پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1968- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: كاۋاباتا ياسۇنارى

كاۋاباتا ياسۇنارى

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

كاۋاباتا ياسۇنارى (1899- 1972) ياپۇنىيەنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى. ئۇ ئوساكا شەھرىدە بىر دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى يېتىمچىلىك، جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ياپۇنىيەنىڭ «يۈەنشى ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇپ چىققان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ مەخسۇس ياپونىيە ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن ۋە بىر قىسىم ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئەدەبىيات- سەنئەت دەۋرى» ناملىق ژۇرنالنى (1924-1927) چىقارغان ھەم داڭلىق يازغۇچى جۈ چىكۇەننىڭ قوللىشى بىلەن ئېستېتىكىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇرژۇئازىيە ئەدەبىيات ئېقىمى ـــ «يېڭى تۇيغۇچىلار ئېقىمى» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار «سەنئەت ھەممىدىن ئەلا»، «سەنئەت ئەڭ گۈزەل» شۇئارى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى «ئاڭ ئېقىمى» ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە پەيدا بولىدىغان نازۇك تۇيغۇنى، سەزگۈ ئەزالىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان «گۈزەللىك» كە ئىنتىلىشنى تەكىتلىگەن ھەمدە روھىي جەھەتتىكى بىھۇشلۇق، بەدىئىي جەھەتتىكى خىيالىي تۇيغۇ ئارقىلىق كانتوندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن (1923) كېيىن ياپونىيە ئىقتىسادى چېكىنگەن مەزگىلدىكى كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن روھىي ھۆكۈمرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ ياپۇنىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرۈش» ىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ، كۈندىن كۈنگە ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز» (1925)، پوۋېستلاردىن «قار دۆلىتى» (1935- 1947)، «تاغ ساداسى» (1949- 1954)، «مىڭ تۇرنا» (1951)، «قەدىمىي پايتەخت» (1962) قاتارلىقلار بار.

 1968- يىلى كاۋاباتا ياسۇنارى «يۇقىرى ماھارەتلىك بايان ئەدەبىياتى ياپونىيە خەلقىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئاجايىپ ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھىندىستانلىق تاگوردىن كېيىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى شەرقلىق يازغۇچى.

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10793

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 1دانە
  1. بىر چاغلاردا مۇشۇ ئادەمنىڭ بىر ھىكايىسىنى دەرسلىك كىتاپتا ئوقۇغان ئىدىم ، :wink:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: