پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (4) : ئەخمەت پاسار

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (4) : ئەخمەت پاسار

    ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەت پاسار 1933- يىلى نويابىردا چەرچەن ناھىيىسىدە بىر كەمبەغەل چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1949- يىلى قاراشەھەر ئالىي دارىلمۇئەللىمننى پۈتتۈرگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ دەسلەپ ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرو كادىرلار مەكتىپىدە، كېيىنرەك ئالىي پارتىيە مەكتىپى كادىرلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1953- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ئالگىرى- ئاخىر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومېتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە «شىنجاڭ ياشلىرى» ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى ئۇيغۇر تىلى گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974- يىلىدىن 1986- يىلى ئاۋغۇستقىچە دەسلەپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر، مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مۇئاۋىن مۇدېر ۋە مۇدېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1986- يىلى سىنتەبىردىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

    يولداش ئەخمەت پاسار 1953- يىلىدىن ئېتىبارەن ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىلگىرى- ئاخىر «شاھىد بوۋاي»، «ئىككى ئەۋلاد»، «ئېكۋاتوردىكى جەڭ ساداسى»، «قاناتلىق خەت»، «ئۆي خوجايىنى»، «توپچى چولپاننىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشى» دېگەنگە ئوخشاش نەچچە ئونلىغان ھېكايە- ئوچېرىك، ئوپېرا، كنو ئەسىرى ېە شېئىرىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، «ئۇزۇن سەپەر قەھرىمانلىرى»، «قىزىل قىيا»، «باھادىر شاھ لى زىچىڭ»(3- توم 1- كىتاب)، «جىنايەت ۋە نەپرەت»، «دەرۋىش غوجىنىڭ سەپەر خاتىرىسى» دېگەن رومانلارنى تەرجىمە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، «ھەنلىۋەن كەنتىدە»، «جەنۇبتىن خەتلەر»، «ياشلىق ناخشىسى»، «چكسىز ئورمان، قارلىق دالا»، «سۇ بويىدا»، «باھادىر شاھ لى زىچىڭ» (1- توم 2- كىتاب)، «لۇشۈن فىليەتۇنلىرى» ھەم شېئىريي ئەسەرلىرى، «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»، «مۇھەببەت يولى»، «ئۆمۈر داستانى» دېگەنگە ئوخشاش پوۋېست، رومان ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنىڭ تەرجىمە ياكى تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «ئۆي خوجايىنى» دېگەن تەرجىمە ئەسىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 1979- 1982- يىللىق مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ 1976- يىلىدىن بۇيان يەنە ماركس، ئېنگلىس، لېنىن، سىتالىن تاللانما ئەسەرلىرى، ماۋزېدوڭ، جۇئېنلەي، ليۇ شاۋچى، چېن يۈن، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە جۈپ سۆزلەر لۇغىتى»، «ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى»، «شىنجاڭ يىلنامىسى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان سىياسىي كىتاب- ھۆججەتلەرنىڭ ھەم تىلغا دائىر قورال كىتابلارنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، بېكىتىش ئىشىنى ئىشلىدى. ئۇ خەنزۇ، رۇس مۇتەخەسىسلىرىدىن بىر قانچە كىشى بىلەن بىرلىكتە «كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىنىدىغان خەنزۇچە- رۇسچە- ئۇيغۇرچە سۆزلۈك» دېگەن لۇغەتنى تۈزدى. ئۇ تەرجىمە- تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا تىل ۋە تەرجىمىگە دائىر ئالتە پارچىدەك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئانچە- مۇنچە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى.

    دۆلەت مىللىي ئىشلار كومېتېتىنىڭ تەرجىمە- نەشرىيات سىستېمىسى بويىچە ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتى ئەخمەت پاسارنىڭ نەشرىياتچىلىق ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىدە ئېرىشكەن سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ھېسابقا ئېلىپ، 1987- يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنىڭغا ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانىنى بەردى.

    ئۇ ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى مىللەتلەر تەرجىمە خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۈن- سىن جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى نەشرىياتچىلىق كەسپىي ئالىي ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 1995- يىل 7- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10346

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 1دانە
  1. بۇرۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۆرسەم،كىتاپ مۇقاۋىسىدىكى ئاپتور ئىسمىغىلا قاراپ ئۇنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزگۈچىنىڭ،شۇ مەشھۇر ئەسەرلەرنى بىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈش شەرىپىگە ئېرىشكۈچىنىڭ كىملىكىگە پەقەت دىققەت قىلمايتتىم، كەسپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلەردە ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندىلا ئاندىن :«شۇ تەرجىمانلار بولمىغان بولسا بىزگە نەدە تۇرۇپتۇ شۇ ئەسەردىن ھوزۇرلىنىش » دەيدىغان بولدۇم، يۇقىردا تونۇشتۇرۇلغان ئاپتورنىڭ فامىلىسىدىكى ۋە ياكى ئەدەبى تەخەللۇسىدۇر،پاسار كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمىدۇ؟
    مۇمكىن بولسا كېلەر قېتىم ئابدۇكىرىم غوجا ھەققىدە ئىككى كەلىمە ئاڭلاشقا نىسىپ بولارمۇ؟ نامىنى جىق ئاڭلىدۇق، ئەمما ئەسەرلىرى ھەم ئىش ئىزلىرى ھەققىدە ھچنىمىنى بىلمەيدىكەنمەن

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: