پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

نەجىپ مەھفۇزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان يېڭى رومانى

1980- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى نەجىپ مەھفۇز ۋە ئۇنىڭ «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش» ناملىق رومانى ھەققىدە

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

(تونۇلغان ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان مۇھەممەت 1980- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى يازغۇچى نەجىپ مەھفۇزنىڭ «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش»، «تىبلىس ئۇرۇشى» ناملىق ئىككى رومانىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. ئۇشبۇ رومانلار پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.)

نەجىپ مەھفۇز ئەرەب ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر نۇرلۇق چولپان بولۇپ، 1988- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەرەبلەر ئۇنى ئەنگليىلىك دىككىنىس، روسىيىلىك تولىستوي، فىرانسىيلىك بالزاكقا ئوخشاش ئۇلۇغ يازغۇچى دەپ قارايدۇ، نەجىپ مەھفۇز شۇنداق تەرىپلەشكە مۇناسىپ كېلىدۇ.
نەجىپ مەھبۇز مىسىردا تۇغۇلۇپ مىسىردا چوڭ بولغان يازغۇچى، ئۇ 1911- يىلى 12- ئايدا قاھىرەدىكى بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 2006- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئەزھەر مەسچىتى ئەتتىراپىدىكى قەدەمىي رايۇن جامالىيەدە ئۆتتى، ئۇ 1934- يىلى قاھىرە ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇدى- فۇئادⅠئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، مىسىر دىنىي فوندى مىنىستىرلىكى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، ئەدەبىيات- سەنئەت مىنىستىرلىكىدە ئىشلىدى ۋە جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئالىي مۇدىرىيەت جەمئىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى.
نەجىپ مەھبۇز تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك يازغۇچى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ۋەتەن ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈردى. ئۇنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەدە كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى تامامەن ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەمنەپەس، تۇمۇرداش بولدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مىسىر16- ئەسىردە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مىسىرغا سىڭىپ كىردى، ئاۋام- پۇقرالار خار- زارلىقتا قالدى، شۇنىڭ بىلەن نەجىپ مەھبۇز مىسىر خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ مۇستەملىكچىلەرگە قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش قەيسەر ئىرادىسىگە ئىلھام بىرىش ئۈچۈن قەدىملىكنى بۈگۈن ئۈچۈن ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تارىخى تىرولوگىيە «تەقدىرنىڭ كولدۇرلىتىشى (ئاخىرقى ۋەسىيەت)» (1939)، «رادۇبىس» (1943) ۋە «تىبىش ئۇرۇشى» (1944) نى يازدى.
1919- يىلى ئەنگىلىيىگە قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن غەلبە مىۋىسىنى چوڭ بۇرژۇئازلار ئوغۇرلىۋالدى، ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ھال- كۈنى بىلەن كارى بولمىدى، مىللى ئازاتلىق ھەركىتى ۋاقتىنچە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئۇششاق بۇرژۇئازلار، زىيالىيلار گاڭگىراپ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالدى ھەتتا بەزىلىرى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. مەھبۇز «خەلقنىڭ ۋىجدانىنى ئويغۇتۇش، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن رېئاللىزىملىق ئىجادىيەتكە يۈزلىنىپ، «يېڭى قاھىرە» (1945)، «مېگىداھ كوچىسى» (1947)، «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش» (1947)، قاھىرە تىرىلوگىيسى ] »قىسىر كوچىسى « ، (1956) «ھىجران كوچىسى»، «شەربەن كوچىسى» [ قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى، بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە قاھىرە تىرىلوگىيسى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۆلمەس ئەلئېھرامغا ئايلاندى، بۇ تىرىلوگىيە قاھىرەدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدىكى ئۆچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزگۈرىشى ئارقىلىق پۈتكۈل مىسىرنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىلگىرىكى زور تارىخى سۈرەتلەپ بېرىلدى، مىسىر جەمئىيىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگۈرۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلدى، تىرىلوگىيىنىڭ مۇۋەپپىقيىتى مەھبۇزنى ئەرەپ ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر قىلدى.
ئەمما مەھبۇزنىڭ ئىجادىيىتى باشلىنىشى بىلەنلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىدى، ئۇ 40- يىللاردا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈچ يىللىق زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمەي، ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، باشتىن- ئاخىر ئىجادىيەت بېغىغا مېھنەت سىڭدۈرۈپ، رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇردى، 1952- يىلى مىسىر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇ بىر قانچە يىلغىچە قەلەمنى تاشلاپ قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجادىيەتتىن ۋاز كەچمىدى، بەلكى تېخىمۇ ئۆتكۈر نەزەر، تېرەن ئىدىيە بىلەن جەمئىيەتنى كۈزەتتى، جەمئىيەت توغرىسىدا تەپەككۇر يۈرگۈزدى، ئۇ ئىنقىلاپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنى بايقاپ، يەنە قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مىسىر جەمئىيىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرى بىلەن مەسىلىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈردى. مەسلەن: «بىزنىڭ كوچىدىكى بالىلار»(1959)، «ئوغرى بىلەن ئىت» (1961)، «ئەينەك» (1972)، «يېڭى مىڭ بىر كېچە» (1982) قاتارلىق قىرىق پارچىگە يېقىن ئەسەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئىجاد قىلدى.
بەزىلەر مەھبۇزنى قاھىرە يازغۇچىسى دېيىشىدۇ، بۇ گەپنىڭ مەلۇم ئاساسى بار، چۈنكى ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە قاھىرەنىڭ يەر ناملىرىنى ئىشلەتتى، قاھىرەدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنپىغا تەۋە پېرسۇناژلارنى تەسۋىرلىدى، قاھىرەنىڭ كوچا – كويلىرىدا روي بەرگەن ۋەقەلىكنى بايان قىلدى، مەھبۇز قاھىرەدە نەچچە ئون يىل ياشىغاچقا قاھىرە جەمئىيىتىنى، قاھىرەدىكى پېرسۇژلارنىڭ ئىدىيسىنى چوڭقۇر چۈشەندى، «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش» دېگەن بۇ ئەسەر دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. مەھبۇز بۇ ئەسەردە بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق 1936- يىلنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مىسىر جەمئىيتىنىڭ تۈرلۈك زىدىيەتلىرىنى، زۇلمەتلىرىنى ۋە ئاۋام- پۇقرالارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈردى، بۇ ئەسەرنى ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان مىسىر جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى دېيىشكە بولىدۇ. باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش دېگەن بۇ ئەسەر مىسىردا ئىجات قىلىنغاندىن بىرى ھازىرغا قەدەر يىگىرمە نەچچە قېتىم قايتا نەشىر قىلىندى ۋە كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ قويۇلغاندىن كېيىن «ئەڭ نادىر فىلىم» دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى، 1987- يىلى ئېلىمىزدە چاقىرىلغان ئەرەپ ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ ئەسەر مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىندى ۋە مۇتەخەسىس، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش» بىر تىراگىدىيىلىك ھېكايە بولۇپ، خىزمەت قىلىدىغان ئاتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىلىكلەرنى كۈلپەت باسىدۇ، بۇ ئائىلە ئاخىرى پاجىئەلىك ۋەيران بولىدۇ، دەسلەپتە مەھبۇزنىڭ بۇ ئەسەرنى تىراگىدىيىلىك ئەسەر قىلىپ يېزىش نىيتى يوقىدى، ئۇ بۇ ئەسەر ۋە ئەسەردە يارىتىلغان پېرسۇناژلار ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار بىلەن بالىلىق چاغلىرىمدىلا تونۇشاتتىم، ئۇلار ياش چاغلىرىدا جاپا-مۇشاقەتلىك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنىدى، مەن دەسلەپتە بۇ ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنى كومىدىيىلىك ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلىمەكچى بولغانىدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، بولۇپمۇ مۇۋاپىقيەت قازانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ھېكايە بىلەن تولغانىدى، ئەمما ئەسەرنى خېلى ئىچكىرلەپ يېزىۋاتقان چېغىمدا مەن دەسلەپتە ئويلغان ئاشۇ گۈزەل ئاقىۋەتلەرنى تامامەن ئۇنتۇپ، بىردىنلا تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان پاجىئەنى بايقىدىم، بۇ مەن ئۇلار بىلەن تونۇشقان بالىلىق چاغلىرىمدا بايقىمىغان پاجىئەلەر ئىدى» شۇڭا بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك ھېكايە تۇرمۇشىدىن كەلگەچكە ئەسەر چىن ھەم جانلىق چىققان.
نەجىب مەھبۇز «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش» دا تەسۋىرلىگەن ئائىلە ئەسلىدە توققۇزى تەل، بەخىتلىك ئائىلە ئىدى، بۇ ئائىلە بىر جۈپ ئەر- خوتۇن ۋە تۆت بالىدىن تەركىپ تاپقانىدى. ئەمما ئاتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بۇ ئائىلىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېچىنىشلىق تۇرمۇش باشلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئانىسى سەۋرچان، قەيسەر ئايال. چوڭ ئوغلى ھەسەن، ئاتىسىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ، ئەركە نايناقلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئاخىرى بىكار تەلەت ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، كىچىك ئوغلى ھۈسەيىن بىلەن ھۈسىنى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، قىزى نەپىسە ئاپىسىنى زادى خاتىرجەم قىلمايدۇ. ئۆزگۈرۈش بولۇۋاتقان بۇ ئائىلىدە تۆت پەرزەنت تولىمۇ مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە ئۆز يولىغا ماڭىدۇ.
بۇ ئائىلىدە يۈز بەرگەن تىراگىدىيدىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان ھۈسىنىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى، شەخسىيەتچىلىكىنى ئاپتۇر ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدىلا ناھايتى تەپسىلىي، ئىنچىكە تەسۋىرلەيدۇ. ئاتا- ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلە كۈلپەت ئىچىدە قالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشارمىز دەپ ئەنسىرشىدۇ. ئەمما ھۈسىنى ئازاپ ئىچىدە قاتتىق تەشۋىشلىنىدۇ،خاتىرجەمسىزلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئاتىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاتىسىنىڭ سالاھىيتىگە، ئورنىغا يارىشا داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرگە كۆز- كۆز قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما ئىككى ئاكىسى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇڭا ھۈسىنى ئاتىسىنىڭ دەپنە ئىشىنى خۇددى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدەك بەخىتسىز ئىش دەپ قارايدۇ.
ئانا قىزى نەپىسەنى ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى قامداش، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ياشاش، ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن ماشىنچىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھۈسىنى بۇ ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش دەپ قاراپ، ھەدىسىنىڭ ماشىنچىلىق قىلىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. «ھەدەم ماشىنچىلق قىلسا ھەرگىز بولمايدۇ، مەن ھەرگىزمۇ ماشىنچى قىزنىڭ ئىنىسى ئەمەس!» ئۇلار ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەي، ئۆي كۆچمەكچى بولغاندا ئۇ ئانىسىدىن نەپىسەنىڭ نېمە ئۈچۈن ماشىنچى بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇ بۇ ئىشنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ، ھۈسىنىنىڭ نەزىرىدە نامراتلىق نەشتەردەك ۋۇجۇدىغا سانجىلىدۇ، نامراتلىق جىمى بالايى ئاپەتنىڭ مەنبەسى بولىدۇ.
ھۈسنى ئىنتايىن شەخسىيەتچىل ئادەم، ھۈسەيىن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ داۋاملىق ئوقۇشى ياكى ئوقۇشتىن توختاپ خىزمەتكە قاتنىشىش، ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈش پۈتۈن ئائىلىنىڭ مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئانا ئوغلىنىڭ رايىغا بارىدۇ. قانداق تاللىساڭ شۇنداق تاللا دەيدۇ، ئەمما ھۈسىنى شۇئان ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ شەخسىيەتچىل ئوي- پىكىرلىرى ھامان ئۇنىڭ چىرايلىق، دەبدىبىلىك گەپلىرىگە يوشۇرىنىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز كۈن بويى ئاچ يۈرىيمىز، يىگەن نەرسىلىرىمىز غورىگىل، كىيىملىرىمىزمۇ كونا جەپپىرىسى چىقىپ كەتكەن، ئائىلىدە ھېچ نەرسە يوق، بوران ئۈچۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئازاپقا ئادەم چىداپ تۇرالمايدۇ، بىزنىڭ خىزمەتكە قاتناشماقتىن باشقا ماڭار يولىمىز يوق… » ئۇ يەنە : «بۈگۈن سەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىشلىسەڭ مەنمۇ ئەتە ئۇنىڭغا قاراپ ئىشلەي دەيدۇ. ئۇ ئېغىزدا شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولىدۇ. ئۇ ئوقۇش راسخودىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەزەلدىن غورۇرى»نى ساقلاپ كېلىدۇ. ئۇ يۈزۈنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە، ئار- نۇمۇسقا قېلىشىغا پەرۋا قىلماي، زەھەر سودىسى قىلىدىغان، لۈكچەك ئاكىسى ھەسەننىڭ يېنىغا پۇل سوراپ بارىدۇ. ئۇ كېيىن ھەربى ئوفىتسېر بولىدۇ، شۆھرەتپەرەسلىك ئۇنى ھەر ۋاقىت ئازاپلايدۇ. ئۇ ھەدىسى نەپىسەنىڭ يەنە داۋاملىق ماشىنچىلىق قىلىشقا يول قويمايدۇ، ئاكام ھەسەن ماڭا چېتىلىپ قالمىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىدۇ، ئاتىسىنىڭ قەبىرىسىنى قايتا رىمۇنت قىلماقچى بولىدۇ، ئۇ ئائىلىسىنى بۇرۇنقى مەھەللىگە كۆچۈرۈپ كېلىدۇ، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەتتا بۇرۇن ئايىقىغا يىقىلىپ تۇرۇپ يالۋۇرغان لايىقىنى تاشلاپ، ئىسىلزادە ئائىلىنىڭ قىزىنى قوغلىشىدۇ… قىسقىسى، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى نامراتلىقتىن ۋە «ئار- نۇمۇس» دىن قۇتۇلۇش، ئۆتمۈشىدىكى نامراتلىق داغلىرىنى تۈگۈتۈپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر يۇقىرى تەبىقە ئادىمى بولۇش ئۈچۈن ئىدى.
شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن شەخسىيەتچىىك ئاخىرى ھۈسىنى بىلەن ھەدىسى نەپىسەنى پاجىئەلىك ئەھۋالغا ئېلىپ بارىدۇ. نەپىسە پاھىشەلىك قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە چېتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، نەپىسەنى نىل دەرياسىغا سەكرەشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى بىلەن شەخسىيەتچىلىكى قاتتىق كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئەلبەتتە، ئۇ مۇشۇنداق رەھىمسىز قارارنى چىقىرىشىدىن ئىلگىرى دىلغۇل بولىدۇ ۋە ۋىجدان ئازابىغا ئۇچرايدۇ، مەھبۇز ھۈسىنىنىڭ بۇ چاغدىكى پىسخىك ھالىتىنى ئىنتايىن تەپسىلى ھەم تۇلۇق تەسۋىرلەيدۇ، بولۇپمۇ ھەدىسىنىڭ جەسىدىنى نىل دەرياسىدىن سۈزۈۋالغاندا ئۇنىڭ زىددىيەتلىك پىسخكىسى ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا تامامەن ئاشكارلىنىدۇ:
ئۇ ئىختىيارسىز ھەدىسىنىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلىقىنى، ئۆزىگە كۆيۈنگەنلىكىنى، مەرتلىك قىلغانلىقىنى ئويلايدۇ، ھەدىسى ئىنىسىنىڭ قولىدا مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ھەرگىز خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ، ئۇ ئۆزۈنى ھارغاندەك سىزىدۇ، قاتتىق ئۈمىدسىزلىندۇ، ھەسرەت بىلەن ئۆزىگە: «بۇلار نېمە ئۈچۈن- ھە؟» دەپ سۇئال قويىدۇ. ئۇ جەسەتكە قاراشقا چىداپ تۇرالماي كۆزۈنى يۇمىدۇ، ئۇنىڭ بېشى ئوتتەك قىزىپ كېتىدۇ. تۇرمۇشتىكى جىمى ئارزۇ- ئارمانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، دۇنيامۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆلۈكنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا ئوخشايدۇ. ئۇ قاتتىق ھەسرەت چەككىنىچە ئۆز- ئۆزىگە: «ئى ئاللا! مېنى جازالىغايسەن!» دەيدۇ. ئۇ سەنتۈرۈلگىنىچە بىر تۈپ دەرەخكە يۆلىنىپ قالىدۇ. ئۇ خامۇشلۇق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، خۇددى ھېچقانداق ئۈمىد يوق تەگسىز قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە كىرىپ قالغاندەك بولىدۇ.
ھەدىسىنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقان، ئۆزىنىڭ ھاياتىمۇ ئاخىرلىشىدىغان چاغدا ھۈسىنى ئويغانغاندەك بولىدۇ، كۆڭلىدە يەنە پۇشايمان قىلىدۇ:
«مەن تۈگەشتىم، بىز تامامەن نامراتلارنىڭ قۇربانى بولدۇق، ئارىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئادەم قيىنچىلىقنى ھېچ قايسى قېرىندىشىمىزغا يۈكلەپ قويساق بولمايدۇ. مەن نىمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟ بۇ بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ئىش بولسىمۇ، مەن ئۇنى قاتتىق جازالاپ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم، مەن قانداق ھوقۇقدىن پايدىلاندىم؟ ئەجەبا مەن راستىنلا ئائىلىنىڭ شان- شەرىپى ئۈچۈن ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىممۇ؟ مەن بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەسكىسى ئىكەنمەن، بۇنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، مۇبادا بۇ دۇنيا يىرگىنچىلىك بولسا، مەن بۇ يىرگىنچىلىك دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ئادەم ئىكەنمەن مەن ھەر كۈنى ئەتتىراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىنى، يوقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن باش جىنايەتچى تۇرۇپ، يەنە قانداقمۇ سوتچى بولىمەن؟ مەن ئەمدى راسىنلا تۈگشتىم».
«مەن ئۆتمۈشنى يوق قىلىۋېتىشنى ئىزچىل ئۈمىد قىلغان بولساممۇ، ئۆتمۈش ھازىرنى يۈتۈپ كەتتى، ھازىر قورقۇنۇچلۇق ئۆتمۈش يوق، پەقەت قورقۇنۇچلۇق ئۆزۈملا بار. مەن نېمە ئۈچۈن بۇ يۈكنى كۆتۈرۈپ داۋاملىق ياشايمەن؟ ئەمما مەن بۇنداق قىلالمايمەن. مەيلى قانداق بولىشىدىن بىنەزەر مەن تۇرمۇشنى سۈيۈشۈم، ھاياتقا ئاداققىچە ئاشنا بولۇشۇم كېرەك. ئەمما بىزنىڭ خاراكتىمىزدە بىر خىل ماھىيەتلىك خاتالىق بار، مەن ئۇنى بىلمەيمەن،مەن راستىنلا تۈگەشتىم… ».
ئەمىليەتتە ھۈسىنى نامراتلارنىڭ ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ، ئاشۇ دەۋرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.
ئەسەردىكى يەنە بىر تىراگىديىلىك پېرسۇناژ بۇ ئائىلىنىڭ بىردىن- بىر قىزى نەپىسە. ئاتىسى ھايات چاغدا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى، ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ناھايتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ ئاياللار قىلىدىغان ئىشنى قىلىپلا قالماي، يەنە سىرتلارغا چىقىپ ماشىنچىلىق قىلىپ، بىر ئائىلىنى قامدايدۇ. «يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزنىڭ يا پۇلى يوق يا چىرايى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالدى». ئائىلە مۇھەببىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر خىل ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى يوقىتىدۇ، ئەمما ئۇ مىلىچ مال دۇكىنىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئوغلى بىلەن تەساددىبىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ئۇنىڭدا تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىد پايدا قىلىدۇ، ئەمما تەغدىر بورىنى ئۇنى ھەش- پەش دېگۈچە ئۈمىدسىزلىك ھاڭلىرىغا ئۇچۇرتۇپ تاشلىۋېتىدۇ؛ ئۇ كۆڭۈل بەرگەن ئادەم باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىۋالىدۇ! شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىپ كەلگەن بىردىن بىر ئۈمىدمۇ بەربات بولىدۇ. ئۇ چاغدا نەپىسە ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ دەردىنى چىقارماقچى ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالماقچى بولىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇ نەدىمۇ ئۇ ئادەمدىن ئۆچىنى ئالالىسۇن؟ ئۇ ئاتا- ئانىلار ھۆددە قىلۋالغان نىكاھ تۈزۈمىگە، نامراتلىققا، بۇ جەمئىيەتكە ئۆچ بولىدۇ. بۇلار ئۇنى نىكاھ ۋىسالىغا يەتكۈزمەي، كىشىلىك ھاياتتىكى ئاساسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پاك قىز ئۆز- ئۆزۈنى پەس كۆرىدۇ، ئۆزىگە ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ، ئازاپ، نۇمۇس ۋە ئەخمەق قىلىنىش تۇيغۇسى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يۈرىكىنى مىتە قۇرتتەك يەيدۇ، توي دېگەن گەپ تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر سانچىلغاندەك بولىدۇ، «ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ تېرەن جايلىرىغا يوشۇرۇنغان ئازاپ يەنە پەيدا بولدى… ئۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلىش ئۆلۈمىدىنمۇ ئازاپلىق تۇيۇلاتتى». ئۇ ئاشىقنىڭ ئالدىدا مۇنداق قىلىدۇ: «ئۇ ئاشۇ كەسكىن چاغلارنى نامراتلىق، ئۈمىدسىزلىك تۈپەيلىدىن گاڭگىرىغان ھالدا ئۆزىنى باشقىلارغا تاپشۇرغان چاغلارنى ئەسلىدى… ئۇ گويا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قەھرىلىك نەزىرى بىلەن قارۋاتقانلىقىنى، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چىقىۋاتقانلىقىنى، كېيىن ياۋايى ھايۋانلاردەك ئۆزىگە يۇپۇرۇلۇپ، ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدى».
ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى ئاستا- ئاستا بۇرمىلىندۇ. ئەمدى ئۇنىڭدا توي قىلىشىدىن ئۈمىد قالمايدۇ. ئائىلىسى ئۇنىڭ پۇلىغا مۇھتاج بولىدۇ، يەنە كېلىپ بېسىپ بولمايدىغان كۈچلۈك ھەۋەس، ئۇنى جىنايەت يولىغا مېڭىشقا قەدەممۇ- قەدەم قىستايدۇ، سەمىمىي، ساددا بىر قىز ئاخىرى ئەرلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ياساپ پەردازلايدۇ؛ ئۇ ماشىنا رىمۇنتچىسى بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە تۇرىدۇ؛ ئۇ مەيدانغا بېرىپ ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرماقچى بولغان بوۋايلار بىلەن بىرگە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرى گېرسىيە پاھىشەخانىسىغا بېرىپ ئەرلەرنى كۈتىدۇ، ئۇ بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا ساقچىلار ئۇنى نەق مەيداندا تۇتۇۋالىدۇ، ئۇ ئاخىرى نامراتلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ۋۇجۇدىدىكى ناپاكلىقنى، گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان نىل دەرياسىغا تاشلايدۇ.
ھەسەن بىلەن ھۈسەيىن بىر- بىرىگە ھەرگىز ئوخشىمايدىغان بىر جۈپ قېرىنداش. ھەسەن توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، لۈكچەكلىك قىلىدۇ، زەھەر ساتىدۇ، ئاخىرى ساقچىلارنىڭ تۇتۇش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىرتلارغا قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ؛ ھۈسەيىن سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بالا بولۇپ، ئۇ ھەر جاي، ھەر چاغدا ئائىلىسنى، باشقىلارنى ئويلايدۇ. ئەمما ئۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئورتاقلىقى شۇ يەردىكى: ئۇلار ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئائىلىسىگە، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنىدۇ. ھەسەن لۈكچەك بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ جاپاسىنى ئۇنۇتمايدۇ؛ ئۇ باشقىلارنىڭ توي زىياپىتىدە قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقاندا ئاچ قالغان ئىنىم ھازىر بۇ يەردە بولغان بولسا ياخشى بولارىدى- ھە، دەپ ئويلايدۇ. ئىككى ئىنىسى خىزمەت ۋە ئوقۇش خىراجىتىدە قيىنچىلىق تارتقاندا ئۇ مەرتلەرچە ئۇلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ؛ ھۈسەيىن ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى قامداش ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ، يىراق بىر جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇ ئىنىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىدىن ۋاز كىچىدۇ. ئەمما جەمئىيەت بۇنداق ئاق كۆڭۈل، مۆمىن يىگىتكە غۇۋا ئىستىقبال ئاتا قىلىدۇ، بۇنداق ئىستىقبالدىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ئالتىنچى دەرىجىلىك، ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتىنچى دەرىجىلىك كىچىك بىر خىزمەتچى بولىدۇ.
مەھبۇز بۇ ئەسەردە ياراتقان پېرسۇناژلار، بولۇپمۇ بۇ ئىككى تىراگىدىيىلىك پېرسۇناژنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئادەمدە ئۇلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تەغدىرىگە ئېچىنىدۇ. ئاپتۇر كىشىلەرنى تىراگىدىيىلىك تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق تىراگىدىيىنىڭ مەنبەسىنى تۈگەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرمەيدۇ، نامراتلىقنىڭ مەنبەسى تۈگىمەيدۇ. ھېلىھەم مىسردىكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تەغدىرى مۇشۇ ئائىلىنىڭ تەغدىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ پاجىئەسىنى ئەمەليەتتە جەمئىيەتنىڭ پاجىئەسى دىيىشكە بولىدۇ.
مەھبۇز بۇ ئەسەردە ئۇدۇل بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان تەپسىلىي بايان، راۋان ۋەقەلىك، بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدىكى پىسخىك تەسۋىرى ئوقۇرمەنلەرگە بىر خىل ئىنتايىن چىن تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇمۇ مەھبۇزنىڭ ئىجادىيتىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكتۇر.

 

______________________________________________
پاتىمە زاھال مۇھەممەت سەيىد يازغان «نەجىپ مەھبۇزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى سىمۋولىزىم» دېگەن ئەسەرگە قارالسۇن.

تەرجىمان: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10318

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار
ئىنكاس: 2دانە
  1. مۇشۇ نۇرغۇن داڭلىق رومانلارنىڭ ئەڭ ئاۋال خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغىنىدىن ھەيران قالىمەن ھەم خەنزۇ يازارلارغا ھەم تەرجىمانلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا قول قويماي تۇرالمايمەن، مۇمكىن بولسا ئىدى ھە ،بىۋاستە ئەسلى تىلدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ پەيزى چىقار بولغىيتى ، شۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىققالىغۇدەك ئەدىبلىرىمىز يوقمىدۇ؟

  2. شۇنداق، دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ خەنزۇتىلىدىكى نەشرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ھەتتا بەزى ئەسەرنىڭ ئايرىم- ئايرىم تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان 7- 8 خىل نۇسخىسى بار. سىز دېگەندەك مەنمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تەرىپىگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل.
    بىزدە ئەدەبىي تەرجىمىگە ھەقىقىي مۇھەببەت باغلىغان، ئەسەر تونۇيدىغان ساپالىق تەرجىمانلار بەكلا ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. داۋۇت غازى، توختى باقى ئارتىشى، راخمان مامۇت، ئەخمەت ئىمىن، ئەخمەت پاسار . . . . دەك داڭلىق تەرجىمانلار ، بولسا ئەسلى تىلدىن بىۋاستە قىلىدىغان تەرجىمانلار ئاۋۇغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: