پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى: 2- باب

ئوسكار ۋىلدى

(رومان)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئىككىنچى باب

ئۇلار ئىشىكتىن كىرگەندە دورىيان گرېي ئىشىككە كەينىنى قىلىپ ، پىئانىنونىڭ يېنىدا شۇماننىڭ ‹‹ ئورمانلىقتىكى مەنزىرە ›› ناملىق مۇزىكىسىنىڭ نوتىسىنى ۋاراقلاپ ئولتۇراتتى .

– بۇنى ماڭا بېرىپ تۇرۇڭ ، بازىل ، – دېدى دورىيان ئۈنلۈك ئاۋازدا ، – بۇ مۇزىكا بەك مۇڭلۇقكەن ، ئۆگىنىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ .

– بۇ سىزنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىڭىزگە باغلىق ، دورىيان .

– ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىكىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ، چوڭلۇقى ئۆزۈم بىلەن تەڭ رەسىمىمنىڭ بولۇشىنىمۇ خالاپ كەتمەيمەن ، – دورىيان كەينىگە ئۆرۈلۈپ لورد ھېنىرىنى كۆردى – دە ، ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى ، يۈزلىرىمۇ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ، – كەچۈرۈڭ بازىل ، مېھمىنىڭىز بارلىقىنى بىلمەپتىمەن .

– بۇياق لورد ھېنىرى ۋاتتون ، ئوكسفوردتىكى كونا دوستۇم بولىدۇ . بايا تېخى ئۇنىڭغا سىزنىڭ قالتىس مودىل ئىكەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتىم . سىز – زە ، ھەممە ئىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلىۋەتتىڭىز .

– ھېچقىسى يوق ، گرېي ئەپەندىم ، سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ، – لورد ھېنىرى ئالدىغىراق چىقىپ قولىنى ئۇزاتتى ، – ھاممام دائىم گېپىڭىزنى قىلاتتى ، ئۇ سىزگە بەك ئامراق .

– مەن ھازىر ئاگاسا خانىمنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالدىم ، – دېدى دورىيان چىرايىغا ھەييارلىق تۈسى بېرىپ ، – ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئىككىسى ئۇنىڭ بىلەن ۋايت چاپىلدىكى① كۇلۇبقا بىللە بېرىشقا ماقۇل بولغان . لېكىن ، ئۇ ئىش ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. بىز ئەسلىدە قوش كىشىلىك ناخشا ئېيىتماقچى ئىدۇق . بىلمىدىم ، ئۇ مېنى ھازىر نېمە دەپ تىللاۋاتىدىكىن ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىلەن  كۆرۈشۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن .

– ھاممامغا ئۆزۈم گەپ قىلىپ قويىمەن ، ئۇ سىزنى بەك چوڭ بىلىدۇ . مېنىڭچە ، بارمىغىنىڭىزغا ھېچئىش بولمايدۇ . ھاممام پىئانىنو چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسا ، ئاۋازى ئىككى ئادەمنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ . كىم بىلىدۇ ، تاماشىبىنلار قوش كىشلىك ناخشا ئوخشايدۇ دەپ قالدىمۇ تېخى .

– بۇنداق دېسىڭىز ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىسىز ، مەن جېنىمدا بۇ گېپىڭىزدىن بىئارام بولۇۋاتىمەن ، – دېدى دورىيان كۈلۈپ تۇرۇپ .

لورد ھېنىرى دورىيانغا قاراپ قويدى . راست ، ئۇنىڭ قىپقىزىل لەۋلىرى كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى ، بىر جۈپ زەڭگەر كۆزىدىن سەمىمىيلىك چاقناپ تۇراتتى ، خويمۇ ياراشقان ساپسېرىق بۈدرە چاچلىرى ئۇنى تولىمۇ جەلىپكار ، قاملاشقان قىلىپ كۆرسىتپ تۇراتتى . ياشلىق باھارىنىڭ قايناق ھېسىياتلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان چېھرىگە بىر قارىغان كىشى ئۇنىڭغا باغلىنىپلا قالاتتى . ئۇ كىشىگە تولىمۇ سەبى ، بىغۇبار ، قائىدە – يۇسۇنلارغا باغلىنىپ قالمىغاندەك تەسىر بېرەتتى . بازىل خالۋاردنىڭ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ۋاي دەپ كېتىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى .

– سىز بۇ جەلىپكارلىقىڭىز بىلەن خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ماس كەلمەيسىز ، گرېي ئەپەندىم ، – لورد ھېنىرى ئۆزىنى دىۋانغا تاشلاپ ، يانچۇقىدىن تاماكا قۇتىسىنى چىقاردى .

رەسسام رەڭ تەڭشەش ، پەلكۈچ تەييارلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى ، چىرايىنى ئەندىشە تۇمانلىرى قاپلىۋالغان ئىدى . ئۇ لورد ھېنىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭغا لاپپىدە قاراپ قويدى ۋە بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن دېدى ، – ھاررى ، بۇ رەسىمنى بۈگۈن پۈتتۈرۈۋېتەي دېگەنىدىم ، كېتىپ تۇرۇڭ دېسەم ، سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولۇپ قالماسمەن – ھە ؟

لورد ھېنىرى كۈلۈپ كېتىپ ، دورىيان گرېيدىن سورىدى ، – مەن كېتەيما گرېي ئەپەندىم ؟

– كەتمەڭ ، ھېنىرى ئەپەندىم . ئەنە ، بازىل ئەپەندىنىڭ قاپاقلىرى يەنە تۈرۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ خاپا بولسا ، جايىمدا ئولتۇرالمايلا قالىدىكەنمەن . ئېيتىڭە ، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا نېمىشقا ماس كەلمىگۈدەكمەن ؟ شۇھەقتىكى گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار .

– نېمە دېسەم بولار ، گرېي ئەپەندىم . بۇ تولىمۇ بىمەنە تېمىكەن ، قارىغاندا تۈزۈك پاراڭلاشمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ . ئەلۋەتتە ، مېنى قەپقېلىڭ دەۋاتسىڭىز ، كېتىپ قالساممۇ بولماس . بازىل ، قېپقالسام كۆڭلىڭىزگە كەلمەس – ھە ؟ سىز ھەمىشە ، مودىل بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بېرىدىغان ئادەم بولسا ياخشى بولىدۇ ، دەيتىڭىزغۇ.

بازىل خالۋارد لەۋلىرىنى چىشلەپ قويۇپ دېدى :

– گرېي ئەپەندىم خالىغان بولسا ، ئولتۇرۇۋېرىڭ . ئۇ خوش بولىدىغانلا ئىش بولسا ، ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىمىز .

لورد ھېنىرى شىلەپىسى بىلەن پەلىيىنى قولىغا ئالدى .

– ئولتۇرسامغۇ تازا ياخشى بولاتتى ، بازىل . لېكىن ئورلىئان كۇلۇبىدا بىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغان ، ماڭمىسام بولمايدۇ . خەير – خوش ، گرېي ئەپەندىم . بىرەر چۈشتىن كېيىنلىرى ۋاقتىڭىز چىقىپ قالسا ، كۇرزون كوچىسىغا ئۆتۈڭ ، پاراڭلىشىمىز. ئادەتتە سائەت 5:30 لاردا ئۆيدە بولىمەن . بېرىشتىن ئاۋۋال خەت يېزىۋىتىڭ ، بولمىسا سىزنى قۇرۇق ساقلىتىپ قويسام ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ .

– بازىل ، – ۋارقىرىدى دورىيان گرېي ، – ھېنىرى ئەپەندىم كەتسە ، مەنمۇ كېتىمەن . رەسىم سىزىۋاتقان چېغىڭىزدا زادىلا گەپ قىلمايدىكەنسىز ، مەن بولسام سىزگە خوشال قىياپەتتە ئولتۇرۇپ بېرىمەن دەپ قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن ، بۇ قىلىقىڭىزدىن بەك زېرىكتىم . گەپ قىلىڭە ، ئۇ كەتمىسۇن .

– سىزدىن خوش بولۇپ قالايلى ، كەتمەڭ  ھاررى ، – دېدى بازىل رەسىمدىن كۆزىنى ئۈزمەي ، – دورىياننىڭ دېگىنىمۇ توغرا ، رەسىم سىزىۋاتقان چېغىمدا گەپ قىلمايدىغان خۇيۇم بار ، ھەتتا باشقىلارنىڭ گېپىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ . شۇڭا بىچارە مودېللىرىم ئۆلگۈدەك زېرىكىپ كېتىدۇ . ئۆتۈنۈپ قالاي ، كەتمەڭ .

– ئەمسە ئورلىئاندا كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمگە نېمە دەيمەن ؟

رەسسام قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى :

– ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەنغۇ ئۇ . بولدى كەتمەڭ ھاررى . دورىيان ، ئەمسە مودىل تەكچىسىگە بېرىپ مىدىرلىماي جىم ئولتۇرۇڭ ، ھېنىرىنىڭ گەپلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماڭ . ئۇ مەندىن باشقا دوستلىرىنىڭ ھەممىسىگە يامان تەسىربېرىدۇ .

دورىيان گرېي مودىل تەكچىسىگە چىقتى ، ئۇنىڭ تۇرۇقى بەئەينى زەبەردەسىت يۇنان قەھرىمانلىرىغا ئوخشايتتى . ئۇ لورد ھېنىرىغا نارازى بولۇۋاتقاندەك ، ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى . لېكىن ، چىرايىدىن ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالغاندەك بىر خىل ئىپادىمۇ يوق ئەمەس ئىدى . ئۇ بازىلغا زادىلا ئوخشىمايتتى ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، لورد ھېنىرىنىڭ ئاۋازى كىشىگە تولىمۇ يېقىملىق تەسىر بېرەتتى .

– سىز راستىنلا كىشىلەرگە يامان تەسىر بېرەمسىز ، ھېنىرى ئەپەندىم ؟ سىز بازىل دېگەندەك شۇنداق ئەسكىما ؟

-دۇنيادا ئەزەلدىن ياخشى تەسىر بولۇپ باقمىغان ، گرېي ئەپەندى . ئىلمىي نوقتىدىن قارىغاندا ، ھەر قانداق تەسىر ئەخلاقتىن چەتنىگەن بولىدۇ .

– نېمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟

– چۈنكى بىر ئادەمگە تەسىركۆرسىتىش – ئۆز ئىرادىسىنى شۇ ئادەمگە تېڭىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇنداق بولغاندا ، شۇ ئادەم ئۆز ئىدىيسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ، تەبئىي ئوتلۇق ھېسىياتى ئىككىنچىلەپ يالقۇنجىمايدۇ ،  گۈزەل ئەخلاقمۇ ماھىيتىنى يوقىتىدۇ . ئەگەر ئۇ سەۋەنلىك سادىر قىلغان بولسا ، ئۇنىمۇ باشقىلاردىن ئۈلگە ئالغان بولىدۇ . ئۇ ئۆزگىلەرنىڭ مۇزىكىسى ئۈچۈن ئەكىس سادا بولىدۇ ، ئارتىستقا ئايلىنىپ ، ئۆزى يازمىغان بىر سىنارىيە ئۈچۈن رول ئالىدۇ . تۇرمۇشنىڭ نىشانى ئۆز – ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتە . ئۆز خاراكتىرىنى تۇلۇق نامايان قىلىش – ھەممىمىزنىڭ ياشاش مەقسىتىمىزدۇر . ھازىر كىشىلەر ئۆز – ئۆزىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۇلار ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆز – ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشتى . ئەلۋەتتە ئۇلار ئازاپ چېكىۋاتقانلار ئۈچۈن قايغۇرۇشىدۇ ، ئاچ – زېرىنلارنىڭ قورسىقىنى توقلايدۇ . توڭلىغانلارغا كىيىم كېچەك بېرىدۇ – يۇ ، ئۆزلىرىنىڭ روھى ئېچىرقايدۇ ، ئۇچىسى يالىڭاچ قالىدۇ . مىللىتىمىزدىن باتۇرلۇق ، جاسارەت كۆتۈرلۈپ كەتتى ، بەلكى بىز ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئېرىشىپ باقمىغان بولغىيتۇق . جەمئىيەتتىن قورقۇش ئەخلاقنىڭ ئاساسى ، تەڭرىدىن قورقۇش بولسا دىننىڭ مەخپىيتىدۇر . دەل مۇشۇ ئىككى نەرسە بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا . ھالبۇكى –

– بېشىڭىزنى ئوڭ تەرەپكە سەل بۇراڭ دورىيان ، – دېدى بازىل كۆزىنى رەسىمدىن ئۈزمەي تۇرۇپ . ئۇ دورىياننىڭ چىرايىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىپادىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى .

– ھالبۇكى ، – لورد ھېنىرى تورلۇق ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن سۆزىنى داۋام قىلغاچ قوللىرىنى تولىمۇ چىرايلىق بىر رەۋىشتە پولاڭلىتاتتى . بۇ ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئالاھىدىلىكى ، ئىدۇن مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا يېتىلدۈرگەن ئادىتى ئىدى ، – كىشىلەر ئەگەر تورمۇشىنى مەنىلىك ، كەم – كۇتىسىز قىلىمەن دەيدىكەن ، ھېسىياتىغا شەكىل بېرىشى ، ئىدىيسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا يول قويۇشى ، ئارزۇ- تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشقىلى قويۇشى كېرەك . ئىشىنىمەنكى ، شۇ چاغدا دۇنيا نۇرغۇن خوشاللىقلارغا ئېرىشىدۇ ، بىزدىكى ئوتتۇرا ئەسىردىن قالغان  ئىللەتلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، بىزنى قەدىمكى يۇنانچە غايىمىزگە قايتۇرىدۇ ، بۇ غايە بەلكىم قەدىمكى يۇنانچە غايىدىنمۇ ئۇلۇغۋار ، مول بولۇشى مۇمكىن . ئەمما ئارىمىزدىكى ئەڭ باتۇر سانىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئۆزىدىن قورقىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ياۋايىلىق دەۋرىدىن  قالغان ئۆز ئارزۇ – ئىستىكىنى تىزگىنلەش قىلمىشىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ تۇرماقتا . بۇنداق ئۆز – ئۆزىنى تىزگىنلەش تۇرمۇشىمىزنى غايەت زور زىيانلارغا دۇچار قىلدى ، بىز ھازىر دەل شۇنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمىز . جان – جەھلىمىز بىلەن تىزگىنلەۋاتقان ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىز ئىدىيمىزدە تۇخۇملىماقتا ، بىزنى زەھەرلىمەكتە . تەن ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلغان ھامان گۇناھتىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ . چۈنكى ، ھەرىكەت گۇناھنى يۇيۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى . ئۇنىڭدىن كىيىن ، خوشال ئەسلىمە ياكى ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئۆكۈنۈشتىن ئۆزگە ھېچنەرسە قايتا مەۋجۇد بولمايدۇ . ئازغۇنلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى – ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇش . ئازغۇنلىققا قارشى تۇرىدىكەنسىز ، روھىڭىزغا كېسەل تىگىدۇ ، چۈنكى ئۇ ئۆزى چەكلەۋاتقان نەرسىگە ، بىمەنە قانۇنلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىمەنە ، قانۇنسىز نەرسىلەرگە تەشنا بولۇۋاتقان بولىدۇ . ئېيتىلىشچە ، دۇنيادىكى چوڭ – چوڭ ئىشلار كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا يۈز بېرىدىكەن ، ئىپلاسلىقلارمۇ دەل كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا يۈز بېرىدىكەن . سىزنى ئېلىپ ئېيتساق ، گرېي ئەپەندىم ، گەرچە ياشلىقنىڭ راسا پەيزىنى سۈرۈۋاتقان يىگىت بولسىڭىزمۇ ، لىكىن سىزنىڭمۇ ئۆز – ئۆزىڭىزنى قورقۇتىدىغان ئوتلۇق ھېسىياتلىرىڭىز ، ئۆزىڭىزگە ۋەھىمە ھېس قىلدۇرىدىغان ئۇسۇللىرىڭىز ، ئويلىسىڭىزلا چىرايىڭىزغا خىجىللىق پەردىسى تاشلايدىغان خىيالىي تۇيغۇ ۋە چۈشلىرىڭىز بار …

-بولدى قىلىڭ ! – دېدى دورىيان تىترەك ئاۋازدا ، – بولدى دېمەڭ ! شۇ تاپتا مېنى گاڭگىرىتىپلا قويۇۋاتىسىز ، بۇ گەپلىرىڭىزگە نېمە دەي ئەمدى . بولدى بەس ، ماڭا ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىڭ ياكى بولمىسا ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ئۇنداق گەپلەرنى دېمەڭ .

دورىيان كۆزلىرىدىن غەلىتە نۇرلارنى چاقنىتىپ ، ئاغزىنى كاماردەك ئاچقىنىچە تۇرغان جايىدا ئالاھەزەل 10 مىنۇتقا يېقىن جىممىدە تۇرۇپ كەتتى . ئۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر تەسىرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىغا يامراۋاتقانلىقىنى خىرە – شىرە تۇنۇپ يېتىۋاتاتتى . لىكىن ، ئۇ يەنە تۇرۇپلا بۇ تەسىرلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدىن تارقىلىۋاتقاندەكمۇ ھېس قىلاتتى . بازىلنىڭ دوستىنىڭ ئېيىتقانلىرى شەك – شۈبھىسىزكى مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپلەر ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەستەن دېيىلگەن بىر – بىرىگە زىت گەپلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نامەلۇم بىر سىرلىق تارنى چىكىپ ئۈلگۈردى ، ئۇ تار ئىلگىرى چېكىلىپ باقمىغانىدى . ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ ۋۇجۇدىدىكى شۇ تارنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى ، غەلىتە بىر خىل رەۋىشتە قاتتىق- قاتتىق تەۋرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .

قىستۇرما رەسىم ئورنى

(17 – بەتتىكى رەسىم)

بازىل خالۋارد قولىدىكى پەلكۈچنى ئوينىتىپ ، تولىمۇ سالماق ۋە ئۇستىلىق بىلەن رەسىم سىزماقتا ، پەلكۈچىدىن مۇكەممەل بىر لاتاپەت زاھىر بولماقتا ئىدى …

ئىلگىرى مۇزىكا ئۇنى ئەنە شۇنداق ھاياجانغا سالغان ، ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم كاشىلا قىلغان ئىدى . لىكىن ، مۇزىكىنىڭ ئۇنچىۋالا ئىپادىلەش كۈچى يوق ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بارلىققا كەلتۈرگىنى يېڭى ماكان ئەمەس ، بەلكى باشقا بىر زۇلمەت قاراڭغۇلۇق . ئۇ ناھايىتى كەتسە بىر قۇرۇق گەپقۇ ! لېكىن ، ئۇ گەپلەر نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق – ھە ! نەقەدەر پەردازسىز ، ئۆتكۈر ، ۋەھشىي – ھە ! ئۇ گەپلەر شۇنچىلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىدىكى ، ئاڭلىغان كىشىنى مەپتۇن قىلىپلىۋالاتتى . ئۇلار گويا شەكىلسىز نەرسىگە شەكىل ئاتا قىلاتتى . ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس كۈيى – ئىسكىرىپكا ياكى ليۇتتىن ياڭرىغان كۈينى ئەسلىتىدىغان يېقىملىق كۈيى بار ئىدى . ئۇ ناھايىتى كەتسە بىر گەپقۇ ! گەپكە ئوخشاش ھەقىقىي نەرسە يەنە بارمىدۇ ؟

شۇنداق ، ئۇ گۆدەك چېغىدا بەزى نەرسىلەرنى زادىلا چۈشەنمەيتتى ، ئەمدى چۈشىنىدىغان بولدى . تۇرمۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن دەقىقە ئىچىدە يالقۇنلۇق ئوتقا ئايلاندى ، ئۆزىمۇ ئىزچىل مۇشۇ ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى . ئىلگىرى ئۇ بۇنى نېمىشقا بايقىمىدى ؟

لورد ھېنىرى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر خىل سىرلىق كۈلكىسى بىلەن دورىيانغا زوقلۇنۇپ قاراپ تۇراتتى ، شۇ تاپتا ئۇ ئادەملەرنىڭ پىسخىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ قايسى دەقىقىسىدىكى ئۈنسىز ئىنكاسنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى دەڭسىمەكتە ئىدى ، ھەم دېگەن گەپلىرىنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپمۇ تۇراتتى . ئۇ 16 ياش چېغىدا ئوقۇغان بىر كىتابنى ئېسىگە ئالدى ، كىتابتا ئۇ ئىلگىرى چۈشەنمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەر ئېچىپ بېرىلگەنىدى . دورىياندىمۇ ئاشۇنداق تۇيغۇ بولۇۋاتامدىغاندۇ ؟ مۇنداقلا دەپ قويغان گېپىم ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەگمىگەندۇ – ھە ! ھەجەپ كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان بالىكىنە – بۇ !

بازىل خالۋارد قولىدىكى پەلكۈچنى ئوينىتىپ ، تولىمۇ سالماقلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن رەسىم سىزماقتا ، پەلكۈچىدىن مۇكەممەل بىر لاتاپەت زاھىر بولماقتا ئىدى . لېكىن بۇنى كامالەتكە يەتكەن ماھارەت بىلەنلا روياپقا چىقارغىلى بولمايتتى ، ئارىنى قاپلىغان شۇنچىلىك ئېغىر سۈكۈناتلىق كەيپىياتمۇ ئۇنىڭغا ھېچ بىلىنمەيتتى .

– بازىل ، بەك چارچاپ كەتتىم ، – دېدى دورىيان گرېي تۇيۇقسىز ، – بۇ يەر بەك دىمىق ئىكەن ، گۈللۈككە چىقىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كىرەي .

– قەدىرلىك دوستۇم ، ناھايىتى خىجىلمەن ، رەسىم سىزغان چېغىمدا مۇشۇنداق ھەممىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويىدىغان ئادىتىم بار . بايامقى قىياپىتىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقتى ، مىدىر – سىدىرمۇ قىلمىدىڭىز ، يېرىم ئېچىلغان ئاغزىڭىز ، نۇر چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىڭىز – مەن سىزماقچى بولغان قىياپەتنىڭ دەل ئۆزى شۇ . ھاررى سىزگە نېمىلەرنى دېدى ، بىلمىدىم . لېكىن ، بايىقى ئاشۇ  گۈزەل قىياپىتىڭىزنى چىقىرىشىڭىزغا چۇقۇم ئۇ تۈرتكە بولدىغۇ دەيمەن . بىلسەم – بىلمىسەم ، ئۇ سىزگە ياغلىما گەپلەرنى تازا قىلدى ، ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىرىگىمۇ ئىشەنمەڭ .

– ئۇ ماڭا ياغلىما گەپلەرنى قىلمىدى . دەل شۇنداق بولغاچقىمىكىن ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئىشەنمىدىم .

– ياق ، ھەممىسىگە ئىشەندىڭىز ، بۇ ئۆزىڭىزگە ئايان ، – دېدى لورد ھېنىرى ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان سىرلىق كۆزلىرى بىلەن دورىيانغا قاراپ ، – بۇ ئۆي بەك ئىسسىقكەن ، گۈللۈككە مەنمۇ بىللە چىقاي . بازىل ، بىزگە مۇز قۇشۇلغان ئىچىملىك كەلتۈرۈپ بەرسىڭىز ، ئازراق بۆلجۈرگەن سېلىۋەتسۇن .

– چاتاق يوق ھاررى . قوڭغۇراقنى بېسىپ قويۇڭ ،پاك كەلسىلا دەپ قويىمەن ، ئۇ سىلەرگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. رەسىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە يەنە ئازراق ئىشلىمىسەم بولمايدۇ ، يېنىڭلارغا ھېلىراق چىقاي . دورىياننى بەك ئۇزاق تۇرغۇزىۋەتمەڭ . ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ئىلھام كەپ باقمىغان . بۇ رەسىم مېنىڭ ئەڭ نادىر ئەسىرىم بۇلۇپ قالىدۇ، قارىماققىمۇ شۇنداقتەك تۇرىدۇ .

لورد ھېنىرى گۈللۈككە كەلدى ، دورىيان گرىينىڭ بېشىنى پىچەكگۈللەرنىڭ ئارىسىغا تىقىۋېلىپ ، گويا ئېسىل شاراپنىڭ ھىدىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك ، گۈل ھىدىنى زوق – شوق بىلەن تويماي پۇراۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئۇ يېقىن كىلىپ ، قولىنى دورىياننىڭ مۈرىسىگە قويدى .

– ھە ، ماۋۇ ئىشىڭىز بوپتۇ ، – دېدى ئۇ ، – خۇددى سەزگۈ ئورگانىزىملارنى روھلا قۇتقۇزالىغاندەك ، روھنىمۇ سەزگۈ ئورگانىزىملىرى قۇتقۇزالايدۇ .

چۆچۈپ كەتكەن دورىيان كەينىگە داجىدى . ئۇ شىلەپىسىنى ئېلىۋەتكەن ، پىچەكگۈلنىڭ يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭ تال – تال ئالتۇنرەڭ بۇدرە چاچلىرىغا ئولۇشىۋالغان ئىدى . كۆزلىرىدىن تاتلىق ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن كىشىنىڭكىدەك بىر خىل ۋەھىمە نۇرلىرى چاقنايتتى. ئىلىپتەك تۈز كەلگەن بۇرۇنىنىڭ چاناقلىرى لىپىلدايتتى، قىپقىزىل لەۋلىرىنىڭ نامەلۇم بىر نېرىپلىرى دەممۇ-دەم تارتىشاتتى.

– توغرا قىلدىڭىز، – سۆزىنى داۋام قىلدى لورد ھېنىرى ، – مانا بۇ تۇرمۇشتىكى سەزگۈ ئورگانىزىملىرى ئارقىلىق روھنى قۇتقۇزۇش، روھ ئارقىلىق سەزگۈ ئورگانىزىملىرىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ مەخپىيەتلىك. سىز ياراتقۇچىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسىرى . خۇددى بىلىدىغانلىرىڭىز بىلمەكچى بولغانلىرىڭىزدىن ئاز بولغاندەك ، بىلىدىغانلىرىڭىزمۇ ئۆزىڭىز بىلىمەن دەپ قارىغان نەرسىلەردىن كۆپ بولۇشى كېرەك.

دورىيان گرېي قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قۇيۇپ، بېشىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالدى. ئۇ يېنىدىكى قامەتلىك ، گەپ- سۆزى يېقىملىق بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتى . لورد ھېنىرىنىڭ رىۋايەت تۈسىگە باي زەيتۇن رەڭ يۈزلىرى ، ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ئۇنىڭ زوقىنى قوزغاۋاتاتتى . ئۇنىڭ تورلۇق ئەمما ئېزىلەڭگۈ ئاۋازىدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر خىل مۇڭ بار ئىدى . شېشىدەك سۈزۈك مۇزدەك قوللىرىدىن بىرخىل سېھرىي كۈچ يامرايىتتى . گەپ قىلغان چېغىدا قوللىرى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىۋاتقاندەك تىنماي ھەرىكەتلىنىپ تۇراتتى . لېكىن ، دورىيان ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالدى ھەم ئۇنىڭدىن قورققىنىدىن خىجىلمۇ بولدى . نېمە ئۈچۈن بىر ناتۇنۇش كىشى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ؟ ئۇنىڭ بازىل خالۋارد بىلەن تونۇشقىنىغا نەچچە ئايلا بولدى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق ئۇنى قىلچە ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى . توساتتىن ، بىرەيلەن گويا ھاياتنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكچى بولغاندەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىردى . لېكىن ، قورققۇدەك نېمىسى بار؟ قورقۇپ كەتكۈدەك ياكى ئۇ بىر كىچىك بالا بولمىسا .

– دەرەخنىڭ سايىسىدا ئولتۇرايلىچۇ ! – دېدى لورد ھېنىرى ،- پاك ئىچىملىك ئەكەلدى . ئاپتاپتا تۇرىۋەرسىڭىز كۆيۈپ كېتىسىز. ئۇنداق بۇلۇپ قالسا، بازىل سىزنى سىزمايدۇ جۇمۇ. ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئاپتاپقا قاقلىماڭ، سەتلىشىپ كېتىسىز.

– ئۇنىڭغا نېمە بولاتتى ؟ –  دورىيان گرېي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە گۈللۈكنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى ئورۇندا ئولتۇردى .

– ھەممە نەرسىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ ، گرېي ئەپەندىم .

– نېمىشقا ئەمدى؟

– چۈنكى سىز تەققى – تۇرقتا تەڭداشسىز ، بۇ سىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك .

– بۇنى مەن ھېچ ھېس قىلمىدىمغۇ ، ھېنرى .

– شۇنداق . ھازىرچە ھېس قىلالمايسىز . بىر كۈنلەردە ، قېرىپ چىرايىڭىزدىن كەتكەندە ، چىرايىڭىزنى يول – يول قورۇق باسقاندا ، ئوي – پىكىرلىرىڭىز پىشانىڭىزگە ئەگرى – بۈگرى ئىزلارنى قالدۇرغاندا ، ئوتلۇق ھېسىياتىڭىزنىڭ كۈچلۈك يالقۇنلىرى لەۋلىرىڭىزگە تامغا باسقان چاغدا ھېس قىلىسىز ، چوڭقۇر ھېس قىلىسىز . ھازىر مەيلى قەيەرگىلا بارماڭ ، دۇنيا سىز ئۈچۈنلا پىرقىرايدۇ . مەڭگۈ شۇنداق بولارمۇ ؟ سىز ھۆسىن – جامالدا تەڭداشسىز ، گرېي ئەپەندىم . قاپىقىڭىزنى تۈرمەڭ ، راسىت دەۋاتىمەن . گۈزەللىك – تۇغما تالانتنىڭ بىر خىل شەكلى ، ئەمما ئۇ تۇغما تالانتتىن يۈكسەك بولىدۇ ، چۈنكى گۈزەللىكنى شەرھلەش بىھاجەت . گۈزەللىك گوياكى بىر قۇياش نۇرى ، باھار قۇياشى ياكى ئاينىڭ كۈمۈشرەڭ جۇلاسىنىڭ چوڭقۇر سۇدا ئەكىس ئەتكەن شولىسى ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى . بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ . گۈزەللىك مۇقەددەس ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىغا ئىگە ، ئۇنىڭغا نائىل بولغان كىشىگە شاھزادىلىك نېسىپ بولىدۇ . كۈلۈۋاتىسىزغۇ ؟ ھىم ، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولغان چېغىڭىزدا كۈلمەيدىغان بولىسىز … كىشىلەر بەزىدە گۈزەللىكنى ئەنە شۇنداق يۈزەكى نەرسە دەپلا قارايدۇ ، بەلكىم شۇنداقتۇر . لىكىن ، ئۇ ھېچبولمىغاندىمۇ  ئىدىيگە ئوخشاش ئۇنچىلىك يۈزەكى ئەمەس .  گۈزەللىك – مەن ئۈچۈن مۆجىزىنىڭ ئىچىدىكى مۆجىزە . تەنتەك ئادەملەرلا چىرايى ئارقىلىق باشقىلارنى جەلىپ قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ . دۇنيادىكى ھەقىقىي سىرلار كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەردە ئەمەس ، بەلكى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەردە مەۋجۇد بولىدۇ … گرېي ئەپەندىم . ئەمما ئىلاھ ئاتا قىلغان نەرسىلىرىنى يەنە ناھايىتى تېزلا قايتۇرۋالالايدۇ . سىز پەقەت بىر نەچچە يىللىق ئۆمرىڭىزنىلا چىن ، مۇكەممەل ئۆتكۈزەلەيسىز . ياشلىق باھارىڭىز تامام بولغاندا ، گۈزەل رۇخسارىڭىزمۇ تەڭلا غايىپ بولىدۇ . ئەنە شۇ چاغدا مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزنىڭ تامام قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز– دە ، ئىلگىرى كۆزگە ئىلمىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىز ئارقىلىق قانائەت ھاسىل قىلىدىغان بوپ قالىسىز . ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە ، ئىلگىرى قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلەر مەغلۇبىيەتلەرگە قارىغاندا كىشىنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن سىز كۈنسىرى قورقۇنچلۇق مەنزىلگە قاراپ يول ئالىسىز . ۋاقىت سىزگە ھەسەت قىلىدۇ ، كىشى قەلبىنى لال قىلىدىغان رۇخسارىڭىزغا ھۇجۇم قىلىدۇ . چىرايىڭىز زەپىراندەك سارغىيىپ ، مەڭزلىرىڭىز ئولتۇرۇشىدۇ ، كۆزلىرىڭىزنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ ، چىرايىڭىزنى غەم باسىدۇ ، ئازابتىن نېرى بولالمايسىز . ياشلىق باھارىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغاندا ، ئۇنىڭدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! ئۆمرىڭىزنى تايىنى يوق سەپسەتىلەرنى ئاڭلاش بىلەن ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ ، قۇتۇلۇش ئىمكانىيتى يوق مەغلۇبىيەتلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ، ھاياتىڭىزنى نادان ، تۇتۇرۇقسىز ئادەملەر ئۈچۈن سەرپ قىلىۋەتمەڭ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەۋرىمىزدىكى كېسەل تەگكەن نىشان ۋە خاتالىقلاردۇر . ياشاڭ ، باشقىلارنىڭ زوقى كەلگۈدەك راۋۇرۇس ياشاڭ ! ۋۇجۇدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى بىكاردىن – بىكار ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ . يېڭى – يېڭى ئىستەكلەر ئۈچۈن ئىزدىنىڭ . ھېچنىمىدىن قورقماڭ … ھازىر دەۋرىمىزدە يېڭى – يېڭى ھوزۇر – ھالاۋەتلەر كەم بولۇۋاتىدۇ . سىز كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان رەڭگى – رويىڭىز بىلەن ئاشۇ ھوزۇر – ھالاۋەتلەر ئۈچۈن باشلامچى بولۇپ بەرسىڭىز نېمە يامىنى . بۇ ئالەمدە بىرلا پەسىل سىزنىڭ ئىلىكىڭىزدە بولىدۇ …  سىزنى تۇنجى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە ، مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىزنى ، زادى قانداق ئادەم بولالايدىغانلىقىڭىزنى ئەسلا ھېس قىلىپ يەتمىگەنلىكىڭىزنى بايقىدىم . ۋۇجۇدىڭىزدىكى نەرسىلەر مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى – دە ، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تۇنۇتۇپ قويۇشۇمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم . مېنىڭچە ، ئۆزىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتسىڭىز ، تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش قىلغان بولىسىز ! چۈنكى ، ياشلىقىڭىز تولىمۇ قىسقا ، تولىمۇ قىسقا . تاغ گۈلى سۇلسا يەنە ئېچىلىدۇ . كىلەر يىلى ئىيۇندا شەھدان گۈلى ھازىرقىدەكلا ئالتۇنرەڭ ئېچىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئېيىدا بىنەپشىرەڭ  ماڭدار گۈلىنىڭ بەرگىلىرى گويا بىنەپشە يۇلتۇزلار كېچە ئاسمىنىغا بېزەك بولغاندەك غۇچچىدە يېشىل يۇپۇرماقلارغا زىننەت بېرىدۇ . يىللار ئۆتكەنسېرى ، ياشلىق باھارىمىز بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدۇ . 20 يېشىمىزدىن باشلاپ ، ۋۇجۇدىمىزدىكى سوقۇپ تۇرغان شوخ تومۇرلار ھورۇنلىشىدۇ . پۇت – قوللىرىمىز زەئىپلىشىپ ، سەزگۈلىرىمىز سولىشىدۇ . چۈشكۈنلىشپ ، قورقۇنچلۇق ياغاچ قونچاقلارغا ئايلىنىمىز . ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرنى، ئىلگىرى بىزنى قورقۇتقان ئوتلۇق ھېسىيات ۋە ئۇنىڭغا باش ئېگىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بىنورمال ئېزىقتۇرۇشلارنى ئەسلەيمىز . ياشلىق باھارى ! ياشلىق باھارى ! كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇدات ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىكى ياشلىق باھارىدۇر !

دورىيان گرېي لورد ھېنىرىنىڭ گەپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالماقتا ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئويلانماقتا ئىدى . سۆسۈن سېرىنگۈلىنىڭ شېخى ئۇنىڭ قولىدىن سېرىلىپ شېخىللىق يولغا چۈشتى. بىر تال تۈكلۈك ھەسەل ھەرىسى ئۇچۇپ كېلپ گۈلنى چۆرىدەپ بىردەم غوڭۇلدىغاندىن كېيىن ، گۈلنىڭ ئېللىپىس شەكىللىك بەرگىلىرىنى بويلاپ يوقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى . ئۇ باشقىچە بىر خىل قىزىقىش بىلەن بۇ كىچىككىنە جانىۋارنى كۆزەتمەكتە ئىدى _ ھەرقېتىم سىرلىق نەرسىلەردىن قورققان چېغىمىزدا ياكى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ، تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر تۇيغۇ بىزنى ھاياجانغا سالغاندا ، ياكى بولمىسا قورقۇنچلۇق خىياللىرىمىز چوڭ مېڭىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ ، بىزنى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغاندا ، ھەمىشە قەلبىمىزدە ئەرزىمەس نەرسىلەرگە بولغان ئالاھىدە قىزىقىش بىخلايدۇ. ھايال ئۆتمەي ، ھېلىقى ھەسەل ھەرىسى ئۇچۇپ كەتتى. دورىيان ھەسەل ھەرىسىنىڭ بىر تال سۆسۈن ھەشىقپىچەك گۈلىنىڭ كانايسىمان بەرگىلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىگە قاراپ ئولتۇردى . ھەسەل ھەرىسى كىرىپ كەتكەن گۈل سەل تەۋرىگەندەك بولۇپ ، ئارقىدىنلا يىنىك پۇلاڭلاشقا باشلىدى .

بازىل تۇيۇقسىز رەسىم سىزىش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ ، ئۇلارغا كىرىپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى . ئۇلار بىر- بىرىگە قارىشىپ كۈلۈپ قۇيۇشتى .

– سىلەرنى ساقلاپ قالدىم ! – ۋارقىرىدى بازىل ،- تېز كىرىڭلار . ئۆي ئىچىگە نۇر بەك ئوبدان چۈشۈۋاتىدۇ ، ئىچىملىكىڭلارنىمۇ ئالغاچ كىرىڭلار.

ئۇ ئىككىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ، كىچىك يولنى بويلاپ ئاستا قوزغالدى . يېشىل ۋە ئاق رەڭ ئارىلاشقان ئىككى كېپىنەك ئۇلارنىڭ يېنىدىنلا ئۇچۇپ كېتىشتى ، بىر ئاققاش قۇچقاچ گۈللۈكنىڭ بۇلۇڭىدىكى نەشپۈت دەرىخىگە قونۇۋېلىپ خەندان ئۇرۇپ سايراشقا باشلىدى.

– مەن بىلەن تۇنۇشۇپ خوشال بولغانسىز، گرېي ئەپەندىم؟- دېدى لورد ھېنىرى ئۇنىڭغا قاراپ .

– شۇنداق ، شۇ تاپتا مەن بەك خوشال . بۇ خوشاللىقىم مەڭگۈ مۇشۇنداق داۋاملىشارمۇ؟

– مەڭگۈ! نېمە دېگەن بىمەنە سۆز بۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلاپلا سەسكىنىپ كەتتىم . ئاياللارلا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق كېلىدۇ . ئۇلار ھەر قېتىملىق مۇھەببىتىنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ –  يۇ، ئۆزى ھالاك بۇلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ‹‹ مەڭگۈ›› – قىلچە ئەھمىيىتى يوق سۆز. كاللىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر مەھەللىك خىيال بىلەن چىن مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ ئارىسىدىكى بىردىنبىر پەرق شۇكى ، كېيىنكىسى ئۇزۇنراق داۋام قىلىدۇ.

ئۇلار رەسىم سىزىش ئۆيىگە كىردى ، دورىيان گرېي قولىنى لورد ھېنىرىنىڭ بىلىكىگە قۇيۇۋالدى .

– ئۇنداق بولسا ، دوستلۇقىمىز كاللىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان خىيالغا ئايلانسۇن ، – دەپ پىچىرلىدىيۇ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئاغزى ئىتتىكلىكىدىن يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ۋە مودىل تەكچىسىگە چىقىپ، قىياپىتىنى توغرىلاپ تۇردى .

– لورد ھېنىرى ئۆزىنى سۆگەت ياغىچىدىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا تاشلاپ ، دىققىتىنى بىر نۇقتىغا يىغىپ جىممىدە ئولتۇردى . رەسىم تاختىسى ئۈستىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقان پەلكۈچ شارت- شۇرت ئاۋاز چىقىرىپ ، ئۆيدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى . بازىل خالۋارد پات- پات كەينىگە داجىپ ، سىزىۋاتقان رەسىمىگە قاراپ قۇياتتى . ئوچۇق ئىشىكتىن ئۆي ئىچىگە قىيپاش چۈشۈپ تۇرغان نۇر دەستىسىدە ئۇچۇپ يۈرگەن ساپسېرىق توپا- چاڭلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى . پۈتكۈل مەۋجۇدات گويا ئەتىرگۈلنىڭ كۈچلۈك ھىدىدىن مەست بولغاندەك ئىدى .

ئارىدىن چارەك ۋاقىت ئۆتتى ، بازىل خالۋارد رەسىم سىزىشتىن توختىدى ، يوغان بىر تال پەلكۈچنىڭ ئۇچىدىن چىشلەپ تۇرۇپ ، قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە بىردە دورىيان گرېيغا ، بىردە سىزىۋاتقان رەسىمگە ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىۋېتىپ : << پۈتتى>> دەپ ۋارقىرىدى ، ئاندىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ رەسىمنىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىگە ئىسمىنى قىزىل رەڭدە ئىنچىكە قىلىپ يازدى .

لورد ھېنىرى رەسىمگە يېقىن كىلىپ سىنچىلاپ قارىدى . رەسىم تولىمۇ ئوخشىتىپ سىزىلغان ئىدى ، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئېسىل سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكە مۇناسىپ كېلەتتى .

– قەدىرلىك دوستۇم ، سىزنى تەبرىكلەيمەن ،- دېدى بازىل، – بۇ_ دۇنيادا ئەڭ نەپىس سىزىلغان پورتېرىت بوپتۇ . گرېي ئەپەندىم ، كېلىپ ئۆزىڭىز بىر قاراپ بېقىڭە .

دورىيان گويا چۈشىدىن ئەمدىلا ئويغانغان ئادەمدەك چۆچۈپ كەتتى.

– راستىنلا سىزىپ بولدىڭىزمۇ؟- سورىدى ئۇ بوش ئاۋازدا مودىل تەكچىسىدىن چۈشۈۋېتىپ .

– ئاساسىي جەھەتتىن سىزىپ بولدۇم ،- جاۋاب بەردى بازىل ،- قالتىس ئىش قىلدىڭىز – دە ، بۈگۈن . سىزدىن چەكسىز مىننەتدارمەن .

– بۇرەسىمنى ماڭا بېرىڭ ،- لورد ھېنىرى بازىلنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى ،- شۇنداق قىلساق بولار ، گرېي ئەپەندىم؟

دورىيان ئۈندىمىدى ، تولىمۇ روھسىز قىياپەتتە رەسىمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋېتپ ، رەسىمگە بۇرۇلۇپ قارىدى ، قارىدىيۇ ئىختىيارسىز كەينىگە نەچچە قەدەم داجىدى ، چېھرىدە مەمنۇنىيەت كۈلكىسى جىلۋە قىلدى . گويا ئۆزىنى ئەمدى تونۇۋاتقاندەك ، كۆزلىرىدىن بىر خىل زوقمەنلىك تۇيغۇسى چاقنىدى . ئۇ خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك جايدا قىمىر قىلماستىن بازىل خالۋرادنىڭ گەپلىرىنى خىيالىدىن بىرمۇ – بىر ئۆتكۈزدى . لېكىن ، ئۇنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى . نەقەدەر قاملاشقان چىراي بۇ. بۇنى ئۇ ئىلگىرى ئەسلا ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى ، بازىل خالۋاردنىڭ ماختاشلىرى دوستىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلىۋاتقان مەدھىيە سۆزلىرىدەك تۇيۇلاتتى . ھەرقېتىم ئاشۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ، كۈلۈپلا قۇيۇپ ئۇنتۇپ كىتەتتى، ئۇ مەدھىيە سۆزلىرى ئۇنىڭ خاراكتېرىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى . لېكىن ، لورد ھېنىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى مەدھىيلەپ ئېيتقان غەلىتە گەپ – سۆزلىرى ، ياشلىق باھارىنىڭ تولىمۇ قىسقا ۋە ئاسان قولدىن كىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا زور تەۋرىنىش پەيدا قىلدى . شۇ  تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ رەسىمدىكى سۆيۈملۈك ئوبرازىغا سىنچىلاپ قاراپ ، لورد ھېنىرىنىڭ تەسۋىرلەشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينەن زاھىر بولۇۋاتقانلىقىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى . توغرا ، ھامىنى بىر كۈنى ئۇنىڭ چىرايىدا قورۇقلار پەيدا بولۇپ ، قەددى – قامىتى پۈكۈلىدۇ. كۆزلىرى خۇنۈكلىشىپ ، نۇرى قاچىدۇ . قەددى يادەك ئىگىلىپ ، قىپقىزىل لەۋلىرى قورۇلىدۇ ، ئالتۇنرەڭ چاچلىرى پاخپىيىدۇ . ئۇنىڭ روھىنى يارىتىدىغىنىمۇ تۇرمۇش، جىسمىنى خاراپ قىلىدىغىنىمۇ يەنىلا شۇ تۇرمۇش . ئاشۇ تۇرمۇش ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ بەد – بەشىرە قىلىدۇ.

ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ، پىچاق تىققاندەك بىر ئاغرىق ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا يامراپ ، بەدىنىدىكى ھەر بىرتال سەزگۈ نېرىپلىرى تىتىرەپ كەتتى ، كۆزلىرىگە ياش ئولاشتى . ئۇ گويا سوغاق بىر قول يۈرىكىنى قاماللىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولدى .

– بولماپتىما ؟- ئۈنلۈك ئاۋازدا سورىدى بازىل خالۋارد . ئۇدورىياننىڭ جىممىدە تۇرۇپ كېتىشلىرىنى چۈشەنمەي كۆڭلى يېرىم بولغان ئىدى .

– ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە يارايدۇ ،- دېدى لورد ھېنىرى ،- بۇ رەسىمنى كىممۇ ياقتۇرمىسۇن؟ بۇ ھازىرقى زامان سەنئىتىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەرنىڭ بىرى بوپتۇ. بۇ رەسىم مېنىڭ بولسا ، نېمەم كەتسە مەيلىتتى .

– ئۇ مېنىڭ ئەمەس، ھاررى .

– ئەمىسە كىمنىڭ؟

– ئەلۋەتتە دورىياننىڭ بولىدۇ- دە ،- جاۋاب بەردى بازىل .

– ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيى باركەن .

– نېمە دىگەن ئېچىنىشلىق !- پىچىرلىدى دورىيان . ئۇ كۆزىنى تېخىچە رەسىمدىن ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى ، – نېمە دىگەن ئېچىنىشلىق ! مەن قېرىپ سەتلىشىپ ، چىرايىمدىن كىتىمەن . لېكىن ، بۇ رەسىم مەڭگۈ مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ ، مەڭگۈ مۇشۇ ھالەتتە قېرىماي ياپياش تۇرىدۇ … مۇشۇ رەسىم بىلەن ئالمىشىپ قالغان بولسام ، مەڭگۈ مۇشۇنداق ياش تۇرسام، ئەكسىچە رەسىمىم قېرىپ كەتسە نەقەدەر ياخشى بولار ئىدى – ھە ! شۇنداقلا بولىدىغانلا بولسا ، قانچىلىك بەدەل تۆلىسەممۇ مەيلى ئىدى ! شۇنداق ، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىدىن ، ھەتتا جېنىمدىن كېچىشكىمۇ رازى ئىدىم .

– ئېھتىمال رەسىمنىڭ مۇشۇ ھالەتتە سىزىلىشى سىزگە ياقمىدىغۇ دەيمەن بازىل ، – لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، – ئۇ – ئەسىرىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى بولۇپ قالىدىغان بولدى – دە .

– بۇ گېپىڭىزگە مەن قارشى ھاررى ، – دېدى بازىل .

دورىيان كەينىگە ئۆرۈلۈپ بازىلغا قاراپ تۇراتتى .

– قارشى تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن بازىل . سىز ئۆزىڭىزنىڭ سەنئەتتىن غالىپ كەلگەن ئاشۇ دوستىڭىزنىلا ياخشى كۆرىسىز . شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، مەن سىزگە نىسبەتەن مىستىن ياسالغان بىر بۇت خالاس ، بەلكىم ئۇنىڭچىلىكمۇ ئەمەستۇرمەن .

بازىل ھەيرانلىقىدىن كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى .  دورىيان باشقىچىلا گەپ قىلىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغاندۇ ؟ خاپا چىراي كۆرۈنىدۇ ، يۈزلىرى ، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كېتىپتۇ – يا ؟

– شۇنداق ، – سۆزىنى داۋام قىلدى دورىيان ، – سىزگە نىسبەتەن مەن ئاۋۇ پىل چىشى رەڭگىدىكى ھېرموسىڭىز ② ياكى كۈمۈشرەڭ چارۋا ئىلاھىڭىزغا يەتمەيمەن . سىز ئۇلارنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىسىز . لېكىن مېنى قانچە ئۇزۇن ياخشى كۆرىسىز ؟ مېنىڭچە ، يۈزۈمگە تۇنجى قورۇق چۈشكەن چاغقىچە ياخشى كۆرىسىز . ھازىر ماڭا شۇ نەرسە ئايان بولدى ، كىشى گۈزەل رۇخسارىنى يوقاتقان ھامان ، مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولمىسۇن ، ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن . بۇ نۇقتىنى ماڭا سىز سىزغان بۇ پورتېرىت ھېس قىلدۇردى . لورد ھېنىرىنىڭ دېگەنلىرى پۈتۈنلەي توغرىكەن ، ياشلىق باھارى بەك موھىم نەرسىكەن . قاچانكى ئۆزۈمنىڭ قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بايقىغان ھامان ، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن .

بازىل خالۋاردنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ ، دورىياننىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى .

– دورىيان ، دورىيان ، – ۋارقىرىدى ئۇ ، – بۇنداق دېمەڭ . مېنىڭ ئەزەلدىن سىزگە ئوخشاش بۇنداق ياخشى دوستۇم بولۇپ باقمىغان ، بەلكىم مەڭگۈمۇ بولماس . سىز جېنى يوق نەرسىلەرگە ھەسەت قىلمايدىغانسىز – ھە؟ سىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ چىرايلىق .

– مەن گۈزەللىكى مەڭگۈ يوقۇمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ھەسەت قىلىمەن ، سىز بايا سىزغان ئاۋۇ پورتېرىتىمغىمۇ ھەسەت قىلىمەن . مەن ھامىنى ئايرىلىپ قالىدىغان نەرسىلەر نېمىشقا ئۇنىڭدا ساقلىنىپ قالىدۇ ؟ ۋاقىت مەندىن مىنۇت – سېكونتلاپ ئېلىپ كېتىۋاتقان نەرسىلەر ئاشۇ رەسىمگە جۇغلىنىۋاتىدۇ . ھەي ! شۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە ! ئاشۇ رەسىم ئۆزگىرىپ ، مەن مەڭگۈ مۇشۇ ھالىتىمنى ساقلاپ قالالىغان بولسامچۇ كاشكى ! سىز بۇ رەسىمنى نېمىشقا سىزىسىز ؟ بىر كۈنلەردە ئۇ مېنى مازاق قىلىدۇ _ راسا مازاق قىلىدۇ ، – ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى ، بازىلنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ ، سافاغا زوپپىدە ئولتۇردى ، خۇددى دۇئا قىلىۋاتقاندەك ، يۈزلىرىنى سافا ياستۇقىنىڭ ئارىسىغا تىقىۋالدى .

– ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز ، ھاررى ، – دېدى بازىل ئازابلانغان ھالدا .

لورد ھېنىرى مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ دېدى :

–        مانا بۇ ھەقىقىي دورىيان گرېي .

– ئەمەس .

– ئەمەس بولغان ئىكەن ، مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق .

– مەن سىزنى كېتىڭ دېگەن چاغدىلا كېتىشىڭىز كېرەك ئىدى، -پىچىرلىدى بازىل .

– ئۆزىڭىز مېنى كەتمەڭ دەپ تۇرۇۋالدىڭىزغۇ ، – دېدى لورد ھېنىرى .

– ھاررى ، سىلەردەك يېقىن دوستلىرىم بىلەن جېدەللەشكۈم يوق . لېكىن ، ئىككىڭلار مېنى ئەڭ ياخشى چىققان ئەسىرىمگە ئۆچ قىلىپ قويدۇڭلار ، مەن ئۇنى يىرتىۋېتىمەن . بۇ رەسىمنىڭ رەختى بىلەن رەڭگىدىن باشقا نېمىسى بار ؟ مەن ئۇنىڭ ئۈچىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ ، تېنىچلىقىمىزنى بۇزۇشىغا يول قويمايمەن .

بازىل پەردە تارتىپ قويۇلغان ئېگىز پەنجىرىنىڭ ئاستىدىكى قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان رەسىم سىزىش ئۈستىلىگە قاراپ ماڭدى . شۇ ئەسنادا ، دورىيان گرېي ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈردى ، يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن بازىلغا قارىدى . ئۇ نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ؟ ئۇنىڭ قوللىرى بوياق قۇتىسى ۋە قۇرىغان پەلكۈچكە ئوخشاش قالايمىقان نەرسىلەر ئارىسىدىن نېمىدۇر بىر نەرسىلەرنى ئىزدىمەكتە ئىدى . توغرا ، ئۇ ھېلىقى ئەپچىل رەڭ قىرىش پىچىقىنى ئىزدەۋاتاتتى . ئۇ پىچاقنى ئاخىرى تاپتى ۋە رەسىمنى يىرتىۋېتىش ئۈچۈن ماڭدى .

دورىيان سافادىن دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتى ، ئېتىلىپ بارغان پېتى بازىلنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋېلىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا چۆرۈۋەتتى .

– ياق ئۇنداق قىلماڭ بازىل ، – ۋارقىرىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ، – بۇنداق قىلسىڭىز قاتىللىق قىلغان بولىسىز !

– سىزغان رەسىمىمدىن ئاخىرى خۇش بولدىڭىز ،  ئەمدى ھاردۇقۇم چىقتى دورىيان ، – بازىلنىڭ بايىقى قوپاللىقى ھايال ئۆتمەي ھەيرانلىققا ئالماشتى ، – مەن تېخى سىزنى ئۇنىڭدىن  مەڭگۈ ھوزۇر ئالالمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .

– ھوزۇرلىنىش دەمسىز ؟ مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، بازىل . ئۇ – ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمى ، مەن بۇنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن .

– ياخشى ، قۇرىغاندىن كېيىن ئازراق سىر بېرىپ ، رامكىلاپ ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ بېرەي . شۇ چاغدا ئۇنى قانداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى ، – بازىل قوڭغۇراقنىڭ يىپىنى تارتىپ چاي بۇيرۇتتى ، – چاي ئىچكۈڭىز كەلدىغۇ دەيمەن ، دورىيان ؟ سىزمۇ ئىچەمسىز ، ھاررى ؟ ئاددىي بولسىمۇ بىر پەيزى قىلىپ قويايلى . قارشى تۇرمايدىغانسىلەر – ھە ؟

– مەن ئاشۇنداق ئاددىي پەيزى قىلىشقا ئامراق ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – ئۇ – مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى . لېكىن ، مەن سەھىنىدىن باشقا يەردە بايامقىدەك ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن . سىلەر ئىككىڭلار بەك تېتىقسىزكەنسىلەر ! كىم ئادەمگە << ئىدراكىي ھايۋان >> دەپ تەبىر بەرگەن بولغىيىتتىكىن ، ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . بۇ – ئادەملەرگە بېرىلگەن ئەڭ قاملاشمىغان تەبىر بوپتۇ . ئادەم نۇرغۇن خاسلىققا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئىدراكىيلىققا ئىگە ئەمەس . مەن ئادەملەرنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىدراكىيلىققا ئىگە ئەمەسلىكىدىن خۇش بولدۇم . ئىككىڭلارنىڭ بىر پارچە رەسىمنى دەپ بۇنداق تالىشىشىڭلارنى كۆرگۈم يوق . ئەڭ ياخشىسى رەسىم يەنىلا مەندە قالسۇن ، بازىل . ماۋۇ ساراڭ ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىسە ، مانا مەن يېتىمەن .

– رەسىمنى مەندىن باشقا ئادەمگە بېرىۋېتىدىغان بولسىڭىز ، سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن ، بازىل ، – ۋارقىرىدى دورىيان گرېي ، – باشقىلارنىڭمۇ مېنى ساراڭ دېيىشىگە يول قويمايمەن .

– بۇ رەسىم ئاللىقاچان سىزگە تەۋە بولدىغۇ دورىيان . ئۇنى مەن سىزماي تۇرۇپلا سىزگە ھەدىيە قىلىۋەتكەن .

– بايا راستىنلا ئازراق ساراڭلىق قىلىپ قويدىڭىز ، گرېي ئەپەندىم ، سىز تېخى چوڭ بولماپسىز .

– مەن بۇ گېپىڭىزگە قەتئىي قارشى ، ھېنىرى ئەپەندىم .

– ھەي ! بۈگۈن ئەتىگەن ، سىزنى مانا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ ھەقىقىي تۇرمۇشنى باشلىدى دېسەك بولىدۇ .

شۇ ئەسنادا ئىشىك چېكىلىپ ، خىزمەتكار كىرىپ كەلدى ۋە قولىدىكى پەتنۇسنى ياپون پاسۇنىدىكى بىر كىچىك ئۈستەلگە قويدى . ئۆي ئىچىنى بىر ھازا كۇرۇشكا ، تەخسىلەرنىڭ تىرىڭلىغان ، جورجى دەۋرىدىكى ئىسقىرتىدىغان چەينەكنىڭ ۋىشىلدىغان ئاۋازى بىر ئالدى . بىر ياش خىزمەتكار ئىككى يۇمۇلاق ساپال تەخسە ئېلىپ كىردى . دورىيان گرېي بېرىپ چاي قۇيدى . بازىل بىلەن لورد ھېنىرى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن ئۈستەلگە يېقىن بېرىپ ، نېمىدۇر دېگەندەك ، ئىستاكاننىڭ ئىچىگە قاراپ باقتى .

– بۈگۈن ئاخشام تىياتىرخانىغا بېرىپ كېلەيلى ! – دېدى لوردھېنىرى ، – چوقۇم بىرەر جايدا ئويۇن قويىدۇ . ۋايىتلار ئائىلىسىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە ماقۇل دەپ قويۇپتىكەنمەن . كونا دوسىتلاردىن بولغاندىكىن ، ئاغرىپ قالدىم ، دەپ تېلېگرامما يوللاپ قوياي ياكى يەنە بىر ئۇچرىشىشىم بارئىدى ، بارالمايدىغان بولدۇم دەپ قوياي . مېنىڭچە ، بۇ ئەڭ ياخشى باھانە ئىكەن ، ھەم چانمايدىكەن .

– مۇراسىم كىيىمى كېيىش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق ئىش جۇمۇ ، – دېدى بازىل خالۋارد ئاغرىنىپ ، – ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مۇراسىم كىيىمى كىيسە ، ئادەم بەك سەت كۆرۈنۈپ قالىدىكەن .

– شۇنداق ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – 19 – ئەسىرنىڭ كىيىملىرى يا رەڭگى يوق ، يا پاسۇنى يوق ، شۇڭا زادىلا خوشۇم يوق . پەقەت جىنايەتلا ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا تۈس قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ .

– دورىياننىڭ ئالدىدا بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ ، ھاررى .

– قايسى دورىياننى دەۋاتىسىز ؟ بىزگە چاي قويۇپ بەرگەن دورىياننىمۇ ياكى رەسىمدىكى دورىياننىمۇ ؟

– ھەر ئىككىسىنىڭ ئالدىدا دېمەڭ .

– سىز بىلەن بىللە تىياتىرخانىغا بارغۇم كېلىۋاتىدۇ ، ھېنىرى ئەپەندىم ، – دېدى دورىيان .

– بەك ياخشى بولدى . بېرىشقا ئاخىرى قوشۇلۇپسىز – دە . سىزمۇ بارامسىز بازىل ؟

– مەن بارماي تۇراي ، قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلىرىم بار .

– ئۇنداق بولسا ، ئىككىمىز بېرىۋېرەيلى گرېي ئەپەندىم .

– رەسىمىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم .

بازىل لەۋلىرىنى چىشلەپ قويۇپ ، ئىستاكاننى ئېلىپ رەسىمنىڭ يېنىغا كەلدى .

– مەن ھەقىقىي دورىيان بىلەن بىللە قالىمەن ، – دېدى ئۇ مۇڭلانغان ھالدا .

– بۇ ھەقىقىي دورىيانما ؟ – دېدى دورىيان بازىلغا يېقىن كېلىپ ، – مەن راستىنلا مۇشۇنىڭغا ئوخشامدىم ؟

– شۇنداق ، سىز بۇنىڭغا بەك ئوخشايسىز .

– بەك ياخشى بوپتۇ ، بازىل !

– تاشقىي قىياپىتىڭىزلا ئۇنىڭغا ئوخشايدۇ ، لېكىن ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەي مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ ، – دېدى بازىل خالۋارد ئۇھسىنىپ قويۇپ ، – بۇ پەرق ناھايىتى مۇھىم .

– كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسىلەرگە بولغان ساداقەتمەنلىكى كىشى چۆچۈگۈدەك دەرىجىگە يېتىپتۇ ، – دېدى لورد ھېنىرى ھەيرانلىق بىلەن ، – لېكىن ، مۇھەببەتتىكى ساداقەتمەنلىك نوقۇللا فىزىئولوگىىيىلىك مەسىلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ساداقەتمەنلىك ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز . ياشلار ساداقەتمەن بولاي دەيدۇ – يۇ ، بولالمايدۇ ؛ ياشانغانلارمۇ ساداقەتسىز بولاي دەيدۇ – يۇ ، بولالمايدۇ . بۇ مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىش .

– بۈگۈن تىياتىرخانىغا بارماڭ ، دورىيان ، – دېدى بازىل ، – ئىككىمىز بىللە تاماق يەيلى .

– ئۇنداق قىلالمايمەن ، بازىل .

– نېمىشقا ؟

– لورد ھېنىرى بىلەن بىللە بېرىشقا ماقۇل دەپ قويدۇم .

– ئۇ ۋەدىڭىزدە تۇرغىنىڭىز ئۈچۈنلا سىزگە ئامراق بولۇپ قالمايدۇ . ئۇ ئۆزىمۇ دائىم گېپىدە تۇرمايدۇ . ئۆتۈنۈپ قالاي ، بارماڭ .

دورىيان گرېي قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ بېشىنى چايقىدى .

–        سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي .

دورىيان دېلغۇل بولۇپ لورد ھېنىرىغا قارىدى . لورد ھېنىرى بولسا چاي ئۈستىلى تەرەپتىن ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇراتتى .

بارمىسام بولمىغۇدەك ، بازىل ، – دېدى دورىيان .

– ئەمىسى بوپتۇ ، – دېدى بازىل خالۋارد قولىدىكى ئىستاكاننى پەتنۇسقا قويۇۋېتىپ ، – كەچ بوپ كەتتى ، سىلەر تېخى يەنە كىيىم ئالماشتۇرىسىلەر ، ياخشىسى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭلار . خەير – خوش ھاررى . خەير – خوش دورىيان ، مېنى تېزراق كۆرگىلى كېلىڭ ، ئەتە كېلىڭ جۇمۇ ؟

– چاتاق يوق .

– ئۇنتۇلۇپ قالماڭ ئەمىسە .

– ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ ، – ۋارقىرىدى دورىيان .

– ھىم … ھاررى !

– نېمە بولدى ، بازىل ؟

– بۈگۈن ئەتىگەن گۈللۈكتە سىزدىن ئۆتۈنگەن ئىشنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ جۇمۇ !

– ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتتىم .

– شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەتتىم .

– ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئىشىنەلەيدىغان بولسامچۇ كاشكى ، – ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، – قېنى ماڭايلى گرېي ئەپەندىم ، پەيتۇنۇم سىرىتتىلا ، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىمەن . خەيىر _ خوش بازىل . بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تازىمۇ قىزىق ئىشلار يۈز بەردى – ھە !

بازىل ئۇلار ئۆيدىن چىقىشىغىلا ئىشىكنى گۈممىدە ياپتى – دە ، سافادا ئولتۇرۇپ قالدى ، چىرايى ئازابلىق تۈس ئالدى .

ئىزاھات :

  ۋايت چاپىل – لوندوننىڭ شەرقىي رايونىدىكى نامراتلار گەمىسى .

  ھېرموس – ئىلاھلارنىڭ ئەھكاملىرىنى يەتكۈزىدىغان ، سودا ، يول قاتارلىقلارنى باشقۇرىدىغان ئىلاھ .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10919

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: