پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 20- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

يىگىرمىنچى باپ

ئۇ كىشىگە تولىمۇ ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر كېچە ئىدى . كەچ بولۇشىغا قارىماي ، ھاۋا ئوبدانلا ئىسسىق بولغاچقا ، دورىيان پەلتوسىنى سېلىپ بىلىكىگە ئارتىۋالدى ، شارپىسىنىمۇ ئورىمىدى . ئۇ تاماكا چەككەچ ، بىر بېسىپ – ئىككى بېسىپ ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ، ئۇچىسىغا كېچىلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان ئىككى يىگىت ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى . ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە : «دورىيان گرېي دېگەن ئاشۇ شۇ» دەپ كۇسۇرلاشقىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى . ئۇ شۇئان بۇرۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كۇسۇرلىشىشلىرىدىن ، ئۆزىگە تىكىلىپ قاراشلىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى . لېكىن ، ھازىر ئۇنداق ئەمەس ئىدى ، ئىسىمى تىلغا ئېلىنسىلا ئۇنىڭ بىزارلىقى قوزغىلاتتى . ئۇ يېقىندىن بېرى ھېلىقى كىچىك كەنىتكە پات – پات بارىدىغان بولۇۋالدى . بىر ياخشى يېرى ، ئۇ يەردە ئۇنى ھېچكىم تونۇمايىتتى . ئۇ مۇھەببەت تورىغا ئىلىندۇرغان ھېلىقى قىزچاققا پات- پات : «مەن بەك نامرات» دەپ قوياتتى ، قىزمۇ ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە چىنپۈتۈپ قالغانىدى . بىر قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەسكى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئېيىتىۋېدى ، قىزچاق ئۇنى راسا مازاق قىلدى ، ئۇنىڭغا ئەسكى ئىش قىلىدىغانلار تولىمۇ رەزگى ، بەد – بەشرە كېلىدۇ دېدى . قىزچاقنىڭ تۇمۇچۇقنىڭ سايرىشىنى ئەسلىتىدىغان يېقىملىق كۈلكىسى جاننى ئالاتتى . ئۇچىسىدىكى پاختا كىيىمى ، بېشىدىكى شىلەپىسى بىلەن بۆلەكچە چىرايلىق كۆرۈنەتتى . ئۇ شۇنچىلىك سەبىي ، شۇنچىلىك بىغۇبار ئىدىكى ، ئۇنىڭدىكى ئاشۇ خىسلەتلەر دورىياننىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاللىقاچان يوقالغان ئىدى .

    ئۇ ئۆيگە كەلگەندە ، خىزمەتكارى ئۇنى ئۇخلىماي ساقلاپ تۇرغانىدى . ئۇ خىزمەتكارىنى كىرگۈزۈۋېتىپ ، ئۆزىنى كىتابخانىسىدىكى سافاغا تاشلىدى – دە ، لورد ھېنىرىنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىنى بىرمۇ – بىر ئەسلەپ چىقتى .

ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى راسىتمىدۇ ؟ ئۇ بۇرۇنقى پەرىشتىدەك بىغۇبار ، ئاقكۆڭۈل چاغلىرىنى ، لورد ھېنىرى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختايدىغان گۈلدەك ياشلىقىنى ئارمان قىلاتتى . ئۆزىنىڭ تولىمۇ چىرىپ كەتكەنلىكىنى ، ۋۇجۇدىنىڭ ئىپلاس خىياللارغا يەم بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، كاللىسىنى ۋەھىمە چۇلغۇۋالغانلىقىنى ، ئۆزگىلەرگە قانچە يامان تەسىر بېرەلىسە ، كۆڭلى شۇنچە ئارام تاپىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . ئۇنىڭغا يەنە شۇ نەرسە ئايان ئىدىكى ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقانلىكى كىشى مەيلى قانچىلىك دىيانەتلىك ، قانچىلىك پەزىلەتلىك بولۇپ كەتسۇن ، ئابرويى تۆكۈلۈپ شەرمەندە بولاتتى . ئەجىبا ، مۇشۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولماسمۇ ؟ ئەجىبا ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئۈمىد قالمىغانمىدۇ ؟

ھەي ! ئۇ دەسلەپتە ساختا شان – شۆھرەت ، چىركىن ھەۋەسلەرگە بىر مەھەل قۇل بولۇپ ، تەڭرىدىن ئۆزىنىڭ ئاشۇ قاملاشقان تەققى – تۇرۇقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشنى ، جىمى قېرىلىقنى ، پېشىكەلچىلىكنى بولسا ئۆزىنىڭ رەسىمىگە يۈكلەپ قويۇشنى تىلەپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ ! ئۇنىڭدىكى جىمى گۇمرانلىق ئەنە شۇنىڭدىن كەپتۇ . ئەسلى ئۇ قىلغان ھەر بىر ئىپلاسلىقلىرى ، گۇناھلىرى ئۈچۈن ۋاقتى – ۋاقتىدا بۇرنىغا يېگەن ، جاجىسىنى تارتقان بولسا ، بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماس ئىدى . پەقەت جازالا گۇناھنى پاكلايدىكەن ئەمەسمۇ . ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ، ھەممىگە ئادىل مۇئامىلە قىلغۇچى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا ، «گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن» دەپ ئەمەس ، «پەسكەشلىكلىرىم ئۈچۈن مېنى جازالىغىن» دېيىشىمىز كېرەك ئىكەن .

نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم لورد ھېنىرى ھەدىيە قىلغان ، تولىمۇ نەپىس ياسالغان ھېلىقى ئەينەك ھېلىھەم ئۈستەلدە تۇراتتى ، ئەينەكنىڭ رامكىسىغا نەقىشلەنگەن ، بىلەكلىرى شېشىدەك سۈزۈك كەلگەن گۈزەللىك ئىلاھى چۈبىت ئاۋۋالقىدەكلا چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇ ئەينەكنى قولىغا ئالدى – دە ، ھېلىقى نىجىس رەسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى تۇنجى رەت ھېس قىلغان ئاشۇ قورقۇنچلۇق كېچىدىكىدەك ، ياشتا خىرەلەشكەن كۆزلىرى بىلەن ئەينەككە ئەسەبىيلەرچە تىكىلدى . ئىلگىرى ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ يۈرەكلىرى كاۋاپ بولغان بىرى ئۇنىڭغا يازغان مەكتۇپىنى : « سىزنىڭ پىل چىشى بىلەن ئالتۇندىن پۈتكەن ئاشۇ ۋۇجۇدىڭىز پۈتۈن ئالەمنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ . تارىخ لەۋلىرىڭىزدىكى سىزىقچىلارغا قايتىدىن پۈتۈلىدۇ » دەپ چەكسىز چوقۇنۇش ھېسسىياتىدا  ئاخىرلاشتۇرغانىدى . ئۇ ئاشۇ قۇرلارنى ئېسىگە ئېلىپ ، ئۆز – ئۆزىگە يېنىش – يېنىشلاپ تەكرارلىدى . ئۇنىڭ بىردىن ئاشۇ قاملاشقان چىرايىغا بىزارلىقى تۇتۇپ ، قولىدىكى ئەينەكنى زەرپ بىلەن يەرگە ئاتتى ، ئاندىن ئۇنى دەسسەپ – چەيلەپ كۇكۇم – تالقان قىلىۋەتتى . ئۇنى ۋەيران قىلغىنى دەل ئاشۇ قاملاشقان چىرايى ، تەڭرىدىن يالۋۇرۇپ يۈرۈپ تىلىۋالغان ياشلىقى ئىدى . مۇشۇ ئىككى نەرسە بولمىغىنىدا ، ئۇ بۇنچىلىك ئىپلاسلىقلىق ، شەرمەندىلىكلەرگە يەم بوپ كەتمەس ئىدى . شۇ تاپتا ، ئۇنىڭ نەزىرىدە قاملاشقان چىرايى بىر نىقاب ، ياشلىقى بىر مەسخىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئەمىسە ، ياشلىق زادى قانداق نەرسە ؟ ئۇ بەك كەتسە بېشىدىن ئىش ئۆتمىگەن ، تەنتەكلىكى ئۇچىغا چىققان بىر ئۆتكۈنچى دەۋر ، كەيپىيات ھەدېسىلا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ، ئىدىيىگە كېسەل تەگكەن بىر ۋاقىت خالاس . ئاشۇ ياشلىقى ئۇنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى . ئۇ ئەمدى نېمىسىگە بۇنچە ئېسىل كىيىنىپ قېتىپ يۈرۈيدۇ ؟

ئەڭ ياخشىسى ، ئۆتمۈشنى ئويلىمىغان تۈزۈك ، بۇ چاغ بولغاندا ئەمدى ھېچنېمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . ئۇ ئەمدى ئۆزى ھەققىدە ، كەلگۈسى ھەققىدە ئويلانمىسا بولمايدۇ . سىبىل ۋېيىن سېلبى چېركاۋى قەبرىستانلىقىدىكى بىر نامسىز قەبرىگە كۆمۈۋېتىلدى ، ئالان كامپېل بىر كۈنى كېچىسى تەجىربىخانىسىدا ئۆزىنى ئېتىۋېلىپ، جىمى مەخپىيەتلىكلەرنى ھېچكىمگە تىنماي ، گۆرىگە ئۆزى بىلەن بىللە ئەكەتتى . بازىل خالۋاردنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان داۋالغۇشلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي توختايدۇ ، ھېلىمۇ خېلىلا بېسىقىپ قالدى . بۇ جەھەتتە ئۇ يۈزدە – يۈز خاتىرجەم . بازىل خالۋاردنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭغا ھېچقانچە روھىي بېسىم بوپ تۇيۇلمىدى . ئۇنى قىيناۋاتقىنى – ئۆزى تىرىك تۇرۇپ روھىنىڭ ئۆلۈشى ئىدى . بازىل سىزغان ئاشۇ رەسىم ئۇنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى ، شۇڭا ئۇ بازىلنى كەچۈرەلمەيدۇ . ھەممىسى ئاشۇ نىجىس رەسىمنىڭ كاساپىتى . بازىلنىڭ دېگەن ئۇ گەپلىرىگە ئىنسان بالىسى چىدىماس ، ئۇ ھېلىمۇ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ چىدىدى ، سەۋرى قىلدى ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش پەقەت بىردەملىك تەلۋىلىكتىن بولدى . ئالان كامپېلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا كەلسەك ، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىشى . بۇنى ئۇ ئۆزى خالاپ قىلغان ، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق .

تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك ! مانا بۇ ئۇنىڭ ئارزۇسى ، ئولتۇرسا – قوپسا ئويلايدىغان ئىستىكى ئىدى .

ئەمەلىيەتتە ئۇ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپ بولدى . نىمىلا دىگەن بىلەن ، بىر بىگۇناھ قىزچاقنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى . ئۇ ئەمدى بىغۇبارلىقنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا ماقۇل دەپ ئولتۇرمايدۇ ، قولىدىن كېلىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ ، ياخشى ئادەم بولىدۇ .

ھەيدى مونتوننى ئويلاۋاتقان توساتتىن ، ئۆيگە سولاپ قويغان ھېلىقى رەسىم قانداق بوپ كەتكەندۇ ، يەنە ئۆزگىرىپ قالغانمىدۇ ، دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى . ئۇ ئەمدى ئىلگىرىكىدەك يىرگىنىچلىك بوپ كەتمەس ؟ ئۇ بۇرۇنقى ئاقكۆڭۈل ھالىتىگە قايىتسا ، رەسىمنىڭ چىرايىدىكى ياۋۇزلۇق ، ئىپلاسلىقلارمۇ ئاستا – ئاستا يوقار ؟ بەلكىم ، بۇ چاغقا رەسىمنىڭ چېھرىدىكى ياۋۇزلۇق ئاللىقاچان يۈتكەندۇ . ئەڭ ياخشىسى چىقىپ ، رەسىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشى كېرەك .

ئۇ شىرەدىكى جىنچىراغنى قولىغا ئالدى – دە ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى . ئىشىكنىڭ تاقىقىنى ئېچىۋاتقاندا ، چىرايلىق كەلگەن چېھرىگە سۇسقىنا بىر كۈلۈمسىرەش بىر پەسكە سايە تاشلاپ ئۆتتى ، لەۋلىرىمۇ ئىختىيارسىز تىتىرەپ كەتتى . شۇنداق ، ئۇ ئەمدى ياخشى ئادەم بولىدۇ ، ھېچكىشىگە كۆرسەتمەي يوشۇرۇپ كەلگەن بۇ يىرگىنىچلىك رەسىم ئەمدى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قورقۇنچ سالمايدۇ . ئۇ گويا يەلكىسىدىكى ئېغىر يۈك ئېلىپ تاشلانغاندەك  بولدى .

ئۇ ئاستاغىنە ئۆيگە كىردى ، ئادەتلەنگىنى بويىچە ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋېتىپ ، رەسىمنىڭ يۈزىگە يېپىپ قويغان پەردىنى قايرىۋەتتى ۋە شۇئان چەكسىز ھەسرەت – نادامەت ئارىلىشىپ كەتكەن ئازاب ئىلىكىدە ئىختىيارسىز ۋارقىراپ تاشلىدى . رەسمىدىكى ياۋۇزلۇق يوقۇماستىن ، شۇ پېتى تۇراتتى ، رەسىمنىڭ كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئەتراپىدا مۇغەمبەرلىك ئالامەتلىرى كۆپىيىپ قالغان ، ئاغزىنىڭ چۆرىسىگىمۇ ساختىپەزلىك قورۇقلىرى ئىز سالغانىدى . رەسىم ئاۋۋالقىدىنمۇ بەكرەك يىرگىنىچلىك بولۇپ كەتكەنىدى . بازىل ئۆلگەندە چاچراپ كەتكەن قانلارمۇ بۆلەكچە يارقىنلىشىپ ، گويا بايىلا تامچىلىغاندەك كۆزنى قاماشتۇراتتى . ئۇنىڭ تېنى ئىختىيارسىز جۇغغىدە قىلىپ قالدى . ئەجىبا ، مىڭ بالالىقتا قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ئىشىمۇ ئەمدى كۆپۈك شان – شەرەپكە ئايلاندىمۇ ؟ لورد ھېنرىنىڭ دارىتمىلاپ تۇرۇپ مەسخىرە قىلغىنىدەك ، ياخشى ئىش قىلىش يېڭىچە ھاۋايى – ھەۋەسلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشمۇ ؟ ياكى بولمىسا تاساددىپىي قوزغالغان ئوتلۇق ھىسسىياتلار گويا دراممىدا رول ئالغاندەك ، ئۆز خاراكتېرىمىزدىكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولامدىغاندۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ئاۋۇ قىپقىزىل قاننىڭ دائىرىسى بۇرۇنقىدىن يوغىناپ قالدى ؟ ئۇ گويا قورقۇنچلۇق مەرەز كېسەلگە ئوخشاش ، ئاۋۋال قورۇق بېسىپ كەتكەن بارماقلارغا يامراپ ، ئاندىن پۇتىغا تامچىلىغان گەپ .  ئۆزۈمنى مەلۇم قىلايمۇ ؟ ئەجىبا بۇ گۇناھىنى بوينىغا ئالغانلىقتىن دېرەك بەرمەمدۇ ؟ ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىپ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولايمۇ ؟ ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، بۇ خىياللىرى ئۆز – ئۆزىگە تولىمۇ بىمەنە تۇيۇلۇپ كەتتى . بوپتۇ ، ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلدىمۇ دەيلى ، لېكىن ،   ئۇنىڭ گېپىگە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىزىنى تاپالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ ئۇنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ئۆز قولى بىلەن كۆيدۈرۈۋەتتى  . بۇنى ئاڭلىسا ، كىشىلەر ئۇنى ئېلىشىپ قاپتۇ دەيدىغېنى ئېنىق . ئەگەر گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالسا ، كىشىلەر ئۇنى سولاپ قويۇشتىن يانمايدۇ …. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بىلەن ، خەقنىڭ نەزىرىدىن بىراقلا چۈشۈپ كېتىدىغان گەپ ، خەلق – ئالەم ئالدىدا سازايى بولىدىغان گەپ ، بۇنىڭدىن ئۇ باش تارتىپ بولالمايدۇ . تەڭرى ھەر قانداق بەندىسىنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىشقا دالالەت قىلىدۇ . ئۇ قىلغان ئىپلاسلىقلىرىنى تەن ئالسىلا ، گۇناھى تەلتۆكۈس يۇيۇلىدۇ . لېكىن ، ئۇ قايسى گۇناھى ئۈچۈن تۆۋە قىلىدۇ ؟ ئۇ مۈرىلىرىنى كۆتۈرۈپ قويدى . بازېل خالۋاردنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ . ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغىنى ھەيدى مونتون . چۈنكى ، ئۇ شۇتاپتا قاراۋاتقان بۇ ئەينەك ئۇنىڭ روھىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ . ساختا شان – شۆھرەت ؟ ساختىپەزلىك ؟ ئۆتكۈنچى ھەۋەس ؟  ئەجىبا ئۇنىڭ ئۆزىنى تورمۇزلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۆزگە ئاساسى يوقمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس . ھېچبولمىغاندىمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە شۇنداق . ئەمىسە ئۇنى شۇنچە ئىزتىراپقا تاشلىغان نەرسە زادى نېمە ؟ بۇنىڭغا ئۇ كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ . ياق ، ئەمدى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا شۇنىڭدىن باشقا رەزىللىك قالمىدى . ئۇ پەقەت ئاشۇ ساختا شان – شەرەپ تاماسىدىلا ھەيدى مونتون دېگەن ھېلىقى قىزچاقنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ ، دىيانەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاشۇنداق نىقابلاپتۇ ، قانداق بولىدىكىن دېگەن قىزىقىش ئىلىكىدە ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋاپتۇ . شۇلارنىڭ ئەمدى تېگىگە يېتىپتۇ .

ئۇ ئەمدى بازىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىزتىراپ چېكەرمۇ ؟  بۇ ئىش مەڭگۈ پىشانىسىدىن كەتمەسمۇ ؟ شۇڭا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسۇنمۇ قانداق ؟ ئۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز بولۇۋاتقىنى بىرلا نەرسە . ئۇ بولسىمۇ – ھېلىقى رەسىم . ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق دەلىل – ئىسپات يوق . رەسىمنى چوقۇم كۆزدىن يوقىتىش كېرەك ، ئۇنى بۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ نېمە قىلىدۇ ؟

ئىلگىرى ئۇ رەسىمنىڭ ئۆزگىرىپ قالغىنىدىن ، قېرىپ كەتكىنىدىن خۇشاللىق تاپقان . يېقىندىن بېرى ئۇ بۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالمايدىغان بوپقالدى ، ئەكسىچە كۆزىگە كېچە – كېچىلەپ ئۇيقۇ كەلمەيدىغان بوپقالدى . سىرىتتا بولۇپ قالسا ، قاچان بىرسى رەسىمنى كۆرۈپ قالاركىن دەپ دەككە – دۈككە ، ۋەھىمە ئىچىدە يۈرگىنى يۈرگەن . رەسىمنى ئويلىسىلا ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ھەسرەت – نادامەت سايە تاشلايدۇ ، كەيپى ئۇچۇپ ، خۇشاللىقلىرى ئاللىقاياقلارغا توزۇپ كېتىدۇ . ئۇنىڭدا يوق ئىنساپ ، ۋىجدان دېگەن نەرسىلەر رەسىمدە ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ . ياق ، رەسىمنى دەرھال كۆزدىن نېرى قىلىش كېرەك .

ئۇ تۆت ئەتراپىغا ئەلەڭلەپ قاراۋېتىپ ، كۆزلىرى بازىل خالۋاردنى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى پىچاققا چۈشۈپ قالدى . ئۇ پىچاقنى ئۇپراپ كەتكۈدەك دەرىجىدە يېنىش – يېنىشلاپ يۇغان ئىدى . تولا يۇيۇۋېرىپ پىچاقمۇ يالت – يۇلت پارقىرايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى . بۇ پىچاق ئىلگىرى رەسسامنى ئۆلتۈرگەن ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ سىزغان رەسىمىنى ھەم شۇ رەسىمدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدىغان جىمى نەرسىنى كۇمپەيكۇم قىلىدۇ . ئۇ ئۆتمۈشىنى كۆزدىن يوق قىلىش كېرەك ، شۇندىلا ئارام تاپىدۇ ، ئەركىنلىككە چىقىدۇ ، رەسىمنىڭ قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىنمۇ بىر يولىلا قۇتۇلىدۇ . ئۇ پىچاقنى قولىغا ئېلىپ رەسىمنى ئەسەبىيلەرچە تىلىپ – تىلىۋەتتى .

تۇيۇقسىز ئېچىنىشلىق بىر ئاۋاز ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى ، نېمىدۇر بىر نەرسە يەرگە پالاققىدە يىقىلدى . يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق ئاۋازدىن تاتلىق ئۇخلاۋاتقان خىزمەتكار چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى – دە ، ئىتتىك ھوجرىسىدىن چىقتى . ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى مۆتىۋەر كىشىمۇ ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى توختىتىپ ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ، نەزىرىنى ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە ئاغدۇردى . شۇئان ، ئالدىغا ئۇچراپ قالغان بىر ساقچىنى چاقىرىپ كەلدى .  ساقچى ئىشىك قوڭغۇرىقىنى يېنىش – يېنىشلاپ باستى ، لېكىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى .  ئۆي گۆردەك قاپقاراڭغۇ بولۇپ ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن پىلىلداپ چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ھايال ئۆتمەي ، ساقچى قوشنا بىنانىڭ يېنىدىكى تۈۋرۈكلۈك كارىدوردا تۇرۇپ ئىنچىكە كۆزەتتى .

– بۇ كىمنىڭ ئۆيى ، ساقچى ئەپەندىم؟ – سورىدى ھېلىقى ئىككى مۆتىۋەر كىشىنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق كەلگىنى .

– دورىيان گرېينىڭ ئۆيى ، ئەپەندىم ، – جاۋاپ بەردى ساقچى.

ئىككى مۆتىۋەر بىر – بىرىگە يالىتتىدە قاراپ قويۇشتى – دە ، ئىستىھىزالىق بىلەن كۈلۈشكىنىچە يولىغا راۋان بولدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى لورد ھېنىرى ئاشتوننىڭ تاغىسى ئىدى .

كىيىملىرىنى تولۇق كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن چاكارلار بىر – بىرگە نېمىدۇر بىر نەرسىلەرنى كۇسۇرلىشاتتى ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان لېف خانىم بىر ياندا ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتى ، فرانسىسنىڭ قورققىنىدىن چىرايىدا قان دىدارى قالمىغانىدى .

ئالاھەزەل ، بىر چارەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، فرانسىس بىر پەيتۇنكەش بىلەن بىر ئەر خىزمەتكارنى ئەگەشتۈرگىنىچە ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگىنىچە چىقىپ كېتىشتى . ئۇلار ئىشىكنى چېكىپ باقتى ، سادا چىقمىدى . ۋارقىراپ باقتى ، يەنىلا سادا كەلمىدى . ئىشىكنى بۇزۇپ كىرمەكچى بولۇشتى – يۇ ، يەنە مۇمكىن بولمىدى . ئاخىرى بولماي ، ئۆگزىگە يامىشىپ چىقتى ، ئۆگزىدىن بالكونغا سەكرەپ چۈشتى . ئىلگۈچى كونىراپ ئارانلا قالغان دەرىزە تېزلا ئېچىلىپ كەتتى .

ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە ، تامغا خوجايىنىنىڭ ناھايىتى نەپىس سىزىلغان ، چىرايىدىن ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئاجايىپ قاملاشقان بىر پارچە پورتېرىتى ئېسىقلىق تۇراتتى . يەردە ئۇچىسىغا كېچىلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن ، قېرىپ ماكىلداپ قالغان ، يۈزلىرىنى يول – يول قورۇق باسقان ، چىرايى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق تۈس ئالغان بىر كىشى كۆكرىكىگە پىچاق سانچىلغان ھالەتتە جىممىدە ياتاتتى . ئۇلار جەسەتنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكتىنلا ئاندىن ئۇنىڭ كىملىكىنى تونۇۋالدى .

 تۈگىدى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11301

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 1دانە
  1. 19-باب يوققۇ

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: