پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

جىبران خېلىل جىبران: راھەت

راھەت

جىبران خېلىل جىبران (لىۋان)

زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمىسى

ھەر يىلى شەھەرگە بىر قېتىم كىرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بىر زاھىت دانىشمەننىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-راھەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،- دېدى.

دانىشمەن جاۋابەن مۇنداق دېدى:

– راھەت – ئەركىنلىك ناخشىسى، بىراق ئۇنىڭ ئۆزى ئەركىنلىك ئەمەس. ئۇ ئارزۇيۇڭ ئېچىلدۇرغان غۇنچە، بىراق مەي باغلاپ پىشقان مېۋە ئەمەس.

ئۇ يۇقىرى ئۆرلەپ چىقىۋاتقان سادا، بىراق شۇ سادا ئوخچۇپ چىققان چوڭقۇرلۇقمۇ، ئۆرلەپ چىققان ئېگىزلىكمۇ ئەمەس.

ئۇ – قەپەز ئىچىدىكى قۇش، بىراق قەپەزنى ئوراپ تۇرغان كۆك ئەمەس.

راست گەپنى قىلغاندا، راھەت – ئەركىنلىك ناخشىسى.

بۇ ناخشىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق ناخشىنىڭ سېھرى بىلەن خۇدۇڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار.

ئاراڭلاردىكى راھەت- پاراغەتنى قوغلىشىدىغان ياشلار جازاغا، ئەيىبكە ئۇچرىغان. بىراق، ئۇلارنى جازالىغۇم، ئەيبلىگۈم يوق. قېنى ئۇلار راھەتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىپ باقسۇن. چۈنكى ئۇلار راھەتنى قوغلاپ يېتەلمەيدۇ، بىراق ئۇلار يالغۇز راھەتنىڭ ئۆزىنى تېپىشى بىلەنلە توختاپ قالمايدۇ.

راھەتنىڭ يەتتە سىڭلىسى بار، كەنجىسى لىۋەنلىكتە راھەتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.

سىلەر بىرىنىڭ يىلتىز كولاۋېتىپ گۆھەرگە يولۇققانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭلار؟

ئاراڭلاردىكى بەزى بوۋايلار راھەتنى ئەسلەشكەندە، مەستچىلىكتە بىرەر سەتچىلىك قىلىپ قويغاندەك ئۆكۈنۈشۈپ كېتىدۇ.

بىراق، ئۆكۈنۈش قەلبكە بېرىلگەن جازا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈلگەن نىقاب.

ئەسلى ئۇلار راھەتنى ئەسلىگەندە، كۈزلۈك ھوسۇلنى يىغقاندا يازدىن مىننەتدار بولغانغا ئوخشاش مىننەتدار بولغان بولغان بولسا توغرا بولاتتى.

ناۋادا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆكۈنۈشلا ئاۋۇندۇرالىسا، بىز بۇنىڭغا يول قويايلى.

ئاراڭلاردا شۇنداقلارمۇ باركى، ئۇلار راھەتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدىغان ياشلارمۇ، ئەسلىمە ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن بوۋايلارمۇ ئەمەس.

ئۇلار تەلپۈنۈش ۋە ئەسلىمىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەچكە راھەتنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلغان، روھىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.

بىراق، ئۇلارنىڭ ۋاز كەچكىنى راھەتنىڭ ئۆزى.

راست شۇنداق، ئۇلار تىتىرەڭگۈ قوللىرى بىلەن يىلتىز كولاپ يۈرۈپ ئاخىرى گۆھەرلەرنى تېپىۋالدى.

ئېيتقىنا، كىم ئۆز روھىيىتىگە خائىنلىق قىلالايدۇ؟

بۇلبۇل كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزالامدۇ؟ ماي قوڭغۇزى يۇلتۇزلاردىن غالىپ كېلەلەمدۇ؟

ۋۇجۇدۇڭلاردىكى يالقۇن ۋە ئىس- تۈتەكلەر شامالنى ھاردۇرالامدۇ؟

سىلەرنڭ نەزىرىڭلاردا قەلب توختام سۇغا ئوخشايدۇ. سەن ئۇنى بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا ئايلاندۇرالامسەن؟

راھەتتىن باش تارتقان چېغىڭدا سەن پەقەت تىلىكىڭنى يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىسەن؟

بۈگۈن قۇتۇلۇپ قالغان نەسلىكنىڭ ئەتە يەنە تەكرارلىنىشىنى كىم بىلىدۇ.

ھەتتا سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭمۇ ئۇنىڭ نەسلىگە تارتقانلىقىنى ۋە سېنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق ئالدىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.

سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭ – روھىيىتىڭ ئۈچۈن چېلىنىدىغان ساز.

ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق مۇزىكىلارنىڭ، شاۋقۇنلارنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ.

ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن: «راھەت ئىچىدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى قانداق ئايرىيمىز؟» دەپ سوراپ بېقىڭلار؟

ئېتىزلارغا ياكى باغچىغا بارغان چېغىڭلاردا، ھەسەل يىغىش ھەسەل ھەرىسىنىڭ خوشلۇقى ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. بىراق، شىرنىسىنى ھەسەل ھەرىسىگە سوۋغا قىلىش گۈل ئۈچۈنمۇ بىر خىل خۇشاللىق.

چۈنكى ھەسەل ھەرىسى گۈلنى ھاياتنىڭ مەنبەسى دەپ، گۈل بولسا ھەسەل ھەرىسىنى مۇھەببىتىنىڭ ئەلچىسى دەپ قارايدۇ.

گۈل بىلەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن بىر- بىرىنىڭ خۇشلۇقىغا ئورتاقلىشىش ئوخشاشلا بىر خىل ئېھتىياج ۋە شادلىقتۇر.

ئەي، ئافرس خەلقى! سىلەر خۇشال چېغىڭلاردا ھەسەل ھەرىسى بىلەن گۈلگە ئوخشاش بولۇڭلار!

(ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «دانىشمەن» ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1994- يىللىق 3- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11380

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 1دانە
  1. نىمدىگەن پاساھەتلىك جىبراننىڭ نەسىر ئاتىسى دەپ نامى چىقىشى بىكار ئەمەس جۇمۇ .

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: