پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

تۇرمۇشنى سۆيۈڭ

تۇرمۇشنى سۆيۈڭ

ھېنرى داۋىد سورۇ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ھايات قانچىلىك مۈشكۈل بولسۇن ، دادىللىق بىلەن يۈزلىنىڭ ، ھەرگىز كەينىڭىزگە چېكىنمەڭ ھەم زارلىنىپمۇ يۈرمەڭ . ھايات سىز دېگەندەك ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس . باياشات ۋاقىتلىرىڭىزدا تۇرمۇشىڭىز ئەڭ مەنىسىز بولىدۇ . قۇسۇرچى ئادەم جەننەتكە ئەكىرىپ قويسىمۇ رازى بولمايدۇ . ئاشۇ غورىگۈل تۇرمۇشىڭىزنى سۆيۈڭ . سىز ھەتتا نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ساناتورىيىسىدە ياشاپمۇ خۇشاللىق تاپالايسىز ، روھلۇق بولالايسىز ، كۈنلىرىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيسىز . نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ساناتورىيىسىنىڭ دەرىزىسىنى يورۇتقان كەچكى شەپەق نۇرى بىلەن بايلارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنى يورۇتقان نۇرنىڭ ھېچ پەرقى يوق .

مېنىڭ نەزەرىمدە شۈكرى – قانائەتچان كىشىلەر ھەممىلا يەرنى ئۆز ئۆيى دەپ بىلىدۇ ، نەگىلا بارمىسۇن ، ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدۇ . شەھەرلەردىكى نامراتلار ناھايىتى مۇستەقىل ياشايدۇ ، ئۇنى نېرى تۇر – بېرى تۇر دەيدىغان ئادەم بولمايدۇ . بەلكىم ئۇلار خاتىرجەم قۇبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشى مۇمكىن . نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى تەبىئەتتىن ھالقىغان ، شەھەردىن ياردەم ئېلىشقا ئەزىمەيدۇ دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياشاش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ ، بۇنى تېخىمۇ تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ . يوقسۇزلۇقنى گۈلزارلىقتىكى گۈلگە تەققاسلاپ ، ئۇنى مۇقەددەس كىشىلەرگە ئوخشاش پەپىلەپ ئۆستۈرگىن ! يېڭى گۈللەرنى ئىزدەيمەن دەپ ئۆزۈڭنى پەرىشان قىلما . مەيلى يېڭى تونۇشقان دوستلىرىڭ ياكى  يېڭى تون – لىباسلىرىڭ بولسۇن ، ئۇ ھامان يوقايدۇ . كۇللى شەيئى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، ئۆزگەرمەيدىغىنى پەقەتلا بىز . تون – لىباسلىرىڭنى ساتساڭمۇ سات ، لېكىن ئىچ كىيىمىڭنى ساقلاپ قال !

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10886

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: