پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (36- باب)

تولغان بەدەن

رومان

مويەن

(2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ئوتتۇز ئالتىنچى باب

شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىدىكى پۇقرالارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سى ماكۇنى ئوچۇق سوتلايدىغان قۇرۇلتاي ئۇ باربىت بىلەن تۇنجى رەت ئۈستى ئوچۇق كىنو قويغان جايدا ئېچىلدى. ئۇ يەر ئەسلىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خامىنى ئىدى، خاماندا تۈزلىنىپ كېتەي دەپ قالغان توپىدىن ياسالغان بىر پوتەي ھېلىھەم ساقلىنىپ قالغانىدى. بۇ – لۇ لىرېن ئاممىغا يەر ئىسلاھاتى قىلغاندا رەھبەرلىك قىلغان خارابە ئىدى. سى ماكۇنىڭ يېنىپ كەلگىنىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن رايون كادىرلىرى مىلتىق ئېسىۋالغان خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېچىلىرى پانۇس كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان، خەندەكتىن بىرەر يۈزنى كولىغان، توپا پوتەينى جياۋ لوڭ دەرياسى قىرغىقىنىڭ ئېگىزلىكىدە قوپۇرغان، پوتەينىڭ ئالدى ۋە يان تەرىپىگە چوڭقۇر ئۆستەڭ كولىغان، ئۆستەڭنى لۆجىلەر لەيلەپ تۇرغان يېشىل سۇ بىلەن تولدۇرۇۋەتكەنىدى. رايون كادىرلىرى يەنە تېخى رايون باشلىقىدىن ئالاھىدە چىقىم ھېسابىدا مىڭ جىڭ گۈرۈچنىڭ پۇلىغا تەڭ كەلگۈدەك غايەت زور پۇلنى ئاتچوت قىلدۇرۇۋالغانىدى، 30 چاقىرىم نېرىدىكى گەمىلەرگە بېرىپ، ئىككى ئات ھارۋىسىدا ناھايىتى زىچ توقۇلغان سېرىق رەڭلىك بورا ئەكېلىپ پوتەي ئۈستىگە يوغان چەللە ياسىغان،چەللىنىڭ ئۈستىگە رەڭگارەڭ قەغەزلەرنى چاپلاپ، قەغەزنىڭ ئۈستىگە تۇرۇپ كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان، تۇرۇپ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ قويغان. قالغان بورىلارنى پوتەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، پوتەينىڭ قىرىنى بويلىتىپ ئالتۇن شاقىراتمىدەك پەسكە ساڭگىلىتىپ قويغان ئىدى. رايون باشلىقى ھاكىمغا ھەمراھ بولۇپ ئوچۇق سوت قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان جاينى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلگەنىدى. ئۇلار چاڭچىلە ئوينايدىغان سەھنىنى ئەسلىتىدىغان پوتەينىڭ ئۈستىدە سىيلىق ھەم راھەت يەرنى دەسسەپ تۇرۇپ شەرق تامان مەۋج ئۇرۇپ شارقىراپ ئېقىۋاتقان جياۋ لوڭ دەرياسىنىڭ كۆكۈچ قايناملىرىغا نەزەر تاشلاپ تۇراتتى، دەريا تەرەپتىن سوقۇلغان سوغۇق شامال ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئىشتانلىرى، چاپىنىنىڭ يەڭلىرى تازا سەمرىگەن چوشقىنىڭ بۇغۇمـــ بۇغۇم ئۈچەيلىرىگە ئوخشاپ قالغانىدى. ھاكىم قىزىرىپ تۇرىدىغان بۇرۇنىنىڭ ئۇچىنى سىيلاپ قويۇپ، كەينىدىرەك تۇرغان رايون باشلىقىدىن ۋارقىراپ تۇرۇپ سورىدى:

ـــ بۇ كىمنىڭ نادىر ئەسىرى؟

ھاكىمنىڭ بۇ گېپىنىڭ مەسخىرە ياكى ماختاش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن رايون باشلىقى مۈجمەل قىلىپ دېدى:

ـــ لايىھىلەشكە مەن قاتناشتىم، لېكىن ئاساسلىقىنى ئۇ باش بولۇپ پۈتكۈزدى،ـــ ئۇ ئۆزىنىڭ كەينىدە تۇرغان رايكوم تەشۋىقات كادىرىنى كۆرسەتتى.

ھاكىم چىرايىنى كۈلكە قاپلىغان تەشۋىقات كادىرىغا لاپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپ بېشىنى لىڭشىتتى، بوش ئەمما كەينىدىكىلەر ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازدا دېدى:

ـــ بۇنىڭ نەرى ئوچۇق سوتقا ئوخشىسۇن؟ ئۇل سېلىش مۇراسىمىنىڭ ئۆزىلا بوپتىغۇ!

شۇ ئەسنادا ياڭ ساقچى مايماق دەسسىگىنىچە ئۈستىگە چىقىپ كەلدى- دە، ناھايىتى ئۆلچەمسىز بىر ھەرىكەت بىلەن ھاكىمغا چاس بەردى. ھاكىم ياڭ ساقچىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر قارىۋېتىپ:

ـــ سى ماكۇنى تۇتۇشنى پىلانلىغىنىڭ ئۈچۈن ناھىيىدىن ساڭا چوڭ تۆھپە يېزىشنى قارار قىلغانىدۇق. لېكىن پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا شاڭگۈەن ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا يەنە چوڭ گۇناھتىن بىرسى يېزىلدى،ـــ دېدى.

ـــ سى ماكۇ دېگەن بۇ قانخور مەلئۇننى قولغا چۈشۈرگىلىلا بولىدىكەن،ـــ دېدى ياڭ ساقچى ھاياجان ئىلىكىدە،ـــ ھېلىغۇ چوڭ گۇناھ يېزىشكەن، ماۋۇ ساق پۇتۇم چېپىپ تاشلانسىمۇ رازىمەن!

ئوچۇق سوت قۇرۇلتىيىنى بىرىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىش قارار قىلىندى. تاماشا كۆرۈشكە ئامراق پۇقرالار تۈن نىسىبىدىن سەل ئاشقاندىن كېيىنلا ئۆي- ئۆيلىرىدىن، ئۇۋا- ئۇۋىلىرىدىن چىخىشىپ، كېچىنى كېچە، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي پوتەينىڭ ئالدىغا يىغىلىشتى. سۈبھى مەزگىلىدە پوتەينىڭ ئالدىدىكى سەينا مىغ- مىغ ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ كەتتى، جياۋلوڭ دەرياسىنىڭ قىرغىقىغىمۇ ئادەمدىن رىشاتكا قويۇلدى. تارتىنچاق قۇياش ئۆز جامالىنى نامايىش قىلىپ، تال- تال نۇرلىرىنى كىشىلەرنىڭ قىراۋ باغلاپ كەتكەن قاش- كۆز، ساقال- بۇرۇتلىرىغا تەكشى سەپتى، كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاپئاق ھور ئۆرلەيتتى. كىشىلەر ھازىرنىڭ ئۆيلىرىدە ھەدەپ ناشتا قىلىدىغان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى تامام ئۇنتۇشقان ئىدى. لېكىن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بۇنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشمىغانىدى. ئانام چىرايىغا ياسىما قىزغىنلىق يۈگۈرتۈپ بىزنىڭ روھىمىزنى كۆتۈرمەكچى بولاتتى، ئەمما سى مالياڭنىڭ يىغىسى ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى. سەككىزىنچى ئاچام خۇددى بەگزادىلەردەك جاڭگالدىن تېپىۋالغان بىر پارچە كەم تېپىلىدىغان بۇلۇت بىلەن سى مالياڭنىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاق كەبى ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلىرىنى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن سۈرتمەكتە ئىدى. سى مالياڭ ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. چوڭ ئاچام پۇتـــ قولىغا تەگمەي ئالدىراش يۈرگەن ئانامنىڭ كەينىدە تۇرۇۋېلىپ بىر سوئالنى توختىماي سوراۋەردى. ـــ ئانا، ئۇ ئۆلۈپ كەتسە مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق تۇتايمۇ ـــ تۇتمايمۇ؟

 ـــ ساراڭدەك گەپ قىلمىغىنا، ئوچۇق ـــ ئاشكارە توي تەكلىپى قويغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق تۇتۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق ـــ دېدى ئانام كايىپ.

چوڭ ئاچام بۇ سوئالنى ئون ئىككىنچى قېتىم سورىغاندا سەۋر قاچىسى يېرىلغان ئانام زەردە بىلەن دېدى:

 ـــ ھەي لەيدى، سەندە نومۇس دەيدىغان نەرسە بارمۇ يوق؟ بۇ سىڭلىمنىڭ ئېرى ئىدى دېمەستىن، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم نۇمۇسلۇق ئىش قىلدىڭ. ئۇيالساڭچۇ!

ئۇ داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىپراق دېدى:

ـــ ئانا، سىز ئۆزگىرىپ قاپسىز.

ـــ ئۆزگىرىپتۇ دېسەڭ ئۆزگەردىڭ، ئۆزگەرمىدى دېسەڭ ئۆزگەرمىدىمشۇ. ئون يىلنىڭياقى شاڭگۈەن ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى كۈدىنى ئورۇۋەتسە يەنە كۆكلەپ چىققانغا ئوخشاش بىرى ئۆلسە بىرى تۇغۇلۇۋەردى؛ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھامان ئۆلىدىغان گەپ. ئۆلمەكقۇ ئاسان، لېكىن ياشىماق تەس- تە. ياشىماق قانچە تەسلەشكەنسېرى شۇنچە ياشىغۇسى كېلىدىغان گەپ. ئۆلۈمدىن قورقمىغانسېرى تىرىشىپ- تىرمىشىپ يۈرۈپ ياشايدىغان گەپ. مەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمنىڭ چوڭ بولۇپ قاتارغا قېتىلغىنىنىمۇ كۆرىمەن تېخى. تولا روھىمنى چۈشۈرمەڭلار جۇمۇ!

ئۇ چاناقلىرى ياشقا تولغان، ئەمما يالقۇنلۇق كۆزلىرى بىلەن ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ چىقتى. ئاندىن گويا ئەڭ زور ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى ماڭا باغلىغاندەك كۆزلىرى مەندە توختىدى. بۇنىڭدىن زىيادە ئالاقزادە بولۇپ جايىمدا ئولتۇرالمايلا قالدىم. تېكىستلەرنى باشقىلارغا قارىغاندا تېزراق يادلىيالىغان، ئاياللار ئازادلىقى ناخشىسىنى باشقىلاردىن ياخشىراق ئېيتالىغىنىمدىن ئۆزگە تىلغا ئالغۇدەك ئارتۇقچىلىقىم يوق ئىدى. مەن يىغلاڭغۇ ئىدىم، قورقۇنچاق، ئاجىز ئىدىم، بەئەينى پىچىۋېتىلگەن ئوغلاقنىڭ ئۆزى ئىدىم.

ـــ نەرسە- كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇڭلار، ئۇنى ئۇزىتىپ قويايلى. ئۇ بىر خۇمپەر، ھەم بىر ئەزىمەت. بۇنداق ئادەملەردىن بۇرۇنلاردا 8- 10 يىلدا بىرەرسى چىقاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن يا چىقىدۇ، يا چىقمايدۇ،ـــ دېدى ئانام.

بىر ئۆيدىكى ھەممىمىز دەريانىڭ بويىغا كېلىپ تۇرۇۋېدۇق، ئەتراپىمىزدىكىلەر دۈررىدە بىزدىن يىراقلاشتى. بىر مۇنچە كىشىلەر بىزگە ئوغرىلىقچە قاراپ تۇراتتى. سى مالياڭ قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتمەكچى بولۇۋېدى، ئانام ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ:

ـــ بولدى قىلغىن لياڭئېر، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ يىراقتىن كۆرسەڭم بولىدۇ، ۇېقىن بېرىۋالساڭ ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋېتىسەن،ـــ دېدى.

قۇياش ئارغامچا بويى ئۆرلىگەن مەھەلدە بىر نەچچە ماشىنا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كېلىپ جياۋلوڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ دەريا قىرغىقىدىكى بىر يوچۇقتىن يامىشىپ ئۆتۈپ ئۈستىگە چىقتى. ماشىنا بېشىغا پۇلات قالپاق كىيىۋالغان ئەسكەرلەر بىلەن لىق تولغانىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتلىرىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان بولۇپ، گويا زور دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك چىرايى تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. ماشىنا چەللىنىڭ غەرب تەرىپىگە كېلىپ توختىدى، ئەسكەرلەر بىر جۈپ- بىر جۈپتىن بولۇپ ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشتى- دە، چاقماى تېزلىكىدە تارىلىپ مۇستەھكەم مۇھاسىرە ھاسىل قىلدى. ئارقىدىن كابىنكىدىن ئىككى ئەسكەر چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ كەينىدىكى توسۇق تاختاينى ئېلىۋەتتى، بويى ئېگىز، ناھايىتى بەستلىك كەلگەن سى ماكۇ قولىغا ۋال- ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىغان كويزا بار ھالەتتە ماشىنىدىكى ئەسكەرنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن پەسكە چۈشتى. ئۇ پەسكە چۈشۈپ يىقىلىپ كېتىۋېدى، ئالاھىدە تاللانغانلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرغان بىر نەچچە بەستلىك ئەسكەر ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويدى. سى ماكۇ ئاقسىغىنىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى، كۈپتەك ئىششىپ كەتكەن پۇتلىرىدىن يىرىڭلىق قان ئاقاتتى، ئۇنىڭ قەدىمى تەگكەن يەردىن سېسىقچىلىق پۇراپ تۇرىدىغان قەدەم ئىزى قېپقالدى. ئۇلار رەئىس سەھىنىسى تەرەپكە قايرىلدى، ئاندىن ھۆكۈم ئېلان قىلىش سەھنىسىگە چىقتى. سى ماكۇنى كۆرۈپ باقمىغان باشقا يېزىلىق پۇقرالارنىڭ كېيىن دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى قانخور ئالۋاستى سى ماكۇ چىرايى بەدبەشرە، ئادەم سۈرەتلىك مەخلۇق ئىكەن. ئۇلار سى ماكۇنى رەسمىي كۆرگەندىن كېيىن ئىختىيارسىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپتۇ. چاچلىرى پاكپاكىز چۈشۈرۈۋېتىلگەن مۇنۇ ئوتتۇرا ياشلىق دارازا كىشىنىڭ ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان يوغان كۆزلىرىدە ياۋزۇلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن. تۇرۇقىدىن ناھايىتى سەمىمىي، ساددىلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن. بۇ، سى ماكۇنى كۆرۈپ باقمىغان پۇقرالارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر گۇمان پەيدا قىلىپتۇ، ھەتتا ج خ ئىدارىسىدىن ئادەمنى خاتا تۇتۇپ قالدىمۇ نېمە دېگەندەك گۇماندىمۇ بوپتۇ.

ئوچۇق سوت يىغىنى ناھايىتى تېزلىكتە ئېچىلدى. سوتچى سى ماكۇنىڭ جىنايەتلىرىنى بىر- بىرلەپ ئوقۇپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەسكەرلەردىن بىر قانچىسى سى ماكۇنى ئىتتىرگىنىچە سەھىنىدىن چۈشتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ دالدىسىدا ئۇلار دەماللىققا كۆرۈنمەي قالدى، لېكىن ھايالشىمايلا رەئىس سەھنىسىنىڭ شەرق تەرىپىدە پەيدا بولدى. سى ماكۇ دەلدۈگۈنۈپ ئاران ماڭغاچقا ئۇنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ ماڭغان ئەسكەرنىڭ پۇتلىرى كالاماپيلىشىپ كېتەتتى. ھېلىقى نامى مەشھۇر مويتۇڭزىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلار قەدىمىنى توختاتتى. سى ماكۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ دەريا قىرغىقىغا ئۇدۇللاندى. ئۇ بەلكىم بىزنى كۆرگەندۇ، بەلكىم كۆرمىگەندۇ. سى مالياڭ «دادا» دەپ قاتتىق توۋلىۋېدى، ئانام ئۇنىڭ ئاغزىنى كاپپىدە ئېتىۋالدى- دە، قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئۇنى بەزلىدى:

ـــ لياڭئېر، گەپ ئاڭلىغىن، ئۇنداق توۋلاپ غەلۋە قىلما. كۆڭلۈڭنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن، ئەڭ مۇھىمى داداڭنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئۇ ھېچنېمىنى خىيالىغا كىرگۈزمەي ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنى قىلىۋالسۇن.

ئانامنىڭ گەپلىرى گويا سىرلىق ئەپسۇنغا ئوخشاش ھەش- پەش دېگۈچە غالجىر ئىتتەك ئەسەبىيلەشكەن سى مالياڭنى رايىش قوزىنىڭ ئۆزىگىلا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ناھايىتى تەمبەل كەلگەن ئىككى ئەسكەر سى ماكۇنىڭ يەلكىسىدىن تۇتتى- دە، سى ماكۇنىڭ گەۋدىسىنى ناھايىتى تەسلىكتە بۇراپ ئۇنى مويتۇڭزىغا قاراتتى. كۆلچەكتىكى 30 يىلنىڭياقى يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيى لىمون مېيىغا ئوخشاش قالغان بولۇپ، سۇدا ئۇنىڭ ياداڭغۇ چىرايى بىلەن زاڭاقلىرىدىكى يېڭىدىن پەيدا بولغان پىچاق ئىزلىرى ئەكس ئەتتى. جازا ئىجرا قىلىدىغانلارغا كەينىنى قىلىپ مويتوڭزىغا يۈزلىنىپ تۇرغان سان- ساناقسىز ئاياللارنىڭ چېھرى سۇ يۈزىدە ئەكىس ئەتتى، سان- ساناقسىز ئاياللارنىڭ ھىدى مويتوڭزىدىن دىماغقا ئۇرۇلاتتى، تۇرۇپلا ئۇنىڭدا تولىمۇ بىقۇۋۇل بىر ھالەتتە قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى، تىنىق سۇدەك تىنچ كۆڭلى شىددەتلىل دولقۇن مەۋج ئۇردى. ئۇ ناھايىتى جاھىللىق بىلەن كەينىگە ئۆرۈلدى- دە، جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىغان ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەدلىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەندە كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدىغان كەسپىي مەرگەننى قاتتىق چۆچۈتۈپ جاراڭلىق ئاۋازدا خىتاب قىلدى:

ـــ مېنى كەينىمدىن ئاتساڭلار بولمايدۇ!

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغانلاردىلا بولىدىغان بۇ ئۈندىمەس چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەن سى ماكۇ زاڭىقىدىكى پىچاق ئىزىنىڭ تۇيۇقسىز كۆيۈشۈپ ئاغرىغاندەك تۇيغۇدا بولدى، بۇزۇلغان چىرايى يۈزىنى زىيادە ئايايدىغان سى ماكۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ، تۈنۈگۈنكى ئىشلار قەلب قەسرىدە غەليان ئۇردى.

 

ئۇ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدار چۈشۈرگەن ئۆلۈم جازاسى ئۇقتۇرۇشىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلدارى ئۇنىڭدىن نېمە تەلىپى بار ئىكەنلىكىنى سورىۋېدى، ئۇ كىرپىنىڭ تىكىنىدەك تىرتىيىپ ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىنى سىيلاپ قويۇپ:

ـــ ساتىراچ ئەكېلىپ مېنى بىر ئىسكەتكە كىرگۈزۈپ قويساڭلار،ـــ دېدى.

ـــ مەن رەھبەرلەرگە دوكلات قىلىپ باقاي،ـــ دېدى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدار.

ساتىراچ كىچىك ئەپچىل ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان مەھبۇسلار ئۆيىگە قورقۇمسىراپ كىرىپ كەلدى- دە، سى ماكۇنىڭ چېچىنى ناھايىتى پەرۋاسىزلىق ئىلىكىدە پاكپاكىز چۈشۈرۈۋەتتى، ئاندىن ئۇنىڭ ساقال بۇرۇتىنى ئېلىشقا باشلىدى. ساقىلىنىڭ يېرىمى ئېلىنىپ بولغاندا ئۇنىڭ زاڭىقى كېسىلىپ كېتىپ قان تەپچىرەشكە باشلىدى. سى ماكۇنىڭ بىر توۋلىشى بىلەن تەڭ قورقۇپ كەتكەن ساتىراچ ئۆزىنى تالاغا ئاتتى دە، مىلتىق تۇتۇۋالغان ئىككى كۆزەتچىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى.

ـــ ماۋۇ ئەبلەخنىڭ چېچى چوشقىنىڭ تۈكىدىنمۇ يىرىككەن،ـــ ساتىراچ بىسى ئۇچۇپ كەتكەن ئۇستۇرىسىنى كۆزەتچىنىڭ ئالدىغا يېقىن ئەكېلىپ دېدى،ـــ ئۇستۇرىنىڭ بىسى ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ساقىلى پولات سىمدىن ياسالغان چوتكىدەك بەك يىرىك ئىكەن. ساقالدىن تەلىيى چىققان خۇمپەر ئىكەن بۇ.

ساتىراچ ئەسۋابلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىشكە تەرەددۇت قىلدى.

ـــ ۋاي ئىتنىڭ بالىسى، ساقالنى مۇشۇنداق ئالامسەن؟ سەن خۇمپەر مېنى مۇشۇ پۇچۇق ساقىلىم بىلەن يۇرتداشلىرىمنى كۆرگىلى بارسۇن دېمەكچىمۇ؟ـــ دەپ تىل سالدى سى ماكۇ.

ـــ ۋۇ ئۆلۈمتۈك ئەبلەخ،ـــ دەپ تىللىدى ساتىراچ،ـــ ساقىلىڭ ئاشۇنداق يىرىك بولغاندىكىن، تەلىيىم باركەن دەپ خوش بولساڭ بولىدۇ تېخى.

ـــ ۋاي جېنىم نەۋرەم، ماز گەپنى ئاز قىلە، تەلەينىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن ئەسلا بىلمەيمەن، ـــ سى ماكۇ كۈلۈپ بولالمايلا قالدى.

 ـــ بوش كاكىرا ئاداش، بۇ تەلەي بولماي نېمە؟ ـــ دېدى ساتىراش ھازىر جاۋابلىق بىلەن، ـــ قۇلىقىم پاڭ ئەمەس مېنىڭ.

 ـــ ھۇ خۇمپەر! ـــ دېدى سى ماكۇ، ـــ ئاغرىقىغا پايلىماي پۇشۇلداپ كەتكىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟

ـــ ھەي ئۇستام، مەن سەندەك ساقال ئالغان ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن، سەل تەس كەلسىمۇ خەقنىڭ ساقىلىنى پاكىز ئېلىپ قويمامسەن،ـــ دېدى كۆزەتچى.

ـــ بولدى، ئالمايمەن، مەندىن ئۇستا ساتىراچنى ئەكېلىپ ئالدۇرۇۋېلىڭلار،ـــ دېدى ساتىراچ.

ـــ ئاناڭنى، دۇنيادا مەن سەندەك كىسپۇرۇچنى كۆرمەپتىكەنمەن. بۇرادەرلەر، قولۇمدىكى كويزىنى ئېچىۋېتىڭلار. ساقىلىمنى ئۆزۈم ئېلىۋالاي،ـــ دېدى سى ماكۇ خۇرسىنىپ.

ـــ بولمايدۇ، سەن شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەلۋىلىك قىلساڭ، قېچىپ كەتسەڭ ياكى ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈۋالساڭ، بىز ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايمىز،ـــ دېدى كۆزەتچى كەسكىنلىك بىلەن.

ـــ ۋۇ ئاناڭنى، باشلىقىڭنى چاقىرىپ كېلىشە،ـــ سى ماكۇ ئاغزىنى بۇزۇپ شۇنداق دەپ تىللىدى ۋە قولىدىكى كويزا بىلەن تۆمۈر دەرىزىگە مۇشتلاپ جاراڭ جۇرۇڭ ئاۋاز چىقىرىۋەتتى.

بىز ئايال ساقچى يۈگۈرۈپ كېلىپ:

ـــ سى ماكۇ، نېمە غوۋغا كۆتۈرىسەن؟ـــ دەپ سورىدى.

ـــ ۋاي خېنىم، ماۋۇ ساقىلىمغا بىر قاراپ بېقىڭە. تېڭىنى چۈشۈرۈپ بولغاندا، يىرىككەن دەپ چۈشۈرگىلى ئۇنىمىدى. نەدە بۇنداق ئىش باركەن؟ـــ دېدى سى ماكۇ.

ـــ بۇ ئىش راستنلا قاملاشماپتۇ،ـــ ئايال ساقچى ساتىراچنىڭ يەلكىسىگە شاپىلاقلاپ قويۇپ دېدى،ـــ ئۇنىڭ ساقىلىنى نېمىشقا تولۇق ئالمىدىڭىز؟

ـــ ساقىلى بەك يىرىككەن، ساقالدىن تەلىيى چىققان ئادەمكەن بۇ . . .

ـــ ھېلى يەتمىش پۇشتۇڭنى سىكىمەن، ھېلى شوۋچى، يەنە تەلەينىڭ گېپىنى قىلىسەنغۇ!

ساتىراچ ناكار بولغان ئۇستۇرىسىنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

ـــ ھېي بۇرادەر، ئوغۇلبالىمۇ نېمە سەن، قولۇمدىكى كويزىنى ئېچىۋەت، ساقىلىمنى ئۆزۈم ئېلىۋالاي. بۇ مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىم بوپ قالسۇن،ـــ دېدى سى ماكۇ.

ئايال ساقچى سى ماكۇنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولغاچقا سەل ئارىسالدى بولۇپراق كۆزەتچىگە كەسكىنلىك بىلەن: «كويزىنى ئېچىۋەت» دېدى.

كۆزەتچى دىر- دىر تىتىرىگىنىچە سى ماكۇنىڭ قولىدىكى كويزىنى ئاچتى- دە، دەررۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى. سى ماكۇ كۈپتەك ئىششىپ كەتكەن بېغىشىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ، قولىنى ساقچىغا سۇندى. ئايال ساقچى ساتىراچنىڭ قولىدىن ئۇستىرىنى ئېلىپ سى ماكۇغا تەڭلىدى.

سى ماكۇ ئۇستىرىنى قولىغا ئالدى- دە، تەسىرلەنگىنىدىن ئايال ساقچىنىڭ قويۇق قاشلىرىنىڭ ئاستىدا مۆلدۈرلەپ تۇرغان چېكىتتەك قارا كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ سورىدى:

ـــ سىز مېنىڭ تەلۋىلىك قىلىشىمدىن، قېچىپ كېتىشىمدىن، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىمدىن قورقمامسىز؟

ئايال ساقچى كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:

ـــ ئۇنداق قىلساڭ سەن سى ماكۇ بولماي قالىسەن- دە!

سى ماكۇ ئۇھسىنىپ قويۇپ دېدى:

ـــ ئاياللارنىڭلا مېنى ئەڭ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟

ئايال ساقچى مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن كۈلۈپ قويدى.

سى ماكۇ كۆزىنى ئاۋۋال ئايال ساقچىنىڭ گىلاسنى ئەسلىتىدىغان چىڭڭىدە كەلگەن لەۋلىرىگە شەيدالىق ئىلىكىدە تىكتى، ئاندىن ئۇنىڭ توپا رەڭ فورمىسى ئىچىدە تىككىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسىگە يۆتكەپ:

ـــ سىڭلىم، ئەمچىكىڭىز راۋۇرۇس يوغان ئىكەن- ھە!ـــ دېدى.

ئايال ساقچى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ھەم نومۇس ھەم غەزەب ئىلىكىدە سى ماكۇنى تىللىدى:

ـــ ۋۇ نومۇسىنى بىلمەيدىغان ئوغرى، جېنى تۇمشۇقىغا كەلگەندىمۇ ھەررەڭـــ سەررەڭ خىيالدا بولۇپ يۈرگىنىنى!

ـــ ۋوي سىڭلىم، ئۆمرۈمدە شۇنچە جىق ئاياللارنى جايلاپتىمەن، لېكىن- زە، بىرەر ئايال كوممۇنىستنى جايلاپ باقمىغىنىمغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن جۇمۇ!ـــ دېدى سى ماكۇ جىددىي تەرزدە.

غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئايال ساقچى سى ماكۇنى چاڭڭىدە بىر كاچات سېلىۋەتتى، كاچات شۇنچىلىك چىڭ تەگدىكى ئاۋازىدىن تۇرۇسمۇ لىڭشىپ توپا سىيرىلىپ چۈشتى. سى ماكۇ ھېچئىش بولمىغاندەك بىزەڭلەرچە ھىجىيىپ تۇرۇپ:

ـــ قېينى سىڭلىممۇ كومپارتىيە ئەزاسى، مەيدانى مۇستەھكەم، ئەمچىكى بەك يوغان . . .

ئايال ساقچىنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى، سى ماكۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ، بوش ئاۋازدا:

ـــ  بېرىپ ئىتنى بىر جايلىغىنە سەن. ئۆزۈڭگە ھېزى بول، مەن خانئاچاڭ ئاۋۇ بىر نېمەڭنى كېسىۋەتمەي يەنە!ـــ دېدى.

سى ماتىڭنىڭ نەپرەت ئىلىكىدە توۋلىغان ئاۋازى سى ماكۇنى ھەسرەتلىك خىياللار قاينىمىدىن سۆرەپ چىقتى، ئۇ بىر نەچچە تەمبەل خەلق ئەسكىرىنىڭ ئاكىسىنى سۆرىگىنىچە ئادەملەر توپى ئىچىگە سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ـــ ئۇۋال بولدى . . . ئۇۋال بولدى . . . مەن جىق تۆھپە كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئاكا ـــ ئىنىلىقتىن بۇرۇنلا جۇدا بولغانمەن . . .ـــ سى ماتىڭ يىغلاپ نالە قىلاتتى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمايتتى. سى ماكۇ ھەسرەتلىك ئاھ ئۇردى، قەلبىدە خىجىللىق تۇيغۇسى مەۋج ئۇردى. ئاكام ھەجەپ نىيىتى دۇرۇس ئادەم ئىدىـــ دە. شۇم ئېغىز بولغىنى بىلەن، ھالقىلىق پەيتلەردە يەنە مەن تەرەپتە تۇراتتى. سى ماكۇ نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم ئاكىسىغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەن مەنزىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ چاغدا سى ماكۇ تېخى بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان بالا ئىدى، ئاكىسىغا ئەگىشىپ قەرز يىغاتتى. ئەڭلىك ساتىدىغان خالتا كوچىدىن ئۆتكەنلىرىدە يۈزلىرىنى ئالىبۇلىماچ بويۇۋالغان چوكانلار ئاكىسىنى سۆرىگەن پېتى قاياققىدۇر ئەكىرىپ كېتەتتى. ئاكىسى يېنىپ چىققاندا چۆنتىكى قۇرۇقدىلىنىپ قالاتتى. ئاكىسى: «ئۇكام، ئۆيگە بېرىپ دادامغا: ‹يولدا بۇلاڭچىغا ئۇچرىدۇق› دېگىن» دەيتتى. بىر قېتىم، تاۋۇز چاغىنى ۋاقتىغۇ دەيمەن، ئاكىسى مەست بولۇپ قالدى. شوپاڭخانىغا كۆڭۈل ئاچقىلى بارغاندا، كىشىلەر تەرىپىدىن كىيىم- كېچەكلىرى سالدۇرۇۋېلىنىپ تۇخۇمەك دەرىخىگە ئېسىپ قويۇلدى. «ئۇكام، ئۇكام، مېنى تېز چۈشۈرۈۋالغىن» دېدى ئاكىسى. ئاكىسىنىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. «ئاكا، ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى سى ماكۇ. ئاكىسى شۇ چاغلاردا خويمۇ قىزىقچى ئىدى. ئاكىسى يۇمۇرلۇق قىلىپ: «ھەي ئۇكام، ھەي ئۇكام، ھوزۇرنى ماۋۇ كىچىك باش سۈرۈپ، دەردىنى يوغان باش تارتتى» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. . . سى ماتىڭنىڭ پۇتلىرى بوشىشىپ، ئورنىدا رۇس تۇرالمايلا قالدى. بىر كەنت كادىرى ئۇنى قىستاپ:

ـــ سى ماتىڭ، ئېيتە، فۇ شېڭتاڭنىڭ يەر ئاستى خەزىنىسى قەيەردە؟ دېمەيدىغان بولساڭ، سېنىمۇ ئۇكاڭ بىلەن بىللە جەھەننەمگە ئۇزىتىۋېتىمىز!ـــ دېدى.

ـــ خەزىنە يوق، خەزىنە يوق، خەزىنە يەر ئىسلاھاتىدىلا قۇرۇقدىلىنىپ بولۇنغان!ـــ دېدى سى ماتىڭ ئېچىنىشلىق تەرزدە چۈشەندۈرۈپ.

سى ماكۇ كۈلۈپ قويۇپ:

ـــ ئاكا، تولا چوقان سالمىساڭ بولمامدۇ،ـــ دېدى.

ـــ سەن خۇمپەر ماڭا زىيانكەشلىك قىلدىڭ!ـــ دەپ تىللىدى سى ماتىڭ.

سى ماكۇ ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ بېشىنى چايقىدى. بىر ساقچى سۆڭگىچىگە ئېسىۋالغان تاپانچىسىنى قاماللاپ كەنت كادىرىغا كايىدى:

ـــ تولا مالىمانچىلىق تېرىماي، ماۋۇنى ئادەمنى دەرھال ئەكەت! كاللاڭدا سىياسەت ئۇقۇمى دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن سېنىڭ!

ـــ ماشىنا توسۇپ ئازراق ماي تارتقاچ كېلەمدۇق!ـــ كەنت كادىرى شۇنداق دېگەچ سى ماتىڭنى سۆرەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى.

جازانى نازارەت قىلغۇچى ئەمەلدار قىزىل رەڭلىك كىچىك بايراقنى كۆتۈردى- دە: «تەييارلىق . . . » دەپ كاركىرىدى.

مەرگەنلەر مىلتىقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاخىرقى بۇيرۇقنى كۈتۈپ تەق بولۇپ تۇرۇشتى. سى ماكۇ ئۆزىگە توغرىلانغان مىلتىقنىڭ ئۆڭكۈردەك قاپقار سىتىۋۇلىغا قارىدى، چىرايىغا سوغۇق تەبەسسۇم تېپىپ چىقتى. شۇ ئەسنادا دەريا قىرغىقىدا بىر دەستە قىزىل نۇر پارقىرىدى، ئاياللارنىڭ ھىدى پۈتۈن جاھاننى قاپلىغانىدى.

ـــ ئاياللار ياخشى نەرسە جۇمۇ . . .ـــ دېدى سى ماكۇ.

كەينىدىن ئۇلىشىپلا كىشى كۆڭلىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان مىلتىق ئاۋازى ياڭرىدى. سى ماكۇنىڭ كاللىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ، قىپقىزىل قانلار بىلەن ئاپئاق مېڭە قېتىقى ئەتراپقا چاچرىدى. ئۇنى گەۋدىسى بىر دەقىقە قېتىپ قالدى- دە، كەينىدىن ئالدىغىلا پالاققىدە يىقىلدى.

شۇ ئەسنادا ئەمدىلا پەردىسى چۈشەي دەپ قالغان ئويۇننىڭ پەردىسى قايتىدىن ئېچىلىپ كولمىناتسىيە نۇقتىسغا چىقتى، شا كوۋزى كەنتىلىك تۇل چوكان سۈي فېڭشيەن ئۇچىسىغا ئوتقاشتەك قىپقىزىل تاۋاردىن پاختىلىق چاپان، يېشىل تاۋاردىن ئىشتان كىيىپ، چېچىغا ساپسېرىق رەڭلىك بىر تۇتام شايى گۈل قىسقىنىچە دەريا قىرغىقى تەرەپتىن ئېتىلىپ كەلگەن پېتى سى ماكۇنىڭ يېنىغا ئۆزىنى تاشلىدى. مەن ئۇنى سى ماكۇنىڭ جەسىتىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ داد- پەرياد سېلىپ يىغلايدىغۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ يىغلىمىدى، بەلكىم سى ماكۇنىڭ ئوق تېگىپ چۇۋۇلۇپ كەتكەن كاللىسىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن يۈرىكى توختاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ قوينىدىن بىر تال قايچىنى چىقاردى، مەن تېخى ئۇنى قايچىنى كۆكرىكىگە سانجىپ سى ماكۇنىڭ پىراقىدا جان بېرەمدىكىن دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ خەقنىڭ كۆزىچىلا قايچىنى سى ماكۇنىڭ كۆكرىكىگە نىقتاپ قويدى ـــ دە، يۈزىنى ئەتكىنىچە ھۈ تارتىپ يىغلىغىنىچە پايپاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەتتى.

تاماشا كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەر جايىدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى، سى ماكۇنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن دېگەن ھېلىقى گېپىنىڭ ئاھاڭى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تىشىپ كىرىپ، قۇرتقا ئوخشاش مىدىرىماقتا ئىدى. ئاياللار ياخشى نەرسىمىكىنە؟ ئاياللار بەلكىم ياخشى نەرسىدۇر، ئاياللار دېمىسىمۇ ياخشى نەرسە، لېكىن تېگى- تەكتىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ئاياللار ياخشى نەرسە ئەمەس جۇمۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11621

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: