ھايات 80 ياشتىن باشلىنىدۇ
ھايات 80 ياشتىن باشلىنىدۇ
فرانك راباخ [ ئامېرىكا ]
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
سىزگە بىر خۇشخەۋەر يەتكۈزەي . 80 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ھاياتىڭىز تولىمۇ تەستە ئۆتىدۇ . 80 ياشقا كىردىڭىزمۇ بولدى ، سىز ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان زىياپەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ .
80 ياشقا كىرگىنىڭىزدە ، كىشىلەر يۈك – تاقلىرىڭىزنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ ، سىزنى يۆلەپ پەلەمپەيگە چىقىرىپ قويىدۇ . ئىسمىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز ، باشقىلارنىڭ ئىسىمىنى ئېسىڭىزدە تۇتالمىسىڭىز ، ۋەدە قىلغان جايغا بارالماي قالسىڭىز ، تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرەلمىسىڭىز ، بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ يەرگە بېرىشقا ماقۇل بولۇپ قويغان بولسىڭىز ۋە ياكى قانچە نەۋرىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەي قالسىڭىز ، «مەن 80 ياشقا كىردىم» دەپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
80 ياشنىڭ 70 ياشقا قارىغاندا پايدىسى كۆپ . 70 ياش ۋاقتىڭىزدا بىرەر ئىشىنى خاتا قىلىپ قويسىڭىز باشقىلار سىزگە دوق قىلىدۇ . 80 ياشتا مەيلى نېمىلا ئىش قىلماڭ ، سىزگە ھېچكىم بىر نېمە دېمەيدۇ . ھەتتا ئەخمىقانە ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويسىڭىزمۇ ، ياشىنىپ قالغاچقا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، دەپ ئېغىر ئالمايدۇ ؛ بۇنى سىزدىكى مېڭە يۇمشاش كېسىلىنىڭ ئالامىتى دەپ چۈشىنىدۇ .
70 ياشنىڭ ئارزۇلىغۇدەك ھېچيېرى يوق . بۇ ياشقا يەتكەندە كىشىلەر سىزنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى ئۆيىڭىزگە مۆكۈنىۋېلىپ بوغۇم ياللۇغىدىن زارلىنىشىڭىزغا تەشنا بولىدۇ ، ئەمما سىز كىشىلەرنىڭ چۈشىنىكسىز ۋىچىرلاشلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىسىز . چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيسىز (ئەمەلىيەتتە ، بۇ ياشتا سىزنىڭ ئاڭلاش سېزىمىڭىزنىڭ يېرىمى يوقالغان بولىدۇ) .
80 ياشقا ئۇلاشقىنىڭىزدىن كىشىلەرنىڭ سىزگە مەستلىكى كېلىپ ھەيران قېلىشىدۇ . ئاشۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىڭىزنىڭ شاراپىتىدىن كىشىلەر سىزگە ئىززەت – ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەيران قېلىشى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ھېلىمۇ گۈس – گۈس دەسسەپ مېڭىپ يۈرگىنىڭىزدىن ، گەپ – سۆزىڭىزنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىدىن بولىدۇ .
شۇڭا دەيمەن دوستۇم ، ئىمكانبار 80 گىچە ياشاڭ . ئۇ – ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى . كىشىلەر سىزنىڭ جىمى ئىشلىرىڭىزنى كەچۈرۈۋېتىدۇ . ئەگەر مەندىن سوراپ قالسىڭىز ، سىزگە شۇنى دەيمەنكى ، ھايات 80 ياشتىن باشلىنىدۇ .
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10888