پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

كافكا كىم؟

كافكا كىم؟

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

فرانىز كافكا (1883- 1924) ئاۋستىرىيەلىك مەشھۇر ھېكايە يازغۇچىسى بولۇپ، ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ جامىس جويىس، مارسىل پرۇست بىلەن بىر قاتاردا غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ.
كافكا 1883- يىلى 3- ئىيۇل ئاۋستىريە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پراگادا تۇغۇلغان، يەھۇدىي قان سىسېتمىسىدىن، دادىسى مىلىچماللارنى توپ تارقىتىدىغان سودىگەر ئىدى. كافكا كىچىكىدىنلا گېرمان تىلى تەربىيىسى ئالغان، 1910- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. دەسلىپىدە ئەدەبىياتتا ئوقۇغان، كېيىن دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن قانۇن كەسپىگە ئالماشقان ۋە قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1906- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى ئورنى ۋە سوت مەھكىمىسىدە پراكتىكا قىلغان، كېيىنكى يىلى 10- ئايدا بىر شەخسىي سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلىگەن. 1908- يىلى يەنە يېرىم ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا شىركىتىدە تاكى 1922- يىلى ئىيۇلغىچە ئىشلەپ، كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلغان. كافكا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، نەچچە قېتىم داۋالىنىپمۇ ساقىيالمىغان. 1924- يىلى 3- ئىيۇن ۋىنانىڭ يېنىدىكى گىرلىن ساناتورىيىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
كافكا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا قىزىقاتتى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ سىپنوزا، دارۋېن، نىچشې قاتارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىبسوننىڭ دىرامملىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، ماكىس برود بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. بۇ ئىككىيلەن ھەمىشە پراگادا بولۇپ تۇرىدىغان ئەدەبىيات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرغان. 1909- يىلىدىن 1912- يىلىغىچە ئۇلار نەچچە قېتىم پارىژ، سيۇرىخ، لۇگانو، مىلان، ۋېيمار قاتارلىق جايلارغا بىللە ساياھەتكە بارغان. بۇ چاغدا، گېرمانىيە يازغۇچىسى ھېربېر بىلەن فىرانسىيە يازغۇچىسى فلوبېرنىڭ ئەسەرلىرى كافكانى ناھايىتى جەلپ قىلىۋالغان. كېيىن ئۇ دانىيەلىك پەيلاسوپ گىرىكوگېرنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ قالغان، ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ لاۋزى، جۇاڭزى پەلسەپىسىنىمۇ تەتقىق قىلغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كافكانىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىيەت كۆز قارىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
كافكا سوتسىيالىزمغا ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ھېسىداشلىق قىلاتتى، لېكىن مەلۇم ئارىلىق ساقلايتتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقان شوۋىنىزم ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغان، ئۇرۇشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان. كافكانىڭ شەخسىي تۇرمۇشى تولىمۇ بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇنىڭ خاراكتېرى زىددىيەت بىلەن تولغان بولۇپ، كەمچىلىكلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى قىيناپ ئارام بەرمەيۋاتقان روھىي ھالىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كرىزىسلارنى كۆرۈپ يەتكەن، لېكىن ئاشۇ كرىزىسلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە- ئاماللىرىنى تاپالمىغان. بۇنداق ھەر قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت توقۇنۇشلىرى ئۇنىڭ ھېكايە ۋە كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە ئەكىس ئەتكەن. كافكانىڭ 1910- يىلىدىن 1923- يىلىغىچە يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئۇنىڭ تولىمۇ غېرىپلىق، ھەسرەت، ئۆكۈنۈشكە تولغان زىددىيەتلىك روھىي ھالىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىنى «چۈشسىمان ئىچكى تۇيغۇلىرىمنىڭ ئىپادىلىنىشى» دەپ قارايتتى. كافكا ئىجادىيەتتە ناھايىتى ئىزدىنەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېزىلغان. ھايات ۋاقتىدا نەشر قىلىنغان «ھۆكۈم»، «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «سۈرگۈندە»، «يېزا دوختۇرى»، «ئاچلىق سەنئەتكارى» قاتارلىق بىر نەچچە ھېكايىسىدىن باشقا، ئۇنىڭ «سوراق» («سوتلاش» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)، «ئامېرىكا» ۋە «قەلئە» قاتارلىق ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تاماملانمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ھېكايىلىرىمۇ تاماملانمىغان. 1924- يىلى 6- ئايدا كافكا ئۆلۈپ كەتكەندە يېقىن دوستى ماكس برود يازغۇچىنىڭ ئەستىلىكلىرى ئارىسىدىن بىر پارچە خەت تېپىۋالغان. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «قەدىرلىك ماكس، مەن سەندىن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى ئۆتۈنىمەن: مەن قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدا (يەنى كىتاب ساندۇقۇم، كىيىم ئىشكابىم، يېزىق ئۈستىلىم، ئۆيۈم ۋە ئىشخانامدا ياكى بىرەر نەرسە قويغۇدەكلا جاي ھەمدە سەن تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلىكى يەرلەردە) كۈندىلىك خاتىرەم، قوليازمىلىرىم، خەت- چەكلىرىم، تىزىسلىرىم دېگەندەك نەرسىلەر قولۇڭغا چىقىپ قالسا ھەرگىز ئوقۇما ھەم ئۇنى بىرنى قويماي پاكپاكىز كۆيدۈرۈۋەتكىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قولىدىكى مەن يازغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ نامىمدا يىغىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋېتەرسەن. ئەگەر ئۇلار قولىدىكى مەن يازغان خەت- چەكلەرنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىمىسا، ئۇلار ئۆزلىرى كۆيدۈرۈۋەتسىمۇ بولىدۇ.»
ئۇ تېخىمۇ تەپسىلىي يېزىلغان يەنە بىر پارچە خېتىدىمۇ شۇنداق تىلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ماكس برود كافكانىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان. ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتمەستىن، ئەكسىچە كافكانىڭ يىغالىغانلىكى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قوليازما ۋە پارچە- پۇرات يازمىلىرى، كۈندىلىك خاتىرىسى ۋى خەت- چەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ نەشر قىلدۇرغان. 1925-، 1926-، 1927- يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «سوراق»، «قەلئە»، «ئامېرىكا» قاتارلىق ئۈچ پارچە رومانىنى نەشر قىلدۇرغان. 1935- يىلىدىن 1937- يىلىغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئالتە توم قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. 1950- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە يەنە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى 9 توم (بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تومى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى ئىدى) قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە غايەت زور ئەكس تەسىر قوزغىغان ۋە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلگەن. شۇنداقلا يەنە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئارىسىدا قىزغىن بەس- مۇنازىرە قوزغىغان.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10789

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدىبلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: