پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلىغان زېمىن

ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلىغان زېمىن

بىن ئوكىرى [ نىگرىيە ]

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، كەنتكە ئۈچ ئەسكەر كەلدى ، قوي پادىلىرى ، توخۇ – تۇمانلار ئۇلاردىن ئۈركۈپ تەرەپ – تەرەپكە پىتىراپ كەتتى . ئەسكەرلەر پالما دەرىخى ئاستىدىكى بىر قاۋاقخانىغا كىرىشتى – دە ، بىر رومكىدىن پالما ھارىقى بۇيرۇتۇشۇپ ، گىژىلداپ ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىنلارغا پەرۋامۇ قىلماي ھارىقىنى ئىچىشكە باشلىدى .

دادام قاچان چىقىپ كېتەركىن دەپ كۆزى تۆت بولغان ئوموف دەرىزىدىن ھېلىقى ئۈچ ئەسكەرگە قاراپ تۇراتتى . دادا – بالا ئىككىيلەن رادىئو ئاڭلاۋاتاتتى . دادىسى گروندىخ ماركىلىق كونا تىپتىكى بۇ رادىئونى ئۇرۇش پارتلىغاندا شەھەردىن قېچىپ چىققان بىر كىشىدىن ئەرزان باھادا سېتىۋالغانىدى . شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ بۇ رادىئونى ئاق لاتىغا يۆگەپ ، ئائىلىسىنىڭ قىممەتلىك بۇيۇمى قاتارىدا ساقلاپ كەلدى . رادىئودا بوماردىمان قىلىش ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ھەققىدە خەۋەر بېرىلىۋاتاتتى . دادىسى چاچلىرىنى تۈجۈپىلەپ تاراپ ، ئوتتۇرىدىن ئاۋايلاپقىنا ئىككىگە ئايرىدى ، ئاندىن ئۇستۇرا تەگمىگىنىگە خېلى بولغان يۈزىنى سۇ بىلەن نەمدىدى ، ئارقىدىن كىچىكلەپ ئاران قالغان ئەسكى چاپىنىنى ئىنجىقلاپ يۈرۈپ تولىمۇ تەستە كىيدى .

دادىسىنىڭ مىس – مىسلىقىدىن ئىچى پۇشقان ئوموف دەرىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى . يەتتە كۈندىن بېرى ، ھەر كۈنى مۇشۇ مەھەل بىلەن يۈزىگە قارا چۈمبەل ئارتىۋالغان بىر ناتونۇش ئايال ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى . ئايال كەنىتتىكى تار كوچىدىن مېڭىپ ، يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن كېسىپ ئۆتەتتى – دە ، ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولاتتى . ئوموف شۇ تاپتا ئايالنى قاياقتىن كېلەركىن دەپ كۈتۈپ تۇراتتى .

موھىم خەۋەرلەر تۈگىدى . دىكتور : «بۈگۈن ئاخشام ئاي تۇتۇلۇشى مۇمكىن» دەپ خەۋەر قىلدى .

– ئاي تۇتۇلغىنى بىلەن ئۇرۇشنى توسۇپ قالالامتى ، – ئوموفنىڭ دادىسى شۇرۇلداپ تەر قۇيۇلۇۋاتقان يۈزلىرىنى قولى بىلەن سۈرتۈپ قويۇپ زەردە بىلەن شۇنداق دېدى .

– ئاي تۇتۇلسا قانداق بولىدۇ ؟ – سورىدى ئوموف .

– ئاي تۇتۇلسا ، پۈتۈن جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ ، ئاجايىپ – غارايىپ ئىشلار يۈز بېرىدۇ .

– قانداق ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؟

دادىسى بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى .

– جىن – شاياتۇنلار قۇتراپ ، يولبويى ناخشا توۋلاپ ماڭىدۇ . شۇڭا كەچلىرى تالادا ئۇزۇن تۇرمىغىن ، ئاڭلىدىڭمۇ ؟

ئوموف بېشىنى لىڭشىتتى .

– ئاي تۇتۇلغاندا جىن – شاياتۇنلار كىچىك بالىلارنى يەپ كېتەرمىش .

ئوموفنىڭ دادىسىنىڭ گېپىگە ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمىدى . دادىسى كۈلۈپ قويۇپ ، ئۇنىڭغا 10 كوبى ①پارچە پۇل تەڭلەۋېتىپ دېدى :

– رادىئونى ئۆچۈرۈۋەت ، كىچىك بالا دېگەن ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلىمايدىغان .

ئوموف رادىئونى ئۆچۈرۈۋەتتى . دادىسى بۇسۇغىغا نەزىر ھارىقى چېچىپ ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى ، ئاندىن ھۆججەت سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئالدىراپقىنا چىقىپ كەتتى . ئوموف ئەگرى – بۈگرى تار كوچىنى بويلاپ ئۇدۇل چوڭ يول بويىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىنى نىشانلاپ كېتىۋاتقان دادىسىنىڭ كەينىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇردى . بىر ئاپتوبۇس كېلىپ ، ئۇنىڭ دادىسىنى سالدى – دە ، بېكەتتىن ئايرىلدى . ئوموف رادىئونى يەنە ئاچتى ، دەرىزە تەكچىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھېلىقى ئايالنى كۈتۈشكە باشلىدى . ئايال ئالدىنقى رەت كەلگەندە ئۇچىسىغا سېرىق پەرىجە كىيىپ ئالدىراپقىنا ئۆتۈپ كەتكەنىدى . بالىلار قولىدىكى ئويۇنلىرىنى تاشلاپ ئۇنىڭغا قاراپلا قېلىشقانىدى . ئۇلار ئايالنى ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولىدىكەن ، يول ماڭغاندا پۇتى يەرگە تەگمەيدىكەن دېيىشەتتى . ئايال كوچىدىن ئۆتكەندە بالىلار ئۇنى – بۇنى ئېتىشاتتى . ئايال پەرۋا قىلماستىن كېتىۋېرەتتى ، يا سۈرئىتىنى تېزلەتمەيىتتى ، يا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپ قويمايىتتى .

جاھان گويا كىشىنى ھېلىلا ھاپ قىلىپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قىزىپ كېتىۋاتاتتى . شاۋقۇن – سۈرەنلەرمۇ جىمىپ قالغان ، كىشىلەر ئايىغى چىقماس ئىش – كۈشلىرى بىلەن پالاقلاپ يۈرۈشەتتى . ھېلىقى ئۈچ ئەسكەر غېمىدە يوق ھاراق ئىچىشكەچ شاھمات ئويناپ ئولتۇراتتى . ئوموفنىڭ بىر ئىشقا دىققىتى چۈشۈپ قالدى : بالىلار قاچانكى قاۋاقخانا ئالدىدىن ئۆتتى ، ئەسكەرلەر شۇ ھامان ئۇلارنى چاقىرىپ بىر نەرسىلەرنى دەيىتتى ، پۇللارنى بېرەتتى . ئوموف ئۆيدىن پەسكە چۈشۈپ ، قاۋاق ئالدىدىن ئالدىرىماي ئۆتتى . ئەسكەرلەر ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى . ئۇ كەينىگە ياناي دەپ تۇرۇشىغا ، بىر ئەسكەر ئۇنى چاقىردى .

– ئىسمىڭ نېمە ؟ – سورىدى ئەسكەر .

ئوموف دېلىغوللۇق ئىلىكىدە بىر پەس تۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ : «ئاي تۇتۇلۇش» دەپ جاۋاب بەردى .

ئەسكەر تومۇرلىرىنى كۆپچىتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ ، بالىنىڭ چىرايىغا شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى . قالغان ئىككى ئەسكەر غېمىدە يوق چىۋىن قورۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇلار شۇ تۇرۇقىدا پۈتۈن زېھنى بىلەن شاھماتقا دۈم چۈشكەنىدى . مىلتىقلىرى ئۈستەلدە تۇراتتى . ئوموف بىر مىلتىقنىڭ نومۇرىنىڭ يەنە بىر مىلتىقنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ ئۈلگۈردى . ئەسكەر گېپىنى داۋام قىلدى :

– دورداي كالپۇك بولغاچقا – زە ، داداڭ ساڭا مۇشۇنداق ئىسىم قويۇپ قويۇپتۇ – دە !

يەنە بىر ئەسكەر ئۇنىڭغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ كۈلۈپ كەتتى . ئوموف بېشىنى لىڭشىتتى .

– قۇلىقى يۇمشاق بالىكەنسەن ، – ئەسكەر خېلىغىچە جىممىدە تۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ سورىدى ، – قارا چۈمبەل ئارتىۋالغان بىر ئايالنى كۆردۈڭمۇ ؟

– ياق ، كۆرمىدىم .

ئەسكەر ئۇنىڭغا 10 كوبى بېرىپ سورىدى :

– ئۇ دېگەن ئىشپىيۇن ، دۈشمەنلىرىمىزگە ياردەم بېرىدۇ . ئەگەر ئۇنى كۆرۈپ قالغۇدەك بولساڭ ، بىزگە خەۋەر قىلغىن ، بولامدۇ ؟

ئوموف پۇلنى ئالمىدى . ئۆيگە يېنىپ كىرىپ يەنە ھېلىقى تەكچىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى . ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا تۇرۇپ – تۇرۇپ قاراپ قوياتتى . پىژغىرىم ئىسسىق ئۇنى لايدەك ئېزىۋەتتى ، ھايال ئۆتمەي ئولتۇرغان يېرىدىلا ئۇخلاپ قالدى . ئوموف خورازلارنىڭ ئېرىنچەكلىك بىلەن قىچقىرىشلىرىدىن چۆچۈپ ئويغاندى . ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا كۈن غەربكە باش قويغان ، ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغانىدى . ئەسكەرلەرمۇ قاۋاقخانىدا مۈگىدەپ قېلىشقانىدى . رادىئودا موھىم خەۋەرلەر سەھىپىسى باشلاندى . ئوموف بۈگۈن قانچە كىشى قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قۇلىقىنى دىڭ تۇتتى ، لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ نېمىدىن دالالەت بېرىدىغانلىقىغا ئۇنىڭ ھېچ ئەقلى يەتمىدى . دىكتورنىڭ بەك ئۇيقۇسى كەپ كەتتىمۇ قانداق ، ئىختىيارسىز ئەسنەپ سالدى – يۇ ، شۇ ئان كەچۈرۈم سورىدى ، ئاندىن ئۇرۇش ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى داۋاملىق ئوقۇشقا باشلىدى .

ئوموف بېشىنى كۆتۈرگەندە ئايال ئۆتۈپ كەتكەن ، ئەسكەرلەرمۇ قاۋاقتىن چىقىپ كېتىشكەنىدى . ئوموف ئۇلارنىڭ قۇيۇق تۈتەك ئارىسىدا دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى . ئايال تار كوچىدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى . ئوموف ئۆيدىن يۈگۈرگەن پېتى چۈشۈپ ، ئەسكەرلەرنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى . ئەسكەرلەرنىڭ بىرسى چاپىنىنى سېلىۋەتتى . ئۇنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر ئەسكەرنىڭ كاسىسى بەك يوغان بولغاچقا ، ئىشتىنىنىڭ ئېغى يىرتىلىپ كەتكەنىدى . ئوموف ئۇلارنىڭ كەينىدىن قالماي يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئۆتتى . ئەسكەرلەر ئورمانلىققا كىرگەندىن كېيىن ، ئايالنىڭ كەينىدىن ئۇدۇل ئەگەشمەي ئەگىلىپ ماڭدى . ئۇلار سەل خەۋپسىرەپ قالغاندەك تۇراتتى . ئوموف قەدەملىرىنى تېز – تېز ئېلىپ ، ئايالنىڭ كەينىدىن قارا كۆرۈنۈش ئەگىشىپ ماڭدى .

ئۇ ئايالغا ئەگىشىپ قويۇق ئورمانلىقتىن كېسىپ ئۆتتى . ئايال ئۇچىسىغا ئۆڭۈپ كەتكەن نىمچە كىيگەن ، ئۈستىگە كۈلرەڭ پەرىجە ئارتىۋالغان ، يۈزىنى قارا گاز ياغلىق بىلەن چۈمكىۋالغان بولۇپ ، بېشىدا قىزىل سىۋەت بار ئىدى . شۇ تاپتا ئايال ھەققىدىكى : «ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولىدىكەن ، يول ماڭغاندا پۇتى يەرگە تەگمەيدىكەن» دېگەن گەپلەر ئۇنىڭ ئېسىدىن تامام كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى .

ئۇ بىر مۇنچە پۈتمىگەن ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى ، ئۆينىڭ چۆرىسىدىكى شەكىل ئۈچۈن قىلىپ قويغان بەلگە تاختىلىرى سويۇلۇپ ، چىتلاقلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى . ئۇ تاشلىنىپ قالغان بىر سېمونت زاۋۇتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى ، دۆۋە – دۆۋە تاشلار زاۋۇت ھويلىسىدا دۆۋىلىنىپ تۇراتتى . ئۇ بىر تۈپ مايمۇن دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ناھايىتى يوغان بىر ھايۋاننىڭ ئىسكىلىتىنىڭ دەرەخ ئاستىدا تۇرغانلىقىغا كۆزى چۈشتى . دەرەختىن بىر تال يىلان سىيرىلىپ چۈشتى – دە ، ئۇدۇل چاتقاللىق تەرەپكە قاراپ ماڭدى . يىراقتىن __ جىلغا تەرەپتىن يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازى كېلەتتى ، تۇرۇپ – تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئۇرۇش ناخشىسى توۋلىغىنى ئاڭلىنىپ قالاتتى .

ئوموف ئايالغا ئەگىشىپ مېڭىپ ، تاغ ئېتىكى تەرەپتىكى بىر ئوچۇقچىلىققا كېلىپ قالدى ، ئوچۇقچىلىقتا ئاددىيغىنە بىر چېدىر تۇراتتى . بىر توپ كۆلەڭگە گۆردەك قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئۆڭكۈردە ئۇيان – بۇيان مىدىراشقا باشلىدى . ئايال ئۆڭكۈرنى نىشانلاپ ماڭدى . كۆلەڭگىلەر دۈررىدە ئايالنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ ، ئۇنى تارتىپ دېگۈدەك ئۆڭكۈرگە ئەكىرىپ كەتتى . ئۆڭكۈردىن ئاللىكىملەرنىڭ ئايالغا مىننەتدارلىق ئېيىتقىنى ئاڭلاندى . ئايال ئۆڭكۈر ئاغزىدا يەنە پەيدا بولدى ، بېشىدىكى سىۋەت كۆرۈنمەيىتتى . ئايالنى كىيىم – كېچەكلىرى يىرتىلغان ، ئېچىرقاپ كەتكەن بىر توپ ئاياللار ، بالىلار ئورىۋالدى . ئۇلار ئايالنى تاغ قاپتىلىغىچە ئۇزىتىپ كەلدى ، گويا ئەمدى مەڭگۈ مەڭگۈ كۆرۈشەلمەيدىغاندەك بىر خىل ھېسسىياتتا كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى .

ئوموف ئايالغا ئەگىشىىپ ماڭا – ماڭا سېسىق سۇ ، لاي – لاتقا قاپلىغان بىر دەريا بويىغا كېلىپ قالدى . ئايالنى گويا غايىبانە بىر كۈچ توختاۋسىز ئالدىغا ئىتتىرىۋاتقاندەك ، قەدىمى ھېچ توختاپ قالمايىتتى . ئوموف دەريادىكى بۇلغانغان قاپقارا سۇدا دۈم كۆمتۈرۈلگەن بىر تال قېيىق ، كىيىم – كېچەك ، نەزىرلەردە ئىشلىتىلىدىغان خالتىلىق بولكا ، كونسېرۋالىق يېمەكلىك ، كولا بوتولكىسى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى . ئۇ قېيىققا يەنە بىر رەت قارىۋېدى ، قېيىق شۇ ئان دۇمباقتەك كۆپۈپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ تاپىغا ئالمىشىپ قالدى . قىرغاققا يېقىنلا يەردە ۋاقتى ئۆتكەن قەغەز پۇللار لەيلەپ يۈرەتتى . توساتتىن ، ئوموفنىڭ بۇرۇنىغا كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان غەيرىي بىر پۇراق ئۇرۇلدى ، ئارقىدىن ئاللىكىملەرنىڭ ھاسىرىغان ، يۆتەلگەن ، تۈكۈرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . بىر كىشى يېنىدىكى ھەمراھىنى ھەدەپ تېز مېڭىشقا ئۈندەيىتتى ، ئوموف بۇ كىشىنىڭ ھېلىقى ئۈچ ئەسكەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى – دە ، شاققىدە دەرەخنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋالدى . ئەسكەرلەر چوڭ – چوڭ چامدىشىپ ئۆتۈپ كېتىشتى . ھايال ئۆتمەي ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى . ئەسكەرلەر ئايالنى قورشىۋالغانىدى .

– قالغانلار نەدە ؟ – سورىدى ئەسكەرلەردىن بىرى .

ئايال ئۈندىمىدى .

– ھۇ قانجۇق ، ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ سېنىڭ ؟ ئېيتە ، ئۇلار قەيەردە ؟

ئايال يەنىلا ئۈن چىقارماي بېشىنى سېلىپ تۇرۇۋالدى . ئەسكەر گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ دەرياغا شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى .

– ئېيتە دەۋاتىمەن ، ئۇلار زادى قەيەردە ؟ – ئەسكەر ئايالنى چاڭڭىدە بىر تەستەك سالدى .

پور كۆتەكتەك سەمرىگەن ھېلىقى ئەسكەر ئايالنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى شارتتىدە تارتىپ ئالدى – دە ، يىرتىپ – يىرتىپ يەرگە تاشلىۋەتتى . ئايال چۈمبىلىنى ئالماق بولۇپ يەرگە ئېڭىشتى . ئايال تاقىر باش بولۇپ ، چوققىسىدا چوڭقۇر بىر تاتۇق بار ئىدى . چاپىنىنى سېلىۋەتكەن ھېلىقى پور كۆتەكتەك يوغان ئەسكەر ئايالنى زەرپ بىلەن ئىتتىرىۋېدى ، ئايال دۈملا چۈشكەن پېتى جىممىدە يېتىپ قالدى . ئورمانلىق ئاسمىنىدا تۇيۇقسىز چاقنىغان نۇرنىڭ يورۇقىدا ئوموف دەريادا لەيلەپ يۈرگەن ھېلىقى ھايۋان تاپىنىڭ ئەسلىدە ياش بىر بالىنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆردى . جەسەتكە دەريادىكى لۆجىلەر يۆگىشىۋالغان ، كۆزلىرى پولتىيىپ قالغانىدى . ئۇ تېخى ئېسىنى يىغىپ بولماي تۇرۇپ ، ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى . ئايال ئورنىدىن دەس تۇردى ، قولىدا چۈمبەل تۇراتتى . ئايال شاققىدە بۇرۇلۇپ ، پور كۆتەك ئەسكەرنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى ، ئاندىن قولىدىكى چۈمبەلنى پولاڭلاتقىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى . يەنە بىر ئەسكەر قورققىنىدىن كەينىگە داجىدى ، پور كۆتەك ئەسكەر يۈزىدىكى تۈكۈرۈكنى سۈرتۈۋېتىپ ، قولىغا مىلتىقىنى ئالدى – دە ، ئۇدۇل ئايالنىڭ قورسىقىغا چەنلىدى . مىلتىق ئېتىلىشى بىلەن تەڭ ، بىر نەرسە ئوموفنىڭ ئۈستىدىن پالاقلاپ ئۇچۇپ كەتتى ، ئوموف قورققىنىدىن دىرىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى – دە ، ۋارقىرىغىنىچە ئورمانلىقتىن يۈگۈرۈپ چىقتى . ئەسكەرلەرمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلدى . ئۇ تۇمانلار ئارىسىدا ئۇچقاندەك يۈگرەيىتتى ، تۇمانلار تاشلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى . يۈگۈرە – يۈگۈرە ، ئورمانلىقنىڭ بېشىغا چىقىپ قالغان ئوموف بىر مۈشۈكياپىلاقنىڭ دەرەخلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، قورققىنىدىن دەرەخنىڭ كۆتىكىگە پۇتلىشىپ تىك موللاق چۈشكەن پېتى ھۇشىدىن كەتتى .

ئوموف ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى ، كۆز ئالدىدا مۇدھىش بىر قاراڭغۇلۇق زاھىر بولدى . قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ باقتى ، لېكىن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى . كۆزۈمدىن ئايرىلىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ قاتتىق چۆچۈگەن ئوموف ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىغان پېتى بىر دەرۋازىدىن ئېتىلىپ كىردى . ئۇ ئالاقزادىلىكتىن ئۆزىنى ئوڭشىدى ، تالادا كىملەردۇر گەپ قىلىشىۋاتاتتى ، رادىئودىن ئۇرۇش خەۋەرلىرى ئۆكسۈمەي بېرىلىۋاتاتتى . ئۇ بالكونغا چىقىدىغان يولنى تاپتى ، كۆزلىرىنىڭ بىر نەرسىنى كۆرەلەيدىغان بولغىنىدىن ھەيران قالدى . ئۇ بالكونغا چىقتى ، چىقتىيۇ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى : دادىسى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىر ئورۇندۇقتا ھېلىقى ئۈچ ئەسكەر بىلەن پالما ھارىقى ئىچىشكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . ئوموف دادىسىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىپ ، ئەسكەرلەرنى ئىما قىلغىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى .

– ئۇلارغا رەھمەت دېگىن ، – دېدى دادىسى ، – سېنى ئاشۇلار ئورمانلىقتىن ئېلىپ كەلدى .

ئوموفنىڭ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدى ، دادىسىغا كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ بىر بايان قىلىشقا باشلىدى . لېكىن ، دادىسى ئەسكەرلەرگە ئوڭايسىزلانغاندەك بىر تەرزدە قاراپ قويۇپ ، ئوغلىنى كۆتۈرگەن پېتى ئاپىرىپ كارىۋاتقا تاشلىدى .

___________________

① كوبى – نىگىرىيىنىڭ پۇل نامى .

(«دۇنيا ئەدەبىياتى»2009 – يىللىق 6 – ساندا ئېلان قىلىنغان)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10881

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: