پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

پاز شېئىرلىرىدىن(1): ئا. جالالىدىن تەرجىمىسى

ئوكتاۋىئو پاز شېئىرلىرىدىن (1)

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى

ئاشىقلار

بىر قىز بىلەن بىر يىگىت،
ياتار ئىدى چىملىقتا.
ئاپېلىسىننى يېيىشتى، بىر- بىرىنى سۆيۈشتى،
شۇ تاپ گويا دولقۇنلار بۇژغۇنلارغا چىرماشتى.

بىر يىگىت ھەم قىز بالا
ياتار ئىدى ساھىلدا.
ئۇلار لېمون يېيىشتى، بىر- بىرىنى سۆيۈشتى،
شۇ تاپ گويا ئاق بۇلۇت كۆپۈكلەرگە چىرماشتى.

بىر قىز بىلەن بىر يىگىت
ياتار يەرنىڭ ئاستىدا.
ئۇلار ئەمدى سۆيۈشمەس، ئۇلار ئەمدى سۆزلىمەس،
بىر- بىرىگە جاۋابنى سۈكۈت بىلەن بېرىشتى.

ھايات پىنھان ھەم ئايان

دېڭىزلارنىڭ قارا تۈنىدە
پەقەت بېلىق ۋە ياكى چاقماق.
ئورمانلارنىڭ قارا تۈنىدە
پەقەتلا قۇش ۋە ياكى چاقماق.

تەننىڭ زۇلمەت كېچىلىرىدە
سۆڭەك چاقماق، سۆڭەكتۇر چاقماق.
ئاھ، دۇنيانىڭ ھەممىسى زۇلمەت،
پەقەت بۇندا ھاياتتۇر چاقماق.

شەھەردىكى گۇگۇم

ـــ ل . ۋ . ئالبېراغا بېغىشلايمەن.
ئۇ مۇشۇ يەردە ئازابلانغان.
2
سۈكۈنات قېلىن- قېلىن تاشلار كەبى،
تۆكۈلەر كۆك قەرىدىن جىمجىتقىنە.
ئاسمانمۇ ئېغىر يۈكتىن بولدى خالاس،
چۆكمەكتە تاش ۋە قۇدۇق ئۆز- ئۆزىگە.

گۇگۇم ئۆز قىلمىشىدا كۆيەر شۇ تاپ،
كوچىدىن ئۆتتۈم كۈل ھەم ئەسنەك ئارا.
سۆسۈن رەڭ، گەج مەسەللىك، سۈكۈناتلىق
خارامۇش بىر ھايات سوقار ئۇندا.

بىنەپشە جاراھەت بار قىيا تاشتا،
زەردابلار قايتتى تىتىرەپ ھەر بىر تامغا،
ئائىلە ئۆلۈملىرى قەبرىستانغا.

غوۋغاسىز يېشىلىشلەر بار ئۇ يەردە،
پاھىشە تاش ھەيكەلدەك تۇرار تۈندە:
ئوخشايدۇ يول بەلگىسىگە زۇلمەت ئىچرە.

4

(پەلەك)
قەھرىلىك مېتاللار، رەھىمسىز خەنجەر،
يۇلتۇزسىز يېگانە تاپتاقىر دالا،
پولاتتىن قۇيۇلغان كۆز يەتمەس تۈزلەڭ
قۇدۇق، ئەمما بۇلاق، يىغىسىز ساما.

جىمجىتلىق، قەتئىيلىك، ئۆتكىلى بولماس،
ئىشىكسىز، تۇتقۇچسىزمۇكەممەل شەھەر
تۇرىدۇ سەن بەرگەن ئىنتىزارلىق ھەم
ئالۋۇندەك غايىپ شۇ جەننەتكە قەدەر.

تىللارنىڭ تەمى ئۇ پارالىچ ئەينەك،
شامالدا ئەندىكىپ كەتكەن سۈكۈنات،
ئۇ گويا چىشلەنگەن، ئۇخلىماس يۈرەك.

سېنى تەۋرىتەلمەس ھېچنېمە، ئاسمان،
سەندە تۇرالمايدۇ ھېچنېمە زىنھار،
يىلتىز ھەم تۇغۇلۇشنى كۆيدۈرەر روھلار،
ئۆزىنىڭ بەھرىگە چۆكمەكتە ھامان.
خەنزۇچە «قۇياش تاش»، «پاز ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلاملاردىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1998- يىللىق 1- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11096

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-03
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 1دانە
  1. بۇ شېئىرلارنى قايتا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم.يوللىغۇچىغا رەھمەت.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: