پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دوستويۋىسكىي ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەسى

دوستويۋىسكىي ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەسى

 

ئوسمانجان مۇھەممەت

    روسىيە تەنقىدى رېئالىزىم ئەدەبىياتى 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شەكىللەنگەن بولۇپ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاياقلاشتى. بىر ئەسىرگە يېقىن روسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئەل ۋەتەننىڭ،ئاۋام –پۇقرالارنىڭ ، دەرد ھالىنى تەسۋىرلەپ ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇلار زۇلمەتلىك رېئاللىقنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۇردى، يانچىلىق تۈزۈمگە تىغمۇ-تىغ قارشى تۇردى ، ئۇلار ئىدىيە ۋە بەدىئى جەھەتتە خېلى يۈكسەك پەللىگە يەتتى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە رېئالىزىم ئىلمىنىتلىرى روشەن ئۆسۈشكە باشلاپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى تەھدىد ،كىرزىسكە ئۇچىرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم بۇرژا دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بىر تۈركۈم مەرىپەتلىك ياشلار مۇستەبىت تۈزۈمگە قۇراللىق قارشى چىقتى، بۇ تارىختا « دېكابىرسلار ھەرىكىتى » دەپ ئاتالدى، بۇ ھەرىكەتكە ياش گىۋاردىيەلەر قاتناشتى . ئۇلارنىڭ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ ھەرىكەت رۇسىيە ئازادلىق ھەرىكىتنڭ باشلىنىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە خەلقىنىڭ ئېڭى مىسلىسىز دەرىجىدە ئويغاندى. ئەمما دىكابىرستلار ھەرىكىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، روسىيەدە يەنە زىددىيەتلىك ھۆكۈمرانلىق باشلاندى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى بورژۇا ئىنقىلابى ئىددىيەسىنىڭ تەسىرنى بېسىش ئۈچۈن يانچىلىق تۈزۈمنى باسىدىغان ئەكسىيەتچىل نەزەرىيەلەرنى بازارغا سالدى، ئەمما كاپتالىزملىق ئىلغار ئىدىيە –مۇناسىۋەت يەنىمۇ تەرەققى قىلغاچقا يانچلىق تۈزۈم كىرزىسقا دۇچ كەلدى. ئۇ چاغلاردا يەنە دىكابرستلار ئويغاتقان ياش بىر ئەۋلادلار يانچلىق تۈزۈمگە قارشى تۇردى، بىلنىسكى، پۇشكىن قاتارلىق مەشھۇر ئەدىب ۋە شائىرلار يانچلىقنى بىكار قىلىش كۈرشىگە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكتى بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت بۆلۈنمىسىگە بۇرىدى، يانچىلىققا قارشى كۈرەش ئەدەبىيات –سەنئەتتىن جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى ۋە تەنقىدىي رېئالىزم ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئاساس، ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بەردى. ساترىك يازغۇچى، شائىرلار پىسخىك تەسۋىر جەھەتتە مۇۋۋەپىقىيەت قازىنىپ، رەزىللىكنى ئۆتكۈر تىل بىلەن پاش قىلدى. ئادىل غايىۋى روھىيەت مەنزىلىگە ئىنتلىدى. بۇ روس تەنقىدىي ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رېئالىزملىق ئەدەبىياتمۇ بارلىققاكەلدى. كېرىلوف، لېرمېنتوۋ، گوگول، پوشكىن،سىولجىنىكىي،تۇرگېنىۋ،گانچاروۋ،ئوسترىۋسكىي،نېكراسوۋ،شېردىلېن،دوستىيوۋىكى قاتارلىق يازغۇچى –شائىرلار تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسلوبى بىلەن ئىجادىيەت قىلدى. ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكلى فىيودور مىخايلوۋىچ دوستيوۋىسكىدۇر. ئۇ ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاۋام –پۇقرالارنىڭ دەرد-ھالىنى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش دائىرسىنى كېڭەيتتى ، كىشلەرنىڭ قارشى تۇرۇش روھىنى ئورغۇتۇپ، يانچىلارغا قارشى تۇرۇش ئىنقىلابى ئىدىيەنى تارقاتتى. ئۇ ئەينى چاغدىكى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان پەلسەپە بىلەن ئىستېتىكا ساھەسىدىكى مەسىللەرنى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىقنىڭ مەسلىسىنى ئۆز ئىجادىيتىدە توغرا بىر تەرەپ قىلدى. تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئارقىلىق دەۋر روھىنى ئەكىس ئەتتۈردى. ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان بەدىئى قۇدرەت ئارقىلىق روسىيە جەمئىيتنىڭ ئەكسىيەتچىل، چىرىك، رەزىل روھىنى قاششاق قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقنىڭ ئويغانغانلىقنى ئەكىس ئەتتۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ « نادامەت »، «جىنايەت ۋە  جازا »، « مەجنۇن» ، «خورلانغانلار ۋە بوزەك بولغانلار » قاتارلىق ئەسەرلىرىدە كونا تۈزۈمگە قارشى تۇرغان ئاۋاملارغا ھېسداشلىق قىلدى، كاپتالىزم تۈزۈمنىڭ ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ تاۋار ئورنىدا سېتىلۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېچنىشلىق تەقدىرىنى، بۇرژا جەمئىيتىنىڭ چىركىنلىكى بىلەن رەزىللىكىنى پاش قىلدى. شۇڭا ئۇ «ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار»قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەخلاقنى پاكلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار دۇنياسىدىكى رەزىل جىنايى قىلمىشلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشتى، ئۇنىڭ ئىجادىيتى مەيلى پاسىپ ياكى ئاكتىپ جەھەتتە بولسۇن روسىيە ئەدەبىياتىغا جۇملىدىن پۈتكۈل ياۋروپا ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.

دوستيوۋىسكى خاراكتېرى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئىنتايىن مۇرەككەپ يازغۇچى بولغاچقا ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھامۇ ھەر خىل. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۇنىڭ سىياسى قارشى ، پەلسەپەۋى قارشى ۋە سەنئەت قارشى ئۆزگىچە بولغاچقا ، ئەسەرلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە . ئۇ غۇربەتچىلىك ،جاپالىق ياشىغان بولسىمۇ، ئەدەبىيات يولىدىن يەنىلا چەتنىمىدى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەت بىلەن توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. بۇنداق زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى ئۆز ئەسەرلىرىدە بايان قىلدى. پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى پىسخىك نوقتىدا تۇرۇپ تەسۋىرلدى. ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شان-شۆھرىتى بارغانسىرى ئاشقاچقا، شان-شەرەپكە مۇناسىپ ھالدا دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

1

فىيودور دوستيوۋىسكى ( 1881- 1821) نامرات ، ئاددىي ئاۋام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ بوۋىسى سولغان ئاقسۆڭەك، ئاتىسى نامرات دوختۇر ئىدى. ئانىسى مۇسكۇۋادىكى سودىگەر ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان، ئىشچان،  ئائىلگە، پەرزەنتلىرىگە سادىق، ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. ئۇ نامرات ، تىجەشچان ئائىلىدە چوڭ بولدى . ئۇ ئەزىم ھايات يولىدا ئاتىسىغا بىر خىل مۇرەككەپ ھېسىياتتا بولۇپ كەلدى. ئاتىسىنىڭ مېھرىبالقىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئاتىسى پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى ، ئەمما پەرزەنتلىرىنى ھەرگىز ئۇرۇپ –تىللىمايتتى، مائارىپقا، تەربىيەگە سەل قارىمايتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى كۈندىلىك داۋالاش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيتتى. شۇنداق بولغاچقا دوستىيوۋىسكى ئاتىسىدىن تەسىرلەندى، ئاتىسىدىن گۈزەلىككە ئىنتىلىشتەك ئىلھام بۇلىقىدىن شەربەت ئىچتى. ئاتىسى قاتتىق قول ئادەم بولسىمۇ، ئائىلىگە قاتتىق تەلەپ قويسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە، تېجەشچان ئادەم بولسىمۇ، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. پەرزەنتلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە، مۇئەييەن تەسر كۆرسەتتى، پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئاتىسى كىچىك بولسىمۇ ئىگىلىك تىكلىدى. 8 – دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاقسۆڭەڭ دېگەن نامغا مۇشەرەپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن دوستىيوۋىسكىنىڭ ئاپىسى بىلەن بولىدىغان چاغلىرى كۆپ بولدى. ئۇنىڭ بالىلىق ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى گۈزەل سەھرادا ئۆتتى. ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە گۈزەل تەبىئەت مەنزىرلىرى، جانلىقلار نەقىش بولۇپ ئويۇلدى. ئۇ كەڭ تەبىئەت قوينىدا قۇش كەبى پەرۋاز قىلدى. ئاجايىپ ھېكايە – ۋەقەلەر كۆڭۈل بەتلىرىگە خاتىرلەندى. تەبىئەت بىلەن بىر تەن بىر جان بولدى. رۇس خەلقىنىڭ مىللىي روھىنىڭ تەققاسىغا ئايلاندى. ئاق كۆڭۈل ئاۋام پۇقرالارغا مۇشتاق بولدى. ئۇلارنىڭ شادلىقىغا شادلىق قوشتى، دەردىگە دەرمان بولدى. ئۇنىڭ ئاشۇ  بالىلىق چاغلىرىدا ئۆتكەن سەھرا تۇرمۇشى ئۇنىڭ كېينىكى تۇرمۇشىغا،ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى ،ئىجادىيتى ئۈچۈن ئېلھام بولاقى بولدى .ئۇ كېيىن سەھرادىن قايتىپ فىرانسوزچە مەكتەپكە كىردى،مەكتەپكە كىرىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نۇرغۇن روس ئەدىبلىرىنىڭ نامىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، چەت ئەلنىڭ تارىخىنى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ، چوڭقۇر بىلمگە ئىگە بولدى ۋە ئىلھام ئالدى ، بۇ ھال ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيتى ئۈچۈن پۇختا يېزىقچىلىق ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ دەسلەپتە پوشكىن، بىلنىسكىي ، گوگول قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە چوقۇندى ، «ئىنجىل» ھېكايلىرىنى قېتىرقىنىپ, كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇدى. «ئىنجىل »دىكى گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدىكى ھېكايە-رېۋايەتلەر ئۇنىڭ كۆڭۈل بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئېلىپ، ئۇنى ئۆمۈر بۇيى ھىدايەتكە باشلىدى. ئانىسى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ،پۈتۈن ئائىلە بويىچە سەھراغا كۆچۈپ كېلىپ ،سەھرا تۇرمۇشىنى باشلىدى .

     دوستيوۋىسكى ئاتىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئېمتىھانىغا قاتناشتى . ئۇ ئىمتىھاندا بىرنچى بولغان بولسىمۇ، تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرەيلەن ئىگىلەپ كەتتى. ئۇ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۈمىدىدىن ۋاز كەچمەي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە ئۈمىد چىرىغى ئۇنىڭغا قاراپ يالقۇنجىدى . ئاتىسىنىڭ بىر دوستى دوستيوۋىسكىنى ئوفېتسىرلار قۇرۇلۇش ئەترىتىگە تونۇشتۇردى . ئۇنىڭ ھامما ئاچىسى ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەيدىغان بولدى . شۇنىڭ بىلەن دوستيوۋىسكى قارا فورما ، ئىگىز قالپاق كېيىپ ، ھەربىي مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى . ئۇنىڭ ھەربىي مەكتەپتىكى تۇرمۇشى ناھايىتى ئازابتا ئۆتتى . دەرىسلەرنىڭ كۆپلىكى ، تېتىقسىز مەشغۇلات ، قوپال مەشقاۋۇل ئۇنى ھالسىرىتىپ قويدى ، يەنە كېلىپ ئۇنى كونا ئوقۇغۇچىلار بولىشىغا بوزەك قىلدى ، ئۇرۇپ ئويناپ كۆڭۈللىرىنى خوش قىلدى ،بۇنداق ئەھۋاللار بىلەن مەكتەپنىڭ زىنھار كارى بولمايتتى ،باي –غۇجىلارنىڭ ،تۆرە –ئىسىلزادىلەرنىڭ پەرزەنتىلىرى ،نامرات-ئاۋاملارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بوزەك قىلاتتى .ئۇ پۇلى بولمىغاچقا ھەمىشە ئاچ قالاتتى ،سوغوقتا تىتىرەپ يۇرەتتى ،ئاغرىپ قالسا دورا-دەرمەك ئېلىپ ئىچەلمەيتتى ،دوختۇرغا كۆرۈنەلمەيتتى ،ئەمما ئۆزىنى قەيسەر تۇتاتتى ،نامراتلىق بىلەن كۆرەش قىلاتتى ،ئۇنىڭ يۇمران كۆڭۈل باغچىسىدا ۋىجدان ،تەڭ باراۋەرلىك گۈللىرى ئېچىلىۋاتاتتى ،پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ تەڭ ،باراۋەر بولۇشىنى ،ئىزگۈ تۇيغۇدا بولۇشىنى ئىستىدى .ئۇ كۆڭلىگە بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەچكە ئۆزى قىزقمايدىغان ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ ،ئىشتىن سىرىتقى چاغلاردا ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان ،كېينمۇ بىر تەن بىر جان بولغان ئەدەبىياتىنى تەرك ئەتمىدى .بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ،نۇرغۇن دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ،ئۆزىنىڭ دۇنياۋىي تەشنالىقىنى قاندۇردى ،روھىي دۇنياسىنى بېسىقتۇردى .ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا قاتتىق بېرىلىپ كەتكەچكە ھەربىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا قېپ قالدى ،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاتا ئاچچىق يۇتۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۇزۇنغا بارماي لەھەت يولىغا سەپەر قىلدى . دوستويۋىسكى ئاتسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئازابلاندى ، يۈركىگە نەشتەر سانجىلغاندەك بولدى ، ئونىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى جىمغورلۇق قاپلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالدى . ئۇ شۇنداق مۈشكۈلاتلار ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئەدەبىياتنى باشتىن-ئاخىر ئاشنا تۇتتى . بارغانسېرى كۆپلەپ ئەسەرلەرنى ئوقۇدى ، ئەدەبىياتنى بارغانسېرى چۇڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئوي-پىكىر شەكىللىنىشكە باشلىدى . مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئونىڭ ئازاپلىق تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈردى . روھى بوشلۇقىنى تولدۇردى ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىنى باشلىدى . بۇ ئونىڭ ئون يەتتە ياش چاغلىرى ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەربى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ھەربى قۇرۇلۇش خىزمىتىگە تەقسىم قىلىندى ، ئەرزىمەس بىر مۈلكىي ئەمەلدار بولدى . ئۇ ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالدىدا بۇنداق خىزمەتنى چوڭ بىلمدى ، يەنىلا ئەدەبىيات ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى . بۇ چاغدا فىرانسىيلىك يازغۇچى بالزاكنىڭ « يۋگىنى گىرانتى » دېگەن ئەسىرى ئونىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا ئۇ ئەسەرنى روسچىغا تەرجىمە تەرجىمە قىلدى ، ئۇشبۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ، ئۇ قەلەم ھەققىگىمۇ ئىگە بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئونىڭدا يېزىقچىلققا ، ئەدەبى ئىجادىيەتكە بولغان ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئېشىپ ، ھەربى سەپتىن چىكىنىپ ، خاس ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى . ئۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە پەيدا بولغاندىن كېيىن خۇددى سۈزۈك ئاسماندا چاقناۋاتقان چولپاندەك چاقناپ روس ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەدىب ،يازغۇچىلارنى تاڭ قالدۇردى . ئۇ قورقۇنۇچلۇق رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ، مەسىلنىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ بەردى ، ھەقىقەتنى چۈشەندى ، شۇنداق بولغاچقا  ئۇ بلنىسكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ، بۈيۈك شائىر نىكراسوف ئونىڭ ئىجادىيتىنى قوللىدى ۋە ئونىڭغا شارائىت يارتىپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىلنىسكىي ، نىكراسوفلار بىلەن تېخىمۇ قۇيۇقلاشتى ، ئەدەبىيات مەسىللىرى ئۈستىدە مۇلاقەتتە بولدى ، جەمئىيەتتىكى گۈزەللكنى ، ياخشلقىنى ، ئېزگۈلۈكنى ھەم رازىللكنى ، خۇنۈكلكنى ، ئەدەبىيات ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىپ ، گۈزەل غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستىكىنى يىتلدۈردى . ئۇ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقنى ، چىنلقنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۆلچىمى قىلدى . جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ  تەرەپلىرىنى بەدىئىي ئوسۇل بىلەن يۇرۇتۇپ بەرمەكچى بولدى . يازغۇچى دوسىتلىرى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمىدى ، ئەدەبىيات سالونلىرىغا قاتنىشىپ ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كۆز-قارشىنى بايان قىلدى ، ھەرقانداق بىر ئىجتىمائى ھادىسلەرگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىدى . ئەمما توقۇنۇش –ئىختىلاپلاردىنمۇ خالىي بولالمىدى ، نۇرغۇن كەسىپداشلىرى بىلەن خەيرلەشتى ، ئەمما بىلنىسكىي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىدى ، ئايرىم مەسىللەردە بىردەك قاراشقا كىلەلمىسىمۇ ، ئەمما ئورتاقلققا ئىگە بولاتتى ، ئولار ئارىسىدا چىن دوسىتلۇق پەيدا بولدى ، شۇڭا بىلنىسكى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئونىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ قالدى ، ئونىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇردى …

     ئۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە داڭق چىقىرش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى ، ئەدەبىياتتىن باشقا مەسىللەرگىمۇ نەزىرىنى ، دىققىتىنى ئاغدۇردى ، ئۇ بۈيۈك يازغۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى چاغدىكى روسىيەنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائى ۋەزىيتىنى كۈزەتتى ، مۇھىم ئىجتىمائى ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلدى ، شۇ دەۋىرنىڭ ئىلغار زاتلىرى ، ئەرباپلىرى بىلەن بىلەن بىرلكتە سوتسىيالىزىم ، كوممۇنىزىم ، سىياسىي-ئىقتىساد ، ئىجتىمائى تۈزۈم ھەققىدە ئويلاندى ، ئادەمنى ئادەم يەيدىغان ئىكىسپاتاتسىيە قىلىدىغان ، چىرىك جەمئىيەتنى ، ئىجتىمائى تۈزۈمنى تۈگۈتۈپ ، ھەممە ئادەم تەڭ ، باراۋەر بولىدىغان گۈزەل جەمئىيەتكە ئىنتىلدى ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ياقلىدى ، يانچىلىق تۈزۈمنى قاتتىق تەنقىت قىلدى ، ، قانۇنلۇق يول بىلەن يانچىلارنى ئازات قىلىش كېرەك دەپ ئويلىدى ، ئۇنىڭ بۇنداق گۈزەل غايىۋى ئىدىيسى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈلدى ، ئىلغار ئىددىيىنى قۇۋەتلىدى ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلغار ئىدىيلكلەر بىلەن مەخپى ئۇچراشتى ، ھەرىكەت قىلدى . ئەدەبىياتنى ۋاستە قىلىپ چار پادىشاھنىڭ چېرك ئىجتىمائى تۈزۈمىگە قارشى چىقتى ، كۆزگە قادالغان مىق دەپ بىلگەن چار پادىشاھ ئۇنى ئاخىرى قولغا ئالدى . ھەربىي سوراققا تارتتى . جىنايىتى ئېغىر دەپ قاراپ ، پۈتۈن ھەربى ئۇنۋانى ۋە مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ، دەرھال ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇدى ، ئەمما كېيىن باش تەپتىش مەھكىمىسى ئونىڭ مەخپى ھەركىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئونىڭ ياش يىگىت ئىكەنلكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۆلۈم جازاسى سۈرگۈن قىلىش جىنايتىگە ئۆزگەرتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى باشلىدى . ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈردى . ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا تۇتقاقلىق كسىلى پات-پات قوزغىلىپ قالدى ، ئۇ ئۆزىنى ئونۇتقان ھالدا خورلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ياش تۆكتى ، نامرات ئاۋام ، پۇقرالارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقتى . ئۇ تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن بىھۇدە قامالغانلار بىلەن سىرداش دوسىتلاردىن بولۇپ قالدى ، ئولارنىڭ ئادەمنىڭ يۈركىنى ئۆرتەپ تاشلايدىغان ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىدى ، خاتىرلىدى ، ئەسەرلىرىگە پۈتتى . ئۆزىمۇ يەتكۈچە ئازاپ تارتىپ ، بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى ، شۇ كۈنلەردە بىر شۇم خەۋەر كەلدى . يىگىرمە بىر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش ئېلانى ئېلان قىلىندى . ئۆلۈم كۆلەڭگۈسى ئولارغا يېقىنلاپ كەلدى ، بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن دوستويۋىسكىمۇ تۈۈرۈككە باغلاندى . ئۆلۈم ئالدىدا ئونىڭ پىكىرلىرى چېچىلدى ، خىيال كەپتەرلىرى كۆڭۈل ئالىمىدە پەرۋاز قىلدى ، ئو ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلاندى ، ئونىڭ بۇ ئوي-پىكىرلىرى ئونىڭ كېيىنكى ئىجادىيتىدە نامايەن بولدى ، مىلىقنىڭ ئېغىزى ئونىڭغا دىۋەيلەپ تۇرغان چاغدىمۇ  ئۇ زىنھار شۈركۈنمىدى ، ئېتىلسۇن دەپ بۇيرۇق بېرىلسىلا  ئۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلاتتى . ئەمما شۇ چاغدا مۆجىزە يۈ بەردى . جىددىي ئېلىپ كىلىنگەن بىر پارچە ھۆججەت قومانداننىڭ قولىغا تەگدى . شۇنىڭ بىلەن مىلتىق ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىلدى . ئومۇ باغلاقتىن بوشتىلدى . سىبىريەگە سۈرگۈن قىلىندى ، ئۇ يەردە تۆت يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندىن كېيىن چىگرا رايۇنغا بېرىپ ئەسكەر بولدى . شونىڭ بىلەن ئونىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ كۈچەيدى . ئىدىيەنى ، روھنى تېخىمۇ پاك تۇتۇش ئۈچۈن تىرشتى . ئو ئېرىتىش دەرياسى بۇيىغا جايلاشقان ئىرمۇسكىي تۈرمىسىگە كەلدى . ئونى ئەر-ئايال دۇسىتلىرى يوقلاپ كەلدى . ئۇنىڭغا باتۇرلارچە ياشاشنى ئېيتىدى ، تۈرمە قاتمۇ-قات تام ۋە قاشالار بىلەن ئورالغان ئىدى . سۈرلۈك دەرۋازىسى ھامان ئىتتىكلىك توراتتى . گۇندىپاينىڭ چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى قاراۋۇللار بىلەن نۆەت بىلەن 24 سائەت پوستتا تۇراتتى . 200دىن ئارتۇق جىنايەتچى بار ئىدى . يازدا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولاتتى ، قىشتا سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق بولاتتى ، بىر كامىردا 30نەچچە جىنايەتچى بار ئىدى . كامىر زەي ھەم سېسسىق ئىدى . ئورۇش – جېدەل بولۇپ تۇراتتى ، بۈرگە ، چوسا ، پىت ئولارنى خالىغانچە بوزەك قىلاتتى . ئۇ تۈرمىگە كەلگەن تۇنجى كۈنى ، سەۋەبسىزلا تىل-ئاھانەت ئاڭلىدى . گۇندىپاي ، ئالدامچى ، ھاراقكەش ، چاكىنا ، ئىپلاس ، قائىدە ئۇقمايدىغان ، كەيىپ-ساپاغا بىرىلگەن ھەمىشە يامانلقىنى ئويلايدىغان چۆىپرەندە ئىدى . ئۇ ئەپ تاپسىلا دوستويۋىسىكىغا تۇزاق قۇردى . ئۇردى . شۇنىڭ بىلەن دوستۇيۋىسكىنىڭ تۇتقاقلىق كىسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى . ئەمما گۇندىپاي ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىدى . ئاش-غىزادىن قىستى . ئېغىر ئەمگەككە سالدى . مەجبۇرىي ئىشلەتتى . ئونىڭدىن باشقا تەن جازاسىغا ، روھىي جازاغا ئۇچىردى . ئاخىر بېرىپ كىتابمۇ ئوقىيالمىدى ، ئەسەرمۇ يازالمىدى . ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىدىغان دوسىتلار بىلەنمۇ پاراڭلىشش ئىمكانىيتى بولمىدى . ھەتتا تەنھا تۇردىغان چاغلىرىمۇ ئاساسەن بولمىدى ، ھامان بايقۇت ئاستىدا تۇردى . ئۇ سىياسىي جىنايەتچى دەپ قارالغاچقا ئادەتتىكى مەھبۇسلارغا قارىغاندا قاتتىق جازاغا ئۇچىردى . شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى يانچىلار ، ئەسكەرلەر ، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىدى ، ئەمما ئونىڭ سۇلماس ئىرادىسى تۈرمىداشلارنى قايىل قىلدى . تۈرمىداشلارنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى . ئۇ ھامان تۈرمىدىن چىقتى . ئۇ تۈرمە دەرۋازىسىدىن چىقىپ  بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ، ئۇسسىغىنىچە نەچچە باھار بۇ يەردە ئۆتتى ، نۇرغۇن ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ ھاياتى بۇيەردە ئۆتتى ، -دېدى . ئۇ مۇشۇ چاغدىلا ئۆزى بىلەن ئاۋام ئوتتۇرسىدىكى ئارلقنى تۇنجى قېتىم بىلدى ، تۇرمۇشنى ، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ھال كۈنىنى ھەقىقي چۈشەندى . ئۇ تۆۋەن قاتلام جەمئىيەتنى چۈشىنىپ ، ئۆزىدىكى روھىي جىمغورلقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرشتى . روھىي جەھەتتىن ئىزدەندى ، ئىتقادىنى مۇستەھكەملەپ  ، ئىنسانلارنى نىجات تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئويلاندى . ئۇ ئوتۇپىيەگە ئوخشاپ كىتىدغان ، سوتسىيالىزىمنى ئىنكار قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت تەرەپلىرىگە قاتتىق ئۆچ بولدى . خەلققە يېقىنلاشتى ، خەلقتىن ئۆگەندى . ئەركىنلككە ، ھۆرلككە ئىنتىلدى ، ئونىڭ بۇنداق ئىددىيەسى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈلدى .

ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ، سىربىيە يەتتىنجى چىگرا مۇداپىئە لاگىردا ئەسكەر بولدى ، بۇ لاگىر  قىرغىز يايلاقلىرىغا جايلاشقان ئىدى ، شىنجاڭنىڭ چىگراسىغا يېقىن ئىدى ، بۇ يەردىن ئېرىىتىش دەرياسى ئېقىپ ئۆتسىمۇ ئەمما شارائىتى ناچار بىرەر تۈپ دەل-دەرەخنىمۇ چېلقتۇرغىلى بولمايدىغان ،ئاران ئۈچ مىڭ ئاھالىسى بار،ئاھالىسى يېرىم چارۋىچىلىق قىلاتتى .كىگىز ئۆيدە ئولتۇراتتى ،تۇرمۇشى قىيندا ئۆتەتتى .دوستىيوۋىسكى ئامالسىزلىقتىن بۇنداق قىيىن تۇرمۇش شارائىتىغا كۆندى .بۇنداق قىيىن تۇرمۇش شارائىتىدا ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلدى .ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى دەخلىگە يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن لاگىرغا يېقىن يەردىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ،ئۆزى يالغۇز تۇردى ،ئىجارە ھەققىنى ئاكىسى تۆلەپ بەردى .ئۇ بۇ ئۆيدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدى ،نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۆڭلىگە پۈكتى .ئۇ شۇ يەردىكى پوررىكتور بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى .بۇ خەۋەر تىزلا تارقالدى .شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەدەبىيات ئاشنالىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى .ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مەسلىلەردە ،بولۇپمۇ ئەدەبىيات ھەققىدە مۇلاقەتتە بولدى .ھەتتا شۇ يەردىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار ،كەسپىي خادىملارمۇ ئۇنى يوقلاپ تۇردى ،شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىش بولدى .ئۇ شۇ كۈنلەردە ئىسسايېف ۋە ئۇنىڭ خۇتۇنى مارىيە ئىسايېف بىلەن تونۇشتى .ئىسايېف شۇ يەردىكى خانتۇ ئىدى .ئۇزۇن يىل ئوپاكە كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقانىدى ،ئۇ ئۆپكە كېسىلى بولۇشىغا قارىماي ئۆلگۈدەك مەيخورلۇق قىلاتتى .ھاراق ئىچىۋېلىپ ،ئالەمنى مالەم قىلاتتى .ئۇ دوستىيوۋىسكى بىلەن تونۇشقاندا خىزمىتىدىن قوغلانغانىدى ۋە يېڭى خىزمەت ئىزدەۋاتاتتى ،كۈنى غۇربەتتە ئۆتەتتى .دوستيوۋىسكى ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغانسېرى كۆپ كىرىپ چىقىدىغان بولۇپ قالدى .دوستيوۋىسكىنى جەلىب قىلۋاتقىنى ئۇ ئەمەس ئۇنىڭ بەرنا ،نازنىن يەتتە ياشلىق بىر بالىسى بار ئايال مارىيە ئىدى .ئالتۇن چاچ ،ئوتتۇرا بوي،زىلۋا ،خۇش مىجەز ،ھېسياتچام ،بىلمخۇمار ،جانلىق ،شوخ بۇ ئايال دوستىيوۋىسكىغا ئۆز ئېرىدىنمۇ بەك كۆيۈندى .دوستىيوۋىسكيمۇ بۇ ئايالنىڭ بەختسىزلىكىگە ئىچىنى ئاغرىتتى .بۇنداق ئۆز-ئارا ھېسداشلىق ئاخىرى مۇھەببەتكە ئايلاندى .دوستيوۋىسكى ئۇنىڭغا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قالدى ،ئۇنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدى ،مارى پۈتۈن دەرد-ھالىنى دوستىيوۋىسكىغا تۆكتى .دوستيوۋىسكى ئۇنىڭ سادىق ئاڭلارمىنىگە ئايلاندى .دوستيوۋسىكى ئۇنىڭغا ھەرتەرەپتىن ياردەم قىلىپ تۇردى ،مارىنىڭ ئېرى مەيخورلۇق،دەرد- ھەسرەت تۈپەيلدىن ئۆلۈپ كەتتى .دوستىيوۋىسكىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ ئوفېتسىر بولى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشىغا چەك قويۇلدى .نىھايەت ،دوستىيوۋىسكىي مارى بىلەن توي قىلىش نىيتىگە كەلدى ،ئۇلار توي قىلدى .توي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوستىيوۋىسكىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى يەنە قوزغىلىپ قالدى .مارى قورقۇپ كەتتى ،بۇ ھال ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى .ئەمما مارىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان يۈرىكى مۇھەببەت رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى .ئۇ ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،مۇسكۇۋاغا قايتىپ كېلىپ ،ئەركىن ئىجادىيەت ئالىمىدە ياشىدى ،بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆپلىگەن ئۆتكۈر نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى ،يۈكسەك سەنئەت پەللسىگە يەتكەن يۇمۇرىستىك ئەسەرلەرنى ياراتتى ،كۆيۈمچان مارى ئۇنىڭ ئايرىلماس ھەمراخان ئايلاندى ،مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق پېتىربورگقا قايتىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى .

ئۇ پېتىربۇرگقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئىجتىمائىي جامائەت پىكىرلىرىنى كونتىرول قىلىشنى مەلۇم دەرىجىدە بوشاتتى ،شۇنىڭ بىلەن ئاخپارات ،نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى گۈللەپ –ياشناش ۋەزىيتى پەيدا بولدى .بۇ دەۋردە لىبرمېنتوۋ ،گوگول ،بىلنسكى قاتارلىق مەشھۇر شائىر ،يازغۇچىلار ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ،روس ئەدەبىيات مۇنبىرىدە يەنە لېف تولىستوي ،گانچاروۋ، ئوستىروۋىسكىي قاتارلىق ياش يازغۇچىلار چولپان كەبى چاقنىدى . بۇ ھال دوستىيوۋىسكىدا يەنە ئۈمىد پەيدا قىلدى . ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ پېتىربورگقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئۇنى قەھرىمان دەپ بىلدى .ئۇ زېنھار ئۈمىدسىزلەنمەي ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىقچىلىققا بېرىلدى . تۈرلۈك ئەدەبىيات –سەنئەت كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشىغا ۋە تۈرلۈك ئەدەبى ئەنجۈمەنلەرگە ئىشتىراك قىلدى .ياش يازغۇچى –شائىرلار بىلەن مۇلاقەتتە بولۇپ ،تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتى .مەشھۇر يازغۇچى ،شائىرلار درامىدا رول ئالدى .دوستىيوۋىسكى درامىدا رولنى ياخشى ئالغاچقا كىشلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى .ئۇ « مەشئەل »ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ كۆپ يازغۇچى –شائىرلار بىلەن تونۇشتى .ئىجادىيەتتە تېخمۇ ئىلگىرلىدى .شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئاكىسى مىخائىل ئەدەبىي ژۇرنال چىقارماقچى بولغانلىقىنى دېدى . دوستىيوۋىسكى ئاكىسىنىڭ بۇ پىكىرىگە قىزىقىپ قالدى .دوستىيوۋىسكى ئاكىسىنڭ بۇ پىكىرىگە قىزىقىپ قالدى .دوستىيوۋىسكى پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇھەرىرىلىك ،يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەچكە ،ئائلىنىڭ ھەممە ئېغىرى ئايالى مارىغا يۈكلىنىپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئائىلە كەيپىياتى بارغانسېرى چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتتى .ئەمما دوسىتيوۋىسكى خۇتۇنىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ھەرگىز سۇسلاشتۇرمىدى .لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلار ئايرىلىپ تۇرۇشىقا مەجبۇر بولدى .ئاخىرى «دەۋرى» ژۇرنىلى نەشىردىن چىقتى .دوستىيوۋىسكى بۇنىڭدىن قەۋەت خوش بولدى .كۆپ يىللىق ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى دەپ بىلدى .ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئىش تەقسىماتى قىلدى .ئاكىسى ژورنال ئومۇمىي ئىشلىرىغا مەشغۇل بولدى .دوستىيوۋسىكى تەھرىرلىك ئىشىغا مەككەل بولدى .دوستىيوۋىسكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئۇشبۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلدى .شۇنداقلا ئۆزىنىڭ «بوزەك قىلىنغۇچى ۋە خورلانغۇچى »،« تۈرمە خاتىرلىرى » قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى .

دوستىيوۋىسكى نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىش ،تېخىمۇ كۆپ تۈرمۈش تەجىربىسىنى توپلاش ئۈچۈن ياۋروپاغا ساياھەتكە چىقتى .ياۋروپادىكى ھەممە دۆلەتلەرگە دېگۈدەكلا باردى . ئەمما ئۇ كىشلەر جەننەت ماكان دەپ تەرىپلىگەن بۇ زېمىندا مەدەنىيەتنىڭ قارا كۆلەگۈسىنى ،چاكنا تەرەپلىرىنى كۆردى .دوستىيوۋىسكى ياۋرۇپادىكى كۈنلىرى رۇسىينىڭ ۋەزىيتىدە ئۆزگۈرۈش بولدى .چارپادىشاھ ئاۋام ،پۇقرالارنى قانلىق باستۇردى ،چىرنىشۋىسكى قاتارلىق نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك ئەربابلار قولغا ئېلىنپ تۈرمىگە تاشلاندى .«دەۋرى » قاتارلىق ئىلغار ئىدىيە ئەپكارلىرى نەشىر قىلنىشتىن توختتىلدى .بۇ چاغدا ئۇ روسىيەگە قايتىپ كېلىپ ،چارپادىشاھ دائىرلىرى بىلەن تىغمۇ –تىغ ئېلىشتى .ئۇ ئىككىنچى قېتىم ياۋرۇپاغا ساياھەت قىلغاندا مۇسلىۋا دېگەن بەرنا بىر قىز بىلەن سەپەر قىلدى .ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى كۆڭۈللۈك بولمدى .ئەمما دوستىيوۋىسكى ئۇنى مەڭگۈلۈك قىز دوستۇم دەپ بىلدى .ئۇ بۈكۈنلەردە قىمارغا خۇمار بولۇپ قالدى .بۇ ھال ئون يىلغىچە داۋاملاشتى .ئۇ قىمارنىڭ ئىختىيارسىز زىيانلىق ئىش بولسىمۇ يەنىلا قىماردىن قول ئۇزەلمدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ «قىمارۋاز» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى .ئۇ ياۋروپادىن قايتىپ كەلگەندە ئايالى مارىيەنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى بىلىپ ،كۆپىنچە ۋاقىتىنى ئايالىنىڭ  يېنىدا ئۆتكۈزدى .بۇ چاغدا دوستيوۋىسكى ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ يەنە «ھەقىقەت »ژورنىلىنى تەسىس قىلدى .بۇ ژورنالمۇ خۇددى «دەۋرى » ژورنىلىنىڭ ئاكتىۋال رولىنى ئوينىدى ئەمما بۇ چاغلاردا ئايالى مارىيەنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى . ئاخىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي مارىيە ئوتتۇز تۆت يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .مارىيە ئالەمدىن ئۆتۈپ ئاكىسى مىخائىل قىرىق ئۈچ يېشىدا ئۇ دۇنياغا كەتتى .ئۇلار باشقا جەھەتتە بىردەك بىر قاراشقا كېلەلمىسىمۇ ،ئەدەبىيات جەھەتتە بىردەك قاراشقا كېلەلەيتتى .مەسلەكداش بولالايتتى ،ئاكىسى ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلغانىدى ،ئۇ بۇ قەرىزلەرنى دوستىيوۋىسكىغا قالدۇرۇپ كەتتى.ئۇ ئائىلىسنىڭ ،ئۆزىنىڭ ۋە ئاكىسىنىڭ نام-شەرپىىنى قوغداش ئۈچۈن چىىشنى –چىشىغا چىشلەپ ،ئاكىسىنىڭ قەرىزىنى تۆلىدى .ئۇ يەنىلا ئەدەبىيات ئۈچۈن بولغان قەرىزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى .ئەمما جىددىي ئۈچ مىڭ روبىلى كېرەك بولۇپ قېلىپ ،يېقىن ،دوست-بۇرادەرلىرىدىن سورىۋىدى،ئۇلار قەرىز بېرىشنى ئۆتۈندى ،ئەمما نەشىرىيات سودىگەرلىرىگە ئەسەر يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈندى ،ئەمما نەشىرىيات سودىگەرلىرى رەت قىلدى .ئەمما بىر ھايانكەش نەشىرىيات سودىگرىگە مەجبۇرەن تۆۋەن قەلەم ھەققىي بەدىلىگە ئەسەر يېزىپ بېرىش توختامىغا قول قويدى .ئۇ بۇ پۇلنىڭ يېرىمنى بىچارە يەڭگىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەردى ،يېرىنى ئېلىپ گىرمانىيەگە كەلدى ،تەلىي ئوڭدىن كەلمەي ئۇ پۇلنىمۇ ئوتتۇرۋەتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ قول سائىتىنى مېھمانسارايغا گۆرۆگە قويۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى .ئۇ دوستلىرىدىن پۇل ئەۋەرتىپ بېرىشنى ئۆتۈندى .ئاخىرى تۈرگېنىۋ ئۇنىڭغا ئازراق پۇل ئەۋەتىپ بەردى .ئۇ بۇ پۇلنىمۇ ئوتتۇرۋەتتى .ئۇ مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا «جىنايەت ۋە جازا »نى يېزىشقا كىرىشتى .ئۇ روسيەگە قايتىپ كەلگەندىن پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۇ روماننى يېزىشنى داۋاملاشتۇردى .نەشىرىيات سودىگىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەسىرىنى تېز يېزىپ ئۆگۈتۈشكە توغرا كەلدى .ئەمما دوستيوۋىسكى يېزىپ ئۈلگۈرتەلمىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دوستى ئەمدى يىگىرمە ياشقا كىرگەن ئاننا ئەسلىمىلىك بىر تېز خاتىرلىگۈچى قىزنى تۇنۇشتۇردى ،ئاننا رائىش ،خۇشمىجەز ،تەربىيە كۆرمىگەن قىز ئىدى .كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپلا دوستيوۋسىكىغا چوقۇناتتى . شۇنىڭ بىلەن ئاننا ئۇنىڭ ناھايىتى يېقىن يادەمچىسىگە ئايلاندى .ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى يېقىن ياردەمچىسىگە ئايلاندى ،ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى زور بولدى .دوستيوۋىسكى ئېغىزاكى ئېچىپ بېرىلىگەن مەزمۇننى ئاننا ئۆيگە ئەكىتىپ رەتلەپ ئەتىسى ئالغاچ كەلدى ،شۇنداق قىلىپ ئەسەر ۋاقتىدا پۈتۈپ قەرەلىدە تاپشۇرۇلدى .ئەسەرمۇ پۈتتى ،ئىككى يۈرەك ئاخىرى بۇ جان بىر تەن بولدى .دوستىيوۋىسكىي قىزغا ئىللىق مۇئامىلە قىلدى .قىزمۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى .ئاخىر ئۇلار ئۆز رازلىقى بىلەن چىركاۋغا بېرىپ توي قىلدى .ياۋروپاغا شىرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى باردى .ئەمما دوستىيوۋىسىكى ساياھەت جاريانىدا يەنە يېڭى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئويلاندى .ھەرگىزمۇ  مۇھەببەت  قوينىغا غەرق بولۇپ ،ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق يۇرمىدى .ئۇلار تكت يىلدىن كېيىن روسيەگە قايتىپ كەلدى .ئىككى پەرزەنت كۆردى ،ئەمما ئۇ يەنە قېيىن ئاتىسىنىڭ نۇرغۇن قەرزىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى . چۈنكى ئونىڭ ئاتىسى بىر ھايانكەش سودىگەرگە قويۇلۇپ كىتىپ ، نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلۇپ قالغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە پىلانلىغان ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش بىلەن تەڭ ژورناللارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەھىرىرلىك خىزمىتىنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى ، ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ئونىڭ قەددىنى قىسماقتەك ئەگدى . ئەمما ئۇ بەل قۇيۇۋەتمەي خوتۇنىغا بولغان پاك مۇھەببىتى ئەدەبىياتقا بولغان چىن ئەقىدىسى ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلدى ، ئۆلمەيدىغاندەك تىرىشتى ئەمما ئونىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىدى . تۇتقاقلىق كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى ،داۋالاش ، دورا دەرمەكمۇ شىپا قىلمىدى ، ئو كېسەل كارۋىتىدا يېتىپمۇ يەنە يازماقچى بولغان رومانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئويلاندى ، بۇلۇپمۇ « ئۆسمۈر » ،« ئاكا-ئۇكا كارامازوكلار» دېگەن رومانلىرى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئويلاندى ۋە ھايات چېغىدا پۈتتۈرۈشنى نىيەت قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن مەنزىرسى ياخشى ، مۇھىتى تىنىچ ماكان ، كونا لوساغا بېرىپ ، ئو يەردىن   « ئۆسمۈر » ،« ئاكا-ئۇكا كارامازوكلار» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى تاماملىدى . ئەمما قاتتىق چارچىغان يازغۇچى ئايالى ئاننانى ، ئىككى يۆرەك پارىسىنى تاشلاپ 1881-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى لەھەت يولىغا سەپەر قىلدى . ئونىڭ جەسسىتى مەشھۇر روس شائىرى روكۇۋىسكىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا قۇيۇلدى .

2

بىز يۇقىردا ئاپتورنىڭ ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيىتى ۋە ئىجادىيەت قارشى ۋە كىشلىك قارشى ، كىشلىك ھاياتى ، كىشلىك قىممىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق ، ئەمدى ئاپتورنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز .

«دېھقان مايىل» ، (1832). باھار كۈنلىرىنىڭ بىرى دالىيف كەنتىنىڭ مەسئۇلى چىرايىنىڭ ئۆڭسۈلى يوق ھالدا يۈگۈرۈپ كىلىپ ، پۈتۈن مەھەللە ئوتتا كۆيۈپ ، كۈل بولۇپ كەتتى دەپ خەۋەر قىلىدۇ . تۇرالغۇ ، قورۇقلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ كىتىدۇ ، ئەسلىدىنلا تۇرمۇشى قېيىن بولىۋاتقان دېھقان مايىل قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ . ئاپتور بۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىجاد قىلغان مەشھۇر ئەسىرى  « ئاكا-ئۇكا كارامازوكلار» تىكى دىمتىرنىڭ چۈشىدە تەسۋىرلەنگەن ئېچىنىشلىق مەنىزىرنىڭ ئورنىغا قويغان .

«مارىيە سىتورىيان » ۋە « بورمىس ئىگورنۇۋ» (1841) . بۇ دىراما ئەسىرى بولۇپ ئورگىنالى ساقلىنىپ قالمىغان ، ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان چاغلاردا يوقاپ كەتكەن .

«نامرات» (1846-)سالام خەت ئۇسلۇبىدا يېزىلغان رومان بولۇپ پۈتۈن ئەسەردە ئېغىر لىرىك كەيپىيات ۋە ئىنچكە ئىچكى تەسىۋىر بايان قىلىنغان .بۇ ئەسەردە ئاپتور پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تېرەن يەرلىرىنى چىن ھېسياتى ،باش پېرسۇناژ شاد –خۇراملىقى ،قايغۇ –ھەسرىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن .دەل شۇنداق بولغاچقا جىخۇشلىكىن بىلەن ۋالەنكانىڭ ئېچىنشىلىق ھەسرەتلىك ھېكايىسى سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەككەن .ئاپتور بۇ ئەسەردە روس ئەدەبىياتىدىكى «كىچىك پېرسۇناژ»لار توغرىسىدىكى تېمىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان .جخوشېاكا ئەرزىمەس مۇلكى خادىم بولۇپ ئۇنىڭ پاك –ئاق كۆڭۈل روھى ،گۈزەل روھى دۇنياسى كىشلەرنى جەلىب قىلىدۇ .ئۇ بىچارە يېتىم قىز ۋالەنكانى رەھىمسىز ئايال خۇجايىننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۋالىدۇ .ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك باتۇرانە روھى بىلەن ئۇ قىزنى ھىماتىغا ئالىدۇ ۋە ئۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۆزىنى ياراملىق ئەر ئىكەنمەن دەپ سېزىدۇ ،ئەمما ئۇ يەنىلا ۋالەنكانىڭ ئېچىنشىلىق تەقىدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،يەنىلا ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۆيىدە ئاقىدۇ .قىسقىسى «نامرات » دېگەن بۇ ئەسەر كىچىك پېرسۇناژلارنىڭ ئادىملىكى ،ھېسداشلىق بىلەن تولغان قەلبى ،جان تەسەددۇق ئەيلىشىدەك روھى ،مۇھەببەتكە ۋە بەختىكە ئېنتىلىش ئارزۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان .

«قوش خاراكتېر »(1846) بو پوۋېست دوستيوۋىسكىنىڭ ئىجادىيتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ،بۇ ئەسەردە مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ،كىچىك بىر مۇلكى خادىمنىڭ ئوبرازى يارىتلغان .ئاپتورنىڭ يۈكسەك بەدىئى ماھارىتى نامايان قىلىنغان ،باش پېرسۇناژنىڭ قوش خاراكتېرى رېئاللىق بىلەن خىيال ئارىسىدا ئىپادىلىنىدۇ ،پېرسۇناژ قۇرۇق خىيال سۈرىدۇ ،جىددى پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۋالىدۇ ،ھەتتا قاباھەتلىك چۈشلەردىن قۇتۇلالمايدۇ .ئاپتور باش پېرسۇناژنىڭ روھى ھالىتىنى بىمەنە ،ئاڭسىز يوسۇندا بايان قىلىدۇ .ئەسەر ئېلان قىلنغاندىن كېيىن روس ئەدەبىيات مۇنبىرىدە زور غولغۇلا پەيدا قىلىدۇ .

«ئايال ئۆي خوجايىنى»(1846) ئاپتور بۇ پوۋېستنى پۈتۈن زېھنى قۇدرىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يازغان بولۇپ ،پېتربورگ ئەتراپىدا روي بەرگەن ساماۋىي-چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەسىدەك بىر ۋەقە تەسۋىرلىگەن ،ئايال باش قەھرىمان تولىمۇ رائىش ۋە مۇلايىم بولۇپ .ئۇنىڭ بىر قېرى سودىگەر بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان مەنزىرىسى ،يەنە بىر ياش ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە مۇرەككەپ پىسخىك تۇقۇنۇشى بايان قىلنغان .ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ياش ئوقۇغۇچى خىيالپەرەس بولۇپ ،رېئاللىقتىن چەتنىگەن بىر ئادەمنىڭ ئوبرازى يارىتلغان .

«باشقىلارنىڭ خوتۇنى»، «تاۋى نازۇك »،«بورزۇناكوۋ»،« ساداقەتمەن ئوغرى » ،«مىلاد دەرىخى ۋە توي مۇراسىمى »،« ئاق  كېچە»،« بىتوچاكا ۋە نېزۋالوۋا» ( 1847) .بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە «ئاق كېچە » دېگەن پوۋېستى بىلەن «بىتوچاكا ۋە نېزۋلوۋا » دېگەن تاماملانمىغان رومان بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەر بولۇپ ،بۇ ئەسەرلەردە ئوخشاشلا بىر خىيالپەرەس باش پېرسۇناژ قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن .

«ئاق كېچە» تەسۋىرلەنگەن باش پېرسۇناژ پېتربورگلۇق نامرات زىيالى بولۇپ ،ئۇ جىمغۇر ،قوش خاراكتېرلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ، ئۇ مۇلكۇ خادىم بولسىمۇ ،نامراتلار رايۇندا ياشايدۇ ،قۇرۇق خىيالغا بېرىلىدۇ ،روھى جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچىرايدۇ .ئۇ بۈيۈك ئەربابلار بىلەن تونۇشۇشنى ،قازان شەھرىگە ھوجۇم قىلىپ ،قەھرىمانلىق نەتىجىسىنى يارىتىپ ،قىزلارنىڭ مۇھەببتىگە نائىل بولۇشنى خىيال قىلىدۇ ،ئەمما ئۇ خىيال دۇنياسىدىن ئويغانغان دەملەردە پۇرسەت ،ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كىتىلگەن بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇرمۇشنى قايتا تونۇشقا مەجبۇر بولىدۇ .

«بىتوچاكا ۋە نېزۋلوۋا »تاماملانمىغان رومان بولسىمۇ ،ئەمما ئۆزگىچە نەدىئى قىممەتكە ئىگە ئەسەر ،ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى زور بولۇپ ،ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ ،ئەسەر دىتى ئايال باش قەھرىمان نېتوچاكا نېزۋالوۋانىڭ ھېكايىسى كۈندىلىك خاتىرە شەكىلدە بايان قىلنغان ،ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بىر قانچە باسقۇچ ئىنچكە تەسۋىرلەنگەن .بۇ ئاددى ئائىلدىن كېلىپ چىققان ،كىچىكىدىن تارتىپلا بەختسىز بولۇپ ،يېتىم بالىغا ئايلنىپ قالغان ،ئۇنى گراف بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ ،ئۇ يۇقىرى تەبىقە كىشلىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ ، ئۇ بۇرۇن يېتىلگەچكە ،ئۇنىڭ ئۈستىگە نامرات ،ھاقارەت ئازابىنى يەتكۈچە تارتقاچقا قۇرۇق خىيالغا بېرىلىدۇ ،قۇرۇق خىيالى دۇنياسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرشىدۇ ،ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغان بۇ دۇنيادا پەقەت ئازدۇرۇش ،ئەيىش –ئىشرەتلا مەۋجۇت بولىدۇ .ئۇ شۇنداق خىيال قىلىۋېرىپ ،ئاخىرى پاجئەگە دۇچ كېلىدۇ .

 «تاغامنىڭ چۈشى »،« سىتىفانچىكىلوۋ كەنتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى » (1854) بۇ ئىككى رومان ساترىك ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان بولۇپ ،يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .«تاغامنىڭ چۈشى » دە ئاق سۆڭەك ئايال مارىيانىڭ قېرى گرافنىڭ مال –بىساتىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى قىزىغا ئۆيلىنىش تەلپى قويۇشقا قىزىقتۇرغانلىقى سۆزلىنىدۇ .ئاپتور مۇشۇنداق قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئارقىلىق يۇقۇرى تەبىقە ئاق سۆڭەكلەرنىڭ چاكىنلىقىنى پاش قىلغان .

سىتىغاتوچاكوۋ كەنتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى »پومېشچىكنىڭ قورۇقدىشى ،يۇندىخۇر خمانىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق يانچىلار تۈزۈمى جەمئىيتىدىكى كېسەلمەن خاراكتېرگە ئىگە بىر دەللەلىسنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلغان .

« تۈرمە خاتىرلىرى » (1860) بۇ بەدىئى توقۇلمىغا باي ئوچىرىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر بولۇپ ،يۈكسەك بەدىئى قىممەتكە ئىگە. ئەسەر ئىلانچاكوۋ دېگەن بىر توقۇلما پېرسۇناژنىڭ ئېغىزىدىن كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە بايان قىلنىدۇ ، ئەسەردە تۈرمىدىكى رەھىمسىز ، ئادەم چىدىغۇسىز ھايۋانىي تۇرمۇش بايان قىلنىدۇ .تۈرلۈك جىنايەتچىلەرنىڭ ھەر خىل كەچۈرمىشلىرى ئوبيكتېىپ بايان قىلنىدۇ ،يانچىلىق تۈزۈمنىڭ ۋە چارپادىشاھ ھاكىمىيتىنىڭ چىرىكىلىكى قامچىلىنىدۇ ئەسەر ئېلان قىلنىشى بىلەنلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ .ئوقۇرمەنلەرنى چارپادىشاھنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىپتۇ دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ .

«بوزەك بولغانلار ۋە خورلانغانلار »( 1860) بۇ دوستىيوۋىسكىنىڭ ئىددىيەسى بىلەن ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ئەسەر .بۇ ئەسەردە ئىككى ئائىلىنىڭ تىراگىدىيەسى ئەكىس ئەتتۈرلىدۇ .بۇ تىراگىدىيەنى گراف ۋاركوۋسكىي پەيدا قىلىدۇ .ۋاركوۋىسكى سىمىسنىڭ قىزى ناجانى ئازدۇرۋېتىدۇ ، ئۇ شىمسىنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قىزنى تاشلىۋېىتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ  قىز قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيدە ئۆلۈپ كېتىدۇ .ناجانىڭ قىزى گرافتىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ ،ئەمما ئۇ بوۋىسى بىلەن بىللە ئېچىنشىلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاركوۋسىكى ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىلخېمونوۋ تۆھمەتكە ئوچىراپ ،پۈتۈن تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ قىزى ناتاشامۇ ۋاركېۋىساكانىڭ ئوغلە تەرپىدىن ئازدۇرۇپ كېتىلىدۇ . بۇ ئەسەردە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يەپ كېتىشىدەك ئېچىنشلىق رېئاللىق تەسۋىرلىنىدۇ .ۋاركېۋىساكى رەزىللىكنىڭ ،قانخور جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى .ئاپتور ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئۆزلۈكىنى تونۇۋېلىشنى ۋە جاپاغا چىداش خاراكتېرىنى مەدىھيەلەيدۇ .

«قىمارۋاز »( 1863) بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلنىدۇ .ئۇ ياۋروپاغا ئىككىنچى قېتىم خوتۇنىغا ئۇختۇرماي سولسىۋا دېگەن بىر قىز بىلەن ساياھەتكە چىققاندا كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ .سولشىۋا شاللاق قىز بولغاچقا دوستىيوۋىسكىغا بەك ئەسكىلىك قىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقىي ھېسياتقا ئەمەس ،بەلكى پۇل ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ،دوستيوۋىسكى ئۇنىڭ پۇلغا بولغان ئارمىنىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرى قىمارغا بېرىلىپ كېتىدۇ ،پۇل تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە ئۇتتۇرۋېتىدۇ ، ئۇ قىز پۇلى يوق بۇ ئەرنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن كېتىدۇ ،دوستيوۋىسكى ئاخىرى روسىيەدىكى دوستىلرىنىڭ ياردىمى بىلەن روسىيەگە ئاران قايىتىپ كېلىۋالىدۇ .بۇ ئەسەردىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ ئاپتورنىڭ ئۆزىدۇر.

« مەست»( 1865) بۇ رومان پىلانغا ئېلىنىپ ئازراق يېزىلغان بولسىمۇ ،ئەمما نەشىرىيات سودىگىرىنىڭ ۋەدىسىزلىكىدىن تاماملانمايدۇ .

«جىنايەت ۋە جازا »( 1865) دوستيوۋىسكى ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلىشقا كىرشكەن .ئۇنىڭ مېھىربان سىڭىلىسى ۋىرا ئۇنى ياخشى يېزىقچىلىق شارائىتى بىلەن تەمنىلىگەن .شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا تىرىكىچىلىك ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندەك تەرەپ –تەرەپلەرگە بېرىپ ئىشلىگەن .بۇ ئەسەردە بايان قىلنغان بەزى ۋەقەلىك ئاپتورنىڭ ئائىلىسنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەسەرنىڭ باش تېمىسى چوڭقۇر بولۇپ ،ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بايان قىلنغان . بوزەك قىلنغان ،خرولانغانلارغا ھېسداشلىق قىلغان . 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى روسىيە شەھەر خەلقنىڭ ئېچىنشىلىق كەچۈرمىشى بايان قىلنغان . تاياق زەربىسدىن يۈز-كۆزلىرى تۆمۈردەك كۆكىرىپ كەتكەن پاھىشلەر ،پاسكىنا ئۆستەڭ سۆيىنى تالىشىپ جېنىدىن ئايرلىغان ئايال ئىشچىلار ،نامرات مۇلكى خادىملار ،بالىلىرنى ئەگەشتۈرۈپ كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلغان ساراڭ ئاياللار ،قىزىلكۆز جازانىخورلار ،نۇمۇسسىز ئالدامچىلار ،شاللاق ئاق سۆڭەكلەر ،ماڭار يولى قالمىغان نامرات پېقىرلەرنى … ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا نامايان قىلغان .ئاپتورنىڭ قەلمى ئاستىدا تەسۋىرلەنگەن باش قەھىرىمان راساكېرىناكوۋ ئىككى خىل خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز .ئۇ كىشلەرگە ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ ،ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى جىمىغور ،ئەسەردە ئۇنىڭ «نەزەرىيىۋى يادروسى »نى يەنى ئادالەتسىز جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش روھىنى نامايان قىلىدۇ .ئاپتور يەنە باش قەھرىماننىڭ تىراگىدىيسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ .ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايتىنى ئاخىرى تەڭرىگە بولغان ئىتقادىرغا باغلايدۇ ،ئەمەلىيەتتە ئۇ قاراڭغۇ ،زۇلمەتلىك جەمئىيەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ ؛ ئاپتور يەنە بىر پېرسۇناژ سونىيەنى تەسۋىرلەيدۇ ،سونىيە جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئوبرازى ،ئۇ چېن ئىتىقادنىڭ ،پاك روھىنىڭ سىمۋولى .ئاپتور يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىنسان قەلبىدە يوشۇرۇپ تۇرغان تېرەن سىرلارنى نامايان قىلىدۇ .ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن قاتىللىق ۋەقەسى ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ ،پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەر قايسى بەدىئى ئامىللىرى ئايرىغىلى بولمايدىغان ئورگانىك گەۋدىگە ئايلانغاچقا باش قەھرىماننىڭ ئىچكى دۇنياسى مىسلىسىز چوڭقۇر دەرىجىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىدا نامايان بولىدۇ .باش قەھرىماننىڭ ئۆزلۈك ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ،ئۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىل ئاڭغا ئىگە سوبيېكتىپقا ئايلانغان ،بۇ خىل سەنئەت جەھەتتىكى يېڭىلىق ئىناتىي چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە .شۇنداق بولغاچقا «جىنايەت ۋە جازا »،ئاپتورغا ئالەمشۇمۇل نام –شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئاپتورنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەنئەتكارلىق ئورنىنى تىكلىگەن .

«مەجنۇن»( 1867) ،بۇ ئەسەردە ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ،18-ئەسىرنىڭ كېينكى مەزگىلىدە روسىيەدە كاپىتالىزىم شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ ،پۇل ۋە ھوقۇق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىدۇ ،تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىمى شىددەت بىلەن ئېلىشىدۇ .ئاپتور بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى يۈكسەك بەدىئى ئۇسۇل ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ ،بولۇپمۇ ئاپتور ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ،پۇل ۋە ھوقۇق تۈپەيلىدىن ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ،ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ،ساغلام خاسلىقنىڭ يوقۇلۇشى ،گۈزەللكنىڭ خۈنۇكلۇشىشى چىن مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى ،شەھۋەتپەرەسلكىنىڭ ئەۋىج ئېلىشى تەسۋىرلىنىدۇ .گراف مېشىلكىننىڭ «گۈزەللىك دۇنيانى قۇتۇلدۇرىدۇ »دېگەن غايىسى خورلانغان ۋە بوزەك قىلنغان ناشانىيە فېلبوۋنانىڭ ئوبرازى  تورسىلكنىڭ پۇلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغانلىقى ،ئاخىرى ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ناشانىيەنىڭ پۇل ۋە ھوقۇقنىڭ قىزىقتۇرىشى تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بولۇپ ئەخلاقتىن چىققانلىقى ،ئۇنىڭ زىددىيەت بىلەن تولغان روھى ھالىتى ئاجايىپ يۇقۇرى ماھارەت بىلەن بايان قىلىنغان .ئاپتور « مەجنۇن » دا ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ئەخلاق ۋەز –نەسىھەتلىرىنى كومپىلكىت بولۇپ قالغان چاغلاردا سەنئەت رامكسنى بۇزۇپ تاشلاپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ ،ئەمما ئەسەردە يارىتلىغان بەدىئى قىممەت يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگلەيدۇ .شۇڭا بىز «مەجنۇن » دىن ئاپتورنىڭ بەدىئى قارشى بىلەن بەدىئى ئۇسلۇبىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .

« ئالۋاستىلار » (1871) بۇ ھەجىمى چوڭ سىياسىي رومان بولۇپ ،چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ .بۇ ئەسەرنى «شەھەر يىلنامىسى »دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ .ئەسەردە 19-ئەسەرنىڭ 60-70 يىللىرىدىكى روسىيە جەمئىيتىدە ياشاۋاتقان بىر توپ «ئالۋاستىلار» مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ ،ئەسەردە يارىتىلغان پېرسۇناژلار كۆپ ،بۇ پېرسۇناژلار ئارىسىدا كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغىنى باش قەھىرىمان سىتاۋروتكىن بىلدىن ۋېرخوىېنىسكى ئاتا –بالا ئۈچ ئادەمنىڭ ئوبرازى بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئىش- ئەمەلى ،تەقدىر قىسمىتى ئەتراپلىق بايان قىلنىدۇ .سىتاۋورتىكىن ئاق سۆڭەك ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان ،سالاپەتلىك ،زېرەك ئادەم بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسى ئاجىز ئادەم بولغاچقا ئەخلاققا مۇخالىپلىق قىلىپ ،تىراگىدىيەلىك تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ ،ئىچكى دۇنياسى زىددىيەت بىلەن تولۇپ كەتكەچكە ئاخىرى ئۆلۈۋالىدۇ .ۋاروىېنىسكى تىپىك خىيالى پەرەسلەرنىڭ ئوبرازى ،ئۇ چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كىرگەندىن كېيىن «ئىنقىلابنى باھانە قىلىپ » سىياسى ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللنىدۇ .ئۇنىڭ ئوغلى پېتر بىر شەرمەندە نەرسە بولۇپ ،ئاتىىسغا گۇپپاڭچىلىق قىلىدۇ ،سۇيقەست ،تىرورلۇق بىلەن شۇغۇللنىدۇ ،ئۇ ھوقۇق ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرىدۇ «ئالۋاستىلار »ئېلان قىلنىشى بىلەنلا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچىرىغان ،ئەمما كېيىن گوركى ئەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ روسىيەنىڭ ئەينى ئىجتىمائىي سىياسىي ۋەزىيتىنى يورۇتۇپ بەرگەن دەپ باھا بەرگەن ،چۈنكى ھەر قانداق بىر دەۋىرنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ بەرگەن ئەسەر شۇ دەۋردىكى سىياسى دائىرىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ۋە رەزىل كۈچلەرنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچىرايدۇ .

« ئۆسمۈر» (1874) دوسىتيوۋىسكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان مۇھىم رومانى .رومان بىرىنچى شەخىس تىلى بىلەن بايان قىلنغان ،ئەسەردىكى باش قەھرىمان ئاركاچى ئىش كۆرمىگەن يىگىت .ئۇ ئاق سۆڭەك ۋېرسلوۋنىڭ ھارامدىن بولغان ئوغلى بولۇپ ،ئۇنى دېھقان ھاكار دورگولوۋسىكى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ .ئاركاچى بالىلىق چاغلىرىدا خورلۇق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ،ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ .ئەمما ئۇ پۇل ھۆكۈم سۇرىۋاتقان ،ھەممىگە قادىر بولۇۋاتقان دەۋىرىدە بۈيۈك بانكىر بولسامكەن دەپ قۇرۇق خىيال قىلىدۇ ،چوڭ ھوقۇق تۇتۇپ ،راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسەمكەن دەپ ئويلايدۇ .ئۇ پۇل ئالدىدا ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىدۇ ،ئېتقادىنى يوقىتىدۇ .ئەسەردىكى يەنە بىر پېرسۇناژ ۋېرسلوۋ .ېتىقادىسىز ،مېجەزى تۇتۇرۇقسىز نەرسە بولۇپ ،ئىسراپخورلۇق بىلەن ياشايدۇ ،پۇلۇم بار دەپ ھېچكىمنى نەزەرگە ئىلمايدۇ .ئاپتور ئەسەردە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشنى مۇھىم ئورۇندا قويۇشنى ،ئەخلاق ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتنى نۇرلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .

« ئاكا –ئۇكا كارامازۋلار »(1878) بۇ زور ھەجىمدىكى رومان بولۇپ ،ئون ئىككى قىسىمنى ،خاتىمە قىسىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .ئۇ ئەسەر 1878-يىلى يېزىلىشقا باشلاپ ،1880-يىلى تاماملنىدۇ .ئاپتور ئەسەردىكى ھېكايىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كىچىك بىر ناھىيە بازىرىدا روي بەرگەن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ ،ئەمما ۋەقەلىك كارازوۋلار ئائىلىسدە تەسۋىرلەيدۇ .بۇ ئائىلە ئاتا كارامازوۋ ،چوڭ ئوغلى ئالبوشا ،ئاتا كارامازوۋنىڭ ھارامدىن تېپىپ قويغان ئوغلى سىمبردپاكوۋ قاتارلىق بەش ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ .ئاتا كارامازوۋ كىچىك پومىشچېك بولۇپ ،ئۇ بىمەنە ،رەزىل ،شەھۋانە ،زېرەك ھەم شەھۋانى ئادەمنىڭ ئوبرازى .ئۇ پۇلنى دەپ بىر قانچە ئوغلى بىلەن كارى بولمايدۇ ؛ دمتىرى ھەربىي سەپتىن چىكىنگەن ئوفېتسىر بولۇپ ،تۇرمۇشتا شاللاق ،مىجەزى ئوسال ،ئاتىسى بىلەن ئانىسىدىن قالغان مىراسنى ۋە بىر جالاپ ئايالنى تالىشىپ ،غەۋغا پەيدا قىلىدۇ ،ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ ،كېيىن ئەخلاقنى ياقلايدۇ  ئىۋان ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىسى ،ئاتئېزىمچى ، ئىنسانلارنىڭ مۇشكۇلاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ،تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىدۇ ،ئەمما ئۇ يەنە ھاياتقا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايدۇ ،ئەخلاقنى ياقلىماي ،خالىغانچە ئىش قلىدۇ ،ئۇلار مەنپەئەتنى دەپ ،ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرى ئارسىدا روي بەرگەن زىددىيەتلەرگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدۇ ،كەنجى ئوغۇل ئالليوشا ئاق كۆڭۈل ،پاك يىگىت بولغاچقا كونا ئۆرپ- ئادەتلەرگە ئۆچ بولۇپ ،چىن مۇھەببەتنى ياقلايدۇ ،ئۇ جامائەت ئىشىنىدىغان ۋە سۆيۈنىدىغان پېرسۇناژ ،سىمبىردباكوۋ قېرى كارامازوۋنىڭ ساراڭ ئايالدىن بولغان ھارامزادىسى .ئۇ ئىۋاننىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ ،ئۈچ مىڭ روبلىنى بۇلاپ كېتىدۇ .ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى روي بەرگەندىن كېيىن دمتىرى قاتىل دەپ قارىلىپ ،ئېغىر ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن سۈرگۈن قىلنىدۇ ،ئەمما سىمبىرياكوۋ قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ ،ئىۋان ساراڭ بولۇپ قالىدۇ ،ئالچوشا مۇناستىرىدىن ئايرىلىپ ،يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ ،كىشلىك ھايات ئۈستىدە ئىزدىنىسۇ ،كارامازوۋ ئائىلىسىنىڭ تىراگىدىيسى چىرىك ،چۈشكۈن روسىيە جەمئىيىتىنىڭ روھى مەھسۇلى .ئەمما ئەسەردە بايان قىلىنغىنى ئىنسانلارنىڭ ئازابى. ئاپتور ئەسەردە بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسلىلەرنى ، مەسلەن : كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ،ئىنسانى ياخشىلىق ۋە ئىنسانى رەزىللىك ،جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش يوللىرى ،ئاتئېزىم بىلەن دىنى ئېتىقاد قاتارلىق مەسلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ،شۇنداقلا نۇرغۇن مەسلىلەر ئالبۇشا ،ئىۋان ۋە زرسىما پوپنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلنىدۇ ،سوتسىيالىزىم بىلەن ھۆكۈمەتسىزلىك ،ماتىرىيالىزىم بىلەن شەخسىيەتچىلىك ئۇقۇملىرى ئارسىدىكى چەك –چىگرانى ئېنىق ئايرىغان .ئاپتور ھەمىشە ئۆز ئېتىقادىغا مۇخالىپ ھالدا بەزى قاراشلارغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولغان ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە كامتېرىنا ئىۋانوۋنا ،گىروشېنكا ،گرساكورى قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىمۇ ،زاستاتىللار ،سودىيەلەر ،گۇۋاھچىلارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتلىغان .« ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » يەنە ئاپتورنىڭ بەدىئى ئۇسلۇبىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا نىسپەتەن كۆپ مەنبەلىك ۋەقەلىك لىنيەسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ،ئەسەردىكى ھەر بىر پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى يارقىن يارىتلىغان . بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى . نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھازىرغىچە ئەدەبىيات تارىخىدا بۇنداق چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر يارىتىلمىدى دەپ قارايتتى .ئەسەرنىڭ يەنە مۇھىم بىر تەرپى شۇكى ،پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك خاراكتېرى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلەنگەن .شۇڭا بۇ ئەسەرنى دۇنياۋى پىسخىك ئەسرى دېيىشكە بولىدۇ ،بۇ ئەسەر نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيتىگە ئۆرنەكلىك تەسىر كۆرسەتكەن .

3

 

روس ئەدەبىياتى مەيلى پروزا ، مەيلى پوئىما جەھەتتە بولسۇن دۇنيا ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى . جۈملىدىن ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور بولدى .ئازادلىقتىن ئىلگىرىكىنى دېمەيلا قويايلى ، ئازادلىقتىن كېيىن روس ئەدەبىياتى روسچىدىن ، ئۆزبەكچىدىن ،خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1950- -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتى توڭلىتىۋېتىش ھالىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدە بارچە گۈللەرنىڭ ئېچىلىش ،ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش ،كىلاسىك ئەدەبىياتنىڭ ھاياتى كۈچىنى جانلاندۇرۇشتەك ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن روسىيە ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى .جۈملىدىن روسىيە سوۋېت ئىتىپاقى ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ ، ئەدەبىيات –سەنئەت نەزەرىيە ئاساسىمۇ پۇختىلاندى ، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسلىلەر ھەققىدە ئويلاندۇردىغان نۇرغۇن پىروزا،پوئىما ،دراما ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى . شولوخوۋنىڭ « بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى » ئايتىماتوۋنىڭ « مويتوڭزا » ،ئوسترىۋسىكىنىڭ « پولات قانداق تاۋلاندى » « زويا ۋە شورا ھەققىدە ھېكايە »، « ياش گۋاردىيە »،« كىم ئەيىپلىك »، « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » قاتارلىق ئەسەرلەر تۇرمۇش دەستۇرى دەپ قارالدى، سوۋېت «شەرق ھەقىقىتى »نەشىرىياتى ئەينى دەۋرىدىكى  روس يازغۇچىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى ، ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچى –شائىرلىرى ئۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ، بەدىئى زوق ئېلىپ مىللىي ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . لېف تولىستوينىڭ « ئاننا –كارننا »، شولوخوفنىڭ « ئېچىلغان تىڭ »، پوشكىننىڭ « كاپتان قىزى » قاتارلىق ئەسەرلەر ئەينى ھاغدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا « ھەممە ئېقىم بەس- بەستە سايراش ،بارچە گللەر تەڭ ئېچىلىش » پىرىىنسىپىغا ئاساسەن روس ئەدەبىياتى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلدى . مېھنەتكەش تەرجىمانلار تولىستوينىڭ « ئۇرۇش ۋە تېنىچلىق » ، شولوخوفنىڭ « تىنىچ دون »،  دوستيوۋىسكىنىڭ « جىنايەت ۋە جازا»،« ئاننا –كارىننا » ، پۇشكىننىڭ « ئىسىمىربەگ »، فادايىۋنىڭ « ياش قوغدىغۇچىلار »، « ئايتىماتوۋ ئەسەرلىرى » قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى روسچىدىن ، ئۆزبەكچىدىن ،خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتتى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەيلى شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈرىتكىلىك ، ئۆرنەكلىك رول ئوينىدى . 1950-يىللىرى قولىغا قەلەم ئالغان يازغۇچى ، شائىرلار ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان روسىيە ،سوۋېت ئىتتىپاقى پروزا ، پوئىما درامىلرىدىن زوقلىنىپ ، ئىلمىي ئىجادىيتىنى گۈللەندۈردى . ئىپادىلەش جەھەتتە ئۆرنەك ئالدى . بولۇپمۇ دېئالكىتكلىق ماتىرىيالىزم كۆز قارىشى مۇجەسسەملەشكەن سوتسىيالستىك ئىدىينى ئاساس قىلىپ ، يېڭى رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئېلىپ باردى .روسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ روھىيەت ،مەدەنىيەت جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي ، يەنە سوتسىيالستىك ئىنقىلاب ئەمەلىيتىدىمۇ ئىپادىلەندى . ئەدەبى تۈزۈلمە بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئۆرنەك بولدى . مەسلەن : يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى ، ئەدەبىيات دۆلەتنىڭ ئىدىئولوگىيە ساھەسىگە كىرگۈزۈلدى ، يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەدەبىيات مىتودى بەلگىلەپ بىرىلدى ، يازغۇچىلارنىڭ ئىجتىماىئي ئورنى، ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلدى ، يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارشىنى شەكىللەندۈرۈشتە زور رول ئوينىدى ، نۇرغۇن كىشلەردە كونىنى كۆيلەيدىغان غايە يېتىلدى . ئىجادىيەت جەھەتتە تەسىرى زور بولدى. « شەرق ھەقىقىتى » نەشىرىياتىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر شىنجاڭغا كىرىپ ، يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەنلەرتەڭ قەدەمدە دېگۈدەكلاماڭدى . بۈگۈنكى كۈندە بولسا روسىيە ،سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان نۇرغۇن ئەسەرلەر خەنزۇ تىلىغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى.

ئەمدى روسىيەنىڭ 19-ئەسىرىدكى بۈيۈك يازغۇچىسى دوستىيوۋىسكى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىغا كەلسەك ،ئۇنىڭ «باشقىلارنىڭ خوتۇنى »،« ئاق كېچە »،« مىلاد دەرىخى ۋە توي مۇراسىمى »،« جىنايەت ۋە جازا »،« بوزەك بولغانلار ۋە خورلانغانلار » قاتارلىق بىر نەچچە ئەسىرىلا تەرجىمە قىلىندى ، قالغان « مەجنۇن »، « ئالۋاستىلار »،« ئۆسمۈر »، « قىمارۋاز »، « تۈرمە خاتىرىلىرى »، « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلمىغان، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى جەزمەن تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر يازغۇچىنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلسا ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى ششەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بېيىتىشىمىزغا ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ . روسيە ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى زور بولدى.   دوستيوۋىسكىنىڭ « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت سەمەرىسى بولۇپ ، دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ ، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغانلىقى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىس ھېسابلىنىدۇ . مەن بۇ ئەسەرنى قايتا –قايتا ئوقۇغاچقا، يەنە كېلىپ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەر خىل نۇسخسىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققاچقا ، ئەسەرنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك بولدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، بىلىمگە ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ، « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇنۇپ ، ئاخىرى پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى پۈتتۈردۇم . بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرى بىر تۆھپە بولدى. مەن ئىشىنىمەنكى بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخسى پات ئارىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ . ئوقۇرمەنلەر گۈزەللىك نەزەرى بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغان دەملىرىدە ،ئۇنىڭ ئەسەرلىردىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر پۈتۈن ئىستېتكلىق قىياپەتنى كۆرىدۇ  ھەم ئاپتورنىڭ بۈيۈك يازغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ .

ئاپتور: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11395

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدىبلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: