پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان) ئۈچىنچى باب

ئۈچىنچى باب

قاۋاقخانا دېگىنى يوغانلا بىر ئۆي بولۇپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسى بوش ئىدى، بىرنەچچە ئوتاقچى تامغا يۆلەپ قويۇلغان پىۋا تۇڭلىرىنىڭ يانلىرىدا، ئۈستىدە ئولتۇراتتى، لېكىن ئۇلار بىر قاراشتىلا K چۈشكەن سارايدىكى ئوتاقچىلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇلارنىڭ كىيىنىشى خېلى رەتلىك ئىدى، ھەممىسى ئۇچىسىغا ماتادىن تىكىلگەن تۇخۇم سېرىقى رەڭگىدىكى كىيىم كىيىۋالغان، چاپىنى يوغان، ئىشتىنى بەكلا تار ئىدى. ۋىجىك، يۈزلىرى سوزۇنچاق، مەڭىز سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان بۇ كىشىلەرنىڭ چىرايلىرى بىر- بىرىگە ناھايىتى ئوخشايتتى. ئۇلار ئورۇنلىرىدا جىممىدە ئولتۇراتتى، ئاندا- ساندا كىرىپ قالىدىغان ناتونۇش كىشىلەرگە تولىمۇ ئېزىلەڭگۈ، ئىپادىسىز بىر ھېسسىياتتا تىكىلەتتى. جىممىدە ئولتۇرۇشقان شۇنچە جىق ئادەملەرنى كۆرگەن K نىڭ كۆڭلى بىر قىسىمىلا بولۇپ قالدى، گويا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك، قايتىلەتىن ئولگانىڭ بېلىكىدىن قولتۇقلىۋالدى. ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئولگانى تونۇيدىغان بىرى لوڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئولگانىڭ يېنىغا كېلىشكە تەمشىلىۋېدى، K ئۇنى قولتۇقلىغان پېتى باشقا تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. بۇنى ئولگادىن باشقا ھېچكىم سەزمىدى، ئولگامۇ خۇددى شۇنداق بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، K غا لاپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپلا كەينىدىن ئەگەشتى.

پىۋىنى ياشقىنە بىر قىزچاق سېتىۋاتاتتى، غۇنچە بوي، ئالتۇن چاچ، يۈزلىرى جۈدەڭگۈ، مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىغان ئويچان كۆزلىرى بىلەن ھەر بېقىشلىرىدا كىشى كۆڭلىنى ئاجايىپ تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىدىغان، بىر قارىغان كىشى ئىختىيارسىز باغلىنىپلا قالىدىغان بۇ قىزنىڭ ئىسىمى فىرىدا ئىدى. قىزنىڭ نەزەرى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلدى، ئۇ قىزنىڭ بۇ بېقىشلىرىدىن گويا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك جىمى ئىش ھەل بولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولدى، لېكىن ئۇ راسىت شۇنداق ئىش بارمۇ- يوق، بىلمەيتتى. ئەمما قىزنىڭ قاراشلىرىدىن راستىنلا شۇنداق بىر ئىش بارلىقىغا چىنپۈتتى. ئۇ قىزنى ياندىن تۇرۇپ خېلىغىچە كۆزەتتى، ئولگا بىلەن گەپلىشىۋاتقاندىمۇ كۆزىنى زادىلا ئۈزمىدى. ئولگا بىلەن فىرىدا دوستلاردىن ئەمەستەك قىلاتتى، ئۇلار نەچچە ئېغىز سوغلا پاراڭلاشتى. K ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قېتىلىش ئۈچۈن ئۇشتۇمتۇت سورىدى:

– سىز كلام ئەپەندى بىلەن تونۇشامسىز؟

ئولگا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

– نېمىگە كۈلىسىز؟- سورىدى K تېرىكىپ.

– نەدە كۈلدۈم،- ئولگا شۇنداق دېدىيۇ، يەنە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

– ھەجەپ كىچىك بالىلاردەك قىلىقىڭىز بار ئىكەن،- K شۇنداق دېدى- دە، فۇكەيگە يۆلەندى، ئۇ شۇ ئارقىلىق فىرىدانىڭ دىققىتىنى يەنە ئۆزىگە بۇرىماقچى ئىدى. قىز كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي تۇرۇپ بوش ئاۋازدا:

-كلام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشمەكچىمىدىڭىز؟- دېدى. K قىزدىن كلام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى. قىز سول قول تەرەپتىكى ئىشىكنى ئىما قىلدى.

– ئىشىكتە بىر تۆشۈك بار، كلام ئەپەندىنى شۇ تۆشۈكتىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

– باشقىلار بىر نېمە دەپ دەپ قالماس- ھە؟- دېدى K.

قىز تاتلىققىنە دومسىيىپ قويۇپ، پاختىدەك يۇمشاق قوللىرى بىلەن K تارتقىنىچە ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قويدى. تۆشۈكنىڭ ئۆينىڭ ئىچىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن تېشىلگەنلىكى ئېنىق ئىدى، بۇ تۆشۈكتىن ئۆينىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.

ئۆينىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بىر يېزىق ئۈستىلى قويۇلغان، ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا كلام ئەپەندى ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى بېشى ئۈستىدىكى لامپۇچكىنىڭ يورۇقىدا قامىشىپ كەتكەنىدى. ئوتتۇرا بوي، بومبۇر ساقال، يەل بېرىپ قويغان توپتەك ھۈپپىدە سەمرىگەن، چىرايلىرىغا تېخى قورۇق ئىز سېلىپ ئۈلگۈرمىگەن بۇ كىشىنىڭ يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئىككى مەڭزىنىڭ تېرىلىرى بوشىشىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى، ۋال- ۋۇل پارقىراپ قىيسىق كۆزەينىكى كۆزلىرىنى توسۇۋالغانىدى. كلام ئەپەندى يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋەرگەن بولسا، K ئۇنىڭ يانچە قىياپىتىنىلا كۆرەلىگەن بولاتتى. لېكىن كلام ئەپەندى بىرلا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا ئۇدۇل بولۇپ ئولتۇردى، K ئەنە شۇندىلا ئۇنىڭ چىرايىنى تولۇق كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. كلام سول قولىنىڭ جەينىكىنى ئۈستەلگە، ۋېرگىنىيە سىگارتى تۇتۇغلۇق ئوڭ قولىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. ئۈستەلدە بىر تال پىۋا ئىستاكانى تۇراتتى، ئۈستەلنىڭ قىرىغا ئېگىز قىلىپ تاختاي مىخلىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئۈستەلدە ھۆججەت بار- يوقلۇقىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. لېكىن ئۇنىڭغا ئۈستەلنىڭ ئۈستى قورۇقتەك تۇيۇلدى، ئۈستەلدە ھۆججەت بار- يوقلۇقىنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئۈچۈن فىرىدانى تۆشۈكتىن قاراپ بېقىشقا بۇيرۇدى. فىرىدا تېخى بايىلا شۇ ئۆيدىن چىققاچقا، ئۈستەلدە ھېچمېنە يوقلۇقىنى ئېيىتتى. K قىزدىن ئۇنىڭ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىنى سورىدى. قىز ئۇنىڭغا قانچىلىك مارىلىغۇسى كەلسە، ماراۋېرىشنى ئېيتتى. K فىرىدا بىلەن يالغۇز قالدى، ئولگا بايىقى تونۇشى ئولتۇرغان يەرگە كېتىپ قالغانىدى، قىز ئېگىز بىر پىۋا تۇڭىنىڭ ئۈستىدە چىقىۋېلىپ، پۇتلىرىنى لىككاڭشىتىپ ئولتۇراتتى.

– فىرىدا،- دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا،- سىز كلام ئەپەندى بىلەن يېقىنمۇ؟

– ھەئە، خېلى يېقىن،- قىز شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭغا يۆلەندى- دە، ياقىسى بەكلا تۆۋەن ئويۇلغان ھالرەڭ نېپىز كۆينىكىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى، ئاۋاق بەدىنىگە كىيىۋالغان بۇ كۆينىكى قىزنى باشقىچىلا كۆرسىتىپ قويغانىدى. قىز سۆزىنى داۋام قىلدى:

– ئولگانىڭ باياتىن كۈلگىنى يادىڭىزدا باردۇر؟

– ۋاي بولمامدىغان، ئۇ شەيتاننى- زە!- دېدى K.

ھىم،- دېدى قىز مۇلايىم ئاھاڭدا،- ئۇ بايا بىكار كۈلمىدى. سىز مەندىن «كلامنى تونۇمسىز؟» دەپ سورىدىڭىز. مەن دېگەن . . . – قىز سۆزلەۋېتىپ ئىختىيارسىز قەددىنى سەلگىنە تۈزلىدى، ئاندىن K غا كۆرەڭلىك بىلەن لاپپىدە قاراپ قويدى،- مەن دېگەن ئۇنىڭ ئاشنىسى بولىمەن.

– كلامنىڭ ئاشنىسى بولامسىز؟- سورىدى K.

قىز بېشىنى لىڭشىتتى.

– ئۇنداقتا،- K ئارىدىكى كەيپىياتنى بۇزۇۋەتكۈسى كەلمىگەندەك، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ دېدى،- مەن ئۈچۈن سىز ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر قىز.

– سىز ئۈچۈنلا شۇنداق ئەمەس،- قىز خۇشخۇيلۇق بىلەن شۇنداق دېدى، K نىڭ كۈلۈمسىرەشلىرىگە پەرۋا قىلمىدى.

قىزنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغىنى ئۈچۈن تۇمشۇقىغا بېرىدىغان بىر ئامال كاللىسىغا كەلگەن K ئالدىراپقىنا سورىدى:

– سىز قەلئەگە بېرىپ باققانمۇ؟

ئۇنىڭ بۇ گېپىنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىدى.

– بېرىپ باقمىغان، لېكىن بۇ قاۋاقخاناممۇ قەلئەدىن قېلىشمايدىغان تۇرسا؟- جاۋاب بەردى قىز. قىزنىڭ ساختا شۆھرەت تۇيغۇسى بەكلا كۈچلۈكتەك قىلاتتى، ھەم بۇ تۇيغۇسىغا K دىن قانائەت ئىزدىمەكچى بولۇۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى.

– ئۇغۇ شۇنداقكەن،- دېدى K،- مانا بۇ قاۋاقخانىدا بىر ئوبدان خوجايىن ئىكەنسىز ئەمەسمۇ.

– دېگىنىڭىز توغرا،- دېدى قىز،- دەسلەپتە مەن كۆۋرۈك بېشىدىكى سارايدا سۈت ساغقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

– مۇشۇ يۇمران قوللىرىڭىز بىلەنما؟- دېدى K سوئال تەرىقىسىدە. ئۇ شۇ تاپتا قىزنى ماختاپ- ئۇچۇرۇۋاتامدۇ ياكى ئۇنىڭغا قايىللىقى ئېشىۋاتامدۇ؟ ئۆزىمۇ بىلەلمەي قالدى. قىزنىڭ قوللىرى دېمىسىمۇ كىچىك ھەم يۇمران ئىدى، ئەمما قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق بۇ ئاۋاق قوللار كىشىگە ئۇنچە جەلپكار كۆرۈنمەيتتى.

– ئۇچاغلاردا بۇ كىمنىڭ ئېسىگە كەلگەن دەيسىز،- دېدى قىز،- مانا ھازىر . . .

K گېپىڭنىڭ داۋامىنى دېمەمسەن دېگەندەك، شۈبھەلىك كۆزلىرىنى قىزغا ئاغدۇردى. قىز بېشىنى چايقاپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى.

– ئەلۋەتتە، ئۇ سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزدۇر،- دېدى K،- ھەم سىزمۇ بۇ ئىچ سىرلىرىڭىزنى تونۇشقانغا ئەمدىلا يېرىم سائەت بولغان مەندەك بىر كىشىگە ئاشكارىلاپ يۈرمەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ تېخى ئۆزۈم ھەققىدە سىزگە ھېچنېمە دېمىدىم،- ئۇ شۇنداق دېدى- دە، گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى. بۇ گەپ قىزنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. قىز بەل تاسمىسىغا ئېسىۋالغان ھەميېنىدىن ياغاچتىن ياسالغان بىر تال پۈگەتنى ئالدى- دە، ئىشىكنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويدى، ئاندىن K غا پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ دېدى:

– سىز توغرۇلۇق ھەممە ئىشتىن خەۋىرىم بار، سىز دېگەن يەر ئۆلچەش خادىمى،- قىز گېپىنى داۋام قىلدى،- ئەمدى بېرىپ ئىشىمنى قىلاي،- قىز شۇنداق دېدى- دە، فۇكەينىڭ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا كىشىلەر قورۇقدالغان بوتولكىلىرىغا ھاراق توشقۇزۇش ئۈچۈن قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى.

– سىزدىن يەنە بىر گەپنى سوراي، فىرىدا خانقىز،- دېدى K،- سۈت ساغقۇچىدىن قاۋاقخانا كۈتكۈچىسى بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمدە قابىلىيەت بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن، سىز مۇشۇ ئورۇنغا چىققىنىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاداققى نىشانىمغا يەتتىم دەپ ئويلامسىز؟ تازا قاملاشمىغان سوئالدىن بىرنى سوراپ قويدۇم، مېنى مازاق قىلماڭ. شۇ تاپتا كۆزلىرىڭىزدىن كەلگۈسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك بىر ئىپادىنى سەزگەندەك بولۇۋاتىمەن. لېكىن، جاھاندا توسالغۇ دېگەن ئادەمگە ھەر ماڭدامدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. نىشان قانچە بۈيۈك بولغانسېرى، توسالغۇمۇ شۇنىڭغا تۇشلۇق بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزگە ئوخشاش كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرزىمەس بىر كىشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۇنچە يۈزى تۆكۈلۈپ كېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە باشقا بىر كۈنى، ھېچكىم دەخلى قىلمايدىغان تىنچ بىر جاينى تېپىپ ئوبدان پاراڭلىشىپ باقايلى.

– نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنەلمەيلا قالدىم،- دېدى قىز. قىزنىڭ تەلەپپۇزىدىكى بايامقى كۆرەڭلىك ھايال ئۆتمەي ئېيىتقۇسىز بىر ئۈمىدسىزلىككە ئالماشتى،- سىز مېنى كلامنىڭ يېنىدىن ئېلىپ قاچماقچىمۇ نېمە؟ ۋاي خۇدايىم!- قىز شۇنداق دېدى- دە، قوللىرىنى شاپىلاقلاپ كەتتى.

– بارىكاللا،- دېدى K خۇددى شۇنچە قىلىپمۇ بىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەي ھالىدىن كەتكەن ئادەمدەك،- كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىڭىز. كلامنىڭ يېنىدىن كېتىپ ماڭا ئاشنا بولۇڭ. ئەمدى مەن ماڭاي. ئولگا!- توۋلىدى K،- ئۆيگە قايتايلى.

پىۋا تۇڭى ئۈستىدە ئولتۇرغان ئولگا تولىمۇ رايىشلىق بىلەن سىيرىلىپ چۈشتى، ئەمما ئۆزىنى چۆرىدەپ تۇرغان دوستلىرىنىڭ ئارىسىدىن دەماللىققا سۇغۇرۇلۇپ چىقالمىدى. فىرىدا K غا تەھدىت نۇرلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ بوش ئاۋازدا دېدى:

– ئىككىمىز ئەمدى قاچان پاراڭلىشىمىز؟

– مەن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالسام بولامدۇ؟- سورىدى K.

– بولىدۇ،- دېدى فىرىدا.

– ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قېپقالساممۇ بولامدۇ؟

– سىز ئاۋۋال ئولگا بىلەن كېتىپ تۇرۇڭ، مەن ماۋۇ ئادەملەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن يېنىپ كىرسىڭىز بولىدۇ.

– بولىدۇ،- دېدى K. ئۇ ئولگانى قاچان ئىشى تۈگەركىن دەپ تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتاتتى. ئۇلار ئولگانى ماڭغىلى قويمايۋاتاتتى، ئۇلار يۇمۇلاق چەمبەر ھاسىل قىلىپ پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، ئولگا ئۇلارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى، ئۇلار ھەربىر توۋلىغاندا ئارىدىن بىرسى ئوتتۇرىغا چىقاتتى- دە، بىر قولى بىلەن ئولگانىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ نەچچىنى پىرقىرىتاتتى، ئۇلار شۇ ھالەتتە بىر قانچە مەرتەم پىرقىرىدى، پىرقىرىغانسېرى سۈرئەت بارغانسېرى تېزلەشتى، ۋارقىراشلار رىتىملىق بىرلا ئاۋازغا مەركەزلەشتى. ئولگانىڭ چېھرىدە كۈلكە، چەمبەر ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقماقچى بولاتتى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى بىر- بىرىگە ئىتتىرىشىپ چىقىپ كېتىشىگە ئىمكان بەرمەيتتى.

– بۇيەرگە كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق بىر نېمىلەر،- دېدى فىرىدا لەۋلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ غەزەب بىلەن.

– ئۇلار نېمە ئادەملەر؟- سورىدى K.

– كلامنىڭ چاپانچىلىرى،- دېدى فىرىدا،- ئۇ ھەر كەلسە ئاشۇنداق بىر توپ ئادەمنى كەينىگە سېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار كەلسىلا قۇيقا چېچىم تىك تۇرىدۇ. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم، بۈگۈن سىز بىلەن پاراڭلىشىپ نېمىلەرنى دېگەنلىرىم پەقەتلا ئېسىمدە يوق؛ كۆڭلىڭىزگە كېلىدىغان گەپ قىلىپ قويغان بولسام، خاپا بولماڭ. ھەممىسى ئاشۇ نېمىلەرنىڭ كاساپىتى. ئۆمرۈمدە ئۇلاردەك پەسكەش، ئۇلاردەك يىرگىنىچلىك ئادەملەرنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. لېكىن، ئۇلارغا پىۋا قۇيۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ. كلامغا: «كەلسىڭىز، ئۆزىڭىز يالغۇز كېلىڭ، ئۇلارنى باشلاپ كەلمەڭ» دەپ نەچچە دېدىم. ماڭا قاراشلىق يەنە باشقا ئەمەلدارلارمۇ بار، ئۇمۇ مېنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىشى كېرەكتە. لېكىن ئۇ يالۋۇرۇشلىرىمغا قۇلاق سالمايدۇ. ئۇلار ھەمىشە ئۇنىڭدىن بىر سائەت بۇرۇن كېلىپ، كالا پادىسىغا ئوخشاش قىستىلىشىپ، دۈپۈرلىشىپ كىرىشىدۇ. ئەسلى بۇ نېمىلەرنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىپ جىمىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولغان. سىز بولمىغان بولسىڭىز، ماۋۇ ئىشىكنى يوغان ئېچىۋەتسەم، بۇ نېمىلەرنى كلام ئۆزى جىمىقتۇراتتى.

– ئەجەبا ئۇ مۇشۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟- سورىدى K.

– ئاڭلىمايدۇ،- دېدى فىرىدا،- ئۇ ھازىر ئۇخلاپ قالدى.

– نېمە؟- توۋلىۋەتتى K،- ئۇنى ئۇخلاپ قالدى دەۋاتامسىز؟ بايا ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن قارىغان چېغىمدا ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئويغاق ئولتۇراتتىغۇ؟

– ئۇ ھازىرمۇ شۇنداق ئولتۇرۇغلۇق،- دېدى فىرىدا،- بايا ئۇنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ بولغان. ئەگەر ئۇخلىمىغان بولسا، تۆشۈكتىن مارىلىشىڭىزغا قاراپ تۇرارمىدىم؟ ئۇ شۇنداق ئۇخلاپ كۆنۈپ قالغان، بۇ يەرگە كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۇخلايدۇ. بۇنىڭغا مېنىڭمۇ ئەقلىم ھەيران. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار شۇنداق ئۇخلىمىسا، ماۋۇ نېمىلەرنىڭ ۋارقىراپ- جارقىراشلىرىغا چىداپ تۇرالايدۇ دەمسىز؟ بۇ نېمىلەرنى ئەمدى ئۆزۈم قوغلاپ چىقارمىسام بولمىدى،- قىز بۇلۇڭدىن بىر تال قامچا ئالدى- دە، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا سەكرەپلا كىردى، بەك ئېگىز سەكرىۋەتكەچكىمۇ ئەيتاۋۇر، ئانىسىدىن ئەمدىلا تۇغۇلغان قوزىچاقلاردەك دەلدۈگۈنۈپ كەتتى. دەسلەپتە ئۇلار يەنە بىرەرى ئۇسسۇلىمىزغا قېتىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغا بۇرۇلۇشتى، ئۇنى، قامچىسىنى بىردەمدىلا تاشلىۋېتىدۇ، دەپ ئويلىدى. لېكىن فىرىدا قامچىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.

– كلامنىڭ ئورنىدا بۇيرۇق قىلىمەن،- ۋارقىرىدى ئۇ،- دەرھال ئۆيۈڭگە كېتىش، ھەممىڭ يوقىلىش!

ئۇلار ئەنە شۇندىلا فىرىدانىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە كۆزلىرىدىن K ھەرقانچە قىلسىمۇ تېگىگە يېتەلمەيدىغان ۋەھىمىلىك بىر ئۇچقۇن چاچرىتىپ كەينىگە يېنىشتى. ئالدىدىكى بىر نەچچىسىنىڭ بىر- بىرىنى ئىتتىرىشى بىلەن ئىشىكنىڭ بىر قانىتى جالاققىدە ئېچىلىپ كەتتى، ئۆي ئىچىگە شۇئان گۈررىدە سوغۇق ھاۋا ئۇرۇلدى، ھەش- پەش دېگۈچە ئۇلارنىڭ قارىسى كۆزدىن يۈتتى. ئېنىقكى، فىرىدا ئۇلارنى قوغلىغان پېتى ئاتخانىغىچە كىرگۈزۈۋەتكەنىدى.

ئەتراپنى بىردىن جىمجىتلىق باستى، K دەھلىزىدىن كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىدى. كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى شاققىدە فۇكەينىڭ دالدىسىغا ئالدى، ئۇنىڭغا فۇكەيدىن باشقا ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇدەكمۇ مۇۋاپىق جاي يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قاۋاقخانىغا كىرىشى چەكلەنمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە قونۇپ قالىمەن دەيدىكەن، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلانمىسا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ قاۋاقخانا ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەڭلا غىپپىدە فۇكەينىڭ ئاستىغا كىرىۋالدى. بايقىلىپ قالسىمىغۇ كېرەك يوق، لېكىن ھېلىقى تەلۋىلەشكەن ئوتاقچىلارنىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالمايمۇ بولمايتتى. ئىشىكتىن كىرگىنى مېھمانخانا خوجايىنى ئىدى.

– فىرىدا!- خوجايىن شۇنداق دەپ توۋلىغاچ، ئۆينى نەچچە رەت پىرقىرىدى.

ھېلىمۇ ياخشى، فىرىدامۇ ھايال بولمايلا يېنىپ كىردى، ئۇ K نىڭ گېپىنى قىلمىدى، ئەكسىچە ھېلىقى ئوتاقچىلاردىن بىر ھازا قاقشىدى، ئاندىن K نى قېنىدۇ دېگەندەك، فۇكەي كەينىگە ئۆتتى. قىز ئۇنىڭ يېنىدىلا تۇراتتى، K قىزنىڭ پۇتىنى تارتىپ شەپە بېرىپ قويدى، ئەنە شۇندىلا كۆڭلى ئارام تاپتى. فىرىدا K نىڭ گېپىنى قىلمىغاچقا، مېھمانخانا خوجايىنى ئاخىرى بولماي ئۆزى ئېغىز ئاچتى:

– يەر ئۆلچىگۈچى قېنى؟- سورىدى خوجايىن. ئۇ ھەمىشە مەرتىۋىسى ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاچقىمىكىن، گەپ- سۆزدە خويمۇ ئەدەب- قائىدىلىك ئىدى. فىرىداغا گەپ قىلغاندىمۇ بىر خىل ئىززەت- ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. بولۇپمۇ قول ئاستىدىكىلەرگە گەپ قىلغاندا خوجايىنلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى، ناز- كەرەشمىسى جاننى ئالىدىغان بۇ خىزمەتچىسى ئالدىدا بولسا گەپ- سۆز ۋە مۇئامىلىدە ئۆزىگە تېخىمۇ بەكرەك سالاپەت بېرىشكە تىرىشاتتى.

– يەر ئۆلچىگۈچى؟ مەن ئۇ ئادەمنى پۈتۈنلەي ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟- دېدى فىرىدا پاچىقىنى K نىڭ مەيدىسىگە چاپلاپ تۇرۇپ،- ئۇنىڭ كەتكىنىگە خېلى بوپ قالدى.

– لېكىن مەن ئۇنى كۆرمىدىمغۇ؟- دېدى خوجايىن،- بايىدىن بېرى مەن مۇشۇ دەھلىزدە بولمىسا.

– ئۇ راستنلا كەتتى،- دېدى فىرىدا تەئەددى بىلەن.

– ئۇ مۆكۈۋالدىمۇ يە؟- دېدى خوجايىن،- مېنىڭچە، ئۇنى شۇنداق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

– ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك يۈرەك نېمە ئىش قىلسۇن،- فىرىدا شۇنداق دېگەچ پۇتى بىلەن K نى تېخىمۇ چىڭراق باستى. قىز تولىمۇ ئوچۇق، تۈز ئىدى، K بايا ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرىنى سەزمىگەنىدى، شۇ تاپتا ئۇ قىزنىڭ بۇ خاراكتېرىدىن ئۇ گاڭگىراپلا قالدى. قىز كۈلۈپ تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا دېدى:

– ماۋۇ يەرگە مۆكۈۋالدىمۇ- يا؟- قىز شۇنداق دېدى- دە، بېشىنى پەس قىلىپ K نى چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى، ئاندىن يەنە ئۆرە بولۇپ مەيۈسلۈك ئىلىكىدە دېدى،- يوقكەن، ئۇ بۇ يەردە يوقكەن.

خوجايىننىڭ گېپىدىن K نىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى.

– ئۇنىڭ راست كەتكەن- كەتمىگىنىنى ئېنىق بىلمىسەم، خاتىرجەم بولالمايمەن. بۇ يالغۇز كلام ئەپەندىگىلا ئەمەس، قائىدە- تۈزۈملەرگىمۇ بېرىپ چېتىلىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككىلىمىز قائىدە- تۈزۈملەرگە رىئايە قىلمىساق بولمايدۇ. قاۋاقخانىغا سىز قاراڭ، مەن باشقا ئۆيلەرنى يەنە بىر تىنتىپ چىقاي. خەيرلىك كەچ! ياخشى ئۇخلاڭ!

فىرىدا خوجايىن ئۆيدىن چىقىپ بولماي تۇرۇپلا توكنى ئۆچۈردى- دە، فۇكەينىڭ  كەينىدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان K نىڭ يېنىغا كەلدى.

-قەدىرلىكىم! سۆيۈملۈك جىگىرىم!- قىز شۇنداق دەپ پىچىرلىدى، ئەمما K غا تەگمىدى، گويا شېرىن مۇھەببەتنىڭ مەستخۇشلۇقىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان كىشىدەك، ئىككى قولىنى كەرىپ ئوڭدىسىغا سوزۇلۇپ ياتتى؛ شېرىن مۇھەببەت ئالدىدا ۋاقىت ئۇلار ئۈچۈن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئىدى. قىز قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىشقا باشلىدى، توغرىراقى نەپەس ئېلىشى تېزلەشتى. [5] K چوڭقۇر خىيالغا پاتقىنىچە جىممىدە ياتاتتى. قىز توساتتىن چاچراپ ئورنىدىن تۇردى- دە، ئۇنى كىچىك بالىلاردەك تارتقۇشلىدى:

– تۇرۇڭە، بۇ يەر بەك تىنجىق ئىكەن.

ئۇلار بىر- بىرىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاشتى، قىزنىڭ ۋىجىككىنە كەلگەن گەۋدىسى K نىڭ قۇچىقىدا قىلدەك تولغىناتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنى تامام ئۇنتۇغان ھالدا بىر- بىرىگە چىرماشقىنىچە يەردە دومىلاشقا باشلىدى. K ئۆزىنى شۇنچە تۇتۇۋالاي دېدى- يۇ، ئۇنداق قىلالمىدى. ئۇلار دومىلا- دومىلا، بارغان پېتى كلام ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىگە جالاققىدە سوقۇلدى، [6] ئاندىن پىۋا بوتولكىلىرى بىلەن بىرمۇنچە پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ قالدى. شۇ تەرىقىدە نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى، تىنىقلار، نەپەسلەر بىرلەشتى، شۇ دەقىقىلەردە K ئۆزىنى يولدىن ئادىشىپ قالدىمۇ ياكى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان، ئۆزىدىن بۇرۇن ھېچكىم كېلىپ باقمىغان ناتونۇش بىر جايغا كېلىپ قالدىمۇ، ئاڭقىرالمايلا قالدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى يۇرتىنىڭ ھاۋاسىغا ئوخشىمايدىغاندەكلا قىلاتتى، بۇ يەر ئاشۇ ناتونۇشلۇقى بىلەن ئۇنى نەپەس ئالدۇرمايۋاتاتتى. لېكىن، مۇشۇ ناتونۇش جايدىكى مۇنۇ بىمەنە ئېزىقتۇرۇشلارغا بويسۇنۇپ ئالدىغا مېڭىۋەرمەي، ئاشۇ ئېزىتقۇ يولغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرمەي ئامال يوق ئىدى. شۇڭا كلامنىڭ ھوجرىسىدىن فىرىدانى چاقىرغان بوغۇق، بۇيرۇق تۈسىنى ئالغان قوپال ئاۋاز ئاڭلانغاندا، K چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى- دە، قىزنىڭ قۇلىقىغا: «فىرىدا، سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ» دېدى. فىرىدا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دىرىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ بىرنى كېرىلىۋەتتى – دە، ئاستاغىنە: «ياق، كىرمەيمەن، ئەمدى ئىككىنچىلەپ ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەيمەن» دېدى. K ئۇنى كلامنىڭ يېنىغا كىرىشكە زورلىدى، قىزنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈردى، ئاندىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن قىزنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى، ئۇ شۇ تاپتا ئېيتقۇسىز بىر بەخت ئىچىدە ئىدى- يۇ، بۇ بەخت ئۇنى چوڭقۇر داغۇ- ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ فىرىدادىن ئايرىلىپ قالسا، جىمى ئىشى كۆپۈككە ئايلىناتتى. فىرىدا گويا ئۇنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىدىن غەيرەتكە كەلگەندەك، چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتلىرى بىلەن ئىشىكنى مۇشتلاپ: «مەن ھازىر يەر ئۆلچەش خادىمىغا ھەمراھ بولۇۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىدى. كلام جىمىپ قالدى، K ئورنىدىن تۇرۇپ فىرىدانىڭ ئالدىغا تىزلاندى- دە، سۈبھىنىڭ ئاجىز يورۇقىدا تۆت ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى. نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ ئۇنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى قېنى؟ ھەممە ئىش ئاشكارا بولدى، ئەمدى ئۇ فىرىدادىن نېمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ ئۇ شۇتاپتا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك مۇنۇ رەقىبىنىڭ ئالدىدا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى، پىۋا تۆكۈلۈپ مىلىچ- مىلىچ بولۇپ كەتكەن بۇلۇڭدا بىر كېچە قىينالدى، پىۋىنىڭ ئاچچىق بۇس- بۇقۇناقلىرىدىن ئەسەبلىرى چىڭقالدى. «نېمە ئىشلارنى قىلىپ قويدۇق- ھە؟» دەپ پىچىرلىدى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە: «ئەمدى ئىككىلىمىز تۈگەشتۇق.»

– ياق،- دېدى فىرىدا،- تۈگىشىدىغىنى مەن، لېكىن مەن سىزگە ئېرىشتىم. قۇلاق سېلىڭە، ئاۋۇ ئىككىيلەننىڭ كۈلۈشۈپ بولالماي قېلىۋاتقىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟

– كىمنى دەۋاتىسىز؟- K كەينىگە ئۆرۈلدى. فۇكەيدە ئۇنىڭ ھېلىقى ئىككى ياردەمچىسى ئولتۇراتتى، كېچىچە ئۆرە ئولتۇرغاچقىمىكىن، چىرايلىرىغا ھارغىنلىق ئالامەتلىرى تېپىپ چىققانىدى، لېكىن تۇرۇقىدىن كەيپىنىڭ چاغ ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى، ئۇلاردىكى بۇ خوشلۇق ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلغانلىقىدىن پەيدا بولۇۋاتاتتى.

– نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر بۇ يەردە؟- ۋارقىرىدى K گويا ھەممە ئىش شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن بولۇۋاتقاندەك. ئۇ تۆت ئەتراپىغا ئەلەڭلەپ قارىغىنىچە فىرىدا تۈنۈگۈن ئاخشام قولىغا ئالغان ھېلىقى قامچىنى ئىزلىدى.

– سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويساق بولمايدۇ،- دېدى ئۇلار،- سارايدا سىزنى شۇنچە كۈتتۇق، لېكىن ياتىقىڭىزدىن پەسكە چۈشمىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنى ئىزدەپ بارناباسنىڭ ئۆيىگە باردۇق، سىزنى ئۇيەردىنمۇ تاپالماي مۇشۇ يەرگە كەلدۇق. سىزنى دەپ كېچىچە ئۇخلىماي ئۆرە ئولتۇردۇق. بەك تەس كەلدى جۇمۇ!

– ھاجىتىم سىلەرگە كۈندۈزى چۈشىدۇ، كېچىسى ماڭا ھېچقانداق ياردىمىڭلار كېرەك ئەمەس،- دېدى K،- كۆز ئالدىمدىن دەررۇ يوقىلىڭلار!

– مانا ھازىر كۈندۈزغۇ،- دېيىشتى ئۇلار ئورۇنلىرىدىن قىمىرلاپمۇ قويۇشماي. دېمىسىمۇ تاڭ يورۇپ قالغانىدى، ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئوتاقچىلار گۈررىدە كىرىپ كېلىشتى، K ئاللىبۇرۇن خىيالىدىن چىقىرىپ تاشلىغان ئولگامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئولگانىڭ چاچلىرى پاخپايغان، كىيىملىرىمۇ رەتسىز ئىدى، لېكىن تۈنۈگۈن ئاخشامقى شوخلۇقلىرى ھېچ يۈتكەندەك ئەمەس ئىدى. ئولگانىڭ كۆزلىرى ئىشىكتىن كىرىپلا K نى ئىزدىدى.

– نېمىشقا مەن بىلەن بىللە ئۆيگە قايتمايسىز؟- قىزنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالدى،- مۇشۇ سېسىق خوتۇننى دەپ قايتمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟- قىز بۇ گەپنى يېنىش- يېنىشلاپ تەكرارلىدى. بايا نېرىغىراق بېرىپ تۇرغان فىرىدا بىر بوغچا كىيىمنى كۆتۈرگىنىچە يېنىپ كەلدى. ئولگا كۆڭلى ئاجايىپ بىر يېرىمچىلىق ئىلىكىدە كەينىگە بىر قەدەم داجىدى.

– ئەمدى ماڭساق بولىدۇ،- دېدى فىرىدا. ئېنىقكى، ئۇ كۆۋرۈك بويىدىكى سارايغا كېتەيلى دەۋاتاتتى. K فىرىدا بىلەن ياندىشىپ ئالدىدا ماڭدى، كەينىدىن ھېلىقى ياردەمچىلەر بىلەن ئولگا ئەگەشتى. دېھقانلارنىڭ چېھرىدىن فىرىداغا بولغان ناھايىتى كۈچلۈك بىرخىل مەنسىتمەسلىك ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى، ئۇلار شۇنداق قىلىش ھەقلىق ئىدى، چۈنكى قىز ئۇلارنى تا مۇشۇ كەمگىچە ئالقىنىدا ئوينىتىپ كەلگەنىدى. ھەتتا بىرى قولىغا كالتەك ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىنى تورىماقچىمۇ بولدى. لېكىن ئولگا بىرلا ئالىيىپ قويۇۋېدى، شۈمشەرىگىنىچە كەينىگە داجىدى. K غىچلا قار قاپلىغان تالاغا چىقىپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى، تالاغا چىقىپ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك سەزدى. بۇ دورەم يول مېڭىش ئۇنىڭغا ئۇنچە قىيىن تۇيۇلمىدى. ئەگەر ئۇ يالغۇز ماڭغىنىدا ئىدى، تېخىمۇ راھەتلىنىپ قالغان بولار ئىدى. ئۇلار سارايغا يېتىپ كەلدى، ئۇ ئۇدۇل ياتىقىغا كىردى- دە، ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى، فىرىدامۇ ئۇنىڭ كارىۋېتىنىڭ يېنىغا پالاز تاشلاپ ئۇخلاشقا تۇتۇندى. ئىككى ياردەمچىمۇ كەينىدىن سوڭدىشىپلا كىرىشتى- يۇ، يەنە قوغلاپ چىقىرىلدى، شۇنداقتىمۇ يەنە دەرىزىدىن ئارتىلىپ كىرىشتى. ئۇيقۇنىڭ قىينىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان K نىڭ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ھەپسىلىسى قالمىغانىدى. سارايۋەننىڭ ئايالى ئاتايىن فىرىدانى قارشى ئالغىلى چىقتى، فىرىدا ئۇنىڭ بىلەن «ۋاي جېنىم ئاپا» دېگىنىچە ئۇزۇن قۇچاقلاشتى، ئىككيىلەن يۈزلىرىنى يېقىشىپ قىزغىن كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ بۇنچە قىزغىن كۆرۈشۈشىنىڭ تېگىگە يېتىش تولىمۇ قىيىن ئىدى. ئەرەنچە ئۆتۈك كىيىۋالغان ئايال خىزمەتكارلارنىڭ بىر نەرسىلەرنى باھانە قىلىپ ھېلىدىن- ھېلىغا كىرىپ- چىقىشلىرى كاتەكتەك تار بۇ ئۆينىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ئۇلار K نى ئۇخلاۋاتىدۇ دېمەستىن، ئۇ ياتقان كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىراتتى. فىرىدادىن تىنچ- ئامانلىق سورايتتى، بۇنىڭدىن فىرىدانى ئۆز ئادەم قاتارىدا كۆرۈۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. K شۇ ئۆرە- تۆپىگىمۇ پەرۋا قىلماي ساقمۇساق بىر سوتكا ئۇخلىدى. فىرىدا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى قىلىشىپ بەردى. K ئەتىسى سەھەردە ناھايىتى روھلۇق كەيپىياتتا ئورنىدىن تۇردى، بۇ ئۇنىڭ كەنتكە كەلگەن تۆتىنچى كۈنى ئىدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11022

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: