پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

كاۋاباتا ياسۇنارى: ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز

ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز

كاۋاباتا ياسۇنارى [ياپونىيە]

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

كاۋاباتا ياسۇنارى (1899- 1972) ياپۇنىيەنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى. ئۇ ئوساكا شەھرىدە بىر دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى يېتىمچىلىك، جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ياپۇنىيەنىڭ «يۈەنشى ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇپ چىققان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ مەخسۇس ياپونىيە ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن ۋە بىر قىسىم ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئەدەبىيات- سەنئەت دەۋرى» ناملىق ژۇرنالنى (1924-1927) چىقارغان ھەم داڭلىق يازغۇچى جۈ چىكۇەننىڭ قوللىشى بىلەن ئېستېتىكىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇرژۇئازىيە ئەدەبىيات ئېقىمى ـــ «يېڭى تۇيغۇچىلار ئېقىمى» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار «سەنئەت ھەممىدىن ئەلا»، «سەنئەت ئەڭ گۈزەل» شۇئارى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى «ئاڭ ئېقىمى» ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە پەيدا بولىدىغان نازۇك تۇيغۇنى، سەزگۈ ئەزالىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان «گۈزەللىك» كە ئىنتىلىشنى تەكىتلىگەن ھەمدە روھىي جەھەتتىكى بىھۇشلۇق، بەدىئىي جەھەتتىكى خىيالىي تۇيغۇ ئارقىلىق كانتوندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن (1923) كېيىن ياپونىيە ئىقتىسادى چېكىنگەن مەزگىلدىكى كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن روھىي ھۆكۈمرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ ياپۇنىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرۈش» ىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ، كۈندىن كۈنگە ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز» (1925)، پوۋېستلاردىن «قار دۆلىتى» (1935- 1947)، «تاغ ساداسى» (1949- 1954)، «مىڭ تۇرنا» (1951)، «قەدىمىي پايتەخت» (1962) قاتارلىقلار بار.

«ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز» ناملىق بۇ ھېكايە كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ يېرىم تەرجىمھال شەكلىدە يېزىلغان نادىر ئەسىرى بولۇپ، ئۇ خېلى مۇكەممەل ئېستېتىكىزملىق بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە. ھېكايىدىكى ئىنچىكە تەسۋىرلەردىن باش قەھرىمان بىلەن 14 ياشلىق سەنئەتچى قىز شۇنزى ئوتتۇرىسىدىكى قايغۇ- ھەسرەتلىك ھېسسىياتنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. 1968- يىلى كاۋاباتا ياسۇنارى «يۇقىرى ماھارەتلىك بايان ئەدەبىياتى ياپونىيە خەلقىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئاجايىپ ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھىندىستانلىق تاگوردىن كېيىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى شەرقلىق يازغۇچى.

 

1

ئاماگى تېغىنىڭ چوققىسىغا ئاز قالغانسىرى يول بارغانسېرى ئەگرى- توقاي بولۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ئۆتكۈنچى يامغۇر قويق شەمشادزارلىقنى بۇلۇتتەك قاپلاپ، كىشىنى ھەيران قالغۇرغۇدەك سۈرئەتتە تاغ باغرىدىن ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى.

مەن 20 ياشتا ئىدىم، بېشىمغا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەپكىسىنى، ئۇچامغا ئاق گۈلى بار كۆك رەڭلىك چاپان ۋە يوپكا كىيىپ، يەلكەمگە سومكا ئېسىۋالغانىدىم. ئىزۇغا يالغۇز ساياھەتكە كەلگىنىمگە تۆت كۈن بولۇپ قالغانىدى. شيۇشەن ئىبادەتخانىسىدىكى ئارشاڭدا بىر كېچە، يۇشىما ئارشىڭىدا ئىككى كېچە قونۇپ، ياغاچ كەش بىلەن ئاماگى تېغىغا چىققانىدىم. يولبۇيى قاتمۇقات تاغلار، ئىپتىدائىي ئورمانلار ۋە جىلغىلاردىكى كۈز مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلاپ ئويغا چۆمگەن بولساممۇ، قەلبىمدە بىر ئىستەك مېنى تېزراق مېڭىشقا ئۈندەيتتى. بۇ چاغدا پۇرچاقتەك چوڭلۇقتىكى يامغۇر ئۈستى- بېشىمغا تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىغانىدى. مەن داۋاندىكى يىلانباغرى يولنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، مىڭ تەسلىكتە تاغ چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېغىزىغا جايلاشقان چايخانىغا ئۇلاشتىم- دە، ئۇھ دېدىم. شۇ تاپتا مەن ئارزۇيۇمغا يەتكەن، ھېلىقى سەييارە سەنئەتچىلەرگە يېتىشىۋالغانىدىم. مەن كەلگەندە ئۇلار چايخانىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئىدى.

ھېلىقى ناخشىچى قىز مېنى كۆرۈپ ئاستىدىكى سېلىنجىنى ئۆرۈپ يېنىمغا سۈرۈپ قويدى.

ـــ ھە . . . ـــ مەن جاۋاب ئورنىدا شۇنداق دەپ قويۇپ سېلىنجىدا ئولتۇردۇم. تاغقا چىققۇچە ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە تەمتىرەش تۈپەيلى ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان «رەھمەت» دېگەن گەپنىمۇ دېيەلمىدىم.

ناخشىچى قىز بىلەن ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇرغاچقا، ئالاقزادىلىك ئىچىدە چاپىنىمنىڭ يېڭىغا سېلىۋالغان تاماكامنى ئالدىراپ- تېنەپ قولۇمغا ئالدىم. قىز ھەمراھىنىڭ ئالدىدىكى كۈلداننى ئالدىمغا ئىتتىپ قويدى. يەنىلا ئۈندىمىدىم.

قىز ئوزايىدىن 17 ياشلاردا باردەك كۆرۈنەتتى، چېچىنى مەنمۇ بىلمەيدىغان بىر خىل كونا پاسۇندا يوغان قىلىپ بانتىلىۋالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا قوشۇقتەك ياغاق يۈزى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى، ئەمما چىھرىدىن ئېيتقۇسىز بىر خىل گۈزەللىك، مۇلايىملىق بالقىپ تۇراتتى. شۇ تۇرۇقىدا ئۇ تارىخىي ھېكايىلەردە تەسۋىرلىنىدىغان چېچى بەكلا يوغان قىلىپ سىزىلغان قىزلارنىڭ رەسىمىگە ئوىشاپ قالغانىدى. قىز بىلەن بىللە كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال، ئىككى قىز ۋە ئۇچىسىغا ناگائوكا ئارشىڭى مېھمانخانىسىنىڭ بەلگىسى بېسىلغان چاپان كىيىۋالغان، 25- 26 ياشلار چامىسىدىكى يەنە بىر يىگىتمۇ بار ئىدى.

بۇ مېنىڭ ئۇلارنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. بىرىنچى قېتىم ئۇلار يۇشىماغا، شيۇشەن ئىبادەتخانىسىغا كېتىۋاتقاندا يۇكاۋا كۆۋرۈكى ئەتراپىدا كۆرگەنىدىم. ئۇ چاغدا ئۇلار جەمئىي ئۈچ قىز بولۇپ، ھېلىقى ناخشىچى قىز دۇمباق كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ قەلبىمدە سەپەرداشلىق تۇيغۇسى قوزغالغانىدى. كېيىن، يۇشىماغا كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى كېچىدە، ئۇلار مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندە كۆرگەنىدىم. مەن پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىسىدا ناخشىچى قىزنىڭ دەرۋازا يېنىدىكى كارىدوردا ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىنى ھوزۇر ئىلىكىدە كۆرۈۋېتىپ: «قايسى كۈنى شيۇشەن ئىبادەتخانىسىدا تۇراتتى، بۈگۈن يۇشىماغا كەپتۇ، ئەتە بەلكىم ئاماگى تېغىدىن چۈشۈپ جەنۇب تامان مېڭىپ يۇشىما ئارشىڭىغا ئارشىڭىغا بارسا كېرەك. ئاماگى تېغىنىڭ 20 نەچچە كېلومېتىرغا سوزۇلغان تاغ يولىدا ئۇلار يېتىشىۋالغۇدەكمەن» دېگەن خىياللار خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتمەكتە ئىدى. مانا ئەمدى يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقان مۇنۇ چايخانىدا ئۇلارغا ئۇچراپ قېلىپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.

خېلىدىن كېيىن، چايخانىنىڭ ئايال خوجايىنى مېنى يەنە بىر ئۆيگە باشلىدى. بۇ ئۆيدە ئادەتتە ئادەم تۇرمىسا كېرەك، تور ئىشىكى يوق ئىدى. پەسكە قارىسا گۈزەل جىلغىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا كۆز يەتمەيتتى. سوغۇقتا بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ لاغىلداپ تىتىرەيتتىم، چىشلىرىم توختىماي كاسىلدايتتى. خوجايىن ئايال چاي ئېلىپ كىردى، مەن «نېمانداق سوغۇق» دەپ قويدۇم. ئۇ مېنى قولۇمدىن سۆرەپ دېگۈدەك ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باشلاپ كىردى.

ـــ ۋاي- ۋۇي ئۇكام، ئۈستى- بېشىڭىز چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. بۇياققا كېلىپ ئوتسىنىپ كىيىملىرىڭىزنى قۇرۇتۇۋېلىڭ.

تور ئىشىك قايرىلىشىغا مەش قويۇلغان ئۆيدىن ئوتتەك ئىللىق ھاۋا يۈزۈمگە ياللىدە ئۇرۇلدى- دە، بوسۇغىدا تېڭىرقىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. مەشنىڭ يېنىدا پۈتۈن ئەزايى كۆكۈرۈپ كۈپتەك ئىششىپ كەتكەن، چىرايىدىن سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئادەمنى ئەسلىتىدىغان بىر بوۋاي بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرى قارىچۇقىدىن تارتىپ سارغىيىپ كەتكەن، چىرايىنى غەم تۇمانلىرى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بوۋاي ماڭا قاراپ تۇراتتى. بوۋاينىڭ ئۆپچۆرىسىگە كونا خەت- چەك، قەغەز خالتا دېگەندەك نەرسىلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، بىر قارىغان كىشىگە بوۋاي مۇشۇ ئەسكى قەغەزلەرنىڭ ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بوۋاينى كۆرۈپ جايىمدا مەڭدىگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم، ئۇنىڭ تىك ئىنسان ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.

ـــ سىزگە بۇ بىسەرەمجانلىقنى كۆرسەتمىسەك بولاتتى . . . شۇغىنىسى، بۇياق ئۆيىمىزنىڭ چوڭى، ئەندىشە قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قارىماققا بەكلا قورقۇنچلۇق تۇيۇلىدۇ. لېكىن، ئۇ مىدىرلىيالمايدۇ، ئەيبكە بۇيرۇمىغايسىز!

خوجايين ئايال شۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئايالنىڭ دېيىشىچە، بوۋاينىڭ سەكتە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى پالەچ ئىكەن. دۆۋىلەپ قويۇلغانلىرى جاي- جايلاردىن كەلگەن، سەكتە كېسلىنى داۋالاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە دورا خالتلىرى ئىكەن. بوۋاي تاغدىن ئۆتكەن يولۇچىلاردىن ئاڭلىغان ياكى گېزىتتىكى ئېلانلاردىن كۆرگەن سەكتە كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرسىنىمۇ قالدۇرماي كۆرىدىكەن، مەملىكەتنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن مۇشۇ كېسەلگە ماس كېلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۇقۇشىدىكەن، دورىلارنى سېتىۋالىدىكەن. بۇ خەتلەر بىلەن دورا خالىتىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تاشلىۋەتمەي يېنىغا دۆۋىلەپ، شۇ قەغەز دۆۋىسىگە قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. قەغەزلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىغىلىۋەرگەچكە مۇشۇنداق دۆۋىلىشىپ كەتكەنىكەن.

مەن خوجايىن ئايالنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەستىن كاڭغا كېلىپ ئولتۇردۇم. تاغدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىنىڭ تەسىرىدە ئۆي تىتىرەپ كەتتى.

«كۈز كىرە- كىرمەيلە مۇشۇنداق سوغۇق بولغىلى تۇرسا، تاغنى ئەتە- ئۆگۈنلا قار قاپلاپ كەتكۈدەك. بۇ بوۋاي نېمىشقا تاغدىن چۈشۈپ كەتمەيدىكىنە» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. كىيىملىرىمدىن ھور ئۆرلەپ، مەشتىكى قىزىق ئوتنىڭ تەپتىدە بېشىم ئاغرىشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا خوجايىن ئايال ھېلىقى سەييارە ئويۇن قويغۇچىلار بىلەن ھال- مۇڭ بولۇش ئۈچۈن دۇكاندىن چىقىپ كەتتى.

ـــ شۇ ئەمەسمۇ، ئۆتكەندە كەلگىنىڭىزدە تېخى كىچىكلا قىزچاق ئىدى. مانا ئەمدى شۇنداق چىرايلىق چوڭ بوپتۇ. خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قاپتۇ! قىز بالا دېگەن تېز چوڭ بولىدۇ. قاراڭلار، شۇنچە گۈزەل بولۇپ كەتكىنىنى بۇ قىزنىڭ!

ھايال ئۆتمەي ھېلىقى سەييارە ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ يولغا چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايلا قالدىم، لېكىن مەندە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارغۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى.

«ئۇلار سەپەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەنبىلەن ئايال كىشى- دە! بەك ماڭسا بىر- ئىككى كېلومېتىر ماڭار، يۈگۈرسەم ئۇلارغا يېتىشىۋالارمەن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم- يۇ، يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم. ناخشىچى قىزلار يولغا چىقىشى بىلەنلا مېنىڭ قۇرۇق خىياللىرىممۇ يوققا چىققاندەك بولۇپ، يېنىكلەپ قالدىم.

ـــ ئۇلار بۈگۈن ئاخشام نەدە قونىدىكەن؟ـــ دەپ سورىدىم مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ چىققان خوجايىن ئايالدىن.

ـــ بۇنداق ئادەملەرنىڭ نەگە چۈشۈپ نەدە قونىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ دەيسىز غوجام. قەيەردە يولۇچىلار ئويۇن قويۇپ بەر دېسە شۇ يەردە قونۇپ قالىدۇ. ئۇلارنى قانداقمۇ كېچىدە مۇقىم بىر يەردە قونۇپ قالىدۇ دېگىلى بولسۇن؟

خوجايىن ئايالنىڭ مەنسىتمىگەندەك دېگەن بۇ گەپلىرىدىن كاللامدا «راست شۇنداق بولسا، بۈگۈن كېچە ھېلىقى ناخشىچى قىزنى ياتىقىمدا قوندۇرۇپ قالسام بولغۇدەك» دېگەن ئوي پەيدا بولدى.

يامغۇر پەسىيىپ تاغ چوققىسى يورۇشقا باشلىدى، ھايال ئۆتمەي ھاۋا بىراقلا ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار مېنى مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ دەپ شۇنچە تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن زادىلا ئولتۇرالماي قېلىۋاتاتتىم.

ـــ بوۋا، ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ،ـــ دېدىم مەن كۆيۈنگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇۋېتىپ. بوۋاي سارغىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەستە چىمچىقلىتىپ، بېشىنى بىلىنەر- بىلىنمەس لىڭشىتىپ قويدى.

ـــ غوجام، غوجام!ـــ خوجايىن ئايال ۋارقىرىغان پېتى كەينىمدىن چىقتى،ـــ سىزنى شۇنچە چىقىمدار قىلىپ بەك سەت ئىش قىلدۇق، ئەپۇ قىلارسىز.

ئۇ سومكامنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېنى ئاۋۇ ياققىچە ئۇزىتىپ قويىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى ۋە ئۇششاق، ئەمما تېز قەدەملىرى بىلەن كەينىمدىن ئەگەشتى، خېلى ماڭغاندىن كېيىن بايىقى گەپنى يەنە تەكرارلىدى:

ـــ رەنجىمەي كېتەرسىز، سىزنى ياخشى كۈتەلمىدۇق. چىرايىڭىزنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، ياناشىڭىزدا ئايرىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ دورەم چوقۇم كېلىڭ، ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ!

ئۇنىڭغا بەرگىنىم پەقەت بەش مولۇق تەڭگە ئىدى، لېكىن ھەيرانلىق، تەسىرلىنىش ئىلىكىدە ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغانىدى. تېزراق مېڭىپ ھېلىقى ناخشىچى قىزغا يېتىشىۋالارمەن دېگەنسېرى خوجايىن ئايال قېرىشقاندەك تېز ماڭمايۋاتاتتى. ئاخىرى تاغ چوققىسىدىكى تونېلغا يېتىپ كەلدۇق.

ـــ سىزگە كۆپ رەھمەت، بوۋاي يالغۇز قالدى، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ،ـــ دېدىم مەن. خوجايىن ئايال ئەنە شۇندىلا سومكامنى بەردى.

قاپقارڭغۇ تونېلغا كىرىشىم بىلەن تەڭ قۇلىقىمغا سۇنىڭ تامچىلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئالدى تەرەپتىن ـــ تونېلنىڭ جەنۇبىي ئىزۇغا ئۆتىدىغان چىقىش ئېغىزى تەرىپىدىن غۇۋا يورۇقلۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

 

2

تونېلدىن چىققاندىن كېيىنكى تاغ يولىنىڭ چېتىگە ئاق سىرلانغان سالاسۇن ئورنىتىلغان، يىلانباغرى يول پەسكە سوزۇلغانىدى. مۇشۇ يەردىن پەسكە قارىسا تاغ ئېتىكىدىكى مەنزىرىلەر گويا بىر مودېلغا ئوخشاپ كېتەتتى. پەستە ھېلىقى سەنئەتچىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. بىر كېلومېتىر ماڭا- ماڭمايلا ئۇلارغا يېتىشىۋالدىم. ئەمما قەدىمىمنى ئاستىلاتماستىن پەرۋاسىز قىياپەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم. 20 مېتىرچە ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېلىقى ئەر ئۆزى يالغۇز كېتىۋاتاتتى، ئۇ مېنى كۆرۈپ قەدىمىنى توختاتتى.

ـــ ھەجەپ تېز ماڭىدىكەنسىز . . . ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى- ھە!

مەن قەدىمىمنى ئاستىلىتىپ ئەر بىلەن ياندىشىپ ماڭدىم. مەندىن ھېلى- ئۇنى، ھېلى بۇنى سوراپ توختىمايتتى. كەينىمىزدىكى ئاياللار ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ يۈگۈرگىنىچە بىزگە يېتىشىپ كەلدى.

ئەر ئۆشنىسىگە سومكا يۈدۈۋالغان، 40 ياشلار چامىسىدىكى ھېلىقى ئايال كۈچۈك كۆتۈرۈۋالغان، يېشى سەل چوڭراق كەلگەن قىز بوپا كۆتۈرۈۋالغان، ناخشىچى قىز دۇمباق ۋە دۇمباق قاھازىسى يۈدۈۋالغان ئىدى. 40 ياشلار چامىسىدىكى ھېلىقى ئايال ماڭا گەپ باشلىدى.

ـــ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوخشىمامدۇ؟ـــ دېدى يېشى چوڭراق قىز ناخشىچى قىزغا بوش ئاۋازدا. قۇلىقىم ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىدا بولغاچقا، ناخشىچى قىزنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:

ـــ شۇنداق، بىر قاراپلا بىلىۋالدىم، بۇ يەرگە ئوقۇغۇچىلار دائىم كېلىپ تۇرىدۇ،ـــ دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.

بۇلار ئوشىمادىن كەلگەن خابۇمىنالىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار باھاردا ئارالدىن يولغا چىققاندىن بېرى جىمى پائالىيىتى يول ئۈستىدە بولۇپتۇ. سوغۇق چۈشۈپ كېتىپ قىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەچكە، شىتادادا يەنە ئون نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئىتو ئارشىڭىدىن ئارالغا قايتىپ كېتىدىكەن. ئوشىما دېگەن بۇ جاينى ئاڭلاپلا قەلبىمدە شېئىري تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ناخشىچى قىزنىڭ چىرايلىق چېچىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قارىغاچ ئۇنىڭدىن ئوشىما توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى سورىدىم.

ـــ جىق ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ ئۇ يەرگە سۇغا چۆمۈلگىلى بارىدۇ،ـــ دېدى قىز يېنىدىكى ئايالغا.

ـــ يازدا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ـــ مەن شۇنداق دېگەچ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.

ـــ قىشتىمۇ شۇنداق . . . ـــ دېدى قىز پەس ئاۋازدا ھودۇققىنىچە.

ـــ قىشتىمۇ شۇنداقمۇ؟

ناخشىچى قىز ھەدەپ يېنىدىكى ئايالغا قاراپ كۈلەتتى.

ـــ قىشتىمۇ سۇغا چۆمۈلەمدۇ؟ـــ يېنىشلاپ سورىدىم مەن. قىزنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كېتىپراق ئەستايىدىل قىياپەتتە بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتتى.

ـــ نەدىكى يوق گەپلەرنى مۇشۇ بالا قىلىدۇ،ـــ دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ.

دەريا بويىدىكى جىلغىنى بويلاپ يۇشىماغا بارغۇچە ئالاھەزەل 12 كېلومېتىر مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. تاغ چوققىسىدىن ئۆتتۇق، تاغ بىلەن ئاسماننىڭ رەڭگى كىشىگە نانكوكۇنىڭ مەنزىرىسىنى ئەسلىتەتتى. ھېلىقى ئەر بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرۈپ ئپبدانلا چىقىشىپ قالغانىدۇق. دىچېڭ ۋە توموتو دېگەن كەنتلەردىن ئۆتتۇق. بۇ يەردىن قارىغاندا تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇگانودىكى كەپىلەرنىڭ ئۆگزىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن شىتاداغا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش نىيىتىمنى ئېيتىۋېدىم، ئۇ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى.

يۇگانودىكى ئۆتەڭنىڭ ئالدىغا كەلگەندە 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ماڭا خوش دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىۋېدى، ھېلىقى ئەر:

ـــ بۇياق بىز بىلەن بىللە ماڭىدىغان بولدى،ـــ دېدى.

ـــ بەللى، بەللى، «سەپەردە قاياشىڭ بولسا يول ئازاب بىلىنمەس» دېگەن گەپ بار. سىز بولغاندىكىن ئەمدى زېرىكمەيدىغان بولدۇق. ئۇنداق بولسا كىرىپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرېۋىلىڭ،ـــ دېدى ئايال ئوچۇقلا قىلىپ. قىزلار ماڭا تەڭلا قاراشتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئازراقمۇ ھەيرانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، ئەمما ئۇلار سەل تارتىنىپراق ماڭا جىممىدە قاراپ تۇراتتى.

بىز ساراينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ يۈك- تاقلىرىمىزنى قويدۇق. يەرگە سېلىنغان بورا بىلەن چىغ ئىشىك پەردىسى كونا ھەم مەينەت ئىدى. ناخشىچى قىز پەستىن چاي دەملەپ چىقىپ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ چېھرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن، قوللىرى توختىماي تىتىرەيتتى. پەتنۇستىكى پىيالە قىيسىيىيپ قالدى، ئۇ پىيالىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەتنۇسنى بورا ئۈستىگە قويدى. چاي ئازراق تۆكۈلۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ قەدەر نومۇسچان تۇرۇقىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم.

ـــ ئەستاغپۇرۇللا، پالاكەتلىكىنى قارا بۇنىڭ، ئەر زاتىغا كۆز تاشلايدىغان بولۇپتۇ بۇ بالا . . . ـــ ئايال ھەيران قالغاندەك قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ قويۇپ قىزغا جامبۇنى تاشلاپ بەردى. قىز جامبىنى قولىغا ئېلىپ بورىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدى.

كۈتىمىگەندە ئېيتىلغان بۇ گەپتىن ئوي- خىياللىرىم ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، تاغدا خوجايىن ئايالنىڭ گېپىدىن پەيدا بولغان قۇرۇق خىياللىرىم ھەش- پەش دېگۈچىلا كۆپۈككە ئايلانغاندەك بولدى.

شۇ ئەسنادا 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ماڭا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ تۇيۇقسىزلا:

ـــ ماۋۇ بالىنىڭ ئۇچىسىدىكى چاپان بولىدىكەن- ھە!ـــ دېدى ۋە يېنىدىكى ئايالدىن سورىدى،ـــ بۇ ياق كىيىۋالغان چاپاننىڭ رەختى بىلەن پۇقرالار كىيىدىغان كىيىمنىڭ رەختى ئوخشاش ئىكەن، شۇنداقمۇ؟ گۈلى ئوپمۇئوخشاش ئىكەنغۇ!ـــ دېدى. ئاندىن ماڭا بۇرالدى،ـــ يۇرتتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالامنى ئەسلەپ قالدىم. چاپىنىڭىزنىڭ رەختى بىلەن چاپىنىنىڭ رەختى ئوخشاش ئىكەن. يېقىندىن بېرى، بۇنداق رەختلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ چاتاق بولدى.

ـــ بالىڭىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ؟

ـــ ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا.

ـــ ھە، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا دەڭ، ھەقىقەتەن . . .

ـــ ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ۆۇخۇدا، مەن ئۇشىمادا ئۇزۇن يىل تۇرغان، لېكىن يۇرتۇم كائىنىڭ كۇخۇ دېگەن يېرىدە.

بىر سائەت ھاردۇقىمىزنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ھېلىقى ئەر مېنى يەنە بىر ئارشاڭ مېھمانخانىسىغا باشلاپ ماڭدى. مۇشۇ چاغقىچە مەن: بۇ سەنئەتچىلەر بىلەن بىر مېھمانخانىدا تۇرىمەنغۇ دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. بىز كوچىدىن پەسكە قاراپ شېغىللىق يولدا بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئۆستەڭ بويىدىكى ئاممىۋى مۇنچىنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتتۇق. كۆۋرۈكنىڭ ئۇدۇلىدىكىسى دەل ئارشاڭ مېھمانخانىسى ئىدى.

مەن مېھمانخانىنىڭ چاققانغىنە كەلگەن مۇنچىسىغا كىردىم، ھېلىقى ئەرمۇ كەينىمدىن كىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ 24 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئىىكى قېتىم بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ناگائوكا ئارشىڭىنىڭ بەلگىسى بېسىلغان چاپان كىيىۋالغاچقا ئۇنى ناگائوكالىق ئوخشايدۇ دەپ قالغانىدىم، ئەمما تەققى- تۇرۇقىغا، گەپ- سۆزىنىڭ ئورانىدىن بىلىملىك يىگىت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنى قىزىقىش تۈپەيلى ياكى ئويۇن قويىدىغان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا ئۇلارنىڭ يۈك- تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىش ئۈچۈن بىللە ماڭغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.

يۇيۇنۇپ بولۇپ چۈشلۈك تاماق يېدىم. ئەتىگەن سائەت 8 دە يۇشىمادىن يولغا چىققانىدۇق، ئەمما ھازىر سائەت تېخى 3 بولمىغانىدى.

يىگىت ماڭاشىدا ھويلىدا تۇرۇپلا مەن بىلەن خوشلاشتى.

ـــ بۇنىڭغا ئازراق ھالۋابىدىت ئېلىپ يەڭ، سەت بولدى، پەسكە چۈشەلمىدىم،- مەن شۇنداق دېگەچ ئازراق پۇلنى قەغەزگە يۆگەپ ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم. ئۇ پۇلنى ئېلىشقا ئۇنىماي مېڭىشقا تەمشەلدى، پۇل چۈشكەن جايىدا قالدى، ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ پۇلنى ئالدى.

ـــ بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ،ـــ ئۇ شۇنداق دېگەچ پۇلنى قايتۇرۇپ ئېتىۋېدى، كەپىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشتى. مەن پۇلنى يەنە تاشلاپ بەردىم، ئۇ شۇندىلا پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.

ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلىشى بىلەن تەڭ يامغۇرمۇ شارقىراپ قۇيۇۋەتتى. ئەتراپنى ئاپئاق تۇماق قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا، تاغنىڭ يىراق- يېقىنلىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. ئالدى تەرەپتىكى سۈيى لېيىپ سارغۇچ رەڭگە كىرگەن دەريادىن قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن كېلەتتى.

ـــ بۇنداق قاتتىق يامغۇردا ناخشىچى قىزلار كوچىغا چىقىپ ئويۇن قويالمايدىغان بولدى- دە!ـــ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. ئەمما يەنە خاتىرجەم بولالماي مۇنچىغا ئىككى- ئۈچ قېتىم كىرىپ چىقتىم. مەن چۈشكەن ياتاق بىلەن قوشنا ياتاقنى ئايرىپ تۇرغان دەرىزىدىن تۆت چاسا تۆشۈك ئېچىلغان، تورۇستىكى لامپۇچكىدىن ئىككى ئۆيگە تەڭ يورۇق چۈشىدىغان قىلىپ قويۇلغاچقا ياتاق قاراڭغۇ ئىدى.

قاتتىق يامغۇردا يىراقلاردىن دۇمباقنىڭ «دۇڭ – دۇڭ» قىلغان ئاۋازى بوش ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن گويا دەرىزە رامكىسىنى بىر تارتىپ قۇمۇرۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا دېرىزىنى ئېچىپ بېشىمنى چىقاردىم. دۇمباق ئاۋازى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. يامغۇر بېشىمغا شارقىراپ چۈشۈشكە باشلىدى. كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ قۇلىقىمىنى دىڭ تۇتۇپ، دۇمباق ئاۋازىنىڭ باشقا يۆنىلىشكە يۆتكىلىدىغان- يۆتكەلمەيدىغانلىقىنى، دۇمباق چېلىۋاتقانلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا باشلىدىم. ھايال ئۆتمەي ئۈچ تارلىق غىجەك ئاۋازى، ئاياللارنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن چىرقىراشقان ئاۋازلىرى ۋە كۈلكە- چاقچاق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. شۇنىلا ئاندىن سەنئەتچىلەرنىڭ ھېلىقى ئۆتەڭنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىنىڭ زالىدا ئىكەنلىكىنى بىلدىم، چىقىۋاتقان ئاۋازلاردىن بۇلارنىڭ ئۈچ ئايال بىلەن ئۈچ- تۆت ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەن ئۇلار ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلەرمۇ، دېگەن ئوي بىلەن جايىمدا قىمىرلىماستىن كۆتۈشكە باشلىدىم. ئەمما ئاشخانىدىكى كۈلكە- چاقچاق ئاۋازى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. قارىغاندا بۇ يەردىكى سورۇن ھازىرچە ئاياغلىشىدىغاندەك قىلمايتتى. ئاياللارنىڭ چىرقىراشقان ئاۋازلىرى قاراڭغۇدا دەممۇدەم ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئاۋازلاردىن نېرۋام تېخىمۇ قوزغىلىپ، دەرىزىنى ھاڭغىرىقاي ئېچىپ قويغان پېتى ھاڭۋاققىنىمچە جايىمدا تۇرۇۋەردىم. دۇمباق ئاۋازىنى ھەر ئاڭلىسام قەلبىم يورۇپ كەتكەندەك بولاتتى.

ـــ ھەي، ناخشىچى قىز شۇ تاپتا زىياپەتتە دۇمباق چېلىۋېتىپتۇ- دە!

دۇمباق ئاۋازى توختىشى بىلەن تەڭ بىئارامچىلىق ئىلىكىدە ئەتراپنى زەن سېلىپ تىڭشاشقا باشلىدىم.

ھايال ئۆتمەي، كۆپچىلىك قوغلاشماق ئويناۋاتامدۇ ياكى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئويناۋاتامدۇ، ئىشقىلىپ دۈپۈرلىگەن ئاياغ تىۋىشى خېلىغىچە داۋاملىشىپ، يەنە تۇيۇقسىزلا جىمىپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن جىمىپ قالغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك، كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ بايا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.

«ناخشىچى قىز بۈگۈن كېچە دەپسەندە قىلىنماس- ھە!» دېگەن ئوي مېنى ئارامىمدا قويىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

دەرىزىنى ئېتىپ، ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم، قەلبىمنى ئازاب تۇيغۇسى چىرمىۋالغانىدى. كىرىپ يەنە بىر ھازاغىچە يۇيۇندۇم. يامغۇر توختاپ، ئاسماندا ئاي ئۆز جامالىنى نامايىش قىلدى. يامغۇر سۈيىدە يۇيۇنغان كۈز كېچىسى شۇنچىلىك سالقىن ھەم گۈزەل كۆرۈنەتتى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ئەمەك قىلغۇدەك ئىش تاپالماي ئىچىم پۇشۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.

 

3

ئەتىسى چاي ۋاقتى بىلەن ھېلىقى يىگىت ياتىقىمغا كىردى. مەن ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭغا يۇيۇنغاچ تۇرۇڭ دېدىم. ھاۋا شۇنچىلىك ئوچۇق، ئاسماندا ئالىقانچىلىك بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. ئاخشام ياغقان يامغۇردا سۈيى ئۇلغىيىپ كەتكەن دەريا يۈزىدە قۇياش نۇرى پارلايتتى، ئەتراپ شۇ قەدەر گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. ئاخشامقى ئىشلارنى گويا چۈشۈمدىكىدەك ئەسكە ئالدىم.

ـــ ئاخشام خېلى بىر ۋاقىتقىچە تازا پەيزى قىلدىڭلارغۇ دەيمەن،ـــ دېدىم مەن يىگىتكە.

ـــ قانداق دەيسىز؟ سىزمۇ ئاڭلاپسىز- دە.

ـــ ئەلۋەتتە ئاڭلىدىم.

ـــ ھەممىسى مۇشۇ يەرلىك ئادەملەر. بۇ يەردىكىلەر قالايمىقان ۋارقىراپ- جارقىراشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن، ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ.

ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر قىياپەتتە تۇراتتى. مەن جىمىپ قالدىم.

ـــ ئۇخۇمپەرلەر ئۇدۇلدىكى مۇنچىغا كەلدى. قارىڭە، ئۇلار بۇياققا قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ، كۈلۈشۈۋاتىدۇ تېخى.

مەن ئۇ كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە دەريا تەرەپتىكى ئاممىۋى مۇنچا تەرەپكە نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم.

7 – 8 كىشى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە قۇيۇق ھور ئىچىدە مېڭىپ يۈرەتتى.

توساتتىن گۇڭگا يورۇپ تۇرغان مۇنچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بىر ئايال ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يۈگۈرۈپ چىقىپ، گويا ھېلىلا سۇغا سەكرەيدىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇپ قوللىرىنى كەردى ۋە بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ قىپيالىڭاچ بولۇپ، ئۇچىسىدا يىپ چاغلىق نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بۇ دەل ھېلىقى ناخشىچى قىز ئىدى. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز قىزنىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىدە يۈگۈرۈشكە باشلىدى، قىز تىككىدە تۇرۇپ ئىككى پاچىقىنى ئۇزۇن سوزدى. مەن گويا سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىدە يۇيۇنۇپ راھەتلەنگەن كىشىدەك ئۇلۇغ كىچىك تىندىم ۋە پىخىلداپ كۈلۈۋەتتىم. ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى، تېخى گۆدەكلىكى بىلەن خوشلاشمىغان كىچىك قىز بالا ئىدى. قىز بىزنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمىزنى سېزىپ بۆلەكچە خۇش بولۇپ كەتتى بولغاي، شۇ يالىڭاچ پېتى سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بەدىنىنى كۆز- كۆز قىلدى. بۇنىڭدىن بۆلەكچە كۆڭلۈم يايراپ، خېلىغىچە كۈلكەم بېسىقمىدى.

قىز چېچىنى بەكلا يوغان بانتىلىۋالغان، بۇ ئاز كەلگەندەك نازاكەتلىك خېنىملاردەك ياسىنىۋالغان بولغاچقا، مەن ئۇنى 17- 18 ياشلاردا بارمىكىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم. مانا ئەمدى ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

يىگىت ئىككىمىز مەن ياتقان ياتاققا كىرىپ كەتتۇق. ھايال ئۆتمەي يېشى چوڭراق كەلگەن ھېلىقى قىز مېھمانخانىنىڭ ھويلىسىغا جۈخۇا گۈلىنى تاماشا قىلغىلى چىقتى. ناخشىچى قىز ئەمدىلا كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىشىگە 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ئاممىۋى مۇنچىدىن چىقىپ ئۇ ئىككىسىگە قارىدى. ناخشىچى قىز شۇئان تۈگۈلۈۋالدى، تىل ئىشىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىمۇ، ئەيتاۋۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ تېز- تېز مېڭىپ كەتتى. 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ دېدى:

ـــ ئوينىغىلى كەپسىز- دە!

ـــ ئوينىغىلى كەپسىز- دە!ـــ دېدى ئوخشاشلا يېشى چوڭراق قىزمۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى. ئەمما ھېلىقى يىگىت يېنىمدا گۈگۈم چۈشكۈچە ئولتۇردى.

كەچتە قەغەز سودىسى قىلىدىغان بىر سودىگەر بىلەن شاھمات ئويناۋاتاتتىم، توساتتىن ھويلىدا دۇمباق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن شۇئان ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

ـــ كوچىدا ئويۇن قويىدىغانلار كەپتۇ!

ـــ ھىم، بۇ ئويۇننىڭمۇ قىزىقى قالمىدى. ھە، ھەي، مېڭىش نۆۋىتى سىزگە كەلدى. مەن بۇ يەرگە مېڭىپ بولدۇم،ـــ دېدى قەغەز سودىگىرى شاھمات تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇ شاھماتقا پۈتۈنلەي كىرىشىپ كەتكەنىدى.

قەلبىمنى دەككە- دۈككە چۇلغۇۋالغانىدى، شۇ ئەسنادا سەنئەتچىلەرنىڭ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم. ھويلىدا ھېلىقى يىگىتنىڭ «خەيرىلىك كەچ!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

مەن كارىدورغا چىقىپ ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتىم. سەنئەتچىلەر بىر ھازا پىچىرلاشقاندىن كېيىن، مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا باردى. ئۈچ قىز ھېلىقى ئەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن «خەيرىلىك كەچ!» دېدى- دە، كارىدوردا تۇرۇپ چايخانا ناخشىچىلىرىدەك تەزىم قىلدى. شاھماتتا ئۇتتۇرۇپ قويايلا دەپ قالغانىدىم.

ـــ ئەمدى بولمىدى، مەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇم.

ـــ نەدىكىنى، مېنىڭ ئۇرۇقلىرىم ياخشى ئەمەس، نېمىلا دېگەنبىلەن سىز يەنىلا شاھمات ئەھلىدە.

قەغەز سودىگىرى سەنئەتچىلەر تەرەپكە قاراپمۇ قويماستىن، شاھمات تاختىسىدىكى ئۇرۇقلىرىنى بىرمۇبىر ساناپ چىقتى- دە، ئۇرۇقلارنى تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن مېڭىشقا باشلىدى. ئاياللار دۇمباق بىلەن غىجەكنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ شاھمات ئويناشقا چۈشتى. بۇ چاغدا ئەسلىدە ئاللىقاچان ئۇتۇپ بولىدىغان شاھماتتا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدىم. ئەمما قەغەز سودىگىرى يەنە ئوينايلى دەپ تۇرۇۋالدى.

ـــ يەنە بىر قول ئوينىساق قانداق؟

شاھمات ئويناشتىن بىراقلا رايىم قايتقاچقا ئارتۇقچە بىر نېمە دېمەستىن كۈلۈپلا قويدۇم. ئوينىغۇم يوقلۇقىنى بىلگەن قەغەز سودىگىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. قىزلار شاھمات تاختىسى تەرەپكە كەلدى.

ـــ بۈگۈن ئاخشاممۇ يەنە ھېلىقى يەرگە بېرىپ ئويۇن قويامسىلەر؟

ـــ يەنە شۇنداق چۆگىلەپ ئوينايدىغان ئىشمۇ؟ـــ يىگىت شۇنداق دېگەچ قىزلار تەرەپكە قارىدى.

ـــ قانداق، بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. كۆپچىلىك ئېچىلىپ- يېيىلىپ ئويناڭلار.

ـــ بەك ياخشى بولدى، بەك ياخشى بولدى.

ـــ تىل ئىشتمەمسىز؟

ـــ ياق، نەگىلا بارماي، بۈگۈن ئاخشام بەرىبىر مېھمان بولمىسا.

ئۇلار سائەت 12 گىچە شاھمات ئويناپ ئاندىن چىقىپ كېتىشتى.

ناخشىچى قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزۈم ئۇيقۇغا بارمىدى ۋە كارىدورغا چىقىپ ۋارقىرىدىم.

ـــ قەغەز سودىگىرى، قەغەز سودىگىرى!

ـــ ھە مانا . . . ـــ دېدى 60 ياشلار چامىسىدىكى بوۋاي ناھايىتى روھلۇق ھالدا خانىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ.

ـــ سىزگە راستىنى ئېيتاي، بۈگۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە ئوينايمىز.

شۇ تاپتا مېنىڭ شۇ قەدەر شاھمات ئوينىغىم كەلگەنىدى.

 

4

ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 دە يۇگانۇدىن يولغا چىقىشقا كېلىشكەنىدۇق. كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە ئاممىۋى مۇنچىنىڭ يېنىدىن سېتىۋالغان شەپكىنى كىيىپ، كىچىك سارايغا قاراپ ماڭدىم. ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۇلار تۇرغان ياتاقنىڭ دەرىزىلىرى ئۇلۇغ ئېچىۋېتىلگەنىدى. مەن سەل قورۇنغان ھالدا ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم، ئەمما ئۇلار تېخىچە ئۇخلاۋاتقان ئىدى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي كارىدوردا مەڭدىگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. ھېلىقى ناخشىچى قىز ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندا ياتقان ئىكەن، مېنى كۆرۈپلا يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ۋە شۇئان قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى. ئۇ ھېلىقى يېشى چوڭراق قىز بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بولۇپ، يۈزلىرىدە ئاخشام قىلغان قېنىق گىرىم شۇ پېتى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىزىقارلىق ھالەتتە ئۇخلىشىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم، ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ، يۈزىنى تۇتقان پېتى يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ كارىدورغا چىقتى.

ـــ ئاخشامقى ئىش ئۈچۈن سىزگە رەھمەت!ـــ ئۇ شۇنداق دېگەچ ماڭا چىرايلىققىنە تەزىم قىلدى. بۇ ئىشتىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. ھېلىقى يىگىت يېشى چوڭراق كەلگەن قىز بىلەن بىللە ياتقان ئىدى. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئەر- خوتۇن ئىكەنلىكىدىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى.

ـــ بەك سەت بولدى، ئەسلى بۈگۈن ماڭارمىز دەپ ئويلىغان، لېكىن بۈگۈن كەچتە كۈتىدىغان مېھمان چىقىپ قالدى، شۇڭا ئەتە ماڭىدىغان بولدۇق. سىز بۈگۈن ماڭمىسام بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، ئۇنداقتا شىتادادا كۆرۈشەرمىز. بىز كوشودىكى مېھمانخانىغا چۈشىمىز، بىزنى ئاسانلا تاپالايسىز،ـــ دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ياتقان ئورنىدىلا يېرىم ئۆرە بولۇپ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تولىمۇ غېرىپ ھېس قىلدىم.

ـــ ئەتە ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟ ئانامنىڭ ئەتە مېڭىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن. يولدا ھەمراھ بولسا ياخشى بولىدۇ، ئەتە بىللە ماڭساق قانداق؟ـــ دېدى ھېلىقى يىگىت.

ـــ مۇنداق قىلايلى. سىز بىلەن ئاران تەسلىكتە بىللە ماڭايلى دېگەندە قېرىشقانداك بۈگۈن كەچتە مېھمان كۈتىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنى سىزگە بالدۇرراق دەپ قويماي بەك سەت ئىش قىلدۇق. ئەتە مۆلدۈر ياغقان تەقدىردىمۇ چوقۇم يولغا چىقىمىز. ئۆگۈنلۈككە بالامنىڭ يولدا ئۆلۈپ كەتكىنىگە 49 كۈن بولىدۇ. ئۆگۈنلۈككىچە شىتاداغا بېرىپ، بالامنىڭ 40 نەزىرسىنى بېرىمەن. سىزگە بۇلارنى دەپ بەك ھۆرمەتسىزلىك قىلدىم. سىز بىلەن مۇشۇنداقلا خوشلىشىدىغان بولدۇق، ئۆگۈنلۈككە بالامنىڭ نەزىرسىگە داخىل بولۇپ بېرەرسىز،ـــ دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال.

شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ماڭىدىغان ۋاقتىمنى كچېىكتۈردۈم. ئۇلار ئورنىدىن تۇرغۇچە مەينەتلىشىپ كەتكەن چېدىردا مېھمانخانىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردۇم. شۇ ئارىدا ھېلىقى ئەر كىشى ئايلىنىپ كېلەيلى دېدى. بىز كوچىدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، چىرايلىق بىر كۆۋرۈككە كېلىپ، كۆۋرۈك سالاسۇنىغا يۆلىنىپ تۇردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئىلگىرى ئۇ توكيودا يېڭى ئېقىمدىكى بىر تىياتىر ئۆمىكىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىكەن. ھازىرمۇ ئوشىما پورتىدا پات- پات ئويۇن قويۇپ تۇرىدىكەن. يوغان سومكىدا كىيىم- كېچەك، قاچا- قۇچا دېگەندەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بار ئىكەن.

ـــ ئۆزۈمنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزۈم نابۇت قىلىپ، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە يۈرۈۋاتىمەن. ئەمما ئاكام كوفودا بىر چىرايلىق ئىگىلىك تىكلەپ، ئائىلىمىزنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا مېنىڭ ھېچكىمگە لازىمىم قالمىدى.

ـــ مەن تېخى سىزنى ناگائوكالىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.

ـــ شۇنداقمۇ؟ يېشى چوڭراق ھېلىقى قىز ئايالىم بولىدۇ، 19 ياشقا كىردى، سىزدىن بىر ياش كىچىك. سەپەر جەريانىدا ئىككىنچى بالىمىز يەنە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىپ بىر ھەپتە بولمايلا ئۆلۈپ كەتتى. ئايالىمنىڭ سالامەتلىكى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى. ھېلىقى خوتۇن ئۇنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ھېلىقى ناخشىچى قىز مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ.

ـــ ھەي، 14 ياشقا كىرگەن سىڭلىم بار دەۋاتمامتىڭىز؟

ـــ ئاشۇ شۇ. سىڭلىمغا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلدۇرۇپ جان بېقىشنى مەن زادىلا ياقتۇرمايمەن. ئەمما بۇنىڭدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بار.

ئۇ ماڭا ئۆز ئىسىمىنىڭ رۇڭجى، ئايالىنىڭ چيەن دەيزى، سىڭلىسىنىڭ شۇنزى، 17 ياشلىق يەنە بىر قىزنىڭ ئىسىمىنىڭ بەي خېزى ئىكەنلىكىنى، شۇ قىزنىڭلا ياللىۋالغان ئوشىمالىق قىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. رۇڭجى ناھايىتى ئازابلانغاندەك، ھېلىلا يىغلاپ تاشلايدىغاندەك بىر ھالەتتە دەريا ساھىلىغا جىممىدە قاراپ تۇراتتى.

قايتىپ كەلگەن چېغىمىزدا يۈزىدىكى ئۇپا- ئەڭلىكىنى يۇيۇۋەتكەن ناخشىچى قىز ئىڭىشىپ يولنىڭ چېتىدە تۇرغان كۈچۈكنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇراتتى. مەن ياتاققا كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم.

ـــ ئوينىغىلى بارامسىز؟

ـــ شۇنداق، لېكىن ئۆزۈم يالغۇز بارىمەن . . .

ـــ ئاكام بىلەن بىللە بېرىڭ!

ـــ مەن ھازىرلا ماڭىمەن.

رۇڭجى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياتىقىمغا كىردى.

ـــ ئۇلار قېنى؟

ـــ قىزلار ئانامنىڭ كوتۇلدىشىدىن قورقۇپ كېلەلمىدى.

بىز شاھمات تاختىسىنى ئەمدىلا يېيىپ تۇرۇشىمىزغا قىزلارمۇ كىرىپ كېلىشتى- دە، ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئېگىلىپو تەزىم قىلغاندىن كېيىن كارىدوردا ئىككىلەنگىنىچە تۇرۇپ قالدى.

ـــ بۇ مېنىڭ ياتىقىم، تۈزۈت قىلماي كىرىۋېرىڭلار.

قىزلار بىرەر سائەت ئوينىغاندىن كېيىن بۇ مېھمانخانىنىڭ مۇنچىسىغا كىرىپ كېتىشتى. ئۇلار مېنى بىللە كىرىڭ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى، ئەمما ئۇلار ئۈچ قىز بولغاچقا مەن رەت قىلدىم. بىردەمدىن كېيىن ناخشىچى قىز ئۆزى يالغۇز يۈگۈرۈپ كىردى ۋە چيەن دەيزىنىڭ گېپىنى يەتكۈزدى:

ـــ ئاچام سىزنى كىرسۇن، دۈمبىسىنى يۇيۇپ قويىمەن، دەيدۇ.

مېنىڭ كىرگۈم كەلمەي ناخشىچى قىز بىلەن شاھمات ئويناشقا چۈشۈپ كەتتىم. ئۇ ئاجايىپ ياخشى ئوينايدىكەن. رۇڭجى ۋە باشقا قىزلار بىلەن ئايلانما شاھمات ئوينىسا ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇلارنى ئۇتۇۋالىدىكەن. مەن ئۇرۇقلۇق شاھماتقا بەك ئۇستا ئىدىم، ئادەتتىكى ئادەملەر مېنى ئاسانلىقچە يېڭىۋالالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن شاھمات ئويناۋېتىپ، ئەتەي ئۇتتۇرۇپ بەردىم. شۇ تاپتا ئىككىمىز يالغۇز قالغاچقا، بۆلەكچە خۇشال ئىدىم. ئۇ دەسلەپتە قولىنى سوزۇپ ئۇرۇقنى ماڭدى. ئەمما بارا- بارا ئۆزىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن شاھمات تاختىسىغا ئېڭىشىپ ئويناشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانچە تەبىئىي بولمىغان قۇندۇزدەك قاپقار چېچى مەيدەمگە تېگىپ قالدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.

ـــ كەچۈرۈڭ! يەنە تىل ئىشتىدىغان بولدۇم،ـــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە شاھماتنى ئىتىرىۋېتىپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى 40 ياشلاردىكى ئايال مۇنچىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. چيەن دەيزى بىلەن بەي خېزىمۇ ئالاقزادە بولۇپ مۇنچىدىن چىقتى- دە، ئىككىنچى قەۋەتكە چىقمايلا كېتىپ قېلىشتى.

ئۇ كۈنى رۇڭجى ياتىقىمدا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئولتۇردى. مېھمانخانىنىڭ ساددا ئەمما ئىنتايىن سەمىمىي كۆرۈنىدىغان ئايال خوجايىنى ماڭا نەسىھەت قىلىپ: «بۇنداق ئادەملەرنى تاماققا تەكلىپ قىلغانلىق ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

كەچتە ئۇلار چۈشكەن سارايغا بارغان چېغىمدا ناخشىچى قىز ئانىسىدىن غىجەك چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ جايىمدا تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆردى- يۇ، ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي يەنە غىجەك چېلىشقا باشلىدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازى سەل يۇقىرى چىقىپ كەتسە ئانىسى: «ئاۋازىڭنى بەك يۇقىرى چىقىرىۋەتمە دەپ ساڭا ئېيتتىمغۇ» دەيتتى. رۇڭجىنى ئاشخانىدىكىلەر ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالغا چاقىرىپ چىقىپ كېتىشتى. ئۇ شۇ يەردە بىر نېمىلەرنى ئوقۇغقا باشلىدى.

ـــ ئۇ نېمە ئوقۇۋاتىدۇ؟

ـــ ناخشا تېكىستى.

ـــ ئۇ دېگەن كۆكتات ساتىدىغان ئادەم. نېمىلا ئوقۇغىنىڭىز بىلەن ئۇ بەرىبىر چۈشەنمەيدۇ.

شۇ ئەسنادا مۇشۇ سارايغا چۈشكەن 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر قۇش سودىگىرى ئىشىكنى ئېچىپ قىزلارنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ناخشىچى قىز بىلەن بەي خېزى چوكىلىرىنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ، قۇش سودىگىرىدىن ئېشىپ قالغان توخۇ شورپىسىنى ئىچىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆيدىن يېنىپ چىققاندا ھېلىقى سودىگەر ناخشىچى قىزنىڭ مۈرىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويدى. بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ ئانىسى ئەلپازىنى بۇزۇپ:

ـــ ھوي، ھوي، بالىغا چېقىلماڭ، تېخى بويىغا يەتمىدى بۇ قىز،ـــ دېدى.

ناخشىچى قىزى ھېلىقى سودىگەرنى «مىتودىكى خۇاڭ مېننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» نى ئوقۇپ بېرىڭ دەپ تۇرۇۋالدى. ئەمما سودىگەر بىردەم تۇرۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇ ئەمدى مېنى «ئوقۇپ بېرىڭ» دېدى. ئۇ بۇ گەپنى ماڭا ئۇدۇل دېيەلمەي ئانىسىغا دېگۈزمەكچى بولۇۋاتقاندەك ئىدى. مەن بىر ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە ھېكايە كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. ناخشىچى قىز شۇئان يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. كىتابنى ئوقۇشقا باشلىشىمغىلا ئۇ بېشىنى ماڭا يېقىن ئەكەلدى- دە، جىممىدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قۇلاق سالدى. باشقىلار كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە ئۇ دائىم مۇشۇنداق قىلىدىغان ئوخشايدۇ، بايا ھېلىقى سودىگەر كىتاب ئوقۇپ بەرگەندىمۇ ئۇ سودىگەرگە يۈزى تېگىشىپ قالغۇدەك يېقىن ئولتۇرغانىدى. ئۇنىڭ قاپقار، يوغان بىر جۈپ كۆزلىرىدىن گۈزەللىك چاقناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق ئەزاسى دەل ئاشۇ كۆزى ئىدى. قوش قاپاقلىرى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈلسە گۈلدەك ئېچىلىپ تولىمۇ نازاكەتلىك بولۇپ كېتەتتى.

بىر ھازادىن كېيىن ئاشخانا كۈتكۈچىسى ناخشىچى قىزنى ئېلغىلى كىردى. ئۇ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ ماڭا: «ھازىرلا كىرىمەن، كەتمەي تۇرۇڭ، ئاخىرىنى ئوقۇپ بېرىڭ» دېدى.

ـــ ھەرگىز ناخشا ئېيتما جۇمۇ!ـــ دېدى ئانىسى. ئۇ دۇمباقنى ئېلىپ بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتىپ قويدى. قىزنىڭ ئانىسى ئۆرۈلۈپ:

ـــ ھازىر دەل ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پەيتى،- دېدى ماڭا.

ناخشىچى قىز ئاشخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئەدەب بىلەن ئولتۇرۇپ دۇمباق چېلىشقا باشلىدى. بۇ يەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى خۇددى ياندىكى زالدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. دۇمباق ئاۋازىدىن كۆڭلۈم يايراپ كەتتى.

ـــ دۇمباق چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆي ئىچى جانلىنىپ كېتىدۇ،ـــ دېدى قىزنىڭ ئانىسى ئۇدۇلغا قاراپ تۇرۇپ.

چيەن دەيزى بىلەن بەي خېزىمۇ تەڭلا ئاشۇ زال تەرەپكە كىرىپ كېتىشتى.

– ئاران مۇشۇلا . . . – ناخشىچى قىز سىقىمداپ تۇرغان بەش مولۇق تەڭگىلەرنى ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. مەن «مىتولۇق خۇاڭمېننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابنى يەنە بىردەم ئوقۇپ بەردىم.

داۋامى بار

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11385

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: