پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

كىرىش سۆز

ئىجتىمائىي پەن ساھەيىمىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپە، پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق، ئىستېتىكا قاتارلىق ئىلىملەرگە ئوخشاشلا  ئېچىلمىغان بوز بۇلۇڭ. بۇنداق بولۇشىنى مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئىجتىمائىي مۇھىت، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە مائارىپ ئەندىزىسى بەلگىلەپ قويدى. گەرچە  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى 2000- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان بولسىمۇ ھەمدە يېقىنقى ئۈچ- تۆت يىلدىن بۇيان جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇيدىغان، جەمئىيەتشۇناسلىققا قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئاۋۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەننىڭ ماھىيىتى، بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى يۈزلىنىشى ھەققىدە سىستېمىلىقراق بىلىم بېرىدىغان ماتېرىياللار بىزدە يوق دېيەرلىك بولۇپ كەلدى. بۇ كىتاب ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلدى. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخى ھەققىدىكى مۇپەسسەل كىتاب دېيەلمەيمەن. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىققا ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشكە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە سىستېمىلىرى ۋە بۇ پەندىكى مۇھىم جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئاددىي بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئۆزىمىزنى، ياشاۋاتقان رېئاللىقىمىزنى ۋە  بىزنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان جەمئىيەتنى توغرا تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان پەن بولۇپ، 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان. پەلسەپە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ھەققىدە بىزنى پىكىرگە ئۈندىسە، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائىي سىستېمىلار بىلەن ئىنسان ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە مېتافىزىكىلىق پىكىردىن كۆرە ئەمەلىي پاكىتقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جەمئىەتشۇناسلار  ئەمەلىي پاكىتلارنى مۇھاكىمە، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيىۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا،   بۇ پەن بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرىنىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇ ئىجتىمائىي شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقىغا، شۇ بىر ئەينى رېئاللىققا قانداق ئۇلاشقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شېئىر، رومان، پوۋېست، نەسىر ۋە تارىخىي ئەسەر  ئوقۇپ جاھاننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.

دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىق ياش بىر پەن. جەمئىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇسى تۇنجى بولۇپ 19- ئەسىردە فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ئاۋگۇست كوم (1857- 1798) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم بارا- بارا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىر ياش پەن بولۇشى جۇڭگوغا كېچىكىپ كىرىشىگە سەۋەب بولغان. جۇڭگودا يەن فۇ، گې شۆبۇ قاتارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەسىرىدە 1914- يىلى شاڭخەيدىكى لۇجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى تەسس قىلىنغان. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس فەن گۇاڭدەننىڭ يېتەكلىشىدە فېي شىياۋتوڭ قاتارلىق جەمئىيەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققان. يامان بولغىنى، جۇڭگو ئازاد بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرلۈك ناتوغرا سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىدە جەمئىيەتشۇناسلىق «زەھەرلىك، غەربنىڭ پېنى» دېگەن قاملاشمىغان پەتىۋا بىلەن جۇڭگودا مەنئىي قىلىنغان. 1989- يىلىغا كەلگەندىلا مەنئىي بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە 1980- يىللارنىڭ  بېشىدىن باشلاپلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يېتىشىپ چىققان بىر قاتار جەمئىيەتشۇناسلار بۈگۈنكى زامان جۇڭگو جەمئىيىتى مەنىۋىيىتىنىڭ لايىھىلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى باشلىغانىدى. مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى فېي شىياۋتوڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. جەمئىيەتشۇناسلىق خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان پەن.

تەرەققىيات جەريانىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، جەمئىيەشۇناسلىق ئىلمى 19 – 20- ئەسىرلەردە ئاساسلىقى فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلانغان. بۈگۈنمۇ بۇ ساھەدە باش كۆتۈرگەن دۇنياۋى ئالىملارنىڭ ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنى كۆرمەكتىمىز. بۇ ھال پىكىر قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش، مەسىلىلەرنى نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن تونۇپ ئالدىن ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن، جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىىدىكى ئىككى ئەسىرلىك ئىلمىي بىلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ غەربكە چوقۇنغانلىق ياكى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسىنى ئۆگەنگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي، پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ساھەدىكى ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاش يولىدا، ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش مەقسىتىدە ھامان بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان. بۇ پەننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال مۇشۇ پەندە بارلىققا كەلگەن غەربنىڭ ئىلمىي بايقاشلىرىنى ئاۋۋال ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۇيغۇرغا خاس ئەقىل سەمەرىسىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزگە خاس بىر يولدا ئىزدىنىشىمىز شەرت.

شۇنداق، ئۇيغۇرلاردا تەجرىبىدىن ئۆتكەن ھېكمەت، ماقال- تەمسىل ۋە يەرلىك بىلىم خېلى بار بولۇپ،  ئۇ بىلىملەر خەلقىمىزنىڭ بىر قاتار تارىخىي جەريانلاردىكى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا ئىنتايىن قىممەتلىك، ئەمما زامانىۋى دۇنيانىڭ تېپىشماقلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە بۇ بىلىملەر يەنىلا ئاجىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى نەزەرىيىۋى سىستېمىلارنىڭ، بىلىملەرنىڭ يەرلىكچە، ئامېرىكىچە، خەنزۇچە شەكىللىرى بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مىللەت، چېگرا ئايرىمايدىغان يەرلىرى ۋە تەرەپلىرى جىق. بىزنىڭ قوبۇل قىلمايدىغىنىمىز غەربچە تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي، مىللىي ئدېئولوگىيىسى. ئەمما، ياتلىشىش، يەر شارىلىشىش، زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش، تور دەۋرى قاتارلىق بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريانلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەۋجۇدلۇقىمىز ئۈچۈن سىتراتېگىيە بەلگىلەشتە جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئىلمىي بايقاشلارغا موھتاج بولىمىز.

                                                                              2009- يىل 12- ئاي، ھونولۇلۇ

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10350

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-30
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار
ئىنكاس: 1دانە
  1. مەن كۆرگەن ماتىرياللاردا، ئىجتىمائىي پەن مىلادىي 1332م- 1406م) يىللىرى «تۇنىس» تا ياشىغان ئابدۇراھمان بىن مۇھەممەد بىن خەلدۇن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەپ ئېنىق قەيت قىلىغان. ھۆرمەتلىك ئۈستازىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباش، بۇ قاراشقا ئېلاۋە بەرگەن بولسىڭىز…

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: