پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1910- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: پائۇل ھەيزى

 

1910- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

پائۇل ھەيزى

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: تىرىپلىق خانىقىز

(The Maiden of Treppi)

(ساددا، سەمىمىي ئىتالىيە قىزلىرىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان تىپىك ئەسەر)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مۇكاپاتلاش كومېتىتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

بۇ ئىپىك شائىر، دىرامماتورگ، يازغۇچى، دۇنياغا مەشھۇر ھېكايە يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن، مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت ھاياتىدا ئېدىيالىزملىق روھ بىلەن تويۇنغان بەدىئىي پەللىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى.

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى

«تىرىپلىق خانىقىز: ھەيزى ھېكايىلەر توپلىمى»، پائۇل ھەيزى (گېرمانىيە)، ياڭ نېڭۋۇ تەرجىمىسى، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2003- يىل نەشرى

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

پائۇل ھەيزى (1830- 1914 – Paul Heyse) بېرلىندا تۇغۇلغان، دادىسى داڭلىق تىلشۇناسلىق پروفېسسورى، ئانىسى ئەدەبىي جەھەتتىن ناھايىتى يۇقىرى تەربىيە كۆرگەن ئايال بولغاچقا كىچىكىدىنلا ياخشى ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئەدەبىي مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مەشھۇر شەخس گاببىل ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەدەبىيات تالانتىدىن زوقلانغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. كېيىن گاببىلنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بېرلىندىكى مەشھۇر ئەدەبىيات كۇلۇبى «سىپۇرى دەرياسى تونېلى» غا قاتنىشىپ يېزىقچىلىقنى باشلىغان.

1852- يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئىتالىيىگە بىر يىللىق ساياھەتكە بارغان. ئىتالىيەنىڭ مەنزىرە- سەيلىگاھلىرى، ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ۋە ئىستېتىك ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئەڭ نادىر رومانىنىڭ بىرى «تەكەببۇر قىزچاق» (1853) نى يېزىپ تاماملىغان، بۇ رومان ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئابرويىنى ئاشۇرغان. 1853- يىلى يەنە شۇ گاببىلنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن باۋارى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ماكسىمليان Ⅱ نىڭ ئوردا شائىرى بولغان. 1854- يىلى ميۇنخىندا ئولتۇراقلىشىپ، شۇ يەردە يېرىم ئەسىر ياشىغان. بۇ مەزگىل ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن مول ھوسۇللۇق ۋاقتى بولۇپ، گاببىل، فىرىدىرىخ بودىنسىتېدلار بىلەن بىر قاتاردا مىيۇنخىن ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئۈچ گىگانت يۇلتۇز دەپ ئاتالغان.

شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر:

فرانىس (فىرانسىيە)

روس (فىرانسىيە)

بۇراندىس (فىنلاندىيە)

ھەيزى (گېرمانىيە)

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل

بەزىلەر: «ھەيزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىلا ئاندىن نېمىنىڭ ھەقىقىي نادىر بەدىئىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز، قانداق ئەسەرنىڭ ئۆلمەيدىغان نادىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز» دەيدۇ. «تىرىپلىق خانىقىز» پائۇل ھەيزىنىڭ ۋەكىللىك مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلگەن گۈزەل مەنزىرىلەر، كۈچلۈك رومانتىكلىققا تويۇنغان رىۋايەتلەر ھەيزىنىڭ پەۋقۇلئاددە سەنئەت تالانتىنى مەركەزلىك نامايان قىلغان. ھەيزىنىڭ ئەسەرلىرى رېئاللىقنى ئاساس قىلغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن باشتىن- ئاخىر قويۇق رومانتىزملىق تۈسكە تويۇنغان. «تىرىپلىق خانىقىز» ناملىق روماندىكى پېرسوناژ فىنكى مۇھەببەتكە ناھايىتى سادىق، ئۇنىڭ شۇ ساددىلىقى ھەتتا خۇراپىيلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، لېكىن باش پېرسوناژنىڭ ئوبرازىمۇ سىتىرىئولۇق ۋە تولىمۇ جانلىق بىر سىياقتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇھەببەت ھەققىدە ھەددى- ھېسابسىز مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن گۈزەل، ئاقكۆڭۈل، تەرسا خاراكتېرلىك تىرىپلىق قىز جانلىق ۋە تولىمۇ يارقىن بىر سىياقتا مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ. ھەتتا «ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى شېكىسپىر» دەپ نام ئالغان كەيلىمۇ تولىمۇ سەمىمىي قىلىپ: «ھەيزى يۈكسەك ماھارەت بىلەن سۈرەتلەپ چىققان ‹ئىتالىيە خانقىزىنىڭ ئوبرازى قەدىمكى كىشىلەرگە خاس ساددىلىق، چىن مۇھەببەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، شۇ ساددىلىقى ئۇنىڭغا تېخىمۇ گۈزەل تۈس ئاتا قىلغان بولغاچقا ئالاھىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغان» دەپ تەرىپلىگەن. ھەيزىنىڭ قەلىمىدە سۈرەتلەنگەن ئىجابىي پېرسوناژلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن قاتلامدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئادەم خاراكتېرىدە بولۇشقا تېگىشلىك جىمى گۈزەللىك ۋە ئاقكۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ھازىرلانغان؛ رەزىللىك، پەسكەشلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئېكىسپىلاتاتسىيە سىنىپى، ھۆكۈمرانلار، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان روشەن قارشىلىقلىرى كىشىنى تېخىمۇ نەپرەتلەندۈرىدۇ. تىرىپتىكى تاغلىق خەلقلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىدۇ، فىنكىنىڭ فىلىپنى قۇتقۇزۇۋېلىشغا ياردەم قىلىدۇ، رىم قاۋاقخانىسىدىكى تۆۋەن قاتلامغا تەئەللۇق ئاۋاملار بىر- بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىرلىكتە شادخوراملىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشلەرنى كىشى قەلبىنى لال قىلىدىغان دەرىجىدە تەسىرلىك تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكلىرى ئۆزگىرىشچان بولۇپ كىشىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدۇ؛ سىيۇژىتلىرى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ؛ تىلى تولىمۇ ساپ ۋە راۋان، شېئىرىي تۇيغۇغا باي، گويا تاغ ئارىسىدىن سىرغىپ چىققان زىلال سۇنىڭ يېقىملىق شىلدىرلىشىدەك كىشى قەلبىنى ئاجايىپ شېرىن تۇيغۇلار قوينىغا تاشلاپ ئەللەيلىتىدۇ.

ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە ھەيزى ئىنتىلگەن ئىستېتىكا ئىدىيەسى تېخىمۇ مۇكەممەل نامايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى گىيۇتىنىڭكىدەك نەپىس، جىمجىت ئەمەس، خوفماننىڭكىدەك سىرلىق ھەم غەلىتىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا شېللىرىنىڭكىدەك نەپىس ھەم تىرەنلىككىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدۇ. گېرمانىيەنىڭ تەنقىدىي رېئالىزمىنىڭ ئاساسچىسى فېنتانانىڭ ھەيزى «ئىجادىي ئىقتىدارغا ئەڭ باي تالانت ئىگىسى» دەپ تەرىپلىشىمۇ بىكار ئەمەس. ھەيزى ئستېتىكا كۆز قارىشى جەھەتتە ئىستېتىزمغا مايىل بولسىمۇ لېكىن تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ باشتىن- ئاخىر بۇرژۇئازىيە سىنىپى ئەدەبىياتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرىدۇ، 1848- يىلىدىكى ئىنقىلابىي دەۋر ھۆر دېموكراتىك ئېتقادىغا سادىق بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ھەيزىنىڭ ئەسەرلىرىدە نامايان قىلىنغان گۈزەللىك ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنىڭمۇ قىممىتى زور.

ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1858- يىل: «تىرىپلىق خانىقىز» (پوۋېست)

1859- يىل: «كىشىلەر ئىشىكىدىكى بالا» (رومان)، «ئاندىرىيا دىلفىن» (پوۋېست)

1860- يىل: «ئاننىنا» (پوۋېست)

1865- يىل: «كولبېرگ»، «خادىرىيان» (سىنارىيە)

1875- يىل: «چاھارباغدىكى خۇشاللىق» (رومان)، «نىرىنا» (پوۋېست)

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى

«پائۇل ھەيزى يۈكسەك ماھارەت بىلەن سۈرەتلەپ چىققان ئىتالىيە خانقىزىنىڭ ئوبرازى قەدىمكى كىشىلەرگە خاس ساددىلىق، چىن مۇھەببەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، شۇ ساددىلىقى ئۇنىڭغا تېخىمۇ گۈزەل تۈس ئاتا قىلغان بولغاچقا ئالاھىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغان.»ـــــ كەيلى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11694

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-23
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: