پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

شوپىنخائۇئىر: ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىش

شوپىنخائۇئىر: ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىش

 

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

◆ نىتىزى لېيپىزىگدىكى بىر كونا كىتابخانىدا گېرمانىيەنىڭ ئېدىيالىسىت پەيلاسوپى ئارتۇر شوپىنخائۇئېر (1860- 1788) نىڭ «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇرغا ئايلانغان دۇنيا» ناملىق ئەسىرىنى كۆرۈپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن شوپىنخائۇئېرنىڭ ئاتىئېزم تەربىيەسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

◆ «مەن ھەر بىر قۇر خەتتىن ئەيبلەش، ئۆز- ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۈمىدسىزلىك چوقانلىرىنى ئاڭلىدىم؛ كىتابتا مەن خۇددى بىر پارچە ئەينەكنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ دۇنيا ھاياتلىقنىڭ ئۆزى، يەنە ئۆزۈمنىڭ روھىم ھەممىسى ئۇنىڭ ئىچىدە ئەكىس ئەتتى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق.»

◆ شوپىنخائۇئېر خۇددى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ پېشىۋاسى ئىممانوئىل كانتقا ئوخشاش دۇنيانىڭ كۆرۈنۈشى (ھادىسە) بىلەن دۇنيانىڭ ماھىيىتى (سۇبيېكتىپ) ئوتتۇرىسىدا تۈپ پەرق مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

◆ شوپىنخائۇئېرنىڭ قارىشىچە، بارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت يوشۇرۇن چىنلىقنىڭ بىر خىل كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، بۇ يوشۇرۇن چىنلىق ئىرادە دېمەكتۇر.

◆ «شۇڭلاشقا مېنىڭ تەن ھەرىكىتىمدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئاستىغا مېنىڭ ھەقىقىي ئىرادەم، يەنى ئارزۇ- ئىستىكىم يوشۇرۇنغان. بۇ خىل ئىرادە مېنىڭ تېنىم بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ زامان ۋە ماكاندا مەۋجۇت ئەمەس ــــ ئۇ ئەسلا بىر ماددىي مەۋجۇدىيەت بولماستىن، بەلكى ئالەمگە تارقالغان پۈتكۈل جانلىق، جانسىز تەبىئەت ھالەتلىرىگە يوشۇرۇنغان.»

◆ بۇ مەڭگۈلۈك، شەكىلسىز ئالەم كۈچى شوپىنخائۇئېرنى تەڭرى مەۋجۇت دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلالمىدى. ئەكسىچە ئۇ، ئىرادە بارلىق ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى، چۈنكى ئارزۇ- ئىستەك ئەزەلدىن قانائەت ئېلىپ كەلمىگەن، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى ئارزۇ- ئىستەك، دەپ قارايدۇ (بۇ يەردە ساكيامونىنىڭ تەلىمىگە ۋارىسلىق قىلىنغان). شۇنداق قىلىپ، بىز جازالىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ- ئىستەكلەرنى مەڭگۈ قوغلىشىمىز: «بىز سوپۇن سۈيىدىن شار پۈۋلەپ، گەرچە ئۇنىڭ ئاخىرى ئېتىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىپ تۇرساقمۇ ئۇنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ يوغىنىتىشقا تىرىشىمىز.»

◆ بۇ بىر خىل ئۈمىدسىز بويسۇنۇشتىن يەنى بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ بارىچە سەۋر- تاقەت بىلەن ياشىشىمىز لازىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نىتزى گەرچە كېيىن بۇ خىل نوقۇل ئۈمىدسىزلىك ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، لېكىن شوپىنخائۇئېرنىڭ تەسۋىرىدىكى قارىغۇلارچە ئىرادە تەرىپىدىن ھەرىكەتلىنىدىغان ئالەمنىڭ ئوبرازى ــــ ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئورناپ قالغانىدى.

◆ «… مەڭگۈ قانمايدىغان ئارزۇ- ئىستەكلەر، قايتا- قايتا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان تىرىشچانلىقلار، تەقدىر تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئېزىلگەن ئۈمىدلەر، پۈتكۈل تۇرمۇش داۋامىدىكى بەختكە قارشى سادىر بولغان خاتالىقلار ھەمدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئازاب- ئوقۇبەتلەر ۋە ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۆلۈم ھەممىسى مەڭگۈلۈك تىراگېدىيە.»

◆ «شوپىنخائۇئېر تەركىدۇنيالىقنى تەرغىپ قىلىپ ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىدۇ. مېنىڭ تەشەببۇسۇم بولسا ھاياتلىقنىڭ خۇشاللىقى ۋە مۇقەررەلىكى.»

(مەنبە: «غەيرىي ئىداراكلىق ۋە كامىل ئىنسان پەلسەپىسىنىڭ بايراقدارى ــــ نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11735

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-02
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 4دانە
  1. يۇقارقى مەزمۇنلار ماڭا ناھايىتى ياقتى .

  2. بۇلۇپمۇ «ئىرادە ئازاپ ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى»دىگەن مۇشۇ گەپ …

  3. بلوگىمدىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت!

  4. مەمتىمىن

    شوپېنىخائۇرنىڭ ئاساسلىق مۇھىم ئەسىرىنىڭ ئىسمىنىڭ تەرجىمىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىدىم .
    كىتابنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى : The World as Will and Representation
    خەنزۇچە ئىسمى : 作为意志和表象的世界
    ھالبۇكى ئۇيغۇرچىدا «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇرغا ئايلانغان دۇنيا» بولۇپ قاپتۇ . Representation نى «تەسەۋۇر » ئەمەس « سىرتقى كۆرۈنۈش » ياكى « كۆرۈنۈش » دەپ ئالسا ئاندىن توغرا بولىدۇ . كىتابنىڭ ئەسلى مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ ، «سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىرادە سۈپىتىدىكى دۇنيا» دەپ ئىلىش مۇۋاپىق . دۇنيانى سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىرادىدىنلا تۈزۈلگەن دەپ قاراش شوپېنخائۇرنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنىڭ نىگىزى ، بۇ نىگىز ئۇنىڭ ئاساسلىق پەلسەپە ئەسىرىنىڭ ئىسمىدىلا تولۇق ئەكىس ئەتكەن . ئەگەر بۇ كىتابنىڭ ئىسمى توغرا تەرجىمە قىلىنمىسا ، چوڭ خاتالىققا يول قويۇلغان بولىدۇ . مۇناسىۋەتلىك ئەپەندىلەرنىڭ دىققەت قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن .

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: