پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

2013- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى كىمگە مەنسۇپ؟

2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش

شەرىپى كىمگە مەنسۇپ

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغىنىغا يەنە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت قالدى، ئەنگلىيە دو تىكىش شىركىتىLadbrokes  2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تىكىلگەن دوغا مۇكاپات قايتىش نىسبىتىنى ئېلان قىلدى؛ ياپونىيە يازغۇچىسى مۇراكامى خارۇكىغا ئۈچ ھەسسە دو تىكىلىپ، بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مۇراكامى خارۇكى بۇلتۇرمۇ Ladbrokes شىركىتىنىڭ دو تىكىش تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇندا، ئېلىمىز يازغۇچىسى مويەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيە دو تىكىش شىركىتى Ladbrokes 1985- يىلى بۇ ساھەگە قەدەم باسقاندىن بۇيان جەمئىي ئۈچ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى توغرا پەرەز قىلغان. 2011- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىش ھارپىسىدا شىۋېتسىيەدىكى مەلۇم بىر دو تىكىش تور بېتى تۇيۇقسىز شىۋېتسىيە شائىرى توماس تىرانىسترومېرغا تىكىلگەن 13 ھەسسە دونى 2 ھەسسىگە چۈشۈرگەن، نەتىجىدە راستىنلا تىرانىستىرومېر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ ئىشنى شىۋېتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى مەخپىي تەكشۈرگەن، لېكىن دەلىل- ئىسپات تاپالىمغاچقا دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دو تىكىش شىركەتلىرىنىڭ مۇكاپات ساھىبلىرىنى توغرا پەرەز قىلىشى كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. شۇ ۋەجىدىن، بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا تىكىلگەن دوغا مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتىگە ئائىت خەۋەرلەر چىقىشى بىلەنلا كىشىلەر كۆپلەپ دو تىكىشنى باشلىۋەتكەن.

ھەر يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى، ئىرقى، تىلى، جىنسى، سىياسىي مايىللىقى، ئىجادىيەت تېمىسى، ھەتتا يېشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بولۇپ كەلگەن. مۇكاپات تارقىتىلىدىغان كۈننىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ، دو تىكىش شىركەتلىرىنىڭ مۇكاپات قايتۇرۇش تاختىسىدىمۇ توختىماي ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، مۇكاپاتنىڭ قايسى كۈنى تارقىتىلىدىغىنىمۇ مۇكاپات تارقىتىش ھارپىسىدىلا ئاندىن بېكىتىلىدۇ. 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنىڭ زادى قايسى يازغۇچىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلىدىغانلىقى يەنىلا شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەۋىرىگە قاراشلىق بولۇپ قالدى.

ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش

نىسبىتى بەكلا تۆۋەن

ئىگىلىنىشىچە، دو تىكىش شىركىتى Ladbrokes تەمىنلىگەن 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تىزىملىكىدە ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان يازغۇچىغا تىكىلگەن دوغا قايتۇرۇلىدىغان مۇكاپات سوممىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن، بۇ ـــ دو تىكىش شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر يازغۇچىنى مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى دەپ قارايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر تىزىملىكتىكى يازغۇچىلارنىڭ رەت تەرتىپى مۇنداق بولغان: خارۇكى مۇراكامى (Hauki Murakami 村上春树) (ياپۇنىيە)، جويېس كارول ئوتېس (Joyce Carol Oates 乔伊斯·卡洛尔·欧茨) (ئامېرىكا)، پېتېر ناداس  (Peter Nadas 彼得·纳达斯) (ۋىنگىرىيە)، كو ئۇن (Ko Un 高银) (كورىيە)، ئەلىس مۇنرو (Alice Munro 爱丽丝·门罗) (كانادا)، ئەدۇنىس (Adonis 阿多尼斯) (سۈرىيە،لىۋان)، ئاسسىيا جېبار (Assia Djebar 阿西娅·杰巴尔) (ئالجىرىيە)، فىلىپ روس (Philip Roth 菲利普·罗斯) (ئامېرىكا)، ئاموس ئوز (Amos Oz 阿摩司·奥兹) (ئىسرائىلىيە)، توماس پىنچون (Thomas Pynchon 托马斯·品钦) (ئامېرىكا)، مىلان كۇندىرا (Milan Kundera 米兰·昆德拉) (چېخ، فىرانىسيە).

ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر تىزىملىكتە جۇڭگولۇق شائىر بېيداۋمۇ بار ئىكەن، لېكىن تىزىملىكتىكى رەت تەرتىپى كەينىدە ئىكەن، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتىمۇ 1 گە 100 ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دو تىكىلگەن تىزىملىكتە يەنە فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق يازغۇچى، رېژىسور دەي ئېنجيېمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «بالزاك ۋە كىچىك تىككۈچى» ناملىق فىلىمغا رېژىسورلۇق قىلغان ئىكەن.

بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش بىر دۆلەتتىن ئۇدا ئىككى يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى نۆل ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن بېيداۋنىڭ بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. بېيداۋ 1996- يىلىدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تىزىملىكىگە كىرگەن.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى «ئەدەبىيات جۇغراپىيەسى» قاتارلىق كۆپ خىل ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ ئۇدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنىڭ ئېھتىماللىق يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. مۇراكامى خارۇكى ئۇدا نەچچە يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ پەرەز قىلىش تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولالمىغان. ئۇ بۇ يىلمۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى پەيت يېتىپ كەلمىگۈچە ھېچكىم قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.

ئامېرىكا يازغۇچىلىرى ئەڭ قىزىق

نۇقتىغا ئايلاندى

2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا دو تىكىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئون يازغۇچىنىڭ ئىچىدە جويېس كارول ئوتېس، فىلىپ روس، توماس پىنچون قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق يازغۇچى بار. ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى «ئامېرىكا يىلى» غا قەدەم قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى 1993- يىلى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئايال يازغۇچى تونى موررىسون («جان جوزام» ناملىق رومانى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ رومان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، رومان ھازىر تەھرىرلىنىش باسقۇچىدا) نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن بۇيان ئامېرىكا يازغۇچىلىرى يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن. ئىچكى قىسىمدىكى زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەر يىللىق قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن، ئايال يازغۇچىلار تەخمىنەن 3- 4 يىلدا بىر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يىل ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ئايال يازغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەپقاچتى گەپلەردە دېيىلىشىچە، جويېس كارول ئوتېسنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ شىۋېتسىيەدە كەڭ تونۇشتۇرۇلغان، بۇ يازغۇچىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەن، بۇمۇ بەلكىم بۇ ئايال يازغۇچىنىڭ قىزىق نۇقتىلىق نامزاتقا ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، دو تىكىش شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىكەن. يازغۇچىنى بەلگىلىك تەسىرگە ئېرىشتۈرىدىغىنى يەنىلا شۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قانچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىشى ئىكەن، ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە «The Times»، «The Daily Telegraph» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوبزورچى جى ئەن مۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى «ئەدەبىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جەزىملەشتۈرۈش» بولۇپ، بەزى شۆھرەتلىك يازغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن يازغان ئەسەرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتتىكى مەرتىۋىسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلىۋالغان بولىدىكەن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دەل ئۇنىڭ بۇ مەرتىۋىسىنى جەزىملەشتۈرىدىكەن. بۇ يىل ئەگەر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئامېرىكىلىق يازغۇچىلارغا نېسىپ بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق يازغۇچىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 1930- يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي ئېقىمدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتقان ھەمدە كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن قىزىق نۇقتىلىق يازغۇچىلار ئىكەن.

1. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: خارۇكى مۇراكامى

ئەسەرلىرىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان خاسلىق ئەكىس ئەتكەن

ــــ مۇراكامى خارۇكى ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى

لىن شاۋخۇانى مەخسۇس زىيارەت

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: ئەگەر مۇراكامى خارۇكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسا، سىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەڭداشسىزلىقىنى قەيەردە دەپ قارايسىز؟

لىن شاۋخۇا: ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى «تەڭداشسىزلىق» قا كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيمەن. لېكىن مۇراكامى خارۇكى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا، سەۋەبى دەل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئىستېتىكىلىق ئۆلچىمى بولغان «ئىدىيالىزملىق خاھىش» نىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىدىن بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇ «يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك جەمئىيەت» تىن ئىبارەت ئالاھىدە باسقۇچتىكى ئىجتىمائىي قىياپەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەنقىدىي يوسۇندا تەسۋىرلىگەن؛ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىممەتكە يۈرۈش قىلىش داۋامىدىكى ئۆزلۈكتىن ھالقىغان روھىنى قازغان؛ ياپونىيەنىڭ «دۆلەت زوراۋانلىقى» ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسىدە ئاشكارىلانغان مۇرەسسەسىز ئۇرۇش قىلىش ھالىتى ۋە ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرىنىڭ بۇرچ ئېڭىنى ئىنچىكە كۆزەتكەن؛ زامانىۋى شەھەر كىشىلىرىدىكى ئۈمىدسىزلىك، ياتلىشىش، تەنھالىق تۇيغۇلىرىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى شېئىرىي ئىپادىلىرىنى ئېچىپ بەرگەن، تىل ئۇسلۇبى جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: بەزىلەر: «مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرى زىيادە ئاممىباب، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەيئىتىنىڭ ئىشتىھاسىغا ماس كەلمەيدۇ» دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

لىن شاۋخۇا: مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇنچە ئاممىباب دەپ قارىمايمەن، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاددىي مەنىدىكى ئاممىباب ئەسەر قاتارىغا ئەمەس، بەلكى يۈكسەك ئىدراك ۋە ئىستېتىكىلىق گۈزەللىك ئەكىس ئەتكەن كەسكىن ئەدەبىيات ياكى «ساپ ئەدەبىيات» دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا ئاممىبابتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، مەزمۇنى قىلچە ئاممىباب ئەمەس، چاكىنا دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: مۇراكامى خارۇكىنىڭ ياپۇنىيەدىكى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى قانداق؟ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاۋام ئەدەبىياتىغا تەۋە دېيىشكە بولامدۇ؟

لىن شاۋخۇا: مۇراكامى خارۇكى ياپونىيەدە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچىلارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايال ئوقۇرمەنلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نەچچە مىليون، ھەتتا نەچچە ئون مىليون پارچە سېتىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: مۇراكامى خارۇكىنىڭ جۇڭگودىكى ئوقۇرمەنلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى نېمىشقا شۇنچە كۆپ؟

لىن شاۋخۇا: تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ياش ئوقۇرمەنلەر مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرىدىن دۇنيانى قانداق كۆزىتىش، قانداق كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن. يالغۇز بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئۇ جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىنى يەنە مۇنداق نەرسىلەر بىلەنمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئالايلۇق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە زامانىۋى شەھەر كىشىلىرىدىكى مەنىسىزلىك، ياتلىشىش، تەنھالىق، تەقدىر- قىسمەتلىرىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، شۇنداقلا غۇرۇر، قەدىر- قىممەت، ئەخلاق- پەزىلەت، ھەسرەت، سۆيگۈ- مۇھەببەت قاتارلىق دەۋر، مىللەت، دۆلەت ھالقىغان «ئىنسانىي خاراكتېر» چوڭقۇر قېزىلغان. لېكىن، مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە سەلبىي تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس. ئالايلۇق، ئىدراك، مەنە، قىممەت، تۈزۈلمە، تەرتىپلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش مەزگىلىدە مۇھتاج بولىدىغان زامانىۋى يادرولۇق قىممەت قارىشى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇ «‹ئېگىز تام› بولمىسا قانداق قىلىمىز؟» دېگەن رېئال مەسىلىگە جاۋاب بەرمىگەن.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: غەرب ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

لىن شاۋخۇا: مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرى 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، 36 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان. مۇراكامى خارۇكى بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەن چېغىمدا مەن ئۇنىڭدىن شەرق- غەرب ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالغان تەسىراتىدا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى سورىدىم. ئۇ پەرقنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى، ياۋروپا- ئامېرىكا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى بىلەن كېيىنكى مودېرنىزملىق ئامىللارغا دىققىتىنى بەكرەك ئاغدۇرىدىغانلىقىنى، ئاسىيا ئوقۇرمەنلىرى بولسا ئەسەرلىرىنىڭ ئاددىيلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بەكمۇ تەبىئىي بولغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنى قوشۇمچە قىلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: ياۋروپا- ئامېرىكىدا ئۇنىڭ «نورۋىگىيە ئورمانلىقى» (بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، ئۇيغۇرچە نەشرى پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ) بولماستىن، «خەتەرلىك قوي ئىزدەش سەرگۈزەشتىسى»، «دېڭىز بويىدىكى كافكا»، «يەر ئاستى» قاتارلىق ئەسەرلىرى كەڭ تارقالغان.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: مۇراكامى خارۇكى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىڭىزدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ 2003- ۋە 2008- يىللىرى ئىككىڭلار ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپتىكەنسىلەر، سىلەر كۆرۈشكەندە قايسى تېمىدا پاراڭلاشقان؟

لىن شاۋخۇا: 2003- يىلى كۆرۈشكەندە ئاساسلىقى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەنھالىق، جۇڭگو ۋە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىق تۆت تېمىدا پاراڭلاشقان. مۇراكامى خارۇكى شۇچاغدا: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سىياسىي تۈسى بەك قويۇق، مەن ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن» دېگەن ئىدى.

ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە سۆھبىتىمىز ئاساسلىقى «شەرقىي ئاسىيا ۋە مۇراكامى خارۇكى» ھەققىدە بولدى. مەن ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، زوراۋانلىققا قويغان سوئاللىرىنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ روھى دەپ قارايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ بەزىلەرنىڭ بۇنداق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تارىخىي تونۇش مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، لېكىن ياپونىيە ياشلىرىنىڭ تارىخقا قىزىقمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆز ئەسەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ تارىخنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن تارىخنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن شەرقىي ئاسىيا چەمبىرىكىنىڭ ئورتاق ئاساسقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنە شۇندىلا ھەمراھلىق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: سىز ئۇنىڭ يېڭى ئەسىرى «Q841» گە قانداق قارايسىز؟ سىز ئۇنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟

لىن شاۋخۇا: مەن نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ «Q841» ناملىق ئەسەرنى مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەر دەپ تەشۋىق قىلىشىغا قوشۇلمايمەن. ياپونىيەدىمۇ بۇنداق دەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. ئەگەر مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەڭ قالتىس ئەسىرىدىن بىرنى تاللاش توغرا كەلسە، مەن «غەلىتە قۇشنىڭ تەزىيە خاتىرىسى» نى ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارايمەن. مەن ئۇنىڭ بۇ كاتتا ئەسىرىگە ئالاھىدە ئامراق. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ئۇنىڭ «ئۇسسۇل، ئۇسسۇل، ئۇسسۇل»، «دېڭىز بويىدىكى كافكا»، «1973- يىلىدىكى شارىك» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىمۇ ياقتۇرىمەن.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قانداق قارايسىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دۆلەت، ئىرق، تىل، جىنىس، سياسىي مايىللىق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئامىللار يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي سەۋىيەسىگە ھەرگىز ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللار تۈپەيلى، نۇرغۇن مەشھۇر يازغۇچىلار نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن» دەپ قارايدىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئېيتقاندا، كىشىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدىغان بۇ مۇكاپاتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

لىن شاۋخۇا: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنى شاللىۋەتكىنى راسىت، لېكىن ھەر قانداق مۇكاپاتنىڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى بولسىلا نېسىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى شۇ دەۋردىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. 100 يىلدىن بۇيان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچىلاردۇر. ھازىر دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى ئىچىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىنمۇ تەسىرى كۈچلۈك، نوپۇلۇق مۇكاپاتلار تېخى يوق.

2. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: جويىس كارول ئوتېس

ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىستېداتنى ھازىرلىغان

جويىس كارول ئوتېس 1938- يىلى نيۇيوركتا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1960- يىلى سىراكيۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىنكى يىلى ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات ماگېستىرلىقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1868- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە كانادا ۋىنتوئۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەنگلىيە- ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىن دەرس بەرگەن، 1978- يىلىدىن كېيىن يېڭى جېرسىيە پىرىنىستون ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە دەرس بەرگەن، شۇنداقلا يولدىشى بىلەن كىچىك تىپتىكى نەشرىياتتىن بىرنى قۇرغان ۋە 2008- يىلى يولدىشى ۋاپات بولغۇچە «ئونتارىيو تەقرىزلىرى» ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالنى نەشر قىلغان.

ئوتېسنىڭ ئۆمرى يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش بىلەن ئۆتكەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى ۋە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئۇ ھەققىدە يازغان ئوبزورلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يېزىقچىلىق تالانتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئوتېس مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ئەسەرلىرى ئامېرىكىدا ناھايىتى بازارلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەلدىكى نەشر ھوقۇقى ۋەكالەتچىلىرى ھەر يىلى دۆلەت ئىچىدىكى نەشرىيات شىركەتلىرىگە ئۇنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نوقۇل ئەسەرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئوتېسنى فولكىنېردەك كاتتا يازغۇچىلار بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئەكىس ئەتتۈرۈش، جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىش، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنى كۆزىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سۈپەت ۋە سان جەھەتتە كاتتا يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن.

ئەسەرلىرىدە رېئال مەسىلىلەر نەزەرگە ئېلىنغان

ئوتېس باشتىن- ئاخىر ئامېرىكىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرغان، ئەسەرلىرىدىكى دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردىن تاللانغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، ئەستايىدىل يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئوقۇرمىنى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئەسەرلىرى ئامېرىكىدا ناھايىتى بازارلىق.

ئوتېسنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، 14 يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىقنى باشلىغاندىن تارتىپ ئىزچىل باش چۆكۈرۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. تۇنجى ئەسىرى «شىمالىي قۇۋۇق يېنىدا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى يورۇقلۇققا كۆز ئاچقاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە رومان، ھېكايىلەر توپلىمى، شېئىرلار توپلىمى، دىرامما، ئەدەبىي ئوبزور بۇلۇپ جەمئىي 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغان. لېكىن ئۇنىڭ مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇشىمۇ كىشىلەرنىڭ سۆكۈشىگە ئۇچرىغان. كىشىلەر ئۇنى: «ئەسەر بۇنداق ئالدىراپ يېزىپ چىقىلسا ياخشى چىقمايدۇ» دەپ سۆككەن. شاڭخەي جيۇجيۇ ئوقۇرمەنلىرى نەشرىيات شىركىتىنىڭ مۇھەررىرى، ئوتېسنىڭ «مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ سۆيگۈم»، «قاغجىرىغان دالادىكى كېچە» ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە نەشرىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ۋۇ ۋېنجۈەن ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئوتېس مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل بىر خىل تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى. ئۇ ـــ ئامېرىكىنىڭ مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۇقىرى، سەل قاراشقا بولمايدىغان يازغۇچىسى. ئۇنىڭ پۈتۈب ئىجتىھاتى بىلەن ئىجادىيەتكە بېرىلىشى، مەرتىۋىسى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىي كۈچىمۇ كاتتا يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن» دېگەن.

ئوتېسنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى چىن رېئاللىق ئاساسىدا يېزىلغان. «مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ سۆيگۈم» نى مىسالغا ئالساق، بۇ رومان ئامېرىكىدىكى تا ھازىرغىچە پاش بولمىغان ناھايىتى مۇرەككەپ بىر دېلو ئاساسىدا يېزىلغان. روماندا مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ: 1996- يىلى مىلاد بايرىمى كۈنى ئالتە ياشلىق بىر قىزچاق ئۆز ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ، بۇ ۋەقە بىر مەھەل جەمئىيەتتە غولغۇلا پەيدا قىلغان ئاخبارات ۋەقەسىگە ئايلىنىدۇ. ئوتېس ئۆز تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن بۇ روماننى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئەينى چاغدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىمى ئەھۋاللارنى بەدىئىي يوسۇندا ئىپادىلەپ بەرمەكچى بولغان. روماندىكى باش پېرسۇناژنىڭ سىڭلىسى يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېنىق ئېسىدە تۇتۇۋالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ، سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ- يوق دېگەننى زادىلا جەزملەشتۈرەلمەيدۇ. پۈتكۈل رومان رازۋېدكا رومانى تۈسىدە يېزىلغان. روماندا يەنە ئەر باش پېرسۇناژنىڭ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇھەببەت ھېكايىسىدىن ئىبارەت بىر ۋەقەلىكمۇ قىستۇرما قىلىنغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوتېس ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ بۇ رومانىدا نۇرغۇنلىغان جىنىسي ئامىللارنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن.

پېرسۇناژلاردىكى پىسىخىكا ۋە زوراۋانلىقنى تەسۋىرلەشكە ماھىر

چەت ئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى1980- يىلى 12- ئايدا ئوتېسنىڭ «ئاجايىپ مەنزىرە» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى نەشر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتېسنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا بارغانسېرى كۆپ تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتېس ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىمۇ بارغانسېرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ يۈخوڭ ئوتېسنىڭ «قارا سۇ»، «مۇردا» ناملىق ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەسەرلەر پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ليۇ يۈخوڭنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئوتېس تەتقىقاتىغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ئوتېس ئەسەرلىرىدىكى «گوتچە رېئالىزم» نى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، روماندا گوتچە پروزا ماھارىتى كەڭ كۆلەمدە تەدبىقلانغان. ئۇنىڭ بۇ خىل ماھارەتنى ئەسەرلىرىدە تەدبىقلىشى رېئالىزملىق ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇشتىكى زوراۋانلىقنىڭ بىر تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەرنى پاش قىلغان، «گوتچە پروزىنىڭ ھەم كىشىنىڭ خاراكتېرىدىكى قاراڭغۇلۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ھەم رېئالىزمنىڭ تۇرمۇشنى ئوبيېكتىپ يوسۇندا ئىپادىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىجادىي پىرىنسىپىغا سادىق بولغان.»

ليۇ يۈخوڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: زوراۋانلىقتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ئوتېسنىڭ رومانلىرىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن بىر نەچچە تۈرلۈك پېرسۇناژلار تۈرلۈك زوراۋانلىقلارنى ئۆزىدە تولۇق نامايان قىلغان. بۇ پېرسۇناژلار يالغۇز چاتما قاتىللىق دېلوسى سادىر قىلىدىغان قاتىل بولۇپلا قالماستىن يەنە باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى سۈپىتىدىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلار زوراۋانلىقى، ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىقلارمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتېس پېرسۇناژلارنىڭ پىسىخىك پائالىيىتىنى تەسۋىرلەشكىمۇ ماھىر بولۇپ، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ھېنىرى جامېسنىڭ پىسىخىك ئانالىز پروزىچىلىق ئىجادىيىتىنىڭ جان تومۇرىغا ۋارسلىق قىلغان.

ۋۇ ۋېنجۈەننىڭ قارىشىچە، ئوتېسنىڭ يەنە ھېكايە سۆزلەش ماھارىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بىر كەسكىن يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يەنە ئىنسان خاراكتېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چۆكۈپ تۇرۇپ، ئىش- ۋەقەلەرنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئىچكى مەنتىقىنى تەسۋىرلەشكە تولىمۇ ماھىر ئىكەن، پېرسۇناژلارنىڭ پىسىخىكىسىنى ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەيدىكەن.

3. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئەلىس مۇنرو

كانادالىق ئايال يازغۇچى مۇنرونىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن بۇ يازغۇچى ھاياتىدا 11 پارچە ھېكايىلەر توپلىمى ۋە بىر پارچە رومان يازغان. 1968- يىلى كانادا ئاياللار ھوقۇق ھەرىكىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتقاندا ئۇ 37 ياشتا ئىدى، ئۇ شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان «شادىمان كۆلەڭگە ئۇسسۇلى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى بىلەن ناھايىتى ئابروي قازانغان ۋە كانادا باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مۇنرونىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە ئاياللار باش تېما قىلىنىدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تولىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى كۆپىنچە ئاغرىق- سىيلاق، ئۆلۈم- يېتىمگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا چېتىلىدۇ. بەزى ئوبزورچىلار ئۇنى «ھازىرقى زاماندىكى چىخوپ»، «كانادانىڭ چىخوپى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. 2009- يىلى مۇنرو بۇك خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇك مۇكاپاتى ھازىرقى زامان ئىنگلىز تىلى پروزىسى ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات دەپ قارىلىدۇ.

4. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئەدۇنىس

ئەدۇنىس ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر ئەرەب شائىرى، 1930- يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان، 1956- يىلى لىۋاندا ئولتۇراقلىشىپ ئەدەبىي ھاياتىنى باشلىغان. 1980- يىللاردىن ئېتىبارەن ياۋروپا- ئامېرىكىلاردا دەرس سۆزلىگەن، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر پارىژدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دۇنيا شېئىرىيەت مۇنبىرىدىكى ئابرويى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، خېلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. يېقىندا ئەدۇنىس بېيجىڭدا 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، 2011- يىلى شىۋېتسىيەلىك شائىر توماس تىرانىسترومېر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ يەنە شائىرغا بېرىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.

5. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: فىلىپ روس

1933- يىلى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى يەھۇدىي پۇشتىدىن بولغان ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىسى. فىلىپ روس «خەير- خوش كولومبو» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، 1988- يىلى «ئامېرىكا قىشلاق نەزملىرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئامېرىكا پۇلتىزىر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى جىمى مەشھۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە نائىل بولغان.

«ئىنسان خاراكتېرىدىكى ئىپلاسلىقلار» ناملىق فىلىم ئۇنىڭ 2000- يىلى نەشر قىلىنغان شۇ ناملىق رومانىدىن سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن. 2008- يىلى ئىشلەنگەن «ماتەم ناخشىسى» ناملىق فىلىممۇ ئۇنىڭ «سەكراتتىكى تەن» ناملىق رومانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. ئۇ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۈچۈن ئىزچىل نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تېخى پىشمىغان، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشقا شەرتى توشمايدۇ دەپ قارايدۇ.

6. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئاموس ئوز

ئاموس ئوز ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، ئىبراي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر بولغان يازغۇچى. 1939- يىلى ئېروسالىمدا تۇغۇلغان، 12 يېشىدا ئانىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېزىقچىلىق كوچىسىغا باشچىلاپ كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ«مۇھەببەت ۋە زۇلمەتتىكى ھېكايە» ناملىق ئەسەردە ئاتا- ئانىسى ھەققىدىكى ئىشلارنى بالىلىق نەزەردە تۇرۇپ تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، ئەسەردە بىر يەھۇدىي جەمەتىنىڭ تارىخى ۋە مىللەت ھەققىدىكى بايانلار سۆزلەنگەن. ئائىلە ـــ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى يادرولۇق باش تېما بولۇپ، ئۇ: «ئائىلە ـــ ئالەملەر ئارىسىدىكى ئەڭ سىرلىق ھۈجەيرە. ئۇ جىمى سەۋەب- نەتىجە، زىددىيەت، كۈرەش، سۆيگۈ ئىستىكى، پارادوكس، شاد- خوراملىق ۋە ھەسرەت- نادامەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئىسرائىلىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچى، پىروفېسسور گېرشون شېيكېدنىڭ قارىشىچە، ئاموس ئوز ئەسەرلىرىدە شېئىرىي تۇيغۇ ۋە كېرىلىش كۈچى بىلەن تويۇنغان تىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئىبراي ئەدەبىياتىغا زور تۆھپە قوشقان.

7. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: مىلان كۇندىرا

مىلان كۇندىرا جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىگە ئانچە ناتونۇش ئەمەس. 1967- يىلى ئۇنىڭ «چاقچاق» ناملىق تۇنجى رومانى چېختا نەشر قىلىنىپ ئۇدا ئۈچ قېتىم قايتا بېسىلغان، ھەر قېتىمقى باسمىسى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا سېتىلىپ تۈگەپ كەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ چېخ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مۇھىم ئورنى تىكلەنگەن. پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا فىرانسىيە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان چەت ئەللىك يازغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ «كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنتۇپ كېتىش خاتىرىسى»، «ھايات يەڭگىلتەكلىنى كۆتۈرمەيدۇ»، «ئۆچمەس» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى فىرانسىيەدە ناھايىتى تەسىر قوزغاپ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. ئۇ كۆپ قېتىم خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ھەمدە كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

8. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: مارگارت ئاتۋۇد

يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئاتۋۇد سانسىزلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «كانادا ئەدەبىيات خانىشى» دېگەن نامى بار. 19 يېشىدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئاياللارغىلا خاس بولغان بىر خىل نازۇكلۇك ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، چوڭقۇر كۆزىتىش كۈچىگە ئىگە. 1969- يىلى «يېگىلى بولىدىغان ئايال» ناملىق تۇنجى رومانى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن كەينى- كەينىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە باشلىغان. «ئايال چاكار ھەققىدە ھېكايە»، «مۈشۈك كۆزى»، «باشقا ئىسىمى گېرىس» ناملىق رومانلىرى ئۈچ قېتىم بۇك مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن. ئونىنچى رومانى «ئەما قاتىل» بىلەن ئاخىرى بۇ كاتتا مۇكاپات تاجىنى كىيىشكە مۇيەسسەر بولغان. مارگارت ئاتۋۇد كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى بولۇپ، رومان، شېئىرلار توپلىمى، ئەدەبىي ئوبروزلار توپلىمى بولۇپ جەمئىي 30 نەچچە پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان.

9. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئىسمايىل قادىرى

ئالبانىيە يازغۇچىسى ئسىمايىل قادىرى ھازىر پارىژدا ئولتۇرۇشلۇق، فىرانسۇز تىلىدا رومان ۋە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى يوشۇرۇن مەسخىرە قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان، بەزى ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بىر مەزگىل چەكلەنگەن. «ئارمىيەسىنى ھالاك قىلغان قوماندان»، «يىرتىلغان ئاپېرىل»، «چۈش قەسىرى»، «دۇرۇندىنانى كىم قايتۇرۇپ كېتىدۇ»، «خاتا بېرىلگەن زىياپەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. 2005- يىلى ئۇ گارسىيا ماركۇز، گۈنتېر گىراس، ئويى كىنزابۇرۇ قاتارلىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كاتتا يازغۇچىلار ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك بۇك خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئىسىمى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا دو تىكىش تاختىسىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11803

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار,ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 1دانە
  1. http://bbs.alkuyi.com/forum.php

    http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11607

    http://bbs.misranim.com/thread-111771-1-1.html

    http://bbs.boztagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2308&from=portal

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: