پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

كېچە (فرانىز كافكا)

كېچە

فرانىز كافكا (ئاۋستريە)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

تۈن پەردىسى يېپىلدى. كېچە چەكسىز سۈكۈت ئىچىدە كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى. ھەممە ياقتا ئادەملەر ئۇخلىماقتا. مەنىسىز نەيرەڭ، ھاماقەتلەرچە ئۆزىنى ئالداش باشلاندى: ئۇلار ئۇخلايدۇ ـــ ئۆز ئۆيىدە، پۇختا كارىۋاتلىرىدا، مۇستەھكەم ئۆگزىلىرىدە، يوتقىنىدا، كىرلىك ئۈستىدە گاھ تۈگۈلۈپ، گاھ كېرىلىپ ئۇخلىشىدۇ. ئىلگىرى شۇنداق بولغان، ئەمدى يەنە شۇنداق بولىدۇ: ئەمدىلىكتە ئۇلار ئىنسى- جىنسىز  بىر بارگاھقا يىغىلىدۇ. سان- ساناقسىز كىشىلەر توپى ـــ بىر چوڭ  قوشۇن ـــ بىر مىللەت مۇزدەك ئاسمانغا جۆر بولۇپ  ياتقان سوغوق يەردە، ئۆز جايىدىلا يېتىشىدۇ. بېشىنى بېلىكىگە قويۇپ، يۈزىنى يەرگە  قىلىپ جىمجىت نەپەس ئېلىشىدۇ. سەن ئويغاق، قاراۋۇلسەن. سەن  ئۆپچۆرەڭدىكى شاخ- شۇمبىلار ئارىسىدىن كۆيۈۋاتقان شاختىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى ھەر يان پۇلاڭلاتقىنىڭچە  ئۆزۈڭگە ئەڭ يېقىن كىشىنى ئىزدەيسەن. سەن نېمە ئۈچۈن ئويغاق؟ ئارىدىن چوقۇم بىرى ئويغاق بولۇشى كېرەك. جاۋاب شۇ.  چوقۇم بىر  كىشى ئويغاق بولۇشى كېرەك.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11344

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-11-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 1دانە
  1. راس بىرسى ئويغاق تۇرشى كىرەك :evil:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: