پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

پەيلاسوپلار نېمە دەيدۇ

ئەقلىي ئويغىنىش

ۋۇ گۇاڭيۈەن

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

 (بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 2500 يىل بۇرۇن گرېتسىيەلىك پىراتاگرا: «ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەن ياڭراق شۇئارىنى توۋلىغانىدى .

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى يەككە «ئادەم» نى ، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن ، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ . سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان ، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ . ئىدراك – ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن ، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەدناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ . شۇڭا سوقرات مۇنداق دېگەن :

«دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا «ئۇنىڭغا ياكى بۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىسەن» دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق .»

«ھەممىدىن گۇمان قىلىش ، ئۆزىگە ئىشىنىش» – شۇ چاغدا كىشىلەر ئەڭ چوقۇنىدىغان كۆز قاراش ئىدى .

يىراق ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا تاغ جىنسىدىن پەيدا بولغان كىچىككىنە بىر يېرىم ئارال بار ، بۇ ئارال قىسقىغىنە ئىككى ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىلا غەرب جەمئىيىتىنىڭ 2500 يىللىق تۇرمۇشىغا ئاساس سالدى . بۇ ئارال دەل قەدىمكى يۇناندۇر .

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 492 – يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 449 – يىلىغىچە ، قەدىمكى يۇنان بىلەن پارس ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىدى ، تارىختا بۇ ئۇرۇش «گرېتسىيە – پېرسىيە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى . ئۇرۇش گرېتسىيە تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى . گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنا غالىپلىق ھەيۋىسى بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ «غوجا ئاكىسى» غا ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن ، ئەتراپتىكى باشقا جايلارنىڭ مەدەنىيىتى تەدرىجىي ھالدا ئافېناغا توپلىنىپ ، گرېتسىيە تارىخىدىكى تۇنجى سەھىپىنى ئاچتى ۋە «گرېتسىيە ئويغىنىش دەۋرى» باشلاندى .

«ئويغىنىش» دېگىنىمىز – كىشىنى پۈتۈنلەي ئاڭسىز ھالەتتىكى «نادانلىق» تىن قۇتۇلدۇرۇش ، ئىچكى «ئۆزلۈك ئېڭى» — «ئىدراكىي روھى» نى ئويغىتىش ئارقىلىق «ئۆزلۈك» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، «ئۆزلۈك» نى ئەنئەنىنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن ئازات قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

سوقرات : ئۆزۈڭنى تونۇ

گرېتسىيە – پېرسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، «پۇقرالار سىياسىيسى» «ئاقسۆڭەكلەر سىياسىيسى» نىڭ ئورنىنى ئالدى ، شەخسنىڭ ئورنى يوقىرى كۆتۈرۈلدى ، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى سىياسىيغا بىۋاستە ئارىلىشالايدىغان بولدى . سىياسىي بىلەن ھەپىلىشىشتە بىلىم بولمىسا بولمايتتى ، بىلىم ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا خاس نەرسە بولۇشتىن قېلىپ ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ئومۇملاشتى . ئافېنانىڭ كوچىلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلىم قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى . ئابرويلۇق ، بىلىمدە توشقان زىيالىيلار كوچا – رەستىلەردە ئەركىن نۇتۇق سۆزلىدى ، شاگىرت ئېلىپ ، قانۇن ، تارىخ قاتارلىق پەنلەردىن تەلىم بەردى ، يەنە تېخى شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئوردىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ، ئەنئەنىنى تەنقىد قىلدى .

بۇنداق پۇقرالار سىياسىيسى ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى گرېتسىيىلىكلەردە باراۋەرلىك ئېڭى ۋە يەككىلىك ئېڭىنى پەيدا قىلدى . ئۆزلۈكنىڭ ئويغىنىشى تەنقىدىي روھ ۋە گۇمانىزمنى تەرەققىي قىلدۇردى . چۈنكى جىمى نەرسە «ئۆزلۈك» نەزىرىنىڭ تەپتىش قىلىشىدىن ئۆتسە ، ئەنئەنىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتىن ، نوپۇزغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى غەرب دۇنياسىدىكى دەسلەپكى «گۇمانىزم ھەرىكىتى» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى . بۇ يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار «ئەقلىيچىلەر ئېقىمى» بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوفسىتلار ۋە گۇمانىزمچىلار ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى پراتاگرا بىلەن سوقرات ئىدى .

1 . ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى

پراتاگرا سەرگەردان پەيلاسوپ بولۇپ ، سەپەرگە بەكلا ئامراق ئىدى ، ئۇ سەپەرگە چىقسا سەرگەردان شاگىرىتلىرىمۇ بىللە چىقاتتى . ئېيتىلىشچە ، سەپەردە نەچچە يۈز ئادەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتىكەن . ئۇ كىشىلەرنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن پەيلاسوپ بولۇپ ، ھەتتا رىكرېسمۇ ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىكەن .

پراتاگرا غەربنىڭ 2500 يىللىق تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى!» دېگەن شۇئارنى توۋلىدى .

دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت بولمايدۇ ، ئاتالمىش ھەقىقەت ھەربىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تونۇشىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس . دۇنيادىكى ئادەم قانچىلىك بولسا ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ ، ھاياتىڭىزدىكى كەچمىشلەر قانچىلىك بولسا ، ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ . ئادەم – جىمى نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . «ئادەم» ياكى «يەككە» بىر پەلسەپىۋى ئاتالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن ، پراتاگرا تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى ئەمەس ، بەلكى يەككە «ئادەم»نى ، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن ، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ . سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان ، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ .

پراتاگرا «ئاتىئېزمچى» دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان . بۇ چاغدا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بوركېرس ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، پراتاگراغا «قېچىش» تىن باشقا يول قالمىغانىدى . قېچىپ كېتىۋاتقاندا ، ئۇ ئولتۇرغان كېمە بەختكە قارشى خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن . ئۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان .

2 . تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز – بىز ئۆزىمىز

سوقرات ھەركۈنى تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ تېز – تېز ناشتا قىلاتتى – دە ، تونىنى كىيىپ ، كاناپتىن تىكىلگەن پىلاشىنى يېپىنچاقلاپ ، بىرەر دۇكان ياكى ئىبادەتخانا ياكى بولمىسا بىرەر ھاممامنى نىشانلاپ ئۆيىدىن چىقاتتى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنازىرە سۆھبىتى قۇرغۇدەك جايلا بولسا چوڭ رەستىلەردىكى پىنھان بۇلۇڭلارمۇ بولۇۋېرەتتى . ئۇ ياشاۋاتقان ئافېنا شەھىرى ئىلمىي مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە كەيپىياتى ئاجايىپ جانلانغان جاي ئىدى .

سوقرات بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان پەيلاسوپلار ئەينى چاغدا «تەبىئەت دۇنياسى زادى نېمىدىن تەركىپ تاپقان» دېگەن مەسىلىنى تەلقىن قىلىشقىلا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى . مەسىلەن ، تېيلىس تەبىئەت دۇنياسى «سۇ» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، ھېراكلېت « ئوت» تىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، دېموكرېت بولسا «ئاتوم» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان . سوقراتنىڭ قارىشىچە ، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولۇپ ، بۇنداق قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىننى ئىسراپ قىلىش ، ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ نەزەرىدە ، كىشى ئۆزىدە ئېتىقاد تىكلىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك ئىدى ، تەبىئەت بىلىملىرىنىڭ بولماسلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىدى ، سۇ ، ئوت ، ھاۋا قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ روھنى قۇتۇلدۇرۇشقا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ، سوقرات ئافېنادىكى دېلفېن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئۆگزىسىگە ئويۇلغان «ئۆزۈڭنى تونۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆزنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭقۇر ئىلھام ئالغان . ئۇ : «مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇلۇغ ھەقىقەت ، پەلىسەپىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ۋەزىپىسى» دېگەن . «سىز ئۆزىڭىز» بولغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشىمىزگە زۆرۈرىيەت تۇغۇلىدۇ .

پراتاگرا : «ئادەم – جىمى مەجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دەيدۇ . پراتاگرانىڭ بۇ ھۆكۈمى ناھايىتى تېزلا ئەقلىيلىك نەزەرىيسى دەپ قارالغان . بۇنداق بولغاندا ، پىكىر قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلۈپ ، ھەممە ئۆز كۆز قارىشىنى بازارغا سالىدىغان ، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارىۋالىدىغان كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالاتتى . ھېس – تۇيغۇلىرىغا بېرىلگەندە ، روھىي كەيپىياتىنىڭ تىزگىنىگە چۈشۈپ قالغاندا ، بۇنداق ئەھۋال مۇقەررەر كېلىپ چىقاتتى . سوقرات بۇنىڭغا : «كىشىدىكى كۆرۈنمەس ئاڭ ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى ؛ تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز تەڭرى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىمىز» دەپ تۈزىتىش بەرگەن . سوقرات بۇ يەردە ئىدراكنى ئادەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەڭ يۈكسەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى دەپ قارىغان .

ئىدراك – ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن ، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەدناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ .

3 . بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ

«بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ» . بۇ – سوقراتنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلى ، يەنى ئۆزگىچە بولغان «دىئالوگلىشىش» ئۇسۇلى . سوقراتنىڭ قارىشىچە ، پاراسەت ياكى بىلىم ھەرگىزمۇ بېكىتىلىپ قويۇلغان ھالەتتە بولماستىن ، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ تۇرىدىغان بىر خىل جەرياندۇر . شۇڭا ، ھەقىقەت ئۈستىدە دېئالوگلاشقاندا ئالدى بىلەن چوقۇم : «بىز ھېچنېمىنى بىلمەيمىز ، شۇنداقلا ھەقىقەتەن بىلمەيمىز» دېگەننى پەرەز قىلىۋېلىش كېرەك .

سوقرات مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغاندا ، بىرىنچى بولۇپ «ئومۇمىي پەزىلەت (مەسىلەن ، باتۇرلۇق ، ئادالەت دېگەندەك) دېگەن نېمە» دەپ سۇئال قويۇلۇشى ، جاۋاب بەرگۈچىمۇ مۇئەييەن بىر پەزىلەتنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى ، سۇئال قويغۇچى يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ ، مۇنازىرىنىڭ يۆنىلىشنى بايا دەپ ئۆتۈلگەن ئومۇمىي پەزىلەت تەرەپكە بۇرۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، سۇئال قويغۇچى جاۋاب بەرگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇم بىر كونكېرت ھەرىكەتنىڭ پەزىلەتنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شۇنىڭغا زىت بولغان مىساللار ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى ئاشكارا قىلىشقا بولىدۇكى ، مۇشۇ كونكېرت بولغان ، كۆرۈنۈشتە قارىمۇقارشى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىساللار ئوخشاش بىر خىل پەزىلەت دەپ ئاتىلىپ ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ، ئورتاق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ، دېئالوگلاشقۇچىلار چىققىلى بولمايدىغان بىر خىل يۈكسەك چوققىغا يۈزلىنەلەيدۇ – دە ، دېئالوگلاشقۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۈيۈكلۈككە ئىنتىلىدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ .

بىلىمسىزلىكىنى تونۇش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىدىغان بۇنداق «دېئالوگلىشىش» ئۇسۇلى سوقراتنىڭ «بىلىمسىزلىك» ئىپادە قىلغان كامالەتكە يەتكەن پاراسىتىدۇر . ئۇ پاراسەتكە ، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان بۇنداق ئۇسۇلنى «روھ تۇغدۇرۇش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىغان .

4 . ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىل

سوقراتتىن ئىبارەت بۇ «رەستە ناتىقى» ئافېنادىكى «ئۆزگىچە سىياسىي قاراشقا ئىگە» ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ ئىدى ، ئۇ كونا ئۆرپ – ئادەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ ، جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىغا زەربە بېرەتتى ، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى دېيىشىۋالغان سىياسەتۋازلارنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى ئايىماي ئېچىپ تاشلايىتتى . چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ شەرمەندە بولغان ھۆكۈمەت ئاخىرى سوقراتنى «قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى» ، «ئەخلاقنى بۇلغاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالدى .

سوقراتنى 501 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى سوراق قىلدى . مۇنازىرىدە يېڭىلمەس بۇ پەيلاسوپ سوتتا ئۆزىنى سوراق قىلىۋاتقان سودىيەلەرگە گەپ بەرمەي ، ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇ مۇنداق دېدى :

«دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا <ئۇنىڭغا ئىتىقاد قىل ، بۇنىڭغا ئېتىقاد قىل> دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق .»

«كىشى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك .»

«كىشىدە پەزىلەت ۋە ئېتىقادلا بولىدىكەن ، دوست – يارەنلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ ، خوتۇن – بالىسى ۋە ئائىلىسى بولماي تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ .»

ھالبۇكى ، سودىيەلەر سوقراتنىڭ گېپىنى زادىلا چۈشەنمىدى ، چۈنكى ئۇلار سوقراتنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىنى يوقىتىشقا باراۋەر ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى . سوت كۆپ سانلىق بىلەتكە ئاساسەن ئەڭ ئاخىرى سوقراتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى .

سوقرات ئۆلۈپ 10 نەچچە يىلدىن كېيىن ، ئىدىيىسى ئىلگىرىكىدىنمۇ كەڭ تارقالدى ، پەلىسەپىمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەبىئىيلا ئادەملەرگە ، ئادەملەرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى قېزىشىغا ، ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى .

ئەپلاتۇن : كىشىدە ئىدىيە بولمايدىكەن ، تىرىك مۇردىدىن پەرقى قالمايدۇ

ئەپلاتۇن سوقراتنىڭ «ئەقلىيلىك» توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى راۋاجلاندۇردى ، ئەقلىيلىكنى يەنىمۇ ئابىستراكىتلاشتۇرۇپ «ئىدىيە» (Idea) دەرىجىسىگە كۆتەردى ، يەنى ماددىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بوپ تۇرالايدىغان ئەقلىي سۇبىستانسىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، ئۇ مۇتلەق بولىدۇ ، دېدى . ئىدىيە بىلەن تاناسىپ تۇرىدىغىنى – ھادىسىدۇر . ھادىسىلەر دۇنياسى پەيدا بولۇپ ۋە يوقۇلۇپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيا بولۇپ ، تاناسىپ بولىدۇ . ئىدىيە – ئەسلى زاتتۇر ، مەقسەتتۇر ، ھادىسە ئىدىيە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئىدىيىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ ، بىلىمىمىز بىزنى ئىدىيە تەرەققىياتىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ .

ئىدىيە نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئەقلىي روھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۈكسەك بىر چوققىغا چىقاردى .

1 . جامائەت مەڭگۈ ئادەت كۈچى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ئىچىدە ياشايدۇ

ئەپلاتۇن بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» گە ، ئىدىيىنى بولسا ئاشۇ «ئۆڭكۈر» نىڭ سىرتىدىكى «قۇياش» قا ئوخشىتىدۇ . ئەپلاتۇن بۇ قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» نى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ :

ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدە كىچىكىدىن مۇشۇ يەردە ياشىغان بىر توپ مەھبۇس بار ئىدى (نادانلىق ئۇلارنىڭ روھىنى چىرمىۋالغان ئىدى) ، ئۇلارنىڭ بېشى بىلەن پۇتى باغلاقلىق بولۇپ ، ماڭالمايتتى ، ھېچقايان مىدىرلىيالمايىتتى . ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە نېمىشقا باغلاقتىن بوشۇنۇپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەت كۈچىنىڭ ئاسارىتى تۈپەيلى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇشنى خالىمايىتتى .

ئۆڭكۈردە ياشاش تولىمۇ قاباھەتلىك ئىش ، لېكىن مەھبۇسلارنىڭ نەزەرىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى . بىر كۈنى ، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن («ئەۋلىيا»سۈپەت قەھرىمان) مىڭبىر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆڭكۈردىن سىرىتقا چىقىپ ، قوياش پارلاپ تۇرغان ھەقىقىي دۇنيانى كۆردى . ئەۋلىيا ھەمراھلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ، ئۇلارنى يورۇقلۇققا يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆڭكۈرگە يېنىپ كىردى ، ھەمراھلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشى ۋە چەتكە قېقىشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇلارنى ئۆڭكۈردىن ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى . لېكىن ، ھەمراھلىرى ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدا باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا زىنھار ئىشەنمىدى . ئاقىۋەت ، بۇ ئەۋلىيا بىلىمسىز ، يىرگىنىچلىك ، تەرسا ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى .

قارىغاندا ، كۈنبويى خىيالىي دۇنيادا ياشىغۇچى نادان كىشىلەرنى ھەقىقىي دۇنياغا يېتەكلەش ۋە ئۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ .

2 . ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ خوجايىنى

ئەپلاتۇن مۇنداق قارايدۇ : كىشى ئۆزىگە خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ۋە قانداق قىلغاندا شۇنداق ئادەم بولالايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن قالسا ، شۇ كىشىدە نەپسىدىن كېلىۋاتقان ئازدۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك غەيرەت بولۇشى كېرەك . نەپىس كىشى تۇغۇلۇشى بىلەنلا بار بولىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بوپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر . لېكىن ، كىشىنىڭ نەپسى ھەرگىزمۇ ئىرادىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلمەسلىكى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، كىشى ھەدېسىلا نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە ، ئۆزىنى نەپسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن تارتىپ چىقىرالمايدۇ ، بۇ چاغدا ئەقىل – ئىدرىكىمۇ شۇ نەپسىنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا ، كىشى ئۆزىدە شەخسىي ئارزۇ – ھەۋەسلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەرنى ھازىرلاپ ، قىنىغا پاتمايۋاتقان قايناق ھېسىياتى ۋە نەپسىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك . بۇ يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەر ئەقلىيلىكنى ئەزەلدىن ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان بولغاچقا ، كىشى پەقەت ياخشى تەربىيە ئارقىلىقلا ئەقىل – ئىدرىكىنى ۋۇجۇدىدا قۇتراپ ئارام بەرمەيۋاتقان قايناق ھېسىياتلىرى ۋە نەپسىگە ھۆكۈمران قىلالايدۇ ، ئەنە شۇندىلا ئۆزىگە خوجايىن بولالايدۇ .

▲ ئارستوتېل : ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىياسىي ھايۋان

ئارستوتېلنىڭ «ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىياسىي ھايۋان» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتىدە ئېيتىلغان «سىياسىي» – شىتاتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى ، ئىجتىمائىي گورۇھلارنى كۆرسىتىدۇ . ئادەم ئۆزى يالغۇز مۇستەقىل ياشىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ، پەقەت جەمئىيەت – دۆلەتتە ئورتاق بىر يەرگە يىغىلىش ، توپلىشىپ ياشاش ئارقىلىقلا ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ .

1 . خەير – ساخاۋەت ، بايلىق ، سالامەتلىك ۋە دوستلۇقنىڭ ئۆزى بەخىت دېمەكتۇر

ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە ، بەخت ئۈچۈن يېتەرلىك ماددىي ئاساس بولۇشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولۇش ، تەققى – تۇرۇقى جايىدا بولۇش ، تەلەيلىك بولۇش ۋە ئەتراپىدا ياخشى دوستلىرى بولۇشتىن ئىبارەت . لېكىن ، تاشقىي ۋە ماددىي ياخشىلىق پەقەت ئۇنىڭ پاسسىپ شەرتىدۇر . مەسىلەن ، ئاغرىپ قالغاندا سالامەتلىكنى ، يوقسۇل چېغىدا بايلىقنى بەخىت ئورنىدا كۆرۈش دېگەندەك . توختىماي ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك قوغلىشىدىغان ، يەنى «گۈزەل تۇرمۇش» ۋە «ياخشى خۇلق» قا ئىنتىلىدىغان ھەم ئاشۇنداق قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا جىمى ئادەملەرنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرالىغان كىشى ھەقىقىي بەختلىك كىشىدۇر .

ھالبۇكى ، بىز شۇم قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندىمۇ بەختكە ئېرىشەلەيمىز . چۈنكى ، روھىمىز ھەقىقىي تاۋلانغان بولسا قايغۇ – ھەسرەتنى ھېس قىلالمايدۇ ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بەختتۇر . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بەزىدە بەختتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقمۇ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . دۇرۇس نىيەت بىلەن ئىش كۆرگەن ، يېتەرلىك بايلىققا ئىگە بولغان ، تېنى ساغلام ۋە ئەتراپىدا دوست – يارانلىرى بولغان (بۇلار ئۇنىڭغا تاسادىپىيلا يار بولۇپ قالماستىن ، مەڭگۈ ئاشۇنداق يار بولغان) كىشىلەرلا ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر .

ئارستوتېل يەنە مۇنداق دەيدۇ : بەزى ئالىيجانابلىق ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس ، ئۇ يەنە باشقا مەقسەتلەرنى مەقسەت قىلىدۇ . ئالايلۇق ، كىشىلەر شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا بەك ئىنتىلىدۇ . ئۇنداقتا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا شۇنچە ئىنتىلىدۇ ؟ جاۋاب شۇكى ، شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن . شۇڭلاشقا ، شان – شۆھرەت بىلەن بايلىقنى ئاخىرقى مەقسەت دېيىشكە بولمايدۇ ، پەقەت بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئاخىرقى مەقسەتكە يەتكەنلىك بولىدۇ .

2 . «ئوتتۇرا ھاللىق» نى ساقلاش : لايىقىدا ياشاشنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەختتۇر

ئارستوتېل تۇرمۇش ھەققىدە ئاددىي بىر پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشتا بەك «زىيادە» لىكنى قوشلاشماسلىق ھەم بەك «ئارقىدا قالماسلىق» تۇر . مانا بۇ – دائىم دېيىلىدىغان ، ئارستوتېل تەشەببۇس قىلغان «ئوتتۇرا يول» دۇر .

ئارستوتېل «گۈزەل خۇلق دېگەن نېمە» ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : «پەزىلەت ھېس – تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ . زىيادە چەكلىۋېتىش خاتا ، چەكلىمەي ئەركىگە قويۇۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس ، شۇڭا لايىقىدا تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەڭ توغرا ھەم مەدھىيىلىكتۇر . كۆڭلى خالىغان ئىشلاردا ئوتتۇرا ھال يول تۇتالىغان كىشى پەزىلەتلىك كىشىدۇر.»

ئالايلۇق ، باتۇرلۇق – ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش دېمەكتۇر ، شۇڭلاشقا ئۇ گۈزەل پەزىلەت قاتارىدا سانىلىدۇ . باتۇرلۇقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش قاراملىقتۇر . لېكىن ، شىجائەتسىزلىكنىڭ ئۆزى قورقۇنچاقلىقتۇر . پەزىلەتمۇ لايىقىدا بولۇش كېرەك ، ئەگەر  زىيادە بېسىلسا نەپىس تۇنجۇقۇپ قالىدۇ ؛ زىيادە مەيلىگە قويۇۋېتىلسە شەھۋەتپەرەسلىك باش كۆتۈرىدۇ . مال – دۇنيا مەسىلىسىگە كەلگەندە سېخىيراق بولۇشنىڭ ئۆزى پەزىلەت ، لېكىن زىيادە سېخىيلىق – بۇزۇپ چېچىش ، ئىسراپخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەكسىچە بولسا پىخسىقلىق ، كۆزى كىچىكلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر .

ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە ، جىمى ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتتە ئوتتۇرا يول تۇتۇپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزىدىنلا رەزىللىك ، يەنى يامان غەرەز ، نۇمۇسسىزلىق ، ھەسەتخورلۇق ، ئوغرىلىق ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېگەندەك قىلمىشلار ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . مانا مۇشۇنداق ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر زىيادە بوپ كەتكەنلىكى ياكى زىيادە بېسىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلار ئەسلىدىنلا رەزىل قىلمىش بولغاچقا تەنقىدكە دۇچ كېلىدۇ .

▲ ئېپىكۇر : ياشىسام ، كۈلسەملا بولدى

ئېپىكۇر كىشىلىك ھايات مەسىلىسىدە ھاياتنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنىلا تەكىتلەش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ ، شەخسىي تۇرمۇشنىڭ ئىجتىمائىي رېئال ئارقا كۆرۈنۈشىگە سەل قارىغان . لېكىن ، كىشىلىك ھاياتتىكى بەختنى تەن ۋە روھنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ لايىھىلەشكە زېھنىنى بەكرەك قاراتقان .

1. ھاياتنىڭ ھوزۇرى : تەن ئازابلانمىسا ، روھ خاتىرجەم بولىدۇ

ئېپىكۇر ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : تۇيغۇنى جىمى ياخشىلىقلارنى ئايرىيدىغان ئۆلچەم قىلىش كېرەك . كىشىگە ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان نەرسە ياخشى نەرسىدۇر ، ئۇنداق بولمىسا يامان نەرسىدۇر .

ھېس – تۇيغۇ – ئەڭ سوبىيېكتىپ ، ئەڭ خاسلىققا ئىگە نەرسىدۇر ، ئۇ ناھايىتى قىسقىلا داۋام قىلىدۇ . ھېس – تۇيغۇنى كىشىلىك ھايات نەزەرىيىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىش بىر دەۋردىكى ئىدراكنىڭ گۇڭگىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى ، ئىدراكتا ئۆزىگە تالىق مەقسەت – مۇددىئالار قالمىغان بولغاچقا ، تۆۋەنلەپ – تۆۋەنلەپ ئاخىرى بېرىپ سوبىيېكتىپ ھوزۇردىن ئىبارەت بۇ خىل ھېس – تۇيغۇنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئىدراكتا تاللاش بولىدۇ ، لېكىن ئۇ ھوزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولىدۇ .

ئېپىكۇر : «تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ھوزۇر ئەمەس ، بەلكى تەننىڭ ئازابلانماسلىقى ، روھنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ئەڭ زور ھوزۇردۇر» دەپ ھوزۇرغا ئېنىق چەك بېكىتىپ بەرگەن .

ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ : ئەگەر تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش بىراۋغا ئازابلىرىنى ئۇنتۇلدۇرسا ، ھوزۇر ئاتا قىلسا ، ئۇنداقتا تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ياخشى ئىشتۇر . بۇ شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، ياخشى ۋە يامان مەسىلىسىدە ئېپىكۇر شەخسىي ھوزۇرنى كىشىلىك ھايات ھەقىقىتىدىن ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر بۈيۈك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش ھەتتا ھاياتىنى تەسەددۇق قىلىشتەك قەھرىمانانە ئىش – ھەرىكىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان . بۇ خىل تەلىمات نوقۇل ھالدىكى شەخسىي ھايات بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

2 . نەپسى يامانلىق : ئالەمنى گۇمران قىلىدۇ ، ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ

كىشىنىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئارام تاپالمايدۇ ، ساراسىمگە چۈشىدۇ ؟ ئېپىكۇر مۇنداق قارايدۇ : ئىككى نەرسە روھنى ئارام تاپقۇزمايدۇ . بىرى، ئاسمان ھادىسىلىرى مۇقەددەس دەيدىغان كۆز قاراش ؛ يەنە بىرى ، ئۆلۈم كۆز قارىشى .

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىقاندا ، ئۆلۈم ئالدىدا ۋەھىمىگە چۈشۈپ تىترىمەيدىغان ئادەم يوق . ئېپىكۇر مۇنداق دەپ قارايدۇ : بۇ ۋەھىمە كىشىلەرنىڭ نەپسى بېسىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ . كىشىلەر قوياشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئاينىڭ پېتىشى ۋە يۇلتۇزلار ھەرىكىتىدىن ئاسمان ھادىسىلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىشىدۇ ، نەتىجىدە ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ئاسمان ھادىسىلىرىدىن ۋەھىمىگە چۈشىدۇ ، روھى خاتىرجەملىكىنى يوقىتىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، ئېپىكۇرنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى پەلىسەپىسى كىشىلىك ھايات ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ ، كۆپچىلىكنى «ئاسمان ھادىسىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتومدىن تۈزۈلگەن ، ھېچقانداق مۇقەددەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس . ئالەمدە مەڭگۈلۈك مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس ، دۇنيانى گۇمران قىلىۋەتكىلى بولىدۇ» دېگەن ھۆكمىگە قايىل قىلغان .

ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە ، ھەرقانداق ۋەھىمە قارشى تەرەپنىڭ سىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، كىشىلەر ياشاش داۋامىدا ئەقىل – ئىدرىكىنى چېنىقتۇرۇشى ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك . بۇ ، كىشىنىڭ قەلبىنى ئارام تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى .

بىر نۇقتىنى توغرا تونۇۋېلىش كېرەككى ، ئەقىل – ئىدراكنى چېنىقتۇرۇش بىزگە ھايات بولغانىكەن ، ئۆلۈمنىڭمۇ بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگىتىدۇ . بىز ئۇزۇنراق ياشىسامكەن دېگەن ئوي بىلەن ئەمەس ، بەلكى تويماس نەپسىمىزنى تىزگىنلەش ئارقىلىقلا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلەيمىز . كىشى ئەنە شۇندىلا ئۆلۈمدىن ۋەھىمىگە چۈشمەيدىغان بولىدۇ .

3 . ئۆلۈم ھەققىدە ئېغىز ئاچما : ئۆلۈمنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق

ئېپىكۇر ئۆلۈم ھەققىدە مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى قالدۇرۇپ كەتكەن :

«تىرىك چېغىمىزدا ئۆلۈم تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولىدۇ ؛ ئۆلۈم كەلگەندە بىز ئاللىقاچان بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولىمىز . شۇڭا ، ئۆلۈم تىرىككىمۇ ، ئۆلۈككىمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز .»

ئەمىسە ، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئۆلۈم ئالدىمىزدا بولمىسا ، بۇنىڭ قورققۇدەك يەنە نېمىسى بار ؟ كىشىنىڭ قورقىدىغىنى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆلۈمدۇر . مەۋجۇت ئەمەس بىر نەرسىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈش ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك .

ئەينى چاغدا مۇنداق بىر كەيپىيات باش كۆتۈرگەن : ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن قايغۇ – ھەسرەتتى نېرى بولالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ . شۇڭا ، يەكۈن شۇكى ، ئەڭ ياخشىسى كىشىنىڭ تۇغۇلمىغىنى تۈزۈك ، ئەنە شۇندىلا قايغۇ – ھەسرەتتىن بىر يولىلا خالاس بولىدۇ .

ئېپىكۇر شۇنداق دېگۈچىلەرگە مۇنداق سۇئال قويىدۇ : ئەگەر ئۇلار شۇ زاكونغا راستىنلا ئىشەنسە ، ئەمىسە نېمىشقا ھاياتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ؟ ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : كىشى ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى ، ھەم ھاياتتىنمۇ بىزار بولماسلىقى كېرەك . ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە ، ياشاشنىڭ مەقسىتى خۇشال پەيتلەردىن بەھىر ئېلىشنى ئىستەش ، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشكە ئىنتىلىش ئەمەس . چۈنكى مەنىسىز 100 يىل ياشىغاندىن ، مەنىلىك بىر كۈن ياشىغان ئەۋزەل .

(خەنزۇچە «پەلىسەپە ھەققىدە ئۇستازلاردىن لېكسىيە : زادى نېمە ئۈچۈن ياشايمىز» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10884

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2015-05-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: