پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (5): ئىمىن ئەخمىدى

تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى

ـــ ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى

تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندى 1942- يىلى 29- مارتتا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى مامۇتجان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1960- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان، مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئىككى يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1962- يىلى 9- ئايدا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇ مەكتەپنى 1967- يىلى 7- ئايدا تاماملىغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» تۈپەيلى، 1968- يىلى 9- ئايغىچە شۇ چاغدىكى مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەكتەپتىن ئايرىلماي، مەكتەپ قوراللىق بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىپ تۇرغان. 1968- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭغا قايتقان ۋە شۇ يىلى 11- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983- يىلىغا قەدەر مەزكۇر مەھكىمىدە تەرجىمان، جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى، سوتچى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1983- يىلى ئىيۇندىن 1986- يىلى نويابىرغىچە ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى، ۋىلايتەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1986- يىلى دىكابىردا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، 1996- يىلىىنىڭ ئاخىرىغىچە مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلىنىپ، 2003- يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا ئىشلىگەن. پېنىسيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت- ئاخبارات ساھەسىگە خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ھېلىھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسىسى سۈپىتىدە مەزكۇر ئىشخانىنىڭ مۇدېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندى تەرجىمانلىقتىن كۆرە شائىرلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ خەلقىمىزگە بەكرەك تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ساھەگە تەرجىمە ئارقىلىق كىرىشكەن ھەم تەرجىمە، جۈملىدىن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەن. شۇڭا، ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى مېھنەتلىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىدە تەرجىمە قىلغان «يايلاقتىكى كەچلىك تاماق» (1962- يىلى 2- ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان) ناملىق تەرجىمە ئەسىرى بىلەن تەرجىمە ساھەسىگە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «دۇڭ سۇنرۇي»، «بەي يىخۇا»، «يەتتە تال سەرەڭگە» قاتارلىق ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» گە سۇنغان. بۇ ھېكايىلىرىمۇ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياىشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەدەبىي تەرجىمىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى «ئادەتتىكى نوقۇل تەرجىمە خىزمىتى ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمىي ئەمگەك، ئانا تىلغا نىسبەتەن مۇئەييەن مەنىدىكى ئىجادىيەت» دەپ تونۇپ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئاز بولمىغان پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە شېئىرىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تايىنىپ، لى بەي، لى چىڭجاۋ، سۇ شى قاتارلىق خەنزۇ كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۈلگىلىك شېئىرلىرىنى قەدىمكى زامان خەنزۇتىلىدىن تەرجىمە ئۇيغۇر تىلىغا قىلغان.

ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە

ھەققىدىكى قاراشلىرى

«تەرجىمە بىر تۈرلۈك ئىجادىي پائالىيەت، ئۇ ھەرقانداق ئىجادىيەتتىن قېلىشمايدۇ» دەيسۇ ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەرجىمە تەسىراتى ھەققىدە سۆزلىگەندە، «شۇڭا، ئۇنىڭدا تەرجىماننىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جانلىق جارى قىلدۇرۇش- قىلدۇرالماسلىقى ناھايىتى مۇھىم. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلدىكى ئەدەبىي تەسۋىر ۋە ئۇقۇم- چۈشەنچىلەرنى تولۇق پاساھىتى بىلەن ئىپادىلەشكە قادىر. نۆۋەتتە بىز كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئەسلىي تىلدىن ئەمەس، بەلكى 2- بىر تىلدىن تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. يەنى كۆپىنچە خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. بۇنداق بولغاندا ئەسلى ئەسەرنىڭ ئىچكى ۋەزنى، ئۇسلۇبى، پەقەت يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئانا تىلدىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەيدىغان تىل پاساھىتى قاتارلىقلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سۇسلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىر نېمە دېمەك قىيىن. شۇڭا بىزدە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئەسلى تىلدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. »

ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ۋە تارىخ- پەلسەپە ئەسەرلىرى تەرجىمىسى جەھەتتە ئىشلىگەن ئەمگەكلىرى تۆۋەندىكىچە:

خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى

1.«غەربىي يۇرت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار»، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007- يىل

2.«قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل

3.«‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە شەرق- غەرب مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىل نەشرى

4.«جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل نەشرى

5. «چىڭگىزخان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل نەشرى

6. «6- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇقام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلىرى»، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى باستۇرغان، 2009- يىل

7. «ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى ـــ مۇقام»، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى، 2007- يىل نەشرى

8. «شۈي ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى»(ئەيسا مۇسا بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 184- يىل نەشرى

9. «ھىجران كوچىسى» (ئاپتورى: نەجىپ مەھفۇز)، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1992- يىل نەشرى

10. «لياۋ جەي رىۋايەتلىرى» (بارىجان زەپەر بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994- يىل نەشرى

11. 10. «بۆرەخۇمار»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999- يىل نەشرى

12. 10. «بۆرە تۇتېمى» (بۇ ئەسەر ئاپتونوم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008- يىل نەشرى

13. «پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى» (ئاپتورى: ۋىكتور ھىيۇگۇ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل نەشرى

ئۇيغۇر تىلىدىن خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى

1.«ئۇيغۇر دولان مۇقامى»، شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت، فۇتۇ سۈرەت نەشرىياتى، 1996- يىل نەشرى

2.«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» (باشقىلار بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، جۇڭگۇ قامۇس نەشرىياتى، 1997- يىل نەشرى

3. «جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» (جاڭ خۇڭچاۋ بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، مىللەتلەر ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009- يىل نەشرى

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى شېئىرلىرى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزگە بەكرەك تونۇشلۇق بولغان، بولۇپمۇ شېئىرلىرى بىلەن ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «بەخت چېچەكلىرى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1983- يىلى)، «گۈلگۈن دالىلار» (شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989- يىل نەشرى)، «سۆيۈلگەن يىللار» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993- يىل نەشرى)، «ئاسمانلار- تاغلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010- يىل نەشرى) قاتارلىق 4 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى. ئۇنىڭ يەنە ئابلەت قەييۇم بىلەن بىرلىشىپ يازغان «مۆلجەرتاغ بورانلىرى» ناملىق سەھنىلەشتۈرۈلۈپ تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.

ئۇنىڭ يەنە ھازىرغىچە بىۋاستە خەنزۇتىلىدا يازغان 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.

بىز ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ تېنىگە تېخىمۇ ساغلاملىق ۋە كۈچ- قۇۋۋەت، غەيرىتىگە يەنىمۇ چوڭ غەيرەت، ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ زور نەتىجە- ئامەت، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

مەنبە: «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 1- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10519

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-06
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي!

  2. تەتەرجىمانلىرىمىزغا تىخىمۇ زور جاسارەت يار بولسۇن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: