پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 15- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى 

ئون بەشىنچى باب

شۇ كۈنى ئاخشىمى ، سائەت 8:30 بولغان چاغ ، ئالىپتە كىيىنگەن دورىيان گرېي مۇلازىملارنىڭ ھۆرمەت تەكەللۇپى ئاستىدا ناربوروف خانىمنىڭ مېھمانخانىسىغا كىرىپ كەلدى . ئۇ بۆلەكچە ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ، چېكە تۇمۇرلىرى توختىماي لىپىلدايىتتى . لېكىن ، ئىڭىشىپ ساھىپخان ناربوروف خانىمنىڭ قولىغا سۆيگەن چاغدا ، ئۆزىنىڭ سالاپەتلىك تۇرۇقىنى قىلچە بۇزمىدى . بەلكىم كىشىلەر رول ئېلىشقا مەجبۇر بولغاندا ، ئۆزىنى ئەركىن ، بىمالال كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغاندۇ . دورىياننىڭ ئاشۇ سالاپەتلىك تۇرۇقىنى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭ تېخى بايىلا ئېچىنىشلىق دېلودىن بىرنى سادىر قىلغىنىغا ئىشەنمەيىتتى (ئۇنىڭ قەبىھلىكى دەۋرىمىزدىكى باشقا ھەر قانداق ئېچىنىشلىق دېلونىڭ قەبىھلىكىدىن قېلىشمايىتتى) . ئۇنىڭ ئاشۇ قاشتېشىدەك سۈزۈك قوللىرى بىلەن قانلىق پىچاقنى تۇتقانلىقىغا ، يېقىملىق كۈلكە كەتمەيدىغان ئاشۇ چىرايلىق ئاغزى بىلەن تەڭرى ۋە ئىلاھنى قارغىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيىتتى . ھەتتا ئۆزىنى قانداقلارچە بۇنچە تەمكىن تۇتالىغانلىقىغا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتى . ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ مۇشۇ ماسلىشىشچان خاراكتېرىدىن بۆلەكچە خۇش بولۇپ قالدى .

بۇ كىچىك تىپتىكى زىياپەت ناربوروف خانىم تەرىپىدىن ئالدىراپ – تېنەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى . ئۇ ناھايىتى زېرەك ئايال بولۇپ ، ئەنگلىيىنىڭ شۆھرەتلىك بىر باش ئەلچىسىنىڭ رەپىقىسى ئىدى . ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ناربوروف خانىم ئۆز قولى بىلەن لايىھىلىگەن مەرمەر تاشتىن ياسالغان قەبرىگە دەپنە قىلدى ، قىزىنى يېشى چوڭراق بىر پۇلدار كىشىگە ياتلىق قىلدى . ھازىر ئۇ كۈنلىرىنى فرانسىيىنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇش ، فرانسىيە تائاملىرىنى ئېتىش ۋە ئۆزى ئوبدان چۈشىنىدىغان فرانسىيە روھىغا مەلەك بولۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدى .

ناربوروف خانىم دورىيانغا بەك ئامراق ئىدى ، ئۇنىڭغا ھەدېسىلا : «ئېسىت ، نېمىشقا سىز بىلەن ياشراق ۋاقىتلىرىمدا تونۇشمىغان بولغىيىتتىم . بولمىغان بولسا ، ئېنىقلا سىزنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان بولاتتىم» دەپ قوياتتى . ئۇ دورىيانغا يەنە نەچچە قېتىم : «ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا ، سىز ئۈچۈن شىلەپەمنى تۈگمەنگە تاشلىۋەتكەن بولاتتىم . ① ھېلىمۇ شۈكرى ، ئۇ چاغدا سىزدەك بىر يىگىتنىڭ بارلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن . ئۇ چاغدا شىلەپىلىرىمىز بەك سەت ئىدى ، تۈگمەنلەرمۇ پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ، بىرەرسى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىشىپمۇ باقماپتىكەنمەن . بۇنىڭ ھەممىسىگە ئېرىم ناربوروف ئەيىبلىك . ئويلاپ بېقىڭە ، كۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئوڭلاپ بىرەر نەرسىنىمۇ كۆرەلمەيدىغان بىر كىشى بىلەن بىللە ياشاش نەقەدەر مەنىسىز – ھە !» دېگەنىدى .

ناربوروف خانىم زىياپەتكە تولىمۇ تۇترۇقسىز كىشىلەرنى چاقىرغانىدى . ئۇ كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن يەلپۈگۈچى بىلەن يۈزىنىڭ يېرىمىنى توسۇۋېلىپ ، ياتلىق قىلىۋەتكەن قىزىنىڭ تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، بۇ ئاز كەلگەندەك ، ئېرىنىمۇ باشلاپ كەلگەنلىكى ، شۇ سەۋەبتىن زىياپەتنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى دورىيانغا ئەزۋەيلەپ چۈشەندۈردى . « قەدىرلىكىم ، قىزىم بەك كۆيۈمسىز چىقىپ قالدى» دېدى ئۇ ئاستاغىنە : «ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەر يىلى يازدا ھامبۇرگدىن قايتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭكىدە بىر مەھەل تۇرىمەن . ئادەم بۇ ياشقا كەپ قالغاندا ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگۈسى كېلىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن بارسام ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى رەڭدارلىشىپ قالامدىكىن دەپ ئويلايدىكەنمەن . سىز ئۇلارنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيسىز . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي سەھرا تۇرمۇشى دېسەك بولىدۇ . ئۇلار قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغاچقا ، ئورنىدىن سەھەر تۇرۇشىدۇ . ئويلايدىغانلىرى ئاز بولغاچقا ، بالدۇرلا ئۇيقۇغا چۈشىدۇ . ئېلزابېت دەۋرىدىن تارتىپ ، ئۇلار تۇرغان جايلاردا ھېچقانداق سەتچىلىك يۈز بېرىپ باقمىدى . ئادەتتە ئۇلار كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا ئۇخلايدۇ . ئاۋۇ ئىككىسى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرماڭ . يېنىمدا ئولتۇرسىڭىز ، كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ» دېدى .

دورىيان ناربوروف خانىمنى پەس ئاۋازدا بىردەم ماختاپ – ئۇچۇرغاندىن كېيىن ، ئەتراپىغا سەپسېلىشقا باشلىدى . زىياپەتكە ھەقىقەتەن تۇترۇقسىز كىشىلەر يىغىلغانىدى . ئىككىيلەننى ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى ؛ ئېرنىسىت ھارودىن لوندون كۇلۇبىدا تولا كۆزگە چېلىقىدىغان ، كىشىنى يا خۇش قىلىشنى ، يا خاپا قىلىشنى بىلمەيدىغان كالتە پەم ئادەم ئىدى ؛ ئالا – بۇلىماچ ياسىنىۋالغان ، ئىلمەك بۇرۇن ئاۋۇ ئايال راكستون خانىم بولۇپ ، بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن ئىدى . ھەدېسىلا ئابرۇيىنى تۆكۈۋېلىشقا ئارانلا تۇراتتى ، تەققى – تۇرۇقى ناھايىتى كۆرۈمسىز بولغاچقا ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىشقىۋازلىق قىلىشقىنىغا ئىشەنمەيىتتى ، بۇنىڭدىن ئۇ تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنەتتى ؛ قوڭۇر چاچلىق ئاۋۇ ئايال ئېرلىن خانىم بولۇپ ، ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىشقا ئامراق ئىدى . گەپ قىلغاندا تاۋۇشلارنى ئېنىق تەلەپپۇز قىلالماي ، كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايىتتى ؛ ئەلس چاپمان خانىم ساھىبخان ناربوروف خانىمنىڭ قىزى بولۇپ ، كىيىنىشنى ئۇقمايدىغان كالامپايراق چوكان ئىدى ، تىپىك ئەنگىلىيىچە چىرايىنى بىر كۆرگەن كىشى ئىككىنچى قېتىم ئېسىگە ئالالمايىتتى ؛ يەنە بىرى ئەلس خانىمنىڭ يولدىشى ئىدى ، ئىككى مەڭزى قاچانلا قارىسا توغاچتەك قىزىرىپلا تۇرىدىغان ، بومبا ساقاللىرى ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن بۇ كىشى ئۆزى بىلەن ئوخشاش قاتلامدىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا ، خۇشال – خۇرام ياشاشنى مەنىۋى نامراتلىقنىڭ دورىسى دەپ قارايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى .

دورىيان بۇ يەرگە كەلگىنىدىن ناھايىتى پۇشايمان قىلدى . شۇ ئەسنادا ، ناربوروف خانىم تام ئوچاق جاھازىسىنىڭ ئۈستىدىكى سۆسۈن يۇپۇق يېپىپ قويۇلغان ئالتۇن ھەل بېرىلگەن يوغان سائەتكە قاراپ قويۇپ : «ھېنىرى ۋاتتوننىڭ نېمە قىلغىنى – بۇ ! شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ تېخىچە  كەلمەيۋاتقىنىنى قاراڭ ! ئەتىگەن ئاتايىن ئادەم ئەۋەتسەم ، ناربورۇف خانىمنى ئۈمۈدسىز قويمايمەن ، زىياپەتكە چوقۇم بارىمەن دەپ ۋەدە بېرىپتىكەن» دەپ ۋارقىرىدى . دورىيان لورد ھېنىرىنىڭ كىلىدىغىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلى خېلى جايىغا چۈشتى . ئىشىك ئېچىلىپ ، لورد ھېنىرىنىڭ يېقىملىق ئاۋازدا كېچىكىپ قالغىنى ئۈچۈن يالغاندىن ئەپۇ سورىغىنى ئاڭلاندى .

زىياپەتتە دورىياننىڭ گېلىدىن ھېچنىمە ئۆتمىدى ، تەخسە – تەخسە ئېسىل قورۇمىلار چوكا تەگمەيلا يېغىشتۇرۇۋېتىلىپ ، ئورنىغا يېڭى قورۇمىلار پەيدا بولاتتى . دورىياننىڭ ھېچنىمە يىمەي ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ناربورۇف خانىم ئاغرىنىپ : « بۇ قىلغىنىڭىز قاملاشمىدى ، بۇ قورۇمىلارنى بىچارە ئادولف ئەپەندىم ئاتايىن سىز ئۈچۈن تەييارلىغان ئىدى» دەيتتى . دورىياننىڭ قارشىسىدا ئولتۇرغان لورد ھېنىرىمۇ ئۇنىڭغا پات – پات قاراپ قوياتتى ، ئۇنىڭ گەپ قىلماي خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىدىن ئىچى پۇشۇۋاتاتتى . مۇلازىم ئۇنىڭ رومكىسىغا پات – پاتلا شامپان لىقلاپ قوياتتى . ئۇ خۇددى ھاراق خۇمارى تۇتقان كىشىدەك ، رومكىنى بىر كۆتۈرۈپلا قۇرۇقداپ قوياتتى .

– دورىيان ، – ئىچى پۇشۇپ تاقىتى توشقان لورد ھېنىرى ياۋا قۇشنىڭ گۆشىدىن بىر پارچە ئۇزاتقاچ سورىدى ، – سىزگە زادى بۈگۈن نېمە بولدى؟ بەك سۇلغۇن كۆرىنىسىزغۇ؟     

– بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان گەپ ، – دېدى ناربورۇف خانىم ،- ئۇ مېنى كۈندەشلىكى تۇتىدۇ دەپ گەپلىرىنى دىمەيدۇ . توغرا ، شۇنداق ئىش بۇلۇپ قالسا ، مېنىڭ ئەلۋەتتە كۈندەشلىكىم تۇتىدۇ .

– قەدىرلىك ناربورۇف خانىم ، – دېدى دورىيان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، – فېررول خانىم كەتكەندىن بېرى ، بىر ھەپتە بولدى ، ھېچكىمنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم .

– سىلەر ئەرلەر نىمىشقا ئاشۇنداق ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانسىلەر؟- دېدى ناربوروف خانىم ھەيرانىلىق ئىلىكىدە ، – ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ .

– چۈنكى ئۇ سىزنىڭ كىچىك چاغلىرىڭىزدىكى ئىشلىرىڭىزنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق ، ناربورۇف خانىم ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – ئۇ بولمىغان بولسا ، سىزنىڭ قىسقا يوپكا ھەققىدىكى ئىشىڭىزنى قانداق بىلەتتۇق؟

– مېنىڭ قىسقا يوپكا كىيگەنلىگىم ئۇنىڭ ھەرگىز ئىسىدە يوق لورد ھېنىرى . لېكىن ، ئۇنىڭ 30 يىل بۇرۇنقى ۋېنادىكى ۋاقتى ھازىرقىدەك ئىسىمدە . شۇ چاغدا ئۇمۇ مەيدىسى ، دۈمبىسى ئوچۇق كىيىملەرنى تازا كىيەتتى .

– ئۇ ھازىرمۇ شۇنداق كىيىملەرنى كىيىدۇ ، – دېدى لورد ھېنىرى ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن بىر تال زەيتوننى ئىلىپ ، – ئۇ چىرايلىق مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىۋالسا ، بەئەينى فىرانسىيىنىڭ ئېسىل مۇقاۋىلانغان پاخ – پاخ رومانلىرىغىلا ئوخشاپ قالىدۇ . ئۇ كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمىگۈدەك دەرىجىدە گۈزەل ئايال . ئۇ يەنە ئائىلىسىگە قالتىس كۆيۈنىدۇ . ئۈچىنجى ئېرىنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەلدى بولغاي ، دەردۇ – ھەسىرەت دەستىدىن چاچلىرى تامام سارغىيىپ كەتتى .

– نىمانداق گەپلەرنى قىلىسىز ھاررى؟- ۋارقىرىدى دورىيان .

– گەپلىرىڭىز نىمانداق قىززىق ، – ناربورۇف خانىم كۈلۈپ تاشلىدى ، – ئۈچىنجى ئېرى دېدىڭىزما؟ لورد ھېنىرى ، سىز فېررولنى ئۇنىڭ تۆتىنجى ئېرى دىمەكچىما ؟

– ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز ناربورۇف خانىم !

– دېگەنلىرىڭىزنىڭ بىرىگىمۇ ئىشەنمەيمەن .

– ئىشەنمىسىڭىز ، گېرىي ئەپەندىمدىن سوراپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇ فېررول خانىمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى .

– راسىت شۇنداقما گېرىي ئەپەندىم؟

– ئۇ ماڭىمۇ شۇنداق دېگەن ناربورۇف خانىم ، – جاۋاب بەردى دورىيان ، – مەن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن : « سىزمۇ مارگارىت دې ناۋاررېدەك  ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىڭىزنىڭ يۈرۈكىنى خۇشپۇراق نەرسىلەر بىلەن چىرىمەيدىغان قىلىپ بىلىڭىزگە ئىسىۋالغانمىدىڭىز؟» دەپ سورىسام ، ئۇ « ياق» دېدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ يۈرۈكى يوق ئىكەن ئىدۇق .

– ئۇ تۆت قېتىم ئەرگە تەگكەنما ! بەك ھېسىياتچان ئايال ئىكەن ئەمىسە .

– مەن ئۇنىڭغا:« سىز ھېسىيات ئىشىدا بەك دادىل ئىكەنسىز دېگەن ئىدىم» – دېدى دورىيان .

– ھەي ! ئۇ ھەممە ئىشتا ئاشۇنداق دادىل ، قەدىرلىكىم . ھە راسىت ، فېررولنىڭ چىراي شەكلى قانداق ئىدى؟ مەن ئۇنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن .

– سەتەڭ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ چىرايى جىنايەتچىگە ئوخشاپ كېتىدۇ ، – دېدى لورد ھېنىرى ئۈزۈم ھارىقىدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ قۇيۇپ .

ناربورۇف خانىم يەلپۈگۈچ بىلەن  ئۇنى نۇقۇپ قۇيۇپ دېدى :

-لورد ھېنىرى ، ئەمدى بىلدىم ، خەقنىڭ سىزنى بەك قىلىقسىز دېگىنى بىكار ئەمەس ئىكەن .

– كىم شۇنداق دەيدۇ؟ – سورىدى لورد ھېنىرى قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ قۇيۇپ ، – كەلگۈسىدە دۇنياغا كىلىدىغان كىشىلەر شۇنداق دېگەندۇ ھەقاچان ؟ ھازىرقى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋاتىمەن . ئۇلار ھەرگىز ئۇنداق دېمەيدۇ .

– مەن تونۇيدىغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى شۇنداق دىيىشىۋاتىدۇ، – دېدى ناربورۇف خانىم بېشىنى چايقاپ قۇيۇپ .

لورد ھېنىرىنىڭ چىرايى خېلىغىچە تۈرۈلۈپ كەتتى .

– ھەجەپ ئۆچ بولدۇم ، – دېدى ئۇ ، – ھازىر كىشىنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىدىغانلار ئەدەپ كەتتى . لېكىن ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى راسىت گەپلەر .

– ئۇنىڭ مىجەزى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ئوخشايدۇ ! – دېدى دورىيان ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ .

– مېنىڭچە ، ئاشۇنداقراق بولغىنى ياخشى ، – ناربورۇف خانىم كۈلۈپ قويدى ، – ئەگەر فېررول خانىمغا راستىنلا ئاشۇنداق چوقۇنىدىغان بولساڭلار، مەنمۇ قايتا توي قىلىپ ئېقىمغا يىتىشىۋالسام بولغۇدەك .

– سىز ئەمدى توي قىلسىڭىز بولمايدۇ ناربوروف خانىم ، – گەپنى بۆلدى لورد ھېنىرى ، – سىز بۇرۇن تازا بەختىڭىزنى تاپقان ئىدىڭىز . ئالدىنقى ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئاياللارلا قايتا توي قىلىدۇ . ئەرلەر بولسا ئالدىنقى ئايالىنى زىيادە ياخشى كۆرگەچكىلا قايتا توي قىلىدۇ . ئاياللارنىڭ قايتا توي قىلىشى دەل ئۇلانىڭ تەلىيى كەلگىنى . ئەرلەرنىڭ توي قىلىشى بولسا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغىنى .

–  ئېرىم ناربورۇف ئۇنچە مۇكەممەل ئەرلەردىن ئەمەس ئىدى ، – ددېدى ناربورۇف خانىم .

– بەك مۇكەممەل بۇلۇپ كەتكەن بولسا ، سىز ئۇنى ھەرگىز ياخشى كۆرمىگەن بولاتتىڭىز ، قەدىرلىك خانىم ، – دېدى لورد ھېنىرى ناربورۇف خانىمىنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ ، – ئاياللار بىز ئەرلەرنى كەمچىلىكى بولغاچقىلا ياخشى كۆرىدۇ . ئەگەر كەمچىلىكلىرىمىز ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇلۇپ كەتسە ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشىمىزنى كەچۈرىۋېتىدۇ . ناربورۇف خانىم ، مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىم ئۈچۈن مېنى زىياپەتكە چاقىرماي قالماسسىز – ھە ! لېكىن ، بۇ دېگەن پاكىت .

– دېگەنلىرىڭىز توغرا لورد ھېنىرى . بىز ئاياللار سىلەرنىڭ كەمچىلىكىڭلارنى ياخشى كۆرمىگەن بولساق ، قايسى ھالغا چۈشۈپ قالار بولغىيتىڭلار – ھە! ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسا ، ھېچقايسىڭىلار خوتۇن ئالالماي جاھاندىن بويتاق ئۆتۈپ كېتەتتىڭلار . لېكىن ، سىلەردە خوتۇن ئالساڭلارمۇ ھېچقانچە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ . ھازىر توي قىلپ بولغانلىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بويتاقلارغا، تېخى توي قىلمىغان بويتاقلار توي قىلىپ بولغان ئەرلەرگە ئوخشاپ قالدى .

– ئەسىر قىيامىتى دېگەن ئەنە شۇ ، – غۇدۇڭشىپ قويدى لورد ھېنىرى .

– ياق ، قىيامەت قايىم دېسىڭىز توغرا بۇلىدۇ – ، دېدى ناربورۇف خانىم .

– قىيامەت قايىم بۇلۇپ قالسىچۇ كاشكى ، – دورىيان ئۇھسىنىپ قويدى ، – ھاياتنىڭ ھېچقانداق مەززىسى قالمىغىلى تۇردى .

– قەدىرلىگىم ، – دېدى ناربورۇف خانىم قولىغا پەلەي كىيگەچ ، – ھاياتنىڭ مەززىسى قالمىدى دېگەندەك گەپلەرنى ئاز قىلىڭ . ھايات چارچىتىپ قويغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىنلا مۇشۇنداق گەپ چىقىدۇ . لورد ھېنىرىنى بەك قىلىقسزمۇ دېدۇق ، بەزىدە مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن . لېكىن ، سىز تېگىڭىزدىن ئاقكۆڭۈل ، چىرايىڭىزغا قارىسىلا ئاقكۆڭۈللىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ . مەن سىزگە چوقۇم ياخشى خوتۇندىن بىرنى تېپىپ بېرىمەن . لورد ھېنىرى ، ئېيتىڭە ، گېرىي ئەپەندىنىڭ توي قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى شۇنداقمۇ؟

– مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىزچىل شۇنداق دەپ كېلىۋاتىمەن ناربوروف خانىم ، – جاۋاب بەردى لورد ھېنىرى بېشىنى ئېگىپ ھۆرمەت بىلەن .

– توغرا ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان قىزدىن بىرنى تېپىپ بەرمىسەك بولمايدۇ . بۈگۈن ئاخشام دېبرېت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرى يىلنامىسى» نى تەپسىلىي كۆرۈپ ، دورىيانغا ماس كېلىدىغان قىزلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقمىسام .

– ئۇلارنىڭ يېشىنىمۇ قوشۇپ قويامسىز يا ناربوروف خانىم ، – سورىدى دورىيان .

– ئەلۋەتتە قوشۇپ قويىمەن ، ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەملا بولىدۇ . لېكىن ، بۇ ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ . مەن نىكاھىڭلارنىڭ «سەھەر گېزىتى» دە دېيىلگەندەك ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق بولۇشىنى ، بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

– بەخىتلىك نىكاھ دەپ كەتكىنىڭىزنى كۆرمەمدىغان ، ھەممىسى جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ! – ۋارقىرىدى لورد ھېنىرى .

– نېمانداق قاملاشمىغان ئادەمسىز ! – ناربوروف خانىم ئورۇندۇقىنى كەينىگە سۈرۈپ ، راكستون خانىمغا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ، – لورد ھېنىرى ، نەچچە كۈندىن كېيىن ، سىزنى يەنە زىياپەتكە چاقىرىمەن . سىزنىڭ قۇۋۋەت دورىلىرىڭىز ئاندىرېۋ ئەپەندى يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىن خېلىلا كۈچلۈككەن . ئېيتىڭا ، كىملەر بىلەن مىجەزىڭىز كېلىشىدۇ ؟ بۇداقى زىياپەتنى تازا بىر قىزىتىۋېتەي .

– مەن ئىستىقباللىق ئەرلەرگە ، ئۆتمۈشى بار ئاياللارغا ئامراق ، – جاۋاب بەردى لورد ھېنىرى ، – بۇداقى زىياپەتكە ئاياللارنىلا چاقىرمايدىغانسىز – ھە ؟

– شۇنداق بولۇپ قالارمىكىن ، – ناربوروف خانىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ ئورنىدىن تۇردى ، – بەك سەت بولدى قەدىرلىك راكستون خانىم . تاماكا چېكىۋاتقىنىڭىزنى كۆرمەپتىمەن .

– ھېچقىسى يوق ، ناربوروف خانىم . مەن تاماكىنى زىيادە كۆپ چېكىمەن . بۇنىڭدىن كېيىن سەل كونترول قىلسام بولغۇدەك .

– ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ راكستون خانىم ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – تاماكىنى بىراقلا كونتىرول قىلىش زىيانلىق . تاماكىنى ئاز چېكىشنى ئاددىي بىر ۋاقلىق تاماققا ، زىيادە كۆپ چېكىشنى مول زىياپەتكە ئوخشىتىشقا بولىدۇ .

راكستون خانىم لورد ھېنىرىغا قىزىقىش ئىلىكىدە لاپپىدە قاراپ قويدى .

– بۇ نەزەرىيىڭىزگە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن لورد ھېنىرى ، بىرەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆيۈمگە كېلىپ ، بۇ ھەقتە كۆپرەك سۆزلەپ بېرىڭ ، – ئۇ بوش ئاۋازدا شۇنداق دېگەچ سىرىتقا چىقىش ئۈچۈن تەمشەلدى .

– بولدى ، بولدى ، بۇ سىلەرنىڭ سىياسىي توغرىسىدا ، سەتچىلىكلەر توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان يېرىڭلار ئەمەس ، – ۋارقىرىدى ناربوروف خانىم ، – يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار ، ئۈستۈنكى قەۋەتتە دېيىشىپ قالىمىز جۇمۇ .

ئەر مېھمانلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى . چاپمان ئەپەندى تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا كېلىپ ئولتۇردى . دورىيان گرېيمۇ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ، لورد ھېنىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى . چاپمان ئەپەندى تۆۋەن پالاتانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ھەدەپ قايناشقا ، سىياسىي رەقىبلىرىنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى . تۇرۇپ – تۇرۇپ كۆتۈرۈلىۋاتقان كۈلكە سادالىرى ئارىسىدا ئەنگىلىيىلىكلەرگە ناھايىتى قورقۇنچلۇق تۇيۇلىدىغان «قۇرۇق نەزەرىيىچى» دېگەن گەپلەر پات – پات ئاڭلىنىپ قالاتتى .

لورد ھېنىرى ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويدى ۋە دورىيانغا بۇرۇلۇپ سورىدى :

– خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ، قەدىرلىك دوستۇم ؟ بايىنىڭ ياقى بەك سولغۇن ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز .

– مەن ناھايىتى ياخشى ھاررى . باشقا ئىش يوق ، سەل ھېرىپ قاپتىمەن شۇ .

– تۈنۈگۈن ئاخشام بەك جەلىپكار بوپ كېتىپتىكەنسىز . ھېلىقى لاتاپەتلىك گراف خانىم سىزگە بەكلا مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ . ئۇ ماڭا سىزنىڭ سېلبىي قورۇقىڭىزغا بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى .

– ماڭا 20 – چېسىلا كېلىشكە ۋەدە قىلغان .

– مونمونتمۇ كېلەمدۇ ؟

– كېلىدۇ ھاررى .

– مەن گراف خانىم ئىككىسىگە بەك ئۆچ . گراف خانىم بەك ئەقىللىق ، لېكىن ئايال كىشىگە نىسبەتەن بەك ئەقىللىق بولۇپ كېتىش تازا ياراشمايدۇ . ئۇنىڭدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان بىر خىل نازاكەت كەمچىل . ئالتۇن ھەيكەل لايدىن ياسالغان پۇتى بولغاچقىلا قەدىرلىكتۇر . ئۇنىڭ پۇتى بەك چىرايلىق ، لېكىن لايدىن ياسالمىغان . ئاق چاقچۇق پۇت جېنىدا ئوتتا تاۋلانغان تۇرسا . ئوتتا تاۋلانغان نەرسە ئاسان چېقىلمايدۇ ، ئەكسىچە تېخىمۇ چىڭ بولىدۇ . ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بەك جىق .

– ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا قانچىلىك بولدى ؟ – سورىدى دورىيان .

– ئۇنىڭ دېيىشىچە ، بەك ئۇزۇن بوپتىمىش . ئاقسۆڭەكلەر تىزىملىكىدىن قارىغاندا ، 10 يىللار بولغاندۇ . لېكىن ، مونمونت بىلەن 10 يىل بىللە تۇرۇش بىر ئۆمۈر بىللە تۇرغانغا باراۋەر ، بۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. زىياپەتكە يەنە كىملەر كېلىدۇ ؟

– ۋىلوبى ئەر – ئايال ، لورد داگبى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ، ناربوروف خانىم ، جېفرىي كلاۋستون قاتارلىقلار كېلىدۇ . يەنە لورد گروتىرىياننىمۇ چاقىرىپ قويدۇم .

– مەن ئۇنىڭغا بەك ئامراق ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – جىق ئادەملەر ئۇنى ياقتۇرمايدىكەن ، لېكىن ئۇ كىشىلەر ياقتۇرمىغۇدەك ئادەم ئەمەس . بەزىدە بەك ياسانچۇقلۇق قىلىپ كېتىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، بىلىمى مول . بۇ تەرىپى ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يېپىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، زامانغا ئاسانلا ماسلىشالايدۇ .

– كېلىش – كەلمەسلىكىنى بىلمەيمەن ، ھاررى . بەلكىم دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ مونتىكارلوغا كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن .

– ھەي ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ قىزىقكەن . ئۇنى ئامال قىلىپ كەلتۈرەيلى . ھە راسىت دورىيان ، تۈنۈگۈن ئاخشام سائەت 11 بولماستىلا تىكىۋەتتىڭىز . بىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپ بىرەر يەرگە باردىڭىزمۇ ياكى ئۇدۇل ئۆيگە كەتتىڭىزمۇ ؟

دورىيان ئۇنىڭغا لاپپىدە قارىدى ۋە شۇئان قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى .

– ياق ھاررى ، دېدى دورىيان ، – ئۆيگە سائەت ئۈچكە ئاز قالغاندا باردىم .

– كۇلۇبقا بارغان ئوخشىمامسىز ؟

– شۇنداق ، – لەۋلىرىنى چىشلەپ قويۇپ جاۋاب بەردى دورىيان ، – ياق ، ئۇ يەرگە بارماپتىمەن راسىت . ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كوچا ئايلىنىپتىمەن . نېمىلەرنى قىلغانلىقىم ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ … سىز بىر ئىشلارنى كوچىلاپ سوراشقا بەك ئامراق – ھە ھاررى ! ھەدېسىلا خەقنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلگۈڭىز كېلىدىكەن . مەن بولسام قىلغان ئىشلىرىمنى ئۇنتۇلۇپ كەتسەملا دەيمەن . قارىغاندا ، ئۆيگە زادى سائەت قانچىدە بارغانلىقىمنى بەك بىلگۈڭىز بار ئوخشايدۇ . بوپتۇ ، دەپ بېرەي . تۈنۈگۈن ئاخشام سائەت 2:30 دا ئۆيگە كىردىم . دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەنمەن ، ئامالسىز خىزمەتكارىمنى چاقىرىپ ئىشىكنى ئاچقۇزدۇم . يەنە ئىشەنمىسىڭىز ، بېرىپ خىزمەتكارىمدىن سورىسىڭىز بولىدۇ .

لورد ھېنىرى مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى .

– مۇنداقلا سوراپ قويدۇم ئىنىم ! ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى مېھمانخانىغا چىقايلىچۇ . بولدى ، ھاراق ئىچمەيمەن چاپمان ئەپەندىم ، رەھمەت سىزگە . سىزگە نېمە بولدى دورىيان ؟ باشقىچىلا تۇرىسىز . ئېيتىڭە ، زادى نېمە ئىش بولدى ؟

– كارىڭىز بولمىسۇن ھاررى . كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەس . سىز بىلەن ئەتە ياكى ئۆگۈن كۆرۈشكىلى بارىمەن . ناربوروف خانىمغا مەن ئۈچۈن ھۆزرخاھلىق ئېيتىپ قويسىڭىز . بولدى ، ئۈستىگىمۇ چىقماي ، دەرھال ئۆيگە قايىتمىسام بولمايدۇ .

– ئەمىسە بوپتۇ دورىيان . ئەتە چۈشتىن كېيىن چاي ۋاقتىدا كۆرۈشەيلى . گراف خانىممۇ كەلمەكچى .

– ئىمكانبار بارىمەن ھاررى ، – دورىيان شۇنداق دەپلا ئۆيدىن چىقتى – دە ، بىر پەيتۇننى كىرا قىلىپ ئۆيى تامان يۈرۈپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋەھىمە ، ئەندىشە تۇمانلىرى چىرمىۋالغانىدى . لورد ھېنىرىنىڭ بايىقى سۇئاللىرىدىن ئۇ دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى . دەلىل – ئىسپاتلارنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىش كېرەك . ئۇ شۇلارنى ئويلاۋېتىپ ، ئىختىيارسىز پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولاشتى . بازىلنىڭ پەلتۇيى بىلەن سومكىسى ئۇنىڭغا تولىمۇ يىرگىنىچلىك تۇيۇلاتتى .

ئۇ بۇ نەرسىلەرنى دەرھال بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . كىتابخانىغا چىقىدىغان ئىشىكنى قۇلۇپلىۋەتكەندىن كېيىن ، بازىل خالۋاردنىڭ پەلتۇيى بىلەن سومكىسىنى تىقىپ قويغان مەخپىي ئىشكاپنى ئاچتى . ئوچاقتا ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى ، ئۇ ئوچاققا يەنە بىر مۇنچە ئوتۇن سالدى . پەلتۇ بىلەن سومكا كۆيگەندە چىققان پۇراق دىماغنى ئېچىشتۇراتتى . ئۇ ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتا ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ بولدى . ئۇنىڭ تۇرۇپلا بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشتى ، شۇ ھامان مىس ئىسرىقدانغا ئالجىرىيىنىڭ خۇشپۇراق ماتېرىياللىرىنى سېلىپ ئوت ياقتى ، ئۆتكۈر پۇراقلىق سىركە بىلەن ئىككى قولى ۋە پىشانىسىنى پاكىز سۈرتتى .

ئۇنى تۇرۇپلا قورقۇنچ چىرمىۋالدى . كۆزلىرى نۇرلىنىپ ، جىددىيلەشكىنىدىن ئاستىنقى كالپۇكىنى چىڭڭىدە چىشلەپ تۇرىۋالدى . ئىككى دەرىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پىل چىشى بىلەن سېلېسىتتىن كۆز قويۇلۇپ قارا ئەبنۇس ياغىچىدىن ياسالغان يوغان ئىشكاپ قويۇلغان ئىدى . ئىشكاپكا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان دورىيان ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى ، گويا ئۆزىدىكى قورقۇنچ ئاشۇ ئىشكاپتىن كېلىۋاتقاندەك ، ئىشكاپتا قانداقتۇر ئۇ ھەم ئارزۇلايدىغان ، ھەم ئۆچ كۆرىدىغان بىر نەرسە باردەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى . نەپسى تېزلىشىپ ، ئۇچىغا چىققان بىر خىل ئەسەبىي ئىستەك ئۇنى كونترول قىلىۋالدى . ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى – يۇ ، يەنە تاشلىۋەتتى . ئۇنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ ، ئۇزۇن كىرپىكلىرى مەڭزىگە تېگەيلا دەپ قالغانىدى . ئۇ تېخىچە ھېلىقى ئىشكاپتىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى . بايىدىن بېرى سافادا سوزۇلۇپ ياتقان دورىيان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ، ئاندىن بىر تال پۇرژۇنلۇق تۇتقۇچنى بېسىۋېدى ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدىكى بىر تارتما ئۆزلۈكىدىن ئاستا ئېچىلدى . ئۇ دەرھال قولىنى تارتمىغا تىقىۋېدى ، قولىغا بىر نەرسە ئۇرۇلدى . ئۇ چۆرىسىگە دولقۇنسىمان ئىز چىقىرىلىپ تولىمۇ نەپىس ياسالغان ، قاپقارا رەڭدە سىرلىنىپ ئۇششاق پۆپۈكچىلەر ئېسىلغان جۇڭگۇچە كىچىك ساندۇق ئىدى . ساندۇقچىنى ئېچىۋېدى ، ئىچىدىن بىر توڭگىلەك مەلھەمسىمان نەرسە ۋە پارقىراپ تۇرىدىغان بىر پارچە موم چىقتى ، بۇ نەرسىلەرنىڭ غەيرىي پۇرىقىدىن بۇ يەرگە قويۇپ قۇيۇلغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى .

ئۇ بىر ھازا ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى ، چىرايىدا غەلىتە بىر خىل كۈلۈمسىرەش قېتىپ قالغانىدى . ئۆي چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىسسىق بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ لاغىلداپ تىتىرىشى ھېچ بېسىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇ قەددىنى رۇسلاپ سائەتكە قارىدى ، سائەت 11 دىن 40  مىنۇت ئۆتكەنىدى . ئۇ ھېلىقى كىچىك ساندۇقنى جايىغا قويۇپ قۇيۇپ ، ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ياپتى – دە ، ھوجرا ئۆيىگە كىردى .

قەدىمىي سائەت 12 گە داڭ ئۇردى . دورىيان ئادەتتىكىچە كىيىنىپ ، بوينىغا شارپىسىنى ئورىدى – دە ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگىنىچە ئىشىكتىن چىقتى . ئۇ بوند كوچىسىدا كېتىپ بارغان ئېسىل ئات قوشۇلغان بىر پەيتۇننى توستى – دە ، پەيتۇنكەشكە بارىدىغان يېرىنى بوغۇق ئاۋازدا ئېيىتتى .

– بەك يىراقكەن ! – دەپ غۇدۇراپ قويدى پەيتۇنكەش بېشىنى چايقاپ .

– ماۋۇ تىللانى ئېلىڭ ، – دېدى دورىيان ، – ئەگەر تېزراق ئاپىرىپ قويسىڭىز ، يەنە بىر پوند قوشۇپ بېرىمەن .

– بولىدۇ ئەپەندىم ، – دېدى پەيتۇنكەش ، – بىر سائەتتىلا دېگەن يېرىڭىزگە يەتكۈزىمەن 

پەيتۇنكەش كىرا ھەققىنى ئېلىپلا پەيتۇننى تايمىس دەرياسى تەرەپكە بۇرىدى – دە ، ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى .

ئىزاھات :

① فرانسىيە ماقال – تەمسىلى ، ھېچنېمىگە قارىماي شاللاقلىق قىلىدىغان ، باشقىلارنىڭ سۆز – چۆچەك قىلىشىدىن قورقمايدىغان ئايال دېگەن مەنىدە .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11288

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: