پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

شۋېتسىيە شائىرى توماس

2011 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 6 – ئۆكتەبر خەۋىرى: شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۋېتسىيە شائىرى توماس تىرانسترومېر (Tomas Transtroemer) نىڭ 2011 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.

80 ياشلىق توماس 23 يېشىدا تۇنجى شېئىر توپلىمى ”ئون يەتتە شېئىر“ نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. نام چىقارغاندىن كېيىن، “ يولدىكى سىرلار“، ”قاراڭغۇلۇقتا كۆزىتىش“، ”ھەقىقەتكە توسالغۇ بولغۇچى“، ”ئۆلۈك ۋە تىرىكلەرگە“ قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىنى كەينى – كەينىدىن نەشىر قىلدۇرغان.

توماس كۆپ قېتىم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ 1990 – يىلى سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن سۆزلەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان.

 

گوگۇل

بىيداۋ تەرجىمىسى

چاپىنى كونىدۇر  بۆرە  توپىدەك.

يۈز- كۆزى  ئوخشايدۇ  مەرمەر تاشقىلا.

ئولتۇرار خەت-  چەكلەر ئورمانلىقىدا، ئۇ  ئورمان

مەنسىتمەسلىك ھەم سەۋەنلىك بىلەن شىلدىرلاپ قالار،

يۈرىكى بىر  سوغۇق كارىدوردىن  ئۆتكەن قەغەزدەك  پۇلاڭلاپ  تۇرار.

شۇ  تاپ،  كەچ قۇياشى  تۈلكىدەك  كىرىپ بۇ  ئەلگە

شۇ زامات چۆپلەرگە كېلىپ ئوت ياقار،

ھاۋانى قاپلىغان مۈڭگۈز ۋە  تۇياق، ئاستىدىكى

ئات ھارۋا سايىدەك  سىيرىلىپ ئۇچار

ئاتامنىڭ يورۇغان ھويلىسى بويلاپ.

پىتىربورگ بىلەن ھالاكەت  بىرلا  كەڭلىكتە

 (كۆردىڭمۇ  قىيپاش مۇناردىكى  گۈزەلنى  يەنە)

مۇز  قاتقان مەھەللىدە مېدوزىدەك لەيلەپ يۈرگەن

ھېلىقى پلاش كەيگەن  يالاڭتۆشنى ۋە .

بۇ  يەردە روزىدار  شادىمان  ھايۋانلار  تەرىپىدىن  قورشالغانىدى

لېكىن ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئورمان سىزىقى ئۈستىدىكى  يىراقلارغا  كەتكەن،

ئادەملەرنىڭ  لەپپەڭشىپ  تۇرغان  شىرەسى.

قاراڭ سىرتقا ، زۇلمەت  روھنىڭ  سامان  يولىنى  قانداق سۇۋاركا  قىلدى.

تىز  چىقىڭ  ئوت ھارۋىڭىزغا  بۇ  ئەلدىن  كېتىڭ!

——————————————————————————–

  دەرەخ  ۋە  ئاسمان

يېنىمىزدا،    قىيسايغان  كۈلرەڭ  ئىچىدە،

دەرەخ  ئالدىرار.    يامغۇردىن  شۈمۈپ  ھاياتلىق

بەئەينى  باغدىكى  قارا  قۇشقاچتەك،

يامغۇر ئۈزۈلدى، دەرەخ  توختىدى.

دەرەخنىڭ  تىك  قەددى  يورۇق  كېچىدە يالتىراپ  قالدى،

بىزلەرگە  ئوخشاش،    كۈتمەكتە  ئۇ  ئاشۇ  پەيتلەرنى

ئېچىلىسا دەپ   قار  گۈلى  كۆكنىڭ  قەرىدە.

مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى مۇنبىرى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10225

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: