پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئا. جالالىدىن: ئەپلاتون ۋە «غايىۋى دۆلەت»

ئەپلاتون ۋە «غايىۋى دۆلەت»[1]

نايجىل ۋاربورتون (ئەنگلىيە)

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى

 بۇ ماقالە «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان

ئەپلاتۇننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق بۇ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ

تەرجىماندىن: ئەپلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427-347-يىللاردا ياشاپ ئۆتكەن) قەدىمكى يۇناننىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى. ئۇنىڭ ئىسىمى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا «ئەپلاتۇن»، «پىلاتون» قاتارلىق ۋارىيانتلاردا ئۇچرايدۇ، خەنزۇچە  柏拉图دەپ يېزىلىدۇ، ئىنگلىزچە  Platoدەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ «غايىۋى دۆلەت» (خەنزۇچە «理想国»، ئىنگلىزچە «The Republic» دەپ ئېلىنىدۇ)، «بەزمىنامە»، «كېرىتو»، «پايدون»، «ئاقلاش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئەپلاتۇن گەرچە قەدىمكى دەۋر پەيلاسوپى بولسىمۇ، ھازىرمۇ ئوقۇرمەنلىرى كۆپ. ئۇنىڭ دېئالوگلىرى، جۈملىدىن، «غايىۋى دۆلەت» ناملىق ئەسىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئىزچىل نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەر ھەر قايسى ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدە پەلسەپە، ئەخلاق، سىياسىي، ئەدەبىيات- سەنئەت دەرسلىكى سۈپىتىدە تەلقىن قىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئەپلاتۇننىڭ نامى ئۇيغۇر كىلاسسىك مەنبەلىرىدە ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. مەشھۇر مۇتەپەككۇر فارابىمۇ ئەپلاتۇن ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ غايىۋى دۆلىتى ھەققىدە شەرھىلەرنى يازغان. بىز دەۋاتقان «ئەپلاتۇن» دېگەن ئىسىممۇ ئەرەبچە قايىناقلاردىن ئۆزلەشكەن. ناۋادا بىز ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپىنىڭ مەنبەلىرىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنساق، مەنىۋىيتىمىزنىڭ ئەپلاتوننىڭ تەسىرىدىن خالىي ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسىدە تەسەۋۋۇپ چوڭ بىر تېما، بۇ تېمىنىڭ ئىچىدە ئەپلاتۇن تاشلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان مۇھىم تارماق تېما. ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيەسىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان بۇ يىرىك ئوبراز يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىمىزدا تامامەن سۇسلاشتى.

ئەپلاتۇننى بىلمىگەندە، غەرب ئىدىئولوگىيە تارىخىنى ۋە تەپەككۇر تارىخىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئۇسلۇبىنى ھازىرمۇ ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەپلاتۇننىڭ دېئالوگ سەنئىتى، مۇئەييەن بىر نۇقتىنەزەرنى چوڭ كۆلەمگە قويۇپ يورۇتۇشتىكى لوگىكىلىق ئىزچىللىقى، پىكىر قىلىش مېتودى ئۇيغۇر يازارمەنلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا سەلتەنەتلىك دەرس بولالايدۇ. ئەپلاتۇن پىكىرلەرنى ھېكايەت، تەمسىل، دېداكتىكا شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دانىشمەنلىرىگە كەسكىن ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇ دەل ئىسپاتلاش، يەكۈنلەش ۋە قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش. گىرىك پەلسەپىسىدىن تەسىرلەنگەن ئۇيغۇر پەلسەپىسى ئەپلاتۇندىكى ئۇ تەرەپلەرنى ئاجىز بىر رەۋىشتە ئەكىس ئەتتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتېلنى فارابى ھالقىسى ئارقىلىق ياۋرۇپادىكى ئەدەبىي گۈللىنىش ھەرىكىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن فارابى ئەپلاتۇن پەلسەپىسىنىڭ غەربكە بولغان تەسىرىنىمۇ يايغان، ئەپلاتۇن ۋە ئارىستوتېللارنىڭ مەنتىقىلىق پىكىر ئۇسلۇبى كېيىنكى غەرب مۇتەپەككۇرلىرى تەرىپىدىن بەكرەك راۋاجلاندۇرۇلغان. ئەپلاتۇننىڭ ئەسەرلىرى غەرب ئىدىئولوگىيە تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك سىياسىي مەزھەپلەرگە يىپ ئۇچى بولغان. مەسىلەن، كوممۇنىزم، فاشىزم، ماكىياۋىللىزم، پىلاتونىزم، سوتسىيال دارۋېنىزم دېگەنلەردەك. «غايىۋى دۆلەت» كە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئالىملار شەرھىي يېزىپ كەلدى، نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلار تەنقىد ئېلىپ باردى، بۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئەپلاتۇننىڭ كىشىلىك دۇنياسىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن. بۇ ھەقتە ئەنگلىيە پەيلاسوپى ۋايىتخىد (Alfred North Whitehead): «پەلسەپە تارىخى ئەپلاتۇن ئەسەرلىرىگە بولغان شەرھىيدۇر» دېگەن ئىدى. ئامېرىكىلىق پەيلاسوف ئېمېرسون (Emerson): «ئەپلاتۇن دېمەك – پەلسەپە دېمەكتۇر، پەلسەپە دېمەك ئەپلاتۇن دېمەكتۇر» دېگەن ئىدى.

ئەپلاتۇن ئەسەرلىرىنى زامانىمىز ئۇيغۇرچىسىغا تەرجىمە قىلىش كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، مەن بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. بۇ مېنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا قابىلىيەتلىكىمدىن ئەمەس، شارائىتىمنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىم ھەم جۈرئىتىمدىن بولدى. بىر قارىسام، ئارىمىزدا قابىل ئادەملەر جىقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما تۈرلۈك ئىشلار ھامان ئاز بولىدۇ. ئاخىرى مەن مەيدانغا چىقىپ قالدىم. بەلكىم مېنىڭ بۇ ئەمگىكىم سورۇن مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تور مافىيەلىرىنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالار، بۇمۇ بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەسىردۇر، خالاس.

بۇ كىتاب قىيىن، چۈشىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىلمىي دەسمايە كېتىدۇ. گەرچە تىرىكچىلىك قايغۇسىدا قالغان كىشىلىرىمىز بىلەن بۇ كىتابنىڭ ئارىلىقى خېلى يېراق بولسىمۇ، تەپەككۇرنىڭ ئىنچىكە، نازۇك، تەسىرچان قاتلاملىرى بىلەن كىرىشىپ، ئۆزىنى دۇنيا بىلەن باشلاپ كۆزىتىدىغان ئازغىنە ئىلىم ئادەملىرىمىزگە ئەرزىسە كېرەك، دەپ قارايمەن. ئۇلار بىزنىڭ تەپەككۇر قۇۋۋىتىمىزنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. «غايىۋى دۆلەت» دەل ئاشۇلار تەرىپىدىن قېتىرقىنىپ ئوقۇلىدىغان كىتابتۇر. بۇ كىتاب ئالىملىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارقىلىق ئەدەبىيات تارىخىمىز، ئىدىيە تارىخىمىز ۋە سىياسى، ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزغا تەدبىقلىنىدۇ، بارا-بارا ئۆز-ئۆزىمىز ھەققىدىكى تونۇشنىڭ دائىرىسىنى دۇنياۋى كەڭلىككە تۇتاشتۇرىدۇ. جۈملىدىن، «غايىۋى دۆلەت» نىڭ تەرجىمىسىمۇ كەلگۈسىدىكى مۇھاكىمىلەر ئارقىلىق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ پىشقان، مۇكەممەل تەرجىمىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ.

مەن غايىۋى دۆلەتنىڭ تەرجىمىسىگە 2001- يىلى كىرىشكەن ئىدىم. بۇنىڭ تەرجىمان بولۇش ئىدىيىسى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى، مېنىڭ ئۆزۈم قىزىققان داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە كەچۈرمىشى ئارقىلىق ھېس قىلىدىغان ئادىتىم بار. بۇرۇن قىسقا بىر پارچە شېئىر ياكى ئەقلىيە سۆزنىمۇ تەرجىمە قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرەتتىم. يەنە بىرى، مەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يېتىلدۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ زىيالىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. گەرچە تۈرلۈك ئىشلار تۈپۈيلى تەرجىمە ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ئاخىرىغا يەتكۈزۈش نىيىتىمدىن ئەسلا ۋاز كەچمىدىم. تەرجىمە ئاخىرى 2012- يىلى 6- ئايدا قولۇمدىن چىقتى. مېنى مۇشۇ پەللىگە ئۇلاشتۇرغان قۇدرەت ۋە ھېكمەت ئىگىسىگە شۈكۈرلەر بولسۇن!

بۇ تەرجىمە زامانداشلىرىمغا بولغان ئاددىي سوۋغام، پىكىر ئەھلىگە بولغان ھاۋالەم، تەپەككۇر خامىنىمىزغا  تاشلانغان بىر تۇتام باشاق. كىتابتىكى ئىدىيەلەر مېنىڭ ئىدىيەمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. كۆزدە تۇتقۇنۇم كىتابقا، تارىخقا، بىزگە تەسىر قىلغان ھەر خىل مەسلەكلەرگە، ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزغا، پىكىر قۇۋۋىتىمىزگە تەنقىدىي سوئاللارنى قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋقەسىنى شەكىللەندۈرۈش. ۋەھالەنكى، بۇمۇ بىر مۈشكۈل جەريان. كىتابقا تەپسىلىي بىر تونۇشتۇرۇش يازغۇم بار ئىدى، ئەمما، يېتەرلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئەمگەكنى ئاللاھ خالىسا كېيىنگە قالدۇرۇشقا توغرا كەلدى.

ئاخىرىدا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلغان ئائىلەمدىكىلەرگە، ماڭا ئىلھام بەرگەن دوستلارغا، تۈرتكە ئاتا قىلغان قەدىرلىك كىشىلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.

 

                                           2012- يىل، نويابىر. ئۈرۈمچى

  1. 1.    ئۆڭكۈر

شۇنداق بىر ئۆڭكۈر بار، ئۇنىڭدا پۇت- قوللىرى بەنت قىلىنغان مەھبۇسلار يىراقتىكى تامغا يۈزلىنىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار ئۆمۈربويى شۇنداق ئۆتكەن بولۇپ، بېشىنى قىمىرلىتالمايىتتى، تامدىن بۆلەك ھېچنېمىنى كۆرەلمەيىتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە ئوت يالقۇنى، ئوت بىلەن ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپى ئوتتۇرىسىدا بىر يول بار ئىدى، ئادەملەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۆتۈپ تۇراتتى، ئوتنىڭ شولىسى ئۇ ئۆتكۈنچىلەرنىڭ كۆلەڭگىسىنى تامغا چۈشۈرۈپ تۇراتتى، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى ھايۋانلارنڭ مودېللىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، تامغا بۇ مودېللارنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ چۈشۈپ تۇراتتى. مەھبۇسلار پەقەت ئاشۇ كۆلەڭگىلەرنىلا كۆرەلەيتتى ۋە بۇ كۆلەڭگىلەرنى رېئاللىقنىڭ نەق ئۆزى دەپ ئىشىنەتتى. چۈنكى ئۇلار كۆلەڭگىدىن باشقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان، نەق ئادەملەرنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى- دە، كەينىدىكى يالقۇننىڭ ئۆزىنى كۆردى. باشتا كۆزلىرى تورلىشىپ ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى، كېيىن ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تونۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە ئالا- چەكمەن بولدى. ئۇ ئاستا- ئاستا بۇرۇنقى تۇرمۇشىدىكى مەھرۇملۇقنى چۈشەندى: ئۇ كۆلەڭگىلەرنى كۆرۈشتىن قانائەتلىنىپ، رېئال دۇنيانىڭ نەقەدەر نۇرانە ۋە رەڭدار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى يارقىن ئاپتاپقا كۆندى- دە، بۇرۇنقى مەھكۇمىيەتداشلىرىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى. ئۇ ئاخىرى يورۇققا كۆنۈپ، قۇياشقا تىكىلىپ قارىيالايدىغان بولدى.

ئۇ مەھبۇس ئۆڭكۈرگە قايتۇرۇپ كېلىندى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆڭكۈردىكى كۆلەڭگىلەرگە كۆنەلمىدى. ئۆڭكۈردىكى تەقدىرداشلىرى ئاسانلا كۆرەلىگەن كۆلەڭگىلەرنى ئۇ كۆرەلمەيىتتى. ھەپسىداشلار: «ئۇ تالاغا چىقىپ كىرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ» دەپ ئويلاشتى. مەھبۇس ھەقىقىي دۇنيانى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. لىكىن، ئۇنىڭ مەھكۇمىيەتداشلىرى سايىدىن پۈتكەن دۇنيادىن رازى بولۇپ يۈرۈشەتتى، ئۇلار ئۆڭكۈردىن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز چىقىپ كېتىشمەيتتى.

«ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس» دېگەن بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتۇننىڭ «غايىۋى دۆلەت» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتۇننىڭ ئۇقۇد تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىنلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى ئۆز تەجىرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلارلا ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكاممۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.

2. ئەپلاتۇن ۋە سوقرات

ئۇستازى سوقراتنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. سوقرات ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئادەم بولۇپ، بىر تۈركۈم باي ئافىنا ياشلىرىنى ئەتراپىغا يىغقان ئىدى. ئۇ ھېچنەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان. بىراق، مەيدان ۋە دوقمۇشلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئۇنىڭ تەسىرىنى يىراقلارغا يايغان. ئۇ: «مەندە سۆزلىگۈدەك تەلىمات يوق» دەيتتى. بىراق، ئەتراپتىكى ئادەملەرگە ئۆتكۈر سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاپا، ئادالەت ياكى ئەخلاق جەھەتتىكى نادانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. ئەپلاتۇن ياش ۋاقتىدىلا، سوقرات شەھەردىكى ياشلارنى زەھەرلىگەن، شەھەرنىڭ ئىلاھىغا ئېتقاد قىلمىغان دەپ قارىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. سوقرات ئافىنانىڭ جازا ئادىتى بويىچە ئوغا ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئەپلاتۇن سوقراتنى بىر سۆھبەتچى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق گويا سوقراتنى تىرىلدۈردى. بىراق، ئەپلاتۇننىڭ قەلىمىدىكى سوقرات پىكىر جەھەتتىن ئەسلىدىكى سوقراتقا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەپلاتۇننىڭ ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار بەئەينى ئەمەلىي سۆھبەت خاتىرىسىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئەپلاتۇن «غايىۋى دۆلەت» نى يازغاندا، سوقرات ئەپلاتۇن ئىدىيەسىنىڭ ۋەكالەتچىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

«غايىۋى دۆلەت» تە ئەپلاتۇننىڭ ئىككى خىل يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتكەن ئىدى. كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە، سوقراتنىڭ دوستلىرى بىلەن قىلغان پاراڭلىرى بېرىلگەن، خۇددى سەھنە ئەسىرىنىڭ  بىرىنچى پەردىسىدىكىدەك بىزگە ھېكايىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرىدۇ. كىتابنىڭ كىيىنكى بۆلەكلىرىدە، دىئالوگ شەكلى ئىزچىللاشقان بولۇپ، بىز پەقەت ئەپلاتۇننىڭلا ئاۋازىنى ھېس قىلىمىز، باشقىلار پەقەت ئىنكاسچى خالاس.

 

3. سىراسماخوس بىلەن گىلاۋكون

«غايىۋى دۆلەت» نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى سىراسماخوس (Thrasymakhos) ۋە گىلاۋكون (Glaucon) ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللار بويىچە قانات يايغان. سىراسماخوسنىڭ قارىشىچە، ئادالەت بىر نىقاب بولۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى پاناھىغا ئالىدۇ، ھوقۇق ھەممىنى توغرىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئادالەت كۈچلۈكلەر بېكىتكەن مەنپەئەت پىرىنسىپىغا بويسۇنىدۇ. خۇسۇسىي پائالىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادالەتسىزلىك ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بۇ خىل تىپتىكى ئادەملەر ئومۇمەن خۇشال ئۆتىدۇ.

گىلاۋكون تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭچە، ئادىل ئىش قىلغانلار پەقەت ئۆزلىرنى نىقابلاش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. رىۋايەتلەردىكى گوگىس (Gyges) تىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى يۇشۇرۇپ قالالايدىغان ئۈزۈككە ئېرىشسە، ئۇ ئۆزىنى ئادىل ئىش قىلىشقا ئۈندەيدىغان تۈرتكىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۈزۈك ئۇنىڭ جىنايىتىنى يۇشۇرۇپ، جازادىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. گىلاۋكون مۇنداق بىر تەسەۋۇرنى قىلىدۇ: بىر ئادىل ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ئادالەتسىز دەپ قارالدى، ئۇ بىچارە نۇرغۇن جاپا تارتىپ، ئاخىرى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدى، ھاياتىدىن تىلغا ئالغۇدەك ئىش قالمىدى. يەنە بىر مەككار ئادەم باركى، ھەمىشە ئۆزىنى ئادىل قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. بىراق، پۇرسەت تاپقان ھامان رەزىللىك قىلىدۇ. ئۇ شادىمان ياشاپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. دېمەك، ئادىل ئادەم مۇناسىپ جاۋابقا ئىرىشەلمەيدۇ. سوقرات ئادىل ئادەملەرنى ئاقلىماقچى بولىدىكەن، ئۇ مەككارلارنىڭ ئىشىنىڭ رېئاللىقنىڭ تولۇق تەرىپى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلىشى كېرەك، بولىدۇ. سوقرات كىتابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئادىللىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى ۋە ئۆرنەكلەرنى كۆرسەتتى. ئۇ دېدىكى، ئادالەت ماھىيەت جەھەتتىن ئەرزىيدىغان ئىش، ئاقىۋەت جەھەتتىن ياخشى ئىش.

4. شەخس ۋە دۆلەت

گەرچە «غايىۋى دۆلەت» دېگەن بۇ ئەسەر سىياسىي پەلسەپىگە دائىر ئەسەر، ئۇنىڭدا ئەپلاتۇننىڭ ئوتوپىيەلىك دۆلىتىنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسى سۆزلەنگەن دېيىلسىمۇ، ئەمما بۇ سۆزلەر شەخسىي ئەخلاق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. «ئادالەت دېگەن نېمە، ئۇنى قوغلىشىشقا ئەرزىمدۇ؟» دىگەن مەسىلىگە ئەپلاتۇن بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ يەردە «ئادالەت» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى كىشىگە تەبىئىي بولمىغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، يۇنانچىدىكى «Dikaiosune»  دىگەن سۆزنى «ئادالەت» دەپ ئالساق، ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى «توغرا ئىش قىلماق» دېگەن بولىدۇ. ئەپلاتۇن «كىشىلىك دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش شەكلى قانداق بولۇشى كېرەك؟» دېگەن مەسىلىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن. ئەپلاتۇن «دۆلەت مۇقەررەر رەۋىشتە شەخسكە ئالاقىدار بولىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، دۆلەتنىڭ تەشكىلىي فورمىسىغا ناھايىتى دىققەت قىلغان. ئۇنىڭچە، ئادالەتنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دائىرىسىدە ھەل قىلىپ بولغاندىن كىيىن، شەخسكە تەدبىقلاش توغرا بولاتتى. خۇددى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى يوغان خەتلەرنى ئاسان كۆرگەندەك، ئادالەت ئۇقۇمىنى دۆلەت تەشكىلىدىن ئىبارەت چوڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلغاندا، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئاسان كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.

5. ئىش تەقسىماتى

بىر ئادەم يالغۇز ئۆتەلمەيدۇ، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى كۆپ. توپلام ھالىتىدە ھەركىم ئۆزىگە يارىشا ئىشنى قىلسا ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. ھۈنەرۋەن ھۈنىرىنى قىلسا، دېھقان يېرىنى تېرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەمگەك قوراللىرىنى ياساشتا ھۈنەرۋەن دېھقاندىن پىششىق بولىدۇ. بۇ قائىدە بارلىق كەسپىي ساھەلەرگە چۈشىدۇ. ماھارەت ئەمەلىيەت ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئەمگەكنىڭ كەسىپلىشىشى بىلەن كىشىلەر تاجاۋۇزنى توسۇپ، دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇنتىزم ئارمىيەگە مۇھتاج بولدى. ئەپلاتۇننىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، دۆلەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى خۇددى ئۆي باقىدىغان ئىتتەك كۈچلۈك ھەم باتۇر بولۇشى كېرەك. ئۇلاردا پەيلاسوپلارچە خاراكتېر بولۇشى كېرەك. «غايىۋى دۆلەت» نىڭ مۇھىم سەھىپىلىرى دەل قوغدىغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە بېغىشلانغان.

6. ھۆكۈمرانلار، ياردەمچىلەر ۋە ئەمگەكچىلەر

ئەپلاتۇن قوغدىغۇچىلار تائىپىسنى ئىككى تۈركۈمگە ئايرىدۇ: بىرى، ھۆكۈمرانلار؛ يەنە بىرى، ياردەمچىلەر. ھۆكۈمرانلار سىياسىي ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، مۇھىم قارارلارنى چىقىرىدۇ. ياردەمچىلەر (ئەركانلار) بولسا ھۆكۈمرانلارغا ياردەملىشىدۇ ۋە سىرىتقى خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچىنچى بىر تۈركۈممۇ باركى، ئۇلار ئەمگەكچىلەر بولۇپ، ئۇلار تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەپلاتۇن ئەمگەكچىلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ئۇ دىققىتىنى قوغدىغۇچىلارغا قارىتىدۇ.

ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرىنى مۇئەييەن ساھەگە ئاتىيالايدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى، ئۇلار بۇ ساھەنى جەمئىيەتكە ئىنتايىن پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھۆكۈمران بولۇپ تاللانغان. ئەپلاتۇن ھۆكۈمرانلىققا ماس كەلمەيدىغان كىشىلەرنى شاللاش ئۈچۈن بىر خىل سىناقنى تەۋسىيە قىلغان، بۇ سىناقتا خۇسۇسىي مەئىشەتكە بېرىلىپ كېتىدىغان  ئادەملەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئېزىتقۇلارغا بولغان ئىنكاسى چۈشىنىلگەن بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ تۈركۈمدىكى كشىلەر ئاز بولىدۇ.

قوغدىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسى مۈلۈكىنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىشى كېرەك. ئەپلاتۇن ئائىلىگە نىسبەتەن بىرقەدەر رادىكال بولغان رىتسىپنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭچە، دۆلەت قارىمىقىدىكى يەسلىلەر ئائىلىنىڭ رولىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ يەردە بالىلار كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئۆسۈپ- يېتىلگەن بالىلار دۆلەتكە سادىق بولىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ ساداقەتسىزلىك قىلمايدۇ.

ئەپلاتۇن ھەتتا جىنسىي تۇرمۇشقىمۇ بەلگىلمە چىقارغان. ئۇنىڭچە، پۇقرالار چەك تارتىش ئارقىلىق جۈپتىنى تېپىپ، بايرام كۈنلىرىدە بىللە بولۇشى كېرەك. لايىق ئىزدىگۈچلەرگە بۇ قائىدىنى قۇبۇل قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈمرانلار مۇنەۋۋەر تۈركۈملەرنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشىنى ئويلاپ، چەكنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزلىرى بېكىتىپ بولغان بولىدۇ. ئەپلاتۇننىڭ غايىۋى دۆلىتىدە سۈپەتلىك تۇغۇش ئۇقۇمىمۇ بار بولۇپ، ئۇنى قاۋۇل، باتۇر ئەۋلادلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قۇيۇش كېرەك ئىدى. بالىلار تۇغۇلغان ھامان ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ، مەخسۇس خادىملارنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. تۆۋەن قاتلاملىق قوغدىغۇچىلار ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەرقانداق «كەمتۈك» بالىلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ.

7. ئاياللارنىڭ رولى

ئەپلاتۇن «غايىۋى دۆلەت» تە نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاللاپ تۇغۇش ۋە مەجرۇھ بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش كەبى رەھىمسىز ۋە ئاشقۇن تەكلىپلەر بولمىسا كېرەك. ئەپلاتۇن زامانداشلىرىدىن پەرقىلىق ھالدا ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا تەلىم- تەربىيە ئېلىشى، ئەرلەرگە ئوخشاشلا ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان ئاياللار قوغدىغۇچى قىلىپ تاللىنىشى كېرەك، دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما ئۇ يەنە تۈرلۈك ئىشلاردا ئەرلەر يەنىلا ئاياللاردىن ياخشىراق، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرى ئەينى دەۋرنىڭ ئۆزىدىلا چەكتىن ئاشقان گەپلەر تەرىقىسىدە چۈشىنىلگەن. چۈنكى ئەپلاتوننىڭ زامانىدا ئوتتۇراھال تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى ئۆيلىرىگە بەنت بولاتتى.

8. مېتاللار توغرىسىدىكى ئەپسانە

بىر دۆلەتنىڭ غالىبىيىتى پۇقرالارنىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتى ۋە بىر- بىرىگە بولغان ساداقىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەپلاتۇن ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەجەرىسى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەرگە ئىشىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان. «چوڭقۇر مەنىلىك ئەپسانە» (بەزىدە «ئېسىل تولۇقلىما» دەپمۇ ئېلىندۇ) دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ھەر بىر شەخس مۇئەييەن باشلانغۇچ يىلتىزدىن كەلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە ئائىت ئەسلىمە ۋە تەربىيەتلەر ئەلۋەتتە يوق گەپتۇر. بارلىق پوقرالار قېرىنداش بولۇپ، ئۇلارنى يەر ئانىنىڭ پەرزنتلىرى دېيىش كىشىلەرنى ۋەتەنگە ۋە بىر- بىرىگە ساداقەتمەن قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ.

ئەپسانىدە يەنە مۇنداق مەزمۇنمۇ بار: ياراتقۇچى ئادەملەرنى ياراتقاندا ئۇلارنىڭ خۇرۇچىغا مېتاللارنى قوشۇۋېتىدىكەن، يەنى ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالتۇن، ئەركانلارغا كۈمۈش، ئەمگەكچىلەرگە مىس ياكى تۆمۈرلەرنى ئارىلاشتۇرۋېتىدىكەن. تەڭرى ھۆكۈمراملارنى بالىلارنىڭ مىجەزىدىكى مېتاللارنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاپ كۆرۈشكە بۇيرۇيدىكەن، ئەگەر تەركىبىگە مىس ياكى تۆمۈر ئارىلىشىپ قالغان بالىلار ئالتۇن خاراكتېرلىك ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلۇپ قالغان بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا رەھىم قىلماي ئەمگەكچىلەر قاتارىغا قوشۇۋېتىشى كېرەك. ئەگەر بىر ئەمگەكچىنىڭ بالىسىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈشنىڭ بارلىقى بايقالسا، ئۇنى ھۆكۈمرانلار ياكى ئەركانلادىن قىلىپ تەربىيەلەش لازىم. بۇنداق ئەپسانە كىشىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى تەربىيلەشتە پايدىلىق بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنىغا قانائەت قىلىدىغان ئاڭغا ئىگە قىلاتتى. ئەپسانىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، سېنىڭ قايسى سىنىپقا تەۋە بولۇشۇڭ تاشقىي ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ.

9. ئادىل دۆلەت ۋە ئادىل شەخس

ئەپلاتۇننىڭ قەلىمىدىكى غايىۋى دۆلەت مۇكەممەل بولغاچقا، بۇنداق دۆلەت پاراسەت، جەسۇرلۇق، ئاڭلىقلىق ۋە ئادىللىق تەبىئىتىگە ئىگە بولاتتى. ئۇنىڭچە، ھەرقانداق مۇكەممەل دۆلەتتە بۇ تۆت پەزىلەت بولۇشى كېرەك ئىدى. پاراسەت ھۆكۈمرانلارنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن دانا قارار چىقىرىشىغا پايدىلىق. جەسۇرلۇق بولسا ئەركانلار (ھۆكۈمراننىڭ ياردەمچىلىرى) غا قارىتىلغان بولۇپ، دۆلەتنى قوغداشتا زۆرۈر ئىدى. ئاڭلىقلىق ھەرقايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى گارمۇنىيەدىن كەلگەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تىزگىنلىگۈسىز ھاۋايى- ھەۋەسلىرى ھۆكۈمراننىڭ سىياسىتى ئارقىلىق تەرتىپكە سېلىندۇ. ئادىللىق ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىش بېجىرگەن چاغدىكى ۋىجدانىغا قارىتىلغان. جەمئىيەتتە ئۇياق- بۇياققا يۆتكىلىپ يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن يوشۇرۇن تەھدىت.

غايىۋى دۆلەت ئۈچ تەبىقىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى گارمونىك مۇناسىۋەتتە يۇقىرىقى تۆت خىل پەزىلەت ئايان بولىدۇ. ئەپلاتۇن تەكىتلەيدۇكى، ھەر بىر ئادەم ئۈچ تەبىقىنىڭ بىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ. پاراسەت، جەسۇرلۇق، ئاڭلىقلىق ۋە ئادىللىق كەبى پەزىلەتلەر ئاشۇ ئۈچ تەبىقە ئوتتۇرىسىدىكى ماس ھەمكارلىق ئارقىلىق گەۋدىلىندۇ.

10. روھىيەتنىڭ ئۈچ تەركىبىي قىسىمى

«روھىيەت» دېگەن ئىبارە مەنىۋىلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەپلاتۇن روھ ئۆلمەيدۇ، دەپ قارىسىمۇ، ئۇ تەسۋىرلىگەن روھىيەتنىڭ ئۈچ تەركىبىي قىسىمى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئايرىلغان جان ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ، ھەتتا جىسمانىيەتتىن تامامەن پەرقلىق بولغان ھېلىقى روھلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەپلاتۇننىڭ ئىشتىياقى كۆپرەك مۇددىئا پىسخولوگىيىسىگە ياتىدۇ. روھىيەتنىڭ ئۇ بۆلگەن تەركىبىي قىسىمى ئىدراك، مەنىۋىيەت ۋە ھەۋەستىن ئىبارەت.

ئىدراك (پاراسەت مەنىسىدە) غايىۋى دۆلەتتىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ رولىغا ماس كېلىدۇ. ئىدراك خۇددى ھۆكۈمرانغا ئوخشاشلا ھەممە ئادەمگە بەخت كەلتۈرىدۇ، ئىدراك ھەرگىز ئۆزىنىڭ پايدىسىنى مەركەز قىلمايدۇ. ئۇ ئەڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئەڭ ئەپچىل چارە بىلەن ئېرىشىشنى پىلانلاش لاياقىتىگە ئىگە. ئۇ ھەقىقەتنى سۆيىدۇ.

مەنىۋىيەت كىشىلىكنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ پائالىيىتىگە ھېسسىيات جەھەتتىىكى تۈرتكىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ غەزەبلىنىش، نەپرەتلىنىش ۋە ياخشى كۆرۈش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە. ھېسسىيات مۇۋاپىق تەربىيەگە ئىگە قىلىنسا، باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىكنىڭ مەنبىيى بولالايدۇ. مەنىۋىيەت ئەركانلارنىڭ رولى بىلەن ماس كېلىدۇ.

ھاۋايى- ھەۋەس، يەپ- ئىچىش، شەھۋەت قاتارلىقلار ئالاھىدە ئىشلارغا بولغان ئېھتىياج بولۇپ، ئىدراك بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ. ئەپلاتۇنچە بولغاندا، ئادەم روھىيىتىنىڭ بۇ ئۈچ تەركىبىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى پاسىلنى ساقلاپ ياشىشى كېرەك. ھەۋەس ئەمگەكچىلەر ئالىدىغان رولغا ماس كېلىدۇ.

پاراسەت، جەسۇرلۇق، ئاڭلىقلىق، ئادىللىق كەبى تۆت پەزىلەت دۆلەتتە ۋە شەخستە ئوخشاشلا نامايەن بولۇشى كېرەك. ئاقىل ئادەم ئەقىلگە تايىنىپ قارار چىقىرىدۇ. جەسۇر ئادەم خەۋپكە يولۇققاندا، مەنىۋىيەتتىن كۈچ ئالىدۇ. مەنىۋىيەت بىلەن ئىدراك بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ. ئاڭلىق ئادەم ئىدراكىي پەرھىزلەرگە ئەمەل قىلىپ، ھاۋايى- ھەۋەسلەرنى باسىدۇ. ئادىل ئادەم ئىش قىلغاندا، روھىيەتنىڭ ھەممە بۆلەكلىرىنى ئىناق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. قالغان بۆلەكلەر ئىدراكقا بويسۇنۇپ، تېگىشلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. دېمەك، شەخىسنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئادىللىق بىر خىل پىسخىك گارمونىيەدۇر. ئادىللىق ماھىيەت جەھەتتىن قىممەتنىڭ شەرتىدۇر، قائىدە- پىرىنسىپ دەل مۇشۇنداق يەردىدۇر.

11. پەيلاسوپ ئىلىگ (پادىشاھ)

ئەپلاتۇن دۆلەتنىڭ ئادالىتىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ شەخسنىڭ مەسىلىسىنى يورۇتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆزى قۇرۇپ چىققان ئوتوپىيەلىك دۆلەتتىن ئىبارەت. ئۇ بىر خىل سىياسىي تۈزۈم قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە، ئۈمىدىنى پەيلاسوپلارغا باغلايدۇ. ئۇ ئۆزگىچە بىر تەمسىل ئارقىلىق بۇ ئاجايىپ تەۋسىيەنى ئاقلايدۇ. بىر كېمە بار بولۇپ، ئۇنىڭ كاپىتانىنىڭ كۆزى يىراقنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى پاڭ، قول ئاستىدىكى ماتروسلارنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ماتروسلار «رولنى كىم تۇتۇشى كېرەك» دېگەننى تالىشىدۇ، ئارىسىدىن ھېچكىم دېڭىز ئىشلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئۇلار دېڭىزچىلىقنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۆگىتىدىغان نەرسىمىدى، دەپ ئويلايدۇ. گۇرۇھلار كېمە باشقۇرۇشنى تالىشىدۇ. غەلىبە قىلسا، پالوبىدا سەكرىشىپ ئويناپ، دېڭىزچىلىقنى ساياھەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دېڭىزچىلىق ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇلتۇزلار ۋە ھاۋارايىنى ئىگىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى يۇلتۇزلارغا قاراپ بىلجىرلايدىغان لاياقەتسىزلەردۇر.

ئەپلاتۇن دەۋرىدىكى مەۋجۇت دۆلەت بەئەينى لاياقەتسىز ماتروسلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كېمىگە ئوخشايدۇ. كېمە لاياقەتلىك دېڭىزچىلارنىڭ قولىدىلا بىخەتەر بولىدۇ. پەيلاسوپ گەرچە بىر پەلسەپە ئەھلى بولسىمۇ، دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىمگە ئېگىدۇر. ئەپلاتۇننىڭ ئېدىيالى (كۆلەڭگە تەلىماتى) پەيلاسوپلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش لاياقىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

12. شەكىل نەزەرىيەسى

ماقالىمىزنىڭ بېشىدىلا «ئۆڭكۈر» دېگەن تەمسىل ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. ئەپلاتۇن بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مۇھىتىنى سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭچە، نۇرغۇن كىشىلەر يۈزەكى تەسىرات بىلەنلا قانائەتلىنىپ ئۆتىدۇ، بۇ تەسىرات دەل ئوتنىڭ شولىسىدا ئۆڭكۈر تېمىغا چۈشكەن كۆلەڭگىدۇر. پەيلاسوپلار ھەقىقەتنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن رېئال دۇنيادىن بىلىم ئىزدەپ، ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىغا چىقىدۇ ۋە شەكىلگە (ئۇقۇمغا) يۈزلىنىدۇ.[②]

شەكىل تەلىماتى «غايىۋى دۆلەت» تە چىقىدىغان سوقرات تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇنى كىشىلەر ئەپلاتۇننىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدۇ. ئادەتتە، «ئەپلاتۇنچىلىق» (پىلاتونىزم) دېيىلگەندە، دەل مۇشۇ مەزمۇن كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىز ئۇ دېگەن شەكىلنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنۇ مىسالغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك:

دۇنيادا ھەر خىل كارىۋات بار، ئۇلارنىڭ بەزىسى قوش كىشىلىك، بەزىسى يەككە كىشىلىك، بەزىسى پۇتلۇق كارىۋات. بۇ كارىۋاتلار بىردەك ھالدا كاللىدىكى كارىۋات بىلەن، يەنى ئۇقۇم سۈپىتىىدىكى كارىۋات بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۇ ئىدىيال ھالەتتىكى، شەكلەن كارىۋات بولۇپ، ھەقىقەتەن مەۋجۇت. تۇرمۇشتىكى كارىۋاتلار ئىدىيەدىكى مۇكەممەل كارەۋاتنىڭ مۇكەممەل بولمىغان نۇسخىلىرىدۇر. بۇ كارىۋاتلار تەسىراتقا  كىرىدۇكى، ماھىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. شۇڭلاشقا، بىز كارىۋات ئۇقۇمى ھەققىدىكى ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشەلەيمىز، «ئەمەلىي كارىۋات» ھەققىدىكى ھەر قانداق ئۇچۇر پەقەت نۇقتىئىنەزەردىن ئىبارەتكى، بىلىم ئەمەس. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ دۇنيا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئۇقۇم (ئىدىيال) دۇنيالا زاماندىن خالىي بولىدۇ ۋە تۇراقلىق بولىدۇ. پەيلاسوپلار ئەقىل- پاراسەتنى سۆيىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇقۇم دۇنياسىغا بارىدىغان يولنى تاپالايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىدىيە ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. چۈشەنچىلەر بىزنى تەسىراتتىن ئىبارەت كاتىگورىيەگە بەنىت قىلىدۇ.

ئەپلاتون گەرچە دۇنيادىكى شەيئىلەرگە ئۇيغۇن بولغان ئىدىيال (ئۇقۇم) نى ئېنىق تەسۋىرلەپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «ياخشىلىق» ھەققىدىكى بىرەر ئىدىيال (مەنبە) نىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. ياخشىلىق پەيلاسوپلارنىڭ بىلىم ئىزدەشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى. ئەپلاتۇن ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنى قۇياشنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇياش ئادەملەرگە شەيئىلەرنى كۆرسىتىدۇ ۋە شەيئىلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. ياخشىلىق ئادەمنىڭ كۆڭۈل كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىدۇ ۋە شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە يېتىدىغان قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىق ئىدىيالى (ئۇقۇمى) بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتۇپ تۇرمىغان بولسا، بىز تەسىرات بىلەن كۆزقاراش ئوتتۇرىسىدىكى غۇۋالىق ئىچىدە تىنەپ يۈرگەن بولاتتۇق. بىز ياخشىلىق نۇرى ئىلكىدە تۇرمۇش ھەققىدە بىلىملەرنى جۇغلاشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز.

13. ئادالەتسىزلىك مىساللىرى

ئەپلاتون بىزگە، ئادىل دۆلەت «ھەرقايسى تەبىقىلەر ئۆزلىرىنىڭ جايىنى تاپالىغان» دۆلەتتۇر، بىر ئادىل كىشىمۇ «ھەرخىل تۈرتكىلەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرالىغان» كىشىدۇر، دەپ قەيىت قىلغان ئىدى. ئۇ دۆلەت ۋە شەخستىكى ئادىل بولمىغان تۆت خىل دۆلەت تىپى ۋە بۇلارغا لايىق كىشىلەر تىپىنى مۇھاكىمىگە ئالدى. بۇ تۆت خىل ئادالەتسىز دۆلەت تىپى مۇنۇلار: 

تېموكراتسىيەلىك (تېموكراتىك) ھاكىميەت[③]، ئولگارىخ ھاكىميەت[④]، دېموكراتىك ھاكىمىيەت، ئىستىبدات (مۇستەبىت) ھاكىمىيەت. تېموكراتىك ھاكىمىيەت ھەربىي ئىشلاردىكى شەرەپ ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلغان ھاكىمىيەت بولۇپ، بۇنىڭغا سىپارتا (sparta) نى مىسال قىلىش مۇمكىن. ئولگارىخ ھاكىميەتتە پۇل ۋە بايلىق ئەخلاقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ. دېموكراتىك ھاكىمىيەتتە ھەممە ئادەم دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان بولىدۇ. ئىستىبدات ھاكىمىيەتتە ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق بولىدۇ.

ئەپلاتون يەنە دۆلەت بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ماس مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئۇ دېموكراتىك ھاكىمىيەت ھەققىدە توختالغاندا، بۇنداق ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلارنى تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى. ئەپلاتۇنچە بولغاندا، ھۆكۈمرانلارنى تەربىيەلەش ئادالەتلىك دۆلەتتىكى تۈپ ئامىلدۇر. دېموكراتىك دۆلەتتە بولسا، ھۆكۈمرانلار خەلقنىڭ دوستى سۈپىتىدە تەربىيىلەنگەن. دېموكراتىيە تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان كىشىلەر خۇددى غايىۋى دۆلەت تەسۋىرىدىكىدەك خۇشاللىقتىن ئومۇميۈزلۈك بەھرىمان بولىدۇ. بۇ خۇشاللىقنىڭ بەزىسى ياخشىلىق نىيىتىنى، بەزىسى يامانلىق نىيىتىنى مەنبە قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا، دېموكراتىك تۈزۈمدىكى كىشىلەر ئەقىلنىڭ نامۇۋاپىق ھەۋەس ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ھورۇنلۇق يامراپ، ئادالەتسىزلىك مۇقەررەرلىشىدۇ.

14. سەنئەتكە قارشى

قوغدىغۇچىلار تەربىيەلەشكە كەلگەندە، ئەپلاتۇن شىئىرلارنى سىېنزور قىلىش (تەكشۈرۈپ چىقىش) نى تەكىتلەيدۇ. ئىلاھلار ۋە قەھرىمانلارنى خاتا تەسۋىرلىگەن ئەسەرلەر ئۇلارنى ئوقۇغان بالىلاردا ئادالەتسىزلىك مىجەزىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ، بۇنداق نەرسىلەر چۆرۈپ تاشلىنىشى لازىم. «غايىۋى دۆلەت» نىڭ 10- جىلدىدا، ئەپلاتۇن سەنئەت ۋە ئۇنىڭ غايىۋى جەمئىيەتتىكى ئورنى توغرىسىدا توختالغان. ئۇ «تەقلىد سەنئىتى»، يەنى رېئال دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ، ئاخىرىدا بۇنداق سەنئەتنىڭ غايىۋى دۆلەتتە ئورنى بولماسلىقى كېرەك، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار ئىدى: بىرى، سەنئەت تەسىرات سۈپىتىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى مۇتلەق چىنلىقتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە بىرى، سەنئەت روھىمىزنىڭ ھېسسىيات بۆلۈكىنى قوزغاپ، روھىي تەڭپۇڭلۇقىمىزنى بۇزىدۇ. ۋەھالەنكى، روھىي مۇۋازىنەت ئادالەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.

بىرىنچى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەپلاتۇن رەسسامنىڭ كارىۋات سىزىشنى مىسال قىلىدۇ. پەرۋەردىگار كارىۋات ھەققىدىكى ئۇقۇمنى ياراتقان، ياغاچچى ياسىغان كارىۋات ئۇقۇمىدىكى كارىۋاتقا بولغان مۈجمەل تەقلىدتىن ئىبارەت. كارىۋاتنىڭ رەسىمى بولسا ياغاچچىنىڭ كارىۋىتىنىڭ رەسسامدىكى نۇسخىسىدۇر. دېمەك، ئۇ نۇسخىنىڭ نۇسخىسىدۇر. بۇ خۇددى ئەينەكنى تۇتۇپ، ئەينەكتىكى غۇۋا ئوبرازنى كۆرگەندەك بىر ئىش. ئەينەكتىكى ئوبراز ئەمەلىيەتتىكى كارىۋاتنىڭ ئەكسى. روشەنكى، سەنئەتكارلار بىزنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدە بىلىمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىشنىڭ ئەكسىچە، بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينىدى. سەنئەتكارلار كارىۋاتنىڭ ماھىيتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، كارىۋات پەيدا قىلغان يۈزەكى تەسىراتلارنى كۇپىيەلەش بىلەن قانائەت تېپىشتى. ئەپلاتۇننىڭ قارىشىچە، شائىر بىلەن رەسساملارنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان يەرلىرى بار، شۇڭا، شېئىرىيەتكە ئىنكارىي پوزىتسىيە تۇتقان.

ئەپلاتۇننىڭ تونۇشىچە، تەقلىدكە ماھىر سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى قايمۇقتۇرۇش خۇسۇسيىتىگە ئىگە. سەنئەت ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇ روھىيەتنىڭ چاكىنا تەرەپلىرىگە رەزىل ھاياجان ئاتا قىلىپ، يامان تەسىر شەكىللەندۈرىدۇ. تەقلىدكار سەنئەتكارلار يۈزەكى ئادەملەرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، ماھىيەتلىك بىلىملەردىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، غايىۋى دۆلەتتە ئۇلارغا ئورۇن يوق.

15. «غايىۋى دۆلەت» كە قارشى تەنقىدلەر

دۆلەت بىلەن شەخسنى تەققاسلاش. «غايىۋى دۆلەت» تىكى ئىدىيە سىستېمىسى دۆلەت بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى مۇنتىزىم بىر سېلىشتۇرمىغا تاياندۇرۇلغان. ئەگەر بۇنداق سېلىشتۇرۇش ئىشەنچلىك بولمىسا، ئادالەتلىك دۆلەت ھەققىدىكى خۇلاسىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئادىل شەخس ئۇقۇمىمۇ ئىشەنچلىك بولمايدۇ. ئەپلاتۇن دۆلەت ھەققىدىكى يەكۈننى ئەقىلگە ئۇيغۇن، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسى خېلىلا گۇمانلىق.

پەقەت ھۆكۈمرانلارلا ئادىل بۇلالايدۇ. ئەپلاتۇننىڭ دەلىللەشلىرىدە پەقەت ھۆكۈمرانلارلا ئادىل بولالايدۇ، دەيدىغان يەنە بىر خۇلاسە بار. روھىي گارمۇنىيەنى ئادالەتنىڭ ئېنىقىلىمىسى قىلغاندا، غايىۋى دۆلەتتىكى ھەربىر تەبىقە تۈرىتكە جەھەتتە ئۆزلىرىنى يوللۇق ھېسابلايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئەپلاتۇن دۆلەتنى ئەقىلگە تايىنىپ ئىدارە قىلىدىغانلار ئادىل بولالايدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. ھۆكۈمرانلار مۇشۇنداق ئورۇنغا لايىق ئادەملەردىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت ئاشۇ ھۆكۈمرانلارلا ئادىل ئىش قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. ئەپلاتۇن بۇنى ئۆز تەلىماتىنىڭ بىر كەمتۈك تەرىپى دېيىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى قىل سىغمايدىغان ئەقلىي يەكۈن، دەپ ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى. بىراق، زامانىمىزدىكى كۆپ سانلىق ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن، ئۇ بىر خاتالىق بولۇپ، مۇستەھكەم سەرخىللار دۆلەت باشقۇرۇش مەسلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

«ئادالەت» ئۇقۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئەپلاتۇن دەيدۇكى، ئادالەت روھىي جەھەتتىكى ساغلام ھالەت بولۇپ، بۇ ھالەتتە روھىيەتنىڭ ھەممە قىسىملىرى چىقىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ يەردە ئۇ گويا ئادەتتىكى ئادالەتنى دېمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ گويا ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن مەزكۇر ئىبارىگە تامامەن سۇبيېكتىپ مەۋقەدە ئېنىقلىما بەرگەندەك قىلاتتى. ئۇ بۇ ئۇقۇمنى ئەڭ بولمىغاندا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىۋاتاتتى. نېمىشقا ھەربىر ئادەم ئادالەتكە قارىتا مۇشۇنداق شەكىلدە پىكىر قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟

ئەپلاتۇن بۇ تەنقىدىي سوئالغا نىسبەتەن، مەن ئادالەت ئۇقۇمىنى ئەڭ ئادەتتىكى مەنىدە ئىشلەتتىم، دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن. ئەپلاتۇننىڭ ئادالەت ئۇقۇمى بويىچە بولغاندا، ئادەم ئوغرىلىق قىلمايدۇ، ئېھتىياجدىن ئارتۇق نەرسىلەرنىمۇ ئالمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ئادەمنىڭ ئەقلىنى چاكىنا ئارزۇلارغا قۇل قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ھۆكۈمدە مۇنداق بىر كاۋاك بار: بىز مەلۇم بىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئادالەتنىڭ ئۈلگىسى قىلغان تەقدىردە، بۇ يەنىلا ئەپلاتۇننىڭ ئۆلچىمىگە يەتمەي قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى گارمونىك بولمىغان پىسخىك جەرياندىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن بولىدۇ. ئۇلار ئادىل ئىش قىلىش ئارزۇسىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەقىل جەھەتتە توشمىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

كىتابتا ئالدامچىلىق بار. ھالقىلىق بىرقانچە يەرلەردە ئەپلاتۇن دۆلەت ۋە قېرىنداشلارغا بولغان ساداقەتمەنلىك يۈزىسىدىن يالغانچىلىق قىلىنسا بولمايدىغان يىرى يوق، دەپ جاكارلايدۇ. مەسىلەن، ئۇ مېتاللار ھەققىدىكى ئەپسانىسىدە، «ئالىيجاناپ يالغانچىلىق» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، چەك تارتىپ جۈپ ئىزدەش تەشەببۇسىدىمۇ كاززاپلىق بار. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن، بىر دۆلەت ھەرگىزمۇ يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلماسلىقى كېرەك بولسىمۇ، ئەپلاتۇن بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ۋە بۇ نەتىجنى روياپقا چىقىرىشتىن پەيدا بولغان ئەخلاقىي مەسىلە ئەمەس ئىدى.

ئۇقۇم تەلىماتى قايىل قىلارلىق ئەمەس. غايىۋى دۆلەت ھەققىدىكى دەلىللەردە، ئەپلاتۇننىڭ ئۇقۇم تەلىماتى مۇھىم ئاساس بولغان. بۈگۈنكى پەيلاسوپلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نەزەرىيەنىڭ ھېچقانداق قايىل قىلالىق يېرى يوق. بەلكىم مۇنۇ قاراشنى قۇبۇل قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولسا كېرەك: ئۇقۇم ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بۇ دۇنيا گۈزەللىكىگە ئوخشاش كۆپەيمە نەرسىدۇر.

ئەگەر، بىز ئۇقۇم نەزەرىيەسىدىن ۋاز كەچسەك، ئەپلاتۇننىڭ كۆپلىگەن نۇقتىنەزەرلىرىنىڭ مېتافىزىك ئاساسى يوقىغان بولىدۇ. مەسىلەن، پەيلاسوپلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشتىكى ئاساسىمۇ غۇلاپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، غايىۋى دۆلەتتىن سەنئەتنى سىقىپ چىقىرىشنىڭمۇ ئاساسى قالمىغان بولىدۇ.

ھاكىممۇتلەق  تۈزۈمنى يوللۇق دېگەن. «غايىۋى دۆلەت» نىڭ كەسكىن تەنقىدلەشكە تېگىشلىك بىر يېرى شۇكى، ئۇ ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئۈچۈن باھانە تېپىپ بەرگەن. كىتابتىكى ئەلا سۈپەتلىك تۇغۇت پىلانى، «ئالىيجاناپ يالغانچىلىق» تەشەببۇسى، ئائىلىنى قانۇنسىز دېيىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىگە سېنزورلۇق(تەكشۈرۈش) يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ شەخسىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە قول تىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئەپلاتۇننىڭ دۆلىتىدە، شەخس دۆلەتنىڭ تەلىپىگە مۇتلەت بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى، ئەپلاتۇن شەخس دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلىشى لازىم، دەيىتتى. ئارىمىزدىكى ئەركسۆيەر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەپلاتۇننىڭ غايىۋى دۆلىتىنىڭ ھېچقانداق جەلپ قىلارلىق يېرى يوق ئىدى.

ئىزاھلار:


[①]  بۇ بۆلەك نايجىل ۋاربورتون (Nigel Warburton) نىڭ «پەلسەپەدىكى كىلاسسىكلار» (خەنزۇچە) دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى. كىتابنىڭ خەنزۇچە ئىسىمى (《理想国》到《正义论》) بولۇپ، شىنخۇا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012- يىلى نەشر قىلىنغان. مەزكۇز بۆلەك «غايىۋى دۆلەت» كە نىسبەتەن ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كىرىش سۆز تەرىقىسىدە بىرىلدى. – تەرجىماندىن    

[②]  بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان شەكىل ئوخشىمىغان مەنبەلەردە «ئىدىيە»، «ئىدىيال»، «ئۇقۇم»، «مۇتلەق روھ» دېگەن مەنىلەردە ئۇچرايدۇ. ئاتالغۇ جەھەتتىكى ھەر خىللىق تەرجىمانلارنىڭ چۈشەنچىسىدىن كەلگەن.

[③] تىموكراتىك (timocracy) ھاكىمىيەت – غەلىبە ۋە شەرەپ قۇچقان سەركەردىلەر باشقۇرۇشىدىكى ھاكىمىيەت.

[④] ئولگارىخ ھاكىمىيەت – باي سەر خىللارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھاكىمىيەت.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11419

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-01-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 3دانە
  1. مەن بۇ مۇنبەر بىلۇگنى بىر كۇرۇپلا ياقتۇرۇپ قالدىم ،ئىنشائاللا ۋاقتىم يار بەرسە داۋاملىق زىيارەتچىلەردىن بولىمەن.

  2. رەخمەت، داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى بىزمۇ قارشى ئالىمىز. تەلەپ- پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

  3. رەھمەت ياقتۇردۇم !

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: