇ فىرىدانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشىنى ھېلىھەم كۈتۈپ ئولتۇرىدىغاندۇ.

ئايال ئۈندىمىدى، K نىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن دېدى:

– گەپلىرىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇم بار. مېنى كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويارمەنمۇ دەپ ئولتۇرماي، گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇل دەۋېرىڭ. لېكىن بىر گەپنى دەۋالاي، گەپ قىلغاندا كلامنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالماڭ، «ئۇ» ياكى «پالانى- پۇستانى» دېسىڭىزلا بولىدۇ، ھەرگىز ئۇنىڭ ئىسىمىنى دەپ سالماڭ.

[13]– دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن،- دېدى K،- لېكىن مېنىڭ ئۇنىڭدىن نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغىنىم توغرىسىدا كېسىپ بىر نېمە دېمەك تەس. مەن ئالدى بىلەن، ئۇنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈپ باقماقچى، ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقماقچى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ فىرىدا ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى. يەنە پۇرسىتى كېلىپ قالسا، ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئۆتۈنۈشۈممۇ مۇمكىن. لېكىن، بۇنى پاراڭلاشقان چېغىمىزدىكى ئەھۋال بەلگىلەيدۇ. بەلكىم نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، مەن ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ھەممىدىن مۇھىم. چۈنكى مەن تېخىچە قەلئە ئەمەلدارلىرى بىلەن رەسمىي يوسۇندا بىۋاستە كۆرۈشۈپ باقمىدىم. بۇنداق قىلىش ئويلىغىنىمدىكىدىنمۇ تەس ئوخشايدۇ. لېكىن، شەخسىي سالاھىيەتتە بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ، مېنىڭچە بۇنداق قىلىش سەل ئاسانراق. ئەگەر ئۇ ئەمەلدارلىق سالاھىيىتىدە بولسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئالدىراپ كىرگىلى بولمايدىغان ئىشخانىسىدا، قەلئەدە، ياكى – بۇمۇ ناھايىتى تەس – ئېسىلزادىلەر مېھمانخانىسىدىلا كۆرۈشەلەيمەن. لېكىن، شەخسىي سالاھىيىتىدە چىقسا ئۇنىڭ بىلەن خالىغان بىر جايدا – ئۆيدە ياكى كوچا- كويلاردا كۆرۈشەلەيمەن. ئەگەر شۇنداق چاغلاردا ئۇ ئالدىمدا ئەمەلدارلىق كىبىرىنى تاشلىماي تۇرۇۋالسا ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل دەيمەن. لېكىن، بۇ مەن ئۈچۈن ئاساسلىق مەقسەت ئەمەس.

[14]– ياخشى،- ئايال شۇنداق دېدى- دە، گويا بىرەر نۇمۇسلۇق ئىشنى دەپ تاشلايدىغاندەك يۈزلىرىنى ياستۇق ئارىسىغا يوشۇردى،- ئەگەر مەن مۇناسىۋىتىم ئارقىلىق دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزسەم، جاۋابقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز قول تىقماسلىققا ماقۇل دېيەلەمسىز؟

– بۇنىڭغا ماقۇل دېيەلمەيمەن،- دېدى K،- لېكىن، نېمە ئارزۇ- تەلەپلىرىڭىز بولسا، رازى قىلىشقا مانا مەن تەييار. چۈنكى، بۇ ئىش بەك مۇھىم، بولۇپمۇ مەن كەنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ تۈزۈك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن بۇ ئىش مەن ئۈچۈن بەكلا مۇھىم بولۇپ قالدى.

– بۇ گېپىڭىز باھانە بولالمايدۇ،- دېدى ئايال،- كەنت باشلىقىنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى. ئەجىبا ھېس قىلمىدىڭىزما؟ خوتۇنى بولمىسۇنچۇ قېنى، ئۇنىڭ بۈگۈنى ئەتىسىگە ئۇلاشمايدۇ. ھەممە ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىپ بېرىۋاتقىنى ئەنە شۇ ئايالى.

– مىكى دېگەن مەزلۇمنى دەۋاتامسىز؟- سورىدى K.

ئايال بېشىنى لىڭشىتتى.

– كەنت باشلىقى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇ ئايالمۇ بار ئىدى،- دېدى K.

– ئۇ باشقا گەپ قىلمىدىمۇ؟- سورىدى ئايال.

– قىلمىدى،- دېدى K،- مىكى دېگەن ئۇ ئايال كۆزۈمگە بىرەر پىكىر بېرەلەيدىغاندەك كۆرۈنمىدى.

– شۇنداقمۇ،- دېدى ئايال،- بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، كەنت باشلىقىنىڭ سىز ئۈچۈن بىرەر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى مۇھىم ئەمەس، گېپىڭىزنى ئۇدۇل ئايالىغا دېگەن بولسىڭىز توغرا بولاتتى. ئەگەر بايامقى گېپىمگە ماقۇل بولسىڭىز، ئەڭ كېچىككەندىمۇ بىر ھەپتە ئىچىدە كلامدىن جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. ئەمدىغۇ گېپىمنى ئىلىك ئالمايدىغان ئىشنى قىلمايدىغانسىز.

– بۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس،- دېدى K،- مەن قارار قىلىپ بولدۇم، ئەگەر ئۇ كۆرۈشۈشنى رەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگۈچە بولدى قىلمايمەن. باشتىلا ئاشۇنداق قىلماقچى ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشمەي تۇرۇپ تەلەپلىرىمنى دېسەم بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش تەلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويماي، كېيىن ئۆزۈمگە پايدىسىز بىرەر جاۋابقا ئېرىشىپ قالسام، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قەلبىمدە قارشىلىق كۈچىيىدۇ. ئۇ چاغدا ئىش تېخمۇ بەتتەرلىشىپ كېتىدۇ.

– بەتتەرلىشىپ كېتىدۇ دەۋاتامسىز؟- دېدى ئايال،- نېمىلا دېمەڭ، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ قارشى تۇرغانلىق. ئەمىسە قانداق قىلغۇڭىز كەلسە شۇنداق قىلارسىز. ئاۋۇ كۆينىكىمنى ئېلىۋېتىڭە.

ئايال K غا پەرۋامۇ قىلىپ قويماستىن كۆينىكىنى كىيدى- دە، ئالدىراپقىنا ئاشخانا ئۆيگە چىقتى. زالدا چوقان- سۈرەن سېلىنىۋاتقىنىغا خېلى بولغانىدى. بىرەيلەن ھەدەپ ئاشخانىنىڭ دەرىزىسىنى چېكەتتى. ئىككى ياردەمچى ئىشىكنى ئېچىپ بېشىنى ئاشخانىنىڭ ئىچىگە تىقتى- دە، قورسىقى ئېچىپ كوركىراپ كەتكەنلىكىدىن زارلاندى، ئارقىدىن ئىشىكتە يەنە كىمدۇر بىرسىنىڭ چىرايى كۆرۈندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە كىشى پەس ئاۋازدا ناخشا توۋلاۋاتاتتى.

ئايال K بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق ئېتىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنىدى. تاماق تەييار بولمىغاچقا، خېرىدارلار ئاشخانىنىڭ ئالدىغا ئولىشىۋېلىشقان ئىدى، لېكىن ھېچكىم ئايال خوجايىننىڭ رۇخسىتىسىز ئاشخانىغا كىرىشكە پېتىنالمايتتى. دەرىزىدىن بېشىنى تىقىپ تۇرغان كىشى ئايال خوجايىننىڭ ئاشخانىغا كىرگەنلىكىنى ئېيتىۋېدى، ئايال خىزمەتكارلار دەررۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى. K زالغا چىققاندا بىر توپ كىشى ئورۇن تۇتۇش ئۈچۈن ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن تاماق ئۈستىلى تەرەپكە سىلجىۋاتاتتى. ئۇلار ئەر- ئايال بولۇپ يىگىرمە نەچچىگە يېقىن كىشى بولۇپ، ھەممىسى سەھرالىقلاردەك كىيىنىۋېلىشقانىدى. پەقەت زالنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر كىچىك ئۈستەلدە بىر جۈپ ئەر- خوتۇن بالىسى بىلەن جىممىدە ئولتۇراتتى. ئەر چىرايىدىن مۇلايىملىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، كۆك كۆز، چاچ- ساقاللىرى پاخپىيىپ كەتكەن كىشى بولۇپ، بالىسىغا ئېڭىشىپ تۇراتتى، قولىدىكى پىچاقنى بالىسى ئېيتىۋاتقان ناخشىغا تەڭكەش قىلىپ ھەدەپ تاماق ئۈستىلىگە ئۇراتتى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق قورسىقى ئېچىپ قەغىش قىلىۋاتقان بالىسىنى گوللاۋاتقاندەك قىلاتتى. سارايۋەننىڭ ئايالى خېرىدارلارغا يۈزلىنىپ تاماقنى ئۈلگۈرتەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆزرە قويدى، ھېچكىم ئۇنى ئەيبلەپمۇ يۈرمىدى. ئايال ئېرىم نەدىدۇر دېگەندەك كۆزلىرىنى زال ئىچىگە  ئاغدۇردى. ئۇنىڭ ئېرى بۇ ئوسالچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غىپپىدە تىكىۋەتكەندەك قىلاتتى. ئايال ئاشخانىغا ئاستا يېنىپ كىردى، K غا قاراپمۇ قويمىدى. K شۇ پۇرسەتتە فىرىدا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن غىپپىدە ياتىقىغا چىقىپ كەتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11196

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: