پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقماقچى

 

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتاب (ئىككى توم) نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى پات يېقىندا شىنجاڭ

خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچىلار:

ھەزرىتى ئەلى بارات

قۇدرەت بارات

تارىخنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئىزىغا ئەگىشىڭ؛

قالتىس ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەن ناھايىتى كەمتىرانە ھېسسىياتتا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ۋە ئىخلاس قىلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئادىللىق ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىش يولىدا بەرگەن قۇربانلىقلىرى مېنى رىغبەتلەندۈردى. ئۆتكەنكى ئون يىلدا ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا، تارىخنىڭ قانداق بىر ھالدا بولدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ قىيىنغا چۈشكەن بولاتتى.

                                                                        ــــــ ئامېرىكا پرېزدېنتى باراك ئوباما

پرېزدېنت ماندىلا نۇرغۇن ئىشلاردا بىزگە مۇھىم تەلىملەرنى بەردى: يامان ئىش ياخشى كىشى بىلەن دوقۇرۇشقىنىدا بىز يەنىلا ئەركىنلىكىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئادالەتسىزلىككە، رەھىمسىزلىككە ۋە زوراۋانلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىمىز؛ يۇقارقىلارنىڭ ئۆز روھىمىزغا، قەلبىمىزگە ۋە ئىرادىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قارار قىلىمىز.

                                                             ــــــ ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى بىل كېلىنتون

بۇ كىتابتا ماندىلانىڭ چاك- چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاسارىتىگە غەرق بولغان بىر دۆلەتنى يارىشىش ۋە تىنىچلىق يولىغا قانداق باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان. سامپسوننىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى ئۇلۇغ شەخس ماندىلا توغرىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك شاھانە ئەسەر بولۇپ قالغۇسى.

                                               ـــــ جون كارلىن «نيۇيور ۋاقىت گېزىتىنىڭ كىتابقا بەرگەن باھاسى»

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» نى ئانتونى سامپسوندىنمۇ ياخشىراق يازالايدىغان ئادەم چىقمايدۇ. يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان بۇ شاھانە ئەسەر ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھالقىمىقى بەسى مۈشكۈل.

                                                             ــــــ جونىس «ئۆلچەم كەچلىك گېزىتى»

بۇ ـــ ئوخشاش تۈردىكى تەرجىمھال ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى . . . بۇ ماندىلا توغرىسىدىكى دەرسلىك خاراكتېرىگە ئىگە نادىر ئەسەر. بۇ ئەسەر ماندىلاغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا ئۇ تەرجىمھاللار ئارىسىدىكى ئېنىسكلوپېدىيە دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ. . . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى يازغان ئاپتورلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سامپسون تېخىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىپ، باش تېما ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپەككۇر يۈرگۈزگەن. تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن ماندىلانىڭ ھاياتىغا تەپسىلىي قاراپ چىققان. . . ئەسەردە ماندىلا بىلەن ۋېننىنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئائىت ۋەقەلىكلەرنىڭ بايانى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەرجىمھاللاردا كۆرۈلمىگەن. ئۇنىڭ تەسۋىرلىرى تولىمۇ نەپىس، سەمىمىي ۋە ئىنچىكە.

                                                                             ـــــ يوھاننىسبۇرگ «يۇلتۇز گېزىتى»

بۇ ـــ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان كىتاب . . . سامسوننىڭ سۆز- جۈملىلىرىدە ئورۋېلچە ئاددىيلىق ۋە روشەنلىك مەۋجۇد . . . سامپسون كۆپلىگەن شەخسىي خەت- چەكلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بەزى مۇھىم تارىخىي شەخسلەرنى زىيارەت قىلغان، بۇ باشقا ئاپتورلار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز بىر ئەھۋال . . . سامپسون مۇشۇ ئاساستا چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بارغان . . . بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغىنىڭىزدىن كېيىن، ئەگەر بىر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىر ئادەمنى چۈشەنگىلى بولىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا قېنى ۋە جېنى بار ماندىلانىڭ كىتابتا جانلىق گەۋدىلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىسىز.

                                                           ـــــ جون خېگىن «ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى»

بۇ ـــ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخسلەردىن بىرى بولغان ماندىلانىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى نوپۇزلۇق، تەپسىلىي، قىممەتلىك بايانلارنىڭ خاتىرىسىدۇر . . .  مەن ھەر قانداق بىر تەجىمھال ئەسىرىنىڭ بۇ كىتابنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

                                         ـــــ جاستىن كاترېت «يەكشەنبىلىك تېلگېرامما خەۋەرلىرى گېزىتى»

بۇ كىتاب تولىمۇ رىتىملىق، تەپسىلاتلىرى ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، كىتابتا كىشىنى بىزار قىلىدىغان تايىنى يوق مەزمۇنلار ئۇچرىمايدۇ؛ كىتابتا ئەمەلىي ئەھۋال توغرا ئىگىلەنگەن بولۇپ، بىزنى دائىم ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ كىتابنى «ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» دېگەن بۇ تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلىگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

                                                               ـــــ رونالد سىگېر «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى»

بۇ ـــ بىر چوڭقۇر تەتقىقات خاراكتېرلىك نادىر ئەسەر. كىتابنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىتاب ئاپتورى ئانتونى سامپسون ئۆزى تەسۋىرلىمەكچى بولغان مەزمۇنلاردىن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئۆزىنى چەتكە ئالغان … ئاپتور جەنۇبىي ئافرىقا ئەركىنلىك ھەرىكىتىدىكى ماندىلانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن بىۋاستە پىكىرلەشكەن.

                                                 ــــــ ئانگوس كارد «شوتلاندىيە يەكشەنبىلىك گېزىتى»

سامپسوننىڭ تۇتقان يولى سىرلىق تاشقىي پەردىنى بۆسۈپ ئۆتۈش بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق شەكلىي ھالدىكى ماندىلانى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ئىنساننى تەسۋىرلەپ بەرگەن . . . ئاپتور مۇشۇ نىشانغا يېتىش جەريانىدا چۈشىنىشلىك، كىشى قەلبىنى لەززىگە سالىدىغان بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . . . ماندىلانىڭ 27 يىللىق تۈرمە ھاياتى ناھايىتى موۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەنگەن . . . سامسون ئاللىقاچان ئەپسانىۋىيلىكتىن ھالقىپ كەتكەن بۇ بۈيۈك ئىنساننى بىزگە تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

                                                         ــــــ گىليان سلوف «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»

بۇ ـــ مەن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى سىياسىي تەرجىمھال . . . سامسون پارچە- پارچە بۆلەكلەرنى شاھانە كىمخاپ قىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەرگە ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار، دوستلار، دۈشمەنلەر، مەھبۇسلار، ھەتتا پرېزدېنتلارنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرى كىرگۈزۈلگەن. ماندىلانىڭ تۈرە ھاياتى ھەققىدە ئاپتور ئۆزىگە خاس چۈشەنچىگە ئىگە: ئاپتور: «مەيلى ئادەتتىكى كىشى ھېسابلانغان ماندىلاغا نىسبەتەن بولسۇن ياكى سىياسىئون ماندىلاغا نىسبەتەن بولسۇن، ئاشۇ يىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك» دەپ قارايدۇ.

                                                                               ـــــ رىچارد دودىن «tablet»

ئىنچىكە پىكىر يۈزگۈزۈلگەن نادىر ئەسەر . . . جەنۇبىي ئافرىقا ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى بەش يىللىق تارىخىنى چۈشەنمەكچى بولغان ئوقۇرمەن بۇ كىتابنى ئوقۇسۇن . . . بۇ كىتاب كەلگۈسىدە ماندىلا ھەققىد يېزىلغان تەرجىمھاللار ئىچىدە ئەڭ نادىر، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.

                                                          ـــــ شۇرا ماكس «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپ قوشۇمچە سانى»

بۇ ـــ ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان سىياسىي تارىخ، پىشقان بىر سىياسىئونغا ئوقۇلغان مەدھىيە، شۇنداقلا ماندىلانىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان يۈكسەك جاسارىتىنىڭ رېئال كارتىنىسى.

                                                                          ـــــ «كېكىس كىتاب باھاسى»

بۇ ـــ تولىمۇ قالتىس كىتاب . . . كىتابتىكى ۋەقەلىكلەر كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ . . . سامپسون ئەڭ نوپۇزلۇق تەرجىمھال يازغۇچىسى.

                                                            ـــــ بلەين روستران «كونا ئۇستىخان»

ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى

ئانتونى سامپسون (1926-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004- يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان) جەنۇبىي ئافرىقىلىق مۇخبىر، يازغۇچى ۋە ئالىم؛ جەنۇبىي ئافرىقا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1951- يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلى، ئەنگلىيە «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. «دۇمباق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، سوۋىتودا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى» گە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان نېلسون ماندىلا بىلەن تونۇشقان.

1995-يىلى ئانتونى سامپسون ماندىلانىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ماندىلانىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان رەسمىي تەرجىمھالىنى يېزىپ چىققان. ماندىلا يەنە ئاپتورنى ئۆزىنىڭ يوھاننىسبۇرگدىكى تۇرالغۇسىغا بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ماندىلا ئاپتورغا: «بىز ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن، سىزگە ئىشىنىمەن» دېگەن ۋە ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئاپتور بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن، شۇنداقلا ئاپتورغا مۇناسىۋەتلىك خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقىش ھوقۇقىنى بېرىپ، تەرجىمھالنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان. بۇ كىتابنىڭ ئۆزى ھوقۇق بەرگەن بىردىنبىر رەسمىي تەرجىھال بولۇشىنى روياپقا چىقارغان.

ئانتونى سامپسون يەنە «دۇمباق: ئافرىقىدىكى تەۋەككۈلچىك خاتىرىسى»، «ئەنگلىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىش» (بازارلىق كىتاب)، «يەتتە ئاچا- سىڭىل»، «قارا ۋە ئالتۇن»، شۇنداقلا «شىركەت قۇرغۇچى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پرېزدېنتى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ ھۆرمەتلەنگەن. ئۇ مەھبۇسلۇقتىن ئەركىنلىك جەڭچىسىگە، ئازادلىقنى نىشان قىلغان جەڭچىدىن يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شىجائەتلىك ئەربابقا، بىر پارتىيىنىڭ رەھبىرىدىن بىر دۆلەتنىڭ پرېزدېنتىغا ئايلانغان؛ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان. ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىدا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ئادالەت ۋە ئىززەت- ھۆرمەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋرىمىزدىكى كىشىنى ئەڭ ئىلھاملاندۇرىدىغان مەشھۇر زاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

1995-يىلى ئاپتور ماندىلانىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ماندىلانىڭ ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق تەرجىمھالىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ئاپتور بۇ تەرجىمھالنى يېزىش ئۈچۈم ماندىلانىڭ قەدەم ئىزى تەگكەنلىكى جاينىڭ ھەممىسىگە بارغان، ئۆز بايانلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ماندىلانىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنىڭ مۇكەممەل كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئاپتور ماندىلا چوڭ بولغان ترانسكېيدىكى مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا ماندىلانىڭ گۇنۇ كەنتىدىكى يېڭى تۇرالغۇسىغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان. ئاپتور بۇ جەرياندا ماندىلانىڭ قەدىناس دوستلىرىنى، كونا خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا ماندىلانىڭ ئىلگىرىكى رەقىبلىرى بىلەنمۇ پىكىرلەشكەن: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇندىپايلار، ئەمەلدارلار، يەنە كۆپلىگەن سىياسىئونلارمۇ بار ئىدى. ئاپتور يەنە سابىق پرېزدېنت بوتا، سابىق پرېزدېنت د. كلارك ۋە سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى پىك بوتا قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. ئاپتور تەلىيىگە ماندىلانى زىيارەت قىلغان ئاۋازلىق ماتېرىيالغا ئېرىشكەن، ماندىلانىڭ ئەزەلدىن ئىلان قىلىنىپ باقمىغان تۈرمە خاتىرىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ماندىلانىڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، خەت-چەكلىرىنى كۆرۈپ چىققان؛ تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىپ باقمىغان دېپلوماتىيە ئاخباراتلىرىغا ئېرىشكەن. ئاپتور سىرتقى دۇنياغا ماندىلانىڭ رەڭدارلىققا تولغان ئاجايىپ- غارايىپ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە، تارىخنى ئۆز ئەسلى بويىچە ئىپادىلەشكە، تارىخ كەينىگە يوشۇرۇنغان بۇ سىرلىق شەخسنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ھاياتىنى نامايان قىلىپ بېرىشكە تىرىشقان.

پرېزدېنت ماندىلا بۇ كىتابنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن زور ياردەم بەرگەن: ماندىلا ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاپتورنىڭ كۆپ قېتىملىق زىيارىتىنى زېرىكمەستىن قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا بۇ تەرجىمھالنىڭ تۇنجى ئورگىنالىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. كىتابتا بايان قىلىنغان بەزى تارىخىي ئەمەلىيەتلەرگە ۋە تەپسىلاتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن باشقا، ئاپتورنىڭ شەخسىي باھالىرىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن؛ شۇنداقلا پرېزدېنتنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھالىرى ئەسلى ئورگىنالغا باشقىچە تۈس قوشتى. شۇ قەدەر بۈيۈك تارىخىي شەخس بىلەن بۇ دەرىجىدە يېقىن ئارىلىقتىن ئالاقە قىلىش بۇ كىتابنى تەڭداشسىز چىنلىق ۋە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە كىتابنى ئابىدە خاراكتېرلىك بۈيۈك ئەسەرگە ئايلاندۇرغان.

كىرىش سۆز

مەن بۇ كىتابنى يېزىش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم، شۇنداقلا زىممەمگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ھېس قىلدىم. 1995- يىلى مەن پىرېزدېنت ماندىلاغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق بىر پارچە تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. پىرېزدېنت ماندىلا خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مېنى ئالايىتەن يوھاننىسبۇرگتىكى تۇرالغۇسىغا بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق قەدىناس دوستلاردىن ئىكەنلىكىمىزنى، ئۆزىنىڭ ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە چاقچاق قىلىپ: «بىزنىڭ تۇنجى قېتىم يەر ئاستى قاۋاقخانىسىدا كۆرۈشكەنلىكىمىزنى تىلغا ئالمىسىڭىزلا بولدى» دېگەن گەپنى قوشۇپ قويدى. پىرېزدېنت يەنە 1962- يىلى سوراق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندا مەن يازغان «ئەنگلىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىش» ناملىق كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ھالقىلىق مەسىلىلەردە مەن بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا، تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئىمكانقەدەر توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە قىلدى ھەمدە مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈشۈمگە ئالاھىدە ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېنى ئۆز ئالدىمغا ھۆكۈم چىقىرىشقا، ئۆز باھالىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: «بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ـــ خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئېلىش» دېدى ھەمدە «مەن پەرىشتە ئەمەس» دېگەن گەپنى يېنىش- يېنىشلاپ تەكىتلىدى.

مەن 1951- يىلى يوھاننىسبۇرگتا ماندىلا بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنىدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا ماندىلا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان پەيتلەرگە، ئۇ تۈرمىگە قامالغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلارغا تەڭ شاھىد بولدۇم. ماندىلا بىلەن قەدىناسلاردىن بولۇپ قېلىشىمنى يەنىلا ئۆزۈمنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلىغا باش مۇھەررىر بولغان ۋاقتىمدىن باشلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلى يوھاننىسبۇرگتىكى سانسىزلىغان قارا تەنلىك تالانتلىق يازغۇچىلار، مۇزىكانتلار ۋە سىياسىيونلار ئۈچۈن ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان بىر دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. 1948- يىلى ئىرقىي ئايرىمچى ھۆكۈمەت تەختكە چىققاندىن تارتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى، «دۇمباق» ناملىق بۇ ژۇرنال بۇ ھەرىكەتلەرنى يېقىن ئارىلىقتىن تۇرۇپ كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. 1952- يىلى مەن ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ «مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرۇش قارارىنى ماقۇللاش توغرىسىدىكى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ماندىلانىڭ بىرىنچى شۆبە پىدائىيلار قۇشۇنىنى قۇرغانلىقىغا شاھىد بولدۇم؛ 1954- يىلى ماندىلانىڭ سوفىيەتاۋىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. سوفىياتاۋىن بىر نامراتلار گەمىسى بولۇپ، ئۇ يەردە ئوخشىمىغان ئىرقتىكى نامرات خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. مەن ئۇ يەردە بىر قانچە كۆڭۈللۈك ئاخشاملارنى ئۆتكۈزگەنىدىم. 1957- يىلى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىگە سوت ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ماندىلا بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىم تېخىمۇ كۆپەيدى، كېيىن مەن يەنە مۇشۇنى تېما قىلىپ بىر پارچە كىتاب يازدىم. 1960- يىلى «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتىم بىلەن شارپىۋېل كرىزىسىنى خەۋەر قىلدىم ھەمدە چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن سوۋىتودا ماندىلانى زىيارەت قىلدىم. ماندىلانى تۈرمىگە تاشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 1964- يىلى پرېتورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رىۋونىيە سوتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆردۈم. مەن شۇ قېتىملىق سوتقا سىرتتىن قاتناشقانىدىم، شۇ چاغدا ماندىلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆزلەيدىغان نۇتۇققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ماندىلانىڭ 27 يىللىق تۈرمە ھاياتىغا شاھىد بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ ئارىلىقتا جەنۇبىي ئافرىقىنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلىپ، ماندىلانىڭ لوندون ۋە باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان سەپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. 1980- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى توقۇنۇش ئۈزۈكسىز ئەۋجىگە چىقتى. مۇشۇ مەزگىلدە مەن ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ لوندوندا تۇرۇۋاتقان رەئىسى ئولىۋېر تامبو بىلەن كۆپرەك ئالاقىلەشتىم ھەمدە ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇم. مەن يەنە ۋىننى ماندىلا بىلەن تېلېفوندا دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. قارا تەنلىكلەر سىياسىيسى ۋە سودا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «قارا ۋە ئالتۇن» ناملىق كىتابىمغا ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن 1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە داۋاملاشقان كرىزىس مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى 1986- يىلى مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشىمنى چەكلىگۈچە بولغان ئارىلىقتا يوھاننىسبۇرگقا قايتا- قايتا باردىم. كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشمنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن 1990- يىلى 2- ئايدا ماندىلا قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىغا يەنە باردىم ۋە ئۇنى سوۋىتودىكى ئۆيىگە ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم يوقلاپ بېرىپ تۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا ماندىلا بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن بەزىدە لوندوندا كۆرۈشتۈم. لوندوندىكى پۇل توپلاش زىياپەتلىرىدە ئۇ مەندىن ئۆزىنى زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. يەنە بەزىدە يوھاننىسبۇرگتا كۆرۈشتۈم. مەن يوھاننىبسۇرگقا دائىم باراتتىم، مەن دەل ئاشۇ يەردە 1994- يىلى 4- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم.

خام ماتېرىيال تەييارلاش باسقۇچىدا ئايالىم سارىنىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا باردىم. بىزنىڭ قەدەم ئىزىمىز ماندىلا بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ يەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولدى، نۇرغۇن ئىشلار ئەسلى ھالىتىدەك بولماي قالغانىدى. لېكىن، ھەر قېتىم بىر جايغا بارغان چېغىمىزدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم، شۇنداق تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. بايان قىلىپ بەرگەنلىرىم بىلەن باغلىغان مۇناسىۋەتلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ كۆز ئالدىدا ماندىلانىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنىڭ مۇكەممەل كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن پرېزدېنت ماندىلانىڭ ئوخشىمىغان دەۋر ۋە سورۇندىكى سىماسىنى كۆردۈم: ماندىلانىڭ پرېتورىيە ۋە كېيىپتاۋىندىكى ئىشخانىسى ۋە تۇرالغۇسىدا، خوفتوندىكى ئۆيىدە، روببېن ئارىلىدا، كەچلىك زىياپەتلەردە، كېيىپتاۋىندا ئېچىلغان يىغىنلاردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا ياكى لوندونغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن چېغىدا كۆرۈشتۈم. مەن يەنە ماندىلا كىچىك ۋاقتىدا ئۆسۈپ- چوڭ بولغان جايغا ـــ ترانسىكېيدىكى «مۇقەددەس جاي» غا، گۇنۇ كەنتىدىكى يېڭى تۇرالغۇلارغا باردىم. زىيارەت داۋامىدا ماندىلانىڭ نۇرغۇن قەدىناس دوستلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەقىبلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم: ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرمە گۇندىپايلىرىمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، سىياسىي داھىيلارمۇ بار ئىدى. مەن «قاقاسلىق» قا بېرىپ سابىق پىرېزدېنت بوتانى زىيارەت قىلدىم، كېيىپتاۋىندا سابىق پىرېزدېنت د. كلاركنى كۆردۈم، تىرانسىۋالغا بېرىپ سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى پىك بوتانى يوقلىدىم.

1994- يىلى ماندىلانىڭ سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئىلھام بېغىشلىغان تەرجىمھالى «ماندىلانىڭ ئەركىنلىك يولى» نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا ماندىلانىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە بايانلىرى تەسۋىرلەنگەنىدى، بۇنى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور كىتاب دېيىشكە بولاتتى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا «ماندىلانىڭ ئەركىنلىك يولى» ناملىق كىتابنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى رىچارد ستېنگېل ئەپەندىمنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ماڭا ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ماندىلا ئەپەندىم بىلەن قىلىشقان ئۈنئالغۇلۇق زىيارىتىنىڭ زور ياردىمى بولدى. مەن يەنە ماندىلانىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان تۈرمە خاتىرىلىرىنى ئوقۇدۇم، قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆردۈم. ماندىلانىڭ تەرجىمھالى ئۇ پىرېزدېنتلىققا سايلانغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نەشر قىلىنغانىدى. ئەينى چاغدا بۇ كىتابنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قىممىتى ناھايىتى زور ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماندىلا تولىمۇ كەمىتەر ئادەم ئىدى. شۇنداق بولغاچقا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا نۇرغۇن بوشلۇق ئاتا قىلغانىدى. بىزنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىمىز «ئۇ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قانداق ئادەم ئىدى، ئۇ دوست ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن قانداق ئۆتەتتى؟» دېگەندەك تېخىمۇ سىتىرىئولاشقان كارتىنا ئىدى. ئۇنى ئەينى چاغدىكى خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈش ئۈستىگە قويغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ئۇ تېخىمۇ سىتىرىئولۇق، تېخىمۇ جانلىق يوسۇندا نامايان بولاتتى.

ماندىلا رىۋايەتكە تولغان ئەزىم ھاياتىدا ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئازاب- ئوقۇبەت ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. شۇڭا بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا مەن سىرىتقى دۇنيانىڭ كۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنى تېخىمۇ رەڭدار تەسۋىرلىمەكچى بولدۇم؛ ئەينى چاغدىكى جىمى تەپسىلاتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ۋە قايتا نامايان قىلىشقا تىرىشتىم. بۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە ماندىلانىڭ تۈرمىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق قىلىپ كۈنسېرى بۈيۈكلەشكەنلىكىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەينى چاغدا مەھبۇسلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ماندىلانىڭ قانداق قىلىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى جانلىق بايان قىلدىم.

ماندىلانىڭ ئۇزۇن تۈرمە ھاياتى مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى بىر مۇھىم نۇقتا بولغاچقا، ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلدىم، ئەزەلدىن سىرتقا ئاشكارىلىنىپ باقمىغان خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. ماندىلانىڭ تۈرمە ھاياتىدا نامايان قىلغىنى ئادەمنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە كىشىلىك خاراكتېرگە بولغان بىر زور سىناق ئىدى. بىر تەرجىمھال يازغۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ كەچۈرمىش ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە: ئۇ بىزگە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەيدان ئاشكارا ئويۇننى ئەمەس، بەلكى بىر شەخسىي تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ ماندىلانىڭ دوست- يارانلىرى ۋە تۈرمە گۇندىپايلىرى بىلەن بولغان بۇرۇنقى مۇناسىۋىتى دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئافرىقىنىڭ سىياسىي قاتلىمىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. ماندىلانىڭ تۈرمىدە ئۆتكەن ھاياتى ھەمىشە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئۈزۈلمە قاتلىمى دەپ قارىلىدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ماندىلانىڭ تۈرمە ھاياتى ماندىلانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. دەل ئاشۇ تۈرمە ھاياتى ماندىلادا جاھىل، بوينى قاتتىق خاراكتېرنى پەيدا قىلغان؛ ئۇنىڭ ئۆز پىكرىدىن ئالدىراپ يانمايدىغان پائالىيەتچىلىك خاراكتېرىنى كۈنسېرى پىشىپ- يېتىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دۇنياۋى سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

ماندىلانىڭ خەت- چەكلىرىنى ئوقۇش، تا ھازىرغىچە سىرتقا ئاشكارىلانمىغان دېپلوماتىيە ئاخباراتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ماندىلانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى دۇنياۋى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىغا قويۇپ چۈشىنىشكە تىرىشتىم. كىتابتا مەن غەرب دۇنياسىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان كىرىزسىكە بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى، ئۇلارنىڭ بۇ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتا ئۇسۇللىرىنى ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ماندىلا ۋە ئۇنىڭ دوست- يارانلىرىغا بولغان خاتا تونۇشىنى بايان قىلدىم. كىتابتا يەنە ماندىلانىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىن بىر مەزگىل غايىپ بولغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى بايان قىلدىم. تاشقىي دۇنيادىكىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بولغان كۆز قارىشى تولىمۇ ئۆزگىرىشچان ۋە پەرقلىق ئىدى: دەسلەپتە كىشىلەر جەنۇبىي ئافرىقا پات ئارىدا قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ دەپ قاراشتى؛ كېيىن بۇ يەر ماندىلانى مەركەز قىلغان ھالدا سۆھبەتلىشىش ۋە ياراشتۇرۇلۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كىتابتا مەن مۇشۇلارنى تولۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىدىم.

بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا پىرېزدېنت ماندىلا ماڭا غايەت زور ياردەم قىلدى: ئۇ ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مېنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىمغا ماسلىشىپ بېرىپلا قالماي، يەنە كىتابنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ بەردى. بەزى تارىخىي پاكىت ۋە تەپسىلاتلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن باشقا يەنە ماڭا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز باھايىمنى بەرگەن جايلارغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. شۇنداقلا پرېزدېنتنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھالىرى ئەسلى ئورگىنالغا باشقىچە تۈس قوشتى. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، بۇنچە زور تەسىرگە ئىگە بىر تارىخىي شەخس بىلەن ھايات ۋاقتىدا يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئالاقە قىلىش كىشىگە ئۇنچە ئاسان نېسىپ بولمايتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ماندىلانىڭ سىرداش دوستلىرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر 50- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مەن بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇشقانىدى. ئەخمەد كاترادا ماندىلانىڭ تۈرمىدىكى سەپدېشى بولۇپ، ماندىلا بىلەن تۈرمىدە 25 يىللىق جاپا- مۇشەققەتنى بىللە باشتىن كەچۈرگەنىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا كاترادا ماڭا باش مەسلىھەتچى بولدى، مېنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. مەن ئۇنىڭ ياردىمىدە ماندىلانىڭ ھىم يېپىلغان دەرۋازا كەينىدىكى شانلىق دۇنياسى ۋە سىرلىق تارىخىنى ئەھلى جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ بەردىم. بۇ كىتابنى تەييارلاش جەريانىدا سىسۇلۇمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مەن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ئىلھامىمنى قوزغىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىشتىكى ئۆزگىچە چۈشەنچىلىرى ۋە ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيانقى چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنى كىرگۈزدى. ماك ماخاراج ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ئۆز ئۆيىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتقان تۈرمىنىڭ ئىچى- تېشى ھەققىدىكى تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىدى. پىرېزدېنت ۋە ئىچكى كابېنت باش ۋەزىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدېرى، پىروفېسسور جەكس گېرۋېلمۇ مېنى ئۆزى ياخشى چۈشىنىدىغان ماندىلا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىدى. نادىن گوردىمېر مەن بىلەن ئەڭ ئۇزۇن باردى- كەلدى قىلغان، شۇنداقلا مەن ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئاق تەنلىك دوستۇم ئىدى، يوھاننىسبۇرگتىكى ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىللە يۈرەتتىم. ئۇ پىرېزدېنتنىڭ قەدىناس دوستى بولغاچقا، نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. نادىن گوردىمېرنىڭ مېنىڭ مۇشۇ تارىخلارغا بولغان ئۆزگىچە كۆزىتىشلىرىم ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىمغا بولغان تۆھپىسىمۇ زور ئىدى. ئادېلەيد تامبو ئولىۋېر تامبونىڭ يەسىرەسى بولۇپ، مېنىڭ لوندون ۋە يوھاننىسبۇرگتىكى ۋاقتىمدىكى دوستۇم ئىدى. ئۇ تەمىنلىگەن ئەسلىمىلەر ۋە خەت- چەكلەر بىزنى ماندىلا ئەر- ئايال بىلەن تامبو ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىمىزنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ۋە ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەنىدى. جورجى بىزۇس ماندىلانىڭ تۇنجى ۋەكالەتلىك ئادۋوكاتى ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم رىۋونىيە سوتىدا كۆرۈشكەنىدىم. كېيىن مەن جەنۇبىي ئافرىقىغا ھەر قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتىم. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، بىزۇسنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىشلارغا بولغان جانلىق ئەسلىمىلىرى مەزكۇر كىتابنىڭ شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى يازغان ئىككى يازغۇچىمۇ پىرېزدېنتنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستلىرى ئىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئۇلارمۇ ماڭا مەردانىلىك بىلەن ياردەم قىلدى، قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى، مېنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. مەرى بېنسون لوندوندىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كونا بىر ئەۋلاد تەشەببۇسچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى ۋە ماندىلا جەمەتىنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. 50- يىللاردىن باشلاپ، ئالاھىدە ھالقىلىق پەيتلەردە ماندىلانىڭ يېنىدا فاتىمە مىل ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا فاتىمە مىلمۇ مېنى قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر ۋە ھۆججەت- ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. قەدىناس دوستۇم جوئى مېنىل بۇرۇن ماندىلا ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەنىدى. ئۇ ھەتتا بۇ كىتابنى يېزىشىمنى قوللاش ئۈچۈن مېنى زور مىقداردىكى زىيارەت ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى.

نۇرغۇن يېڭى دوستلىرىممۇ ماڭا خالىسانە ياردەم قىلدى، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى گېل گېخارتقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتمىمەن. گېخارت تولىمۇ بىلىملىك ئايال ئىدى. ئۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر سىياسىيسى توغرىسىدىكى «قارشىلىق كۆرسىتىشتىن جەڭ ئېلان قىلىشقىچە» ناملىق بەش توملۇق تارىخىي ئوقۇشلۇق تارىخ ئۆگەنمەكچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى ئىدى. گېخارت ماڭا نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىپلا قالماي، يەنە مېنى نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن تەڭ بەھرىمان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان نۇرغۇن ھۆججەتلىرى ۋە زىيارەت خاتىرىلىرى بار ئىدى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن كىتاب ۋە ئارخىپ باشقۇرغۇچىلارمۇ ماڭا ناھايىتى چوڭ ياردەم قىلدى: ئۇلار مېنى كىشىلەرگە تېخى ئاشكارىلانمىغان قىممەتلىك ئارخىپ ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. ماڭا ياردەم بەرگەن كۇتۇپخانا ۋە مەن پايدىلانغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: يوھاننىسبۇرگتىكى بۇرانسېست كۇتۇپخانىسى، ۋىتۋاتېرسرەند ئۇنىۋېرسىتېتى كالۇن كۇتۇپخانىسى، يوھاننىسبۇرگ بېكىرخائۇس ۋە فورتخاير ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىگە ئائىت ئارخىپلار، گىراخامسىتون رودس ئۇنىۋېرسىتېتى كېررى كۇتۇپخانىسى، كېيپتاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى ھېنىرى ئوبىنخايىم كۇتۇپخانىسى، غەربىي كېيىپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىپخانىسى، يوھاننىسبۇرگدا چىقىدىغان «يۇلتۇز گېزىتى» ۋە «كېيىپ ۋاقىت گېزىتى» دە بېسىلغان قىممەتلىك خەۋەرلەر. بۇنىڭدىن باشقا، ئەزەلدىن ناھايىتى سىرلىق تۈس ئالغان ھۆكۈمەت ماتېرىيالخانىسىمۇ ماڭا ئالاھىدە ئېچىۋېتىلدى. ئامېرىكا ۋاشنگتون دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئارخىپخانىسىمۇ مېنىڭ ناھايىتى مۇھىم ماتېرىيال مەنبەيىم بولدى.

زېھنى ئۆتكۈر، پەم- پاراسەتلىك ياردەمچى تەتقىقاتچىم دوكتور جامۇس ساندىسنىڭ ياردىمىدە خىزمىتىم خېلى ئوبدانلا يەڭگىللىدى. لوندون، ۋاشنگتون، پرېتورىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئارخىپخانىلاردىن كەلتۈرۈلگەن دۆۋە- دۆۋە ماتېرىياللارنى ساندىس بىر- بىرلەپ كۆرۈپ، جەۋھەرلىرىنى ئايرىپ چىقتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا تەكشۈرۈشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ، يېڭى- يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ تۇردى. ساندىسنىڭ بۇ كىتابقا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.

بۇ كىتاب نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن مەن خارپىر كوللىنىستىن كەلگەن بىر نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشتىم. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىش تەكلىپىنى سىتۇئارت پرۇفىت ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولاتتىكى، ئۇ بولمىغان بولسا بۇ كىتاب يورۇقلۇققا چىقمىغان بولاتتى. 1998- يىلى سىتۇئارت پرۇفىل خارپىر كوللىنىستىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ كىتاب يەنە نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ئەيدى بېلنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە بۇ كىتابقا ئەجىر سىڭدۈرگەن جاپاكەش مۇھەررىر رىچارد جونسون، روبېرت رېيىس، نەشرىيات گۇرۇھى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى خەيلۇن ئېرىسقا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلار بۇ كىتابقا ناھايىتى جىق ئەجىر سىڭدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايالىم سارىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن قەيەرگە زىيارەتكە بارسام ئايالىممۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ تەڭ باردى، شۇنىڭ بىلەن سەپىرىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئەسەرنىڭ باس تېمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرەلىدىم.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىتابىمغا تەنقىدىي ۋە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەردى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. بۇ كىتابىمدا بەزى مەسىلىلەر ۋە خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتنى كەمىنە ئاپتور تولۇق ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق پىكىر- تەكلىپلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئانتونى سامپسون

1999- يىل 12- ئاي، لوندون

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12075

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-12-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار,ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: